يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1548|ئىنكاس: 19

ئاننا ئاخماتوۋا شېئىرلىرىدىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يالقۇن كەبى ئىسسىق شامال ئۇچماقتا


يالقۇن كەبى ئىسسىق شامال ئۇچماقتا،
بىلەكلەردە، ئالقانلاردا لاۋۇلداپ.
زەڭگەر ئاسمان باش ئۈستۈمدە پارلايدۇ،
شۈنچە سۈزۈك ئەينەكلەردەك يالتىراپ.

كۆك چېچەكلەر قۇچاق ئېچىپ، تەۋرىنىپ،
تارقىتىدۇ بىرخىل قورغاق ھىد – پۇراق.
كۆپ بوغۇملۇق قۇرت ئارخات غولىدا،
چۆمۈلىلەر ئۆتۈشەر ھەر ياق.

كۆمۈش نۇرلار بالقىغاندا كۆلچەكتە،
ئاھ، باشقىدىن شادلىنىدۇ تەبىئەت.
ئاسما كارىۋات قۇچىقىدا ئويلىدىم،
كىملەر قىلار چۈشلىرىمدە ساياھەت؟
        1910 – يىل
ئازاد تەرجىمىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-2-11 22:23:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەسلى مەنبەنى بىرگە يوللىغان بولسىڭىز (ئىشنىمەن، خەنچىدىن تەرجىمە قىلدىڭىز)، سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك پايدىسى كۆپرەك بۇلاتتى، خاتالىق بولسا بىرگە تۈزتىمىز ئەمەسمۇ...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-13 13:42:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلرام، ئەسلى مەنبە كىتابتا بولغاچقا مەن بۇ خەنزۇچىسىنى كومپىيۇتېرىمغا ئۇرمىغان.

ئەسلى مەنبە:
ۋاڭ شۇرېىن بىلەن لى خۇا خەنزۇچە تەرجىمىسىدىكى لىجىياڭ نەشىرىياتى 1987 –يىلى 4- ئاي 1-نەشىرى، 1- باسمىسىغا ئاساسەن تەرجىمە قىلىندى

كىتاب ئىسمى: 'ئاخماتوۋا شېئىرىلىرىدىن تاللانما'

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-13 13:44:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانلار قايناپ، كۆيۈشۈپ بۇندا
قانلار قايناپ كۆيۈشۈپ بۇندا،
ئاھ، ئۆز ئارا ئوقۇشتۇق لەنەت.
بىلەلمىدۇق دۇنيا بىز ئۈچۈن،
نېمانچە تار، نېمانچە زۇلمەت.

ئەسلىمىلەر قىينايدۇ جاننى،
روھىي ئازاب كۆبجۈپ، لاۋۇلداپ.
يوقسۇنىمەن قالغاندا يالغۇز،
يۈرىكىمنى ھەردەم سوراقلاپ.

تۇمانلارنى ئۈپكەن ناخشاڭدىن،
بولغىنىدا شادلىق نامايان.
كۆزلىرىڭدىن چاقناپ جەسۇرلۇق،
ئاھ، باغرىمغا سانچىلار ھامان.
1909-يىل



    ئازاد تەرجىمىسى


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-13 13:46:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


كۈلرەڭ كۆزلۈك پادىشاھ



سىزگە مەنسۇپ شان ــ شەرەپ ھەمدە چەكسىز دەرت ــ ئازاب،
تۆنۈگۈنلا جان ئۈزگەن كۈلرەڭ كۆزلۈك شاھ جاناب.



بۇرۇختۇم كۈز ئاخشىمى، ئۇپۇق چوغدەك يانغاندا،
سۆزلەپ بەردى مۇرەببىم ئۆيگە قايتىپ جىملىقتا.


«پادىشاھ بەك ياش ئىدى، ھەي خانىشىغا زەپ بولدى
بىر كېچىدە ئېھىتىمال بېشىغا ئاق چاچ تولدى.»


ئېرىم تام مەش يېنىدا چېكىپ بىر تال تاماكا،
ئسمېنىغا كېچىلىك ئېلىپ ماڭدى يول ئاستا.



كېلىپ كارىۋات يېنىغا مەن قىزىمنى ئويغاتتىم،
بېقىپ كۈلرەڭ كۆزىگە ئەركىلەتتىم، ئويناتتىم.

دېرىزەمنىڭ ئالدىدا شېۋىرلىدى ئاق تېرەك،
ئىھ، پادىشاھ دۇنيادا، يايرىمىغان بىزلەردەك.
          1910-يىل
ئازاد تەرجىمسى


ۋاقتى: 2013-2-13 14:17:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرلارنى ياقتۇرۇپ ئوقۇۋاتىمەن. بولسا يەنە يوللىسىڭىز، داۋاملىق بەھىرلىنەيلى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-13 14:40:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت، ئالىمجان.

مەن بۇ كىتابنى بىر شائىر دوستۇم بىلەن تەرجىمە قىلىپ بولغان.

  نەشىرگە بېرىشنى ئويلىشىۋاتىمىز. قىسمەنلىرىنى يوللاپ قوياي.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-13 14:41:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇرتقا قايتىش





كېيدۈرۈپ زېمىنغا ماتەم لىباسى،
سۈرلۈك بىر تەرزدە ياڭرار قوڭغىراق.
ھېرققان پادىشاھ يېزىسى مۇڭلۇق،
قوزغىدى قەلبىمدە ھۇدۇقۇش، قىيناق.


بەش باھار كۆرگەنمەن ئۇندا بىمالال،
ھە، ھازىر ھەممىسى قالغان مۇڭسىراپ.
بۇزۇلۇپ تەبىئەت قانۇنى گويا،
قىيامەت بۇ يەرگە قالغان يېقىنلاپ.
ئاڭلانماس ئوردىدىن چۇقانۇ – سۈرەن،
شېرىن چۈش، ئارمانلار، جىمىققان ئۇخلاپ.
                        1910 – يىل

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئازاد تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-13 14:42  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-13 14:49:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆزلىرىمنى تىزدىم قۇرلارغا
ئېيتالمىغان كۆڭۈل سىرىمنى،
قىلدىم مانا قۇرلاردا ئايان.
كونا ئاغرىق چىقتى مېڭەمگە،
قاخشىماقتا ۋۇجۇدۇمدا جان.


جىمىقتى نەي كۈيى يىراقتا،
ئەمما دىلىم پەرىشان.
ئاھ، كالتەك توپ مەيدانى كەچكۈز ــ
تۇنجى قارغا كۆمۈلگەن ھەريان.



چۇقان سالە، كېچىككەن غازاڭ!
قىينار جاننى ئاداققى خىيال.
خۇشاللىققا كۆنگەن ئادەمنى،
قىلغۇم كەلمەس مېنىڭمۇ مالال.



مەغپىرەتلىك ئوماق لەۋلىرىم،
ھەزىللەرنى تۆكەر بىشەپقەت.
تاڭ بىلەن تەڭ كەلگىن چانامدا،
تۇنجى قارنى دەسسەپ، بە ھەيۋەت.


   
يورۇتايلى يېقىپ بىر تال شام،
خانىلەرنى كۈندۈزدەك ئاپپاق.
ھۇجرىمىزدا قۇتلىسۇن بىزنى،
ئەترىگۈللەر چېچىپ خۇشپۇراق.

  1911 - يىل

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئازاد تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-13 14:50  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-13 15:16:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىتما تالاڭ قىلدى ئېرىم جىسمىمنى



تىتما ــ تىتما قىلىۋەتتى جىسمىمنى،
دەرغەزەپتە ئېرىم ئۇرۇپ – قامچىلاپ.
شام يېقىپ مەن ھاۋادانغا بۇ كېچە،
بىر سېنىلا ئويلاپ چىقتىم بۇقۇلداپ.



تۆمۈرچىلىك دۇككىنىدىن ئىس ئۆرلەپ،
تاڭمۇ ئاتتى ئالتۇن نۇرلار يېلىنجاپ.
مەندەك شورلۇق مەزلۇم بىلەن بىر لەھزە،
سىردىشىشقا كېلەلمىدىڭ ھال سوراپ.



سېنىڭ ئۈچۈن چىداپ كەلدىم خورلۇققا،
چىداپ كەلدىم چاقتى ھەتتا ئاھانەت.
ئالتۇن چاچلىق قىزغا كۆيۈپ قالدىڭمۇ؟
لەھزىلەرگە بېغىشلاپ قۇت ــ سائادەت.




ئاھ زارىمنى ئېيتاي كىملەرگە،
دىلخەستىلىك قىينىماقتا جېنىمنى.
قات–قات كۆرپە، چىمىلدىققا چاپلىشىپ
كۈتمەكتىمەن يارقىن گۈزەل تېڭىمنى...


         1911 - يىل

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئازاد تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-13 15:18  


ۋاقتى: 2013-2-13 15:43:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىمىقتى نەي كۈيى يىراقتا،

ئەمما دىلىم پەرىشان.

ئاھ، كالتەك توپ مەيدانى كەچكۈز ــ

تۇنجى قارغا كۆمۈلگەن ھەريان.
____________________________

شېئىرلاردىكى ئومۇمىي رېتىم، راۋانلىق ھەم ھېسسىي كەيپىياتنىڭ تىل ئارقىلىق ئىپادە قىلىنىشىدا، ئوقۇرمەنلەرنى زوقلاندۇرالايدىغان نۇرغۇن نەپىس، گۈزەل تەرەپلەر ئەكس ئېتىپ تۇرغان بولسىمۇ،ئەمما  بەزى شېئرلارنىڭ يۇقۇرىقىغا ئوخشاش ئايرىم كۇپلېتلىرىدا، ئىككىنچى مىسرادىكىگە ئوخشاش تۇراق ،ئىچكى رېتىمغا تاقىشىدىغان، كىشىگە سەل كەمتۈك تەرجىمە قىلىنىپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرىدىغان مىسرالار ئاندا - ساندا باركەن.گەرچە تۇراقنى تەكىتلەش بۇ يەردە ئانچە مۇھىم مەسىلە بولمىسىمۇ،بىراق شېىرىي رېتىمدىكى لەرزانلىق، تىلدىكى راۋانلىقنى كۆزدە تۇتقاندا، مىسرالارنى يەنىلا تەڭ بوغۇملۇق شەكىلدە تەرجىمە قىلىش تېخىمۇ مۇۋاپىقتەك ھېس قىلدىم.ئەلۋەتتە، مەن بۇ يەردە يۇقۇرىدا يوللانغان شېئىرلار ئىچىدىكى بۇ خىل ئەھۋالغا ئائىت مىسرالارنىڭ ھەممىسىنى بايا دېگىنىمدەك تۇراققا چۈشۈرۈپ، تەڭ بوغۇملۇك شەكىلگە ئىگە قىلىش كېرەك، دېمەكچى ئەمەسمەن. ئۈستىدە مەن نەقىل ئالغان شېئىرغا نىسبەتەن، كۆرسىتىپ ئۆتكەن ئاۋۇ بىر مىسرانى كۆزدە تۇتۇپ شۇنداق دېدىم. مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان نۇقتىلار ھەققىدىكى مەسىلىلەر توغۇرلۇق، زۆرۈر ھەم مۇۋاپىق دەپ قارىسىڭىز، ئويلىنىپ باققايسىز.






ۋاقتى: 2013-2-13 18:46:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش






رەسمىدە: ئاننا ئاخماتوۋا، ئېرى شائىر ن. گۇمىليىوۋ ۋە ئوغلى ل.گۇمىلىيوۋ، لېۋ گۈمىليوۋ ئۇلۇغ تۈركلوگ بولۇپ يېتىشىپ چىققان. ئېرى گۇمىليوۋ 1920 -يىلى 8 -ئايدا سوۋېت رۇسسىيىسى تەرەپىدىن ئەكسئىنقىلاپچى قاتارىدا باستۇرۇلغان .شۇ يىلى 36 ياشتائىدى.




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەسئۇد ئىسا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-13 18:59  


ۋاقتى: 2013-2-13 19:03:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاننا ئەخمەتوۋا رۇس شېئىرىيەت ئاسمنىدىكى ‹تولۇن ئاي› بۇ شائىرەنىڭ تۇيغۇلىرى ناھايىتىمۇ زىل،زىدىيەتلىك، تىلى ئىنتايىن نەپىس ۋەمۇڭلۇق.ئۇنىڭ تۇيغۇلىرىغا  چۆكۈش مۇشكۈل. بەزى شېئىرلار سەل قوپال چىقىپ قالغاندەك تۇيۇلدى ماڭا. شەخسى پىكرىم.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-13 23:23:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەسئۇد ئىسا يوللىغان ۋاقتى  2013-2-13 19:03
ئاننا ئەخمەتوۋا رۇس شېئىرىيەت ئاسمنىدىكى ‹تولۇن ئاي›  ...

مەسئۇد،

بۇ توپلام سىزدىمۇ بارىكەن-دە!

بىرلىكتە قاراپ چىقايلى. دېمەكچى بولغىنىم، مەن روسچە بىلمىگەچكە خەنچىسىنى مۈمكىن قەدەر ئەسلىگە سادىقلىق كەيپىياتى بىلەن ئۆرۈشكە تېرىشتىم.

       ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن مەزكۇر توپلامنى قولۇمغا ئېلىپلا ئاۋۋال شېئىرلىرى بېرىلگەن بەتتىن باشلاپلا تۇتۇش قىلىغان ئىدىم. سەۋەب، ئالدىنقى بەتلىرىدە بېرىلگەن ئاخماتوۋا ھەققىدىكى ماختاش ۋە ئارتۇقچە باھالاردىن مۇستەسنا ھالدا دەسلەپكى «چۆكۈش»كە تېرىشتىم دېسەممۇ بولىدۇ.
مەنچە، ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى سۆيگەن پۇشكىن «قۇياش» بولسا، ئاننا «ئاي» دېگەن ھۆكۈمنى ئاۋۋال تاپشۇرۇۋېتىپ ئوقۇتۇش تولىمۇ كونا ئۇسۇللاردىن بېرى.

  ئەمدىكى گەپ ـــ بىرىنچىدىن، ئاننانىڭ ئەسلىدە نېمىشقا ئەينى دەسلەپقى ۋاقىتتا روسىيە ئاۋامى تەرىپىدىن قارشى ئېلىنماي، ئۆكتەبىر ئېنقىلابىدىن كېيىن قارشى ئېلىنىشىدىكى سەۋەبنى ئۆزۈمگە بىۋاستە ھېس قىلدۇرۇش بولدى.
  ئىككىنچىدىن، شېئىرنى زادى تەرجىمە قىلىش مۈمكىنمۇ- ئەمەسمۇ؟ ئەگەر تەرجىمە قىلساق، كىملا قانداق تەرجىمە قىلسا بولىۋېرىدىغان، لېكىن ئۇيغۇرنىڭ كۆنگەن تەپەككۇرىنى سىلكىش مۈمكىنچىلكىدە شەكىل ۋە سۆزلەرنىڭ ئېھتىماللىقىلىقىنى مۈمكىن قەدەر تەپەككۇر ئاھاڭدارلىقىغا بويسۇندۇرۇشقا بولامدۇ- يوق؟ - دېگەننى سىناق قىلدىم.

ۋاقتى: 2013-2-13 23:24:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاننا ئاخماتوۋا بىلەن مىستىرالنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇساملا ھاردۇقۇم چىققاندەك يېنىكلەپ قالىمەن ، مەسئۇدكام ئېيتقاندەك سەل قوپال چىقىپ قالغاندەك تۇرىدۇ ...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش