ximal
كۆرۈش: 279|ئىنكاس: 14

ئۇيغۇر ناخشچىلىغىنىڭ 30 يىلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  862
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 452
تۆھپە : 0
توردا: 69
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-21 12:12:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر ناخشچىلىغىنىڭ 30 يىلى



راخمانجان ئاۋۈت ئۆزھال



ئۇيغۇر ناخشىچىلىغى 80- يىللارنىڭ بىشىدا ئۆزىنىڭ يىڭى بىر باھارىنى كۈتىۋالدى . مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىنىڭ زۈلۈم سىتەملىرىدە يۈرىگى ئىزىلگەن خەلىق ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىغىنىڭ قىممىتىنى ئاستا - ئاستا تونۇشقا باشلىغاندىن كىين قۇرۇپ كەتكەن مەنىۋىيەت بۇلاقلىرىنىڭ قايتىدىن جانلىنىپ ئاققان ئاۋازىنى ئاڭلىدى . يۈرەكلەر قايتىدىن ياشاردى . سازەندىلەر قوللىرىغا ساز ئالدى . شائىرلار ھەش - پەش دىگۈچە ئۆزگىرىش بۇلىۋاتقان رىئاللىقنى مەدىھلەپ دىېھقان ئاكا باي بولدى قازان چۈمۈچ ماي بولدى دىگەن بىر سادانى كۈتۈرۈپ چىقىپ ئەمدى ئاچ يالىڭاچلىقتىن قۇتۇلغان خەلقنىڭ ئاممىسىنىڭ ھاياتىنىڭ بەخىتلىك بىر دەملەرگە قاراپ ئالغا سىلجىۋاتقانلىغىنى يازدى .  ئىجادكارلار گۈرۇپىسى ئۆزىنىڭ ئىيتالمىغان ناخشىلىرىنى قايتىدىن ئىيتىشقا . ھاياتى كۈچكە تولغان ھىسياتىنى ئارامسىزلىق ئارلاشقان ئۈمىت بىلەن سىناق قىلىشقا باشلىدى . رادىئو ئاڭلاپ تاياق يىگەن . ناخشا ئاڭلىغانلىغى ئۈچۈن خورلۇققا ئۇچۇرىغان . ساز چالغانلىغى ئۈچۈن قوللىرى كېسىلگەن سازەندىلەرنىڭ ھەسرەتلىك تارىخلىرى تىخى تولۇق ئېسىدىن كۈتۈرۈلمىگەن خەلىق ھازىرقى ھاياتىغا بىر ئېشىنىپ بىر ئىشەنمەي يەنە ھەۋەس ۋە ئېشىقنىڭ ئىشارىتى بىلەن جانلىنىشقا باشلىدى

مانا مۇشۇ دەملەردە ئابدۇرىھىم ئەخمىدىنىڭ ئۈنئالغۇ لىنتىسى شىنجاڭغا كىرىپ كەلدى . بۇ ناخشىلار ئاساسەن ئازاتلىقتىن بۇرۇن ئىجاد قىلىنغان ناخشىلار بۇلۇپ ئابدۇرىھىم ئەخمىدى ئۆزبىگىستاندىكى بىر ئوركىستىرنىڭ ھەمكارلىششى بىلەن تاشكەنىتتە ئاۋازغا ئىلىنغان بۇلۇپ ناخشا ئوقۇشتىكى يۈكسەك ماھارەت . ناخشا بىلەن موزىكىنىڭ جىپىسلىششى قاتارلىق جەھەتتە ئاجايىپ يۇقۇرى ماھارەت بىلەن ئورۇندالغان بۇلۇپ بۇ لىنتىنى ئاڭلاش شەرىپىگە ئىرىىشكەن ھەر قانداق ئۇيغۇر ئۈزىنى بەخىتلىك ھىساپلايتتى . چۈنكى ئۇ دەۋىرلەردە تىخى شىنجاڭنىڭ ناھىيە يىزىلىرىدا توك ئومۇملاشمىغان بولغاچقا رادىئۇغا مۇراجىئەت قىلىش خەلىقمىزنىڭ بىردىن بىر ئىمكانىيتى بۇلۇپ قالغاندى . ئۇ ناخشىلارنىڭ تېكسىتى خەلىق قوشاقىلىرىدىن باشقا ئوت يۈرەك شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ تېكىسىتلىرىگە ئىشلەنگەن ئاھاڭلار ئىدى . بۇ پىلاستىنكىدا ئىزى قالغان ئوغلانلاردىن تۇرغۇن ئالماس . زىكىرى ئەلپەتتا . قۇددۇس غۇجاميارۇفلار بۇلۇپ ھەممىسى ئەلنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشكەن قەھرىمانلار ۋە خەلىق سۆيگەن سەنئەتكارلارنىڭ غۇرۇر سادالىرىدىن پۈتۈلگەن ئىجاد جەمگاھى بۇلۇپ قالغاندى .  شۇڭا بۇ لىنتا دىيارىمىزغا كىرىش بىلەن خەلىقنىڭ روھيىتىدە ئاجايىپ كاتتا سىلكىنىش پەيدا قىلدى . ئۇيغۇر تۇرمۇشى رادىئۇ دەۋرىدىن بىر پەللە ھالقىپ ئۈنئالغۇ دەۋىرگە كىردى . شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلىغان ناخشىچىلار ئۆزىنڭى مەخسۇس لىنتىسىنى ئىشلەيدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى . شىنجاڭدا ئۇن سىن نەشىرىياتى قۇرۇلۇپ ناخشىچىلىق جانلىنىشقا باشلىدى . ئابدۇرىھىم ئەخمىدىنىڭ ئاۋازى شىنجاڭنىڭ جەنۇب شىمالىدا سىلىكىنىش پەيدا قىلغاندىن سىرىت كەسىپ ئەھلى بولغان ئەمما مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدا يۈرىگى ئىزىلگەن سەنئەتكارلارغا ئىلھام بەخىش ئەتتى . ئىلىدا ئابدۇۋەلى جارۇللايۇف . داۋۈتجان ناسىر . ئۈرۈمچىدە ھۈسەنجان جامى، مۇساجان روھى، غىياسىدىن بارات، پاشا ئىشان قاتارلىق ئىجادكارلار ۋە ناخشىچىلار ئارقىمۇ ئارقىدىن ئىجادىيەتلىرىنى ئۇنئالغۇ لىنتىسى ئارقىلىق خەلىققە سۇندى . پىشقەدەملەر ئەنئەنۋى يول بىلەن مەيدانغا چىققان بولسا ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بىر تۈركۈم سەنئەتكارلار ئىللىكتىرۇنلۇق دەۋىرنىڭ ھاسىلاتى بولغان  چالغۇلارنى ۋاستە قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ باللىق ھاياتى تەسۋىرلەنگەن زامانىۋى ناخشىلار ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقاندى . قەشقەردە تۇردى روزى ، پاتەم قۇربان، ئايشەم قىييۇم، ئايىمنىسا بارات، ئابلىكىم روزى قاتارلىق سەنئەتكارلار بۇلۇپ كۈلەملەشكەن سەنئەت مەنبەسىنىڭ بۇلاقلىرىدىن قېنىپ سۈ ئېچىشكە باشلىدى . سەنئەتنىڭ ھەممە تۈرى جانلاندى . درامچىلىق ھەممە ۋىلايەتتە بارلىققا كەلدى . يوقلىرى قۇرۇلدى . درامچىلىق سەنئىتى نۇرغۇنلىغان سەنئەتكارلارنى بايقىدى ۋە ئۇلارنى ئەلگە تونۇلغان چولپان قىلىپ يارىتىدىغان دەۋرى شارائىتنى ھازىرلاپ بەردى .  

80- يىلارنىڭ بىشىدا خەلىق ئازاتلىقتىن بۇرۇن ئىتىراپ قىلىپ كەلگەن ناخشىچىلار خەلىق ناخشىلىرىنى بىر قەدەر كەڭ دائىرىدە قايتىدىن پىششىقلاپ ئىشلەپ خەلىققە سۇندى . ئارقىدىن زامانىۋى ناخشىلار ۋە ناخشىچىلار پەيدا بولدى . ئۇلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن ئىمىنجان يۈسۈپ . ئىزىز مامۇت . پەتتار رىھىم . ئابلىز رىھىم ، پەردە مامۇت . رابىيە مەمەت ، رەشىدە داۋۈت قاتارلىقلار بۇلۇپ تېلېۋىزىيەنىڭ شىنجاڭغا يۈزلىنىش پەردىسى ئۇلارنىڭ قولىدا ئېچىلدى .

لىكىن ياشلارنىڭ چىڭقىلىپ تۇرغان روھى پارتىلاش ئالدىدا تۇرىۋاتاتتى . ئەنە شۇ چاغدا ئىمىنجان يۈسۈپ ئۆزىنىڭ خەلىق ناخشىلىرىغا يىقىن بىر تۈركۈم ئىجادى ئەمگەكلىرى بىلەن سەھنىدە پەيدا بولدى . ئۇنىڭ ئايدىن سوراي ، يىزام گۈلشەنگە ئايلاندى، دىلبەر ، ناخشا مىنىڭ قاناتىم قاتارلىق ناخشىلرىى ئۆزىنىڭ شانلىق دەۋرىنى ياراتتى . ئارقىدىن ئوت يۈرەك رىئالىزىمچى سەنئەتكار كۆرەش كۈسەن ئۆزىنىڭ جەڭگىۋار روھقا ئىگە ناخشىلىرى بىلەن يىڭىچە بىر يولىنىڭ ئېچىلىشىدا تۈرىتكىلىك رول ئوينىدى . كۈرەش كۈسەن 85- يىللىرى ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردە يالغۇز كېشىلىك ناخشا كېچىلىگى ئۆتكۈزۈپ ئاجايىپ كاتتا زىلىزىلە پەيدا قىلغاندى . ئۇنىڭ يەرنى ساتماڭلار، ئاجىراشماڭلار ئاتا ئانىلار . سۈزۈم بار . سۈرمە . دوپپا، بىلەلمىدىم قاتارلىق ناخشلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا يىڭىلىق ئېقىمىنىڭ شەكىللىنىشىدە باشلامچىلىق رولىنى ئوينىدى . ئۇنىڭ ئارقسىىدىن يىتىشىپ چىقىۋاتقان ناخشىچى ۋە ئىجادكارلاردىن ئۈمەر ئوسمان، پاتىمە ، پەرىخە يۈسۈپ قاتارلىقلار بىر تۈركۈم ئىجادى ناخشىلىرى بىلەن تىز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىۋاتقان جەميەتتە ئۈسۈپ يىتىلىۋاتقان ياشلارنىڭ يۈرەك ساداسىنى جانلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردى . بۇ بىر دەۋىر ياشلارنىڭ ناخشىلىرى جۇشقۇن . تېكىسىتى ئاددى . نىمىنى ئويلىسا شۇنى دەيدىغان ئەركىن ئىپادىلەش شەكلىگە ئەھمىيەت بىرىپ پەندى نەسىھەتتىن بەكرەك زوقلىنىش قىممىتى كۆپرەك ناخشىلار ئىدى . ئارقىدىن مەركىزى تىياتىر ئىنسىتىتۇتىنى پۈتتۇرگەن سەنئەتكارلار ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كىلىپ ئۇيغۇر سەنئىتى ئۈچۈن يىڭى قان بۇلۇپ قوشۇلدى . ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىززەت ئىلياس، ھوشۇر قارى . گۈزەلنۇر قۇربانلار كەلگەن بولسىمۇ لىكىن ئىززەت ئىلياسنىڭ « قەلبىمدە كۆپ گۈزەل كۇيلەر» نامىلق ناخشىسى ئۇنى بىردىنلا تونۇتىۋەتتى . شۇ چاغدا تۇرپاندا سەمى ئوسمان. ئاقسۇدا خۇشتار ئابلىمىت ، قەشقەردە غالىپ رىھىم . خوتەندە ئەخمەتجان مەمتىمىن،  يەكەندە غالىپجان غوپۇر قاتارلىقلار پەيدا بۇلۇپ ئۇلار ئۆزىنىڭ ئوخشىمايدىغان ئاۋازى دائىرىسى ۋە ئۇسلۇبى ئارقىلىق سەنئەت ئالىمىنىڭ رەڭدارلىغىنى نامايەن قىلىشتا بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى كۆرسەتتى . بۇ چاغدا ئابدۇللا ئابدۇرىھىم . مەخمۇت سۇلايمان قاتارلىق چولپانلار تىخى ئۇقۇش يىشىدا بۇلۇپ ئۇلار ئۈزىنىڭ چولپانلىق ھاياتى ئۈچۈن ئاساس سىلىۋاتقاندى . ئوتتەك قىزىق قانلىق بىلەن ئۆزىنىڭ ياشلىغىنىڭ ھەيۋىسنى كۆز - كۆز قىلىۋاتقانلارنىڭ ئىچىدە كۆرەش كۈسەن مۇكەممەل ئىدىيىسى ئارقىلىق ئۆزىگە خاس بولغان ئېقىم ھەم بىر دەۋىر ياراتتى . ئارقىدىن ئەخمەتجان مەمتىمىن پارتىلاش خارەكتىرلىك يىڭىلىقنى ئىلىپ كىلىپ ئۇيغۇر جەميىتىدە قاتتىق سىلكىنىش پەيدا قىلدى . ئۇنىڭ جانلىق ئوبرازى. ناخشىلىرىدىكى مۇڭ ۋە جۇشقۇنلۇق . سەھنىدىكى قىزغىنلىق . گىتتار چىلىشتىكى ماھارەت . ياۋرۇپانىڭ چالغۇسىنى باش ئەگدۇرگەن مەغرۇر قىياپەت بىلەن مىللى ئاھاڭلارغا بولغان يىقىنلىق ئۇنى ئۇيغۇر سەھنىسدە يەككە يىگانە تەڭداشسىز شۆھرەتكە ئىگە قىلدى . شۇنىڭ بىلەن گىتتارغا ھەۋەس قىلىدىغان بىر دەۋىر باللار يىتىلىپ چىقىشىقا باشلىدى . بۇ چاغدا داۋۇتجان ناسىرنىڭ ۋارىسى دەپ تەرىپلەنگەن ئۆمەرجان ئالىم دۇتتار بىلەن تونۇلۇشقا باشلىغاندى . ياشلارنىڭ ئىچىدە يەنە ئۈرۈمچى مەدەنىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان باللارنىڭ ياشلىق چوقانلىرى ھەر ھەپتىدە بىر ياشلارنىڭ روھىنى غىدىقلاپ تۇراتتى . لىكىن بۇ ئارلىقتا تەرەققىياتقا ھەمرا بولغان بالايى ئاپەتلەر شىنجاڭغا كىرىشكە باشلىغان بۇلۇپ ئابدۇسالام . ئۈمەرجان ئوسمان . ئەخمەتجان مەمتىمىن . پاتىمە قاتارلىق سەنئەتكارلار زامانغا خاس مودا دەپ ئاتىلىدىغان خىرويىنغا ئۈگۈنۈپ قالغاچقا ئارقا ئارقىدىن يىقىلىپ ئورنىدىن تۇرالماي قالدى . 80- يىلدىن 90 – يىلغىچە بولغان ئون يىللىق جەريان ياشلارنىڭ ئىزدىنىش . غىرىپلىق تۇيغۇسى . گاڭگىراش ۋە مەدەنىيەت بەلگىلىرىنىڭ تىنىمسىز ئالمىشىش سۈرئىتىىنىڭ تىزلىگى ئالدىدىكى تىڭىرقاشلىرىنى ئىپادىلەش ئارقىلىق ئۇيغۇر ناخشىچىلىغدا يىڭى بىر قىياپەتنىڭ يارىلىشىغا ئاساس سالغاندىن كىين ۋەزىپسىىنى تاماملىدى . ئارقىدىن مۇقام ئانسانبىلى قۇرۇلۇپ مۇقام ۋە خەلىق ناخشلىرىنى قىزىش ۋە رەتلەش خىزمىتى باشلاندى . مۇقام ۋە خەلىق ناخشىلىرىنىڭ موزىكا سېتسمىسىنى ئەسلىگە سادىق ھالدا بىرلىك ئۈلچىمىنى تىپىش رەتكە سىلىش يولىدا نۇرغۇنلىغان سەنئەتكارلار . شائىرلار ھەمدە بۇلۇپ بۇ خىزمەتلەرنى تاماملىدى .  مۇقامچىلاردىن ئابلىز شاكىر، غاپپار ئەخمەت . قاۋۇل ئىمىن ، ئوسمان ئەمەت، مۇھەممەت تۇرسۇن . تۇرنىسا سالاھىدىن قاتارلىقلار بۇلارنىڭ ۋەكىللىرى ئىدى .

  90- يىللارنىڭ بىشىدا ئابدۇرىھىم ھىيىت . مەخمۇت سۇلايمان .  ئابدۇللا ئابدرۇىھىملار كۈتۈرلۈپ چېقىشقا باشلىدى . ئابدۇرىھىم ھىيىتنىڭ دوس خېنىم نامىلىق لىنتىسى نەشىر قىلىنپ دۇتتارغا بولغان ھەۋەسمەن دوسىتلار تاشلىنىپ قالغان دۇتتارنى قايتىدىن قولغا ئىلىشى ئۈچۈن تۈرىتكىلك رول ئوينىدى. شۇ ئارىدا قازاقىستانداىلا ئەمەس ئەتراپتىكى تۈركى مىللەتلىرىگە تونۇلۇپ نام چىقارغان قازاقىستان ياشلار ئانسانبىلى تەكلىپ بىلەن شىنجاڭغا كىلىپ ئويۇن قويدى . ئۇلارنىڭ ناخشىچىلىرىدىن بولغان مۇرات ناسىرۇفلار ئىللىكتىرۇنلۇق رويال بىلەن ئىشلەنگەن ناخشا موزىكىلىرىنى سەھنىدە جانلىق ئىجرا قىلىپ شىنجاڭدا يەنە بىر قىتىم غۇلغۇلا قوزغىدى . بۇلارنىڭ تەسىرىدە يەنە نۇرغۇنلىغان سەنئەتكارلار يىتىشىپ چىقتى ۋە كىين ئۇنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى .  

بۇ چاغدا ئۆزبىگىستاندا باش كۈتۈرۈپ چىققان رۇستەم غايبۇف بىلەن باتۇر زاكىرۇف ۋە يەللە ئانسانبىلىنى قۇرغۇچى فەرۇخ زاكىرۇفلارنىڭ ناخشىلىرى دىيارىمىزغا ئېقىپ كىرىشكە باشلىغاندى . ئۇلارنىڭ ناخشىلىرىنى ئەخمەتجان مەمتىمىن قاتارلىق ناخشىچىلار ئۆزلەشتۈرۈپ ئۇيغۇر سەھنىگە يۈزلەندۈردى . بۇ يىللاردا ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ تۇتقان يولى ئاستا - ئاستا ئايىرىلىشقا باشلىدى . گىتتارغا بولغان قىزغىنلىق ۋە ھەۋەس بىلەن ئۆزىمىزنىڭ دۇتتار ناخشىلىرىنى ئىيتىدىغان ۋە ئاڭلايدىغان ئىككى يول ئۆزىنى ئاشكارە قىلىپ مىللى مەدەنىيەت بىلەن ياۋرۇپا مەدەنيىتىنىڭ بەلگىلىرىنى پەرىق ئېتىش ۋە تاللاش باسقۇچىغا قەدەم قويدى . سەنئەتكارلارمۇ تاماششبىنمۇ بىر بىرىنى شەرىت قىلغان ئاساستا تاللاش دەۋرىنىڭ كېسىشىش دوقمۇشىغا كىلىپ قالغاندى . بۇ ئون يىل تولىمۇ كەسكىن خىرىسقا تولغان ۋە ئىجادى روھنىڭ يىڭىچە قىياپەتتە بايان قىلىنىشىغا بولغان قىزغىنلىق دەۋىر سۈرگەن ئون يىل بولدى . باشتا ئەخمەتجان مەمتىمىن ۋاپات بولدى . ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭلىنى ئەڭ سۈيۈندۇرگەن بۇ ياش بوغۇننىڭ ئۈلۈمى ئۇيغۇر سەنئىتىدە تولدۇرۋالغۇسىز بىر ھاڭ پەيدا قىلىش بىلەن بىرگە خوتەن يىڭى قاشتىشى سەنئەت ئۈمگىنىڭ ھاياتى كۈچىنى بەربات قىلىۋەتتى، ئۇلار تا ھازىرغىچە ئەنە شۇنداق قىزغىنلىقنى تاپالىغىنى ۋە ئۆزىنى قايتا تىكلىيەلىگىنى يوق . ئارىدا ئۆمەرجان ئوسمان ۋاپات بولدى . ئۆمەرجاننىڭ ۋاپات بۇلىشى مەدەنىيەت مەركىزى بۇلۇپ قالغان ئۈرۈمچى ياشلىرىنىڭ روھىنى ھەددىن تاشقىرى قىزغىنلىق بىلەن ئىپادىلەپ كىلىۋاتقان بىر مەشئەلنىڭ ئۈچۈشى بۇ بىر دەۋىر ياشلارنىڭ قىزغىنلىغىنى يەر بىلەن يەكسەن قىلىپ ئۇلارنىڭ قايتا باش كۈتۈرۈپ چىقىش ۋە توختىماي زىلىزىلە پەيدا قىلىش ھاياتى كۈچىنى ئاخىرلاشتۇردى . دۇتتار ئارقىلىق ئۆزىنى ئىپادىلەۋاتقان ئابدۇرىھىم ھىيىت بىلەن ئۈمەرجان ئالىملار بەس مۇنازىرە قوزغايدىغان بىرىنچى نۇمۇرلۇق چولپانلارغا ئايلاندى . ئارقىدىن مەخمۇت سۇلايمان ۋە ئابدۇللا ئابدۇرىھىملار ئۆز ئالدىغا ئانسامبىل قۇردى . ئابدۇللا ئۈرۈمچىدە تەكلىماكان . مەخمۇت سۇلايمان غىنى سەلەيلەر قەشقەردە رىۋايەت ئانسانبىلى قۇرۇپ دىيارىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئويۇن قويۇش ئارقىلىق ئۈزىنىڭ تەسىرىنى كىڭەيتىشكە باشلىدى . ئابدۇرىھىم ھىيىت ئۈرۈمچىدە يالغۇز كېشىلىك ناخشا كېچىلىگى ئۈتكۈزۇپ دۇتتارنىڭ سىھرىنى نامايەن قىلدى . ئابدۇللا ئابدۇرىھىم تەكىلماكان ئانسامبىلىنى قۇرۇپ يالغۇز كېشىلىك ناخشا كېچىلىگى ئۈتكۇزدى . سەنئەت ئەمدى باشقا بىر تاللاشقا دۇچ كەلگەندى . ياشانغانلار بىر بىرلەپ سەھنىدىن ئايرىلىپ ياشلار ئۆزىنىڭ قىزغىنلىغى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھىس تۇيغۇسىنى ئەركىن ئازادە ئىپادىلەيدىغان بوشلۇققا ئىرىشتى . بۇ ئون يىللىق دەۋىر يەنە ئۆزىگە خاس بولغان بىر يولنى ياراتقان دەۋىر بۇلۇپ قىلىش بىلەن بىرگە ياۋرۇپا چالغۇلىرى بىلەن ئۇيغۇر چالغۇلىرىنى ئىلمى بىرلەشتۇرۇش ئاساسىدا ئىجادىيەت ئىلىپ بارىدىغان ئەقىل بىر ئىجادكارلار قوشۇنىنى بارلىققا كەلتۇردى . ھىكىم ھەسەن قاتارلىق ئۇستازلار ئىللكتىرۇنلۇق رويال بىلەن مۇقام ۋە خەلىق ناخشىلىرىنى ئاكورىتلاشتۇرسا ئابلاجان ئاۋۇت قاتارلىق ياشلار ياۋرۇپاچە ھىسيات سىڭگەن ئۇيغۇرچە ناخشىلىرىنى ئىجاد قىلىپ يەنە بىر باشلامچىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىگىنى جاكارلىدى . ئۇ ئىيتقان مۇقەددەس . مۇشتەرى قاتارلىق ناخشىلار بارلىق ياشلارنىڭ ياقتۇرۇپ  ئاڭلايدىغان ناخشىسىغا ئايلاندى . بۇ چاغلاردا ئىككىنچى ئەۋلات گىتتارچىلاردىن غىنى سەلەي بىلەن شىر ئەلى ئابدۇرشىت قىزغىن تىما بۇلۇپ ئوتتۇرغا چىقتى . بۇلۇپمۇ شىر ئەلىنىڭ ئەخمەتجان مەمتىمىننىڭ ۋارىسى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىشى ئەخمەتجانغا ھازىدار ھالەتتا ياشاۋاتقان ياشلارنىڭ كۈڭلىدە تەسەللى بىرىدىغان بىر رولنى ئوينىدى . غالىپ رىھىم بىلەن سەمى ئوسمان گىتتارنى تاشلىدى . غالىپجان غوپۇر خەلىق ناخشىسى ئىيتىشقا باشلىدى . بۇ ئون يىل مەدەنىيەت سەنئەتكە بولغان يۈكسەك تونۇش ۋە ئىتىۋار بىرىش بىلەن بىرگە كۆرۇنۇشلۇك سەنئەت ئەسەلىرىنىڭ مەيدانغا چىقىشى بىلەن ئاخىرلاشتى. ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى سىن ئارقىلىق كۆرەلەيدىغان تەرەققىيات دەۋىرگە كىرىپ «تارىم» نامىدىكى پىلاستىنكا بىرىنچى بۇلۇپ ئۇيغۇرچە ئىشلەنگەن ئەسەر سۈپىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسدىن ئورۇن ئالدى . ئۇيغۇر سەنئىتى ئۆزىنىڭ يىگانە ئورنى ئارقىلىق دۇنيا سەھنسىگە يۈزلەندى . دىلبەر يۇنۇس خەلىقئارالىق سەھنىلەردە ناخشا ئىيتىپ پەيدا بولدى . مۇرات ناسىرۇف ئۆزىنىڭ ئاجايىپ سىھىرلىك ئاۋازى ئارقىلىق ئىجادلىرىنى بىز بىلەن ئۇچراشتۇردى . قازاقىستاندا ياشلىق ئانسانبىلىنىڭ يىڭى ھاياتى كۈچى بولغان دەرۋىشلەر ئۇيغۇر بازىرىدا ئەڭ ئالقىشلىنىدىغان  چولپانلىرى بۇلۇپ قالدى . ئارقىدىن كىنو فىلىملىرى ئىشلىنىشكە باشلاپ ئۇيغۇر خەلىقنىڭ مەنىۋى ھاياتى جانلىنىشتا يەنە بىر پەللىنى ياراتتى . مۇشۇ ئارلىقتا ئۇيغۇر خەلقى يەنە بىر تۈركۈم ياش ۋە قىرانلىق دەۋىرىدە تۇرىۋاتقان سەنئەتكارلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى . نۇرھەممەد تۇرسۇن . تۇرغان ئۈمەر . پەرىدە قاسىم . كۆرەش كۈسەن . مۇراد ناسىرۇف قاتارلىق ئىجادىيەت سەپىرىدىكى مەنىۋى باشلامچىلار ئۆزىنىڭ مەڭگۇلۇك سادالىرىنى بىزگە قالدۇرۇپ كەتتى . سۇ سۇغا . ئېقىن ئېقىنغا . دەۋىر دەۋىرگە ئۇلىشىپ مىڭىپ ھەممە ئۆز يولىدا داۋام ئەتمەكتە ئىدى . كۆرۇنۇشلۇك پىلاستىنكا مەيدانغا چىققاندىن كىين ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ كۇرسى ئاستا ئاستا تۈۋەنلەشكە باشلىدى . بۇرۇنقى سىرلىق سىزىم ئاشكارە شەرمىساز بولدى . بىز پەقەت ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان سەنئەتكارلارنىڭ چىراي تۇرقى ئەپلەشمىگەن كۆرۇنۇشلەر بىلەن ناخشىنىڭ مەنسىنى پەقەت تەرجىمە قىلىشنى ۋەزىپە قىلغان كۆرۇنۇشلەر بىلەن تاماششبىنلاردىكى سىرلىق ھالەت ئاشكارە ھالەتتىكى بىزارلىققا ئۆتتى . كۈڭۈللەر يىڭىلىقنى كۈتۈپ تۇرغان پەيىتلەردە ئەركىن ئابدۇللا پەيدا بولدى . ئۇنىڭ كارۋان يولى نامىدىكى بىرىنچى پىلاستىنكسى يىڭى بىر ھاياتى كۈچىنى ھىس قىلىۋاتقان ياشلارنىڭ يۈرەك ساداسى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىپ بىر مەزگىل قىزغىن بەس مۇنازىرە قوزغىدى . ئەركىن ئابدۇللا بىلەن بىر دەۋىر ياشلاردىن مۆمۈنجان ئابلىكىم . تاشمۇھەممەد باتۇر . ئەنۋەر ھاكىم قاتارلىق ياشلار ئارقىمۇ ئارقىدىن يىتىشپ چىقتى . تىخى بىر زاماندا  كۆزىمىزگە گۈدەكتەك كۆرىنىدىغان ئابدۇللا ئابدۇرىھىم ئەمدى مۇتىۋەر ئورۇنغا ئۈتۈپ ئۇيغۇر تارىخىدا ئەڭ ئۇزاق دەۋىر سۈرگەن چولپانلارنىڭ بىرى بۇلۇپ قالدى . بۇ بىر دۋىر ياشلارنىڭ چىقىشى يەنە بىر ئون يىل ئۈزىنىڭ ساداسىنى ياڭراتتى . ئارقىدىن 12 مۇقام بىلەن مەشرەپ سۈرەتكە ئىلىندى . خەلىق ناخشلىرى تەۋەلىك چىگىرسىدىن ھالقىپ ئۈتۈپ ۋىلايەت ۋىلايەتلەرنىڭ ناخشىلىرى ئاشكارە بۇلۇپ ئۇلار بىر بىرىدىن ھۈسىن تالاشتى . بىز ئۇيغۇر خەلىقنىڭ قان تەرى  بەدىلىگە ئىجاد بولغان خەلىق ناخشىلىرىنىڭ شۇ قەدەر موللىغىنى كۆردۇق . ھىس قىلدۇق . تونۇپ يەتتۇق . مانا بۈگۈنكى دەۋىر ئۇيغۇر خەلىقنىڭ مەنىۋى موھىتىنىڭ نەقەدەر موللىغىنى ھەر زامان نامايەن قىلالايدىغان مەنىۋى كۈچ قۇدرىتىنى ھىس قىلدۇردى . كىينكى ئون يىل ئۇيغۇر خەلقى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش ئۇچۇر دەۋىرگە كىرگەن ۋە تەرەققى قىلىپ ھازىرغا كەلگەن بىر دەۋىر بولدى . لىكىن ئۇيغۇر خەلىقنىڭ ئىجادى روھىغا تەسىركۆرسىتىپ كىلىۋاتقان تاشقى مەدەنىيەت قاتلىمى ئۆزىمىزنىڭ مەدەنيىتىنى . سەنئىتىنى كەمسىدىتىدىغان روھى ھالەتتىكى بىر تۈركۈم ناخشىچىلارنى ئوتتۇرغا چىقاردى . شۇنىڭ بىلەن باشقا مىلەتلەرنىڭ ناخشىسىنى ئىيتىش . تۈرك . ئۆزبىك . ھىندى . ئىنگىلىز . رۇس مىللەتلىرىنىڭ ناخشىلىرىنى ئىيتىش ۋە ئۇلارنىڭ بىزنىڭ روھىيىتمىزگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغان ئىڭىراشلىرىغا تولغان ئاھاڭلار بىر مەھەل ئەۋىج ئىلىپ ھازىرىغا كەلدى . كىين مەخسۇس موزىكا كۈلۈبلىرى قۇرلۇپ پەقەت ھىچقانداق مەنە بولمىغان لىكىن شوخ ھاياجان پايدا قىلدىىغان كەيپىيات ناخشىلىرى كۈلۈبلاردىن يۈگىرەپ ئۇيغۇر كوچىسىغا چىقىپ كەلدى . بىزنىڭ مىللى موزكىلىرىمىز ۋە چالغۇلىرىمىز ھەققىدىكى تەتقىقات سۇسلىشىپ ياۋرۇپاچە چالغۇلار ھەممە يەرنى ئىگەللەپ كەتتى . دۇتتار ناخشىلرىغا زار بۇلىدىغان . خەلىق ناخشىلىرىنى سىغىنىدىغان ھالغا كىلىپ قالغاندۇق . لىكىن نەچچە يىللىق كۈرەش جەريانىدا ھەممە يۇرىتنىڭ ناخشىلىرى شۇ يەرلىك سەنئەتكارلارنىڭ ئورۇندىشى ئارقىلىق مەيدانغا چىقىپ ئۆزىمىزنىڭ ناخشا موزىكىلىرىدىكى يەرلىك ئاھاڭنىڭ رەڭدارلىغى نامايەن بۇلۇپ چاچنى ئۇزۇن قويۇپ بىرىشنى سەنئەتكارلىق ھىساپلايدىغان . خەلىق ناخشىلىرىنى كۆزگە ئىلمايدىغانلارنىمۇ قايىل قىلىپ مانا بۈگۈنگە كەلدى .     

  

تۇگەنچە



توختىماي ئۆزگىرىش ياساپ،  توختىماي داۋاملىشىدىغان سىياسى ئويۇنلارنىڭ قۇربانلىرى بولغان خەلقىمىز ئۆزىنىڭ ھاياتىنىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلالمايدىغان دەۋىرلەردە ھاياتىنىڭ ھەر بىر تېنىقلىرىغا ئورنىشىپ كەتكەن ئارزۇ ئارمانلىرىنى پەقەت سەنئەتنى ۋاستە قىلىش ئارقىلىق ئىپادىلەشتىن باشقا يول تاپالمىغاندى . سەنئەتلىك ھىسيات ئەينەككە ئوخشاش سۈزۈك قەلبىگە ئىگە قەۋىمگە نىسىپ بۇلىدۇ . ئەگەر تاشتەك قارا ھەم تۈمۈردەك مەزمۇت تاشقا يامغۇر ياغسا پەرۋا قىلماسلىغى مۈمكىن . لىكىن ئەينەككە چۈشكەن سۈزۈك يامغۇز تامچىسىمۇ ئۇنىڭدا داغ پەيدا قىلىدۇ . ھاياتقا شۇ قەدەر ئىللىق مۇئامىلە قىلىپ ، ھاياتنى شۇ قەدەر قىزغىن سۈيۈپ ياشاشنى ئادەت قىلغان. ھاياتنى شۇ قەدەر قەدىرلەشنى ئۈزىنىڭ ھايات پەلسەپىسىگە ئايلاندۇرغان خەلقىمىز ئەينەكتەك سۈزۈك قەلىب ۋە چىكىگە يەتكىلى بولمايدىغان غۇرۇر ۋىجدان بىلەن ياشاشقا ئىنتىلگەنسىرى ھايات ئەقىدىلىرى . قىممەت قاراشلىرى . ھاياتى دەپسەندە بۇلۇپ، خورلۇققا ئۇچراپ كەلگەچكە ئۈلىۋىلىشنى ھاياتقا خىيانەت ھىساپلايدىغان مەزمۇت روھ پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىنىڭ ئاتەش نەپەسلىرىدە كۈيىۋاتقان ئارمانلىرىغا قايغۇرۇپ بۇ ھىسياتىنى پەقەت سەنئەتنى ۋاستە قىلىپ ئىپادىلەپ كەلگەندى . سەنئەتنى ئەقلى ئويغاق . غۇرۇرلۇق ئادەملەر بايقىيالايتتى . ئۇلار سەنئەت ئارقىلىق ئۈزىنىڭ دەۋىرىدىكى ناھەقچىلىقلارنى سۈكەتتى . باراۋەرسىزلىكلەرگە قارشى ئاسىيلارچە ئىسيان كۈتۈرەتتى . ئۇلارنىڭ سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنىشىدىكى ماھىيەتلىك سەۋەپ پەقەتلا ھاياتقا بولغان مۇھەببەتنى يىلتىز قىلغاندى . ساز چىلىش نوچىلارغا قويۇلىدىغان تەلەپ ئىدى . شۇڭا تاشۋاي راۋاپ چالغاندى . سەلەي چاققان راۋاپ چالاتتى . نەۋائي . بابۇر . مەشرەپ شائىر ھەم سەنئەتكار موزىكانىتلاردىن ئىدى . نەۋائىي مەجالىسۇن نەفائىس نامىلىق كىتاۋىدا بىر شائىرغا باھا بىرىۋىتپ ئۇ شېئىرنى يامان ئەمەس يازاتتى لىكىن ساز چىلىشنى ئۇقمايتتى دەپ تەسۋىرلەيدۇ . دىمەك بۇ يەردىكى سەنئەتكارلىقنىڭ مەنە ۋە نىشانى شائىر چوقۇم ساز چىلىشنى بىلىش كىرەك دىگەننى ئوچۇق ئاشكا ئىشارەت قىلغاندى . ئۇلارنىڭ ئىسيانكار روھىنى مەنبە قىلغان سازنىڭ سادالىرى زامان مۇستەبىتلىرىنىڭ يۈرىگىنى تىتىرىتىپ قارا باستۇراتتى . ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئاچىل نامىلىق شېئىرى ئاھاڭغا سىلىنىپ ئىيتىلغاندا نۇرغۇن ئۇيغۇرلار مۇشۇ سەۋەپلىك تۈرمىدە ياتقاندى . تەۋپىقنىڭ نۇرغۇنلىغان شېئىرلىرى ھەقىقەتنى كۆرسەتكەنلىگى ئۈچۈن مۇستەبىتلەر ئۇنى قەتلى قىلىش بىلەن پۇخادىن چىقتى . شەۋقى ئۆزىقنىڭ ئوتلۇق شېئىرلىرى ئارقىلىق شۇ دەۋىردىكى ئادالەتسىزلىك ھەققىدە ئىسيان كۈتۈرگەندى . زالىملار ئاخىرى ئۇنى كۆزدىن يوق قىلىپ توختىدى . لۇتپۇللا ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا قولىدىكى قىنى بىلەن تامغا يىزىش ئارقىلىق ھاياتنى كۈيلىگەندى . قانچىلغان سازەندىلەر ئەمەلدارلارنىڭ كۈزىگە قادالغان مىخ بۇلۇپ ھەقىقەتنىڭ جارچىسى بولغانلىغى ئۈچۈن قوللىرى . تىللىرى كسىلگەن سۈرگۈن قىلىنغان . ھاياتى سۈيقەستكە ئۇچۇرغاندى . ئەمەلىيتتە قۇربان بولغۇچىلار ھاياتنىڭ غالىپلىرى ئىدى . قەتلى قىلغانلار ۋە قانلىق قىلىچىنى سەنئەتكارنىڭ ئاجىز بويۇنلىرىدا نامايىش ئېتىپ غەلبىسىدىن قاقاھلاپ كۈلگەنلەر بۈگۈنگە كۈنگە كەلگەندە لەنەت تۈۋرۇكلىرىگە مخلانغان ئاسىيلار ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ھەقىقىتىنى دەپسەندە قىلغان مۇناپىق ئاسىيلاردىن بۇلۇپ چىقتى . مانا بۈگۈنگە كەلگەندە پەقەت ۋە پەقەت گەپ قىلىشتىن باشقا ئىشقا ئىشلىمەيدىغان كاللىغا ئىگە مەخلۇقلار ئەنە شۇلارنىڭ ھاياتى بەدىلىگە يىزىپ چىققان قانلىق  تارىخنى قارىغۇلارچە ئىنكار قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئادىمىلككە پەقەت يىقىن كەلمەيدىغان ھىسياتىنى نامايەن قىلىشقا ئۇرۇنغاندى . لىكىن ھاياتنىڭ قانلىق ھەقىقىتى ئۇلارغا . ئىنسانى ھىسياتى ئاجىز، غۇرۇرسىز، بۇ ئىنسانلار توپىنىڭ ئەرزىمەس پىكىرلىرىنى ئەمەلى ھاياتى كۈچى ئارقىلىق ئىنكار قىلىپ گەپ قىلغانغا ئىش قىلىپ كۆرسىتىپ قويۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەبەدىيلىك مەغرۇرلىغىنى نامايەن قىلىپ بەردى

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  130
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 628
تۆھپە : 0
توردا: 88
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-21 15:55:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساز چىلىش نوچىلارغا قويۇلىدىغان تەلەپ ئىدى . شۇڭا تاشۋاي راۋاپ چالغاندى . سەلەي چاققان راۋاپ چالاتتى . نەۋائي . بابۇر . مەشرەپ شائىر ھەم سەنئەتكار موزىكانىتلاردىن ئىدى . نەۋائىي مەجالىسۇن نەفائىس نامىلىق كىتاۋىدا بىر شائىرغا باھا بىرىۋىتپ ئۇ شېئىرنى يامان ئەمەس يازاتتى لىكىن ساز چىلىشنى ئۇقمايتتى دەپ تەسۋىرلەيدۇ . دىمەك بۇ يەردىكى سەنئەتكارلىقنىڭ مەنە ۋە نىشانى شائىر چوقۇم ساز چىلىشنى بىلىش كىرەك دىگەننى ئوچۇق ئاشكا ئىشارەت قىلغاندى . ئۇلارنىڭ ئىسيانكار روھىنى مەنبە قىلغان سازنىڭ سادالىرى زامان مۇستەبىتلىرىنىڭ يۈرىگىنى تىتىرىتىپ قارا باستۇراتتى . ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئاچىل نامىلىق شېئىرى ئاھاڭغا سىلىنىپ ئىيتىلغاندا نۇرغۇن ئۇيغۇرلار مۇشۇ سەۋەپلىك تۈرمىدە ياتقاندى . تەۋپىقنىڭ نۇرغۇنلىغان شېئىرلىرى ھەقىقەتنى كۆرسەتكەنلىگى ئۈچۈن مۇستەبىتلەر ئۇنى قەتلى قىلىش بىلەن پۇخادىن چىقتى . شەۋقى ئۆزىقنىڭ ئوتلۇق شېئىرلىرى ئارقىلىق شۇ دەۋىردىكى ئادالەتسىزلىك ھەققىدە ئىسيان كۈتۈرگەندى . زالىملار ئاخىرى ئۇنى كۆزدىن يوق قىلىپ توختىدى . لۇتپۇللا ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا قولىدىكى قىنى بىلەن تامغا يىزىش ئارقىلىق ھاياتنى كۈيلىگەندى . قانچىلغان سازەندىلەر ئەمەلدارلارنىڭ كۈزىگە قادالغان مىخ بۇلۇپ ھەقىقەتنىڭ جارچىسى بولغانلىغى ئۈچۈن قوللىرى . تىللىرى كسىلگەن سۈرگۈن قىلىنغان . ھاياتى سۈيقەستكە ئۇچۇرغاندى . ئەمەلىيتتە قۇربان بولغۇچىلار ھاياتنىڭ غالىپلىرى ئىدى . قەتلى قىلغانلار ۋە قانلىق قىلىچىنى سەنئەتكارنىڭ ئاجىز بويۇنلىرىدا نامايىش ئېتىپ غەلبىسىدىن قاقاھلاپ كۈلگەنلەر بۈگۈنگە كۈنگە كەلگەندە لەنەت تۈۋرۇكلىرىگە مخلانغان ئاسىيلار ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ھەقىقىتىنى دەپسەندە قىلغان مۇناپىق ئاسىيلاردىن بۇلۇپ چىقتى .

  شۇنداق، بۇ ئاسىيلىق 21- ئەسىرگە كىرگىنىمىزدە ئېدۇلۇگىيە ساھاسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى باشلانغاندا، قىسمەن ناھىيەلەردە، شەھەر، ۋىلايەت ئەدەبىيات سەنئەت ساھەلىرىدە  ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىپ، بىر تۈركۈم كىشىلىرىمىزنىمۇ قارا قىسمەتكە دۇچار قىلىشتى...
    يېقىنقى بىر ئىككى يىلدىن بېرى بۇ ئىشلارغا يەنى نۇقۇل ناخشا- سازغا، ھەرخىل ئۇسۇللارغا سەھنە قويۇپ بېرىش، مەدەنىيەت ئوچىقىدىكى ئوتنى ئەقىل بىلەن قوشۇپ، دۇنياۋىي سەھنەگە يۈزلەندۈرۈشكە ئايلانغاندىن كىيىن سەنئەت ساھەسى توغرا يۈنىلىشكە ماڭدى.
  بىراق، شائىرلار مۇزىكا چېلىشنى ئەمەس، ئىچىگە تىنىشنى ئۆگەندى.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  130
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 628
تۆھپە : 0
توردا: 88
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-21 16:03:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالەڭ ياخشى ئەسلىمە بوپتۇ، ئاداش. مۇشۇ ساھەدىكى مۇشۇنداق يازمىلىرىڭنى كىتاب قىلىپ سۇنىۋەتسەڭ بولاتتى.

  يەنە بىرى تېكىسىت يازغۇچىلارنىمۇ ئايرىم ساناپ ئۆتۈپ كەتكىن، ھەم مۇشۇ تېكىسىت تاللاشتا شۇ دەۋرنىڭ تەلىپى، رېتىمى، ئىجادكارنىڭ تەربىيەلىنىشى ...تەرەپلەرنىمۇ يېزىپ ئۆتۈپ كەتسەڭمىكىن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  862
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 452
تۆھپە : 0
توردا: 69
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-21 16:59:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئىمكان بار يىزىۋاتىمەن . لىكىن سەنئەتكا قانماس باغرىم بىلەن تۇيغۇلىرىمنى گەپ بىلەن ئەمەس ئىش بىلەن ئىپادىلسەم بۇلىدىغاندەك تۇرىدۇ . كىتاپلىرىم ئون يىلدىن بىرى تۇرىۋاتىدۇ ئەمدى چىقىپ قالار .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  862
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 452
تۆھپە : 0
توردا: 69
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-21 17:02:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدە يىتەرلىك بولمايۋاتقان نەرسىلەر بەك كۆپ دىسەم تىخى دەرىت دىمىسەم تىخى دەرىت .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  91
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 816
تۆھپە : 3
توردا: 193
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-21 20:09:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەكبەر قەھرىمانمۇ شۇ دەۋرنىڭ سەركىسى ئىدى. بىراق، ناخشىلىرىدا شۇ خاسلىق كەمرەكتى.
ئالى مەكتەپتىكى مۇھەببەت كۈيىنى  ئىسكەندەر سەمەت ۋايىغا كەتكۈزدى.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1642
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 410
تۆھپە : 0
توردا: 41
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 04:42:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە مۇۋاپىقىيەتلەر تىلەيمەن. كىتاپلىرىڭىزنڭى تىزدىن نەشىرگە سۇنۇلشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

دۇنيا مىھرى- مۇھاببەت بىلەن گۈزەلدۇر !

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  536
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 141
تۆھپە : 0
توردا: 1
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 15:10:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
          بۇ تېمىنى كۆرۈپ بىرەرسىنىڭ دوكتۇرلۇق ماقالىسىمىكىن دەپ قاپتىمەن. ئەسلىدە بۇ بىر پارچە ماقالىلىق ئۆلچىمىدىن تولىمۇ يىراق, مەزمۇنىنىڭ تايىنى يوق, چۇۋالچاق ھىسسىي يازما ئىكەن. خۇددى بىزدىكى " ئېتى ئۇلۇغ, سۇپرىسى قۇرۇق" دېگەندەك..... ھەي, تېما ئىسراپچىلىقى....يازغىنىمىز ماقالە بولغاندىن كېيىن ماقالىنىڭ ئەقىللىي ئۆلچەملىرىگە ئەمەل قىلايلى.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  536
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 141
تۆھپە : 0
توردا: 1
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 15:19:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   شۇنچە ئۇزۇن تارىخنى مۇشۇ نەچچە ئابزاس گەپ بىلەن يۇرۇتۇپ بەرگىلى بولامدۇ........

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 453
تۆھپە : 3
توردا: 69
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 15:31:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qasimjanosman يوللىغان ۋاقتى  2012-7-21 15:55
ساز چىلىش نوچىلارغا قويۇلىدىغان تەلەپ ئىدى . شۇڭا تاشۋ ...

ماۋۇ پىكرلەردە بىر چوغدەك ھەقىقەت بار...

ئۆزھال ئەپەندىنىڭ بۇ ماقالىسى بىزگە بىر سەمىمىي ئەسلەتمە بوپتۇ. ئۇيغۇر ناخشىچىلىقى ئۈستىدە يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.

ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس، بەلكى بىر شېرىن مەسئۇلىيەت. _ رەشىد

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 888
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1612
تۆھپە : 114
توردا: 325
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 16:10:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەت ھۈسەن يوللىغان ۋاقتى  2012-7-23 15:19
شۇنچە ئۇزۇن تارىخنى مۇشۇ نەچچە ئابزاس گەپ بىلەن يۇرۇ ...


گەپ دېگەن مۇشۇنداق ئاز ئازدىن يىغىلىپ كۆپىيىدۇ مۇھەممەد ھۈسەن ئەپەندىم. نەچچە ئايدىن بىرى ھەممە ئادەم قوشاق يىزىپ يۈرسە پىكىرىڭىز يوق. ئەمدى بىر ئوبدان ماقالىگە بەرگەن باھايىڭىز موشۇمۇ! 30 يىلىنى شۈنچە ئۇزۇن تارىخ دەپ قارىسڭىز 3 مىڭ يىللىق ناخشا مۇزىكا تارىخىمىزغا نىمە دەرسىز!
   بۇ ماقالە سىز دېگەندەك قىسقا، چۇۋالچاق نەرسە بولۇپ قالغان بولسا، سىز دېگەن «ماقالىنىڭ ئەقەللى ئۆلچىمى» بويىچە تېمىنىڭ تاللىنىشى، تېمىنىڭ تەتقىقات ئۇسۇلى، تېمىنى تەتقىق قىلىشتىكى مېتۇتلار دېگەندەك بىر قاتار ئاقماس گەپلەرنى قىتىپ ، ئاخىرىغا بىرمۇنچە كىتاب تېزىملىكىنى قىتىپ قويسىڭىز سىزدېگەن ماقالىلەرگە ئايلىنىشى مۆمكىن...

مەن ئۆزھال ئەپەندىنىڭ 10 يىلىدىن ئارتۇق تىنىمسىز ئىلىپ بارغان ئىزدىنىشلىرىگە، قاچانلاردا پۈتكەن كىتاۋىنىڭ ھامان نەشىر قىلىنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر نەتىجىگە ئىشەنىچ ۋە سەبىر بىلەن قاراپ كەلگىنىگە قايىل بولدۇم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇمىجىت.م تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-23 19:30  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  862
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 452
تۆھپە : 0
توردا: 69
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 21:37:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن گەپ قىلماي دىگەن بىراق بۇ بىر ئىلمى مۇنازىرە سۇپىسى بولغان ئىكەن مەنمۇ ئىككى ئېغىز گەپ قىلاي .   مەن بۇ ماقالىنى بەك ناچار ماقالە دەپ ئويلىغان لىكىن مۇھەممەد ھەسەن ئېسىملىك تورداشنىڭ ئىنكاسىغا قاراپ يامان ئەمەس بىر نەرسە بولدىمۇ نىمە دەپ ئويلاپ قالدىم . مىنىڭ قارىشىمدا ئەدەبىيات ھەقىقى ئىشقىنى بەرگەنلەرگە مىھىر ئىشگىنى ئېچىپ شان شۆھرەت ئۈچۈنلا ئەسەر يىزىشقا ئۇرىنىۋاتقانلارنى قىنى سۆزلە دەپ قويۇپ بەرسە سۆزلەپ سۆزلەپ ئاخىرىدا ئۆزىنى ئۆزى رەسۋا قىلىپ توختايدىغان بىر خاسىيىتىمۇ بىللە كەسىپ ئىكەن  .

تورداش مۇھەممەد ھەسەن . مەن سىزنىڭ سۇئالىڭىزغا  سىز قانائەت قىلغىدەك ئەمەس ئۈزۈم قانائەت قىلغىدەك جاۋاپ بىرەي . تىرناق ئېچىدىكى سىزنىڭ گىپىىڭىز .  


( بۇ تېمىنى كۆرۈپ بىرەرسىنىڭ دوكتۇرلۇق ماقالىسىمىكىن دەپ قاپتىمەن)

ئۆزھال : نېمىشقا بۇنداق ئويلىۋالغانلىغىڭىزنى بىلمىدىم . سىز ئويلىۋىلىپ سىزنىڭ قېىلىپىڭىز بويىچە چىقمىغان بۇ ئەرزىمەس يازمىدىن بەك چوڭ ئۈمىت كۈتۈپ ئاندىن يەنە ئۈزىڭىزنى كاچاتلاپسىز . مەن نېمىشقا مۇشۇنداق ئويلىۋالغاندىمەن دەپ نېمىشقا ئويلىمىغانسىز ؟ مەن نېمىشقا سىز ئويلىغاندەك ئەسەر يازغىدەكمەن ؟ سىز ئەگەر مۇشۇ ھەقتە ئويلىغان بولسىڭىز نېمىشقا دوكتۇر بۇلالمىسڭىزمۇ يازمىدىڭىز ؟ ماقالە دىگەننى يالغۇز دوكتۇرلۇق ئۈچۈنلا يازىدىغانلىغىنى مەن چۈشەنمەيلا قالماستىن مەن دەل سىز دىگەندەك ھىسيات يېغىندىلىرى بولغان پىكىرلەرنى ماقالە قىلىپ يازىمەن . بۇ مىنىڭ بۇ دۇنيادىكى بىردىن بىر ئەركىنلىگىم . ئەجىبا سىز بۇ ئەركىنلىگىمنىمۇ قېلىپقا سىلىپ مەندىن تارتىۋالماقچىمۇ ؟ مىنىڭ نەزىرىمدىكى ئەركىن يازمىلار  سىياسى ئۇچۇر ۋە خەۋەرلەردىن پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ . مىنىڭ ئەركىن ئازادە ئىپادىلەيدىغان تۇيغۇمنى ، ھىسياتىمنى بولسىىمۇ ھاقارەت قىلماي ئۈزىڭىزنىڭ ئىشىڭىزنى قىلىڭ ، مەن ئىنساننىڭ ئەركىنلىگىنى بوغىدىغان . ئەركىن پىكىر قىلىشىنى بوغىدىغان . ھىسيات ئامىللىرىنى قېلىپقا سىلىشقا ئۇرۇنىدىغان ئادەملەر بىلەن بىر يولدىكى ئادەم ئەمەس شۇڭا ھەممىز ئۈزىمىزنىڭ يولى بىلەن ياشاپ ئۈتۈپ كىتەيلى .

(  ئەسلىدە بۇ بىر پارچە ماقالىلىق ئۆلچىمىدىن تولىمۇ يىراق)

ئۆزھال : بۇ ماقالە زادى قانداق يىزىلىشى كىرەك ؟ نەچچە يىلدىن بىرى مۇقام قىسسسى . مۇقام ھەققىدە دىگەندەك كىتاپلارنى كۆرمىگەن ئوخشايسىز . بىر مۇنچە كىتاپلار كىملەر تەرىپىدىن يىزىلىپ كىملەر تەتقىق قىلىۋاتىدۇ ؟ ئەگەر ئۇلار يازغان ماقالە بولغان سىز چوقۇم ھاياجانلىنىپ كەتكەن بۇلاتتىڭىز لىكىن ئۇنى مەن يەنى راخمانجان ئاۋۈت بىر ئۇيغۇر يازغانلىغى ئۈچۈن مەنسىتمەسىلىگىڭىزنى توغرا چۈشەندىم .

   ( مەزمۇنىنىڭ تايىنى يوق, چۇۋالچاق ھىسسىي يازما ئىكەن )

ئۆزھال : مەن دەل سىز رەتلىك بۇلۇشى كىرەك دەپ قارىغان نەرسىلەردىن بىزار بولغاچقا ھىسيات بىلەن يازىمەن .مىنىڭ ھىسياتىم بۇ ماقالىنى يىزىشق ئۈندىگەن شۇڭا ھىسسى يازمىكەن دىگەن باھايىڭىزدىن تولىمۇ سۈيۈندۇم . ئەگەر 16 قۇرۇلتاي روھىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئويلىغان بولسام بۇ ھەقتە بىر بەتمۇ بىر نەرسە يازالمىغان بۇلاتتىم چۈنكى مىنىڭ ھىسياتىم بىلەن سىياسەتنىڭ مۇناسىۋىتى يوق . يەنە كىلىپ ئىدىيە شامنىڭ قىلىپىدىن چىقمايدۇ شۇڭا بىر باشتىن يىلنامە بويىچە ئىدىيە ئوي پىكىرلەرنىڭ سۈركىلىشى ۋە ئوخشىمايدىغان دەۋىردىكى ئوخشىمايدىغان تىمىلار ھەققىدە ئەقلى بار ئادەم ھىس قىلالايدىغان دەرىجىدە ئىشارەت قىلىپ ئۈتۈپ كەتتىم ، ئەمما چۇۋالچاق دەپ نىمىنى دىگەنلىگىڭىزنى چۈشەنمىدىم  .

( خۇددى بىزدىكى " ئېتى ئۇلۇغ, سۇپرىسى قۇرۇق" دېگەندەك.....)

ئۆزھال :  بىز دىگىنىڭىزنىڭ ئېچىگە قانداق ئادەملەر كىرىدۇ ؟ شۇ بىزنىڭ ئىچىدە سىز بىلەن مەنمۇ بارمۇ ياكى ئۇ باشقا بىر « بىز » مۇ ؟   

( ھەي, تېما ئىسراپچىلىقى.... )


ئۆزھال : مەن تىما تاللاشتا باشقىلار چايناپ تاشلىۋەتكەن نەرسىلەردىن قېچىپ مۇشۇ ياشقا كىرگەن ئادەم،  شۇڭا بۇ ھەقتە سىزگە گەپ قىلغۇم يوق .ئىمكان بولغىنىدا ئىسراپ بولمايدىغان نەرسىلەر ھەققىدە ئۆلگە بولسڭىز مەن سىزنى قوللايمەن .

( يازغىنىمىز ماقالە بولغاندىن كېيىن ماقالىنىڭ ئەقىللىي ئۆلچەملىرىگە ئەمەل قىلايلى)


مەن سىز دىگەن قىلايلى ، ئىتەيلى . يوقۇتايلى .لازىم ، كىرەك . قارشى تۇرايلى  دىگەندەك سىياسى شۇئار قويۇق پۇرىغى كىلدىىغان گەپ سۆزدىن بىزار . ماقالىنىڭ ئەقەللى ئۆلچىمى _ مۇھەممەد ھەسەن دىگەن بىر ماقالىنى سىزدىن كۈتىمەن  . ئاندىن بۇ ماقالىغا قايتا نازەر سالىمەن بولمىسا سىزنىڭ قۇرۇق گەپتىن باشقىغا كارغا كەلمەيدىغان بىر ئادەملىگىڭىزنى مەن ئەمەس سىز ئۈزىڭىز ئىسپاتلىغان بۇلسىز .

ئامان بۇلۇڭ !

  
ئەسكەرتىش : بۇ ماقالىنى مەن ئۈنۋان ئۈچۈن ياكى ئىدارامدىكى خىزمەت ۋەزىپىسى ئۈچۈن يازمىدىم . ھىسياتىمنىڭ تۈرىتكىسىدە ئەركىن ئازادە يازدىم . ئۇيغۇر خەلىقنىڭ ناخشىچىلىق تارىخىدا باشلامچىلىق رولىنى ئالغانلار ۋە بىر قېسىم ئەگەشكۈچىلەر ھەققىدە ھىسياتىم بويىچە سۆزلىدىم . شۇڭا بۇنى شىنجاڭ خەۋەرلىرىنى ئوقۇغاندەك چۈشىنىپ ئاندىن ئەيىپنى مەندىن ئىزدىسەڭلار ياخشى بولماس . مەن تولۇقلايدىغانلارغا ئىمكانىيەت قالدۇردۇم . شۇڭا ئەركىن ئازادە دىيشسەك بۇلىدۇ .


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  341
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 95
تۆھپە : 0
توردا: 6
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 14:22:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىنقى زامان ئۇيغۇر ناخشىچىلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى ناھايىتى تەرتىپلىك،توغرا مۇھاكىمە قىلىنىپتۇ ھەم بەدئىي ئۇسلوبتا ئادىل خۇلاسە قىلىنىپتۇ. ماقالىڭىزنى ئوقۇپ ئاشۇ ھەر بىر دەۋىرگە قايتا بارغاندەك بولدۇم. رەھمەت سىزگە !
تەكلىپ: ئايتىللا ئەلا،مەرھۇم تۇرغان ئۆمەر ،گۈلباھار رېھىم (ھازىرمۇ سەھنىدە چاقناپ تۇرىدۇ)....قاتارلىقلارمۇ دەۋىر سۈرگەنغۇ دەيمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  862
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 452
تۆھپە : 0
توردا: 69
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 14:37:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاھىرجان . ئۈستىدە نەۋقۇتمۇ ئەكبەر قەھرىماننى تىلغا ئاپتۇ . مەن يەكەندە باللىغىم ئۆتكەچكە ئەكبەر قەھرىماننى باللىق كۈزۈم بىلەن كۆرۈپ باقمىغانمەن شۇڭا مەن تەسىرىنى ھىس قىلمىغانلارنى تىلغا ئېلىشتىن ئەيمەندىم . چۈنكى يىزىقچىلىقتا بولسىمۇ يالغان گەپ قىلماي ياشاش مىنىڭ نىشانىم ئىدى . ئەمدى دەۋىر ئېقىملىرىغا كەلسەك ئېقىمنىڭ ئۈزىلا چۇۋالچاق ۋە رەت تەرتىپىكە سالغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە بارلىققا كەلدى . بىزدە مەيلى ئەدەبىياتتا بولسۇن مەيلى سەنئەتتە بولسۇن قىلىشىلا بىزنىڭ نىشانىمىز بولدى ئەمما مەلۇم بىر ئېقىمنى يارىتىپ ياشاش پۈرسىتىگە ئىگە بۇلالمىغان مىللەت بىز . شۇڭا مەن مەشرەپ كەبى پەقەت ئۈزىنى ئىپادە قىلغۇچىلار ۋە ئۆزىنى ئاشكارلىغۇچىلارنى سىپتىلىق بىلەن مەلۇم قانۇنىيەتنىڭ ھۈكۈمرانلىغى ئاستىغا جەم قىلىش ئارقىلىق ئەمەس پەقەت ئۈزۈم ھىس قىلغانلارنى يىزىشقا ئەھمىيەت بەردىم . بولمىسا پەردە مامۇت . گۇلباھار ھامۇت . گۈزەلنۇر قۇربان . تاھىر غەزەل . قاتارلىق بىر تۈركۈم ناخشىچىلارنىمۇ يىزىش كىرەك ئىدى . بۇلارغا تەسىرىگە نىسبەتەن مەلۇم قاراشلارغا ئىگە دوسلارغا بۇ كىشىلەر ھاۋالە قىلىندى . بۇ جەھەتتە مەن ئاجىز كەلگەن ياكى ئۇنتۇلۇپ قالغانلارنى پىكىرداشلارنىڭ تولۇقلاپ قويىشىنى ئۈمىت قىلىمەن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۆزھال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-24 14:42  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  341
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 95
تۆھپە : 0
توردا: 6
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 14:57:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزھال يوللىغان ۋاقتى  2012-7-24 14:37
تاھىرجان . ئۈستىدە نەۋقۇتمۇ ئەكبەر قەھرىماننى تىلغا ئا ...

قارىشىڭىزغا قايىلمەن. لېكىن بۇ جەھەتتە ئەتىراپلىق ئىزدىنىپ يەكۈنلىگەنلىكىڭىز ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. كەسپىڭىزگە خاس ئىلمىي مىھنەت-تەر ئاققۇزۇپ ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن مەنىۋىي مىۋىللىرىڭىزدىن بىزنى تەڭ بەھرىمان قىلىۋاتىسىز. قاسساپ گۆشنىڭ مىجەزىنى بىلگەندەك، ھەر كىم ئۆز كەسپىدىن يەكۈن چىقارسا مېنىڭچە ئادىلىراق بولىدۇ دەپ قارايمەن. سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش