كۆرۈش: 589|ئىنكاس: 1

تۇردى لېتىپنىڭ ئىگىلىك تىكلەش مۇساپىسى - رادىيو زىيارىتى خاتىرىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسسى شەھەر ئاۋازى پىروگىراممىسى مەخسۇس زىيارىتى


قاتناشقۇچىلار: شىنجاڭ ئىزگۈ ئۇچۇر پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدىن تۇردى لېتىپ، روزىقارى
رىياسەتچى: مەۋلۇت ئىبراھىم

بىر ئادەمنىڭ مۇۋاپپەقىيەتلىك ئىگىلىك تىكلەش نەتىجىللىرى ھەم مۇشۇ جەرياندا ھىس قىلغان، يەكۈنلىگەن تەجرىبە ساۋاقلىرى يەنە نۇرغۇن كىشلەرگە ئۈلگە بولۇپ قېلىشى ۋە ياكى قوزغاتقۇچلۇق رول ئويناپ قېلىشى مۇمكىن، چۈنكى بىزدە ئۈلگىنىڭ كۈچى چەكسىز دەيدىغان گەپ بار، شۇڭا سىزلەردە مۇبادا قىلىۋاتقان ئىشىڭىزدىن ئاز تولا زېرىكىش ھىس قىلغان، بەزى بىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كىلىپ ھەل قىلىپ بولالمايۋاتقان ۋە ياكى نېمە قىلارىڭىزنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالغان ۋاقىتلىرىڭىز بولسا، ئەڭ ياخشىسى تەقدىرىڭىزدىن قاقشىماي ئەنە شۇنداق جاپا مۇشاقەتلەر ئىلكىدە ئۆز قىممىتىنى نامايان قىلۋاتقان مۇۋاپپەقىيەتشۇناسلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى، ھېكايىلىرىنى ئاڭلاپ بېقىڭ. بەلكىم بۇنىڭ سىزگە ئويلىمىغان ياردىمى تىگىپ قېلىشى مۇمكىن، راستىنى دېسەم بۈگۈن مەن بىلەن مۇشۇ سۆھبەت ئۈستىدە ئولتۇرغان تۇردى لېتىپ ئەپەندى ھەققىدە سىلەرگە يەنىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئۆز ئېغىزىم بىلەن دەپ بىرەلمەسلىكىم مۇمكىن، سىلەر بىلەن بىرلىكتە تۇردى لېتىپنىڭ ئىگىلىك تىكلەش جەريانلىرنى ۋە ھېكايىللىرىنى بىرلىكتە ئاڭلىماقچىمىز. دېمەكچىمىزكى، تۇردى لېتىپ بىلەن ئۆتكۈزمەكچى بولغان مۇشۇ سۆھبىتىمىزنىڭ ئاڭلىغۇچىلارغا ھەم شۇنداق تەسىر بىرەلىشىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.
ـــ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىھمانلار.
ـــ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام !
ـــ پىروگىراممىمىزغا قاتناشقىنىڭلارنى قارشى ئالىمىز، تۇردى ئەپەندىم، ئەمدى سىز مۇشۇ شىنجاڭ ئىزگۈ ئۇچۇر پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى قاچان قۇرۇپ چىقتىڭىز؟
ـــ 2006- يىلى قۇرغان.
ـــ نىمە مەقسەتتە بۇ شىركەتنى قۇرۇپ چىقتىڭىز؟
ـــ مەن ئەينى چاغدا چەتئەل كارخانىللىرىدا ئىشلىگەن ۋاقتىمدىمۇ سودا تىجارەتتە ئىشلىتىدىغان ئۈسكۈنىلەرنى ياساش، قوراشتۇرۇش، بازارغا سېلىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلغان، يۇرتۇمغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن بىزنىڭ سودا تىجارەت- ئىقتىسادى تەرەققىياتقا چېتىشلىق زۆرۆر ھالقىلاردا ھىچ قانداق تەرەققىيات يوق ياكى ئەنئەنىۋى، ئىپتىدائى ھالەتتە قېلىنىۋاتقانلىقى ئۈچۈن مۇشۇ ئىشلانى ئاپتوماتلاشتۇرۇش، ئاسانلاشتۇرۇش، كومپىيوتېر يۇمشاق دېتال ۋاستىسى ئارقىلىق ئاسان، يۈرۈشلۈك قىلىش مەقسىتىدە مۇشۇ ئىشقا تۇتۇش قىلىپ شىركەتنى قۇرغان.
ـــ ئوقۇغان كەسپىڭىزچۇ؟
ـــ ئوقۇغان كەسپىم ئېلىكتېر ئاپتوماتلاشتۇرۇش كەسپى ئىدى.
ـــ دېمەك ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئۆزىڭىزنىڭ كەسپىنى قىلىپ ئىگىلىك تىكلەي دەپ ئويلاپسىزدە؟ چەتئەل كارخانىسىدا ئىشلىگەنلىكىڭىزنى دەپ ئۆتتىڭىز، مەسلەن قايسى كارخانىلاردا ئىشلىدىڭىز ؟
ـــ ئەينى چاغدا مەن ئۆز كەسپىمنى ئوقۇغاندىن سىرىت يەنە چەتئەل تىلى ئۆگەنگەن، ھەم شۇنىڭ ئىچىدە ياپۇن تىلىغا بىر قەدەر ياخشى ئىدىم، ھەم ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ياساشتا ئەلۋەتتە ياپۇنىيە كارخانىللىرى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ، شۇنداق بولغاچقا بىرىنجىدىن ئۆ كەسپىم يەنە بىرسى كەسىپتىن سىرىت ئۆگەنگەن تىل ئالاھىدىلىكىمدىن پايدىلنىپ ياپۇنىيەنىڭ كارخانىللىرىغا بېرىپ ئىشلىگەن، ئۇيەردە خىزمەت جەھەتتە شۇغۇللانغىنىممۇ دەل سودا تىجارەتنى ئاپتوماتلاشتۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان ئۈسكۈنە ۋە ئۇنىڭ يۇمشاق دېتاللىرى ئىدى. شۇڭلاشقا كىيىن يۇرتۇمغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىنمۇ شۇ ئىش بىلەن شۇغۇللاندىم.
ـــ سىز ئالىي مەكتەپنى قەيەردە ئۇقۇدىڭىز؟
ـــ ئۈرۈمچىدە يەنى ئەينى چاغدىكى شىنجاڭ سانائەت ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان.
ـــ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن سىز نېمە ئۈچۈن كارخانىلاردا ئىشلەشنى تاللىدىڭىز؟
ـــ مەن ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدىلا ئاساسەن ئۆزۈمنىڭ ھاجىتىدىن ئۆزۈم چىقىشقا بەل باغلىغان ھەم شۇنداق ھالەتتە ماڭغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنمۇ گەرچە بىزنىڭ يۇرتىمىز شىنجاڭدا خىزمەت مۇمكىنچىلىكى بولسىمۇ يۇقۇرى قىممەت  يارىتىدىغان، زىل، ئىنچىكە خىزمەتلەر ئاز ھەتتا يوق دېيەرلىك ئىدى، شۇڭلاشقا مەن چېنىقىش مەقسىتىدە، ئۆزۈمنىڭ كەسپى ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئىرادەمنى سىناش مەقسىتىدە ئۈرۈمچىدىكى خىزمىتىمدىن ۋاز كەچتىم.
شۇ چاغلاردا شېنجېن دا ياپۇنىيەنىڭ كارخانىللىرى بىر قەدەر كۆپ ئىدى، مەن شېنجېنغا بېرىپ ئۆزۈم ئىلتىماس سۇنۇپ، شۇ كارخانا باشلىقلىرى بىلەن بىۋاستە كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ ئىنتاھانىدىن ئۆتۈپ خىزمەتكە ئورۇنلاشتىم.
ـــ دىمەك سىز ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن، سىزگە بىر كىشلىك خىزمەت چىققان، شۇنداقمۇ؟
ـــ چىققان.
ـــ سىز خىزمەتنى رەت قىلۋەتتىڭىز؟
ـــ توغرا.
ـــ شۇ ۋاقىتتا بەلكىم ساۋاقداشلىرىڭىز، ئەتراپىڭىزدىكىلەر سىزدىن: «نىمە قىلسەن جاپا تارتىپ، خىزمىتىڭنى قىلساڭ بولمامدۇ» دەيدىغان كۆز قاراشلاردا بولغانغۇ دەيمەن؟
ـــ ئەلۋەتتە بولغان، كۆپ ئادەم مىنى ئەقلىدىن ئادىشىپتۇ، ساراڭ بوپتۇ دەپ قارىغان. ئۇ چاغلاردا بىر مۇقۇم خىزمەتكە ئېرىشىش چوڭ ئىش ئىدى. نۇرغۇن ئادەم پۇل خەجلەپ، ئارقا ئىشىك قىلىپ، مۇناسىۋەت ئارقىلىق يول مېڭىپ خىزمەتكە ئېرىشەتتى، مېنىڭ ئۇقۇش نەتىجەم بىرقەدەر ياخشى بولغاچقا مەكتەپ كۆڭۈل بۆلۈپ خىزمەتكە بۆلۈپتىكەن، شۇ خىزمەتنى رەت قىلۋەتكىنىم كۆپ ئادەمنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمىگەن، مېنىڭ ئۇ خىزمەتتىن كۆڭلۈم سۇ ئىچمەسلىكى بىكار ئولتۇردىغان خىزمەت ئىكەنتۇق، كۈندە ھەر بىر سائەتتە بىر نەرسىلەرنى خاتىرلىگەندىن باشقا سەككىز سائەت بىكار ئولتۇرۇپ كۈننى كەچ قىلىش ئىكەنتۇق. شۇنداقلا ئۇ يەردە بىكار ئولتۇرۇشتا كىتاب كۆرگىلى ياكى پاراڭلاشقىلى بولمايدۇ، ئۆگىنىش، بىرەر نەرسە كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس، شۇڭلاشقا ئۇنداق خىزمەت ئورنىدا بىر ئۆمۈر ئىشلىسىمۇ ئادەمدە ھېچقانداق ئىلگىرلەش بولمايدۇ دەپ قاراپ ئۇ خىزمەتتىم رايىم يانغان. شۇڭا ۋاز كەچكەن ئىدىم.
ـــ دېمەك، مىجەز خارەكتىرىڭىزدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، سىزدە بىرخىل تىنىمسىزلىق، يېڭىلىققا ئىنتىلدىغان روھ بار ئىكەن، ھازىر بىرقىسىم ياشلىرىمىزدا ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كىيىنلا، مۇقۇم خىزمەت بولسا دەيدىغان ئىدىيە بار، ئەمدى شۇ ياشلىرىمىز مۇشۇنداق بىر خىل روھى ھالەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قانداق تەييارلىقلارنى قىلىش كېرەك دەپ قارايسىز؟
ـــ مېنىڭچە بولسا ۋاقىت ئەڭ مۇھىم، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇش كېرەك، بايا دەپ ئۆتكىنىمدەك بىرىنجى قېتىملىق خىزمەت پۇرسىتى ماڭا ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىدىغان خىزمەت بولۇپ قالدى. شۇ خىزمەتكە ئېرشىشتىن بۇرۇن مەن مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىمدا ئۆز كەسپىمنى ئۆگۈنۈش بنىلەن بىرگە كەسىپتىن سىرىت چەتئەل تىلى ئۆگۈنۈش ئۈچۈن كېچە-كېچىلەپ ئۆگۈنەتتىم، ھەتتا كېچىسى ئۇخلىماي تاڭنى ئاتقۇزاتتىم، ۋاقىتنى يەتكۈزەلمەي ئاۋارە ئىدىم، بولسا شۇ ۋاقىت ئۇزۇنراق بولسا دەيتتىم، شۇنداق ۋاقىتنىڭ قىسلىقىدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ چىقسام، مەن ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىدىغان خىزمەت ئورنىغا ئېرىشىپ قالدىم، شۇڭلاشقا ھازىرقى ياشلىرىمىزغا دەيدىغىنىم، ۋاقىت ھەر بىر ئادەمگە ئوخشاش تەقسىملەنگەن بولسىمۇ، ھەر ئادەمنىڭ پايدىلنىش ئۇسۇلى ئوخشىماسلىقىغا قاراپ. ئۇنىڭدىن كىلىپ چىقىدىغان ئۈنۈممۇ ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭلاشقا ۋاقىتنىڭ ئۈنۈمىنى ئەڭ زور دەرىجىدە يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ھەر بىر مىنۇت ھەر بىر سىكونىت ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلنىش كېرەك. بەزىدە خىزمەت قىلىپ ئۈنۈم يارىتىش بولىدۇ، لېكىن خىزمەت قىلغىلى بولمايدىغان ۋاقىتلارمۇ كۆپ بولىدۇ. بېكار ۋاقىتنى ئۆگىنىشكە قاراتسا ئاز-ئازدىن ئۆگىنىش بىلەن جۇغلانغان بىلىم ئادەمنى كەلگۈسىدە ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ۋاقىتنىڭ قىممىتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلنىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ـــ دېمەك، ياشلىرىمىزدا بىر خىل ئۆگۈنۈشكە بولغان ھېرىسمەنلىك، ۋاقىتنى قەدىرلەش تۇيغۇسى بولۇشى ئىنتايىن زۆرۆر، بەلكىم مۇشۇنداق ياخشى ئادەتلەر ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگىمۇ نۇرغۇن تەسىرلەرنى ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن، بولۇپمۇ مەكتەپكە كىرگەن ۋاقتىدىن باشلاپلا مۇشۇنداق ياخشى ئادەتنى يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم ئۆزىنى چېنىقتۇرۇش كېرەكمىكىن دەپ ئويلىدىم، بەلكىم سىزنىڭ بالىلىق ۋاقىتلىرىڭىزمۇ نۇرغۇن ئارزۇ- ئارمانلار بىلەن ئۆتكەن بولۇشى مۇمكىنغۇ دەيمەن؟ مەسلەن شۇ ۋاقىتلاردا سىزدىكى مۇشۇ خىل ئۆگىنىشكە بولغان ھېرىسمەنلىك ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كىيىن يېتىلگەن ئەمەس، بەلكى باشلانغۇچتىن تارتىپ ياكى ئەقلىڭىزنى بىلگەندىن تارتىپ سىزدە مۇشۇنداق تىرىشچانلىق روھى بارمىتى؟ ياكى باشقىلارنىڭ تەسىرى بىلەن مۇشۇنداق ئۆگىنىشكە ھېرىسمەنلىك ھالىتى شەكىللەنگەنمۇ؟
ـــ بالىلىق چاغلىرىمنى ئېيتسام، بىرىنجىدىن دادامنىڭ تەسىرى دېسەم بولىدۇ، دادام شۇنداق جىم تۇرمايدىغان ئادەمكەنتۇق، يول ياقىسىغا چىقىپ قۇلۇم- قوشنىلار بىلەن پاراڭلىشىپ تۇردىغان ياكى قۇرۇق پاراڭلار بولدىغان يەرلەردە بىر دەم يېرىم دەم تۇرۇپ قالىدىغان چاغلىرى يوق، تىنىمسىز ئىش قىلىدىغان ئادەمكەنتۇق، بەلكىم دادامنىڭ شۇ مىجەزى ماڭا يۇققان بولۇشى مۇمكىن، يەنە بىرسى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ئۇستازلىرىمنىڭ تەسىردىنمۇ ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، شۇ چاغلاردىكى ئۇستازلىرىممۇ پىشقان  قابىل ئۇستازلار ئىدى، شۇ چاغلاردا ئۇقۇش نەتىجەم ياخشى، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن مۇناسىۋەت ياخشى بولغاچقا ئۇلارمۇ ماڭا ۋاقىتنى بېكار ئۆتكۈزمەسلىك توغرىسىدا كۆپ تەربىيە قىلاتتى، بەلكىم شۇنىڭ تەسىردىن بولسا كېرەك.
ـــ توغرا، ئاتا- ئانىلارغىمۇ دەيدىغىنىمىز، بىر قىسىم ئاتا- ئانىللىرىمىز بار، بالىلىرى چوڭ بولغاندا ئۇلارغا قاقشايدىغان، زارلايدىغان، مىنىڭچە شۇ ئاتا- ئانىلار بالىلارغا كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ ياخشى ئۈلگىلەرنى تىكلەپ بىرىشى كېرەك شۇنداققۇ. سىز ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، خىزمەتنى رەت قىلىپ ئىچكىردىكى شىركەتلەردە ئىشلىدىڭىز، ئۆز ئالدىڭىزغا ئىزگۈ ئۇچۇر پەن- تېخىكا چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ چىقتىڭىز، قۇرۇپ چىقىپ تۇنجى بازارغا سالغان مەھسۇلاتىڭىزنى ئاڭلاپ باقساق بولامدۇ؟
ـــ بولىدۇ، شىركەتنى قۇرۇپ بىرىنجى قىلغان ئىشىمىز «ئېلىكتىرونلۇق غەللە» مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا پۇل يىغىش ئاپپاراتى، خەنزۇچە (收款机) نىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئىشلەپ بازارغا سالدۇق، چۈنكى سودا تىجارەتنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش بولغان ئىكەن چوقۇم ئۇنىڭدا پايدىلنىدىغان بىر قىسىم ئۈسكۈنىلەر بولۇشى كېرەك، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇيغۇر تىلىدا ياسالغان بۇنداق ئۈسكۈنىلەر يوق ئىدى، شۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇپ ئۇيغۇرچىسىنى ياساپ بازارغا سالدۇق. ئۇنىڭدىن كىيىن خېرىدارلارنىڭ ئىھتىياجى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى تۈپەيلىدىن بۇ تاق يۆنىلىشتىكى ئۈسكۈنە بەزى ئېھتىياجلارنى قامدىيالمىدى. بارا-بارا بىز POS ئاپىراتى قاتارلىق كومپىيوتېرلاشقان ئۈسكۈنىلەرنى بازارغا سالدۇق، بۇ سىستېما كۆپ تىللىق بولۇپ ئۇيغۇر تىلى بىلەن باشقا تىلنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولاتتى.
ـــ ھازىر مېنىڭ بىلىشىمچە، بىر قىسىم ئاشخانىلارنىڭ تاماق بۇيرۇتۇش جەھەتتە نۇرغۇن باش قېتىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپسىلەر، ئۇ بولسىمۇ سىمسىز تاماق تىزىملاش ئۈسكۈنىسى، مۇشۇ سىستېمىسنى بازارغا سېلىپ نۇرغۇن ئاشخانىلارغا قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولۇشىڭلار مۇمكىن، مۇشۇ ھەقتىكى نەتىجەڭلارنى ئاڭلاپ باقايلى.
ـــ ئىچكىرى ۋە چەتئەللەردە يۈرۈش جەريانىدا بىز شىنجاڭدىن چىققان ئۇيغۇر بولغانلقىمىز ئۈچۈن تاماقلىنىش مەسلىسى بىر چوڭ مەسىلىگە ئايلىنىدىكەن، شۇ ۋاقىتلاردا گەرچە كۆپ يەردە تاماقلانغىلى بولمىسىمۇ، لېكىن باشقىلارنىڭ تاماقلىنىش مۇھىتىغا دىققەت قىلغان ئىدىم. گەرچە نۇرغۇن ئورۇنلاردا ئىستىمال قىلالمىساقمۇ، ئۇلارنىڭ سېتىش ئۇسۇلى، شۇ يەردىكى مۇھىت قاتارلىقلارنى كۆزەتكەن، شىنجاڭغا قايتىپ كەلسەم بۇ يەردە يەيدىغان نەرسە بەك كۆپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكىدەك تۈجۈپىلەپ تاللاشنىڭ ھاجىتى يوق، يېمەك- ئىچمەك نازۇ- نىممەتلەرنىڭ ھەممىسى بار، لېكىن شۇنىڭدىن ياخشى ئىستىمال قىلىش پۇرسىتى يوق، ئاغزاكى تاماق بۇيرۇسا، ئۇنتۇپ قېلىۋاتقان، دەپ تۇرمىسا تاماق چىقمايۋاتقان، تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن پۇل ئېلىش ئورنىغا بارسا نىمە تاماق يىگەنلىكى سورىلىۋاتقان، خاتا دەپ قالسا ياكى ئۇنتۇلۇپ قالسا ھېساپلاشتا خاتالىق كۆرۈلگەن. ئەھۋاللاردا ئادەمنىڭ كۆڭلى تولىمۇ بىئارام قىلاتتى، شۇنداق ياخشى تاماقلار بار، لىكىن پۇل تۆلەش، ئۆزى تاللىغان تاماقلارغا ئېرىشىش قىيىن ۋە گەپ سۆزلەردە ھە دېسىلا ئادەمنىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلىدىغان ئىشلار كۆرۈلەتتى. شۇڭا ھەر قېتىم بىرەر ئاشخانىغا كىرسەم كۆڭلۈم ناھايىتى بىئارام بولاتتى، بۇ يەردە شۇنىڭغا مەخسۇس ئىشلەنگەن ئۈسكۈنە، سېستىما يوق، شۇڭا مۇشۇ ئىشنى قىلىشقا ئىرادە باغلاپ مۇشۇ ئىشنى قىلغان، بۇ ئىشقىمۇ ھازىر 6 يىل بوپ قالدى. دەسلەپ قىلغان ۋاقتىمىزدا ئاشخانا- رېستۇرانلار بۇنى قۇبۇللىمىغان، قەغەزگە يازساقمۇ بولىدىغۇ، ئېغىزدا توۋلىساقمۇ بولىدىغۇ، مۇنچە جىق پۇل خەجلەپ بۇنى قىلىشنىڭ نىمە ھاجىتى، دېگەندەك گەپلەر بىلەن يېڭىلىقنى قۇبۇللىماي نۇرغۇن قىينچىلىقلارغا يولۇققان، بىر يىلدا ئاران 7-8 ئاشخانىغا قىلالىغان، ئىقتىسادى كىرىممۇ يوق دىيەرلىك، بىر ئىككى يىل مۇشۇ ھالەتتە نۇرغۇن زىيان تارتقان، بۇ جەرياندا مەھسۇلات ئېچىش بىلەن بىرگە كەڭ دائىردە تەشۋىقاتمۇ قىلدۇق، گېزىت-ژۇرناللاردا، ئاخپارات ۋاستىلىرىدىن پايدىلنىپ ئۆزىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى چۈشەندۈردۇق، شۇنداقلا ئاشخانا- رېستۇرانلارنىڭ خوجايىنلىرى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچۇرشۇپ بۇنىڭ ئەھمىيىتى، پايدىسى قاتارلىقلارنى ئۇلارغا چۈشەندۈردۇق، جەمئىيەت خارەكتىرلىك تەشۋىقاتلارنىمۇ قىلدۇق، بىزنىڭ ئاشخانا- رېستۇران غىزالىنىش مۇھىتىمىز مۇنداق تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك، شۇنداق بولغان چاغدا كۆڭۈلۈك غىزالانغىلى بولىدۇ، ئادەمنىڭ ۋاقتىنىڭ قىممىتى ئاشىدۇ، تاماقنى ئۇزۇن ساقلاپ كىتىپ، چىقمىدى دەپ جدەللىشىپ، كۆڭۈل ئاغرىقى بولىدىغان ئىشلاردىن ساقلانغىلى بولىدۇ دەپ تەپسىلى چۈشەندۈرگەندىن كىيىن ئاستا- ئاستا قوبۇللىدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئايدا 4-5 ئاشخانىغا ئورنۇتۇپ دېگەندەك، ھازىر ئالدى- كەينى بولۇپ 200 دەك ئاشخانا بۇ سىستېمىنى ئىشلىتىپ ئۈنۈمىنى كۆردى، جەمئىيەت خارەكتىرلىك ھەممە ئاشخانىغا كىرسە ئۈسكۈنىلەردە يازىدۇ، ئاپتوماتىك يوللىنىدۇ، ئاشپەزلەر دەل ۋاقتىدا خەۋەر تاپىدۇ، باش پۇل ئېلىش ئاپپاراتىدا يېگەن تاماقلارنىڭ تىزىملىكى ساقلانغان بولىدۇ، تاماقلار ئالمىشىپ قالمايدۇ دىگەندەك قاراشلار ئاممىباپ ئۇچۇرغا ئايلاندى، كېيىنكى يۈزلىنىشتە مۇشۇ ساھەدە يەنىمۇ چۇڭقۇرلاش، يەنىمۇ كېڭەيتىش، زەنجىرسىمان باشقۇرۇش ھالىتىگە كىلىش، توردا ئورۇن زاكاس قىلىش، ئۆيلەرگىچە يەتكۈزۈپ بىرىش دېگەندەك ئىشلارنى ئاپتوماتلاشتۇرۇشقا قاراپ مېڭىشىمىز مۇمكىن، چۇنكى بۇ شىركىتىمىزنىڭ ئىسمىمۇ ئۇچۇر تېخنىكا شىركىتى، شۇڭلاشقا گەرچە بىز بىۋاسىتە تىجارەت قىلمىساقمۇ، تىجارەت جەريانىدىكى ئۇچۇرنى ئەپچىللىك بىلەن يىغىپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇچۇرنى توپلاشتۇرۇپ، يوللاشقا تىگىشلىك ئورۇنغا يوللاپ، ئۇنىڭ ئۈنۈمى، قىممىتىنى ياراتتۇق دېسەك بولىدۇ.
ـــ كېيىنچە بەلكىم نۇرغۇن تاماقخانا خوجايىنلىرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولدۇڭلارغۇ دەيمەن ھە؟ ئۈسكۈنە دەسلەپتە بازارغا سېلىنغاندىن كىيىن بەزى بىر كەمچىكللىكلەردىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ، ئۈسكۈنىنىڭ ئىقتىدارلىرىنى بارغانسىرى ئىلغارلاشتۇرۇپ باردىڭلارمىكى؟
ـــ بۇنداق سېستىمىلارغا ئىشلەتكەن ئۈسكۈنىلەر ھىچ بولمىغاندا ئون نەچچە زاۋۇتنىڭ مەھسۇلاتى بىرىكىپ، بىزنىڭ كۈچ قوشۇپ، زۆرۈر يەرلىرىنى ئۆزىمىز قىلغاندىن كىيىن ئاندىن ۋۇجۇتقا چىقىدۇ، بىرلا  زاۋۇت ياكى بىرلا ئورۇن باشتىن ئاخرى ھەممىنى ئىشلىيەلمەيدۇ، شۇڭلاشقا بۇ سىستېمىمۇ ھازىرقى زامان ئېلېكتىرون تېخنىكىسى، يۇمشاق دېتال تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن ماس قەدەمدە مېڭىشى كېرەك. يېقىندىن بېرى ئالما شىركىتىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتى چىقىپ ئاندىرويد تېلېفونلار بازارغا سېلنىشنىڭ ئالدىدا بىز تاماق يازىدىغانغا شۇ چاغدىكى PDA، يەنى ئالقان كومپىيۇتېرىنى ئىشلىتەتتۇق، ئۇنى ئاشخانىدا تاماق بۇيرۇشتىن باشقا ئىشقا ئىشلەتكىلى بولمايتتى، يېقىندا ئاندىرويىد تېلېفونلار كۆپلەپ بازارغا سېلىنغاندىن كىيىن، بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفون بۇرۇنقى  PDA نىڭ ئىقتىدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولغاچقا ئاشخانىدا تاماق بۇيرۇتۇشتا پايدىلانغىلى بولىدىغان قىلدۇق. بۇنىدىكى تېخنىكا يېڭىلىنىشى بۇرۇنقى سىستېمىلاردا چوقۇم ئەڭ ئاخىرقى ئۈسكۈنە، تاماق يازىدىغىنى ياكى باشقا كومپىيوتېرلار بولسۇن چوقۇم باش ئانا كومپىيوتېرغا ئۇلىنىپ تۇرمىسا ھىچ قانداق مەسغۇلات قىلغىلى بولمايتى. مەسلەن، كومپىيوتېر توردىن ئۈزۈلۈپ كەتسە تور بەتنى كۆرگىلى بولمىغىنىدەك ، ئالمىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتى بازارغا سېلىنىپ ئاندىرويىد تىلفۇنلار كۆپلەپ بازارغا سېلىنغاندىن كىيىن بۇ ھالەتكە خاتىمە بېرىلدى، ئانا كومپىيوتېر ئۇلانمىسىمۇ مەسغۇلات قىلغىلى بولىدىغان ھالەت شەكىللەندى، ھازىر نۇرغۇن سىستېمىلارنى تورغا ئۇلىماي تۇرۇپ قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىۋېلىپ، كىيىن باشقا كومىيوتېر بىلەن ماس قەدەملەشتۈرۈش ئارقىلىق كۆزلىگەن مەقسەتقە يەتكىلى بولىدۇ، بۇنىڭ پايدىسى تور ئۇلىنىش تەلىپى تۆۋەن، مەشغۇلاتنى تېز- تېز قىلغىلى بولىدۇ. ئاشخانا سىستېمىسىدىمۇ تور سىگنالى ئاجىز يەرلەردىمۇ ئوخشاشلا مەشغۇلات قىلغىلى بولىدىغان، مەسغۇلات ئۆزىدە ساقلىنىپ بولغاندىن كىيىن تور ئۇلۇنىشى نورماللاشقان ۋاقىتتا باش ئۈسكۈنىگە يوللاپ بېرىدىغان ھالەت شەكىللەندى، كىيىنكى يۈزلىنىشتىمۇ بەلكىم مۇشۇنداق تورلاشقان ئۈسكۈنە تورلاشقان سىستېمىلاردىكى باش كومپىيوتېر بىلەن بالا كومپىيوتېر ئارسدىكى باغلىنىشنى مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلشىمىز مۇمكىن شۇنداقلا پۈتكۈل جەمئيەت مىقياسىدىمۇ شۇنىڭغا قاراپ تەرەققىي قىلۋاتىدۇ دېسەكمۇ بولىدۇ.
ـــ رەھمەت، يۇقۇرىدا بىز سىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەش جەريانىڭىز ۋە بازارغا سالغان مەھسۇتلىرىڭىز ھەم ئۇنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارلىرى ھەققىدە پاراڭلىشىپ ئۆتتۇق. 2006- يىلى شىركەتنى قۇرۇپسىز، بەلكىم شىركەتنىڭ تەرەققىياتىدىمۇ خېلى كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولىشىڭىز مۇمكىن، ئىچكىردىكى بىرقىسىم چەتئەل شىركەتلىرىدە ئىشلەش جەريانىدىكى تەجرىبىڭىزگە بىرلەشتۈرۈپ ئۆزىڭىزنىڭ مۇشۇ شىركىتىنى قانداق باشقۇرغانلىقىڭىز، ھازىر قانداق بىر سەۋيىگە يەتكۈزگەنلىكىڭىز ھەققىدىمۇ ئۇچۇر بىرىپ ئۆتەمسىز؟
ـــ بولىدۇ، ئىچكىردىكى كارخانىلاردا ئىشلەش جەريانىدا شۇ كارخانىدىمۇ ۋاقىتنىڭ ئۈنۈمىدىن ئەڭ ياخشى پايدىلنىش، ئەڭ زور دەرىجىدىكى ۋاقىتنىڭ قىممىتىنى يارتىش ئەكەنلىگىنى ئۆز ئەمەلىيىتىمدىن ئۆتكۈزدۈم. بىر خىزمەتچىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى ۋاقىت ئارقىلىق يارتىلىدىكەن، بىرىنجى، ئۇ يەردىكى خىزمەت كەيپىياتى، خۇشچاخچاق، كۆتۈرەڭگۈ ھالەتتىكى خىزمەت كەيپىياتى، ۋەدىگە ئەمەل قىلىش، ۋاقىتقا رىئايە قىلىش، ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلنىش، ھەممە ئىشنى پەزەر، ئاڭلىغان كۆرگەن ۋە ياكى خىياللارغا تايىنىپ ئەمەس ئېنىقلاپ قارار قىلىش، ھەممە ئىشنىڭ ئاساسى بار، شۇنداق قىلىشنىڭ بارلىق شەرتلىرى ھازىرلانغان، ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىشلارنى قىلىش تەكىتلىنەتتى. ئاندىن خىزمەت مۇھىتىدىكى پاكىزلىق قاتارلىق تەرەپلەردىمۇ ئالاھىدە تەلەپ قويۇلاتتى، شۇنداق بولغاچقا ئاشۇ خىل خىزمەت مۇھىتىدا ناھايىتى جىددى ئىشلەپ، ھەممە ئىشلار جايىدا يۈرۈشۈپ، بىر بىرسىنى ساقلايدىغان، جاۋابىنى كۈتۈدىغان ياكى مەلۇم ئىشنى قىلىپ قۇيۇپ ئىككىلىنىدىغان، قىلىپ بولغاندىن كىيىن جازالىنىدىغان ئىشلار يوق ئىدى. چۈنكى قىلىشتىن بۇرۇن ئۇنى قانداق قىلىش توغرىسىدىكى قائىدە تۈزۈملىرى ئېنىق بەلگىلەن بولغاچقا شۇ بويىچە ئېلىپ باراتتۇق، كۆپتۈرۋېتىدىغان، مۇبالىغلەشتۈردىغان، پو ئاتىدىغان ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس ئىشلارمۇ يوق ئىدى، بۇ تەرەپتىن قاتتىق نازەرەت ۋە تەربىيلەش ئاستىدا ئىدۇق، چەتئەل كارخانىللىردىكى بىر ئادەمنىڭ ئىقتىدارى شۇ كىشىنىڭ كەسپى ئىقتىدارىدىن باشقا ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىغا قارىلاتتى، ھەم شۇ توغلۇرۇق تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلاتتى، ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارى دېگىنىمىز بىر ئىشقا نىسبەتەن توغرا ھۆكۈم قىلالايدىغان، ھەر بىر ئىشقا نىسبەتەن ناھايىتى زىل، ئىنچىكە تەھلىل قىلىدىغان، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، ئۆز قولى بىلەن تۇتۇپ ھەممە ئىشلارنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇردىغان، ھەر بىر ئىشقا ئەقلىي تەپەككۇر، ئەقىلگە ئۇيغۇن باھا بېرىدىغان، ئەقىلگە ئۇيغۇن ئىشلارنى قىلىدىغان دېگەندەك ئىشلار ھەر بىر ئادەمنىڭ ساپاسىنى سىنايدىغان چوڭ ئۆلچەم ھېسابلىناتتى. خىزمەتچى بىلەن باشلىق ئوتتۇرسىدىكى پەرقمۇ دەل شۇ ئادەمنىڭ ھەر بىر ئېغىز گېپىنىڭ توغرا-خاتالىقى، ئەقىلگە ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن ئەمەسلىكى، باشقىلار ئاسان چۈشىنەلەيدىغان ياكى چۈشىنەلمەيدىغانلىقى قاتارلىقلار تەرەپلەردە ئىپادىلىنەتتى. شۇڭا مەن شۇ خىل مۇھىتتا ياشىغان بولغاچقا شۇ خىل خاراكتېر، شۇ خىل مىجەزگە ئادەتلەنگەن، ئەمدى شىنجاڭغا كېلىپ شىركەت ئاچقان دەسلەپكى بىر ئىككى يىلدا مۇشۇ خىل كەيپىياتنى يارىتالماي قىينالدىم، چۈنكى بۇ يەردىكى ئادەملىرىمىزدە ئۇ خىل روھ، ئۇ خىل خىزمەت تەجرىبە بولمىغاندىكىن، خىزمەت دېسە بىر ئورۇندا ئولتۇرۇپ كۈننى كەچ قىلىش، ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدىغان چوڭ گەپلەرنى كۆپ قىلىش، خىيالى گەپلەر جىق، ئۆز-ئارا مۇئامىلدە ئېنىقسىزلىق، باشقىلارغا ئاۋارچىلىق تۇغدۇرۇپ بېرىدىغان، ئېيتىشقا تېگىشلىك گەپنى ئېيىتمايدىغان ئىشلار كۆپ بولۇپ شىركەتتە ئۈنۈم يارتىش نوقتىسىدىن ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەنمىدى. بۇ جەرياندا تەربىيەلەشكىمۇ كۆپ كۈچ چىقاردۇق، كۈندە ئەتگىنى يىغىن ئاچىمىز، بىزنىڭ شىركەتنىڭ بىرىنجى قائىدىسى ۋاقىتقا رىئايە قىلىش، ئەتىگەنلىك يىغىنغا ۋاقتىدا كىلىش، كېچىكىپ قالسا، بىر مىنۇت كىچىكسىمۇ يۈز يۈەن تۇتۇپ قېلىنىدۇ، بىر ئايدا ئون قېتىم كېچىكسە شۇ ئايلىق مائاشى تۇتۇپ قېلىنىپ، كېچىكسە شۇ خىزمەتچى ئاشۇ كۈندە خىزمەت قىلمىغانغا باراۋەر دەپ تۈزۈم تۇرغۇزۇپ شۇ بويىچە جازالاپ، شۇ بويىچە باشقۇرغاندىن كىيىن بارا- بارا خىزمەتچىلەردە شۇ خىل كۆز قاراش يېتىلدى، ئىشقا كېچىكمەيدىغان، ۋاقتىدا كىلىدىغان بولدى، يىغىننى قسقا، مەزمۇنلۇق ئېچىش، بىرلا ئادەم سۆزلەپ قالغانلار ئاڭلاش ئەمەس، ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇش، توغرا خاتاسىنى ئايرىپ بىرىپ، ئۈلگە يارتىىش ئارقىلىق ھازىر خىزمەت كەيپىياتى، خىزمەت ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى
بۇ ئارقىلىق بىر قىسىم خىزمەتچىلەر يۇقۇرىغا ئۆسۈپ چىقتى، ئۇزۇن ئىشلىگەنلىرىگە ھازىر 6-7 يىل بولدى، كونىلار يېڭى خىزمەتكە كىرگەنلەرنى يىتەكلەپ بىرگە ئېلىپ كېتەلەيدىغان سەۋىيەگە يەتتى. شۇنىڭ بىلەن خۇشال-خۇرام، راھەت، ئازەدە رەتلىك خىزمەت مۇھىتى يارىتىلدى. ھەم ئىقتىسادى ئۈنۈممۇ ئۆسۈپ بېرىپ، خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق تاپاۋىتى ئۆسۈپ ياخشى خىزمەت مۇھىتى شەكىللەندى.
ـــ ئەمسە بىر قىسىم كارخانىچىلار ئىقتىساسلىق خادىملار يوق، كەمچىل دەپ قاخشىماستىن ئۆزلىرى تەربىيەلەپ يىتىشتۈرۈشنىمۇ ئويلىشىپ باقسا بولغۇدەك ھە ؟
ـــ كۆپلىگەن ئىگىلىپ تىكلىگۈچىلەر، مەن خوجايىن قانداق قىلسام بولىۋېرىدۇ دەپ ئۆزىنى قويۋىتىدۇ، بولۇپمۇ بىزنىڭ شىنجاڭدا بۇنداق كارخانىچىلار، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر كۆپ، خالىسا ئېشقا بېرىپ، خالمىسا كەلمەي، مېنى ھىچ كىم باشقۇرمايدۇ دەيدىغان قاراش كۈچلۈك، ئۈلگە يارىتىش رولى يوق، ئۆزى ئۈلگە ياراتمىغاچقا باشقىلارمۇ شۇنداق بولىدۇ، ئۆزى ئەمەل قىلمىغان بولغاچقا باشقىلارنى جازالىسا ئۆتمەيدۇ، مەن مۇشۇ ئىشنى قىلغاندىن بۇيان ئەتىگىنى ئىشقا بارمايدىغان، ياكى كۈندۇزى ئىشىم چىقىپ قالسا ئىش ئورنۇمدىن خالىغانچە كېتىپ قالىدىغان ئىشلار يوق، تا ھازىرغىچە مەيلى ئىشخانىدا بولاي مەيلى سىرىتلاردا بولاي، ھازىر خىزمەت ۋاقتى، يەنە قىلىشقا تېگىشلىك قانداق ئىشلار بار دېگەندەك خىيال كاللامدا ھەر ۋاقىت بار، شۇنداقلا خىزمەچىلەرگىمۇ شۇنداق ئەسكەرتىپ تۇرىمەن، ئىشتىن چۈشكەندىن كىيىن  نېمە ئىش قىلسا بولىۋېرىدۇ، چۈنكى ئۇ ھەر بىر ئادەمنىڭ شەخسى ۋاقتى، لېكىن خىزمەت ۋاقتىدا شەخشىي ئىشلار بولۇپ قالسا، ھازىر مەن خىزمەت ھالىتىدە، ئىشتىن چۈشكەندىن كىيىن دىيىشسەك دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق، مۇمكىن قەدەر شۇ كۈنى قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى قىلىپ تۆگىتىش، ئەگەر قىلىشقا تېگىشلىك ھېچقانداق ئىش بولمىسا بىرەر نەرسە ئۆگىنىش، ياكى بىرەرسىگە ئۆگىتىش، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى كۆرۈپ قويۇش، ئىزدىنىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىلىمىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش كېرەك. بۇ جەھەتلەردە شىركەتنى قۇرغۇچى چوقۇم ئۈلگە بولۇش تەرەپدارىدا بولۇشى كېرەك دەپ قارايمەن.
ـــ دېمەك، ئىگىلىك تىكلىگەن، مەلۇم بىر شىركەتنى قۇرغانلار ئاڭلاپ قۇيۇشقا تىگىشلىك ياخشى تەجرىبىلەر ئىكەن دەپ قارىدىم، ھازىر شىركىتىڭىزدە نەچچە خىزمەتچى بار ؟
ـــ باش شىركەت ئۈرۈمچىدە، قەشقەردە  تارماق شىركەت بار، شېنجېن دا بۇرۇنقى باش شىركەت (ھازىرقى تارماق شىركەت) لەر بار، ھەممىسىنى قوشقاندا خادىم سانى 20 دىن ئاشىدۇ، ھازىر ئۈرۈمچىدىكى باش شىركەتتە 15 خىزمەتچى ئىشلەۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە كونىلار 10 غا بارىدۇ، يېڭى كىرگەن خىزمەتچىلەردىنمۇ 4-5 ى بار، بۇلارغىمۇ 5 ئاي بولۇپ قالدى، بىز ھازىرمۇ داۋاملىق خىزمەتچى قوبۇللاش ھالىتىدە تۇرۋاتىمىز، توردا ھەم باشقا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق خىزمەتچى ئېلىش ئېلانى چىقىرىپ تۇرۋاتىمىز، بۇنىڭدا ئاۋۋال تەربىيەلەش، ئىقتىدار يىتىلدۈرگەندىن كىيىن خىزمەتكە قۇيۇشنى ئاساس قىلىۋاتىمىز.
ـــ ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات بولغاچقا ئۇلارغا قۇيۇلىدىغان تەلەپ يۇقۇرىغۇ دەيمەن؟
ـــ دەسلەپ كىرگەن ۋاقتىدا ھەر قانچە ئىقتىدارى بولسىمۇ ئىقتىسادى ئۈنۈم يارتالمايدۇ، شىركەتنىڭ خىزمەتچىسى ھەرگىزمۇ شىركەت باقىدىغان ھالەتتە ئەمەس، خىزمەتچى ئۆزى  ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى ئۈنۈمى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مائاش تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. ئەگەر خىزمەتچى ئۈنۈم يارىتالمىسا، ئۇ خىزمەتچىنى شىركەت بېقىپ تۇرۇشمۇ شىركەتنى ھالەكەتكە باشلايدۇ، بۇ بىر ئۇتۇقسىز شىركەت بولۇپ قالىدۇ، بۇرۇن تەربىيىلەشكە مەخسۇس ۋاقىت ئاجىراتمىغان، يېقىندىن بېرى دەسلەپكە مەزگىلدە ئۆگىتىش ئارقىلىق تېز مۇددەتتە ئىشقا كىرىشىپ قىممەت ياراتقاندىن كىيىن مۇمكىنقەدەر ئۇنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرۈپ بىرىش ئارقىلىق ئىقتىسادى ئېھتىياجى قاندۇرىلىدۇ، بۇنداق بولغاندا شىركەتكە شۇنداقلا خىزمەتچىنىڭ ئۆزىگە، كېيىنكى تەرەققىياتىغا يول ئېچىلىدۇ.
ـــ بۇمۇ ئادەم  ئىشلىتىش جەھەتتە قوللانغان ئۆزىگىچە ئۇسۇلىڭلار ئىكەن، تەدبىرىڭ قانداق بولسا تەقدىرىڭ شۇنداق بولۇر دەيدۇ كونىلار، دېمەك بىر شىركەتتە ئىشلىمەكچى بولغانلار ئۆزىنىڭ تەدبىرى ئارقىلىق تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان دەۋىر يېتىپ كەلدى، خوش قەدىرلىك دوسلار، بۈگۈن بىۋاسىتە ئاڭلىتىش ئۆيىگە يەنە شىنجاڭ ئىزگۈ ئۇچۇر تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدىن روزىقارىنىمۇ ئالاھىدە تەكلىپ قىلغان. روزىقارى، مۇشۇ شىركەتتە ئىشلەۋاتقىلى قانچىلىك بولدى؟
ـــ ماڭا 6 يىل بولۇپ قالدى.
ـــ ھازىر بۇ شىركەتتە نىمە ئىش قىلسىز؟
ـــ ئاساسلىقى سېتىش ئىشلىرىغا مەسئۇل، قوشۇمچە مۇلازىمەت، تېخنىكا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىمەن، مەن تىجارەتچى ئائىلسىدە دۇنياغا كەلگەن، خەلىقئارا چوڭ بازارلاردا تىجارەت قىلاتتىم. تىجارەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئىچكىرلەرگە بېرىپ قايتىپ كەلدىم. ئۇ جايلاردا ناھايىتى كىچىك تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جايلاردىمۇ كومپىيوتېر بىلەن تىجارەت قىلىدىغان ھالەتكە يەتكەن. قايتىپ كەلگەندىن كىيىن بىزنىڭ ئاپتونوم رايۇنىمىزدىكى ئاشخانا- رېستۇرانلارغا كىرسەك توۋلاپ ساتىدىغان، كۆڭلى يېقىنلاردا تاماقنى بالدۇر  بىردىغان ئەھۋاللار باركەنتۇق، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن قارىسام، شىنجاڭ ئىزگۈ ئۇچۇر تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قۇرۇلدى، بېرىپ مۇشۇ كەسىپنى قىلىش ئويىدا مۇشۇ شىركەتكە ئەزا بولدۇم. ماڭا بەكرەك تەسىر قىلغان يېرى ئەتىگىنى 7 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە چوقۇم بېرىپ بۇلۇش كېرەك. 7 دىن 51 مىنۇت ئۆتۈپ كەتسە 100 كوي پۇل يوق، مەن دەسلەپكى نەچچە ئايدا بۇنىڭغا كۆنەلمەي، ھەتتا ئايلىق مائاشىمنىمۇ ئالالمىغان، يېنىمدىن پۇل سېلىپ بەرگەن ۋاقىتلىرىممۇ بولغان، ھازىر بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا تەرەققىيات كۆپ، ئېسىل رېستۇران، چاي- قەھۋەخانىلار كۆپلەپ ئېچىلۋاتىدۇ، جمجىت، ئازادە ۋە باشقا مۇھىتلىرى كۆرىنەرلىك ياخشىلنىشقا قاراپ يۈزلەندى، بۇلار ئۈچۈن شىركىتىمىز مەھسۇلاتلىرى زۆرۆر بولۇپ قالدى.
بۇ ساھەنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ناھايىتى يۇقۇرى، كىيىنكى دەۋىرلەردە چوڭ- كىچىك ھەممە تىجارەت ئورۇنلىرى ئاپتوماتلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ، ئۆزۈمنىڭ قىلۋاتقان كەسپىنىڭ ئىستىقبالى بار دەپ قارايمەن. دەسلەپكى مەزگىلدە نۇرغۇن جاپالارنى تارىتقان، بۇرۇنقى خېرىدارلار قۇبۇللىمايدىغان ۋەزىيەتتىن ھازىرقى خېرىدارلار ئۆزى ئىزدەپ كىلىدىغان ھالەتكە كەلدى.
ـــ سىز ھازىر مۇشۇ شىركەتتە ئىشلىگەندىن بېرى ئىقتىسادى ئۈنۈمىڭىز قانداقراق بولىۋاتىدۇ؟
ـــ ئىقتىسادى ئۈنۈم دىسەك، مەن بۇرۇن تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان چاغلاردىمۇ پۇل تاپقان، دەسلەپكى كىرگەن مەزگىللەردە مائاشىم ھەقىقەتەن تۆۋەن، ھەتتە كېچىكىپ قېلىپ، ئۆزۈمنىڭ مائاشىنىڭ ھەممىسىنى شىركەتتىن تۇتۇپ قالغان ئەھۋاللامۇ بولغان، مەن كەلگۈسىدە چۇقۇم مۇشۇلارنى ھەسسىلەپ قايتۇرالايمەن دېگەن ئۈمىد بىلەن ھازىرغىچە ئىشلەپ كېلۋاتىمەن، ھازىر ئۆزۈمنىڭ تۇرمۇشىنى قامداپ، ئائىلەمنى بېقىپ، كارتىغىمۇ پۇل سېلىپ، سۇغۇرتا قاتارلىقلارنى تاپشۇرۇپ كېلىۋاتىمەن.
ـــ تۇردى ئەپەندىم،مۇشۇ ھەقتە ئاڭلىغۇچىللىرىمىزغا بولغان تەۋسىيەلىك گەپلىرىڭىز بولسا ئاڭلىساق؟ ئىقتىساد ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ قالدى، مەيلىي قەيەردە ئىشلەيلى ئىقتىسادىمىز يۇقۇرى بولسا دەپ ئويلايمىز.
ـــ توغرا، ئىقتىساد ھىچكىمگە ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ، پۇل ھىچكىمگە كۆپلۈك ئەمەس، ھەممە ئادەمگە پۇل ئىقتىساد لازىم بولىدۇ، ياخشى ياشاش ئۈچۈن چوقۇم يىتەرلىك ئىقتىساد، پۇل بولۇش كېرەك، پۇل ھەرگىز ئاسماندىن چۈشۈپ قالمايدۇ، ياكى بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە بىھۇدە پۇل بېرىپ يۈرمەيدۇ، شىركەت كارخانىدىمۇ شۇ، ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ ياراتقان ئىقتىسادى ئۈنۈمىگە قارىتا مائاش ئالىدۇ، ياراتقان ئۈنۈم بىلەن ئېرىشكەن ئىقتىسادى ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. شۇ خىل ھالەتتە قانداق قىلىپ ئۈنۈم يارىتىش دېگەندە ھەر بىر ئادەم ئۆزى ئىزدەنمىسە، ئۈنۈملۈك ئىشلەش ھالىتىنى قولغا كەلتۈرمىسە، ئادەم تۆۋەن خىزمەت ئۈنۈمى ھالىتىدە تۇرۇپ قالسا، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىدىن مەسىلە چىقىدۇ، ئىقتىسادتىن قىينىلىدۇ. مەن چەتئەل كارخانىللىرىدا ئىشلەش جەريانىدا يۇقۇرى مائاشلىق ھالەتتە، يۇقۇرى ئۈنۈملۈك ھالەتتە ياشىغان. ئۇ چاغدىكى مائاشىممۇ ناھايىتى يۇقۇرى ئىدى، ھەم پەۋقۇلاددە يۇقۇرى مائاش ئالىدىغانلار بىلەنمۇ بىرگە خىزمەت قىلغان، ھەتتا بىر ئايلىق مائاشى بىزنىڭ خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 50 تۈمەن، 70تۈمەن مائاش ئالىدىغان باشلىقلىرىم بولغان ئىدى، قانداق قىلىپ شۇنچە كۆپ مائاش ئالالايدۇ دېگەندە مەن ئىزدەنگەن، ئۇلار ھەقىقەتەن بەك يۇقۇرى ئۈنۈملۈك ھالەتتە ياشايدۇ، ئەگەر شۇ ئادەمنىڭ خىزمىتى بولمىسا، شۇ ئۈنۈم يارىتىلمىسا، شىركەت مۇشۇ ئىجتى،ائىي توپتا ئۈنۈم يارىتىلمايدۇ، شۇ ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن، بىر نەچچەيۈز، ھەتتا بىرنەچچەمىڭ ئادەم ئىقتىسادى قىممەت يارىتالايدۇ. شۇڭلاشقا بۇرۇن ئۆز ئەمەلىيىتىمدە كۆرگەچكە، خىزمەت ئارقىلىق يۇقىرى ئۈنۈم يارىتىش چۇقۇم مۇمكىن دەيدىغان ئىشەنچ مەندە بار، ھازىرقى شىركەتتىمۇ ئادەملىرىمگە شۇنى تەۋسىيە قىلىمەن، ئادەم يۇقىرى مائاشلىق خىزمەتكە ئېرىشىش تامامەن مۇمكىن، خىزمەتكە كىرگەن دەسلەپكى چاغدىلا يۇقۇرى تۆۋەن مائاشلىق دەپ ئايرىلمايدۇ، شۇ ئادەمنىڭ ياراتقان ئىقتىسادىي قىممىتىگە باغلىق، شۇڭلاشقا ئادەم شۇ خىزمەت ۋاقتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلنىپ، يېڭىچە ئىقتىدار يىتىلدۈرۈپ، قانداق قىلسام مۇشۇ خىزمەتتىن ئۈنۈم يارتالايمەن دېگەننى ھەر دائىم ئويلىغان ۋاقىتىدا يۇقىرى مائاش ئالالايدۇ، بىزنىڭ يۇرتىمىزدىمۇ ئايدا بىر نەچچە تۈمەن مائاش ئالىدىغانلار بولسا بۇلىۋېرىدۇ، ھىچ قانداق ھەيران قالارلىق ياكى بىنۇرمال يېرى يوق، شەخسىي كارخانىدا مائاشنى ھۆكۈمەت بەلگىلەپ بەرمەيدۇ، مائاشنىڭ يۇقىرى چېكى يوق، تۆۋەن چېكى بار، ھېچ بولمىغاندا قورساق ئاچ قالماسلىقى، تۇرالغۇسى بولۇشى، ئۇستى-بېشى يېلىڭ بولماسلىقى كېرەك. كۆپ ئىقتىدارلىق بولۇپ، كەسىپتىن يۇقىرى ئۈنۈم يارىتالىغاندىلا يۇقىرى مائاشقا ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىۋېرسال ساپا بولۇشى، كوللىكتىپ ھەمكارلىق روھى بولۇشى، ئەتراپتىكى خىزمەتچىلەرگە ماسلىشالىشى، ياخشى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە بولۇشى كېرەك. بىر توپتىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆز- ئارا ھەمكارلىششى، شۇ ئىشنى ۋاقتىدا، جايىدا، سۈپەتلىك ئورۇنداشقا تۈرۈتكە بولىدۇ، بىزدە كۆپ ھاللاردا خىزمەتنى ئۆزىگە بېسىم قىلىۋالىدىغان، ئىشتىن چۈشكەندە خوش بولۇپ، خىزمەت دىسە بېشى ئاغرىيدىغان ئىشلانىمۇ ئانچە-مۇنچە ئاڭلاپ قالىمەن، ئەمەلىيەتتە مەن چەتئەللەردە كۆرۈشۈمدە، دەم ئېلىش دېسە قىلغىلى ئىش يوق بولۇپ قالدى دەپ، خىزمەتتىكى ۋاقتىنى ناھايىتى خوشال ھېساپلايدىغان، چۈنكى ھازىر مەن قىممەت يارتىۋاتىمەن دەپ قارايدۇ، ئىشتىن چۈشكەندە بولسا ئەمدى مەن قىممەت ياراتمىدىم، چىقىم قىلۋاتىمەن دەپ قارايدۇ، بۇ يەردە ئەكىسچە خىزمەتنى ئۆزىگە بېسىم قىلۋالىدۇ.
ـــ رەھمەت، سىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەش جەريانىڭىزدىن ئاڭلىغۇچىللىرىمىز، مەلۇم چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولغان بولسا ئەجەپ ئەمەس، روزىقارىنىڭمۇ ئۆزىنىڭ تىجارىتىنى تاشلاپ مۇشۇ شىركەتتە ئىشلەۋاتقانلىقىنىڭ ئۆزىمۇ مانا مۇشۇنداق مۇنتىزىم شىركەتلەردە ئۆزىنىڭ قىممىتىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرى، ئۇنىڭدىن باشقا باشقۇرۇش، ئىقتىسادى ئۈنۈم يارىتىش جەھەتتىكى ئەمەلىي گەپ-سۆزلىرىڭىزدىنمۇ ئاڭلىغۇچىللىرىمىز خىزمەتكە بولغان بىر خىل قىزغىنلىقنى ھىس قىلىپ قالغان بولسا ئەجەپ ئەمەس، ئاخىردا ئىزگۈ ئۇچۇر تېخنىكا چەكلىك شىركىتىڭىزنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى، بازارغا سالغان مەھسۇلاتىڭىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئورۇنلارنىڭ قوللىشىغا ئېرشىشىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمۈت قىلىمىز، رەھمەت.
2013-يىلى 23-فېۋرال ئۈرۈمچى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-11-27 20:06:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەلبە تىرىشقانلارغا مەنسۇپ !
ئىشلىرىڭىز تېخىمو ئوڭۇشلوق بولسۇن قېرىندېشىم!!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش