بىز تەشنا بولغان «چاھار دىۋان»-«خەزائىنۇل-مەئانى»نىڭ يېڭى نەشىرى ھەققىدە ئىككى كەلمە سۆز
مەشھۇر ئالىم ۋە مۇتەپپەككۇر شائىر، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدىبلىرىمىزنىڭ پىشىۋاسى نىزامىدىن ئەلىشىر نەۋائى ھىجىريە 844- يىلى رامىزاننىڭ 7- كۈنى(مىلادى 1441- يىلى 2- ئاينىڭ 9- كۈنى) ھېرات شەھىردە دۇنياغا كەلگەن. ھىجىريە 906- يىلى جامادىيەل ئاخىرنىڭ 12- كۈنى(مىلادى 1501- يىلى 1- ئاينىڭ 3- كۈنى) ھېرات شەھىردە سەكتە(مېڭىگە قان چۈشۈش) كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغان. ئەينى چاغدا نەۋائىنىڭ ۋاپاتى ھېرات خەلقى ئۈچۈن شۇنچىلىك قايغۇلۇق ۋەقە بولغانكى، پۈتۈن ھېرات خەلقى نەۋائى ۋاپات بۇلۇپ يەتتە كۈنگىچە ھازا تۇتقان.
ئەلشىر ناۋائى 60 يىل ئۆمۈر كۆرگەن، 30 يىلغا يېقىن تۈرلۈك دۆلەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. گەرچە نەۋائى ئەينى چاغدا ئۆزى مۇستەقىل ھۆكۈم يۈرگۈزگۈچى سۇلتان بولمىسىمۇ، لېكىن ھۈسەيىن بايقارا ھاكىميىتىدە ئىناۋەت- ئابرۇيى ۋە نۇپۇزى سۇلتان بىلەن باراۋەر ھەتتا ئۈستۈن ئىدى. ئۇ دۆلەت ئىشلىرىغا بىۋاستە مەسئۇل بولغان، سىرتتىن ھەمكارلاشقان ياكى ھوقۇقتىن پۈتۈنلەي قول ئۈزگەن چاغلىرىدا بولسۇن، پۈتۈن زېھنىنى خەلىقنىڭ خاتىرجەم، بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرىشى ئۈچۈن سەرىپ قىلغان. نەۋائىنىڭ دۆلەت ۋە جامائەت ئەربابى، ئالىم ۋە ئۈستاز سۈپىتىدە ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىشلىرى ناھايىتىمۇ كۆپ ۋە خىلمۇ-خىلدۇر. ئۇنىڭ ھاياتىدا قىلغان پۈتۈن ياخشى ئەمەللىرىنى مۇنداق چوڭ ئىككى تۈرگە يىغىنچاقلاش مۇمكىن. بىرى، شۇ دەۋىردىكى خەلىقنىڭ بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرىشى ۋە ئىلىم-پەننىڭ تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن چەككەن جاپا-مۇشەققەتلىرى ۋە قىلغان خەير-ساخاۋەتلىرى، يەنە بىرى ئۆز قەلىمى بىلەن يېزىپ قالدۇرغان ئېسىل ئەسەرلىرىدۇر. 500 يىلدىن بېرى ئۇنىڭ ئەسەرلىرى پۈتۈن تۈركى خەلىقلەرنىڭ قەلىب تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە. شۇڭا ئۇ مەدنىيەت تارىخىمىزدىكى بۈيۈك سىمالار ئىچىدە مەيلى خەلقىمىز قەلبىدىكى ئورنى−شان-شۆھرىتى ۋە مەيلى يېزىپ قالدۇرغان ئەسەرلىرىنىڭ قىممىتى جەھەتتىن بولسۇن خۇددى زۆھرە يۇلتۇزىدەك رۇشەن كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ.
بۈگۈنگە قەدەر نەۋائىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنغان ئاساسلىق ئەسەرلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. «غەزەللەر» ___ «چاھار دىۋان»دىن تاللانغان غەزەللەر، تىيىپچان ئىليۇپ نەشىرگە تەييارلىغان، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 1982-يىل 1-نەشىرى (20000 نۇسخا بېسىلغان).
2. «مەھبۇبۇلقۇلۇپ». قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى 1989-يىل 1-نەشىرى (5150 نۇسخا بېسىلغان).
3. «12 مۇقام تېكىستلىرى» بۇ كىتابتا ناۋائى شېئىرلىرى زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ. شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى 1986-يىل نەشىرى (20500 نۇسخا بېسىلغان).
4. «مۇھاكىمەتۇللوغىەتەيىن»(ئىككى تىل مۇنازىرىسى). مىللەتلەر نەشىرياتى، 1988-يىل 1-نەشىرى (1600 نۇسخا بېسىلغان).
5. «مەجالىسۇن-نەفائىس». شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 1994-يىل 1-نەشىرى(1400 نۇسخا بېسىلغان).
6. «ئەلىشىر نەۋايىنىڭ يېڭىدىن بايقالغان غەزەللىرى». مىللەتلەر نەشىرياتى 2010-يىل 1-نەشىرى (3000 نۇسخا بېسىلغان).
7. «ئەلىشىر نەۋائى ئەسەرلىرى» ( بۇ كىتابقا نەۋائىنىڭ «بەدائىيۇل-بىدايەنىڭ دىباچىسى»، «ھالەتى سەيىد ھەسەن ئەردەشىر»، «ھالەتى پەھلىۋان مۇھەممەد»، «ۋەخفىيە»، «ئەربەئىن» ( چېھىل ھەدىس) دىن ئىبارەت بەش پارچە ئەسىرى كىرگۈزۈلگەن).
8. «نەۋايى دۇردانىلىرى». قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى1999-يىل 1-نەشىرى (5080 نۇسخا بېسىلغان).
9. «ھەيراتۇلئەبرار». شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى 1991-يىل 1-نەشىرى (2300 نۇسخا بېسىلغان).
10. «فەرھاد-شىرىن». شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى 1991-يىل1- نەشىرى (2150 نۇسخا بېسىلغان).
11. «لەيلى-مەجنۇن». شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى 1991-يىل 1-نەشىرى (2250 نۇسخا بېسىلغان).
12. «سەددىي ئىسكەندەر». شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى 1991-يىل 1-نەشىرى (2250 نۇسخا بېسىلغان).
13. «سەبىئەئى سەييار». شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى 1991-يىل 1-نەشىرى (2200 نۇسخا بېسىلغان).
«چاھار دىۋان» نىڭ نەشىر قىلىنىشى كىتابخانلارنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى ئارزۇسى ئىدى. ئاخىر بۇ ئارزۇ ئەمەلگە ئاشتى.ئالىم –ئەدىبلىرىمىزنىڭ دىيارىمىزدىكى ناۋائىنىڭ نەچچە يۈزلىگەن چېچىلىپ كەتكەتكەن قوليازما ئەسەرلىرىنى مەنبە قىلىپ، دۇنيادىكى باشقا ئەللەردە نەشىر قىلىنغان نەۋائى ئەسەرلىرىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، غايەت زور مېھنەت سىڭدۈرشى نەتىجسىدە نەشىرگە تەييارلىغان «چاھار دىۋان»نىڭ سۈپەتلىك، كۆركەم نۇسخىسى ئاخىر نەشىردىن چىقتى. «چاھار دىۋان» نىڭ بۇ يېڭى نەشىرى جەمئى ئۈچ يۈرۈش، 12 پارچە كىتاب بولۇپ نەشىر قىلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۆلجەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-10 11:36