كۆرۈش: 5079|ئىنكاس: 13

كومپيۇتېرلىشىش سودا-تىجارەت -تۇردى لېتىپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كومپيۇتېرلىشىش سودا-تىجارەتتە روناق تېپىش ياكى مەغلۇب بولۇشىنى بەلگىلەپ قويىدۇ

—نەزىرىڭىز سودا- تىجارەتنى قېلىپلاشتۇرغۇچى، ئاپتۇماتلاشتۇرغۇچى ۋە ئاسانلاشتۇرغۇچى ئىزگۈ شىركىتىنىڭ ئىش پائالىيەتلىرىدە بولسۇن!

  تۇردى لېتىپ

شۇنداق بىر تېما يېزىشقا مۇۋەپپەق بولۇپ تۇرۇپتىمەنكى، مۇشۇ يەرگە پۈتۈلگەن ھەر بىر كەلىمە سۆز ساختىلىقتىن زىنھار خالىي، مەنپەئەتپەرەسلىكنىڭ زەرىچىلىرى ئىللا يوشۇرۇنمىغان، ئادىللىق تارازىسىدا تەڭپۇشلاشتۇرۇشقا ئەرزىيدىغان، لىللا سۆز ئىبارىلەردىن تەركىپ تېپىشى كېرەك. چۈنكى تېما ئىگىسى دەل مۇشۇ ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان ئادىللىق تارازىسىنى مەھكەم تۇتقۇچىدۇر.
كونا يېڭى دوستلار مېنى تىلغا ئېلىشقىنىدا، ئالدى بىلەن تارازا، ئاندىن قالسا يانفوننى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىشىدۇ. تارازا بولۇشىدا مېنىڭ ئاسما، تاياقسىمان تارازىنى ئېلېكترونلۇق، رەقەملىك تارازىغا ئايلاندۇرۇشتا ھەسسەمنىڭ بولغانلىقىدىن بولسا، يانفوننى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈشىدە ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان قول تېلېفونىنى ئاشخانا-رېستورانلارغا باشلاپ كېرەلىگەنلىكىمدىندۇر.
ھەق گەپنى ھەقلىق تارازىسىغا سالىدىغان بولساق، بۇ گەپنىڭ ھەقىلىقىغە بولغان ئىشەنچىمىز ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. كومپيۇتېر، ئىنتېرنېت دەۋرىدە ھەق بىلەن ناھەقنى پەرقلەندۈرۈش تولىمۇ قىيىنلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن كۆپلىگەن كىشىلىرىمىزنىڭ ھەق گەپلەرگە بولغان گۇمانى ئېشىپ كەتتى. شۇنداق، بىر ھەق ئىشنى مەن بىلەن دەتالاش قىلغۇچىغا ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن «ئەگەر گېپىم يالغان بولساـ ئېيتقانلىرىم روياپقا چىقمىسا، نەق مەيدان مۇشۇ بىنانىڭ 33 – قەۋىتىدىن سەكرەپ بېرىمەن» دەپ ۋەدە بەرگىنىم ھېلىمۇ ئېسىمدە، ناھال، ھېلىمۇ شۇ ئورۇندا ساق ئولتۇرۇپتىمەن. مېنى شۇ ۋەدىنى قىلىشقا مەجبۇر قىلغۇچى بولسا مۇشۇ كۈنلەدە ماڭا بەش كۈنلۈك يەردىن سالامغا كېلىدۇ، خالاس.
يېقىندا دوستلار ئارا سورۇندا پاراڭ ئارىسىدا، كومپيۇتېرلىشىشنىڭ زۆرۈرلىكى تەكىتلىنىپ قالدى ۋە يانفونلارنىڭ ئاللا-كارامەتلىك ئىقىتىدارلىرى توغىرسىدا گەپ بولۇنغاچقا، بىر دوستۇم يان تېلېفونىنى چىقىرىپ ماڭا «كيۇ كيۇ» نى بار قىلىپ بېرىشنى ئۆتۈندى. گەرچە مەن ئانچە ئويناپ باقمىغان ناتونۇش يانفونلاردىن بولسىمۇ، ئۇنداق-مۇنداق بېسىپ يۈرۈپ توردىن «كيۇ كيۇ» دىن بىرنى چۈشۈرۈپ بەردىم. لېكىن زادىلا تورغا چىققىلى بولمىدى، تورغا چىقىدىغان مۇلازىمېتىنى ئاچتۇرمىغان بولغىمىتى دېسەم، «كيۇ كيۇ» نى توردىن چۈشۈردۈمغۇ، دىلىغۇل بولۇپ يانفوننى قولىغا بەردىم. تارقاش ۋاقتىدا دوستۇم «ئۇچۇر يوللىغىلىمۇ بولمايۋاتىدۇ» دەپ نارازى بولغاندەكمۇ قىلدى. نېمە ئىشلىقىنى بىلەلمەي بېشىم قاتتى. ئەتىسى دوستۇمنىڭ قىلغان تېلېفونى ئىشنىڭ ھەقىقىيىتىنى ئېچىپ بەردى. تېلېفونى توختاپ قالغان ئىكەن. ھەققى بىر ئاخشامدىلا 200 يۈەن ئەتراپىدا ئېشىپ كېتىپ، مەجبۇرىي توختالغان ئىكەن. دوستۇم ئەتىسى تېلېگراف مۇلازىمەت زالىغا بېرىپ ئاندىن بۇ ئىشنى بىلىپتۇ. تەسەللىي ئورنىدا:
-ئىككى تال مەۋھۇم پىنگىۋىننى 200 يۈەنگە سېتىۋاپتۇق-تە، دەپ چاخچاق قىلدىم دوستۇمغا.- چۈنكى پىنگىۋىننى قانداق چۈشۈرۈشنى مەن بىلگىنىم بىلەن، چۈشۈرگەنگە ھەقنى قانداق ئېلىشنى مەن بەلگىلىمەيمەن- دە.
ناھال، يانفوننى ئاشخانا رېستورانلارغا تەدبىقلاشتا ئۇتۇق قازانغانلىقىم راست، لېكىن مەن يانفوننى تېلېگىرافنىڭ ھامىيلىقىدىن خالىي ھالدا شۇ دائىرىدە قۇرۇپ چىقىلغان سىمسىز سىگنال تورىدا خىزمەت قىلىدىغان قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن كېيىنكى پايدىلىنىشتا ھەق تەلەپ قىلىنمايدۇ.
تېخنىكا جەھەتتە تولىمۇ قىزىقارلىق تويۇلىدىغان بۇ ئىش بىر قىسىم ياش ھەۋەسكارلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىماي قالمايدۇ ئەلۋەتتە. شۇنداقلا تېخنىكىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ئىقتىسادىي مەنپەئەت بىر قىسىم مەبلەغ سالغۇچىلارنىمۇ جەلىپ قىلىدۇ. نەتىجىدە بىر قىسىم ياشلار ئويۇشۇپ، كارخانا قۇرۇپ، مەن قىلىۋاتقان بۇ ئىشنى قىلىپ باقماقچى بولۇپ بازارغا ئات سېلىشتى. ھەتتا بىر قىسىم يەرلەرگە ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى ئورنىتىشتى.
بازاردا رىقابەتچى بولۇش بۇ يامان ئىش ئەمەس، شۇغىنىسى بۇ رىقابەتچىلەر ساختىلىقتىن خالىي بولالمىدى. تېخنىكا جەھەتتە ئاجىزلىقلار كۆرۈلدى. نەتىجىدە خېرىدارلىرىنى رەنجىتىپ قويدى. ئىشنى قىلىپ پۇلنى ئېلىپ قۇيرۇقىنى قىسىپ، تېلېفونىنى ئېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولدى. شۇنىڭ بىلەن ماڭا ئىككىلەمچى خېرىدارلار ئاۋۇدى. ئۇلار بىكاردىن-بېكار باشقىلارنىڭ ئازدۇرۇشىغا ئىشىنىپ، پۇلنى بىر قېتىم باشقىلارغا خەجلەپ، زىياندىن كېيىن ئاندىن ماڭا دەردىنى تۆكۈشىۋاتاتتى...
ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلاردا ئازدۇرۇش ھېلىسى كۆپ. قارىماققا ئوخشاش نەرسىلەر، ئەمەلىيەتتە پەرق زور، ئەلۋەتتە باھا پەرقىمۇ چوڭ. ھەممىدە ئەرزاننى ئېلىشنى ئىستەيدىغان كىشىلەر ئاسانلا ئالدىنىپ قالىدۇ. شۇڭىمۇ تېخنىكىلىق نەرسىلەرگە پۇل خەجلەپ ھوزۇرىنى كۆرەلمەيدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ.
شۇنداق بىر كونا تونۇشىمىز بولىدىغان، ئاشخانا- رېستورانلارغا مۇناسىۋەتلىك كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان. يېقىندا كەسىپ ئۆزگەرتىپ رېستوران ئېچىشقا تۇتۇنۇپتۇ. شۇ ئويغا كەلگەن كۈندىن باشلاپ مەن ۋە مەن قاتارلىق ئاغىينىلەرنىڭ ھەممىسىگە قىلماقچى بولغان ئىشىنى دەپ، پۇل- ئىقتىسادىنى باشقۇرۇشقا مېنىڭدىن بىر نەرسە ئالىدىغانلىقىدىن شىپە كەلتۈرۈپ يۈردى. ماڭىمۇ تولا تېلېفون قىلىپ، ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىن مېنى خەۋەردار قىلىپ تۇردى. ئاخىرى بۇ ئورۇنمۇ پۈتۈپ سىناق تەرىقىسىدە سېتىشنى باشلاشقا تۇتۇنۇپتۇ. ماڭا تېلېفون قىلىپ «سىستېماڭنى قوراشتۇر» دەپ بۇيرۇق سوققانمۇ بولدى. مەن نەق مەيدانغا باردىم، تونۇشۇمنىڭ مەن بىلەن پاراڭلىشىدىغانغا ھەپسىلىسى يوق. نېمىلەرنى سەپلەشنىڭ پىلانىمۇ يوق. سېتىشنىڭ قائىدىسى، باشقۇرۇشنىڭ قېلىپىمۇ يوق. مەن ئۇلارنىڭ تىجارىتى بىر مەزگىل تەرتىپكە چۈشكەندىن كېيىن ئاندىن ئويلاشساق بولغۇدەك دەپ يولۇمغا ماڭدىم. ھەپتە بولغاندا ئۇلار سودىسىنىڭ قالايمىقان بولۇپ كەتكىنىدىن چىدىماي، تەرەپ تەرەپكە تېلېفون قىلىپ ماڭا خەۋەر بېرىشكە باشلىدى. ھەتتا ئارىمىزدىكى يېقىن دوستلارنى ئارىغا سالغانمۇ بولدى. مەن «ھېسابلىق دوست ئايرىلماس» دېگەن قائىدە بويىچە ئارتۇقچە ئىندىمەي، ئىشلىتىدىغان نەرسىلەرنىڭ تىزىملىكى ۋە پۇل تاپشۇرۇش ئۇسۇلى، كېيىنكى مۇلازمەت توختامى قاتارلىقلارنى تەخلەپ ئادەملىرىمدىن ماڭدۇردۇم. تونۇشۇمنىڭ بولارنى كۆرەرگە كۆزى يوق. تېزراق ئىشنى باشلىمىغانلىقىمىزدىن تىت- تىت بولۇپ، جەھلى بىلەن تېلېفوننى ماڭا ئۇردى. مەن ئەھۋالنى چۈشەندۈردۈم. كېلىشىۋېلىشىمىز كېرەكلىكى، ئالدىن 80% پۇلنى نەق تاپشۈرۈش كېرەكلىكىنى ئېنىق ئېيتتىم. ئۇ جان جەھلىدە «باشقىلارغا قىلدۇرىمەن» دەپ تېلېفوننى ئۈزدى. «دوستقا بىر نەرسە ساتساڭ چوقۇم ياخشىسىنى سېتىشىڭ كېرەك، سالاغا كېتىپ قېلىپ، ئېنىقسىز ئىش قىلىپ قويساڭ، كېيىنكى باش ئاغىرقى يامان» دەپ ئويلايدىغان مەن ئارتۇقچە ۋايىم يەپ كەتمىدىم.
شۇ تېلېفون ئۇزۇلگەندىن كېيىن، كونا خېرىدارلىرىمدىن تېلېفون كېلىشكە باشلىدى، مەزمۇنى شۇ تونۇشۇمنىڭ ئۆزىگە تېلېفون قىلىپ، ماڭا ئوخشاش سىستېما ئورنىتىدىغانلارنى تونۇشتۇرۇشنى ئۆتۈنگەنلىكى، ئۇلارنى بىلگەن تەغدىردىمۇ مەھسۇلاتلىرنىڭ سۈپىتى ۋە كېيىنكى مۇلازىمىتىدىن زارلىنىشنىڭ كۆپلىكىنى بىلگەچكە، ئۇلارنى تەۋىسسىيە قىلىشقا پېتىنالمىغانلىقى، مەن ـ يەنىلا مېنى تەۋىسسىيە قىلغانلىقى توغرىسىدا ئىدى. ھەتتا بىر كونا خېرىدارىم كونا ئاشخانىسىغا مېنىڭكىنى ئورنىتىپ، يېقىندا ئاچقان يېڭى بىر ئاشخانىسىغا ئەرزانكەن دەپ باشقىلارنىڭكىنى ئورناتقان ئىدى. ئۇمۇ ئوخشاشلا «ئەرزان مالنىڭ شورپىسى يوق» ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، مېنى تەۋىسسىيە قىلغان ئىدى.
شۇ تەرىزىدە بىر ھەپتە ئىچىدە قەستەن بارلىق مېنىڭكىدىن باشقا سىستېمىنى ئىشلىتىۋاتقان ئورۇنلارنى سۈرۈشتۈرۈپ چىققان بولغۇسى خېرىدارىمىز نائىلاج مېنى ئىزدىمەي، قول ئاستىمدىكى غوللۇق خادىمىمنى ئىزدەپ، پۇلنى نەق تاپشۇرۇپ مال ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، كېلىشىپتۇ.
شۇنداق بىز ئىزگۈ شىركىتى ھەر بىر قېتىملىق سېتىشنى تالاي مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ ئاندىن ۋۇجۇتقا چىقىرىپ كەلدۇق ۋە مەڭگۈ ئىگە بولۇش پۇزۇتسىيەسىدە بولدۇق. ھازىرغىچە تۇراقلىق خېرىدارىمىز ئىككىيۈزدىن ئاشتى. بۇنىڭدا بىر قسىملىرىنى چىن سەمىمىيىتىمىز بىلەن تەنپەنلىشىپ قولغا كەلتۈردۇق. بىر قىسىملىرىنى رەت قىلدۇق. مەسىلەن ئۈرۈمچى دىۋوپو ئايرۇدۇرۇمى ئىشچى خىزمەتچىلەر ئاشخانىسى ئۈچ ئورۇننى تالىشىپ قولغا كەلتۈردۇق. كارېفور تاللا بازىرى ئۈچ دۇكاننىڭ تېخنىكا مۇلازىمىتىنى 3 يېرىم يىل قىلغاندىن كېيىن، رەت قىلىپ تاشلىدۇق. باشقا خېرىدارلىرىمىزمۇ يۇرتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تارتىپ ئىچكىرى ئۆلكە ھەتتا قوشنا ئەللەرگىچە كېڭەيدى.
قىلىۋاتقان ئىشىمىز تېخنىكىلىق ئىش، خەلقىمىزنىڭ چۈشەنمىكى تەس. چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنى بىر يېرىم يىل ئىشلەپ تىنماي يېزىپ تەشۋىق قىلدۇق، ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ سەمىمىيىتىمىزنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ تۇرۇپ، داۋاملىق تەشۋىق قىلىپ تۇرىدىغانلىمىز ئېنىق.
باشتا ئېيتقىنىمىزدەك ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنىڭ راستىسى بىلەن ساختىسىنى ئايرىماق تەس. بىز ساختىسىنى سۆكۈپ كەلدۇق. كەڭ ئىستىمالچىلارنى تېزراق كومپيۇتېرلىشىشقا، سودا تىجارىتىنى كومپيۇتېر ۋە كومپيۇتېرلاشقان سىستېمىلار ئارقىلىق روناق تاپقۇزۇشقا تەۋىسسىيە قىلىپ كەلدۇق. ھېلىھەم شۇ مەقسەتتىمىز. كۆپچىلىكنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا تېلەكداشمىز. كۆپچىلىككە رەھمەت.



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-5 11:51:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  
                                    مېنىڭ كەسپىم

                                     تۇردى لېتىپ

كۆپ ھاللاردا باشقىلارغا ئۆزەمنىڭ زادى نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىمنى بىلدۈرمىكىم ئۇنچە ئاسانغا چۈشمەيدۇ. شۇڭىمۇ بىرەر قېتىم سورۇندا ئولتۇرۇپ باقمىغان تونۇشلار بىلەن تازا چۈشىنىشىپ بولالمايدىغان مەن، دائىم ئۆزەمنى نېمە دەپ تونۇشتۇرۇش توغرىلىق ئويلىنىپ قالىمەن. تولا باشقىلار تازا چۈشەنمەيدىغان گەپلەرنى دەپ قارشى تەرەپنى گاڭگىرىتىپ قويغاندىن كۆرە، ھەممە بىلىدىغان كونا سۆزلەر بىلەن ئۆزەمنى تونۇشتۇرۇشقا تىرىشىمەن. بەزىدە شۇنداق دېگىممۇ كېلىدۇ:
يېڭى زاماندىكى «ئالالمىغانغا ئېلىشىپ بېرىپ، ساتالمىغانغا سېتىشىپ بېرىپ، ئوتتۇرىدىن ئىككى تەڭگە.....» بەلكىم ئۇنداق دېسەم مېنى «ئۇلاق بازىرىدىكى بېدىك»مىكى دەپ قېلىشى مۇمكىن. سودا توغرىلىق گەپلەرنى كۆپرەك قىلسام كېرەك، بەزى يېڭى تونۇشلار يانفونىغا مېنى «سودىگەر تۇردى» (商人) دەپ ساقلاپ قويۇپتۇ. ئىلگىرى كونا ساۋاقداشلىرىم «يۇلۇپ ئالار شۇڭقار شىركىتىنىڭ باش درېكتورى» دەپ چاقچاق قىلغان چاغلىرىمۇ بولغان. ئەمدى ئۆزەمنىڭ سودىنى بەكرەك چۈشىنىدىغانلىقىم تۈپەيلى «قويمىچى» ئاتىلىپ قېلىۋاتقىنىمنى كۆرمەمدىغان. شۇڭىمۇ ئىلگىرى بىر قېتىم «مەن زادى نېمىچى» دەپ توختالغان بىر تېما بولغان ئىدى.
دەرۋەقە، مەن سودىنى بەكرەك چۈشىنىمەن. ئەپسۇس بىۋاسىتە ئېلىپ سېتىش قىلمايمەن. مۇنداق دېسەم يەڭ ئىچىدە مۆكتۈرۈپ سودا قىلىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قالماڭ، ئەكسىچە مەن دەل شۇنداق پارتىزانچە سودىنى قېلىپلاشتۇرغۇچى، ھېساب كىتابى ئېنىق ئەمەس، قويغان تۇتقىنىنى ئېنىق ئايرىيالمايدىغان، تاپاۋىتى ئېنىقسىز مۇجمەل سودىنى ئادىل، سەمىمىيلىك تارازىسىغا سېلىپ يولىغا چۈشۈرگۈچىمەن. گەپنىڭ بېشىنى باشلىسام مېنى «باجگىر» مۇسىز؟ دەپ سورىغۇڭىز كەلگەندۇ، ئۇنداقمۇ ئەمەس. مەن مەمۇرىي ئەمەس، مەن ئەركىن ئادەم، ئۆز رىسقىمنى ئۆزەم تېپىپ يەيمەن.
مېنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان كەسپىم ئېلېكتىرىك ئاپتوماتلاشتۇرۇش. قوشۇمچە ياپون تىلىنى ياخشى ئۆگىنىپ قويغانلىقىم ئۈچۈن ياپونيەلىكلەرنىڭ زاۋۇتىدا ئىشلەش نېسىپ بولغان. كەسپىم ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ بارلىق ئىچكى ھالقىلىرىنى بىلىشكە پايدىلىق بولغان بولسا، تىل ئالاھىدىلىكىم ياپونىيەلىكلەردىن خىزمەت ۋە ئادەم بولۇش ئىستىلىنى ئۆگىنىشىمگە يول ئېچىپ بەرگەن. ئىشلەيدىغان مەھسۇلاتلىرىمىز ئەڭ دەسلەپ ۋاقىت بەلگىلەيدىغان ئۈستەل- تام سائىتى بولغان بولسا، كېيىنچە پۇل سانىنى سوقۇپ ھېسابلايدىغان تالون ئۇرۇدىغان ھېسابلاش ماشىنىسى، مال سېتىشتا ئىشلىتىلىدىغان توك غەللە ۋە پېچەت ئۇرۇدىغان توك تارارا قاتارلىق سودىدا ئىشلىتىلىدىغان ئىنچىكە تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەر ئىدى. بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىچكى يۇمشاق دېتال قىسمى ۋە ئىشلەتكۈچىگە زۆرۈر بولىدىغان يۇمشاق دېتاللىرىنى ياپونىيەدىكى NEC، TOSHIBA، MITSUBISHI قاتارلىق شىركەتلەر ھاۋالىلىك تۈزۈپ بېرەتتى. ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلىرىمىز دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بولۇپ، ھەر خىل تىل ۋە ھەر خىل پۇل بىرلىكىگە بېرىپ تاقىلاتتى. ئاساسەن سودا سېتىقتىكى تىجارەت ھالقىلىرى مەسىلەن تاللا بازىرى، رېستوران، مېھمانخانا قاتارلىقلار، شۇنداقلا پوچتىخانا، ھەر تۈرلۈك بېلەت سېتىش ئورۇنلىرى قاتارلىق ساھەلەردە قوللىناتتى. ئۇلارنىڭ يېڭىچە بازار ئېچىش ۋە خېرىدار جەلىپ قىلىش ئۇسۇللىرى تەھلىل قىلىناتتى ۋە شۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇلغان مەھسۇلاتلار داۋاملىق تەتقىق قىلىپ ياسىلاتتى.
مەن شۇ خىل تەرىقىدە بەش يىلنى ئۆتكۈزدۈم. شۇ ئارىلىقتا ياپونىيە تۇپرىقىغا نەچچە رەت باردىم. زاۋۇت شىنجېىندا ئىدى. مەيلى نەدىلا بولماي ياپونىيەلىكلەر بىلەن ئوخشاش خىزمەت ئۈستىلى ۋە خىزمەت مۇھىتىدا بەش يىلنى ئۆتكۈزدۈم. ئۇلاردىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندىم. ئۆزەم ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدەندىم. ئاخىرى شىنجېندا شىركەت قۇردۇم.
2000-يىللاردا يۇرتۇم شىنجاڭغا كەلسەم مەن قىلغۇدەك ھېچ ئىش يوق دەپلا ئويلايدىغان مەن، 2002-يىلى توي قىلىپ ئۆي ئوچاقلىق بولۇش زۆرۈرىيىتى بىلەن ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ قالدىم ۋە ئەينى چاغدىكى دوڭكوۋرۈك ئارمان تاللا بازىرىدىمۇ مەن زاۋۇتتا قۇراشتۇرۇش، سىناش باسقۇچلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن توك تارازىنى كۆردۈم، ھەم شىنجاڭدىمۇ مەن قىلىدىغان ئىش بارلىقىغا دەسلەپ ئىشەندىم.
شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يېڭى تاللا بازارلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلىشى مېنى بىردەم شەھەرلەردە، بىردەم چەت ياقا كان-كارخانىلاردا تارازا تەڭشەش بىلەن ئالدىراش قىلىۋەتتى. كانلاردىكى ئۆلچەش تارازىلىرىدىن تارتىپ، پاختا زاۋۇتلىرىدىكى مېخانىك يەر گىرىنىڭ ئېلېكترونلۇققا ئۆزگىرىش باسقۇچىنى بىر-بىرلەپ ئەمەلگە ئاشۇردۇم ۋە تېخنىك خادىم تەربىيىلىدىم.
2006-يىلىغا كەلگەندە شىنجاڭداڭدىمۇ مۇستەققىل شىركەت تەسىس قىلىش شارائىتى پىشىپ يېتىلدى. شىنجاڭ ئىزگۈ ئۇچۇر تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى قۇردۇم. شىركەتنىڭ تىجارەت دائىرىسى يەنىلا مەن بۇرۇن قىلىپ كۆرگەن ئىشلاردىن ئايرىلالمايدۇ. گەرچە شىركەت بولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن، پايدا يارىتىشنى مەقسەت قىلغان ھەرخىل يېڭى تۈرلەرنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە توغرا كەلسىمۇ، پەقەت پۇل تېپىشنىلا مەقسەت قىلىپ، قانداقلىكى ئىش بولسا شۇنىڭغا قول تىقىشتىن ساقلاندىم. 2008-يىلى كۆپ تىللىق ئاشخانا رېستوران ئاپتوماتلاشتۇرۇش سىسېتمىسىنى ئىشلەپ بازارغا سالدىم. دەسلەپتە ئېلان تەشۋىقات كۆپرەك بولۇپ كەتتىمۇ قانداق، بۇ كەسىپنى پايلاپ تۇرغانلارنى ئويغۇتۇپ قويغانلىق بىلەن بىر تۈ*ركۈم كىشىلەرمۇ بىز بىلەن بازار تالىشىپ، ئاشخانا ئاپتوناتلاشتۇرۇش سىستېمىلىرىنى ئۆزى بىلگەنچە تۈزۈپ بازارغا سېلىپ باقتى.
شۇنداقلا يېمەك-ئىچمەك كەسپى ئاۋانگارتلىرى بۇ خىل سىستېمىنىڭ بولۇشىنى خۇددى ئاشخانىدىكى تام گىلىمىدەك، ياكى قانداقتۇر بىر زىننەت بۇيۇمىدەك تۇيغۇدا بولدى. «ئاپتوماتلاشتىڭمۇ، زامانىۋىلاشتىڭمۇ؟» دېگەن سوئالغا «ھەئە» دەپ جاۋاب بېرەلەش ئۈچۈن شەكلەنلا لايىقلىشىپ قويۇش خاھىشىدا بولدى. ئەرزان بولسا قىلىپ قويارمەن دەپ ئويلايدىغان رېستوران خوجايىنلىرى ئەرزىنىنى تاللاپ سېتىۋېلىشتى. مېنىڭكىنى قىممەت كۆرۈشتى.
مەن قانداق قىلدىم، بىرىنچىدىن بوشاشماي قىلغان سىستېمامنىڭ يۇمشاق دېتالىنى يۇرتىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغان يەنىمۇ ماسلاشتۇرۇش، شاكىلىنى چىقىرىۋېتىپ، جەۋھىرىنى ھەزىم قىلىپ بېيىتىش يولىدا ئىزدەندىم، يەنە بىر تەرەپتىن سىناپ بېقىش ئويىدا بولغانلارغا باھاسى بىلەن تالاشماي بىر قانچە يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي نەپكە ئېرىشىشىگە ھەر تەرەپتىن كۈچ چىقاردىم. تەننەخى ئېشىپ كېتىشى بىلەن ھېسابلاشماي سىستېمىغا سەپلىگەن ئۈسكۈنىلەرنى سەرخىللاشتۇردۇم. ئىچكىرى ئۆلكە، شېنجېن، شاڭخەي، بېيجىڭلارغا تولا چېپىپ زاۋۇتلارنى مېنىڭ تەلىپىم بويىچە مەھسۇلات ئىشلەپ بېرىشكە قايىل قىلدىم. ئەلۋەتتە مەتبۇئات ۋاستىلىرى بىلەن بىرلىشىپ مۇۋاپىق تەشۋىقاتنىمۇ ئۈزۈپ قويمىدىم.
نەتىجىدە قىلغان ئەجىرىمىز ئۈنۈم بەردى. كونا خېرىدارلىرىمىز بەس-بەستە ياخشى گېپىمىزنى قىلىشتى. ئۇلار بۇ سىستېمىنىڭ پەقەت ئويۇنچۇق ھالىتىدىكى ئاشخانىنىڭ ئابرويىنى كۆتىرىدىغان كۆرگەزمە بۇيۇمى بولماستىن، ئۇلارنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە تاقىلىدىغان تېپىلماس ئەڭگۈشتەر ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشتى. ئۇچۇر ئاپتوماتلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ سىستېمىنىڭ رېستوران باشقۇرۇشقا تەدبىقلىنىشى، رېستورانغا قەدەم باسقان ھەر بىر خېرىدارنىڭ ئاغزىدىن چىققان ھەر بىر ئېغىز سۆزىنىڭ ئاشخانا ئارقا سېپىگە خاتاسىز يوللىنىپ، دەل ئورنىدا، ۋاقتىدا ھەل بولۇشى، شۇنداقلا پۇل ئېلىش ئورنىنىڭ ھەر بىر خېرىدارنىڭ ئىستىمال ئومۇمىي سوممىسىنى توغرا ئىگىلەپ تۇرالىشى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغانلىقىنى ھەقىقىي بىلىپ يەتتى. شۇنداقلا بۇ يەردىكى تىل ئۆتكىلى ياخشى بىر تەرەپ قىلىنغاچقا، ھازىرغىچە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان يەتتە خىل تىلنىڭ مەيلى قاندىقىنى ئىشلەتمىسۇن ئارقا سەپ ئۇچۇر بېسىش پرىنتېرى ۋە پۇل ئېلىش ئورنىدىكىلەر ئۆزى بىلىدىغان تىلدا مەشغۇلات قىلغىلى بولىدىغانلىقى، كۆپلىگەن چەتئەللىك خېرىدارلارنى جەلىپ قىلدى. ھازىر مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ سېتىلىشى ياخشى. خېرىدارلىرىمىز بىزدىن رازى.
سىستېمنىڭ ياخشى قۇراشتۇرۇلغانلىقى ۋە تىل ئۆتكىلىنى ئوڭۇشلۇق بېسىپ ئۆتۈلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇلارمۇ ھەممىلا ئادەم قىلىپ كېتەلەيدىغان ئىشتىن بىرنى قىلىپ غەلىبە قازىنىپتۇ دەپ قالماڭ، مۇھىمى ئۇنىڭدىكى ئىچكى تېخنىكا، باشقىلاردا ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان ۋە بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقىمۇ مۇمكىن بولمايدىغان زىل ھالقىلارنى دەپ ئۆتمەي بولمايدۇ. مەن ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلارنى دەپ كەلگىنىمدە، ئۆزەمنىڭ سودىغا ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ قۇراشتۇرۇش ۋە سىناش باسقۇچىنى تىلغا ئالغان ئىدىم. شۇنداقلا ياپونىيەدىكى داڭلىق كارخانىلارنىڭ ئۇنىڭ يۇمشاق دېتالىنى ياساپ بېرىدىغانلىقىنى قىستۇرغان ئىدىم. گەپ شۇ تېخنىكىلارنىڭ مېنىڭ قولۇمدا بولغانلىقىدا ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالىغانلىقىمىزدا. ئۇچۇر تېخنىكا ساھەسىدە ھەممە ئىشلارنى نۆلدىن باشلاشنىڭ ھاجىتى يوق. شۇنداقلا باشقىلارنىڭكىنى ھەق تۆلىمەي ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشمۇ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتقا ئېلىپ بارمايدىغان ئىش. مەن شۇ تېخنىكىنىڭ دەسلەپكى ئاچقۇچىلىرى بىلەن ھېلىمۇ قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلدىم. ياخشى تەكلىپ پىكىرلەرنى بېرىپ ئۇلارنىڭ يېڭىدىن بازار ئېچىش، يېڭى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش تەتقىقات ئىشلىرىنى بىرىنچى قول ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەپ تۇردۇم. شۇڭلاشقا بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ كەلدى. شۇنداقلا مەن ئۇلاردىن تاپشۇرۇپ ئالغان ھەر بىر نۇسخا يېڭى يۇمشاق دېتالغا مەلۇم ھەق تۆلەپ تۇردۇم. ئۇلار ماڭا كۆيۈنۈش يۈزىسىدىن شىنجاڭدەك ئىقتىسادىي بىر قەدەر ئارقىدا تۇرىدىغان چەت ياقا رايونغا ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمدە ھەق تۇرغۇزۇش ئۇسۇلىنى قوللاندى.
بازار ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئەقتىسادىي ئامىللارنى كونترول قىللالايدىغان ۋە مەلۇم دەرىجىدە جانلاندۇرۇش، ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدىغان يۇمشاق دېتال سىستېمىلىرىنىڭ رولىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ. ئىلگىرى مەن خىزمەت قىلغان كارخانا زاۋۇتلار ھازىر ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىغىچە ئىشلەپچىقىرىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىۋاتىدۇ. گەرچە ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ئۈسكۈنىسىنى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ناھىيىلىرىگىچە ئۇچراتقىلى بولسىمۇ، ئاپتوماتىك مال سېتىش ئۈسكۈنىسى تېخى بىزنىڭ دىيارىمىزغا يېتىپ كەلگىنى يوق. شۇنداقلا، ئاشخانا رېستورانچىلىقتىمۇ بىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار تېخى كۆپ. ئىشىنىمىزكى يېقىن كەلگۈسىدە دىيارىمىزدا ئۇچۇر تېخنىكا ساھەسىدە يەنە مۆجىزىلىك تەرەققىيات ئامىللىرى بارلىققا كەلگۈسى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-12 00:20:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىنى پۇختىلاش

تۇردى لېتىپ

ئادەم بىر ئۆمۈر ئۆگىنىش ئۈستىدە بولىدۇ، ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نەرسىلەرنىڭ ئاخىرى چىقمايدۇ. بەزىلىرىنى بىلىپ، ئىنتىلىپ، ئارزۇلاپ ئۆگەنسە، بەزىلىرىنى بىلىپ-بىلمەي ئۆگىنىپ قالىدۇ. ئارزۇلاپ ئۆگىنىدىغان نەرسىلىرى قانچىكى كۆپ بولسا، ئۆزىنى شۇنچە تاكاماللاشتۇرغىلى بولىدۇ، ئەكسىنچە، ئامالسىزلىقتىن ماسلىشىپ ياكى شامالنىڭ چىقىشىغا ئەگىشىپ ئۆگىنىپ قالسا، ئۆزىگە ناچار ئادەت ۋە يامان ئاقىۋەت تېپىۋالىدۇ. گەپ، ھەر بىر ئادەم ھەر دائىم ئۆزىنىڭ يەنە نېمىلەرنى ئۆگىنىشى كېرەكلىكىنى دەڭسەپ تۇرمىقى زۆرۈردۇر. بۇ خۇددى سەپەرگە چىقىش ئالدىدا ماشىنىڭىزنىڭ سۈيى كەممۇ، مېيىمۇ ياكى باشقا كاشىلىسى بارمۇ تەكشۈرىۋەتكەنگە ئوخشاش كېتىدۇ، چۈنكى ئادەممۇ كۈندە بىر سەپەرگە ئاتلانغۇچىدۇر، ئەگەر ئۆزىنىڭ شۇنداق كەم يەرلىرىنى تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بەرمىسە، يول ئۈستىدە تالاپەتكە يولۇقىدىغانلىقى چوقۇم.
گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەك، ھازىرقى ۋەزىيەتتە كومپيۇتېر ئىشلىتىشنى بىلىپ قويۇش ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈر، خۇددى ماشىنا ھەيدەشنى بىلىپ قويۇش زۆرۈر بولغىنىغا ئوخشاشلا، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك زۆرۈر. پۈتكۈل جەمئىيەت مىقياسىدا كومپيۇتېر مەشغۇلاتىنى كۈندىلىك خىزمەت ئادىتى ۋە ۋاستىسى قىلغان كىشىلەرنىڭ قانچىكى كۆپ بولۇشى، شۇ جەمئىيەتنىڭ بالدىرراق ئاسايىشلىق ھالەتكە قەدەم قويىشىغا بېرىپ تاقىلىدۇ. قانچىكى كومپيۇتېر ۋە ئىنتېرنېت قاتارلىق ۋاستىلەردىن يىراق قالغان جەمئىيەت شۇنچە ئاسان گۇمران بولىدۇ. بۇنى مۇشۇ نەچچە يىللاردىن بۇيانقى ئەرەپ ئەللىرىنىڭ تەغدىرىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. چۈنكى كومپيۇتېر پەقەت بىر ئېلېكترونلۇق قورال بولۇپلا قالماي، ئۇ كىشىنىڭ تەپەككۈرىنى ئاچىدىغان بىر ئۇستاز، ئوقىسا تۈگىمەس بىلىم بايلىقى، مەڭگۈ ئوقۇش پۈتتۈرگىلى بولمايدىغان ئالىي بىلىم يۇرتى. ئېنتېرنېت دۇنياسى ئۇ بىر تەپەككۇر ئامىلى، پەلسەپە ئالىمى، بىلىم مەرىپەت ئالىمى. ئۇنىڭغا ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق قىلمىش ئەتمىشلىرىنىڭ خاتىرىسى، ئەقلى يەكۈنلىرىنىڭ ھاسىلاتى پۈتۈلگەن. شۇنداقلا ھەر ۋاقىت ھەر دائىم مۇكەممەللىشىش، تولۇقلىنىش ھالىتدە تۇرىۋاتقان دېڭىزدىكى زايەت زور كېمە، خۇددى نوھ ئەلەيسىلامنىڭ چاسا كېمىسىگە ئوخشاش جاھان گۇماراەتكە يۈز تۇتسىمۇ، بۇ كېمە ھامان ساق ساقلىنىپ قالغۇسىدۇر.
ماشىنىغا بەش ئادەم چىقسا، ئارىدىن بىرى رولغا پۇختا بولسىلا كۇپايە. كومپيۇتېردا ئۇنداق ئەمەس، بەش ئادەم ھەمسۆھبەت بولسا، ئەگەردە ھەممىسىلا كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدىن نېرى كەتمەيدىغانلاردىن بولسا، پاراڭنىڭ تۇتامى بولىدۇ، گەپ بىر يەردىن چىقىدۇ. مۇھىمى پاراڭنىڭ ھاسىلاتى بولىدۇ. بولمايدىكەن ھەممىسى قۇرۇق پاراڭ، زورىغا كۈلۈپ ئولتۇرغان ساختا، ئادىمەتچىلىك ئۈچۈنلا بولغان ئورۇنسىز، ھاسىلاتسىز مۇناسىۋەت...
ئەگەر سىز شېنجېن كوچىسىدا ئۇ ياقتىن بۇ ياققا ئوتۈشۈۋاتقان ئادەمدىن يۈزنى بىر ياققا تۇرغۇزۇپ، بىر كومپيۇتېر بېرىپ، شۇنداق ئاددىيلا ئىشتىن بىرنى دېسىڭىز 80نى ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپى بۇ ئىشنى ھېچ قىينالمايلا ئورۇنداپ بېرىشى مۇمكىن، ئەگەر يەنە شۇ ئوخشاشلا ئىشنى دوڭكۆۋرۈك بازىرى ئالدىدا ئۆتۈشىۋاتقان خالىغان 100 ئادەمگە قىلدۇرسىڭىز كۆپ بولسا 10ى، ھەتتاكى ئۇنىڭدىنمۇ ئاز ئادەم ئۇ ئىشنى قىلالىشى مۇمكىن.
مەن 97-يىلى شېنجېننىڭ باۋئەن رايونىدا تۇرىۋاتقان چاغلىرىمدا، داۋاملىق چېچىمنى ياسىتىدىغان ساتراچخانىنىڭ ئۇستامىنىڭ گەپ ئارىلىقىدا «يېقىندا شۇنداق بىر نەرسە چىقىپتۇ، ئۇنىڭ ئىسمىنى ۋاڭلۇو دەيدىكەن، بىلىپ قويغان ئادەم كاتتا ئىشلارنى قىلالايدىكەن» دېگىنىنى ئاڭلىغان. ئۇنىڭدىنمۇ ئىلگىرى 1993-يىللى ئۈرۈمچى قىزىل تاغ مېھمانخانىسىنىڭ ئالدىدا ياپونىيەلىك ساياق ساياھەتچىلەرنى گەپكە قېتىپ، ساھاھەتكە باشلاپ يۈرگەن كۈنلىرىمدە بىر ياپونىيەلىك «ياشلىقىڭنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزەي دېسەڭ مۇنۇ كىتاپنى كۆر» دەپ بىر پارچە «نېتتو» يەنى تور دېگەن تېمىدىكى يانچۇق كىتاۋىنى سوۋغا قىلغان. مۇنا شۇنىڭغا ئوخشاش گەپنى بۈگۈنكى كۈندە مەن ئۆز قېرىنداشلىرىمغا تولىمۇ كېچىكىپ دەپ تۇرۇپتىمەن. بەك ئەپسۇس.
ياپونچىدا بىر نەرسە ئۆگىنىشنى خەنزۇچىدىكى 勉强 دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلەپ، «بېڭكيو» دەپ ئوقۇيدۇ. بېڭكيو قىلىۋاتېمەن دەيدىغان گەپلەرنى ھەر دائىم ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغىلى بولىدۇ. ئۆگىنىش دېگەن بەلنى چىڭ باغلاپ ئۆزىنى زورلاپ، مەجبۇرىلاپ تۇرۇپ قىلمىسا، بولمايدىغان ئىش. شۇڭىمۇ مەجبۇرىلاش خېتىنى تەڭداش دەپ قارايدۇ. ئادەم ئۆگىنىشنى ئۆزىگە مەجبۇرلىمىسا دۇنيادىكى ھەرقانداق خورلۇققا مەجبۇرلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. پەقەت ئۆزىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىيالىسىلا قىلغىسى يوق ھەرقانداق ئىشتىن خالىي ياشىيالىشى مۇمكىن. ئۆگىنىنىش ئۇ ئۇنچە كۆڭۈللۈك ئىشمۇ ئەمەس. كۆڭۈللۇك بولغىنى ئۇ ئويۇن، ئۆگىنىش ئەمەس. ئۆگىنىشنىڭ كۆڭۈلسىزلىكلىرى كۆپ بولىدۇ، چىدىغاندا ئاندىن ئۆگەنگىلى بولىدۇ. ئۆزەمچە ھەممىنى بىلىمەن، مەن كاتتا دەپ ئويلىغان ئادەملەرمۇ كومپيۇتېرنىڭ ئالدىغا كەلسە، بىلمەيدىغانلىرىنىڭ ھەددى ھېسابسىزلىقىنى ھېس قىلىپ، روھى سۇنۇشتىن خالىي بولالمايدۇ. لېكىن چوقۇم ئۆگىنىشىم كېرەك، دەپ ئويلىغان كىشى ھەممىگە چىدايدۇ. «قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، ئىرادىلىك ئادەمگە» دېگەننىڭ ئۆزى مۇشۇ شۇ.
كومپيۇتېردىمۇ كۆڭۈللۈك ئىشلارمۇ جىق، شۇنداقلا كۆڭۈلسىز ئىشلارمۇ ئاز ئەمەس. بەزىلەر ھەدېسىلا كۆڭۈللۈكلىرىنى تاللاپ قىلىدۇ. كۆڭۈلسىزلىكلىردىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىشكە ئۇرۇنىدۇ. كۆڭۈللۈك بولغىنىنىڭ ھەممىسى ئويۇن، ئويۇن ئويناش ئۇ ئۆگىنىش بولمايدۇ. ئۆگىنەي دېگەن ئادەم كۆڭۈلسىزلىرىنى تاللاپ ئۆگىنىشى كېرەك، شۇ چاغدىلا كومپيۇتېر مەشغۇلات ماھارەت سەۋىيىسى ئۆسىدۇ. كېيىنچە بۇرۇنقى كۆڭۈلسىز تۇيۇلغان ئىشلار بىر بىرلەپ كۆڭۈللۈك بولۇپ تۇيۇلىدۇ. ئالما شىركىتى دەل كومپيۇتېردىكى كۆڭۈلسىز ئىشلارنى كۆڭۈللۈك قىلىشقا بەل باغلاپ، كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىنىڭ تەغدىرىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. ھازىر كومپيۇتېر، قولدا ئېلىپ يۈرگىلى بولىدىغان ئاددىيلا نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى. خوتەنلىك تاشچىلار ھەتتا شۇ يەرلىك دېھقانلارغىچە قولىدىن ئالما چۈشمەيدىكەن. ھازىر ئالمىنىڭ ئىنگلىزچىسى ئۆزگۈرەپ كەتتى.
ئانا قىزىدىن سىناق ئاپتۇ،
ــ قىزىم «بانانا»نى ئىنگلىزچىدا نېمە دەيدۇ؟
ــ «بانانا» دەيدۇ. جاۋاب بېرىپتۇ قىزچاق.
ــ ئۇنداقتا «ئاپېلىسىن»نى نېمە دەيدۇ؟
ــ «ئورانگې» دەيدۇ.
ــ «ئالما»نى نېمە دەيدۇ؟
ــ «ئايفون» دەيدۇ.
ــ يوغان ئالمىنىچۇ؟
ــ «ئايپەد» دەيدۇ.  
بۇرۇن كومپيۇتېر ئېلىشقا پۇلىمىز يوق، ئۆگىنىشكە ۋاقتىمىز يوق دەيتتۇق. ھازىر ھەممىسى بار، پەقەت ئۆگىنىشكە ئىرادىلا كەم.
شىنجاڭ ياشلىرى ژفۇرنىلىدا شۇنداق بىر ماقالە كۆردۈم، «ئامېرىكا بالىلىرى ئەپەندىمنى بىلمەيدۇ» ھەقىقەتەن شۇنداق. مەزمۇنى:
بىر ئوقۇتقۇچى نەسىرىدىن ئەپەندىم لەتىپىلىرىدىن بىرنى ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇپ بېرىپتۇ:
ئەپەندىم بايدىن قازان ئۆتنە ئاپتۇ، قايتۇرۇپ بېرىدىغان چاغدا، ئۇ قازانغا يەنە بىر كىچىك قازاننى قوشۇپ قايتۇرۇپ بېرىپتۇ. باي ھەيران بولۇپ «نېمە دەپ قازان ئىككى بولۇپ قالدى» دەپتۇ. ئەپەندىم: «قازان تۇغۇپ قويدى» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. باي ئىچىدە ئەپەندىمنىڭ ئەخمەقلىقىغە خوش بولۇپ ئىككىلا قازاننى ئېلىپ قاپتۇ.
بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئەپەندىم يەنە قازان سوراپتۇ. باي بۇ نۆۋەت چوڭراق قازاندىن بىرنى بېرىپ تۇرۇپتۇ. ئەپەندىم قازاننى زادىلا قايتۇرماپتۇ. باينىڭ ئاچچىقى كېلىپ «نېمە دەپ قازاننى قايتۇرمايسەن» دەپ سوراپتۇ. ئەپەندىن جاۋابەن: «قازان ئۆلۈپ قالدى» دەپتۇ. باينىڭ ئاچچىقى كېلىپ، «قازان دېگەنمۇ ئۆلۈپ قالامدىكەن» دەپتىكەن، ئەپەندىم، «قازان قورساق كۆتۈرۈپ تۇغۇپ قويسا بولىدىكەنۇ، ئۆلۈپ قالسا بولمامدىكەن» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. باي ئامالسىز قاپتۇ.
بۇنى ئاڭلىغان بالىلار، ئاۋال «ئۆتنە» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلمەپتۇ. ئوستاز كەمبەغەللەر كەمبەغەلچىلىكتە نەرسە كېرەكلەرگە ھاجىتى چۈشسە بايلاردىن ئارىيەت ئالىدۇ دەپ چۈشەندۈرۈپتۇ. «باي» دېگەننى چۈشەنمەپتىكەن ئۇنىڭغىمۇ چۈشەنچە بېرىپتۇ. بالىلار چۇقىرىشىپ «ئەپەندىم دېگەنمۇ تازا بىر ھېلىگەر نېمىكەن، بىر قازانغا ئېرىشىش ئۈچۈن شۇنچە كاللا قاتۇرۇشنىڭ نېمە ھاجىتى، كەمبەغەل بولغاندىكىن تىرىشىپ ئىشلەپ، ھالال پۇل تېپىپ باي بولۇشنى ئويلىشى كېرەك ئىدى، بايمۇ تازا پىقسىق نېمىكەن، ئۆزىدە يېتىپ ئاشقۇچە بولغاندىكىن كەمبەغەللەرگىمۇ ياردەم قىلسا بولماسمىدى، ئىش قىلىپ ئىككىلىسىلا ئوسال نېمىلەركەن» دەپ تەھلىل يۈرگۈزىشىپتۇ.
سىزچە بالىلارنىڭ تەھلىلى خاتامۇ؟ بەھرەق دەل توغرا! ھازىرقى ۋەزىيەتتە خاتا دېيىشكە ھەددىمىز ئەمەس.
ئىچكىرى ئۆلكە دېڭىز ياقىسىدىكى شەھەرلەردە ھەممە ئادەم ئالدىراش، خىزمەت ئالدىراش بولمىسا ئۆگىنىش بىلەن ئالدىراش، تىنماي پۇل تاپمىسا ياشاشقىمۇ ئامالسىز. بىزچۇ، ئانچە مۇنچە ئايناپ قويساقمۇ، ئۆزىمىزنى ئۇنچە پۇختىلاپ كەتمىسەكمۇ ياشاش يولىمىز ھازىرچە بار. لېكىن مەڭگۈلۈك ئەمەس. باي بىلەن ئەپەندىمنىڭ لەتىپىسىگە گول بولۇپ يۈرىۋېرىدىغان كۈنلىرىمىز ئەمدى كەلمەسكە كەتسۇن. باشقىلارنىڭ بىزگە ياردەم قىلىشىنى كۈتمەي، ئۆزىمىزنى پۇختىلاپ، ئۆز تەغدىرىمىزنى ئۆزىمىز ئوڭشاشنىڭ كويىدا بولايلى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن كومپيۇتېر سېتىۋېلىشقا پۇل خەجلەيلى، ئۆگىنىشكە ۋاقىت سەرىپ قىلايلى.
قانداق دېدىم، ئەمدىغۇ كومپيۇتېر ئالارسىز! مەن سىزنى يەنە كومپيۇتېرسىز كۆرمەي!

شىنجاڭ ئىزگۈ ئۇچۇر پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى تۇردى لېتىپ  18999821701  
  2012-يىلى 6-ماي ئۈرۈمچى

ۋاقتى: 2012-5-17 17:40:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تۇردىكا،
ئەھۋالىڭىز ياخشىمۇ ؟ تىمىڭىزنى  كۆرۈپ چىقتم ،ھەقىقەتەن قايىل بولغۇدەك قول قويغىدەك كىشىكەنسىز! ئەمدى سىزدىن بىر سۇئال سوراپ باقسام، بۇ مۇۋەپپەقىيتىڭىزگە پاتىنىت ھوقوقى  ئىلتىماس قىلىپ،  ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرى ۋە ئىشسىز يۈرگەن كىشىلىرىمىزدىن پايدىلنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ زەنجىرسىمان زاۋۇت قۇرالماسلىق تارىخىغا خاتىمە بىرىشنى ئويلىشىپ باقتىڭىزمۇ؟
بۇنداق دىسەم چوقۇم دىمەك ئاسان دەيدىغان كىشىلەر كۆپ، ئەمما مەن يېقىندا بىر تەپكۈچ ياساش شىركىتى نىڭ تەشۋىقاتىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم، بىزنىڭ ئايانلاردا بۇنداق گەپ مومكىن ئەمەس. دىمەك ئىچكىردە بازار بار، بۇندىن كىيىن دىيارىمىزدىمۇ بولىدۇ. سىزنىڭ قانداق پىلانلىرىڭىز بارلىقىنى بىلگۈم كېلىۋاتىدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-22 13:29:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   
ياش ئەۋلادلار ئۈچۈن

تۇردى لېتىپ

ياش قىرىقتىن ھالقىغاندا، ئادەم قىلغۇسى يوق ئىشلارنى بېشىڭ بىلەن تەڭ ئالتون بېرىمەن دېسىمۇ قىلغۇسى كەلمەيدىغان، قىلغۇسى بار ئىشلارنى جان كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ قىلىشقا پېتىنىدىغان بولۇپ قالىدىكەن.
ھەر ئادەمنىڭ ئۆسمۈرلۈك ياشلىق دەۋرىلىرى بولىدىغانلىقى ئېنىق. بۇ دەۋرلەردە ھەر ئادەمنىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ ھېمايىسىدە چېنىقىپ يېتىلىش جەريانى ئوخشاش بولمايدۇ. مەن گەرچە ئاتا- ئانىسى ھېلىمۇ ھايات بولغانلىقى بىلەن زور بەختلىكلەردىن ھېسابلانساممۇ، ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش جەھەتتە بەلكىم ئاتا- ئانىسىدىن ئايرىلغان يىتىم بالىلاردىن كۆپ پەرقلەنمىسەم كېرەك. چۈنكى مەن 12 يېشىمدىن باشلاپلا ئۆز خىراجىتىمنى ئۆزەم جۆندەشنىڭ غېمىدە بولغانمەن. شۇ چاغلاردىكى پۇل تاپىمەن دەپ قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا «شياۋگوڭ» بولۇپ، ياش چەكلىمەمدىن كۆپ ھالقىغان ئىشلارنى قىلىپ، كۈچۈم يەتمىگەندە قاچانمۇ چوڭ ئادەملەردەك، بېلەكلىرى توم، كۈچتۈڭگۈر بولارمەن دەپ ئارزۇلاپ كېتىشلىرىم، كېيىنچە ئالىي مەكتەپكە كېلىپلا قاچانمۇ ئۆگەنگەنلىرىم ئەسقېتىپ، بىرەر يەردە خىزمەت قىلىپ مەكتەپ ئوقۇش خىراجىتىمنى ئۆزەم ھەل قىلالارمەن دەپ ئىزدىنىشلىرىم بىكارغا كەتمىگەن بولسا كېرەك، شۇڭىمۇ مانا ھازىرقىدەك ھالەتتە ياشاۋېتىپتىمەن، گەرچە بانكىدا نەچچە مىليون پۇلۇم بولمىسىمۇ، قانچىلىك پۇل خەجلىگىم بولسا شۇنچە خەجلىيەلىگۈدەك ھالدا تۇرۇپتىمەن، ئىنسان ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بەخت بولمىسا كېرەك.
ئەتىگىنى ناشىتىدىن كېيىن، باغچا ئارىلاپ بىرەر قۇر چېنىقىۋېتىپ، يول ياقىسىدا خىيالەن كېتىۋاتسام، بىر بالا يولۇمنى توسۇپ «ئاكا ماڭا قىلدۇرىدىغان بىرەر ئىشىڭىز بارمۇ» دەپ سوراپ قالدى. قاراپ باقسام 20 ياشقا يېقىنلاشقان سېرىق تۈك يىگىت، ئۈستىبېشى مەينەت، قورساق ئاچلىقتىن روھسىز كۆرۈنەتتى. «نېمە قىلالايسەن» دېسەم «قانداقلا ئىشلا بولسا قىلىۋېرىمەن» دەيدۇ، «كاللاڭ جايىدىمۇ، ئەگەر جايىدا بولسا ساڭا ماۋۇ پۇلنى بېرەي، ئۈستى بېشىڭنى پاكىز قىلىپ، چەبدەس ھالدا مېنى ئىزدە» دەپ 200 يۈز يۈەن پۇل بىلەن ئىسىم كارتۇشكامنى قولىغا بەردىم. شۇنىڭغىمۇ بىر ئايچە بولدى، ھېچ بىر تېلېفون كەلمىدى، ئەكسىچە ئىككى كۈن ئاۋال يەنە بىر كوچىدا بەلكىم شۇ بالا ئايالىم ئىككىمىز كېتىپ بارساق يەنە بىر رەت ئۇچرىدى، دەۋاتقىنى يەنە بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا «ھەدە مەن قىلىشىپ بېرىدىغان بىرەر ئىشىڭىز بارمۇ» ئىدى. پەقەت ئوبيېكتى ئاياللارغا ئۆزگەرگەندەك قىلاتتى. ئايالىم «تولا كۆردىم بۇ بالىنى، ئۈلۈشكۈن شىركەت بىناسى ئالدىدا شۇنداق دەپ تۇراتتى» دەپ چۈشەنچە بەردى، مېنى كارىمنى قىلماسلىققا ئۈندەپ. توۋا...
مېنىڭمۇ كىچىك ۋاقىتلىرىم بولغان، بىرەر كىشىنىڭ بېشىمنى سىلاپ ماڭا ئىش بېرىپ، قولۇمغا ئاز بولسىمۇ ئىش ھەققىمنى بېرىشىنى كۈتكەن چاغلىرىم بولغان، ھەتتا بىرى قۇرۇلۇشتا 20 كۈندەك ئىشلىسەم زىيان چىقتى دەپ پۇلۇمنى بەرمەي يوقاپ كەتكەن ئىشمۇ بولغان. ئەمدى شۇنداق بىر بالىنىڭ بېشىنى سىلىغۇدەك ھالىم بولىۋىدى، كۆرمەمدىغان بۇ ئىشنى، مۇشۇمۇ ساختىلىشىپ كېتىپتۇ ئەمەسمۇ...
مەن ئىلگىرى ماڭغان يوللار ھەممىلا ياشلارنىڭ مېڭىشىغا ماس كېلىدۇ، گەرچە زامان سەل ئۆزگەرگەندەك قىلغىنى بىلەن ياشاش، تىرىكچىلىك قىلىشنىڭ ماھىيىتى ئۆزگەرگىنى يوق. ئاۋال ئۆزەڭنى پۇختىلاشقا شارائىت، ئۆزەڭنى سىناشقا مەيدان بولۇشى كېرەك. قىلىپ باقماي تۇرۇپ ئۆزەڭنىڭ قانچىلىك چوڭ بولغىنىڭنى بىلمەيسەن، قىلىپ نەتىجىگە ئېرىشمەي تۇرۇپ ئۆزەڭنى داۋاملىق پۇختىلاشقا پۇرسەت بولمايدۇ. ئادەم تىرىشقانغا ئۆلۈپ قالمايدۇ، پەقەت تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە پۈرسەت بولمىغاندىلا ئاچ قېلىپ ئۆلۈپ قالىدۇ.
باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغان ئىشلا بولمىسا قىلىپ باقسا ھامان نەتىجە چىقىدۇ. ھەرگىزمۇ بىكارغا كەتمەيدۇ. ئەسلى تىرىكچىلىك قىلىشتا نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى باشقىلارنىڭ كۆرسىتىپ بېرىشىنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق. پايدىلىق ئىشنى قىلىپ قويغانغا باشقىلار پۇل ئالمايدۇ. ھازىرقى بېكارچىلار دەل باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ئىشقا بۇيرۇشىنى كۈتۈپ كوچا دوقمۇشىدا ئاپتاپ سىنىپ ئولتۇرۇپ، نى نى كۈنلىرىنى بىكار ئۆتكۈزىۋېتىدۇ. باشقىلار ئىشقا بۇيرۇغاندىلا قىلغان ئىشىغا ئالغان ھەققى مەڭگۈ ئۇنىڭ ئېھتىياجىدىن ئاشمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەڭگۈ كەمبەغەل ئۆتىدۇ. ئەكسىچە پايدىلىق دەپ بىرەر ئىشنى قىلىپ قويغان ئادەم ھامىنى باشقىلار تەرىپىدىن قەدىرلىنىپ ئۆز ئىززەت ھۆرمىتى، قەدىر قىممىتىنى تاپىدۇ.
ياش مۇشۇ يەرگە يەتكەندە، قانداق قىلسام قىيىنچىلىقتا ياشاۋاتقانلارنىڭ ھالىغا يەتكۈدەك بىرەر ئىشنى قىلارمەن دېگەننى ئويلاپ قالىدىكەن.
شىركەتكە خىزمەتچى قوبۇللايمەن دېسەم، بىرمۇنچە گۈدەك ياشلارنىڭ ئۆزىنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىنى دەڭسەپ باقمايلا، «ماڭا نەچچە مائاش بېرىلا» دەپ ئالدىمغا ئۈسۈپ كىرىدىغانلىقى ئېنىق. مەن «كوچا ئېغىزىدىن مەدىكار تاللاۋاتمايمەن» دەپ ئۇنداقلارنى يولىغا سېلىپ قويىدىغان چاغلىرىم بولغان. شۇنداقتىمۇ كۆپرەك ئادەمگە نەپ بېرىش ئويىدا بولغانلىقىم ئۈچۈن زادى نېمە ئىشلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتمىساممۇ بولماس.
خىزمەتچى قوبۇللاش ئېلانى
        شىركىتىمىزنىڭ ئورنى «بېيگو چۈنچېڭ»  ئولتۇراق رايونىنىڭ 2- بىنا 1103-نومۇرلۇق ئۆيىگە ئورۇنلاشقان، قۇرۇلغىنىغا بەش يىلدىن ئاشقان «ئىزگۈ شىركىتى» سودا- تىجارەتنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئاپتۇماتلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تۈرىدىكى يۇمشاق دېتال ۋە سودا ئىشلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان ئېلېكترونلۇق تارازا، ئاپتوماتىك پۇل ئالغۇ، ئاپتوماتىك بۇيرۇتقۇ قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەرنى تەتقىق قىلىپ ياساپ، بازارغا سېلىش ۋە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھازىر دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەللەردە بولۇپ 500 دىن ئارتۇق مۇقىم خېرىدارى بولغان، تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق زامانىۋىي كارخانىغا ئايلاندى. شىركەتنىڭ كېيىنكى تەرەققيات پىلانىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، تىجارەت دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە يېڭىچە تەرەققىيات يولى ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىش مەقسىتىدە، نۆۋەتتە، شىركىتىمىز جەمئىيەتتىن بىر تۈ*ركۈم تايانچ خىزمەتچىلەرنى قوبۇل قىلىدۇ.
   1.سېتىش بۆلىمى: مەسئۇل خادىم ۋە ئىز باسار خادىم 5 نەپەر.
   شەرتى: ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنىڭ بازار يۆنىلىشىنى چۈشىنىدىغان، تىلغا ماھىر، جىسمانىي جەھەتتە بېجىرىم بولۇشى كېرەك.
   2. تېخنىكا بۆلىمى: تېخنىك خادىم 5 نەپەر.
شەرتى:  كومپيۇتېر ۋە ئېلېكتىر ئىلمىگە دائىر كەسىپلەردە ئوقۇغان، كەسپچانلىقى كۈچلۈك، مۇشۇ كەسىپتىن چىقىش يولى ئىزدەيدىغان، ئوتتۇرا تېخنىكومدىن يۇقىرى ئوقۇش مەلۇماتىغا ئىگە بولۇشى كېرەك.
قوبۇل قىلىنغانلارغا قويۇلىدىغان ئورتاق تەلەپ ۋە تەمىنات:
ئالدىنقى ئۈچ ئايدا 800 يۈەندىن يۇقىرى مائاش بىلەن سىناق تەرىقىدە تەربىيىلىنىدۇ.
ھەقىقىي قابىلىيەتنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، 2 يىلدىن يۇقۇرى ئەمگەك توختامى تۈزۈلۈپ، رەسمىي خىزمەتچىلىككە قوبۇل قىلىنىپ، بەش خىل سۇغۇرتىنى شىركەت تاپشۇرغاندىن سىرت، 2500 يۈەندىن يۇقىرى مائاشتىن بەھرىمان بولىدۇ.
ھەقىقىي ئىستىقباللىق خىزمەت دەسلىۋىدە قانچە پۇل مائاش ئالىدىغانلىقىدىن ئەمەس، كەلگۈسىدە قانداقراق ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولىدىغانلىقى، كىملەر بىلەن بىرگە خىزمەت قىلىدىغانلىقى ۋە كىملەرنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن بەلگىلىنىدۇ. «ئىزگۈ شىركىتى» دەل مۇشۇنداق شەرتلەرنى ھازىرلىغان ئىستىقباللىق خىزمەت ئورنىدۇر.
    پەن-تېخنىكىغا تايىنىپ مەڭگۈلۈك ھۇنەر كەسپنى ئىگىللەپ، ئۆزىنىڭ چىقىش يولى ئۈستىدە ئىزىنىدىغانلارنىڭ ئالدىن كېلىپ تىزىملىتىشىنى قارشى ئالىمىز.
تېلېفون: 8523333، 18999821701 18999821702
شىنجاڭ ئىزگۈ ئۇچۇر پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
2012-يىلى 21-مارت



ۋاقتى: 2013-3-1 12:33:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تۇردىكا،
  مەن بۇرۇنمۇ سىز يازغان ئەسەرلەرنى ئوقۇغان كۇمپيۇتىر ۋە تۇرمۇشتا  كۇپ ئۇچۇر تۇپ  قالاتتىم     بوگۇن سىزنى مۇنبەر دە ئۇچۇرۇتۇپ   خۇرسەن بولدۇم

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-24 18:34:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زارلىنىش، ئۇ ئەسقاتمايدۇ

تۇردى لېتىپ


تۇغۇلغان يۇرتى قەشقەردە خىزمەت قىلىدىغان، ئابدۇراخمان ئىسىملىك بىر ئالىي مەكتەپ ساۋاقدىشىم بولىدىغان، كۆرگەنلا كىشىگە ئۇنىڭ-بۇنىڭدىن قاخشاپ بېرىدىغان. گەرچە بەش يىل ئۈرۈمچىدە بىر سىنىپتا ئوقىغان بولساقمۇ بىرەر ئىش توغرىلىق چوڭقۇرراق پاراڭلىشىپ باقمىغان. چۈنكى ئۇ ساۋاقدىشىمنى زارلىنىشتىن باشقا گەپ قىلىشنى بىلمەيدۇ دېسىمۇ ئارتۇقچە كەتمەس. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا، يازلىق تەتىلدە مىڭ ئارزۇلاپ ئاران ئېرىشكەن قەشقەرگە ياپونىيەلىك ساياھەتچىلەرنى باشلاپ بېرىش ئىشىدا، قەشقەرنىڭ كوچىلىرىدا دەل مۇشۇ ساۋاقدىشىم بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالسام بولىدۇ. شۇنچە تىرىشقىنىڭغا تۇشلۇق بىر ئىش بوپتۇ دەرمىكىن دېسەم، نەدىكىنى، مېنى كۆرۈپلا ئاغزىدىن چىققان بىرىنچى سۆزى «يەنە شۇ ئىشنى قىلىۋاتامسەن» دېمەسمىدى، يۈرۈكۈم ئامبۇر بىلەن قىسقاندەك ئاغرىغان ئىدى.
ئارىدىن نەچچە يىللار ئۆتۈپ، مېنىڭمۇ مۇقىم خىزمىتىم بولۇپ، قەشقەرگە كاماندىروپكىغا بارغان چاغلىرىمدا، باشقا ساۋاقداشلىرىمدىن ئابدۇراخماننىڭ ھەممىلا ئىشتىن نارازى بولۇش پىسخىكىسى يامان ئۈنۈم بېرىپ، «ئابدۇراخمان نارازى» دەپ لەقەمگە قالغانلىقى، خىزمەت ئورنىنىڭمۇ ئىسسىماي، تۇرمۇشتىمۇ ئىككى نىكاھلىق بولغانلىقىنى ئاڭلىغانىدىم. مانا ئوقۇش پۈتۈپ 17 يىل بولغاندا قەشقەرگە يەنە بېرىپ قالدىم، ئەل قاتارى شۇ ساۋاقدىشىم بىلەنمۇ كۆرۈشۈش نىسىپ بولدى، ئۆزىدىن بىلدىمكى، ھازىرقى خىزمەت ئورنىدىن تازا رازى بولمىسىمۇ ئامال يوق ئىشلەۋېتىپتۇ. تۇرمۇش جەھەتتە ھازىر 3 بالىلىق بۇپتۇ، ئوتتۇرانچىسى يەنە بىر ئايالىدىن بولغان بالا ئىكەن. «بىر كۈنلەردە بۇرۇنقى ئايالىڭ بىلەن يېنىشىپ، يەنە بىر بالىلىق بولاي دەمسىنوي» دەپ چاخچاق قىلدىم ئۇنىڭغا.
«تىلىسەڭ تاپارسەن» دېگەندەك كىشى نېمىنى ئارزۇ قىلسا، ئېرىشىدىغىنىمۇ شۇ بولىدىغان ئوخشايدۇ. «پىتنىڭ قارغىشىغا ئىت ئۆلمەپتۇ» دېگەندەك بىرەر كىشىنىڭ زارلاپ قاخشىغىنىغا جاھان ئۆزگىرەپ قالاتتىمۇ؟!
تۆمۈر تاۋاقلىق خىزمەت مۇھىتى بۇزۇپ تاشلانغاندىن بۇيان، ھېلىھەم شۇنچە تەستە ئېرىشكەن خىزمەت ئورنىدىن رازى بولماي، ھە دېسىلا خىزمىتىدىن ۋاز كېچىدىغانلار كۆپ بولىۋاتىدۇ. گەرچە خىزمەت ئالماشتۇرۇش ھەر كىشىنىڭ ئۆز ئەركىنلىكى ھېسابلانسىمۇ تولا خىزمەت ئالماشتۇرۇشنى ياخشى ئىش دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. تاللاپ تاللاپ تازغا «ئۇچرىمايدۇ» دەپ كىممۇ ھۆددە قىلالىسۇن.
ھازىرقى دەۋر ياشلىرى ئۈچۈن لايىق تېپىش بىلەن خىزمەت تېپىش ئىشى تەڭلا ئالدىغا كەلگىنى ئۈچۈن بەزىدە مۇئامىلە جەھەتتە ئادىشىپ قالىدۇ. خىزمەت تېپىشنىمۇ لايىق تاپقاندەك كۆرۈپ قالىدۇ، شۇنچە ئارزۇلاپ، مۇمكىن بولىدىغان ۋاستىلەرنى تولۇق ئىشقا سېلىپ ئاران ئېرىشىلگەن خىزمەت ئورنىدىنمۇ خۇددى مۇھاببىتىدىن قىيداپ قالغاندەك بىر كېچىدىلا ۋاز كېچىۋېتىدۇ. خىزمەتچى قوبۇللاش ئىشىدا «ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتمايدىغان» ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ. خىزمەتنى ئويۇن ئورنىدا كۆرگەن ياشلار ئادەمنى خۇددى ناۋبەيجىڭنىڭ ئېلانىدەك تولىمۇ بىزار قىلىپ، ئىككىنچى نۆۋەت ئۇچرىتىپ قالماسلىققا قەيت قىلدۇرىدۇ.
قىزىل بايراق بازىرىنىڭ ئۈستۈنكى قەۋەتلىرىنى بىر ئىش بىلەن جىددىي ئارىلاپ كېتىۋاتسام قولىدا بىرنەرسە كۆتىرىۋالغان بىر ياش بالا ئالدىمغا ئۇدۇللا كېلىپ قولىنى سۇزدى. قول ئېلىشىپ تۇرۇپ گاڭگىراپراق كىملىكىنى ئەسلىيەلمەي تۇرسام، ئىسمىنى ئېيتتى. چورتلا ئېسىمدە يوق، مەنمىغۇ ئالدىراش، قارىسام ئۇ بالىنىڭمۇ قولىدا بىر نەرسە باركەن، تۆۋەندىكى قەۋەتكە بىر نەرسە توشۇپ ماڭغاندەك قىلىدۇ، ئىشنى تۈگىتىپ مېنى مانچىنچى نومۇرلۇق دۇكاندىن ئىزدەشنى ئېيتىپ يولۇمغا ماڭدىم. ئۇ بالىنىڭ تەقەززالىق، يېلىنىش، خوشامەت ئارىلاشقان چىرايى كۆز ئالدىمدا قالدى. تەرقى-تۇرقى، ئۈستى- بېشىدىنمۇ سوغۇقتا قالغان قوشقاچتەك پاخپىيىپ قاپتۇ. ياردەم كېرەكتەكلا كۆرۈنگەچكە ئىشىمنى تۈگىتىپ بولۇپ، خېلى بىر چاغقىچە شۇنداق ئىسىملىك تونۇشلىرىمنى بىر- بىرلەپ كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ باقتىم. ھېچقايسىسى ئەمەس، ئاخىرى ئويلاپ تاپتىم، شىركەتكە خىزمەت ئىزدەپ كېلىپ، بىر يېرىم كۈن ئىشخانامدا ئولتۇرغان بالا ئىكەن. گەپ سۆزى خېلى جايىدا، دىتى بار، مەنا ئۇقىدىغان بالىدەك كۆرۈنگەن بۇ بالا ئەينى چاغدا مېنىڭ قوبۇل قىلىشىمغا نائىل بولۇپ، ئىشخانامنى ئوڭچە تاشلاپ بېرىپ، زۆرۈر ئىش بىلەن بىر يەرگە چىقىپ كەتكەن ئىكەنمەن. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن يېرىم كۈن ئىشخانامدا ئولتۇرۇپ قالغان بۇ بالا، ئەتىسى قارىسىنىمۇ كۆرسەتمەي قويدى. تېلېفونىمۇ ئېتىك، ئالاقە مۇمكىن بولمىدى، ئەستىن چىقىرىۋېتىش كېرەك دېگەندەك چۇرتلا ئۇنتۇپ كېتىپتىكەنمەن. مۇھىمى ئەتىسى ئىشخانامدىكى كۈزىتىش كامېراسىنىڭ ساقلانما ھۆججىتىنى ئېچىپ قارىسام، ئۇ بالا يېرىم كۈن كومپيۇتېرىمنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، تور بەتتىن ئۆزىنىڭ تۇنۇشتۇرۇلۇش جەدۋېلىنى چۈشۈرۈپ رەڭلىك پرىنتېردا 10 – 20 بەتچە بېسىپ چىقىرىش بىلەن مەشغۇل بوپتۇ. «ئاشنى مەن بەرگىلىۋاتسام تۈزكورلۇق قىلغىنى قارا!» بەلىكم شۇ چاغدا، تازا ئاچچىقىم كېلىپ ئىككىنچى ئېسىمگە كەلمەسلىككە ۋەدە قىلىۋەتكەندۇرمەن، شۇڭىمۇ ئېسىمگە كەلمىگەن چېغى.
ئادەملەر قىلغۇلۇقنى قىلىدۇ، تەڭرىم ئۈستىدە ھەممىنى كۆرىدۇ. ھېچكىم كۆرمىدى دەپ قىلغان ئىشنىڭمۇ ھامىنى بىر كۈنى سورىقى بولىدۇ.
ھەر كىمنىڭ قانداق كۈنگە قېلىشى شۇ كىشىنىڭ قىلغان ئەتكىنىگە باغلىق. قورساقتا ئۇماچ قانچىلىك بولسا قىلالايدىغان ئىشمۇ شۇنچىلىك بولىدۇ. گەپنى قىلماق ئاسان ھۆددىسىدىن چىقماق ئۇنچە ئاسان ئەمەس. پەقەت ئەقىللىقلا بولغانغا ياخشى ياشاپ كەتكىلى بولمايدۇ، يەنە ئىقتىدار كېرەك، شۇنداقلا قانداق ياشاشنى بىلىش، قانداق ئادەم بولۇشنى بىلىشمۇ مۇھىم، ساپا كۆپ ھاللاردا شۇ كىشىنىڭ ئۆمرىنىڭ قانداق رەۋىشتە ئۆتىدىغانلىقىنى بەلگىلەپ قويىدۇ.
زارلىنىش پىسخىكىسى ئەسقاتمايدۇ، ئۆزگەرتىش ئىستىكى ئادەمنى يۈكسەلدۈرىدۇ. پەقەت تەغدىرىدىن زارلىنىشلا بولۇپ، تەغدىرىنى ئۆزگەرتىش ئىستىكى بولمايدىكەن ھازىرقىدىنمۇ بەتتەر كۈنگە مۇپتىلا قىلىدۇ.
خىزمەتنى ھەرگىزمۇ ئويۇن كۆرمەڭ، شۇنداقلا ئۇنى ئۆزىڭىزگە توزاق، بويۇنتۇرۇقمۇ كۆرمەڭ، بىلسىڭىز خىزمەت سىزنىڭ تەغدىرىڭىزنى ئۆزگەرتىشتىكى ۋاسىتىدۇر. خىزمەتتە قىينىلىش بولۇشى تەبىئىي، چۈنكى ئۇ ئويۇن ئەمەس، خالىسىڭىز قىلىدىغان، خالىمىسىڭىز قىلمايدىغان، شۇنداقلا ئۆز مەيلىڭىزچە خالىغان رەۋىشتە قىلىدىغان. خىزمەتتە قىينىلىنىشنىڭ بولغىنى سىزنىڭ ئىقتىدارىڭىزنىڭ كەملىكىدىن. ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن داۋامىلق ئۆگىنىش كېرەك. خىزمەتتە ئىلگىرىلەش ئۈچۈنمۇ داۋاملىق ئۆگىنىش روھى بولۇشى كېرەك.
ئۇنداقتا دىققىتىڭىز تۆۋەندىكىلەردە بولسۇن.







خىزمەتچى قوبۇللاش ئېلانى

تۇردى لېتىپ


شىنجاڭ ئىزگۈ ئۇچۇر تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 2006–يىلى شىنجىن ئىزگۈ يۇقىرى پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارىمىقىدا ئۈرۈمچىدە ئەنگە ئالدۇرۇلۇپ، 2007- يىلى مۇستەقىل ئىگىلىك ھوقۇقلۇق شىركەت بولۇپ قۇرۇلغان، سودا- تىجارەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكۈنە ۋە يۇمشاق دېتال سىستېمىلىرىنى تەتقىق قىلىپ بازار ئېچىشنى ئاساسىي تىجارەت يۆنىلىشى قىلغان يۇقىرى تېخنىكىلىق خۇسۇسىي كارخانا.
شىنجاڭ ئىزگۈ ئۇچۇر پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قۇرۇلغان بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، سودىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ كەلدى. 2008-يىلى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى ئېلېكتىرونلۇق پۇل يىغىش ماشىنىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەپ بازارغا سالغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن يەنە مۇشۇ كەسىپتە تېخىمۇ ئاپتوماتلاشقان، تېخىمۇ ئىلغارلاشقان كەسپىي سىستېمىلارنى تەتقىق قىلىپ بازارغا سالدى. بۇنىڭ ئىچىدە يېمەك-ئىچمەك تىجارىتى كەسپىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان «ھەممىباب يېمەك-ئىچمەك تىجارىتى باشقۇرۇش سىستېمىسى» ئەڭ بازارلىق مەھسۇلات بولۇپ قالدى ۋە كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ ياقتۇرۇشىغا سازاۋەر بولدى. بۇنىڭلىق بىلەن، يۇرتىمىزدىكى ئاشخانا-رېستورانلاردا، كۈتكۈچىلەر قولدا ئېلىپ يۈرۈيدىغان مۇخسۇس ئۈسكۈنىدە تاماق تىزىملايدىغان ۋە پۇل ئېلىش ئورنىدا ئېنىق ھېسابات تالونى ئۇرۇپ بېرىلىدىغان ھالەت ئومۇملاشتى.  
يېمەك-ئىچمەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسىدىن پايدىلانماي بولمايدۇ. ئىلغار تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەرنى يېمەك-ئىچمەك تىجارىتى كەسپىگە تەدبىقلاش ۋە سېتىشتىن كېيىنكى تېخنىكىلىق مۇلازىمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئىزگۈ شىركىتىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەرەققىيات پىلانىنىڭ بىرى. مۇشۇ ساھەدە يەنە نۇرغۇن ئىشلار بىزنىڭ قىلىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا. قانداق قىلغاندا يېمەك-ئىچمەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق يېڭى مەھسۇلاتلارنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلە بىز داۋاملىق ئىزدىنىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى. ھازىرقى ۋەزىيەتكە ماسلاشقان، دەۋر تەلىۋىگە ئۇيغۇن، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمىتىگە پايدىلىق بولغان ھەرقانداق تېخنىكىلىق تۈر سىستېمىلارنىڭ بارلىققا كېلىشى جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
بولۇپمۇ يېمەك-ئىچمەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتى جەمئىيەتتىكى ھەر بىر كىشىنىڭ بىۋاسىتە ئىستېمال مەنپەئەتىگە، سالامەتلىكىگە، ۋاقىت ئۈنۈمدارلىقىغا بېرىپ تاقىلىدىغان مەسىلە بولغاچقا بۇ ساھەدە يېڭىلىق يارىتىش شىركىتىمىزنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك بوشاشتۇررۇشقا بولمايدىغان مۇھىم ۋەزىپىسى. چۈنكى، يېمەك-ئىچمەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتى بىرىنچىدىن كىشىلەرنىڭ بىۋاسىتە ئىستېمال مەنپەئەتىگە، ئىككىنچىدىن جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي-مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا، ئۈچىنچىدىن ياشلارنىڭ جەمئىيەتتە چىقىش يولى ئىزدىشىگە بېرىپ تاقىلىدۇ.
شىركىتىمىز مۇشۇ ساھەدە داۋاملىق ئىزدىنىپ داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭىچە مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سېلىش بىلەن بىرگە ياشلارنىڭ تەربىيەلىنىشىگىمۇ ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. جەمئىيەتتە ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارنى خىزمەتكە قوبۇللاپ، بىر مەزگىللىك تەرىبىيەلەشتىن كېيىن ھەرقايسى ئىش ھالقىلىرىغا خىزمەتكە قويدى ۋە بىر قىسىملىرىنى شىركىتىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىۋاتقان ئورۇنلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ھاۋالە قىلدى. بۇنىڭلىق بىلەن يۇقىرى ئۈنۈمدارلىقتىكى خىزمەت مۇھىتى يارىتىلىپلا قالماي يەنە مەلۇم ئىجتىمائىي ئۈنۈممۇ قولغا كەلتۈرۈلدى. شىركىتىمىز ھازىرمۇ ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارنى تەرىبىيەلەش ۋە تەربىيەلەشتىن كېيىنكى مۇۋاپىق خىزمەتكە تەقسىملەش ئىشىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ.
مۇۋاپىق تەرىيىلىنىش شارائىتى بولماي تۇرۇپ، كەلگۈسى خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالاش مۇمكىن ئەمەس. بىر مەزگىللىك سىستېمىلىق تەرىيىلىنىشنى باشتىن كەچۈرۈپ ھەقىقىي ئەز قاتىدىغان ماھارەت ۋە ئىقتىدار يېتىلدۈرگەن خىزمەتچىنىڭ مەيلى نەدىلا بولمىسۇن ئەتىۋارلىىنىپ ئىشلىتىلىدىغانلىقى دەر ھەقىقەت. شۇنداق بولغان ئىكەن تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ.
سېتىش بۆلۈم خادىملىرى:
1)        تەربىيىلىنىش مۇددىتى بىر ئاي. دەرس سۆزلىنىدىغان ۋاقىت جەمئىي 40 سائەت، ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 2سائەتتىن سۆزلىنىپ، قالغان ۋاقىتتا ئىختىيارى پائالىيەت ۋە ئۆز ئارا مۇنازىرە ۋاقتى ئاجرىتىلىدۇ.
2)        تەربىيىلىنىش مەزمۇنى؛
ئاشخانا-رېستوران تىجارەت ئەندىزىسىنى ئۆگىنىش، (2 سائەت)
ھازىرغىچە سىستېما ئورناتقان ئۈلگىلىك ئورۇنلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى بىلەن تونۇشۇش، (2 سائەت)
تىجارەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكۈنە – ئاپپاراتلار بىلەن تونۇشۇش، (6 سائەت)
ھەرقايسى يۇمشاق دېتاللار بىلەن تونۇشۇش، (8 سائەت)
يېمەك-ئىچمەك تىجارىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا بولغان قىياس ۋە تەھلىل، (4 سائەت)
خېرىدار ئېھتىياجىنى ئىگىلەش ۋە چوڭقۇر تەھلىل قىلىش ئۇسۇلى، (4 سائەت)
يېڭى تۈر ئىشقا كىرىشتۈرۈش لايىھەسى تۈزۈش، (10 سائەت)
نەق مەيدان تونۇشتۇرۇش ۋە تەنپەن ماھارىتىنى ئۆگىنىش. (4 سائەت)
3)                تەربىيىلىنىش ئوبيېكتىغا قويۇلىدىغان تەلەپ؛
25 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان تۇراقلىق تۇرمۇش شارائىتىغا ئىگە ئەر ياكى ئايال.
كومپيۇتېر ئاساسىي مەشغۇلات سەۋىيىسىگە ئىگە ۋە بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆزىنىڭ شەخسىي كومپيۇتېرى بولغانلار.
تەپەككۈرى ئوچۇق، تىلغا باي، ئىزدىنىشچان.
ۋاقىت قارىشى كۈچلۈك، ۋەدىسىدە تۇرىدىغان، چىقىشقاق.
پۇل تېپىش ئىدىيىسى كۈچلۈك، دەۋرگە ماس قىممەت قارىشىغا ئىگە، سودا ئىلمىدىن خەۋەردار ياكى ئىلگىرى مال سېتىپ باققان.

تېخنىكا بۆلۈم خادىملىرى:
1) تەربىيىلىنىش مۇددىتى بىر ئاي. دەرس سۆزلىنىدىغان ۋاقىت جەمئىي 50 سائەت، ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن 2 سائەتتىن سۆزلىنىپ، قالغان ۋاقىتتا ئىختىيارى پائالىيەت ۋە ئەمەلىي مەشغۇلات ۋاقتى ئاجرىتىلىدۇ.
2) تەربىيىلىنىش مەزمۇنى؛
ئۈسكۈنىلەر ئارا تورلاشتۇرۇش تېخنىكىسى ۋە ئەمەلىي مەشغۇلات، (4 سائەت)
ھازىرغىچە سىستېما ئورناتقان ئۈلگىلىك ئورۇنلار ئۈسكۈنىلىرىنىڭ تورلىشىش سىخىمىسى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى. (4سائەت)
تىجارەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكۈنە – ئاپپاراتلار بىلەن تونۇشۇش ۋە دەسلەپكى تەڭشەش ئۇسۇلى (8 سائەت)
ھەرقايسى يۇمشاق دېتاللار بىلەن تونۇشۇش ۋە قاچىلاش ئۇسۇلى (10 سائەت)
يېمەك-ئىچمەك تىجارىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا بولغان قىياس ۋە تەھلىل، (4 سائەت)
كەلگۈسى ئېھتىياج ۋە يېڭى مەھسۇلات ئېچىش يۆنىلىشى (4 سائەت)
يېڭى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن تۈرنى باشقۇرۇش ۋە خىزمەت تەرتىۋى، (10 سائەت)
كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى. (4 سائەت)
نەق مەيدان جىددىي ئەھۋال تەدبىرى تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش ئۇسۇلى (2 سائەت)
3)         تەربىيىلىنىش ئوبىكتىغا قويۇلىدىغان تەلەپ؛
22 ياشتىن 28 ياشقىچە بولغان ئۈرۈمچىدە ۋاقىتلىق تۇرۇش شارائىتىغا ئىگە ئوغۇل ياكى قىز.
كومپيۇتېر مەشغۇلاتىغا ھېرىسمەن ۋە ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆزىنىڭ شەخسىي خاتىرە كومپيۇتېرى بولغانلار.
تەپەككۈرى ئوچۇق، تىلغا باي، ئىزدىنىشچان.
ۋاقىت قارىشى كۈچلۈك، ۋەدىسىدە تۇرىدىغان، چىقىشقاق.
پۇل تېپىش ئىدىيىسى كۈچلۈك، دەۋرگە ماس قىممەت قارىشىغا ئىگە، سودا ئىلمىدىن خەۋەردار، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بولغان.
خەنزۇچە بىلىدىغان، ئېنگلىسچىنى كۆرۈپ چۈشىنەلەيدىغان.
ئېرىشىلىدىغان تەمىنات ۋە خىزمەت كاپالىتى
يۇقىرىقى بىر ئايلىق تەربىيىلەش مۇددىتى ئىچىدە شىركىتىمىز ھېچقانداق تەمىنات بىلەن تەمىنلىمەيدۇ. تەرىبىيىلەشنى تولۇق، ئۈنۈملۈك تاماملىغانلارغا ئەمەلىي ئېھتىياجى ۋە ئىقتىدارىغا ئاساسەن خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، كېيىنكى رەسمىيلىشىش مۇددىتى ئىككى ئاي، بۇ جەرياندا ئاساسىي مائاشى مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولمايدۇ. رەسمىي خىزمەتچى بولغاندىن كېيىن 3 يىللىق خىزمەت توختامى تۈزۈلۈپ، ئاساسىي مائاشقا قوشۇلغان مۇكاپاتلىق تەمىناتتىن بەھرىمان بولىدۇ. 5 تۈرلۈك سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلىدۇ. سۇغۇرتا ھەققىنى شىركەت ئۈستىگە ئالىدۇ. شىركىتىمىز ھەر ئاينىڭ 10- كۈنى ئەزەلدىن كىچىكتۇرمەي مائاش تارقىتىپ كەلدى ۋە ئاي ئاخىرىدا شىركەتنىڭ شۇ ئايلىق تاپاۋىتىگە ئاساسەن ھەر بىر خىزمەتچىگە مۇكاپات تەخسىملەپ تارقىتىدۇ. شىركىتىمىزدە كۆپ ئىشلىگەن كۆپ ھەق ئېلىش تۈزۈمىي بويىچە ئايدا 10 مىڭ يۈەن مائاش تاپشۇرىۋېلىشمۇ رېياللىققا ئايلانغان.
ھاياتىڭىزنى ئاسايىشلىققا باشلاي، تەغدىرىڭىزنى ئۆزگەرتەي دېسىڭىز مۇشۇ يولدا ئىزدىنىپ نەتىجە قازانغانلارنىڭ يېتەكلىشىگە ئەگەشكىنىڭىز تۈزۈك. ھاياتلىقتا، ئەمەلىيەتتە ھېچكىم سىزنى ئالدىمايدۇ، پەقەت قانداق ياشاشنى بىلەلمىگەن ئادەم ئۆز- ئۆزىنى ئالداپ ئۆمىرىنى خاراپ قىلىدۇ، ئۆزىڭىزگە ۋە ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە ھەرىكىتىڭىز – نەتىجىڭىز ئارقىلىق جاۋاپ قايتۇرۇشنى ئويلىغان بولسىڭىز يۇقىرىقى چاقىرىمىزغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇڭ ۋە ماسلىشىڭ. كەلگۈسى سىزنىڭ قولىڭىزدا، يېتەكلەش بىزدىن تىرىشىش سىزدىن!
شىنجاڭ ئىزگۈ ئۇچۇر پەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى تۇردى لېتىپ 2013- يىلى 1- فېۋرال ئۈرۈمچى  
شىركەت ئادرېسى ئۈرۈمچى شەھىرى 5- كۆۋرۈك «شىمالىي يۇرتتىكى باھار شەھەرچىسى» 2- بىنا (پەرۋاز رېستورانىنىڭ ئۈستى) 1103- نومۇر دەم ئېلىش بايرام كۈنلىرىمۇ ئىش بىجىرىدۇ. ئۈندىدار نومۇرى: TUERDI‐IZGU

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-26 23:01:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخنىكىلىق مۇلازىمەت ھۆددىگەرى چاقىرىش ئۇقتۇرۇشى
شىركىتىمىز ئالتە يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىنى تاماملاش جەريانىدا، ئاشخانا- رېستوران تىجارىتىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش سىستېما قۇرۇلۇشىدا شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ھازىرغىچە بۇ سىستېمىنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئاشخانا- رېستوران ئورۇن سانى150 تىن، تاللا بازارلىرى سانى 200دىن ئاشتى. نۆۋەتتە، كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان بازار ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ۋە جەمئىيەتتە چىقىش يولى ئىزدەۋاتقان ياشلارغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىش مەقسىتىدە، ھەرقايسى ۋىلايەت- شەھەر، ناھىيىلەردىن تۆۋەندىكىدەك شەرتلەردە تېخنىكىلىق مۇلازىمەت ھۆددىگەرى چاقىرىدۇ. شىركىتىمىز؛
1- تېخنىكا، قەرەللىك تېخنىكىلىق تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىپ، تېخنىكىلىق ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ.
2- بازار ئۇچۇرى، شۇ تەۋەلىكتىن كەلگەن سېتىۋېلىش ئېھتىياج ئۇچۇرى ۋە تېخنىكىلىق مۇلازىمەت تەلىپىنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.
3- سۈپەتلىك مەھسۇلات، سىستېمىغا كېرەكلىك مەھسۇلات ۋە ھەرخىل زاپچاسلارنى مۇۋاپىق باھادا تەمىنلەيدۇ.
4- ماركا ئوبرازى، ئىزگۈ شىركىتىنىڭ تارماق ئورگىنى ۋە شۇ رايوندىكى مەخسۇس خادىمى سالاھىيىتى بېرىلىدۇ.
ھۆددىگەر ئورۇن ھەر بىر ناھىيىدە بىردىن، شەھەرلەر رايون ئايرىمىسى بويىچە بىردىن دائىرە ئايرىلىپ، شۇ تەۋەلىكتىكى كونا- يېڭى خېرىدارلارنىڭ تېخنىكىلىق مۇلازىمىتىگە مەسئۇل قىلىنىدۇ. ھەق ئېلىش ئۆلچىمى بىر تۇتاش بەلگىلىنىدۇ.
ھۆددىگەرلىك سالاھىيىتى كاپالەت ھەققى 20مىڭ يۈەن.
forum.php?mod=viewthread&tid=6244

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-14 00:07:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى يىل يېڭى تىلەك

يىلنىڭ ئۆرۈلۈشى ئادەم ئۈچۈن ئۆزىگە يېڭىچە پىلانلارنى تۈزۈشكە دەۋەت بولىدۇ. يېڭى يىلنىڭ كېلىشى مەيلى سىزنىڭ يېشىڭىزنىڭ بىر ياش ئارتىپ قېرىلىققا بىر قەدەم يېقىنلاشقانلىقىدىن دېرەك بەرسۇن ياكى پەرزەتنلىك مەجبۇرىيىتىڭىزنى ئادا قىلىۋېلىش پۇرسىتىنىڭ يەنە بىر يىل قىستاپ كەلگەنلىكى، ئائىلە تۈۋرۈكىلىك مەجبۇرىيىتىڭىزنىڭ يەنە بىر بالداق ئېشىپ بارغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىڭىزدىن بولسۇن، بۇ يىلى كۆپرەك ۋاقتىمنى ئۆيدىكىلەر بىلەن بىرگە بولۇشقا ئاجرىتاي، ۋاقىتلا بولسا كۆپرەك كىتاپ كۆرۈشكە تىرىشاي، سالامەتلىك ئۈچۈن كۆپرەك كۆڭۈل بۆلەي دەيدىغان پىلانلارنىڭ بولۇشى تەبىئىي ئەھۋال. يېڭى بىر يىلنىڭ كەلگەنلىكىدىن ھاياجانلىنىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى، بۇ يىلنىڭ كېلىشى سىزنىڭ خالاش خالىماسلىقىڭىز بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. مۇھىمى، سىزنىڭ ۋاقىتنى- ئۆمۈرنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىڭىزگە باغلىق. يىل ئۆرۈلدى دەپ ۋايىم يىگۈچە، بۇ يىلنى قانداق پىلانلار بىلەن ئۆتكۈزۈشۈم كېرەك دېگەنلەر ئۈستىدە باش قاتۇرغان تۈزۈك.
بىر شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئەڭ ئاۋۋال ئويلايدىغىنىم شىركەتتىكى ئىزباسارلىرىمنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىغا قانچىلىك دەرىجىدە ئىشتىياق قىلىدىغانلىقى، كېيىنكى قىيىنچىلىقلارغا قانچىلىك دەرىجىدە ئىرادە تىكلىگەنلىكى يەنە ئۆزىدىكى سەۋەنلىكلەرنى قانچىلىك دەرىجىدە ھېس قىلغانلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ نەتىجىلىك بولۇشىنى، تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشى قامداشىنى ئارزۇ قىلمايدىغان كۈنۈم يوق.
مېنىڭ ئۆتكەن يىلى شىركەتنىڭ قانچىلىق تاپاۋەت ياراتقانلىقىنى، قانچىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى سوراپ يۈرگۈم يوق. ھۇھىمى، ئۆتكەن يىلى قانچە خىزمەتچى ئۆي ئۇچاقلىق بولالىدى، پەرزەنت يۈزى كۆردى، ئائىلىسىنى باقالىدى، مانا بۇلار بارلىق نەتىجىلەرنىڭ كاتتىسى. خىزمەت ئىشلەشتىكى مەخسەت نېمە؟ ياخشى يەپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش. بۇلار ھەل بولماي تۇرۇپ باشقىسىدىن سۆز ئېچىش ئەخمەقلىق.
شىركەت مەھسۇلاتىدا تۆت نەرسە مۇھىم؛ چىداملىق، ئىشەنچلىك، بىخەتەر، ئەتراپلىق. مەيلى سىز مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىڭ، ياكى سېتىڭ ۋە ياكى مۇلازىمەت قىلىڭ مۇشۇ تۆت پىرىنسىپقا ئەمەل قىلالمىسىڭىز خىزمىتىڭىزنى ئۇتۇقلۇق بولدى دېگىلى بولمايدۇ. پىرىنسىپ-قائىدە بولماي مۇمكىن ئەمەس. ئۇنى مەن تۈزۈپ بەرمەيمەن، مەن باشلاپ بەرگەن بويىچە داۋاملىق كېڭىيتىپ، ئىنچىكىلەشتۇرۇپ ھەر بىر خىزمەتچى ئاڭلىق رىئايە قىلىدىغان ھالەت شەكىللەنسە ئىشلار شۇندىلا يۈرىشىدۇ. ئاندىن قالسا ئىناقلىق، خىزمەت دېگەننى بىر ئادەم قىلىدىغان ئىش ئەمەس. چوقۇم كۆپچىلىكنىڭ ھەمكارلىقى بولۇشى كېرەك. رىقابەتتىن ھەمكارلىق ئەلا، ھەمكارلىشىش مۇمكىن بولىدىغان كۈچلەر بىلەن تولۇق ھەمكارلىشىش كېرەك. ئىشلەش ئارزۇسى بارلارنى قايتۇرماسلىق كېرەك. ھېچ قايسىڭلار مۇشۇ سەپكە قېتىلىپلا ھەممىنى قىلالىغان ئەمەس، بىر مەزگىللىك ئۆگىتىلىش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرگەن. ئەينى چاغدا مەن سىلەرگە بۇ ئىشلارنىڭ قائىدىسىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن قانچىلىك باش قاتۇرغانلىقىمنى سىلەرمۇ ئويلاپ بېقىڭلار، يېڭى كىرگەنلەرنى بىلمەيدىكەن دەپ ئەيىپلىمەڭلار، تەربىيىلىمەسلىك سىلەردىكى ئىللەت. خىزمەت سېپىڭلاردا پىكارچىلار بولمىسۇن. كىم بېكار قالسا مېنىڭ يېنىمغا بۇيرۇڭلار، مەن بىلمىگىنىنى بىلدۈرەي. بىلمىدى دەپ سىرتقا قوغلىماڭلار. جەمئىيەتتىكى ياشلارنى سىلەر ئاراڭلارغا ئالمىساڭلار كىملەر ئارىغا ئالسۇن. سىلەرنىڭ يىنىكلىك بىلەن قىلغان قارارىڭلار بىر ياشنىڭ كەلگۈسىنى نابۇت قىلىۋەتمىسۇن.
تۈرلۈك ئىشلاردا ئېھتىيات قىلىڭلار، بارلىق خېيىم-خەتەر ئېھتىياتسىزلىقتىن، بىپەرۋالىقتىن كېلىدۇ. ئېھتىيات قىلمىسا ئادەم تېيىلىپ يىقىلىپمۇ ئۆلۈپ قالىدۇ. كۈيۈمچان بولۇڭلار، ئورۇنسىز ئىشلاردا بىراۋنى بوزەك قىلىۋېلىش ئويى سىلەردە بولمىسۇن. مۇمكىن قەدەر باشقىلارغا ياردەم قىلىڭلار.
سىلەر قىلىۋاتقان ئىشلارغا مەن ئەمدى ئارىلاشمايمەن. پەقەت سىلەر تېخى ئويلاپ يېتەلمىگەن كىچىك ئىشلارنى سىلەر بىلمەستە تەقلەپ قويۇشۇم ۋە سىلەر ئۈستۈڭلەرگە ئالالمايدىغان مەسئۇلىيەتلەرنى مەن شەپە چىقارماي ئورۇنداپ قويۇشۇم مۇمكىن. سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن بولۇنغان ئەرز-شىكايەتلەرنى يەنىلا مەن ئۈستۈمگە ئېلىپ ھەل قىلىپ قويىدىغانلىقىم ئېنىق. بەزى ئىشلاردا مېنىڭ يول قويۇشۇمدىن مېنى ئەخمەقلىق قىلدى دەپ ئويلاپ قالماڭلار. بەزى ئىشلاردا باشقىلار بىلەن قىل چاغلىق نەرسىنى تالىشىپ يۈرۈشنىڭ پەقەت ھاجىتى يوق. ھەر كىمگە خوشاللىق، خاتىرجەملىك كېرەك. خاتىرجەملىك ئۈچۈنمۇ بەزىدە بەدەل تۆلىمەي بولمايدۇ.
ئادەم ئۈچۈن قىلغىلى ئىش يوق، ئىشپۇشىقىغا قېلىشتەك ئەلەملىك ئىش يوق. قىلغىلى ئىش بولۇشى بەكمۇ مۇھىم. بېكار يۈرگۈچە بېكارغا ئىشلىگەن ياخشى، بىزگە ھاجىتى چۈشكەن ئادەملەرنى ھەققىمنى بەرمىدى دەپ رەت قىلىپ يۈرمەڭلار. شۇ ئىشنى قىلىش جەريانىدىكى تەجرىبىمۇ سىلەر ئۈچۈن بەك مۇھىم.
كىلەر يىلى بىر قانچە چوڭ ئىش ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن. لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن كېرىلىۋېلىشقا بولمايدۇ. ھازىرغىچە قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزنى تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ قىلمىساق چوڭ ئىشلارنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ھەرقانچە چوڭ ئىشلار يۈز بەرسىمۇ سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىكى ئىشقا تەسىرى بولماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش مانا مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم، سىلەرنىڭ ئارتۇقچە ۋايىم يەپ كېتىشىڭلارنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق.
يېڭى يىلدا ئىشلىرىڭلارنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈپ تۇردى لېتىپ. 2014 -يىل 11- يانۋار

ۋاقتى: 2015-4-13 17:38:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزگۈ شېركىتىگە بەخت،ئامەت،روناق ،ئىلگىرىلەشلەر يار بولسۇن.

ۋاقتى: 2015-6-30 11:02:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزگۈ شىركىتىگە نۇسرەت تىلەيمەن !!!  

ۋاقتى: 2015-6-30 12:35:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزگۈ شىركىتىگە ئۇتۇق تىمەيمىز.

ۋاقتى: 2015-6-30 12:45:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



         روناق تاپسۇن!

ۋاقتى: 2016-4-8 16:41:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سودا-سېتىق بارغانسىرى ئاددىيلىشىۋاتىدۇ،تور سودىسى  تىخىمۇ قولايلىقلىشىۋاتىدۇ ئىزگۈ شىركىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش