ئىزدە تور لۇغىتى
تورئىملاچىسى
باش بەت قىلىڭ
ساقلىۋېلىڭ
تىزىملىتىش
كىرىش
قولاي تىزىملىك
باش بەت
Portal
مۇنبەر
BBS
ھويلا
Space
كۆرگەزمىخانا
تور خاتىرىسى
يازغۇچىلار لۇغىتى
تور تېلىۋىزىيسى
›
مۇنبەر
›
مۇنبەر مۇلازىمەت رايونى
›
شىنجاڭ يازغۇچىلار لۇغىتى
›
پەرھات ئىلياس
تىزىملىككە قايتىش
كۆرۈش:
298
|
ئىنكاس:
0
پەرھات ئىلياس
[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
گۈلزىرە
گۈلزىرە
توردا يوق
UID
1409
يازما
7
ھوقۇقى
1
真实姓名
گۈلزىرە تىلەخمەت
نادىر
0
جۇغلانما
186
تىزىملاتقان
2012-6-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-21
دائىملىق ئەزا
دائىملىق ئەزا
, جۇغلانما 186, دەرىجە ئۆسۈش ئۈچۈن 814 جۇغلانما
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:
1409
يازما سانى:
7
نادىر تېمىسى:
0
تېللا:
147
تۆھپە :
4
توردا:
17
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى:
2012-10-21
يوقلاش
دوست
سالام
ئۇچۇر
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 21:25:04
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ياشاشنى تەبىئەتتىن ئۆگەنگەن
چۈچۈك – چۈچۈك گۇڭراشلارنى قوشلاردىن
ۋىلىق – ۋىلىق كۈلۈشلەرنى بۇلاقتىن
تايتاڭ – تايتاڭ مېڭىشلارنى شامالدىن
پىلتىڭ – پىلتىىڭ يۈگۈرۈشلەرنى بېلىقتىن ...
سەھەردە قۇشلارنىڭ چۇرۇلداشلىرى بىلەن تەڭ ئويغىنىپ ، سۈپسۈزۈك ئېرىق سۇلىرىدا يۈزىنى يۇيۇپ ، موزاي – قوزىچاقلار بىلەن تەڭ قىيغىتىپ ،كۆللەردە بېلىقلاردەك پىلتىڭلاپ ئۇزۈپ ، يومشاق توپىلاردا يالىڭئاياق يۈگۈرۈپ ئوينىغان ، مۇمىسىنىڭ قىزىقارلىق ھېكايە – چۆچەكلىرىنى ئاڭلاپ ئاشۇ ھېكايە چۆچەكلەردىكى قەھرىمانلاردەك باتۇر ، ئەقىللىق بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ ئۆتكۈزگەن ئاشۇ كۆڭۈللۈك چاغلارنى قەلبىگە پۇككەن شائىر، يازغۇچى پەرھات ئىلياس چوڭلار ئۈچۈن كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى يىزىپلا قالماي «كىرورانلىق بالىلار»ناملىق رومانىنى يىزىپ بالىلار ھوزۇرىغا سۇندى.
«كىرورانلىق بالىلار»ناملىق بۇ رومان نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن بالىلىرىمىزنىڭ سۆيۈپ ئوقويدىغان ئوقۇشلۇقلىرىدىن بىرى بولۇپلا قالماي ئۇنىڭ يەنە خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىسىمۇ خەنزۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزىقىپ ئوقۇشىغا نائىل بولدى ھەمدە رومان ھەققىدە خەنزۇچە ،ئۇيغۇرچە ئوبزور ماقالىلەر ئىلان قىلىندى،
پەرھات ئىلياسنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1982-يىلى باشلانغان بولۇپ ئۇنىڭ «چوغ سورىغان بالا»ناملىق شىئىرلار توپلىمى ئىلان قىلىنغاندىن كېيىن كەڭ شىئىر ھەۋەسكارلىرىنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقوشىغا مۇيەسسەر بولدى، پەرھات ئىلياس ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا ئۇيغۇر شىئىرىيەتچىلىگىدە بىر مەزگىل غۇلغۇلا پەيدا قىلغان يىڭى شىئىرىيەت ئىقىمىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى بولۇپ ئۇ شىئىرىيەتتە يىڭىچە ئىپادىلەش شەكىللىرىنى قوللىنىپ ئۆزىگە خاس ئىجادىيەت يولىنى داۋاملاشتۇردى،ئۇنىڭ كيىن نەشىر قىلدۇرغان «غالب تەشۋىشلەر» ناملىق شىئىرلار توپلىمى ۋە «شىئىرى تىل ھەققىدە ئىزدىنىش»،«يىڭىچە شىئىرلار ھەققىدە»،«ئۆز ئاۋازىمىز ھەممىدىن مۇھىم»ناملىق ماقالىلىرى ئوبزورچىلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئىرىشتى. ئۇنىڭ شىئىرلىرىدىكى پەلسەپىۋى پىكىرلەرنىڭ قويۇقلىقى، تىل ئىشلىتىش ۋە بەدىئى رەڭدارلىق جەھەتتىكى ماھارىتى دەۋىرداشلارنىڭ ئىتىراپىغا ئىرىشىپ كەلدى.ئۇنىڭ بىر قىسىم شىئىرلىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئىلان قىلدۇرۇلدى.
ئۇ بىر يازغۇچىدا بولۇشقا تىگىشلىك مەسئۇليەت تۇيغۇسى بىلەن رىئال تىمىدىكى پوۋىست ھىكايىلەرنى نەشىر قىلدۇرۇپ ئۇيغۇر ھىكايە پوۋىستچىلىقىغىمۇ خىلى تەسىر كۆرسەتتى،ئۇنىڭ «قومۇشلۇقتىن باشلانغان يوللار»،«ئارمانلار يىلنىجايدۇ» ناملىق پوۋىستلار توپلىمى ، «خىزىر تىككەن سېدە»،«قاسراق»قاتارلىق پوۋىست ،ھىكايىلىرىمۇ كىتاپخانلارنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا ئىرىشتى. ئۇنىڭ «مەندە نىمە گۇناھ»ناملىق پوۋىستى ئاساسىدا سىنارىيەلەشتۇرۇلگەن «ئالىمجان بولۇمسىزمۇ؟»كومىدىيىلىك فىلىم 2005-يىلى قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن «شاكىن»خەلقئارالىق كىنو فىستىۋالىغا قاتناشتۇرۇلۇپ ئىككىنىجى دەرىجىلىك كىنولار قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.
پەرھات ئىلياسنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنىڭ يارقىن نۇقتىسى ئەدەبىي تەرجىمىچىلىكتىمۇ ئالاھىدە گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ ئۇ ھەرقايسى ئەل يازغۇچىلىرنىڭ «يىڭى قاھىرە»«ئاينىتىش»قاتارلىق رومانلىرىنى، «ئالا ئىت قىياسى»«شەكىل ئۆزگىرىش خاتىرىسى» قاتارلىق پوۋىستلارنى، «ئەتىرگۈل قىز»« قاربۇۋاي»قاتارلىق بالىلار كىتابىنى ھەمدە نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن گارسىيە ماركوز قاتارلىق 20نەچچە يازغۇچى شائىرنىڭ 100 پارچىدىن ئارتۇق نۇتۇق، ماقالە، ھىكايە، نەسىرلىرىنى تەرجىمە قىلدى، ئۇ ئۆزىنىڭ شىئىرىيەتكە بولغان ئوتتەك ھەۋىسى بىلەن شئىر تەرجىمىسىگىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ شۇتىڭ ، تاگور، پوشكىن قاتارلىق مەملىكىتىمىز ئىچى – سىرتىدىكى داڭلىق شائىرلارنىڭ 400 پارچىدىن ئارتۇق شىئىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ئىلان قىلدى ھەمدە چەتئەل شائىرلىرىنىڭ نادىر شىئىرلىردىن تەركىپ تاپقان «يارلانغان يۈرەك » ناملىق توپلامنى تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇردى.
تىرىشچانلىق نەتىجىنى، مەسئۇليەتچانلىق مۇۋاپىقىيەتنى،ئىزدىنىش يىڭىلىقنى يارتىدۇ،پەرھات ئىلياسنىڭ توختىماي ئىزدىنىش روھى ئۇنىڭغا ئاز بولمىغان شان – شەرەپلەرنى ئاتا قىلدى،ئۇنىڭ بىر قىسىم شىئىرلىرى ئىكككى نۆۋەت «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا، «كىرورانلىق بالىلار»ناملىق رومانى 2008-يىلى مەملىكەتلىك 9-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيەت «تۇلپار» مۇكاپاتىغا ۋە 2009-يىلى مەملىكەتلىك «بەش بىر قۇرۇلۇش»مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن بولسا يازغۇچى پەرھات ئىلياس ئۆزى 2006-يىلى شىنجاڭ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۈنجى نۆۋەتلىك «ياش يازغۇچىلار مۇكاپاتى »غا ئىرىشتى .
پەرھات ئىلياس ھازىر مائارىپ سىپىدە ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرىسلىك ماتېرىياللىرىنى تۈزۈش، نەشىر قىلدۇرۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانماقتا. ئۇ مائارىپ نەشرىياتىغا كەلگەندىن بۇيان «تىل ئەدەبىيات » دەرىسلىگى ۋە «تىل ئەدەبىيات دەرىسلىگى ئوقۇتۇش قوللانمىسى»نى تۇزۇش جەھەتتە كۆپ ئەجىر سىڭدۇردى،ئۇنىڭ مەسئۇللىقىدا تۇزۇلگەن بىر يۈرۈش «ئوتتۇرا مەكتەپ تىل ئەدەبىيات»دەرىسلىگى دەرس ئىسلاھاتى روھىنى تولۇق ئەكىس ئەتتۇرۇپ بەرگەنلىگى بىلەن كەڭ ئوقۇتقۇچى –ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى .
مۇھەببەت -ئىنسانغا ھەممىنى بىرەلەيدۇ، چۇنكى مۇھەببەت ھالال ئەجىر-مىھنەت، مەڭگۇلۇك ئۆزىنى بىغىشلاش دىمەكتۇر. ئۇنىڭ قەلبىدە ئەنە شۇنداق چەكسىز مۇھەببەت بار ،ئۇ تەبىئەتكە ، ھاياتقا، ئۆز كەسپىگە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىدى، ئۇنىڭ قەدىمى ھەرۋاقىت يىڭى –يىڭى مەنالار، گۈزەل ئارزۇ ئىستەكلەر بىلەن تولغۇسى!!!!
جابدۇق ئىشلىتىش
پاش قىلىش
تىزىملىككە قايتىش
ئالىي ئىنكاس
B
Color
Image
Link
Quote
Code
Smilies
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز
كىرىش
|
تىزىملىتىش
ئىنكاس يوللاش
ئىنكاس يوللاپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتسۇن
كۆرگەن سەھىپە
ياش «قەلەم»
ئىجادىيەت خەۋەرلىرى
مەتبۇئاتلىرىمىز كاتالوگى
خۇش كۈلكىلەر
مۇنبەر ئاۋازى ـ ئېكرانى
پىروزا
تەرجىمە ۋە ئەسلىي ئەسەر
نەسىرلەر
ئوبزور - مۇھاكىمىلەر
يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى
|
新疆作家网
Powered by
Discuz!
X2
(
NurQut Team
)
© 2001-2011
Comsenz Inc.
For
www.xjzjxh.com
جۇغلانما 0, دەرىجە ئۆسۈش ئۈچۈن جۇغلانما
چوققىغا قايتىش