ximal
كۆرۈش: 2167|ئىنكاس: 35

بەگمەت يۈسۈپ نەسىر ئىجادىيتى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  281
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 77
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-7-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 15:20:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



                 ﺑﻪﮔﻤﻪﺕ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﻧﻪﺳﯩﺮ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﯩﺘﻰ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﺪﻯ


2012 - ﻳﯩﻠﻰ 7 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 14 – ﻛﯜﻧﻰ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻗﻮﻣﯘﻝ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ، «ﻗﻮﻣﯘﻝ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ» ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﻰ ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ «ﻗﻮﻣﯘﻝ ﻣﯘﻗﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ» ﻳﯧﻐﯩﻦ ﺯﺍﻟﯩﺪﺍ، ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ، ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ 9 – ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ «ﺗﯘﻟﭙﺎﺭ» ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﮬﯩﺒﻰ، ﻧﻪﺳﯩﺮﭼﻰ، ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﯩﺴﺖ «ﺑﻪﮔﻤﻪﺕ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﻧﻪﺳﯩﺮ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﯩﺘﻰ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ» ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﺪﻯ. ﻳﯧﻐﯩﻨﻐﺎ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ – ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻗﻮﻣﯘﻝ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ، «ﻗﻮﻣﯘﻝ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ» ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﻣﯘﮬﻪﺭﺭﯨﺮﻯ ﺳﻪﻣﻪﺕ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺍﮬﻤﺎﻥ ﻗﻮﭼﯩﻐﯘﻥ ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﻳﯧﻐﯩﻨﻐﺎ ﻗﻮﻣﯘﻟﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺭﻩﮬﺒﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﻰ.
ﻳﯩﻐﯩﻨﻐﺎ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ – ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﺸﯘﻧﺎﺱ، ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ، ﺩﻭﻛﺘﻮﺭ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﺴﻰ ﺋﺎﺯﺍﺩ ﺭﻩﮬﻤﯩﺘﯩﻼ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ – ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ، «ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻍ» ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﻣﯘﮬﻪﺭﺭﯨﺮﻯ ﭘﻮﻻﺕ ﮬﯧﯟﯨﺰﯗﻟﻼ ﯞﻩ ﺑﻪﮔﻤﻪﺕ ﻳﯜﺳﯜﭘﻨﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ، ﺋﺎﻗﺴﯘ، ﻛﻮﺭﻻ، ﺋﺎﻗﺘﯘ، ﺧﻮﺗﻪﻥ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ، ﻗﻮﻣﯘﻟﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻗﻪﻟﻪﻣﻜﻪﺷﻠﻪﺭ، ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﻰ. ﻳﯧﻐﯩﻦ ﻧﺎﮬﺎﻳﺘﻰ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ. ﻳﯧﻐﯩﻨﺪﺍ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﻗﯩﭗ ﺗﻮﻣﯘﺭ ﺟﯘﺑﻪﻳﺮﻯ، ﻳﺎﻗﯘﭖ ﻛﯧﺮﻩﻡ، ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ ﺭﻭﺯﻯ، ﭘﻮﻻﺕ ﮬﯧﯟﯨﺰﯗﻟﻼ، ﺋﺎﺯﺍﺩ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ، ﺳﻪﻣﻪﺕ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺍﮬﻤﺎﻥ ﻗﻮﭼﯩﻐﯘﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﻪﻟﻪﻣﻜﻪﺷﻠﻪﺭ ﺑﻪﮔﻤﻪﺕ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﻧﻪﺳﺮﻟﯩﺮﻯ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ.
ﻛﻪﭼﺘﻪ ﻗﻮﻣﯘﻝ «ﺋﯜﺯﯛﻣﺰﺍﺭ ﺭﯦﺴﺘﻮﺭﺍﻧﻰ»ﺩﺍ «ﻣﯘﻗﺎﻡ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ»ﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﻟﻨﻪﻏﻤﯩﭽﯩﻠﻪﺭ ﮬﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻘﯩﺪﺍ ﻳﯧﻐﯩﻦ ﺷﻪﺭﯨﭙﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪﺵ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﻯ. ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﻪﻝ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﺎﺭ، ﻗﺎﺑﯩﻞ ﺭﻩﮬﺒﻪﺭ ﺗﻮﺧﺘﯩﺨﺎﻥ ﯞﺍﻟﯩﻲ ﺑﻪﮔﻤﻪﺕ ﻳﯜﺳﯜﭘﻜﻪ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﺗﻪﺑﺮﯨﻚ ﺳﯚﺯﻯ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﯞﻩ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﯦﻜﻼﻣﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﺪﻯ.

    ﺑﻪﮔﻤﻪﺕ

  ﺗﻮﺧﺘﯩﺨﺎﻥ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ

ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻝ، ﮬﺎﻣﺎﻥ ﻳﯘﺭﺕ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺳﻪﻥ ﺑﻪﮔﻤﻪﺕ،
ﻳﯘﺭﺕ ﺩﯦﻤﻪﻙ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻗﻮﻣﯘﻝ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﯩﺪﯗﺭ، ﺑﻪﮔﻤﻪﺕ.

«ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﯩﻦ ﺗﻪﺑﻪﺳﺴﯘﻡ» ﺋﻪﻳﻠﻪﭖ، ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﯔ ﻗﺎﺭﺍﻣﺎﻳﺪﯨﻦ،
ﺩﻩﭖ «ﻧﺎﺩﺍﻥ ﻣﯘﺧﻠﯩﺴﻼﺭ» ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺗﻪﺷﻨﺎﺳﯩﺪﯗﺭ، ﺑﻪﮔﻤﻪﺕ.

ﻣﺎﻧﺎ ﺋﻪﻣﺪﻯ «ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﺋﺎﺭﯨﻠﻰ» ﭼﯚﻣﺪﻯ ﺋﯩﺮﭘﺎﻥ ﺋﻪﻳﻴﺎﻣﯩﻐﺎ،
«ﻗﯘﻣﯘﻝ ﻣﻪﺷﺮﯨﭙﻰ» ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺷﻪﻳﺪﺍﻳﯩﻐﺎ.

«ﺋﺎﻕ ﺑﻮﺯ ﺋﺎﺕ» ﺑﯩﺮ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ، ﺋﺎﯕﻼﺷﻘﺎ ﺧﻮﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ،
«ﻗﺎﺭﺍ ﺷﺎﺭﻗﯩﺮﺍﺗﻤﺎ»ﺩﻩﻙ ﻗﻪﻟﺒﻨﻰ ﻟﻪﺭﺯﯨﮕﻪ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻪﮔﻤﻪﺕ.

ﺟﺎﭘﺎﻧﻰ ﺭﺍﮬﻪﺕ ﺑﯩﻠﯩﭗ، ﻛﯧﭽﻪ – ﺋﺎﺧﺸﺎﻡ ﻧﯘﺭ – ﺯﯨﻴﺎ ﺩﯦﺪﯨﯔ،
ﺋﺎﺭﺍﻣﻨﻰ ﺗﻪﺭﻙ ﺋﯧﺘﯩﭗ، ﻣﻪﻧﺰﯨﻞ ﺋﯜﭼﯜﻥ «ﺋﺎﻟﻐﺎ!» ﺩﯦﺪﯨﯔ.

«ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ»ﻧﻰ ﺩﻩﯞﺭ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻤﻰ ﺑﯩﻠﺪﯨﯔ،
ﻣﺎﻧﺎ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﺎﻟﻘﯩﺶ ﮔﯜﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚﻛﺴﯩﮕﻪ ﺗﺎﻗﯩﻐﺎﻥ ﺑﻪﮔﻤﻪﺕ.

ﺑﻪﮔﻤﻪﺕ ﻳﯜﺳﯜﭘﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﮭﺎﻟﻰ

ﻧﻪﺳﯩﺮﭼﻰ، ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﯩﺴﺖ ﺑﻪﮔﻤﻪﺕ ﻳﯜﺳﯜﭖ، 1964-ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻮﻣﯘﻝ ﻗﺎﺭﺍ ﺩﯙﯞﯨﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ. 1987-ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻥ،ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻧﯧﻔﯩﺖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﻰ، ﻗﻮﻣﯘﻝ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ، ﺗﯩﻞ - ﻳﯧﺰﯨﻖ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﻰ، ﻗﻮﻣﯘﻝ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻛﯧﯖﻪﺵ، ﻗﻮﻣﯘﻝ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﻰ، «ﻗﻮﻣﯘﻝ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ» ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﻰ ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺑﯚﻟﯜﻣﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ. ﮬﺎﺯﯨﺮ «ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ» ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ  ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺑﺎﺵ ﻣﯘﮬﻪﺭﺭﯨﺮﻯ، ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺑﯚﻟﯜﻡ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﻤﻪﻛﺘﻪ.
ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ: «ﻗﻮﻣﯘﻝ ﻣﯘﻗﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﻮﻣﯘﻣﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ»،«ﻗﻮﻣﯘﻝ ﻣﯘﻗﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻭﻻﻥ ﻣﯘﻗﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﭘﻪﺭﻗﻰ»، «ﻗﻮﻣﯘﻝ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﻰ»، «ﻗﻮﻏﯘﻥ ﻳﯘﺭﺗﯩﺪﺍ ﻧﻪﯞﺭﯗﺯ» «ﻗﻮﻣﯘﻝ ﻣﻪﺷﺮﯨﭙﻰ» «ﻗﻮﻣﯘﻝ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺑﻪﺯﻣﻪ»  «ﻛﯚﻛﻠﻪﻡ ﻧﺎﯞﺍﺳﻰ» «ﺋﺎﺭﺍﺗﯜﺭﯛﻙ ﻣﻪﺷﺮﯨﭙﻰ» «ﻗﻮﻏﯘﻥ ﻳﯘﺭﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺑﯘﻟﯩﻘﻰ» «ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻗﯘﻣﯘﻝ ﻣﯘﻗﺎﻣﭽﯩﻠﯩﺮﻯ» (ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ 1996 – ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 2006 – ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﻭﺭﺩﺍ ﺋﺎﻣﻤﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯜﺯ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪﻥ) ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ، ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺳﯧﻨﺎﺭﯨﻴﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ. ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ «ﻧﺎﺩﺍﻥ ﻣﯘﺧﻠﯩﺴﻼﺭ»، «ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﺋﺎﺭﯨﻠﻰ»، «ﺋﺎﻕ ﺑﻮﺯ ﺋﺎﺕ»، «ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪﺑﻪﺳﺴﯘﻡ»،«ﻗﺎﺭﺍ ﺷﺎﺭﻗﯩﺮﺍﺗﻤﺎ» ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﯧﺌﯩﺮ، ﻧﻪﺳﺮﻟﻪﺭ ﺗﻮﭘﻼﻣﻠﯩﺮﻯ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.
ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ «ﺗﯘﻟﭙﺎﺭ» ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ «ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻍ  ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ - ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ» ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﯞﻩ «ﺧﺎﻧﺘﻪﯕﺮﻯ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ» ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ.
ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﻧﻪﺳﺮﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﯟﻯ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﺪﺍ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ،  ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﺋﻮﻳﻨﺎﻕ ﺗﯩﻞ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﯞﻩ ﻟﯩﺮﯨﻚ ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﮬﺎﻳﺎﺗﻘﺎ، ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﻠﯩﻜﻜﻪ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻘﺎ ﭼﯩﻦ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻜﻪ ﻣﻪﺩﮬﯩﻴﻪ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯗ. ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ، ﺋﯩﻨﺎﻗﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺟﯘﺷﻘﯘﻧﻠﯘﻗﻨﻰ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺭﻩﺯﯨﻠﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺧﺎﮬﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﻪﭘﺮﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﻪﺳﺮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﺩﻩﺑﺪﻩﺑﯩﻠﯩﻚ ﻧﻪﺳﺮﭼﯩﻠﯩﻚ ﺗﯩﻞ ﺧﺎﮬﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺧﺎﻟﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﯧﻨﯩﻚ، ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺗﯩﻞ ﯞﺍﺳﯩﺘﯩﺴﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﻗﺎﻳﻨﯩﻤﯩﻐﺎ ﺑﯚﺳﯜﭖ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﺪﻩ ﺷﯧﺌﯩﺮﻯ ﺳﯧﺰﯨﻢ، ﺷﯧﺌﯩﺮﻯ ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺕ ﯞﻩ ﺋﻪﻗﻠﯩﻲ ﺗﯘﻳﻐﯘ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.  
(ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﮭﺎﻟﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻧﺪﻯ)
ﻳﯧﻐﯩﻦ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ ﻳﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.



Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30
يازما سانى: 496
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2653
تۆھپە : 8
توردا: 196
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 15:53:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن!
خېلى بۇرۇنلا ئېچىلىشقا تېگىشلىك بۇ مۇھاكىمە يىغىنى  قوچىغۇن قاتارلىقلارنىڭ تەشكىلاتچىلىقىدا ئاخىرى ئېچىلىپتۇ.

Men Dunyagha Yoluchimen, Helila Ketimen!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  47
يازما سانى: 323
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 736
تۆھپە : 3
توردا: 267
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 15:54:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان قىزىم بىلەن بىللە ئاپتۇرلارنى يادلىغاندا‹بەگمەت يۈسۈپ› دەپ يادلىغىنم ئىسمدە،ژانىرى نەسىرمىدۇ؟ئەسەر ئىسىمدە قالماپتۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1650
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 173
تۆھپە : 0
توردا: 34
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 16:01:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەگمەت يۇسۇپ ئەپەندىمنىڭ تىنىگە ساغلىق ئىجادىيتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  334
يازما سانى: 639
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2258
تۆھپە : 18
توردا: 416
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 16:16:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بو ئەزىزلىرىم سۇرەتكە تۇشمىگەنمىدو؟! ھەجەپ كۇرگۇم كەلدى.

گۇھەر ياتىدو سايدا قازمىسا

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  114
يازما سانى: 217
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 575
تۆھپە : 11
توردا: 97
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 16:17:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەگمەت يۈسۈپ ئاكىنىڭ نەسىرلىرى توغىرسىدا ئىلمى مۇھاكىمە يىغنىنىڭ غەلبىلىك ئېچىلغانلىقىنى تەبىرىكلەيمەن. ھەمدە بەگمەت ئاكىنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيىتگە بەركەت، تىنىگە ساقلىق تىلەيمەن. مۇبارەك بولسۇن!

ئۆزلۈك تۇيغۇمىزنى ئويغۇتايلى!

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  281
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 77
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-7-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 16:22:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
.................................
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ulughturk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-20 17:12  


未命名01.jpg
未命名03.jpg
未命名02.jpg
未命名05.jpg
未命名04.jpg

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  832
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 221
تۆھپە : 0
توردا: 30
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 16:22:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەگمەتكامنىڭ بۇ مۇھاكىمە يىغىنى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش بولۇپتۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، مەيلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى بولامدۇ ياكى ۋىلايەت، ناھىيىلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بولامدۇ مۇشۇنداق مۇھاكىمىلەرنى كۆپرەك ئۆتكۈزسە، يازغۇچى-شائىرلارنىڭ ئۇتۇكلىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈلسە بولاتتى.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  281
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 77
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-7-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 16:23:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.ئى.پەروزان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-20 17:06  


未命名07.jpg
未命名08.jpg
未命名09.jpg
未命名06.jpg

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  69
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 616
تۆھپە : 9
توردا: 217
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 16:32:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   مۇباراەك بولسۇن! ﻗﻮﻣﯘﻝ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ، «ﻗﻮﻣﯘﻝ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ» ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﻰ ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺑﯚﻟﯜمىگە تەشەككۈر.

كارىزلارنى قۇتۇلدۇرۇش، كارىزلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ھەر بىرىمىزنىڭ بۇرچى!

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  127
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 152
تۆھپە : 3
توردا: 21
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 16:38:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىر ،نەسىرچى بەگمەت يۈسۈپنىڭ ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىغا مۇبارەت بولسۇن !
ھۆرمەت بىلەن بەرقى

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1327
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 374
تۆھپە : 0
توردا: 41
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 16:39:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىدىكى كۇرسانتلار نامىدىن قۇتلۇق بولسۇن، بۇ ئەنجۈمەننى ئۇيۇشتۇرغان ئەدەبىيات سۆيەرلەرگە بىزدىن سالاملار بولسۇن! بەگمەت يۈسۈپ ئاللىقچان بۇ شەرەپكە لايىق ئىدى.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  301
يازما سانى: 670
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1395
تۆھپە : 1
توردا: 533
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 16:47:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەگمەت يۈسۈپ ئاكىنىڭ ئىجادىيەت مۇھامىكە يىغىنىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلگەنلىكىگە مۇبارەك بولسۇن. ئاپتۇرنىڭ ئىجادىيەت تۇلپىرى توختىماي  چاپچىپ تۇرسۇن.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  228
يازما سانى: 1019
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2217
تۆھپە : 14
توردا: 246
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 17:39:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەگمەت يۈسۈپ ئاكىنىڭ ئىجادىيەتلىرىگە ئۇتۇق ، تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن.

مەن ئېتىمنى تاغقا قويسام،
يۈرۈپتۇ سايدا.
بىر ئاتىدىن يەتتە ئىدۇق،
ئالتىمىز قايدا؟!
                       -ئۇيغۇر خەلق

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1712
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 789
تۆھپە : 0
توردا: 92
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 18:11:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ، بەگمەت يۈسۈپ ئەپەندىنىڭ ئىجادىيىتىگە يېڭى ئۇتۇقلار يار بولسۇن !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش