ئۇيغۇر ئەدەبىياتى گۈلزارلىقىدىكى ئۆزگىچە ئېچىلغان گۈل بولۇش سۈپىتى بىلەن ناھايىتى تېزدىنلا ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا سازاۋەر بولغان « ئاخىرقى نىكاھ»رومانى ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبتا نامايەن بولۇۋاتقان ئۈمىدلىك ياش يازغۇچى ئادىل ئابدۇرېھىم چوڭقۇرچاقنىڭ تۇنجى يىرىك ئەسىرى بولۇپ، بۇ رومان يېقىندا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىپ تارقىتىلدى.
روماندا ئاقكۆڭۈل، ھالال ئەجرى بىلەن ياشاپ، نۇرغۇن جەريانلاردىن كېيىن، ئاخىرى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، پەرزەتسىزلىك ۋە يوقسىزلىق ئازابىدىن قۇتۇلۇپ، باشقىلارغىمۇ ياردەم قولىنى سۇنالايدىغان بولغان ئايىمخاننىڭ توي قىلىپ، ئون يىل بولغاندا، ئاران پەرزەنت يۈزى كۆرۈپ، ئائىلىسى ئىلگىرىكى بارلىق كۆڭۈلسىزلىكىلىرىنى ئۇنتۇپ، ھەقىقىي بەختكە چۆمۈلگەندە، ئېرى تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىپلا باشلانغان بەختسىزلىكى ئاساسىي لىنىيە قىلىنغان ھالدا، باش پېرسوناژ_تېخى تولۇق قورامىغا يەتمىگەن ئۆسمۈر قىز ئاينۇرنىڭ ئۆز تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىغان ئاجايىپ ئەگرى-توقاي ۋە كىشىنىڭ ۋۇجۇدىنى لەرزىگە سالىدىغان ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن ئىنسابسىزلىق،شۈكرى-قانائەتچانلىق بىلەن نەپسانىيەتچىلىك روشەن سېلىشتۇرما قىلىنىپ، يېزا ھەم شەھەر تۇرمۇشىدا ھېلىھەم ساقلىنىۋاتقان ئىجتىمائىي ئەخلاققا يات نۇرغۇن قاراڭغۇ تەرەپلەر كۈچلۈك تەنقىد ئاستىغا ئېلىنغان. شۇنداقلا، كىشىلەرئارىسىدىكى سەمىمىيلىك ئاقكۆڭۈللۈك ۋە قارا نىيەت، ئالا كۆڭۈللۈك مۇرەككەپ تۇرمۇش تەپسىلاتلىرىغا تەبئىي رەۋىشتە يۇغۇرۇلۇپ چىنلىق بىلەن يورۇتۇپ بېرىلگەن.
مەزكۇر رومان نوقۇل يېزا تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن ئەسەرلەرگىمۇ، شەھەر تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن ئەسەرلەرگىمۇ ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدۇ.ئۇنىڭدا ھەم يېزا تۇرمۇشى ھەم شەھەر تۇرمۇشى تەپسىلاتلار تەسۋىرى بىلەن ئىچكىي كەچمىشلەر ۋەقەلىكلەر راۋاجىدا ئۇستىلىق بىلەن بىرىكتۈرۈلۈپ، ھەر بىر تەپسىلات كۈچلۈك تۇرمۇش پۇرىقى، چىن تەبىئىيلىكى بىلەن تېخىمۇ تەسىرچانلىققا ۋە قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە قىلىنغان. ئۆز دادىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن،ئۆگەي دادىنىڭ ئالدىدا چوڭ بولغان ئاينۇر ئەقلىنى بىلگەندىن تارتىپلا، ئۆگەي دادىسىنىڭ ئانىسىغا سالغان زۇلۇملىرىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ ۋە شۇنچە گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، جېنىنىڭ بارىچە تىرىشىپ ئوقۇغان بولسىمۇ، لېكىن ھاراقكەش، قىمار دېسە جېنىنى بىرىدىغان ئۆگەي دادىسىنىڭ كاساپىتىدىن، ئوقۇشقا بېرىش ئارزۇيىغا يېتەلمىگەننى ئاز دەپ، بىچارە ئانىسىنىڭ زۇلۇم ئاستىدا يەۋاتقان تاياقىرىغا چىداپ بولالماي، تاقابىل تۇرغىسىز ئېغىر بېسىم ئالدىدا، ئادەم قېلىپىدىن چىققان ھايۋان تەبىئەتلىك بىر تەلۋىگە مەجبۇرىي ياتلىق قىلىنىپ، توي قىلغان كۈنىدىن باشلاپلا، ئانىسىدىن بەتتەر كۈنگە قالىدۇ ۋە بۇ ئەرنىڭ قولىدا ھايات ياشىيالىشىغا كۆز يەتكۈزەلمەي، ھەپتىمۇ تۇرمايلا جاننى ئالقانغا ئېلىپ، ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان يات يۇرتقا قېچىپ كېتىدۇ. ئەمما كۈتۈلمىگەندە، بىر دۇزاختىن قېچىپ يەنە بىر دۇزاخقا تۇتۇلۇپ، ئۇ يەردە تېخىمۇ ئاچچىق، تېخىمۇ چىدىغۇسىز خورلۇقلارغا دۇچ كېلىدۇ. ئاخىرى بىر ئاقكۆڭۈل مېھمانخانا خوجايىنى ئايالنىڭ ھېمايىسىدە يەنە بىر ئاقكۆڭۈل يىگىت بىلەن ئۆز رازىلىقى بويىچە توي قىلىپ، بىر ئىللىق ئائىلىگە ئىرىشىدۇ. ئەلۋەتتە، ئىشلار ھە دېگەندىلا ئوڭۇشلۇق بولىۋەرمەيدۇ. ئەمما تۇرمۇش قانۇنىيەتلىرىگە ئۇيغۇن، يانداپ ئۆتۈپ كېتىش مۇمكىن بولمايدىغان ھەرخىل مۇرەككەپ جەريانلار داۋامىدا ئۇ ئاخىرى ئۆزىنى ئۆز ئۆيىدە تۇرۇۋاتقاندەك ھېس قىلالايدۇ. گەرچە بۇ چاغدا، ئانىسى ئاللا قاچان ئورنىدىن تۇرالماي ۋە قىزىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالماي، قان-ياش ئىچىدە ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ ئۆزىگە ئوساللىق قىلغانلارنىڭ ئاسارىتىدىن تەلتۈكۈس قۇتۇلۇپ، بەختىيار تۇرمۇشقا نائىل بولغانلىقىغا ھەقىقىي ئىشىنىدۇ. باشتىن-ئاخىر ئېچىنىشلىق كۆز يېشى بىلەن يۇغۇرۇلغان ئەسەر ئوقۇرمەنلەرنىڭمۇ تالاي قېتىملىق كۆز يېشىغا سەۋەپ بولغان سۆيۈملىك قەھرىمان ئاينۇرنىڭ بەخت كۈلكىسى بىلەن تاماملىنىدۇ. يازغۇچى مەيلى ئىپادىلەش ئۇسۇلى، مەيلى بايان شەكلى، مەيلى جۈملە قۇرۇلمىسى، مەيلى سۆز ئىشلىتىش ماھارىتى جەھەتلەردىن بولمىسۇن، ئاينۇردىن ئىبارەت تېخى ئون ئالتە ياشقىمۇ كىرمىگەن ئۆزى كىچىك، ئەمما ئەقىلغا سىغدۇرغىلى بولمايدىغان خورلۇقلارنى باشتىن كەچۈرۈپمۇ، بوشاشماي ئاخىرى ئۆز بەختىنى تاپقانلىقىدەك مۇرەككەپ جەريانلار ئارقىلىق ئۇنىڭ كىشىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات قالدۇرۇدىغان ئۆزگىچە ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىپلا قالماي، گۈزەللىكنىڭ ھامان رەزىللىك ئۈستىدىن غالىپ كېلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئەنئەنىۋىي تېمىنى يېڭىچە ئۇسۇلدا يورۇتۇپ ئۆزىگە خاس ئىستېتىك پەللە ياراتقان.
ئەسەر ۋەقەلىكى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئۇچراپ تۇرىدىغان ئادەتتىكى ئىشلاردەك كۆرۈنسىمۇ، كىشىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغىنى ۋە يېڭىلىق تۇيغۇسى بېرىدىغىنى شۇكى، ئىپادىلىنىۋاتقان مەزمۇن تۇرمۇش تەپسىلاتلىرىغا ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن يۇغۇرۇلغان. شۇنداقلا، تەپسىلاتلار تەسۋىرى بىلەن ئىچكى دۇنيانىڭ ماھىرلىق بىلەن چىپسىلاشتۇرۇلۇشى ئەسەر مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ بىر مۇھىم ئامىلى بولۇپ قالغان. يەنە بىر جەھەتتىن، قان-ياش بىلەن داۋاملىشىپ تاتلىق كۈلكە بىلەن ئاخىرلىشىش ھەرگىزمۇ ئۆلۈك فورمۇلا ياكى قۇرۇق شۇئارۋازلىق ئىچىدە تۇنجۇقتۇرۇپ قويۇلمىغان، ئەكسىچە، يازغۇچىنىڭ مول ئىجادىيەت تەجرىبىسى، ئەتراپلىق تۇرمۇش جۇغلانمىسى ۋە پىشقان بەدىئىي دىتى قۇرۇلمىسى مۇكەممەل، پېرسوناژلار ئوبرازى تەبىئىي، جۈملىلىرى راۋان، سۆز ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئۆزگىچە، تۇرمۇش چىنلىقىغا باي كۈچلۈك ئىستېتىك زوق بېغىشلايدىغان كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا سازاۋەر بىر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەسەرنى روياپقا چىقارغان.