ximal
كۆرۈش: 243|ئىنكاس: 7

(ئۆزھال) باجالار گۈرۈھىدىن ئۆزبىك ناخشا سەنئىتىگە نەزەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  862
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 452
تۆھپە : 0
توردا: 69
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-21 12:09:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باجالار گۈرۇھى ئۇيغۇر ياش باللىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشكەن بىر گۈرۇھ بوپ قالدى . دىيارىمىزغا نەچچە يىل ئىچىدە ئىككى قىتىم كىلىپ ياشلىرىمىزنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشتى .  بۇ يەردىكى سەۋەپ باللىرىمىزنىڭ ئەخمەقلىغى ياكى باجالار گۈرۇھىنىڭ ناخشلىرىدىكى تېكىستنىڭ ئالاھىدە ياخشىلىغى ئەمەس پەقەت ئۇلارنىڭ موزىكسىدىكى جۇشقۇنلۇق ئېڭىنىڭ كونا ، ئەنئەنىدىن ھالقىغان زامانىۋىلىققا خاس ئىسيانكارلىق روھىدۇر .
               بۇ گەپنى دىيىش ئۈچۈن ئۆزبىك سەنئىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغۇرسىدا توختىلىشقا توغرا كىلىدۇ .ئۆزبىكلەردە بىزگە تونۇشلۇق بىرىنچى ئەۋلات (بۇ پەقەت مىنىڭ ھىساپلىغىنىم ) ناخشىچىلاردىن شىر ئەلى جۇرايۇف . ئارتۇق ئاتاجانۇف . كامالىددىن رەھىمۇف . غۇلامجان ياقۇپ قاتارلىق ناخشىچىلار دىيارىمىزغا كەلمىگەن بولسىمۇ ئۆزىنىڭ ياڭراق سادالىرى ئارقىلىق بىزنىڭ مەنيىۋىتىمىزگە ئىزچىللىق بىلەن تەسىر كۈرسىتىپ كەلدى ۋە ئۆزىنىڭ ئۆزبك سەنئىتىدە سەركەردىلىك رولىنى ئىلىپ تا ھازىرغا كىلىۋاتىدۇ . ئۇلارنىڭ ناخشىلىرىدىكى مۇڭنىڭ ئەسلى مەنبەسى سوپىزىم ئىدىيىسى ئاساسىدا يىزىلغان مۇناجاتلار بۇلۇپ تېكسىتنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن موزىكا خاسلىغى تەلەپ قىلدى . جالالىدىن رۇمى . ئەھمەد يەسەۋىدىن باشلانغان مۇناجاتلار نەۋائىي . بابۇر . شاھ مەشرەپ . فۇرقەت قاتارلىق شائىرلارنىڭ سوپىستىك ئىدىيىسى سىڭگەن شېئىرلار كىينكى دەۋىرلەردە خەلىق ناخشىسىغا ئايلىنىپ ئاجايىپ ھەيۋەتلىك بىر كۈي ئېقىم دۇنياسىنى ياراتتى . بۇ ناخشىلاردىن مۇڭ ۋە ھەسرەتلىك نىدا ۋە دۇنيانىڭ مەھىشەتلىرىدىن ۋاز كېچىپ ئەدەبىيەتنى كۆزلەيدىغان ئالىجاناپ روھ بىلەن سۇغۇرۇلغان بىر روھ بىلەن مەيدانغا چىققان ئەسەرلەر ئىدى . ئۆزبىكنىڭ بەستىكارلىرى ۋە مۇغەننىلىرى خانىقا ئاھاڭىدىن ئىبارەت بىر يولدا نەچچە يۈز يىل مىڭىش . قايتا قايتا ئىجاد قىلىش ئارقىلىق مانا ھازىرقى شىر ئىلى جۇرايۇف قاتارلىق بىر تۈركۈم ناخشىچىلارنىڭ يولىنى بەلگىلىدى . كىين دۇنيا ئىللىكتىرۇنلۇق تەرەققىيات دەۋرىگە كىردى تىخى مۇستەقىل بۇلۇپ دۇنياغا ئۆزىنىڭ ئاۋازىنى يەتكۇزۇش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئۆزبىكلەرمۇ ئىگىلگەن بىشىنى تىك تۇتۇش ئارقىلىق باراۋەر بىر دۇنيانىڭ ئۆزىگە قۇچاق ئېچىشىنى ئۈنسىز تىلىدى . ئۇلار مىللى چالغۇ بىلەن ياۋرۇپا چالغۇلىرىنى بىرلەشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزبىك مىلۇدىيىسىنى يارىتىپ،  ئۆزىنىڭ سەنئىتىنى دۇنيا موزىكا ئىلمى بىلەن بىرلەشتۇرۇشنى نىشان قىلغان ئىككىنچى ئەۋلات ناخشىچىلار ۋە ئىجادكارلار ئارقا ئارقىدىن يېتىشىپ چىقىپ مىللىك بىلەن ئىلمىلىكنى جىپىسلاشتۇرۇش . زامانىۋىلىق بىلەن ئەنئەنۋى سەنئەت ئەقىدسىنى جارى قىلدۇرۇش . ئۆزلۇكنى ساقلاش ئاساىسدا تەرەققى قىلىش قانۇنىيىتى بويىچە بىر تۈركۈم يىڭى ناخشىلار ۋە ناخشىىچلار ئۆزبىك سەھنىسىدە پەيدا بولدى . بۇلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولغان ئەرلەردىن پەرغانىلىك ئاخۇنجان مەدەلىۋ . نۇردۇن ھەيدەرۇف . موخۇرددىن خالقۇف . غىياس بايتايۇفلار بۇ جەھەتتە ئۆزبىك خەلقىغە ناھايىتى كۆپ ئىجاد مىۋىلىرىنى بەخىش ئەتتى . ئاياللاردىن كۈمۈش . نەسىبە . يۇلدۇز ئوسمانىۋا ۋە زۇلەيخا  بايخانىۋا قاتارلىق ھاپىزلار ئارقىمۇ ئارقىدىن گۇرۇھ بۇلۇپ شەكىللەندى . ئالدىنقى بىر ئەۋلات بىلەن كىينكى بىر ئەۋلاتنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغۇچى ئۆزبىك سەنئىتىنىڭ زامانىۋى موزىكا ئوركىتسىرىنى تۇنجى بۇلۇپ قۇرغۇچى فەرۇخ زاكىرۇفنىڭ ئۆزبىك سەنئىتىگە كۆرسەتكەن 25 يىلدىن ئارتۇق تىرىشچانلىقلىرىنى چوقۇم نەزەرگە ئىلىش كىرەك . چۈنكى ئۇلار زامانىۋى چالغۇلار بىلەن ئۆزبىك ئاھاڭلىرىدا يىڭىچە بىر تۈركۈم ناخشىلارنى ئىجاد قىلىش ئارقىلىق ئۈزبىكىستان ئەمەس رۇسىيىگە تونۇلغىدەك كۈچ قۇۋەتكە ئىگە بولغاندى . ئۇلار 70- يىلنىڭ بىشىدىن تارتىپ تاكى 95- يىلغىچە بولغان ئارلىقتا ئۆزىنىڭ ناخشىلىرىنى يەككە يىگانە خاسلىغى بىلەن خەلىققە سۈندى .  فەرۇخ زاكىرۇف دەۋرىدىن باشلانغان يىڭى زامان ئىدىيە ئېقىملىرى ئۆزىنىڭ كۆرەشلىرىنى توختىماي داۋاملاشتۇردى . ئەينى دەۋىردە مۇخۇرددىن خالقۇف ئېيتقان «زىلالە» « قانداق قىلارمەن» «باقما» «قىز بالايا» قاتارلىق ناخشىلار . نۇردۇن ھەيدەرۇف ئىيتقان «مىنىڭ يۇلدۇزۇم» رۈستەم غايىبۇف ئېيتقان «ئىيتار ئىدى بىر زامان ئانام » «مەلىكەم » غىياس بايتايۇف ئىيتقان «مۇھەببەت يوق ئىكەن »«سۈرەييا » «ئايرىلدىم » قاتارلىق ناخشىلار يالغۇز ئۆزبىك ۋە ئۇيغۇرلاردىلا ئەمەس ئەتراپتىكى تۈركى مىللەتلىرىگە ئىزچىللىق بىلەن تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن ئىدى . زامانىۋى يىڭى ئېقىم سەنئەتكارلىرى ئۆزىنىڭ يىڭىچە پىكىرلىرىنى ئىلىپ كەلگەندە ئەنئەنىۋى ئاھاڭغا كۆنگەن خەلىق باشتا تازا قۇبۇل قىلالمىغاندى . لىكىن بۇ كەلگۈلۈكلەر فەرۇخ زاكىرۇفنىڭ ئۇزۇن يىللىق تىرشچانلىق كۈرسىتىشى ۋە مۇشۇ يولدا بىر ئۈمۈر تىرىشچانلىق كۆرسىتىىش بىلەن ئاساسەن ئاياغلاشقان بۇلۇپ ئۆزبىكنىڭ سەھنىسى كىينكى ئەۋلاتلارغا قىزغىن قۇچاق ئېچىپ ئۇلارنىڭ قۇچىغىنى سەمىمى كۈڭۈللەرنىڭ قوللاشلىرى ۋە مەدەت بىرىشى بىلەن تولدۇردى . بۇلار ئىككىنچى ئەۋلاتلىق ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇردى . چۈنكى ئەڭ داڭلىق تۆت سەنئەتكارنىڭ ئۈچى بىلەن يەنە زامانغا خالدەك ياراشقان شائىر مۇھەممەد يۈسۈف ياشلا قازا قىلدى . ئاخۇنجان مەدەلىۋ 37 يىشىدا بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشتى . مۇخۇرددىن خالىقۇف ماشىنا ھادىسسگە يولۇقۇپ قازا قىلدى . نۇردۇن ھەيدەرۇف يۈرەك كېسىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى  بىر دەۋىرنىڭ ساداسى بىلەن نىداسىنى . ئارزۇ ئارمانلىرىنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ بىرىۋاتقان بىتەكرار سەنئەتكارلاردىن بولغان ئۆزبىك سەھنىسدىكى تۆت يۇلدۇز بىراقلا ئېقىپ چۈشۈپ ئۆزبىك خەلىقنىڭ باغرىنى خۇن قىلىدى ۋە ئۇلارنىڭ مەنىۋىيتىدە سۆز بىلەن تەسىۋىرلەپ بولمايدىغان غايەت زور چڭقىلىش پەيدا قىلدى . بۇ خىل چىڭقىلىش پارتىلاش خارەكتىرلىك بىر نەتىجە سەۋەپ مۇناسىۋىتىنى كۈتۈش ئىچىدە داۋاملاشتى . مۇخۇرىددىن خالقۇفنىڭ بىردىن بىر ۋارىسى بولغان ئازادبك نەزەربىكۇف نەزەربەندىكە ئىلىندى . ئۆزبىك سەنئەت ئېقىمى ئۆزىنىڭ رەڭگى جۇلاسىنى ئەۋەلقى پىتى ساقلاشقا مەجبۇر بولدى . يىڭى كۈچلەر چىقىشى كىرەك ئىدى . بىر پۇتكۇل جەمىيەتنىڭ تەرەققىيات ساداسىنى . زامانىۋى ئاڭغا ئىگە باللارنىڭ مەنىۋى ئىھتىياجى ئۈچۈن يىڭى سەنئەتكارلار چىقىشى كىرەك ئىدى . شۇ دەۋىر باللار ئۆزىن ئىپادىلىشى ئۈچۈن ئۇلار بىلەن تەڭتۇش سەنئەتكارلار چىقىشى كىرەك ئىدى . لىكىن ئۆزبىك سەنئىتى دىنى ئەقىدىگە تويۇنغان ھالەتتىكى بىر قەۋىمنىڭ ئۈزۈلمەس دەريا ئېقىنىدەك كەڭ مەنبەگە ئىگە ئىدى . لىكىن ئۇلاردىن تالايلىغان سەنئەت ئەھلى يىتىشپ چىققان بولسىمۇ لىكىن خەلىقنىڭ مەنىۋىيتىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرالمايتتى . سۈكۈت ئىچىدىكى ئۆزبىك روھى قەدىردان شائىرى مۇھەممەت يۇسۇفتىن ئايرىلغان ھىسياتىنى باغرىغا چىڭ باسقانچە يەنە بىر مۆجىزىنىڭ پەيدا بۇلىشىنى ئۆمىت قىلاتتى . لىكىن شائىر بىلەن سەنئەتكارنى زامان ئۈزى تۇغىدۇ . ئۆزى ئۆستۈرىدۇ . ئۆزى باغرىدا پەرۋىش قىلىپ ئاۋايلاپ قاتارغا قاتىدۇ . ئۆلگەنلىرى ئۈلۈپ . تۈرمىدا ياتقىنى تۈرمىدە يىتىپ ئەمدى ئۈسۈپ يىتىلىۋاتقانلىرى تىخى بىر كىچېلىك دەستۇرى ئارقىلىق خەلىقنىڭ ئالدىغا چىققىدەك قۇۋەتكە ۋە ماغدۇرغا ئىگە ئەمەس ئىدى . ئىككىنچى ئەۋلات 1- نۇمۇرلۇق ناخشىچى ۋە ئاۋازى بىلەن غىجەك چالىدىغان ناخشىچى ئاتالغان غىياس بايتايۇف ئۆزىنىڭ مىسكىن ۋە جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن يەنىلا ئۆزبىك روھىنى سۈيۈندۇرۇپ بەش يىلدا بىر قېتىم كېچىلىك قىلىش ۋەدىسىنى ئادا قىلىپ كەلدى . رەۋشەن كامىلۇفقا ئوخشاش بىر تۈركۈم سەنئەتكارلار ئۆزىنىڭ يا يۇقۇرى ئەمەس يا تۈۋەن ئەمەس ئىللىق ئېقىمنى ساقلاپ كەلدى . ئاياللاردىن ئازادە نۇر سەئىدىۋا . مەۋلۇدە قاتارلىق ناخشىچىلارمۇ ئەنئەنە بىلەن زامانىۋلىقنىڭ ئارىسىدا تىڭىرقىغانچە يولىنى داۋام ئەتتى.   ئارقىدىن ئۆزبىك سەنئىتىدە پارتىلاش خارەكتىرلىك تەسىر قوزغىغان سەنئەتكار ئازادبىك مەيدانغا چىقتى . ئۇ ئىماننىڭ كامىللىغى جەھەتتە شىر ئەلى جۇرايۇفقا ئوخشىسا ئاۋازدىكى رەڭ . زىللىقى . سۈزۈك ۋە جاراڭلىقلىغى ۋە  ئورۇنلاش جەھەتتە ئۇستازى موخۇرددىن خالقۇفقا ئوخشايتتى . ئۇ چىقتى چىققاندىمۇ ئاجايىپ سالاپەت ۋە پاساھەت بىلەن ئوتتۇرغا چىقتى . ئۆزبىك سەنئىتى قايتىدىن ئۇزىنىڭ گۈزەل مىلودىيسىنى ئازادبىكنىڭ ئاۋازى ئارقىلىق جاھانغا جاكارلىدى . ئازادبىك بىلەن دەۋىرداشلار قىزلاردىن گۇلسەنەم مەمەت زايىتىۋا . زىيادە . شاھزادە . رەيھان قاتارلىق ناخشىچى قىزلار  ئۇنىڭغا يانداشتى . ئازادبىك دەۋىرى پىشىپ يىتىلگەندىن كىين دەۋىر يەنە يىڭى سەنئەتكارنى ئىھتىياج قىلدى . چۈنكى ئازادبىكمۇ پەقەتلا ئەنئەنۋى ئىدىيەنىڭ يىڭى تۇيغۇ ئىچىدە ئىپادىلەش يولدىن چەتنىيەلمىگەندى .
باجالار دەل 80- يىلىدىن كىين تۇغۇلغان ئۆزبىك بالىلىرىنىڭ ئىدىيسىنى مەيدانغا تاشلىيالايدىغان ھالەتتە بارلىققا كىلىشنىتوغرا قىياس قىلدى  . ئۇلار ئەنئەنىۋى يولدىن تامامەن چەتنەپ كەتتى . ئۇلارنىڭ ئىيتقان ناخشىلىرى ئەنئەنۋىى رەڭدار مىلودىيەلەردىن چىكىنگەن ھالەتتە بولسىمۇ لىكىن ھازىرى زامان باللىرىنىڭ زامانىۋى،  ئىلىكتۇرۇنلۇق قۇراللار ئىچىدە ئۈسۈپ يىتىلىۋاتقان چۈشكۈن ھاياتىغا شاتلىق ۋە جاسارەت بەخىش ئەتتى  .
ئۇلار ئەڭ ئاۋال موزىكىدىكى كونا قىلىپنى يەنى سوپىسىتىك ئىدىيە بىلەن تويۇنغان مىلودىيە ئىڭىنى ئىنكار قىلدى . ئاندىن كىين ئەنئەنىۋى ئۇسلۇپتىكى پەلسەپىۋىلىكى كۈچلۈك . تەلىم تەربىيە بىرىدىغان . نەسىھەت قىلىدىغان تېكىستلەردىن يىراقلاپ پەقەت خۇشاللىق ئىزدەيدىغان . زامانىۋى موزىكىنىڭ زامانىۋى ھىسياتىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق مۇكەممەل تېكسىت يوق . پەقەت موزىكىلىق ھىسياتقا تايىنىپ سەنئەتنى زوقلىنىش دەپ قارايدىغان ئىدىيە ئارقىلىق ئوخشاش دەۋىر ۋە ئوخشاش ئىدىيەدىكى بىر تۈركۈم باللارنىڭ نەزىرىدە تىزلا قارشى ئىلىنىدىغان چولپانلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى . نەچچە يىل بۇرۇن باجالار گۈرۇھىنى ئۆزبىك سەنئەت كېچلىكلىرىدە كۆرگىلى بولمايتتى . مانا ئەمدىلىكتە ئۇلار ئۆزىنىڭ ئورنىنى تىكلىگەندىن سىرىت ھەۋەسكارلىقتىن ئۇستازلىق ئورنىغا ئۆتكەنلگىنى ھىس قىلماق تەس ئەمەس . ئۇيغۇر باللىرىمىز ئەنە شۇنداق ئۆزىنىڭ ھىسياتىنى قاراڭغۇلۇق . زۇلمەتلىك يالغۇزلۇق ھىسياتىدىن قۇتۇلۇش . ئۆزىنىڭ ئەسلى ھىسياتىنى ئىپادە قىلىدىغان بوشلۇق ئىزدەۋاتقان ۋاقىتنىڭ ئۈزىدە بۇ خۇشاللىقنى ئۇيغۇر سەنئەتكارلىدىن ئەمەس دەل باجالاردىن تاپتى . ھەر دەۋىردە بىر توپ خەلىق ئۆزىنىڭ زامانداش . دەۋىرداش سەنئەتكارلىرى بىلەن تەڭ ئۈسۈپ تەڭ يىتىلىپ بىر تەرەققىياتتىن تەڭ بەھرىمان بۇلىدۇ . ھازىر باجالار بىلەن تەڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن باللارنىڭ نەزىرىدە باجالار ئەڭ زوق بىرىدىغان بىر سەنئەتكار . ئەنئەنىۋى ناخشىچىلىق ئۇسلۇبىنى پەقەت يىزا قىشلاقلاردا ئافغان راۋابىنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان باللار ياخشى كۆرىشى مۈمكىن . لىكىن يەر شارى ئۇچۇر دەۋرىدە بىر بىرگە قىزغىنلىق بىلەن سالام قىلىۋاتقان مۇشۇنداق دەۋىردە يەنە ئەنئەنە ئۈچۈن ھازىرنى قۇربان قىلىۋاتقانلارنى جۇشقۇن ساداسى ئارقىلىق ئىنكار قىلىدۇ . ياشلاردا شۇنداق جاسارەت بار . مەن ئەمەلىيەتتە باجالارنىڭ ناخشىلىردىن ھۇزۇر ئالالمايمەن . مەن ئابلاجان ئاۋۈت ئايۇپنىڭ ناخشىلىرىدىن سۈيۈنگۈچى ۋە ئۇنى قوللىغۇچى . لىكىن مانا مۇشۇنداق روھقا ئىگە ياشلار بولسا قوللايمەن ھەم ئۇلارنى تەتقىق قىلىش ئوبىكتى قىلىمەن .  بىز ھە دىسە ئۆزىمىزنىڭ گىپىنى قىلىپ تۇرىۋالساق باللىرىمىزغا بىرىدىغان ئىمكانيىتمىز تار بۇلىدۇ . ئىمكانىيەت تار بولغانكەن باللىرىمىزنىڭ ئىدىيىسىنى بوغىمىز . ئىدىيىسى بوغۇلغان باللار ۋاختى كەلگەندە بىزدەك زامانىۋىلىقنىڭ ھەممىنى ئىتىراپ قىلماي ئۆزىنىڭ سەزگۈسى بىلەنلا ياشاپ باشقىنى ئىنكار قىلىدىغان مۇتئەسسىپلەرنى . زوراۋان ھۈكۈمرانلارغا ئوخشاش كۆزدە قاراپ ئەسلى ۋەسلىمىز بىلەن قوشۇپ دەپنە قىلىۋىتىش ئارقىلى پۇخادىن چىقىدۇ . ئاخىرىدا مەن بىر تۈرك قىنىنى روھى ۋۇجۇدىغا يۈكىلىگەن بارلىق ئۆزبىك قىرىنداشلارنىڭ سالامەتلىگىنى تىلەيمەن .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  297
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 196
تۆھپە : 2
توردا: 13
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 00:44:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئۆزھال ئاكا، مۇشۇنداق قىممىتى بار ماقالە، يازمىلىرىڭىزدىن سۆيۈنىمەن.
بۇ ئېسىل ماقالىڭىزدە ياش ئۆلۈپ كېتىپ يۈرىكىمنى قان قىلغان ئاخۇنجان مەدەلىيېۋ، مۇھەممەد يۇسۇف، مۇھرىددىن خالىقوۋ، نۇرىددىن ھەيدەروۋنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە ھاياتلىقى ۋە ئېزگۈ كۈيلىرى بىلەن مەنىۋىيىتىمنى نەمدەپ تۇرۇۋاتقان رۈستەم غائىپوۋ، غىياس بايتايېۋ، رەۋشەن كامىلوۋ، ئازادبېك نەزەربېكوۋ، يۇلدۇز ئۇسمانوۋا، ئازادە نۇرسەئىدوۋا...لارنىڭ ئورنىغا سەنئەتكار بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بەك ياخشى باھا بېرىپسىز. سىزدىن خۇش بولدۇم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Umidwar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-22 01:00  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  297
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 196
تۆھپە : 2
توردا: 13
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 00:48:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخۇنجانىم ھەققىدىكى قىسقا يازمامنى يەنە قوشۇمچە قىلاي:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار، مېھىر-مۇھەببەت، ۋاپا، ساداقەت، ئىنسانىيلىق، ئانا تۇپراق، قېرىنداشلىق... تېمىسىدىكى ناخشىلارنى ئىجاد قىلغان ۋە ئۆزگىچە مۇڭ بىلەن ئورۇندىغان مەشھۇر سەنئەتكار ئاخۇنجان مەدەلىيېۋ ھەققىدە سۆزلىگۈم كەلدى.
ئاخۇنجان 1963-يىل21-ماي كۈنى فەرغانە ۋادىسىدىكى قەدىمىي مەرغىلان شەھىرىنىڭ ئالتەئېرىق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئاتىسى نۇسرەتئەلى مەدەلىيېۋ ئۇستا ياغاچچى ۋە توي-تۆكۈندە پولو ئېتىدىغان ساددا كىشى ئىدى. ئاخۇنجان نەمەنگان پېداگوگېكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇزىكا كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 1985-يىلى ھەبىبە ئىسىملىك سېستىرا قىز بىلەن توي قىلغان. بالىلىق چاغلىرىدا ناخشىدا تەربىيەلىگەن تۇنجى ئۇستازى ئەل ئىچى سەنئەتكارى قىلىچبېك ۋاھىدوۋ بولغاچقا، ئۇستازىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن1990 -يىلى 17-يانۋار تۇغۇلغان ئوغلىغا قىلىچبېك دەپ ئىسىم قويغان.

ئاخۇنجان 1989-يىلى "كامالەت 1989" ناملىق دۆلەت دەرىجىلىك ناخشا مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى بولغان (مۇھرىددىن خالىقوۋ بىرىنچى بولغان). 1991-يىلى مۇھەممەد يۇسۇف ئاپتورلىقىدىكى "قوينۇمدا بىر يارۇ، كۆڭلۈمدە بىر يار" ناملىق ناخشا ئاخۇنجاننى پۈتۈن ئۆزبېكىستانغا تونۇتقان. 1992-يىلى مۇھەممەد يۇسۇف ئاپتورلىقىدىكى "تۈركمەن قىز" ناملىق ناخشىسى يەنە بىر مەشھۇر بۇلبۇل --يۇلدۇز ئۇسمانوۋا بىلەن ئاخۇنجان ئوتتۇرسىدىكى سەككىز يىللىق ناخشا مۇنازىرەسىنىڭ پىلتىسىغا ئوت ياققان. سەنئەت ساھەسىدە دولقۇن قوزغىغان "تۈركمەن قىز ماجراسى" 2000-يىلى 30-ئىيۇن ئاخۇنجاننىڭ سىرلىق ئۆلۈمى بىلەن ئاخىرلاشقان. ئاخۇنجان 20 يىللىق سەنئەت ھاياتىدا 100 دىن ئارتۇق ناخشا ئىجاد قىلغان. ھەممىسى دېگۈدەك كىلاسسىك ناخشىلارغا ئايلانغان. ئۇنىڭ "كۆڭلۈمدە بىر يار"، "تۈركمەن قىز"، "سېنى بۈگۈن كۆرمىسەم بولماس"، "ئۇنۇتماق ئاسانمەس بىزلەرنى"، "سۆيۈلمىگەن كېلىنچەك"،  "يۈرىكىمدە سىزدىن قالغان داغ جاي بار"، "ئانامنىڭ دۇئاسى مېنى ئاسرايدۇ"، "بۇ دۇنيادا مەن بولمىساممۇ"، "خۇش قال يارىم"، "كۆڭلۈڭدە نېمە بار، بىلمەيمەن"، "ئۆمرۈڭ ئۆتكىنىنى بىلمەي قالىسەن"، "ئەلەم"...قاتارلىق ناخشىلىرى تۈركىيلەر دۇنياسىغا كەڭ تارقالغان. ئۇ ھايات چېغىدا چۇستىي، ئابدۇللا ئارىپوۋ، مۇھەممەد يۇسۇف، سىراجىددىن سەييىد، قوچقار نۇرقابىل،  شۆھرەت ئەھمېدوۋ، ئىقبال مىرزا...قاتارلىق شائىرلار بىلەن ھەمكارلاشغان. 37 يېشىدا تۇپراققا قايتقان ئاخۇنجاندىن تۆت پەرزەنت قالغان بولۇپ، ئۈچىنچى بالىسى قىلىچبېك مەدەلىيېۋ كۈنىمىزدە تونۇلغان ناخشىچىغا ئايلاندى.

مەن سىلەرگە سۇنۇۋاتقان "كېتىمەن" ناملىق بۇ شېئىرنى ئابدۇلئەزىز مۇبارەك يازغان. ئاخۇنجان بۇ شېئىرنى ناخشا قىلىپ ئېيتىپ، كۆپ ئۆتمەي ۋاپات بولغاچقا، سەنئەت شەيدالىرى بۇنى ئاخۇنجاننىڭ ئۆلۈمى بىلەن باغلاپ: "'تىلىسەڭ تاپارسەن'دېگەندەك ئىش بولدى" دەپ ھەسرەتلەنگەن ئىدى.

ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىكىنى ياخشى قىلسۇن.




ئابدۇلئەزىز مۇبارەك (ئۆزبېكىستان)



كېتىمەن



كېتىمەن بۇ يەردىن باش ئېلىپ،
مەجنۇننى سىلىغان سەھراغا.
كېتىمەن كۆزۈمگە ياش ئېلىپ،
يۇلتۇزلار ۋەتىنى ساماغا.



بولمىسا بىر تاشقا باغلىنىپ،
چۆكىمەن تۈۋى يوق ئۇممانغا.
ياكى كۆك كەپتەرگە ئايلىنىپ،
ئۇچىمەن كوھىقاپ تامانغا.



دوست تۇتۇپ تاڭدىكى شەبنەمنى،
مەن سىڭىپ كېتىمەن تۇپراققا.
كېتىمەن يىغلىتىپ ئانامنى،
بارسا كەلمەستىنمۇ يىراققا.



كېتىمەن، بەرىبىر كېتىمەن،
شۇ مېنىڭ ئاخىرقى قارارىم.
سۆيمىسەڭ، سۆي كېلىپ، نېتەرمەن؟
ئەلۋىدا سۆيۈلگەن دىلدارىم.


كېتىمەن، بەرىبىر كېتىمەن.



(ئاخۇنجان مەدەلىيېۋ ھايات ۋاقتىدا ناخشا قىلىپ ئېيتقان).

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Umidwar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-22 01:03  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  486
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 292
تۆھپە : 16
توردا: 25
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 00:50:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باجالارنى تۇنۇمايدىغان ئۇيغۇر ياشلىرى ئاز بولسا كېرەك. ئۆزھال دىگەندەك ئۇلارنىڭ ناخشا تىكىستىدىن تارتىپ ئسيانكارلىق روھىغا تۇيۇنغان بۇلۇشى ،يىڭىلىققا ،ئىجادىلىققا مايىل بۇلۇشى ئەلۋەتتە ئادەمنى خۇشال قىلىدۇ. ئەمما شەخسەن ئۆزۈم ئۇلارنىڭ ناخشىلىرىنى ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن. ئاخىرقى قۇرلار ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى ئويلاندۇرىدىكەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1734
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 80
تۆھپە : 0
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 18:50:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا بۇ ئەمگىگىڭلاردىن  بەك سۆيۈندۇم. ھەقىقەتەن ئىلمى قىممەتكە ئىگە ،غەزەلغان-ھاپىزلار بىر ئۇقۇپ چىققىدەك ئۆلچەملىك  تېما بوپتۇ .
تەتقىقات ۋە ئىزدىنىشىڭلار ئۇتۇغلۇق بولغاي.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 453
تۆھپە : 3
توردا: 69
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 15:37:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا باجالەرنىڭ ناخشىلىرى ئانچە تىتىپ كەتمەيدۇ. ئۇلار بىلەن بىرگە يۈرىدىغان زىيادەنىڭ «سەيدىڭ قويابەر سەيياد»، «ساددا قىز»، «مۇھەببەت» قاتارلىق بىر تۈركۈم ناخشىلىرى يارايدۇ.
ئەمما ئاخۇنجان بىلەن ئازادبىكنىڭ ناخشىلىرىنى ھەقىقەتەنمۇ بەك ياقتۇرىمەن.
ئەمما بۇلارنى يەنىلا بىزنىڭ ئابدۇللاكامغا، ئابدۇرېھىم ھىيىتكاملارغا تەڭ قىلمايمەن. ئابدۇللاكام مېنىڭ نەزىرىمدە بۈگۈنكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى ئىچىدىكى ئۆزىنىڭ سەنئەتتىكى تالانتى، ئادىمىي پەزىلىتى بىلەن بىر گىگانىت شەخىس.
ئۆزھال ئەپەندىنىڭ بۇ ماقالىسى تولىمۇ قىممەتلىك ماقالە بوپتۇ.

ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس، بەلكى بىر شېرىن مەسئۇلىيەت. _ رەشىد

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1254
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 180
تۆھپە : 0
توردا: 16
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 15:25:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخۇنجان مەدەلىيېۋ گە ئوخشاش ئالدىنقى دەۋىر ئۆزبېكىك سەنئىتىدىكى گىگانىتلارنىڭ ناخشا ئەسەرلىرىنى قانداق تاپقىلى بولار، شۇنداق ئۇچراشقىم بار ئىدى...........

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  862
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 452
تۆھپە : 0
توردا: 69
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 15:42:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئەۋەتەي . ئۇچۇردا گەپنى ئىېنىق قىلماپسىز .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش