ximal
كۆرۈش: 486|ئىنكاس: 15

شۇنداق، «ئۇ بىر ئايدىڭ كېچە ئىدى» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1719
تۆھپە : 161
توردا: 632
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 01:04:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                             شۇنداق، «ئۇ بىر ئايدىڭ كېچە ئىدى»

                                                       (ئوبزور)

                                                 ھەبىبۇللا مىجىت



   قولۇمدا شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 2003-يىلى 11-ئايدا نەشىر قىلىنغان، مۇقاۋا ۋە ئىچ بەتلىرى تولىمۇ تۈجۈپىلەپ ئىشلەنگەن بىر شېئىرلار توپلىمى تۇرۇپتۇ. ھەر قېتىم مۇشۇ توپلامدىكى شېئىرلارنى ئىشتىياق بىلەن ئوقۇشقا باشلىغىنىمدا، قايناق يۇرت مۇھەببىتى بىلەن سۇغۇرۇلغان شېئىرلاردىن ئۆزۈمنى گۈزەل ئىلى ۋادىسىدا قىيغىتىپ يۈرگەندەك ھىس قىلسام، ھىجران كەچمىشلىرى بىلەن تۇيۇنغان ھەسرەتلىك مىسرالارنىڭ لەرزىدىن مىسكىن تۇيغۇلارغا غەرق بولىمەن. بۇ توپلامنىڭ ئىگىسىگە ئەگىشىپ ئىختىيارسىز: «نىمىشقىمۇ يارالغاندىمەن، نىمىشقىمۇ بۇنچە خىيالچان؟» دەپ ئېغىر خۇرسىنىمەن. بەزىدە شائىرنىڭ ھەسرەتلىك تۇيغۇلىرىغا ياندىشىپ، ئۆتمۈش ئەستىلىكلىرى ئىچىدىن يىراقتا قالغان بىر دىلبەرنىڭ ئۇنتۇش تولىمۇ تەسكە چۈشىدىغان سېماسىنى ئاستا ۋاراقلايمەن. مېنى بۇ سەككىز يىلدىن بىرى تالاي كېچە تۈگىمەس ئويلارغا سالغان: «ئۇ بىر ئايدىڭ كېچە ئىدى».
   بۇ شېئىرلارنىڭ ئوقۇرمەنلەر مەيلىنى تىزلا جەلپ قىلىدىغان بىر تەرىپى، ئىنسان قەلبىنى بىر گۈزەل ئىزگۈلۈككە، سېھىرلىك خىياللار قاينىمىغا، تاتلىق سېزىملار قوينىغا باشلايدىغان، كۈچلۈك لىرىكىلىققا، شېئىرىي پۇراققا تويۇنغان ئەنە شۇ − «ئۇ بىر ئايدىڭ كېچە ئىدى» دىگەن ئىسمى. ياشلىقنىڭ ئاساۋ ئاتتەك تىپىرلاپ جىم تۇرمايدىغان بەڭباش چاغلىرىدا، كىمنىڭ تالاي ئايدىڭ كېچىسى بولمىغان؟ بىر بەرنانىڭ ئىشقىدا قىلدەك تولغانمىغان، كېچىلەردە ئاھ ئورۇپ ئويغانمىغان كىملەر بار؟! ئايدىڭ كەچلەردە گۈل يۈزلۈك سەنەمنىڭ ئىشىكى ئالدىدىن ناخشا توۋلاپ ئۆتۈش نىمە دىگەن راھەت؟! ئاپتور كىتاب ئىسمىغا كېسىم سۆزلەرنى ئەمەس، پېئىلنى تاللىۋېلىشنى ئۇنتۇمىغان، پېئىلنىڭ تاللىۋېلىنىشى كىتاب ئىسمىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېڭىدا قېتىپ قالغان ھالەتتە ئەمەس، ھەرىكەتچانلىققا ئىگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرىنى زور دەرىجىدە غىدىقلاش رولىنى ئوينىغان. شۇنىڭ بىلەن ئوقۇرمەنلەر ئاپتورنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ھېسىياتىغا ئەڭ زور دەرىجىدە ئويغۇنلىشىش بىلەن بىرگە، بەدىئىي تەسەۋۋۇر ئالىمىنىڭ پايانسىز بوشلۇقىغا تېخىمۇ ئىچكىرلەپ كىرىش سەپىرىگە ئاتلانغان.
   بۇ توپلامغا ئەيبۇ ياقۇپنىڭ 1986-يىلدىن 2001-يىلغىچە بولغان ئارلىقتا يىزىلغان 49 پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن. توپلامدىكى شېئىرلارنىڭ سۈپەت ۋە سالمىقىدىن، ئاپتورنىڭ بۇ توپلامنى نەشرگە سۇنۇشتا، ئەسەر تاللاش ئۆتكىلىگە قاتتىق تەلەپ قويغانلىقىنى كۈرىۋېلىش ئانچە تەس ئەمەس. توپلامدىكى شېئىرلارىنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىگە ۋە ئاپتورنىڭ شەخسىي ھاياتىنىڭ كۆلەڭگىسىمۇ ئاڭسىز ھالدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانلىقىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، بۇ توپلامدىكى شېئىرلارنى ھىجران ۋە ئازاپ گۈزەللىكىنى ئىپادىلەشكە بەكرەك كۈچىگەن دىيىشكە بولىدۇ. بۇ توپلامنىڭ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان بىر تەرىپى، ھەر بىر پارچە شېئىرنىڭ يىزىلغان ۋاقتى ئايرىم ئەسكەرتىلگەن. خېلى پىشقەدەم شائىرلارمۇ ھازىرغىچە كۆڭۈل قويمايۋاتقان تەرەپلەرنىڭ بىرسى، ئەسىرىنىڭ يىزىلغان كونكرېت ۋاقتىنى ئەسكەرتمەسلىكتۇر. «ئۇ بىر ئايدىڭ كېچە ئىدى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىكى شېئىرلار يىل تەرتىپى بويىچە بىرىلگەنلىكتىن، بىز شائىرنىڭ ھەر قايسى مۇھىت ۋە يىللاردىكى شېئىرىي پوزىتسىيەسىنىڭ، ئېستېتىك غايىسىنىڭ، شېئىر تېخنىكىسىنىڭ قانداق ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى ھەمدە ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىنى سېلىشتۇرۇشتا ئېنىق چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولالايمىز.
   ئەنە شۇ ۋاقىت تەرتىپلىرىدىن، شائىر ئەيبۇ ياقۇپنىڭ 1986-يىلدىن 1994-يىلغىچە شېئىر ئىجادىيىتىگە ئوتتەك قىزغىنلىق ۋە چۇڭقۇر مۇھەببەت بىلەن بىرىلگەنلىكىنى، ئارىلىقتا بىر مەزگىل ئۆزىنى تىڭشىغانلىقىنى ياكى يازسىمۇ بورۇنقىدەك كۆپلەپ ئېلان قىلمىغانلىقىنى، 1998-يىلدىن باشلاپ ئىجادىيەتكە يەنە باشقىچە قىزغىن ئىشتىياق،  ئوتلۇق ھاياجان بىلەن كىرىشكەنلىكىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا ئاپتورنى بىر مەزگىل سۈكۈتتە تۇرۇشقا مەجبۇرلىغان ئامىل نىمە؟ بۇ يەردە ئەڭ ھالقىلىق رول ئوينىغىنى، ئىچكى قانائەتسىزلىك تۇيغۇسى، يەنى ئۆزىنىڭ يازغانلىرىدىن رازى بولماسلىق مەسلىسى. بىر قەلەمكەشنى ئاخىرقى ھېساپتا ئەلنىڭ نەزىرىگە ئېلىندۇردىغىنى دەل مۇشۇ ئىچكى قانائەتسىزلىك تۇيغۇسى.
ئەيبۇ ياقۇپنىڭ ئىجادىيەتتىن بىر مەزگىل توختاپ قېلىشىدا مانا مۇشۇ ئىچكى قانائەتسىزلىك تۇيغۇسى مۇھىم رول ئوينىغان. 1994-يىللاردىن كېيىنكى ئەيبۇ ياقۇپ، شېئىرىيەتتىكى قىزغىنلىق بۇسۇغىسىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ ئۆزىنى توختىتىشقا قاراپ يۈزلەنگەن، نېمىنىڭ ھەقىقىي ئىجادىيەت بولىدىغانلىقىنى، نېمىنى يېزىش، يازغاندىمۇ قانداق يېزىشنى چىن مەنىسى بىلەن چۈشەنگەن. شۇڭا ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىكى «قىشتا»، «تاغ شامىلى»، «قەرزدار»قاتارلىق بىر يۈرۈش شېئىرلىرى بىلەن ئۆزىنى توختاتقاندىن كىيىن يازغان «كۆيۈۋاتقان ئايال»،«جەنۇب»، «ئۇ بىر ئايدىڭ كېچە ئىدى» قاتارلىق لىرىكىلىرىنىڭ تىل ئىشلىتىش، شېئىرىي مەنزىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، شېئىرىي كەيپىياتنى شېئىرىي رېتىم بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە خېلىلا پەرقلىنىشىنىڭ سىرى مۇشۇ يەردە.
   بىز توپلامدىكى شېئىرلاردىن، ئەيبۇ ياقۇپنىڭ ئىجادىيەتكە كىرىشكەندە تەبىئەت لىرىكىسى، يۇرت سۆيگۈسى، چىن ئىنسانىي دوستلۇق كۈيلەنگەن شېئىرلارنى كۆپرەك يازغان بولسا، كىيىنچە ئىجادىيىتىنىڭ مەركىزىي نوقتىسىنى تەبىئىي ھالدا ئىنسانلىق قىسمەت ۋە قىممەت ئىپادىلەنگەن ھەمدە تىراگىدىيىلىك تۈس ۋە كەيپىيات بىلەن يۇغۇرۇلغان مۇھەببەت لىرىكىلىرىغا يۆتكىگەنلىكىنى كۆرۈپ يىتەلەيمىز. يەنى، ئۇنىڭ ئىجادىيىتى بارغانسىرى شائىر، يازغۇچى پەرھات ئىلياس ئېيتقاندەك: «گۈزەل،غايىۋى بىر قىرغاققا يېتىش تەشنالىقى بالقىپ تۇرغانلىقى» بىلەن قېنىقلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن.

تىك قىيادا مەزمۇت ئارچىلار،
تۇرار غەيۇر يىلتىزى تاشتا.
نېمە خىسلەت، كۈچ دېمەڭ ئاڭا،
تۇتاش چۈنكى سانسىز يىلتىزلار.

                         «كەڭساي» دىن

دولقۇن بىلەن دولقۇن مىنگىشەر،
دولقۇن ئەنە ئېيتماقتا ناخشا.
ناخشىلاردا سېزىلەر يەنە،
تاڭ جىلۋىسى، بىزنىڭ ئۈمىدلەر...

                         «سايرام» دىن

   بىز نەقىل ئالغان بۇ ئىككى كۇپلېت شېئىر، ئەمدىلا يىگىتلىك كوچىسىغا قەدەم قويغان ئاپتورنىڭ دەسلەپكى ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنى بىر قەدەر نامايەن قىلىپ بىرەلەيدىغان شېئىرلىرىدىن ئۆرنەكلەردۇر. بۇ شېئىرلاردىن بىر خىل ساددىلىق ئىچىدىكى ئىچكى گۈزەللىكنى، ئاستا-ئاستا كېڭىيىۋاتقان شېئىرىي بوشلۇقنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. تەبىئەت كۈيلەنگەن بۇ مىسرالار ئوقۇرمەنلەرنى، ئۇستا رەسسام تەرىپىدىن ماھىرلىق بىلەن سىزىلغان بىر پارچە گۈزەل ماي بوياق رەسىمنى كۆرۈۋاتقاندەك ھېس-تۇيغۇلارغا كەلتۈرىدۇ، ئاپتۇرنىڭ تالانتىدىن دەسلەپكى قەدەمدە ئۇچۇر بىرىدىغىنى، بۇ شېئىرلاردىكى مەنە دۇنياسى بىلەن ياشلىق تۇيغۇسىنىڭ جىپسىلىشىپ كەڭرى بىر شېئرىي مۇھىت ھاسىل قىلغانلىقىدۇر.
    توپلامدىن ئورۇن ئالغان «بالىلىقنى ئەسلەش»، «دوستۇم A.Aغا»، «دوستلارغا»، «تاغ شامىلى»، «قەرزدار»، «دۇنيا قىسمىتى»… قاتارلىق بىر تۈركۈم شېئىرلار، ئۇنىڭ تىلدىكى ساددا گۈزەللىكنى قوغلىشىش، شېئىرىي رىتىمغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىش، شېئىرىي مۇھىتنى گەۋدىلەندۈرۈشكە كۈچەش، شېئىرىي پىكىرنى ئەگىتمە ھالدا ئىپادىلەشتىن ساقلىنىشتەك دەسلەپكى ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنى بەلگىلىك دەرىجىدە نامايەن قىلىپ بەرگەنلىكى بىلەن ھېلىھەم بەلگىلىك قىممەتكە ئىگىدۇر. «تېنەپ يۈرەر بىر سەبىي ئىستەك» ناملىق شېئىرىدا: «سىز ئەتىكى ئېزىز كىتاپخان/ سىزگە مەنسۇپ مۇشۇ مىسرالار» دىگىنىدەك، ئارىدىن يىگىرمە يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندىكى ئوقۇرمەنلەرگە، ئېھتىمال بۇ شېئىرلار نىسبەتەن ئاددىي، ئاممىباب تۇيۇلۇشى بەرھەق. ئەمما ئەينى دەۋىر ئىجادىيەت رىئاللىقىدا تورۇپ تەھلىل قىلغىنىمىزدا، بۇ شېئىرلارنى ئۇنچىلىك ئاددىي دىيىشكە بولمايدۇ. ئەينى چاغدا يېڭىچە شېئىرىيەت ئېقىمدىكىلەرنىڭ شېئىرلىرى مەتبۇئاتلاردا ئاستا-ئاستا كۆرۈلۈشكە باشلاپ، شېئىرىيىتىمىزگە يېڭىچە بىر خىل سىلكىنىش شولا تاشلاۋاتقان بولسىمۇ، شېئىرىيىتىمىز تېخى قاتماللىقتىن تەلتۈكۈس قوتۇلۇپ بۇلالمىغان، شۇئارۋازلىق، مەدىھىيەۋازلىق، پەندى-نەسىھەتچىلىك ئىللەتلىرى مەلۇم دەرىجىدە مەۋجۇت ئىدى. مۇشۇ خىل ئىجادىيەت مۇھىتىدىكى ياش بىر قەلەمكەشنىڭ يۇقىرىقى شېئىرلىرىنىڭ يېڭىچە بەدىئىي دىت ۋە ئۆزگىچىلىكنى نامايەن قىلغان ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىشىنى يەنىلا بەلگىلىك مۇۋەپپەقىيەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ دېيىش مۇمكىن.
«قىز، بېكەت، يامغۇر» ئەيبۇ ياقۇپنىڭ ئوقۇرمەنلەرنى سۈيۈندۈرگەن لىرىكىسىنىڭ بىرى.

كۈتمەكتىدۇر بىر كىمنى قىزچاق،
گويا قىزنىڭ خىياللىرىدەك
يامغۇر چۈشەر ئاستا سىمىلداپ.

چەكسىز سۈكۈت قوينىدا بېكەت،
ئۇ كۈتۈشنى بىلمەيدۇ زىنھار.
يامغۇر چۈشەر ئاستا سىمىلداپ.

قىز يامغۇرغا ئايلىنىپ ئاخىر
كەتتى سېمونت ئېرىقمۇ تولۇپ.
يەنە سۈكۈت قوينىدا بېكەت،
كۈتۈش قالدى مەڭگۈلۈك بولۇپ…

   بۇ لىرىكىنىڭ باغرىدا تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرىش تولىمۇ تەس بولغان بىر ئاچچىق كەچمىش، ئېغىر ھەسرەت سوزۇلۇپ ياتىدۇ. چەكلىك شېئىرىي مۇھىتتىكى چەكسىز شېئىرىي چۇڭقۇرلۇق ۋە شېئىرىي كەڭلىك،  شۇ قەدەر سۈزۈك ۋە ئازابلىق شېئىرىي كەيپىيات، شېئىرىي تىلدىكى چېقىلىش، بۇ شېئىرغا ئۆزگىچە بەدىئىي مۇۋەپپەقىيەت ھازىرلىغان. «قىز»، «بېكەت»، «يامغۇر»، «سىمونت ئېرىق» قا ئوخشاش مۇۋەپپەقىيەتلىك قوللىنىلغان شېئىرىي ئىماگلار، بۇ لىرىكىدىكى شېئىرىي كەيپىياتنىڭ يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتىرىلىشىگە ئاجايىپ كۈچلۈك مەنىۋى مەيدان ھازىرلاپ بەرگەن. يامغۇر ئېھتىمال يۈرىكىدە ئۆكسۈۋاتقان قىزنىڭ ئەلەملىك يېشىدۇر، ئېھتىمال قەدىرسىز پايخان بولىۋاتقان  بىغۇبار ئەقىدىنىڭ كارتىنىسىدۇر. ئېھتىمال ناتىۋان قىزغا ئېچىنغان تەبىئەتنىڭ ھەسرەتلىك تەسەللىسىيدۇر؟! ئېھتىمال…
    «قىزنىڭ يامغۇرغا ئايلىنىپ، سېمونت ئېرىقنىڭ تولۇپ كىتىشى»، «قىز، بېكەت، يامغۇر» ناملىق لىرىكىدىكى تىراگېدىيەلىك كەيپىياتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن بەدىئىي كارتىنىسى بولۇپ، پۈتۈن لىرىكىنىڭ جېنى مۇشۇ يەردە. ھايات-كۈتۈش بىلەن تۈگەللىنەمدۇ؟ بىر پۈتۈن ھاياتلىق سانسىز كۈتۈشلەرنىڭ دەۋر قىلىشىمۇ؟! ئەجەبا ھاياتلىق سانسىز ئاچچىق كۈتۈشلەردىن ئۆز مەنىسىنى تاپسا، ھاياتلىقنىڭ ھەقىقىي مەنىسى زادى نەدە؟ ھاياتلىق ئىنسانغا قىلىنغان ھەدىيەمۇ ياكى ئاچچىق مەسخىرىمۇ؟ ئاپتۇر بۇ ئارقىلىق ھاياتنىڭ تولىمۇ قۇرۇق ۋە مەنىسىز بولىدىغانلىقىنى، ئىنساننىڭ بىر ئۆمۈر تىرىشىشى ئەشۇ قۇرغاق بوشلۇقنى مەنىگە ئىگە قىلىش ئىكەنلىكىنى  ئوقۇرمەنلەرگە مەخپىي رەۋىشتە ئىشارە قىلماقچىمۇ؟!...
   يۇقىرىقى تەھلىلدىن كىلىپ چىقىدىغان ئاددىي يەكۈن شۇكى، ئادەم ئۆزى ياشاۋاتقان دۇنيانى ۋە تەقدىرنى ئەبەدىي بىلمەيدۇ. «قىز» كۈتكەن «بىر كىم» نىڭ ماھىيىتى − كەلمەسلىك بىلەن مەنىگە ئىگە بولىدۇ. كۈتكەن نەرسىگە مەڭگۈ ئىرىشكىلى بولمايدۇ. بەرباتلىق تۇيغۇسى ئىنساننى ھەر ۋاقت چىرماپ تۇرغان بولىدۇ. «قىز، بېكەت، يامغۇر» دا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقىنى ھىجران بىلەن رەڭلەنگەن كەچمىش ئەمەس، ئىنسانىيەتتىكى كۈنسېرى ئېغىرلاۋاتقان روھىي كىرىزىسنى ئېچىپ بېرىش. بۇ نۇقتىدىن ئاپتۇرنىڭ بەدىئىي تەپەككۇرى «گودۇنى كۈتۈش» ناملىق دىرامىنى يازغان ئېرلاندىيەلىك مەشھۇر دىراماتورگ ۋە يازغۇچى سامۇئېل بېككېت بىلەن مەلۇم دەرىجىدە ئۈزەكداش چىقىپ قالىدۇ. «گودۇنى كۈتۈش» ناملىق دىرامىدا: «ئىنسانىيەتنىڭ بۇ دۇنيادىكى تېڭىرقاش ھالىتى ئىپادىلەنگەن، رېئاللىقنىڭ چۇڭقۇر قاتلاملىق ۋە نازۇك تەرەپلىرى ئېچىپ بېرىلگەن»، «دېمەك بۇ دىرامىنىڭ باش تېمىسى-كۈتۈش، بۇ يەردىكى ‹كۈتۈش› مەنىسىز تۇرمۇشقا ياكى ھاياتنىڭ ئازابلىق كۈتۈش ئىكەنلىكىگە سىمۋول قىلىنغان». مۇشۇ پەلەمپەيسىمان قاتلام، «قىز، بېكەت، يامغۇر» ناملىق لىرىكىنىڭ نوقۇل مۇھەببەت لىرىكىسى بولۇپ قېلىش ئېھتىمالىنى چەتكە قاقىدۇ. ئوقۇرمەنلەر بۇ لىرىكىغا چۆككەنسېرى، بەدىئىي تەسەۋۋۇرى قاناتلىنىشقا باشلايدۇ-دە، لىرىكىنىڭ مەركىزىدىكى بەدىئىي ئوبرازنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىگە تېخىمۇ ئىشىنىشكە باشلايدۇ. بۇ لىرىكا ئىچىگە سىغدۇرغان رەڭدار بەدىئىي تۇرمۇش كارتىنىسىنىڭ، تۇرمۇش ھېكمىتىنىڭ ئەكىسچە، تولىمۇ قىسقا يېزىلغان، ئەمما بۇ لىرىكا بىزگە ئارىمىزدا نېمىنى يېزىش، قانداق يېزىشنى بىلىدىغان بىر قەلەمكەشنىڭ يېتىلىۋاتقانلىقىدىن بالدۇرلا شەپە بەرگەنىدى. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيىتقاندا «قىز، بېكەت، يامغۇر» نى ئەيبۇ ياقۇپنىڭ ئەينى چاغدىكى ئىجادىي ئىزدىنىشلىرىگە تىپىك ۋەكىللىك قىلىدىغان لىرىكىسى دېيىشكە بولىدۇ
    «ۋېلىسپىتنىڭ چاقىدا گۇناھ» ئەيبۇ ياقۇپنىڭ 1994-يىل ئاۋغۇست ئايلىرىدا يېزىلغان يەنە بىر ئىسىل لىرىكىسى. مەلۇمكى شائىر شېئىر يازغاندا، ئۇنىڭ ھېسسىي پائالىيىتى ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك، تەسەۋۋۇرى ئادەتتىن تاشقىرى مول بولىدۇ. شۇڭا شېئىرنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك بەلگىسى-ئۇنىڭ مول تەسەۋۋۇرى بىلەن كۈچلۈك ھېسسىياتقا تۇيۇنغانلىقىدۇر، شۇڭا قايناق ھېسسىياتنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، شائىر تەسەۋۋۇرى ھەر قاچان يۈكسەك مەنزىللەردە پەرۋاز قىلىۋاتقان بولىدۇ. بۇ لىرىكىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى، مەنىۋى مەنزىلنىڭ كۈچلۈك ھېسسىياتقا تويۇنغانلىقىدۇر.

بەكمۇ گۈزەل بولساڭ ناۋادا،
قارالماستىم ساڭا ئەيمىنىپ.
ۋېلىسپىتنىڭ چاقىدا گۈناھ،
ئېلىپ كەتتى-قالدىم قايرىلىپ…

   بۇ لىرىكا ئاددىي-ساددا تىل بىلەن ئارتۇق ھەشەملەردىن خالىي ھالدا شۇنچىلىك سىپتا يېزىلغانكى، پۈتۈن لىرىكىنىڭ مەركىزىدە قايناق ھېسىسيات ، بىر گۈزەل سەمىمىيەت جىلۋە قىلىپ تۇرىدۇ. شېئىرغا ئىچكىرلەپ كىرىش جەريانىدا بىر ئىسسىق تىنىقنىڭ، قان ئوخچۇپ تۇرغان يۈرەكنىڭ ھارارىتىنى، گۈپۈلدىشىنى ئوقۇرمەنلەر ئېنىق ھېس قىلالايدۇ. ئوقۇرمەنلەر شائىرغا ئەگشىپ: «ۋېلىسپىتنىڭ چاقىدا گۇناھ» دەپ شىۋىرلاشقا باشلىغىنىدا، تىل ۋە تۇيغۇ سېھىرىگىرى شائىرغا بولغان قايىللىقىنى يوشۇرۇشقا ئامالسىز قالىدۇ. ئۇنداقتا بۇ لىرىكىدا ئوقۇرمەنلەرنى شائىرنىڭ تۇيغۇسى بىلەن ئىختىيارسىز ئۇيغۇنلىشىشقا قىستىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل نېمە؟
   مىنىڭچە شائىر ئۆزىنىڭ ئېڭىدا دەقىقە ئىچىدە پارلىغان، ئەمما مەڭگۈلۈك قىممەتكە ئىگە بولالايدىغان تۇيغۇلارغا سادىق بولغاندىلا ئۇنىڭ يازغانلىرىدا ھاياتلىق روھى چاقناشقا باشلايدۇ، ئاندىن ئوقۇرمەنلەرنى تەسىرلەندۈرەلىگۈدەك سەمىمىي مىسرالارنى پۈتەلەيدۇ. ياش شائىر تۇرمۇش رېئاللىقىنىڭ ھادىسىۋى قاتلىمىدىكى ئۆزىگە تەسىر قىلغان كىچىككىنە تۇرمۇش كارتىنىسىنى ئۆزىنىڭ بەدىئىي تەسەۋۋۇرىغا تايىنىپ قايتىدىن پىششىقلىغاندىن كېيىن، قىلچە پەردازسىز ھالدا ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنغان. ئەمما بۇ يەردىكى ئوقۇرمەنلەر ھۇزۇرىغا سۇنۇش، ھەرگىزمۇ ھەممە ئادەمگە تۇنۇشلۇق بولغان رېئاللىقنىڭ يۈزەكى قىسمىنى بىرىنچى قاتلاملىق قايتا شەرھلەش ئۇسۇلى ياكى بىۋاسىتە مەدھىيە شەكلىدە كۆتۈرۈپ چىقىش بىلەن تۈگەللەنمىگەن، بەلكى قايتا-قايتا پىششىقلاش ئارقىلىق بەدىئىي سەنئەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈش بىلەن تېخىمۇ يۈكسەكلىشىشىكە قاراپ يۈزلەنگەن. كىلاسسىكلىرىمىز قەلىمى ئاستىدىكى بەرنالار شۇنچىلىك قىزىقىشىمىزنى قوزغايدۇ-يۇ، لېكىن مەھەللىمىزدىكى قىزلاردەك قەلبىمىزگە ئانچە يېقىن تۇيۇلمايدۇ، سۈيۈملۈك تۇيغۇ بەرمەيدۇ. قەلبىمىزگە ئىسسىق تۇيغۇلارنى ئاتا قىلالمايدۇ. شۇڭا ئۇلارنى كىتابلارسىز تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز. چۈنكى ئۇلار تۇرمۇش رىئاللىقىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتكەن.
    بۇ لىرىكىدا سۈرەتلەنگەن قىزچۇ؟ ياش شائىر بۇ يەردە تۇيغۇسىنى قىلچە يوشۇرۇپ ئولتۇرماستىن: «بەكمۇ گۈزەل بولساڭ ناۋادا/ قارالماستىم ساڭا ئەيمىنىپ» دەپ سەمىمىيلىك بىلەن قەلبىدىكىنى ئاشكارىلايدۇ. لىرىكىدا ئۆز تەسۋىرىنى تېپىۋاتقىنى، شائىر بەدىئىي تەسەۋۋۇرنىڭ بىپايان زېمىندا  قۇراشتۇرۇپ چىققان بەرنا ئەمەس، بەلكى قان بىلەن گۆشتىن يارالغان ھەقىقىي ئادەم.مەلۇم مەنىدىن ئەيبۇ ياقۇپنى قەلەمكەشلىرىمىزنىڭ گۈزەللىكتە كەمكۈتىسىز بەدىئىي ئوبراز يارىتىشتەك ئادەتلىنىپ قالغان قاتمال تەپەككۈر ئەندىزىسىگە «ئاسىيلىق» قىلدى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئەمما بۇ «ئاسىيلىق» غەزىپىمىزنى قوزغاشنىڭ ئەكىسچە، زوقىمىزنى كەلتۈرىدۇ.
تىراگېدىيەلىك تۈس ۋە كەيپىيات بىلەن يۇغۇرۇلغان «جەنۇب»، «ئۇ بىر ئايدىڭ كېچە ئىدى»، «كۆيۈۋاتقان ئايال» ناملىق ئۈچ پارچە شېئىر ئەيبۇ ياقۇپ ئىجادىيىتىدە سالماق ئورۇن تۇتىدىغان لىرىكىلاردۇر. بۇ ئۈچ پارچە لىرىكىنى پۈتۈن توپلامنىڭ مۇڭلۇق كەيپىياتىنى بىر بالداق يۇقىرى باسقۇچقا كۆتۈرگەن دىيىشكە بولىدۇ. بۇ ئۈچ پارچە شېئىردىن ئەيبۇ ياقۇپنىڭ تىلى چۈچۈك، كۈچلۈك مۇزىكىدارلىققا تويۇنغان، رومانتىك تۈس بىلەن خاراكتېرلەنگەن ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنىڭ پىشىپ، چوڭقۇرلاپ بېرىۋاتقىنىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
    مۇڭلۇق كەيپىياتقا چەكسىز ئۈمىدۋارلىق روھىنى يۇغۇرۇۋەتكەن «جەنۇب» ناملىق لىرىكا، ئوقۇرمەنلەر قەلبىنى تۇيغۇ ئالىمىنىڭ سېھىرلىك دۇنياسىغا باشلاپ بارالىغانلىقى بىلەن، ئەيبۇ ياقۇپ ئىجادىيىتىدە بەلگىلىك ئورۇن تۇتىدۇ.
جەنۇبتىكى قەلەمكەشلەرنىڭ نەزىرىدە شىمال قانچىلىك سېھرىي كۈچكە ئىگە بولسا، شىماللىق شائىرلارنىڭ قەلبىدە جەنۇب شۇنچىلىك سېھرىي كۈچكە ئىگە. چۈنكى جەنۇب ۋە جەنۇبلۇقلار ھاياتى ئېچىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان بوز يەرگە، تېخى مۇكەممەل يېزىلىپ بولۇنمىغان كىتابقا ئوخشايدۇ. ئەيبۇ ياقۇپ ئۇزاق يىللاردىن بىرى قەلبىنى زەرەتلەپ كەلگەن «قۇلىقىدا شىۋىرلاپ تۇرغان، بىر يىگانە رىۋايەت» تەك جەنۇبنى  شېئىرىي مىسرالارغا ئالغىنىدا، يەنىلا باشقىلاردىن ئۆزگىچە يول تۇتۇشقا ئامالىنىڭ بېرىچە تىرىشتى.

جەنۇب،
جەنۇب،
قەلب ئىشىكىمدە ئېغىر بىر قۇلۇپ.
جەنۇب،
جەنۇب،
بارماقتىمەن يېنىڭغا ئۇچۇپ.

    نېمە ئۈچۈن جەنۇب، شىماللىق ياش قەلەمكەشنى: «بارماقتىمەن يېنىڭغا ئۇچۇپ» دېگەندەك تۇيغۇغا كەلتۈرەلىدى؟ يۇرت سۆيگۈسىمۇ؟ قېرىنداشلىق مېھرىمۇ ياكى جەنۇبنىڭ تىلسىماتلارغا باي تەبئىي مەنزىرىلىرىمۇ؟!  ئوقۇرمەنلەرنىڭ تۈگىمەس سوئاللىرى، ئېچىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان : « قەلب ئىشىكىمدە ئېغىر بىر قۇلۇپ » دېگەن مىسرا بىلەن يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرىلىدۇ. بۇ مىسرا مەزكۇر لىرىكىنىڭ نوقۇل جەنۇب كۈيلەنگەن شېئىر بولۇش ئېھتىماللىقىنى چەتكە قاقىدۇ. ئوقۇرمەنلەر توختاۋسىز ئويلار، قىزغىن ئىشتىياقنىڭ تۈرتكىسىدە، لىرىكىغا تېخىمۇ چىڭ يېپىشىدۇ.

سەن كىم؟!
بەلكىم سەن مۇھەببەتلىك جەنۇب باغرىدا
مەن تامان
مەيۈس قاراپ تۇرغان گۈزەل قىز
(ئۇ شىمالغا
سېلىپ ئۆتەر ھەسرەتلىك بىر ئىز...)


   ياشلىقنىڭ بەڭۋاش تۇيغۇلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان سۆيگۈ قىسمەتلىرى، ئاجايىپ كەچمىشلەر بارغانسىرى روشەنلىشىشكە قاراپ يۈزلىنىدۇ. بۇ ھال مەزكۇر لىرىكىنىڭ جەنۇبتىن ئىبارەت يەر نامى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن سۆيگۈ لىرىكىسى ئىكەنلىكىنى ئوقۇرمەنلەرگە ئەسكەرتىدۇ. بۇ لىرىكىدىكى جەنۇب، جەنۇبلۇق قىز، لىرىك قەھرىماندىن ئىبارەت ئۈچ ئوبراز ئايرىلماس بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەن. ئەيبۇ ياقۇپ بەدىئىي ئوبرازلارنى قاتلاملاشتۇرۇش ئارقىلىق، يەنى چوڭىدىن كىچىكىگە تىزىش ئارقىلىق، ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆز ئالدىدا يارقىن، سىتېرېئولۇق شېئىرىي مەنزىرە بەرپا قىلىپ، بەدىئىي ئوبرازلارنى ھېسسىيلىقتىن كونكرېتلاشتۇرۇش، جانلاندۇرۇش مەقسىدىگە يەتكەن. جەنۇب ئوبرازىنى بىر قىز بىلەن باغلاپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىنى مىسرالارنىڭ ئارقىسىغا يۇشۇرۇنغان ئاچچىق ھىجران كەچمىشىنى ئەڭ زور چەكتە كۆرۈش ۋە ئاڭلاش سەزگۈسى ئارقىلىق بايقاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. مەلۇمكى، لىرىكىنىڭ ماۋزۇسى بولغان «جەنۇپ» تولىمۇ چوڭ بولغان بىر جۇغراپىيەلىك ئۇقۇم. تۇنجى قېتىم بۇ ماۋزۇ بىلەن ئۇچراشقان ئوقۇرمەن، ھەجىمى نىسبەتەن قىسقا بولغان بىر پارچە لىرىكىغا قويۇلغانلىقىنى كۆرگەندە، ئىختىيارسىز ھەيران قېلىشى، ئاپتۇرنىڭ شېئىرىي دېتاللارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرالماي كۈلكىگە قېلىشىدىن ئەنسىرىشى بەرھەق. چۈنكى ھازىرغىچە بۇ جۇغراپىيەلىك ئۇقۇمنى شېئىرىغا ماۋزۇ قىلىپ تاللىغان ئەدىبلەر ئارىمىزدا يوق دىيەرلىك. مەلۇم مەنىدىن ئېيىتقاندا بۇ جۇغراپىيەلىك ئۇقۇمنى شېئىرىغا ماۋزو قىلىپ تاللاش، بىر قېتىملىق خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش جەريانىدىن ئىبارەت. ئاپتۇر مۇشۇ تەۋەككۈلچىلىككە قورقماي يۈزلىنىپ، ئەنسىرەشلىرىمىزنىڭ ئەكسىچە تولىمۇ گۈزەل بولغان ئېستېتىك دۇنيانى ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن قىلغان. بۇ يەردىكى مۇۋەپپەقىيەت، بەدىئىي ئوبرازلارنى قاتلاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بەدىئىي ماھارەتنى ئۈنۈملۈك قوللىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
     دەسلەپكى كۇپلېتىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك قوللىنىلغان تەكرارلاشتىن ئىبارەت ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتە، «جەنۇب» ناملىق لىرىكىنىڭ جەلپكارلىقىنى ئاشۇرغان يەنە بىر مۇھىم ئامىل. بىر پۈتۈن كۇپلېتتا «جەنۇب» ئېيتىمىنىڭ تۆت يەردە قوللىنىلىشى، بۇ لىرىكىنىڭ بەدىئىي تەسىرلەندۈرۈش كۈچىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىنى قاناتلاندۇرۇشتا كاتالىزاتورلۇق رول ئوينىغان.
    «جەنۇب» ناملىق لىرىكىنىڭ جەلپكارلىقىنى ئاشۇرغان يەنە بىر مۇھىم ئامىل، شېئىرىي شەكىلنىڭ نىسبەتەن ئەركىن بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلارغا مەلۇمكى، بەزىدە مەزمۇن شەكىلنى تاللىسا، بەزىدە شەكىل مەزمۇننى تاللايدۇ. ئەيبۇ ياقۇپ ئىجادىيىتىگە قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئىجادىيىتىدە ئاساسەن مۇنتىزىم ۋەزىن ئۆلچىمىدە، تۆتلۈك مىسرالار ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن بولسا، ئىجادىيىتىنىڭ پىشىشىغا ئەگىشىپ، نىسبەتەن ئەركىن شەكىلگە مۇراجىئەت قىلغانلىقىنى كۆرىمىز. ئۇنىڭ ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك لىرىكىلىرى، ئاساسەن شەكلى ئەركىن بولغان ئۇسلۇبتا يىزىلغان. بۇنىڭدىن ئەيبۇ ياقۇپ ئىجادىيىتىنىڭ شەكلى نىسبەتەن ئەركىن بولغان ئۇسلۇبىنى ئۇنىڭ ئۆزى ئەمەس، بەلكى شېئىرلىرى تاللىغان. مەلۇم مەنىدىن «جەنۇب» ناملىق لىرىكىنىڭ مۇۋاپىقىيىتى، تاللىغان شېئىرىي شەكىلگىمۇ مەنسۇب بولۇشى كېرەك.
    ئوقۇغۇچىنى ئوتلۇق ھاياجان، شىرىن مۇڭلار قاينىمىغا سۆرەپ كىرىدىغان «ئۇ بىر ئايدىڭ كېچە ئىدى» ناملىق لىرىكا. لىرىكىنىڭ قىممەتلىك بىر تەرىپى بۇ شېئىردا ئېپىكا بىلەن لىرىكا شۇ قەدەر جىپسىلاشتۇرۋېتىلگەنكى، سۇژىت ئېھتىياجىدىن شېئىرنىڭ لىرىك تەسىرچانلىقى تۆۋەنلىتىۋېتىلمىگەن، لىرىكا ۋەجىدىن سۇژىت چېقىلدۇرۇشقا ئۇچرىتىلمىغان، بەلكى لىرىكا بىلەن ئېپىكا «ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز ياراشقان» دەك ئاجرالماس بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەن.

ئۇ بىر ئايدىڭ كېچە ئىدى،
گۈللەر بىز ئۈچۈن پورەكلەر ئاچقان.
شۇ كېچە شامال مۇنداق دېدى:
-سىلەرنى دەپ بىز باغلاردىن قاچقان.
......................
ئۇ بىر ئايدىڭ كېچە ئىدى
تىمتاس ئىدى بۇلاقنىڭ كۆزى.
ئېچىلغانچە قالدى ئاھ، قېتىپ،
شۇ مىنۇتتا قىزىلگۈل يۈزى.


    بۇ لىرىكا قۇرۇقتىن-قۇرۇق ئابستراكت، ئۇقۇملاشقان تىل بىلەن ئەمەس، بەلكى كونكرېت، جانلىق ئوبرازلىق مەنزىرە بىلەن سۈرەتلەنگەچكە، بەرپا قىلىنغان ئېستىتىك دۇنيا تولىمۇ گۈزەل ۋە لاتاپەتلىك. شېئىرىي تىل جەھەتتىكى چېقىلىش، شائىرنىڭ ھېسىيات-تۇيغۇلىرىنىڭ قاتلاملاشتۇرۇلۇشى، تۇيغۇنىڭ ئويناقلىقى شېئىرغا ئۆزگىچە جەزىبە بېغىشلىغان. بۇنىڭدىن بۇ لىرىكىغا جان كىرگۈزگەن ئەڭ مۇھىم ئامىلنىڭ ئىدىيەدىكى يېڭىلىنىش ئەمەس، شېئىرىي تىل جەھەتتىكى سەزگۈرلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
   ئۈزۈك-ئۈزۈك تۇيغۇ دەقىقىلىرىنىڭ قاتتىق پىرىسلاش ئۇسۇلى بىلەن جانلىق، ئىخچام سىزىپ چىقىلغانلىقىنى،«ئۇ بىر ئايدىڭ كېچە ئىدى» ناملىق لىرىكنىڭ يەنە بىر زور مۇۋەپپەقىيىتى دېيىش مۇمكىن. شېئىردىكى سۈرەتلەش-ماھىيەتتە ئوبرازلىق ئىپادىلەش جەريانى بولۇپ، ئۇنىڭدا ھادىسە ۋە شەيئىلەرنىڭ ھالىتى، رەڭگى، ھەركىتى ئوبرازلاشقان تىل بىلەن ھەم كۆرگىلى ھەم ھېس قىلغىلى ھەم ئاڭلىغىلى ھەم تۇتقىلى بولىدىغان سىياقتا ئىپادىلىنىدۇ. تۇيغۇنى بۇ خىل ئىپادىلەش ئابستراكت، ئۇقۇملاشقان ھالەتتە ئەمەس، كونكرېت بولىدۇ. تۇرغۇن، قېتىپ قالغان ھالەتتە ئەمەس، ھەركەتچان، ئېقىپ تۇرغان ھالەتتە بولىدۇ.
  
بىز نەپەس ئالمايتتۇق، تىناتتى دەرەخ،
تولۇن ئۈستىمىزدە تۇرار ئېسىلىپ.
قارىچۇق چوڭقۇرلۇقىدا نۇرلار تەمتىرەر،
بەڭباش ھېس كەتكەنىدى تامام بېسىلىپ.

   مەڭگۈلۈك تۇيغۇ دەقىقىلىرى بىلەن بىرىكىپ كەتكەن بۇ شېئىرىي مۇھىتتا قېتىپ قالغان بىرمۇ شەيئى يوق. «تىنغان دەرەخ»، «ئېسىلىپ تۇرغان تولۇن»، «نۇرلار تەمتىرىگەن قارىچۇق» قاتارلىق شېئىرىي ئوبرازلار شۇ قەدەر جانلىقلىق ۋە تەسرچانلىققا ئىگە بولغانكى، ئۆزىمىزگە تولىمۇ تۇنۇش بولغان تۇرمۇش مۇھىتى تەسەۋۋۇرىمىزغا كۆچۈپ، شۇ مۇھىت، شۇ كارتىنا كۆز ئالدىمىزدا ئاجايىپ رەۋىشتە نامايەن بولىدۇ.
   ھەر قانداق بىر شائىر ھاياجانلىق سۈزۈك ھېسسىياتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىپادىلەش ئۈچۈن مۇئەييەن بىر ئېستېتىك ئىماگقا مۇھتاج بولىدۇ. تاللانغان ئېستېتىك ئىماگنىڭ شېئىرىي كەيپىياتقا ماس كىلىش-كەلمەسلىكى شېئىرنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ھېسسىيات ئۆزىگە ماس مۇھىت، ماس ئىماگ ئارقىلىق يارقىنلىقىنى تېخىمۇ نامايەن قىلالىسا، بۇ شېئىرنىڭ شېئىرىي پۇرىقى ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىمۇ زور بولىدۇ ھەمدە غايەت زور تەسەۋۋۇر بوشلۇقى ئاتا قىلىدۇ. ئەگەر شائىر تاللىغان ئېستېتىك ئىماگ توغرا، مۇۋاپىق بولمىسا، شېئىرىي كەيپىيات، شېئىردىكى مەنىۋى كەڭلىك بىلەن ئورتاق تىل تاپالمىسا، ئۇ ھالدا شېئىرىي ئوبرازنىڭ مۇكەممەللىكىگىمۇ كاپالەتلىك قىلىش تەسكە توختايدۇ.
    بۇ لىرىكىدا قوللىنىلغان شېئىرىي ئىماگلارنىڭ ئىچىدىن كۈندىلىك ھاياتىمىزغا يات بولغان بىرمۇ شەيئىنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. ئاددىيسى «قىزىلگۈل» دىگەن ئىماگنى مىسالغا ئالايلى، ئەگەر شۇ ئىماگنىڭ ئورنىغا «ئەتىرگۈل» دەپ ئېلىنغان بولسا، بۇ ئىماگ ئېنىقكى، ئوقۇرمەنلەرگە ئوڭايلا زورۇقۇپ ئىشلىتىلگەندەك تۇيغۇ بىرىپ قويۇشى مۇقەررەر ئىدى. خەلق قوشاقلىرىمىزغا قارايدىغان بولساقمۇ «قىزىلگۈل»گە مۇناسۋەتلىك ئىماگلارنىڭ ئىنتايىن كۆپ ئىشلىتىلگەنلىكىنى بايقايمىز. «ھەر ئىككىڭ قىزىلگۈلدەك، قايسىڭدىن كېچەي يايرىم»، «قىزىلگۈلدەك يايرىمسەن» دىگەن مىسرالاردىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، «قىزىلگۈل» ئىماگىنى قوللىنىش بىزدە ئۇزاق تارىخىيلىققا ۋە ئەنئەنىۋىيلىككە ئىگە. «ئەتىرگۈل» ئىماگىنىڭ قوللىنىلىشى، تېخى يېقىنقى مەزگىلدىكى ئىش. شېئىردىكى مىللىي ئالاھىدىلىك ۋە مىللىي تۈس، شائىر كۆڭۈل قويۇپ، تاللاپ ئىشلەتكەن ئاشۇنداق يەككە سۆزلەردە، ئىماگلاردا ئۆزىنىڭ جۇلاسىنى تېخىمۇ نامايەن قىلىدۇ.
     شېئىرىي بوشلۇقنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قوللىنىلىشى، بۇ لىرىكىنىڭ ئۇتۇقلۇق چىقىشىغا بەلگىلىك يول خېتى ھازىرلىغان يەنە بىر مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرسى دىيىشكە بولىدۇ. شېئىرىي بوشلۇق ماھىيەتتە شەيئى بىلەن ئوقۇرمەنلەر ئوتتۇرىسىدىكى پىسخىك ئارىلىقتىن ئىبارەتتۇر. ھازىرقى شارائىتتا ئوقۇرمەنلەرگە لازىم بولغىنى، ھەممىنى ئېزىپ-ئىچكۈزۈپ قويۇش بىلەن خاراكتىرلىنىدىغان شېئىرلار ئەمەس، بەلكى مۇۋاپىق ئويلىنىش پۇرسىتى ۋە ئېستېتىك زوق، ئېستېتىك گۈزەللىك ئاتا قىلىدىغان شېئىرلاردۇر. بىر پارچە شېئىردا مۇۋاپىق شېئىرىي بوشلۇق قالدۇرۇش، ھەرگىزمۇ شېئىرنى قەستەن غۇۋالاشتۇرۇش دىگەنلىك ئەمەس، بەلكى، ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىغا كەڭ زېمىن ھازىرلاپ، ئۇلارنىڭ شائىر يەتمەكچى بولغان ئېستېتىك پەللە ۋە ئېستېتىك غايىگە ئىچكىرىلەپ كىرىش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇش ئۈچۈندۈر.
    ئەيبۇ ياقۇپ ئىجادىيىتىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىلا مۇئەييەن شېئىرىي بوشلۇق قالدۇرۇشقا يىتەرلىك ئەھمىيەت بىرىپ كەلگەن ھەم بەلگىلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنىمۇ قولغا كەلتۈرگەن. ئۇنىڭ 1987-يىلى ماي ئايلىرىدا يازغان «كېچىكىش» ناملىق شېئىرى سۆزىمىزگە ئەڭ ياخشى دەلىل بولالايدۇ:

باھارمىكىن دەپ،
ئايازمىكىن دەپ،
نەچچە زامان كۆزەتتىم چەتتە.

كەچكۈزمىكىن دەپ،
ئەگىزمىكىن دەپ،
تۇرغان سائەتتە
رومىلىڭنى قايرىدىڭ دىلبەر،
كەتتى ئۆتۈپ ھەممە سۈرەتلەر...

    بۇ شېئىردىكى ئوقۇرمەننى ئەڭ قايىل قىلىدىغان تەرەپ − سىرلىق جىمجىتلىق ۋە ھېس-تۇيغۇنىڭ قايناق، دۇلقۇنسىمان بولۇشى. ئوقۇرمەن شائىر ياراتقان مەنىۋى كەيپىياتقا ئەگىشىپ، تۈرلۈك ئويلارغا بېرىلىدۇ. پەرەز قاينىمىغا چۆمۈلىدۇ. ئوقۇرمەننى توختاۋسىز ئويلارغا غەرق قىلغىنى-شېئىردىكى ماۋزۇ بىلەن تېكىست ئوتتۇرىسىدا ۋە كۇپلېتلار ئوتتۇرىسىدا، مىسرالار ئارا ماھىرلىق بىلەن قالدۇرۇلغان شېئىرىي بوشلۇقتۇر. شائىرنىڭ شېئىرىي بوشلۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك قوللىنىلغان شېئىرلىرىدىن يەنە «خىيال بىلەن»، «بىر قامەتلىك، بىر نازۇك گەۋدە»، «ئەخمەتجان كوچىسىدىن ئۆتكىنىمدە»، «دالا گۈلى»، «قىز، بېكەت، يامغۇر»، «جەنۇب»، «ئايرىلىش»، «ئازاب ئىچىدىكى قىز»...قاتارلىقلارنى مىسالغا ئېلىش مۇمكىن. بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان شېئىرلاردا شېئىرىي بوشلۇق قالدۇرۇش، مىسرالار بىلەن مىسرالار ئوتتۇرىسىدا، كۇبلىتلار بىلەن كۇبلىتلار ئوتتۇرىسىدا، شېئىرنىڭ ماۋزوسى بىلەن تېكىست ئوتتۇرىسىدا، سۆزلەر بىلەن سۆزلەر ئوتتۇرىسىدا تىگىشلىك ئۆز قىممىتىنى نامايەن قىلىپ كەلگەن.
بىر كۇپلېت شېئىرنىڭ ھەر قايسى مىسرالىرى ئوتتۇرىسىدىكى شېئىرىي بوشلۇقمۇ بۇ لىرىكىدا يېتەرلىك ئىپادىسىنى تاپقان.

نۇرغۇن كېچىلەرنى ئۆتكۈزدۇق ئاخىر،
گۈل، يالپۇز، بۇلاقلار يەنە ئۆز پېتى.
كېلىمىز بالىمىزنى يېتەكلەپ مانا،
نەدىندۇر ئۇچۇپ كېلىپ شۇ بەڭۋاش شامال:
−ئېھ، گۈزەل ئايدىڭ كېچىلەر،−دېدى…


    بۇ بىر كۇپلېت شېئىردىكى شېئىرىي بوشلۇق بىرىنچى، ئىككىنچى مىسرا بىلەن ئۈچىنچى مىسرا ئوتتۇرىسىدا، ئۈچىنچى مىسرا بىلەن تۆتىنچى، بەشىنچى مىسرا ئوتتۇرىسىدا كۆرۈلىدۇ. بۇ مىسرالاردا ئارقا-ئارقىدىن  قالدۇرۇلغان شېئىرىي بوشلۇق، تىلنىڭ كېڭىيىش كۈچىنى زور دەرىجىدە زورايتىپ، شېئىرىي مەنىنىڭ تىراگېدىيەلىك چۇڭقۇرلۇققا يۈزلىنىش سەپىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ماۋزۇ بىلەن تېكىست ئوتتۇرىسىدا ھەم ھەر قايسى كۇپلېتلار ئوتتۇرىسىدىمۇ يىتەرلىك قالدۇرۇلغان بوشلۇق، بۇ لىرىكىغا باشقىچە بەدىئىي جەزبىدارلىق بېغىشلاپ، ۋەكىللىك خاراكتىرىدىكى ئەسەر بولۇشقا مۇناسسىپ زېمىن ھازىرلىغان.
مۇزىكىدارلىق خۇسۇسىيەتنىڭ كۈچلۈك بولۇشى، بۇ لىرىكىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى بەلگىلىگەن يەنە بىر مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. مۇزىكىدارلىق خۇسۇسىيەتنىڭ كۈچلۈك بولۇشى، ئەيبۇ ياقۇپنىڭ مەيلى مۇنتىزىم ۋەزىن بىلەن يىزىلغان ياكى نىسبەتەن ئەركىن شەكىلدە يىزىلغان شېئىرلىرىدا بولسۇن، ھەممە شېئىرلىرىغا ئورتاق خۇسۇسىيەت دىيىشكە بولىدۇ.
    «ئۇ بىر ئايدىڭ كېچە ئىدى» ناملىق لىرىكىدا ئەيبۇ ياقۇپ كۈچلۈك تەسەۋۋۇرىغا تايىنىپ، بىر خىل چۆچەكسىمان ۋە ئەپسانىۋى مۇھىت يارىتىپ، ئوي-پىكىرلىرىنى، تەسراتلىرىنى بىشارەتلىك ئىپادىلەيدۇ. «شۇ كېچە شامال مۇنداق دېدى:/-سىلەرنى دەپ بىز باغلاردىن قاچقان»،«بىز نەپەس ئالمايتۇق، تىناتتى دەرەخ»، «ئېچىلغانچە قالدى، ئاھ قېتىپ/ شۇ مىنۇتتا قىزىلگۈل يۈزى»، «بىز نەپەس ئالمايتۇق، تىناتتى بۇلاق»... شائىر يۇقارقى مىسرالاردا ئاڭلاش سەزگۈسى بىلەن كۆرۈش سەزگۈسىنى جىپسىلاشتۇرۇپ ئەپسانىۋى مۇھىت ياراتقان. بۇ ئەپسانىۋى جىلۋىدار مەنزىرىلەر، كۈچلۈك باغلانما تەسەۋۋۇرلار قاينىمىغا سۆرەپ كىرىپ، ئۈزلۈكسىز گۈزەللىك تۇيغۇسىغا چۆمۈلۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئوقۇرمەنلەرنى ئاجايىپ لەزىز ھېس-تۇيغۇلارغا چۆمۈلدۈرىدۇ.
    «كۆيۈۋاتقان ئايال» ناملىق لىرىكا، ئەيبۇ ياقۇپنىڭ قەلب تۇيغۇلىرىنى سۈزۈك ئىپادىلەشكە، شېئىردىكى رىتىم ۋە سۆزلۈكلەرنى نازۇك ھېسسىياتنىڭ رېتىمىغا ئويغۇنلاشتۇرۇشقا بەلگىلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن لىرىكىلىرىنىڭ بىرى.

ئوت!
تەڭداشسىز بىر ئېچىرقاش بىلەن
يالماپ يۇتماقتا
قەلبىمدىكى قاقشال ئېڭىزنى.
قان!
كۆۋەجەيدۇ تومۇرۇم ئارا،
توق قىزىل يالقۇن ئىچىدە
مەن چۈشەيمەن كۆپكۆك دېڭىزنى…

    ئەيبۇ ياقۇپنىڭ بۇ مۇھەببەت لىرىكىسىنى بىز مۇكەممەل ئۆرنەك دەپ كەسكىن مۇئەييەنلەشتۈرەلمىسەكمۇ، لىكىن دادىل ئىزدىنىش ئامىللىرىنى كۈرۈپ يىتەلەيمىز. بۇ لىرىكىدا ھېسسىيات زور دەرىجىدە سەكرەتمىلىككە ئىگە قىلىنىپ، تىلنىڭ نەپىسلىكى، يېپىشقاقلىقى، ئەۋرىشىملىكى ئاشۇرۇلغان،  شېئىرىي بوشلۇق زور دەرىجىدە كېڭەيتىلگەن. لىرىكىدىكى ھىجرانلىق ھېسسىيات تەبىئەت دۇنياسىدىكى «قاقشال ئېڭىز»، «كۆپكۆك دېڭىز»، «كۆمەچ»، «بۇژغۇن»، «قوقاس»، «يالقۇن»...قاتارلىق ماس ماددىلارغا سىڭدۈرۈلۈپ، ھېسسىيات ماددىي تۈسكە ئىگە قىلىنىپ، شېئىرىي قاتلاملار كونكرېتلىشىشقا، مۇڭلۇق كەيپىيات يارقىنلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە چۈشسىمان رېئاللىق، تىل بويىقى بىلەن يۇقىرى ماھارەتتە سىزىلغان بىر پارچە سىتېرېئولۇق رەسىمدەك كۆز ئالدىمىزدا كونكرېتلىشىپ بارىدۇ. قارىماققا بۇ مىسرالار ئوقۇرمەنلەرگە تەرتىپسىزدەك، رىتىمغا تازا دىگەندەك ئەھمىيەت بېرىلمىگەندەك تۇيغۇ بىرىدۇ. ئەمما شېئىرنىڭ قاتلاملىرىغا ئىچكىرلەپ كىرگىنىمىزدە، شېئىردىكى رىتىمنىڭ تاشقى رىتىمدىن كۆرە ئىچكى رىتىمدا بەكرەك ئۆزىنىڭ ئورنىنى تاپقانلىقىنى كۈرۈپ يېتەلەيمىز. رىتىم ۋە سۆزلۈكلەر، شېئىرنىڭ ماددى پوستىدا ئەمەس، مەنىۋى قاتلىمىدا ئۆز جۇلاسىنى نامايەن قىلىپ، لىرىكىنىڭ مەنىۋى كەيپىياتىنى مۇڭلۇق ۋە ھىجرانلىق پەللىگە كۆتۈرگەن.

تامدەك سىدام رېئاللىق ئارا،
مەن ياشايمەن دېڭىزدىن يىراق.
ۋاقت قىرغاقلىرىغا ئۇرۇلۇپ كۈچلۈك،
داۋالغۇيدۇ قەلبىم دېڭىزدەك.
بىلىمەن ئەي ئايال،
ساڭا ئۇ بەلكىم قاقشال ئېڭىزدەك…

    بۇ لىرىكىدا «كۆيۈۋاتقان ئايال» دىن ئىبارەت ئېستېتىك ئىماگ، شېئىرىي مەنىنى تەسەۋۋۇر كۈچى بىلەن قاناتلاندۇرغۇچى ئاساسلىق ئىنېرتسىيە ھېساپلىنىدۇ. ئەيبۇ ياقۇپ ھىجراندىن ئىبارەت كونا تېمىغا ھاياتىي كۈچ بەخىش ئىتىشتە، ئىلگىرىكىلەر ماڭغان ئىزنى تەكرارلىماي، كۆزىتىش نوقتىسىنى ئادەتتە كىشىلەر ئانچە دىققەت قىلمايدىغان ئىنچىكە نۇقتىلارغا ئاغدۇرغان. شېئىرىي تىلدىكى چېقىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىپ، مەنتىقىسىزلىق ئىچىدىن مەنتىقىنى ياراتقان. دىققەت نەزىرىنى تىلنىڭ تاشقى ئىستىمال قىممىتىدىن كۆرە ئىچكى ئىستىمال قىممىتىگە بەكرەك مەركەزلەشتۈرگەن. «كۆيۈۋاتقان ئايال» دېگەن ئېيتىلمىغا گىرامماتىكىلىق تەلەپ بويىچە مۇئامىلە قىلغىنىمىزدىمۇ، دەرھال بىر خىل مەنتىقىسىزلىقنى بايقايمىز. كۆيۈدىغانغا ئايال چۇچۇلمۇ؟ ئەمما بىز ئۇنى شائىرنىڭ سۇبيېكتىپ دۇنياسىنى چىقىش قىلىپ چۈشەنسەك، بۇ ئېيتىمنىڭ شائىرنىڭ قەلبىدىكى ئۆمۈرلۈك ھىجران تۇيغۇسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك رول ئوينىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىمىز. مۇشۇ خىل مەنتىقىسىزلىق، بۇ شېئىرنىڭ باشقا مۇھەببەت شېئىرلىرىدىن ئۆزگىچە پەرقلىنىپ، يېپيېڭى شېئىرىي قىياپەت بىلەن ئوتتۇرغا چىقىشىغا بەدىئىي زېمىن ھازىرلاپ بەرگەن.
    خۇلاسىلىگەندە، شائىر ئەيبۇ ياقۇپنىڭ «ئۇ بىر ئايدىڭ كېچە ئىدى» ناملىق توپلىمىدىكى شېئىرلارنىڭ بەدىئىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئۈستىدە چوڭقۇرلاپ ئىزدىنىش، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىمىزدىن  تېخىمۇ ئەستايىدىللىقنى، يىراقنى كۆرەرلىكنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ توپلام ھەققىدە يېتەرلىك ئىزدىنىش، يېڭىچە شېئىرىيىتىمىزنىڭ مەلۇم بىر قىسمىغا باھا بەرگەنلىك بىلەن باراۋەر. ئاخىرىدا قىستۇرما قىلىدىغىنىمىز شۇكى، شائىر ئەيبۇ ياقۇپ 25 يىلدىن بىرى شېئىرىيەت گۈلخانلىرىغا توختىماستىن تەمەچ تاشلاپ كەلگەن، ئۇنىڭ ھارارىتى نۇرغۇن قەلىبلەرنى ئىلىتقان، سۆيۈندۈرگەن ئىدى. ئەمدى قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭ يېقىنقى ئالتە-يەتتە يىلدىن بىرى تاشلايدىغان تەمەچلىرىنىڭ بارغانسىرى ئازلاپ، ئاساسەن مەتبۇئاتلاردا ئىسمى چېلىقمايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ يەتمەكتىمىز، ئېھتىمال ئەيبۇ ياقۇپ يەنە بىر سۈكۈت دەۋرىنى باشتىن كەچۈرۋاتقاندۇر ياكى ئۇنىڭ جىمىپ كېتىشىدە باشقىچە سەۋەبلەرمۇ باردۇر؟! لېكىن شۇنىسى ئېنىقكى، بىر مەسئۇلىيەتچان قەلەمكەش مەلۇم ئىجادىيەت مۇساپىسىدىن كىيىن ئۆزىنى تېگىشلىك نامغا ئىگە قىلغان، ئەلنىڭ نەزىرىگە ئىلىندۇرغان شېئىرىيەت سېپىدىن ئۈن-تىنسىزلا چۈشۈپ قالمايدىغىنى مۇقەررەر. يەنە بىرسى ئەيبۇ ياقۇپ ئۆزى ئىنتىلىپ كەلگەن «گۈزەل، غايىۋى بىر قىرغاققا» تېخىچە يىتەلىگىنى يوق. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ تېخىمۇ كۈچ سەرپ قىلىشىغا، قان-تەر ئاققۇزۇشىغا، تىنىمسىز ئىچكى مېھنەت بىلەن ياشىشىغا توغرا كىلىدۇ.شۇڭا شائىر ئەيبۇ ياقۇپقا تېخىمۇ كۆپ «ئايدىڭ كەچ» لەرنىڭ ئىلھام ئاتا قىلىشىنى تىلەيمىز!

   

ـــ «ئىلى دەرياسى»ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى.   


قوشۇمچە __  مەزكۇر توپلامنىڭ توردىكى ئۇلىنىشى: http://new.xjzjxh.com/Topic.aspx?BoardID=14&TopicID=948  





Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  320
يازما سانى: 276
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1689
تۆھپە : 1
توردا: 180
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 01:50:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق، «ئۇ بىر ئايدىڭ كېچە ئىدى»

مانا بۇ ئوبزۇر  ئارقىلىق شائىرنىڭ تىلدا تەمى قالغىدەك سۈزۈك لېرىكىلىرىدىن يەنە بىر قېتىم ھۇزۇر ئالدىم!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1554
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 178
تۆھپە : 0
توردا: 21
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 03:38:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
hojakabiz يوللىغان ۋاقتى  2012-7-19 01:50
شۇنداق، «ئۇ بىر ئايدىڭ كېچە ئىدى»

مانا بۇ ئوبزۇر  ئارق ...

شۇنداق ئۇ بىر ئايدىڭ كىچە ئىدى
شۇنداق ئىدى ئاي چىقمايتى ئۇ ئاخشام.
مۇھەببەتلىك ئىدى ھەمدە تىۋىشلار
رامكا ئۈزرە چېقىلاتتى ئاپئاق شام.

سەن بىۋاپا ياشاپ ئۆتكىن قۇسرىسىز.
مەن بىۋاپا سىنىڭ ئۆچۈن مىڭ ئۆلەي.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  163
يازما سانى: 336
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 896
تۆھپە : 1
توردا: 130
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 10:07:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ ئۇ بىر ئايدىڭ كېچە ئىدى›› سۈزۈك تۇيغۇغا تويۇنغان ، چوڭقۇر مەنىلەر قاتلىمىدا شىئېرى يارقىنلىقنىڭ نەمۇنىسىنى ياراتقان شىئېرلار توپلامى ئىدى.
دىللاردا ھاياجاننى كۈۋەجەتكىدەك ئېسىل شىئېرى ئەسەرلەرنى يازغان ئەيبۇ ياقۇپنىڭ ،قەلەم قۇۋىتىدىن ئوقۇرمەنلەر ھەرگىزمۇ شەكلەنمەيدۇ . شۇڭا ئاپتۇرنىڭ قولىغا قەلەم ئېلىپ، شىئېرىيەت تەشنالىقى قانمىغان ئۇقۇرمەنلەرگە لېرىك ۋەزىنلەرنىڭ زەمزەملىرىنى ئايانماي بېرىشىنى تىلەيمىز!  

قەلبىنۇر ئىلياس

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 453
تۆھپە : 3
توردا: 69
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 10:09:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«شۇنداق، ئۇ بىر ئايدىڭ كېچە ئىدى» ناملىق مەزكۇر توپلام شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان، قابىلىيەتلىك ئەدەبىيات تەشكىلاتچىسى ئەيبۇ ئاكىنىڭ شېئىر ئىجادىيىتىدىن بىزگە سۇنۇلغان بىر گۈلدەستە. بۇ توپلامدىكى شېئىرلار ئۆزىدىكى تۇيغۇنىڭ سۈزۈكلىكى، قۇرۇلمىنىڭ چاققان، يىنىكلىكى، شېئىرىي تىلىنىڭ تەبىئىي تەسىرچانلىقى، شېئىرىدىكى ئىماگلارنىڭ ئالاھىدە لىرىكىلىقى بىلەن ئوقۇرمەنگە كۈچلۈك ئىستېتىك زوق بىغىشلايدۇ.
ھەبىبۇللا ئەپەندىنىڭ مەزكۇر ئوبزۇرى مېنىڭچە خېلىلا مۇۋاپپىقىيەتلىك چىقىپتۇ. ئوبزۇرنىڭ ئەيبۇ ئاكىنىڭ شېئىر ئىجادىيىتىگە يەنىمۇ تۈرىتكە ئىلھام بولىشىنى، ئوقۇرمەنلەر بىلەن شائىر قەلبى ئارىسىدىكى كۆۋرۈك بولىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن. ھەبىبۇللا ئەپەندىنىڭ ئىزدىنىشلىرىگە ھەم يەنىمۇ ئۇتۇق تىلەيمەن.

ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس، بەلكى بىر شېرىن مەسئۇلىيەت. _ رەشىد

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1318
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 267
تۆھپە : 0
توردا: 41
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 10:41:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ توپلامغا يەنىمۇ چوڭقۇر كىرىشنىڭ ئاچقۇچى ئاپتورنى نەزەردىن ساقىت قىلىش ئىدى، مەزكۇر ماقالىدە ماقالە ئاپتورى شائىر ئەيبۇ ياقۇپنى تۇنۇيدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئاساسىي مىلۇدىيە سالماقلىقراق بولۇپ كەتكەن. شائىرنى تونۇپ يېزىشنى چەتكە قېقىشقا بولمىغاندەك، ئۇنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالغۇچى بولغانكەنمىز مەۋقە ئېنىق بولىشى كېرەك ئىدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qutad تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-19 10:42  


سەن يىراق دىلىمدىكى زىل قوڭغىراق،
نېچۈن سۆيدۈم بەرگىنىڭ دىلغا پىراق.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  146
يازما سانى: 543
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1136
تۆھپە : 6
توردا: 144
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 14:00:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق « ئۇ بىر ئايدىڭ كېچە ئىدى » مەن دەل شۇ كېچە ئەيبۇ ياقۇپنى تونىغان . ھازىغىچە ئۇنتالمىدىم .

ئۆزۈڭ بول ئابرۇيىڭغا ئۆزۈڭ ئىگە ،
يۆلەكسىز ئۆزۈڭنى سەن ئۆزۈڭ يۆلە .

                            ئابدۇللا توقاي

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  47
يازما سانى: 323
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 736
تۆھپە : 3
توردا: 267
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 15:18:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئەيبۇ ئەپەندىمنىڭ تەرجىمە شېئىرلىرىنى تولا كۆرۈپتىكەنمەن.ئاۋۇ توپلامنى كۆرمىگەن تىخى.ئادرىسىنى ساقلىۋالدىم.ئاسۋتا..ئاستا ھۇزۇرلىناي.ئ

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1247
يازما سانى: 385
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1575
تۆھپە : 0
توردا: 153
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 15:38:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىتابنى بىزگە ئوقۇش ئېمكانىيتى يوقمىدۇ؟

تۇرسۇن جامال

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1099
تۆھپە : 4
توردا: 208
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 16:26:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qutad يوللىغان ۋاقتى  2012-7-19 10:41
بۇ توپلامغا يەنىمۇ چوڭقۇر كىرىشنىڭ ئاچقۇچى ئاپتورنى ن ...

        مۇشۇ توپلامنى ئۆزىڭىز بىر قوللۇق تەتقىق قىلىپ باقمامسىز . قانداق قىلىشنى بىلگەن ئادەم باشقىلارغا ئۆگۈت قىلىپ ئولتۇرماسلىقى كېرەكقۇ...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  717
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 415
تۆھپە : 0
توردا: 35
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 17:11:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەيبۇكامنىڭ قەلب تارىخىنى مانا مۇشۇ توپلىمىدىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ ھەقىقەتەن ياخشى چىققان توپلام.

سەن ئوقسەن، مەن بولسام كامان تېخىچە،
ئەي ئوق،سەۋر ئەيلە، كاماندىن كەچمە!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1194
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 174
تۆھپە : 0
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-21 14:30:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇ بىر ئايدىڭ كېچە ئىدى



(شائىر ئەيبۇ ياقۇپنىڭ شۇ نامىلىق شىئىرىغا تەقلىد)



«ئۇ بىر ئايدىڭ كىچە ئىدى»

قۇشلار بىز ئۈچۈن پىچىرلاپ تۇرغان .

يۇلتۇزلار تۆتقۇلاق بەرگىگە چۆكۇپ

سۆيگۈدىن مەڭگۇگە قەسەميات قىلغان .



«ئۇ بىر ئايدىڭ كېچە ئىدې »

بۇلاقلار مۇڭلىنىپ قىنىغا چۆككەن .

چىملارنىڭ لەۋلىرى چاك-چاك يېرىلىپ

يامغۇرنىڭ باغرىغا ئوتلارنى تۆككەن .



«ئۇ بىر ئايدىڭ كېچە ئىدى »

ياپراقلار شىرىقلاپ مىسرالار تۇزگەن.

بەختىمنې چوغ بىلىپ باغرىغا يېقىپ

نۇرلاردىن ئەبەدى شېئىرلار سۇزگەن.



«ئۇ بىر ئايدىڭ كېچە ئىدى»

گۇناھلار ئۇنتۇلۇپ بەختىمىز كۇلگەن .

قۇياشقا ئايلىنىپ ئىلاھ كۆزىدە

ئىھ، مەغرۇر چإشلەردە خىرامان يۇرگەن.



«ئۇ بىر ئايدىڭ كېچە ئىدى »

سىرلارنى بىز ئۈچۈن باغرىغا تۇگكەن .

يۇرەكلەر لاۋىغا ئايلانغاچ ئاڭا

ئەبەدىي كۆيۇكنىڭ ھېدى ئۆڭمىگەن.






شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلىنىڭ 2006-يىللىق سانىدا ئېلان قىلىنغان .



Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  271
يازما سانى: 177
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 300
تۆھپە : 0
توردا: 25
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 16:54:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەيبۇ ئەپەندىنىڭ دىللارنى سۈيۈندۈرگەن لىرىكىلىرى ئەسلىنىپ كىتابخانلارنى يەنە بىر قىتىم تەشنالىق چۆلىگە تاشلاپتۇ. ھەبىبۇللا مىجىتقا رەھمەت ئىيتىمەن. ئەيبۇ ئەپەندى شېئىرىيەتكە قانداق،ئوقۇرمەنلەرگە قانداق جاۋاب بېرىدىكىن قېنى؟

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1933
يازما سانى: 313
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 917
تۆھپە : 0
توردا: 65
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 19:06:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئوبزۇر يۈرەككە نەخ بارىدىكەن. باش تىمىسى جلىپقىلارلىق بوپتۇ. «شۇنداق، ئۇ بىر ئايدىڭ كىچە ئىدى.»

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  83
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 821
تۆھپە : 6
توردا: 125
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 17:12:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەيبۇكامنىڭ «ئۇ بىر ئايدىڭ كېچە ئىدى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى ھەقىقەتەن ھەممىمىزنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا ئەرزىگۈدەك توپلام، دوستىمىز ھەبىبۇللا مىجىتمۇ بۇ  توپلامدىكى سەرخىل شېئىرلار ئۈستىدە ناھايىتى ئوبدان توختىلىپتۇ. مەن ئەيبۇكامنىڭ شۇنچە ئالدىراشچىلىق ئىچىدىمۇ، ئەنە شۇنداق گۈزەل مىسرالارنى ۋە نۇرغۇن تەرجىمە ئەسەرلەرنى بىزنىڭ ھوزۇرىمىزغا سۇنىۋاتقىنىدىن تولىمۇ سۆيۈنۈش ھېس قىلىمەن. مەن ئەيبۇكام ۋە ھەبىبۇللا مىجىتقا قىزغىن دوستلۇق سالىمى يوللاش بىلەن بىرگە، بۇ ئىككى ئاپتورنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىي ئىزدىنىشلىرىگە يەنىمۇ زور نۇسرەت تىلەيمەن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش