ئۇيغۇر شېئرىيتىدە مۇنداق قاپىيە شەكلى بارمۇ؟
نەچچە كۈندىن بىرى ئۇيغۇر شېئىرىيتى ھەققىدە ئىزدىنىۋىتىپ ئەنىۋەر ھىدايەتنىڭ «نېلۇپەر ناخشىسى» ناملىق شېئرلار توپلامى ئۈستىدە ئىزدىنىپ قالدىم. ھەم شۇ جەرياندا مەزكۇر توپلامغا كىرگۈزۈلگەن شۇنداق بىر شېئر دىققتىمنى تارتتى. بۇ خىل شېئر شەكلىنى يېڭىلىق دىسەك بولارمۇ ياكى خاتالىقمۇ؟ تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشقۇم كەلدى.
قۇياشقا قارا
ئەنىۋەر ھىدايەت
مۈشكۈلاتقا يولۇقساڭ ئەگەر،
گۇگۇملاردا تىنەپ يۈرمىگىن.
قوغلاپ كېلىپ چاقسىمۇ ھەرە،
«ئاغرىدى» دەپ قاپاق تۈرمىگىن.
چىدىماستىن شۈنچىلىك دەردكە،
كېلەچەكتىن ئۆمۈد ئۈزمىگىن.
تېپىلىدۇ مەلھىمى ئاخىر،
قانچە ئېغىر بولسىمۇ يارا.
سازلىقلاردا قويۇپ ئۆزۈڭنى،
شىۋاقلاردىن بەختىڭنى سورا.
چاتقاللىقتا تۇرساڭمۇ ياياق،
كۈلۈپ چىققان قوياشقا قارا!
1998-يىلى 8-ئاي
(ئەسكەرتىش: 2-كۇبلىت قاپىيە شەكىلىگە قاراڭ!)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئابدۇمىجىت.م تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-19 15:32