مۇھەببەت
گاھ تۈگۈلۈپ چىپار يىلاندەك، سېھىرلەيدۇ يۈرەكنى ئوۋلاپ. گاھ كۈن – تۈنلەپ ئوماق باجكىدەك، روجەكلەردە ئۈنلەر گۇگۇلاپ.
گاھ كۆمۈشتەك جۇلالاپ پارلاپ، گۈل رەڭگىدە بولار مەستانە. گاھ ئىنتىلىپ، مەخپىي بېقىشىپ يارىلىشقا قىلار تەنتەنە.
ئەنە شۇنداق شېرىن دەرت ئازاب، سالار كۈيلەر باغرىغا ئارمان . گاھ ناتونۇش تەبەسسۇم ئارا، ئالار جاننى شۇ قەدەر ئاسان.
1911 – يىل
|