ximal
كۆرۈش: 278|ئىنكاس: 5

مەرھۇم غەنىزات غەيۇرانىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1596
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 529
تۆھپە : 11
توردا: 57
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 18:28:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Ghenizat_gheyurani.jpg

مەرھۇم غەنىزات غەيۇرانىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
تەييارلىغۇچى: پولات غەنىزات غەيۇرانى
(ئوقۇرمەنلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن)
ئاتاقلىق شائىر، تىلشۇناس، غەنىزات غەيۇرانى 1930- يىلى كەلپىن ناھىيىسىدە مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە تۇغۇلغان. 1938- يىلىدىن 1945- يىلىغىچە كەلپىن باشلانغۇچ مەكتەپتە ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تولۇقسىز دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان. 1945- يىلى 7- ئايدىن 1948-يىلى 10- ئايغىچە باشلانغۇچ مەكتەپتە مۇئەللىم بولغان. 1948- يىلدىن 1950- يىلى 6- ئايغىچە شىنجاڭ دارىلفونىدا ئوقۇغان. 1950- يىلى 6- ئايدىن 1953- يىلى 1- ئايغىچە  سابىق ئۆلكىلىك ئۈرۈمچى 2- دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇتقۇچى، 1- ئايدىن 1955- يىلى 9- ئايغىچە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇر دەرسلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، 1955- يىلى 9- ئايدىن 1957- يىلى 6- ئايغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتوتىنىڭ تىلشۇناسلىق سىنىپىدا ئوقۇغان. بۇ جەرياندا يەنە ئىككى قېتىملىق تىل تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قاتنىشىپ بىرىنچى قېتىمدا <<غۇلجا-تۇرپان گۇرۇپپىسى>> نىڭ باشلىقى، ئىككىنچى قېتىمدا <<قەشقەر گۇرۇپپىسى>> نىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن. 1957- يىلىدىن 1962- يىلى 2- ئايغىچە <<شىنجاڭ گېزىتى>> ئىدارىسىدە تەھرىر ۋە مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1962- يىلى 2- ئايدىن 1966- 5- ئايغىچە ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1958- يىلىدىكى <<ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى>> دە، خاتا ھالدا <<ئوڭچى- يەرلىك مىللەتچى>> دەپ قارىلىنىپ مەتبەئە ھوقۇقىدىن ئايرىلغان. 1966- يىلى 5- ئايدا <<چەتكە باغلانغان ئۇنسۇر>> دېگەن قالپاق بىلەن خىزمىتىدىن قوغلانغان. 1980- يىلى خىزمىتى ئەسلىگە كەلگەندىن باشلاپ ئاپتونوم رايونلۇق تىل- يېزىق كومىتېتىدا تىل-تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان.
شائىر غەنىزات غەيۇرانى 1949- يىلى <<شىنجاڭ گېزىتى>>دە ئېلان قىلىنغان <<باق>>، <<تەسەللى>>، << بىل>> دېگەن شېئىرلىرى بىلەن ئەدەبىيات سېپىگە كىرگەن بولۇپ، 1958- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە <<پۇل>>، <<شائىر>>، <<مېنى كۈت>>، <<تارىم بويىدا>> قاتارلىق 90 پارچىغا يېقىن شېئىر، باللادا، فىليەتونلىرى ھەرقايسى مەتبەئەلەردە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، شۇ يىللاردىكى  داڭلىق شائىرلىرىمىزنىڭ بىرىگە ئايلانغان. 1980- يىلى خىزمىتى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن يەنە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، ئۇنىڭ <<شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن <<تارىم بويىدا>>، <<ھايات قوشىقى>> ناملىق توپلاملىرى، <<بولدى قىل>> ناملىق فېلياتون ۋە ساتىرالار توپلىمى، ياشلا- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن <<يۈز رۇبائىي>> توپلىمى نەشىر قىلىنىپ ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا ياخشى ئىنكاس قوزغىغان ۋە بۇھەقتە مەخسۇس ئەدەبىي ئوبزورلار ئېلان قىلىنغان. ئۇندىن باشقا يەنە <<ھۆرمەت ۋە ھۆرمەتسىزلىك>>، <<تەقدىر دېگەن شۇمىدۇ؟>> قاتارلىق ھېكايىلىرى، <<پېنسىيىگە چىقىشنىڭ ئالدى-كەينىدە>> دېگەن دراممىلىرى ئېلان قىلىنغان. <غەزەل ۋە مۇخەممەسلەر>>،<<مۇھەببەت لىرىكىلىرى>>،<<سۆيگۈ>>، <<توي چاچقۇسى>>، <<تاغ بۇلاقلىرى>>، <<ئارزۇ بوستانى>>، <<قامچا>>، <<ئاھ! نۇرلۇق ئابىدىلەر>>، قاتارلىق توپلاملارغا، 1959-يىلى ئالمائاتادا نەشىر قىلىنغان <<شىنجاڭ ئۇيغۇر شائىرلىرى>> دېگەن توپلامغا شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن. 1950- يىلى قازاقىستاندا چىقىدىغان <<يېڭى ھايات>> ۋە ئۆزبېكىستاندا چىقىدىغان <<شەرق ھەقىقىتى>> ژۇرناللىرىدا، 1990- يىلى ئالما-ئاتادا چىقىدىغان <<ئۇيغۇر ئاۋازى>> گېزىتىدە شېئىرىلىرى ئېلان قىلىنغان. شۇنىڭدەك ئۇ 1993- يىلى نەشىر قىلىنغان <<ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدىبلىرى>> دېگەن كىتابقا، 2002- يىلى بەشكەكتە رۇسچە نەشىر قىلىنغان <<ئۇيغۇر پوئىزىيىسى>> دېگەن توپلامغا كىرگۈزۈلگەن.
شائىرنىڭ 1980- يىلىدىن بۇيانقى ئەدەبىي ئىجادىيىتىدە رۇبائىي بىلەن ساتىرا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرى تىلى راۋان بولۇش، چىن بولۇش، ھېسسىياتقا باي بولۇش، ئوبرازلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، يۇقىرى ئىدىيىۋى مەزمۇن، يۇقىرى بەدىئىي قىممەتنىڭ بىرلىكىدە ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلغان. شۇڭا <<ئۇيغۇرئەدەبىياتى تارىخى>>نىڭ 4- قىسىم 1- كىتابىنىڭ <<بۈگۈنكى زامان شېئىرىيىتىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى>> (2006- يىل 4- ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى نەشىر قىلغان.) شائىر  ھەققىدە  مەخسۇس توختىلىپ: <<1950- يىللاردا قولىغا قەلەم ئېلىپ ئىجادىيەت سەھنىسىگە كىرىپ كەلگەن غەنىزات غەيۇرانى،……… قاتارلىق بىرتۈركۈم ياش شائىرلار ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ تايانچ كۈچلىرىدىن بولۇپ قالدى. ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشتى..........شۇڭا بۇ دەۋردىكى شېئىرىيەت بۈگۈنكى زامان شېئىرىيىتىنىڭ تۇنجى ئالتۇن دەۋرى دەپ ئاتالدى >> دەپ باھا بىرىش بىلەن بىرگە :<<80- يىللارنىڭ كىرىشى بىلەن باشلانغان يېڭى دەۋر ئەدەبىياتى باسقۇچى شائىر غەنىزات غەيۇرانى ئىجادىيىتى ئۈچۈنمۇ يېڭى بىر تارخىي دەۋر بولۇپ قالدى. بۇ باسقۇچتا شائىر ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى يارىتىپ،  ھەجۋىي شېئىر−ساتىرا ئىجادىيىتىدە يېڭى بىر پەللە ياراتتى. يېڭى دەۋر باسقۇچىدا ئۇ باشقا تۈردىكى شېئىرلىرىدىن باشقا 30 پارچىدىن كۆپرەك ھەجۋى شېئىر−ساتىرا يېزىپ، يېڭى دەۋردىكى ساتىرا ئىجادىيىتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن  ۋەكىللىرىدىن بولۇپ قالدى>> دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.
غەنىزات غەيۇرانىنىڭ تىل-تەتقىقات ۋە نەشرىياتچىلىق ساھەسىدىكى تۆھپىسىمۇ ئالاھىدە  گەۋدىلىك.  ئازادلىقتىن كېيىن ئۇ تۇنجى بولۇپ تۈزگەن باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئېلىپبە، تىل دەرس، ماتېماتىكا، ئوقۇش كىتابى قاتارلىق دەرسلىكلىرى ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ گىرامماتىكىسى (1- قىسىم) 1953-1954- يىللىرى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە دەرسلىك قىلىپ ئوقۇتۇلغان، بۇ دەرسلىكلەرنىڭ تۈزۈلۈپ نەشر قىلىنىشى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى قازاقىستاندا تۈزۈلگەن دەرسلىكلەرنى ئوقۇتۇشقا خاتىمە بېرىش بىلەن بىرگە شىنجاڭدا مائارىپ نەشرىياتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاساس ياراتقان. ئۇنىڭ قاتنىشىشى ۋە مەسئۇل مۇھەررىرلىكىدە تۈزۈلگەن ئالتە توملۇق <<ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لۇغىتى>> 1990-، 1999-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن، بىرتوملۇقى، 1999- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. بۇ لۇغەت تىلشۇناس ۋە لۇغەت شۇناس ئالىملار ۋە يازغۇچى، شائىرلار تەرىپىدىن يۇقىرى باھا بېرىلگەن، ھەم بۇ لۇغەتنىڭ 1- تومى 1991- يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە پەلسەپە−ئىجتىمائىي پەن ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. شۇنىڭدەك ئۇ يەنە <<چاغىتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى>> نى ئىشلەشكە قاتناشقان ۋە ئۇنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى قىلغان. ئۇندىن باشقا <<ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى ۋە ئىملا لۇغىتى>>، <<ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى>>، <<باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكى ئۈچۈن ئىزاھلىق لۇغەت>>، <<ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكى ئۈچۈن ئىزاھلىق لۇغەت>>، <<پەن-تېخنىكا ئاتالغۇلىرى لۇغىتى>> ھەم چوڭ تىپتىكى <<ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەت>>نى تۈزۈشكە ۋە بىكىتىشكە قاتناشقان. شۇنىڭدەك تارىخچى ئەنۋەر بايتۇرنىڭ <<شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخى>> دېگەن كىتاپنى ۋە <<تىل ۋە تەرجىمە>> ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان نۇرغۇن ماقالىلەرنىڭ تەھرىرلىكىنى قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ <<ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى>>دىكى تىكىستلەرنىڭ ئۇچۇقلاشتۇرۇلغانلىقى ھەققىدە>>، <<ئىلمىي ئەمگەككە ئادىل، توغرا باھا بېرەيلى>>، <<(ئارۇز شېئىر سىستېمىسى توغرىسىدا بايان) ھەققىدە بىرنەچچە ئېغىز سۆز>>، <<ئىلىم-پەندە ئۆزىمىزنى بىلىش ھەققىدە>>، <<خاتا بېكىتىلگەن بىر ئاتالغۇ مۇناسىۋىتى بىلەن دېيىش زۆرۈر بولۇپ قالغان گەپلەر>> قاتارلىق 30  نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلىنىپ جەمئىيەتتە ئالاھىدە تەسىر قوزغىغان. غەنىزات غەيۇرانى 1992- يىلى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن ئۆمۈر بويى بەھرىمەن بولىدىغان مۇنەۋۋەر مۇتخەسسىس بولۇپ باھالانغان.
ئاتاقلىق شائىر، تىلشۇناس، لۇغەتشۇناس غەنىزات غەيۇرانى پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىنمۇ تەكلىپ بىلەن توپتوغرا ئون ئىككى يىل لۇغەتچىلىك ساھەسىدە ئىشلىدى. ئۇ داۋاملىق ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقانىدى. ئەپسۇس  2007- يىلى 11- ئاينىڭ 28- كۈنى (ئۈرۈمچى ۋاقتي) ئەتىگەن سائەت سەككىزدە ئۇشتۇمتۇت  يۈرەك كېسىلى قوزغۇلۇپ قېلىپ 78 يېشىدا  ئالەمدىن ئۆتتى. ئاللا ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن!  
ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە تۈركىي تىللار تەتقىقات جەمئىيىتى قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئەزاسى بولۇپ، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتچان، كەسىپتە ئىلمىي، تۇرمۇشتا  كەمتەر، سەمىمىي ۋە راستچىل، يولداشلار ئارا چىقىشقاق ئىدى. مەرھۇمنىڭ ۋاپاتى ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ تىل-يېزىق ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسى ئۈچۈن چوڭ بىر يوقىتىش بولدى، بىز مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىدىن قاتتىق قايغۇرىمىز، مەرھۇمنى مەڭگۈ ياد ئىتىمىز.  
تۆۋەندە شائىرنىڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغان ساتىرالىرىدىن بىرنەچچىنى سۇندۇق.

ئارقا ئىشىك
(ساتىرا)
غەنىزات غەيۇرانى
ئالدى ئىشىكتىن يىڭنە پاتمايدۇ،
ئارقا ئىشىكتىن پويىز قاتنايدۇ.
(خەلق تەمسىلى)
بار ئىكەن، يوق ئىكەن، زامانىمىزدا،
ھەقىقەت تاج كىيگەن دەۋرانىمىزدا.
بار ئىكەن بىر ئىشىك ئورنى نا ئېنىق،
لېكىن ئۇ ئىشىكنىڭ خېرىدارى جىق.
<<ئارقا ئىشىك>> دەيدىكەن ئۇنىڭ ئىسمىنى،
كۆرگىلى بولماسكەن شەكلى، جىسمىنى.
ئېچىلار ئىكەن ئۇ بەزى سول ياندىن،
كۆپىنچە ئارقىدىن، دالدا- پىنھاندىن.
يوق ئىكەن ئېسىقلىق پەيزىسى ئۇنىڭ،
يا پوستا ئەسكىرى، نەيزىسى ئۇنىڭ.
شۇڭا كۆپ كىشىلەر تاپالمايدىكەن،
تاپسىمۇ<<تىتى يوق>> ئاچالمايدىكەن.
بەك ئاسان تاپاركەن <<دىتى بار>>لىرى،
(ھوقۇقى، تونۇش، دوست، ئىپى بارلىرى.
بىردەمدە پۈتتۈرۈپ ئىشىنى ئۇلار،
ئوڭلاركەن مۇشكۈلى، بېشىنى ئۇلار.
ئۇ نۇرغۇن نەرسىگە ئىكەن ھامىلدار،
تۇغۇپتۇ ھەتتا ئۇ نەچچە ئەمەلدار.
بەزىلەر داشۆگە ئاشۇ ئىشىكتىن،
غىپ قىلىپ چىقىشتى(ئارقا تۆشۈكتىن).
كۆپلىرى تەلمۈرۈپ ئالدى ئىشىككە،
بۆلىنىپ <<تەسەللى>> ئاتلىق بۆشۈككە.
تەلمۈرە-تەلمۈرە كۆزلىرى تالدى،
نەتىجە ئاخىرى كوچىدا قالدى.
يوق ئىكەن ئۇ ئىشىك ئېچىلمىغان جاي،
ۋە ياكى ئۇرۇقى چېچىلمىغان جاي.
ئىدارە، ماگىزىن ھەم دوختۇرخانا،
گۆش دۇكان، ئۇن پونكىت، كىنو،ئاشخانا.
ھەممىسى، ھەممىسى، ھەممىسىدە بار،
قاتنايدۇ ئۇنىڭدىن مىڭلاپ خېرىدار.
           ***
بىر دەرتمەن بىر يىلچە ئالدى ئىشىكتىن،
ماڭدى ھەم كىردى ئۇ نەچچە تۆشۈكتىن.
ئالدىغا ئۇچرىغان نەچچە كادىرنىڭ،
كوجاڭۇ، چۇجاڭۇ، ھەتتا نازىرنىڭ.
قويمىدى ئارامى، ھەپىلىسىنى،
ھەل قىلماق ئۈچۈن ئۆز مەسىلىسىنى.
ئۇچرىشىپ بەزىدە ھىلىگەر كۆزلەر،
ئېيتاتتى ئۇنىڭغا ياغلىما سۆزلەر.
كۆپىنچە باشلىقنى ئىزدەپ تاپالماي،
تاپسىمۇ دەردىنى دادىل ئېيتالماي.
لاغىلداپ تىترەيتتى بىچارە دەرتمەن،
تەقدىرى باشلىققا باغلىق ھاجەتمەن.
ئاڭلايتتى بەزى ئۇ ئىزا-ئاھانەت،
بولاتتى تېخىمۇ دەرت ئۈستىگە دەرت.
ئاشۇنداق ئۆتسىمۇ ئۇزاق بىر مەھەل،
ۋە لېكىن ئىشىنى قىلالمىدى ھەل.
كېيىن بىر تونۇشى كۆرسىتىپ ئەقىل،
دېدىكى<<بۇرادەر ئىشنى مۇنداق قىل!...>>
راستلىدى بىر سومكا دوستى دېگەندەك،
(سوغىغا ئۇ سومكا تولدى خېلى بەك)
دەل مۇشۇ بىز دېگەن ئىشىكتىن ئۇنى،
شۇڭغۇتتى چاققانلىق بىلەن بىر كۈنى.
يۈرۈشۈپ كەتتى ئىش ئۇزاق ئۆتمەستىن.
ھەل بولدى ھەممىسى ھەپتە كۈتمەستىن.
بۇ پەقەت شۇ ئىشىك يولىغا مىسال،
قۇدرىتى، ئىقتىدار، رولىغا مىسال.
        ***
بۇ ئىشىك ھەققىدە بولدى تولا سۆز،
غەزەپلىك تىكىلدى مىليونلىغان كۆز.
شۇ غەزەپ ياسىسا كۈچلۈك بىر دولقۇن،
نەپرەتلەر ئوت ئېلىپ بولسا بىر يالقۇن.
كۆيدۈرۈپ كۈل قىلسا شۇنداق ئىشىكنى،
  تۈزلىسە تىندۇرۇپ ئەسكى تۈشۈكنى.
قۇتۇلسا ئەل بۇنداق بالا - ئاپەتتىن،
بولاتتى ئەل رازى بۇ ئادالەتتىن.      
  1984- يىل ئاپرېل ئۈرۈمچى.

خەلق سەسكەندى، ھۆ بولدى...
           (ساتىرا)
غەنىزات غەيۇرانى
ھوقۇقۇڭ بولسا ئازراقلا سېنى ھەر يەردە ماختايدۇ،
ئىشىكىڭ ئالدىدىن ھەركۈن ئۆتۈپ ئۈچ، ئالتە توختايدۇ.
بالاڭغا تۇتقۇزۇپ كەمپۈت، ئېلىپ گۆش، يەل-يېمىش،كۆكتات،
بىمارنى يوقلىغان تۇغقان كەبى پات- پاتلا يوقلايدۇ.
كۈنىگە نەچچە رەت تازىم قىلىشنى ئەيلىگەچ ئادەت،
بۇرۇن تازىم بەجا ئەيلەپ، كېيىن قورساقنى توقلايدۇ.
مۇيەسسەر بولمىدى تازىم  بەجا ئەيلەشكە شول كۈن ئۇ،
كىرىپ كەتسەڭ خالا جايغا ئىشىك ئالدىدا ساقلايدۇ.
ئەگەر دەپ قالدى بىر ساددا سېنىڭ توغراڭدا بىر ھەق گەپ،
شۇئانلا ئۇ چېقىمچىلىق تاپانچىسىنى ئوقلايدۇ.
بېرىپ دەرھال قېشىڭغا ئۇ ئېچىپ ئىنكاس كىتابىنى،
  قىلىپ بار يوقنى. بىرنى ئون، سېغىزغاندەك شاراقلايدۇ.
ۋاقىت ئۆتتى، يېشىڭ يەتتى، بوشاتتىڭ  نە ئامال ئورۇن،
سېنىڭ بىرلەن بېرىش-كېلىش شۇ كۈندىن بولدى، توختايدۇ.
تۈنۈگۈنلا ئىدى شاتۇت سېنى ماختاشتا ئۇ <<دوستۇڭ>>،
بۈگۈن ئىسمىڭنى ئاڭلاشمۇ ئۇنىڭغا زادى ياقمايدۇ.
خوشامەتچىنى ئەي دوستلار، ھاماقەت، دۆت دېمەڭ ھەرگىز،
ياشاش ئىلمىدە ھەرقانداق كىشىنى نەچچە قاتلايدۇ.
ئۆزىنى بەك پىرىنسىپچان قىلىپ كۆرسەتسىمۇ ئەمما،
ھۆپۆپنى يۇڭدىماي يالماپ، ھەسەلدىن قىلنى ئىلغايدۇ.
خەلق سەسكەندى، ھۆ بولدى بۇ ئىللەتتىن، لېكىن بەزى−
كىشىلەر بۇ رەزىللىككە قاچانغىچىلا <<دو>> دەيدۇ.
             1985- يىل مارت ئۈرۈمچى.  
         
مەنسەپنىڭ كارامىتى
             (ساتىرا)
           غەنىزات غەيۇرانى
بايقالدى يېقىندىن بېرى مەنسەپنىڭ،
يەنىمۇ ئاجايىپ كارامەتلىرى.
ئۇنىڭغا ئېرىشىپ بەزىلەر ئالغان،
ماددىي ھەم مەنىۋى دارامەتلىرى.

دېمەيلى ھازىرچە قايسى يول بىلەن،
ئۇنىڭ بۇ كۆكتاشقا مىنگەنلىكىنى.
دەيلى بىر كېچىدە مۆجىزە بولۇپ،
ئىلىم - پەن بېغىدا ئۈنگەنلىكىنى.

قاچان ئۇ ئولتۇردى ئەشۇ مەنسەپكە،
تونۇلدى بىللىلا بولۇپ بىر <<ئالىم>>.
ئۇ ھەقتە دېيىلىپ كەلگەن گەپ-سۆزلەر،
بىردىنلا يوقالدى، بولۇپ قالدى جىم.

مەنسەپكە چىقىپلا ھۆرمەتلىك نامى،
كۆرۈلدى بىرنەچچە ئەسەر بېشىدا.
بېسىلدى نەچچە خىل سۈرەتلىرى ھەم،
ئالىملار تەلمۈرۈپ تۇرغان قېشىدا.

چىقىشقا باشلىدى ئارقا-ئارقىدىن،
ئۇ<<يازغان>> ئاجايىپ <<ئىلمىي>> ئەسەرلەر.
تارالدى ھەتتاكى تەڭرىتاغ بويلاپ،
زىلزىلە قوزغىغان ئۇچۇر، خەۋەرلەر.

يەنە ئۇ <<مۇنەۋۋەر ئەسەر>> دېيىلىپ،
چاۋاكلار ئىچىدە ئالدى مۇكاپات.
قوشۇلدۇق قوللارنى كۆتۈرۈپ ئېگىز،
ئېشەكنى پەردازلاپ دېسە <<ئۇچقۇر ئات>>.

ئاز ئۆتمەي ئوقۇشقا باشلىدۇق ئۇنىڭ،
مىسرالاشتۇرۇلغان نوتۇقلىرىنى.
يېزىلدى تەقرىزلەر كۆتۈرۈپ كۆككە،
ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى <<ئۇتۇق>>لىرىنى.

كارامەت ئۈستىگە مانا كارامەت،
ئايلاندى ئەمدى ئۇ <<شائىر>>غا يەنە.
بار يەردە بار ئىكەن<< ئىلھام>>دېگەنمۇ،
<<شېئىر>>لار غورىدەك  تۆكۈلدى ئەنە.
ئوقۇسا بەزى ئۇ مۇنبەردە <<شېئىر>>،
بۇيرۇتۇپ ياساتقان ئاۋازى بىلەن.
ياڭرايدۇ ئۇ شېئىر يەرۇ ئاسماندا،
<<غەلىبە قۇچقان شوخ >>پەرۋازى بىلەن.

ئەگەردە قازارا بىر ۋاقتى كېلىپ،
چۈشسە ئۇ شۇ مەنسەپ، ئاشۇ مۇنبەردىن.
قالارمۇ ئۇنىڭدا <<تالانت>> يازغۇدەك،
بىر مىسرا، بىرەر بەت شۇنداق ئەسەردىن.
         
   1995-يىل 8- ئاپرېل ئۈرۈمچى.
        

  باشلىق بىلەن شوپۇر
      (ساتىرا)
غەنىزات غەيۇرانى
بىرسائەتچە كېيىن چۈشۈپ خىزمەتتىن،
دەرۋازىغا چىققان ئىدىم بىر كۈنى.
غەزەب بىلەن دېدى باشلىق شوپۇرغا:
<<قاچانغىچە ساقلىتىسەن سەن مېنىي؟>>.

رەڭگى ئۆڭگەن، ئۆزى جىددىي تولىمۇ،
جىلە بولۇپ ماڭار ئالدى-كەينىگە.
ئويلاپ قالدىم قاچان قايتار بۇ باشلىق،
شۇ ھالەتتىن ئۆز ئەسلىگە، ئەينىگە.
<<چاتاق چىقتى!−دېدى شوپۇر شۇئاندا−
تۈزەتمەستىن بۇنى سۆرەپ ماڭايمۇ؟
كۆرۈپ تۇرۇپ ۋارقىرايسىز بوغۇلۇ،
قوشۇپ سىزنى يا دۈمبەمگە تاڭايمۇ؟

ئاشۇ قېتىم ساياھەتكە چىققاندا،
تاغ يولىدا ئېگىز-پەس كۆپ قاتنىدۇق.
بەزى كۈنلەر تۈننى ئۇلاپ كۈندۈزگە،
مېھمان بولۇپ يۇرتتىن- يۇرتقا ئاتلىدۇق.

(تارت!) دېدىڭىز بىر دەم ئېگىز داۋانغا،
غىڭ قىلالماي مەنمۇ باستىم تەپكىنى.
توشۇپ كەتكەچ سوۋغا-سالام پىكاپقا،
تاپالمىدىم قويغۇدەك جاي شەپكىنى.

بەزى كۈنلەر مېھمانلارنى توشۇدۇم،
بىر قانچە رەت ئون چاقىرىم يىراقتا.
بەزى سوقتۇم قورام تاشقا گىرۋەكنى،
بەزى ماڭدىم كۆمۈلۈپ چاڭ-تۇپراققا.

تولا قاتناپ توي-تۆكۈنگە ھەر كۈنى،
زېرىكتۈردى خانىمىڭىز غەلۋىسى.
ھېلى باغقا، ھېلى تانسا، مەشرەپكە.
تۈگىمەيدۇ ئوغلىڭىزنىڭ سەيلىسى.

قاتناۋېرىپ  شالاقلاپتۇ پىكاپنىڭ،
ۋېنتىسىنىڭ يېرىمىدىن تولىسى.
توك يولىدىن بەزىلىرى بۇزۇلغان،
ئەمدى كۆيدى ئېشىپ قالغان چالىسى.

ياسىماستىن ماڭسا شۇنداق چىقىدۇ،
ماشىنىنىڭ كاشىلىسى چاتىقى.
(ماڭ!)لا دەيسىز، ھالىڭ نېمە دېمەيسىز،
ۋاقىرايسىز زەردە بىلەن سىز تېخى!>>

بىر ئالايدى باشلىق شۇندا ۋە لېكى،
زورغا يۈتتى ئۆز ئىچىگە غەزەبنى.
قاراپ باشلىق تەلەتىگە بىر ھازا،
ئويلاپ قالدىم مەنمۇ ئاڭلاپ بۇ گەپنى.

ئانچە يىراق ئەمەس باشلىق ئۆيىمۇ،
ئىدارىدىن سەللا ئۆتسە−بىر بېكەت.
ئايدا، يىلدا مېڭىپ قويسا پىيادە،
ئۆزىگە بولمامدۇ تەنھەرىكەت.

يا بىر نۆۋەت ئاپتوبۇستا قايتقانغا،
چۈشۈپ كېتەرمىدى ئۇنىڭ سۈپىتى.
ئۆلۈپ قالسا گۆرىگىمۇ پىكاپتا،
كېتەمدىكىن باشلىقىمىز شۇ پېتى؟!
           1983- يىل ئاپىرېل.
دوستۇمغا
(ساتىرا)
غەنىزات غەيۇرانى
<<ئوقۇدۇم بۇرادەر ساتىرىڭىزنى،
بولىدۇ ۋە لېكىن مەزمۇنى چاتاق.
تەپ تارتماي باشلىققا تەككۈزۈپسىز تىل،
ئۆتكەنكى ئىشلاردىن ئالماستىن ساۋاق...>>.

بىر دوستۇم ئالايتەن كېلىپ ئۆيۈمگە،
شۇنداق دەپ ئۆزىچە قورقۇتتى مېنى.
<<ياشاشنىڭ سەنئىتى −چوڭلارغا ياراش>>−
ھەققىدە بىر ھازا ئوقۇتتى مېنى.

مەن دېدىم:<<راستىنلا دۆترەك ئادەم مەن،
سىز دېگەن <<سەنئەت>>نى چۈشەنمەيدىغان.
چۈشەنگەن بىلەنمۇ ئەلگە ئۇ<<سەنئەت>>−
ياقىدۇ، دېگەنگە ئىشەنمەيدىغان.

بەزىلەر ئازراقلا ئەمەلنى گويا،
ئەڭگۈشتەر قىلىشىپ ئۆتتى بىر مەھەل.
ھە! دېسە ھەممىسى بولىدىغان تەخ.
<<خىزىرنىڭ سۇپىسى>> ئەمەسقۇ ئەمەل.

رەنجىمەڭ بۇرادەر، تەككۈزمىدىم تىل،
باشلىقنىڭ ئەمىلى ھوقۇقىغا ھېچ.
قىلسا ئۇ ئەمەلنى <<خىزىر سۇپرىسى>>
سۆككۈلۈك باشتا گەر تۇرسىمۇ قىلىچ.
          1983- يىل ئىيۇل ئۈرۈمچى.
  
             ئادىل سودىيە
(ساتىرا)
غەنىزات غەيۇرانى
ئاڭلىسام رەئىس ماختاپتۇ مېنى،
<<ئەجەپ تالانتلىق شائىر ئاشۇ>> دەپ.
شۇنداق بولمىسا چىقامدۇ ئاسان،
چوڭ بىر رەھبەرنىڭ ئاغزىدىن بۇ گەپ.

قول قويدۇم شۇندىن بېرى ئۆزۈمگە،
قەدرىمنى بىلىپ كېرىلدىم شۇنچە.
ئابرۇي كۆكىدە ئۇچتۇم قاناتسىز،
شۆھرەت <<ئىلمىي>>گە بېرىلدىم شۇنچە.

باشقا شائىرلار كۆرۈندى ماڭا،
ھىدسىز، پۇراقسىز، قۇرىغان چېچەك.
مېنىڭ غۇجلا دان ئۇلارنىڭ پەقەت،
شەكلى قېلىن، دېنى يوق−پۇچەك.

كوچىلاردا خەق قىلاردەپ تەزىم،
ماڭدىم ئەتراپقا تەلمۈرۈپ، قاراپ.
مەستىن يىرگەنگەن تەقۋادار كەبى،
كۆپلىرى ئەگىپ ئوتتى يىراقلاپ.

بەزىدە ياشلار ھۆرمەتلەپ مېنى،
<<شائىر ئاكا>> دەپ بولسا خىزمەتتە.
<<ماڭا ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلىشى−
كېرەك ۋە لازىم،−دېدىم،−ئەلۋەتتە>>.

بىر كۈن تاسادىپ قالدىم قاتنىشىپ،
بىر قانچە ئىشچى تۈزگەن سورۇنغا.
بىلدۈرۈپ ھۆرمەت ئۆتكۈزى ئۇلار.
مېنى تۆردىكى يالغۇز ئورۇنغا.

بايقىسام ئۇلار ئەسلىدە مېنىڭ،
كىملىكىمنى راست بىلىشمەيدىكەن.
مىڭلىغان ئۇيغۇر كادىرلىرىدەك،
ئاددىي بىر كادىر چېغى دەيدىكەن.

شۇڭا ئالدىرماي ئۆزۈم ھەققىدە،
ئىشتىياق بىلەن سۆزلىدىم ئۇزاق.
تۇيۇلدى ماڭا ئۇلار بېرىلىپ−
ئاڭلاۋاتقاندەك قىلىشماي مازاق.

دېدىم ئاخىرى:<<رەئىس ماختىغا،
قالتىس <<تالانتلىق>>شائىرلىقىمنى.
شېئىر بابىدا ئاز ئۇچرايدىغان،
تالانت ئىگىسى، ماھىرلىقىمنى>>.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ نېمە ئۈچۈندۇر،
قاقاقلاپ بىردىن كۈلۈشتى ئۇلار.
سەت بىر نەرسىدىن سەسكەنگەن كەبى،
چىرايلىرىنى پۈرۈشتى ئۇلار.

شۇ چاغ بىر ئىشچى تۇرۇپ ئورنىدىن،
تىكىلدى ماڭا ئوتلۇق كۆز بىلەن.
(كۆرسەتمە تەڭرى مۇنداق كۆزلەرنى،
چۈشەندۈرۈش تەس بۇنى سۆز بىلەن).


سۆز باشلىدى ئۇ سۆزلىرى ئۇنىڭ،
چىقاتتى تاشقا مۆھۈر باسقاندەك.
تەرلىدىم چىپچىپ، تەسلەشتى نەپەس،
گويا بوينۇمدىن باغلاپ ئاسقاندەك.  

<<شائىر ئىكەنسىز، دېمەك بىزدىن كۆپ،
−دېدى،−ئەقلىڭىز، بىلىم، دىتىڭىز.
ئارزۇ قىلاتتۇق شېئىرىڭىزدىن،
بولسا ئېسىلراق پەزىلىتىڭىز.

بىلىپ قويۇڭكى بىز ئەخمەق بولساق،
بۇ ئىشنىڭ يامان تەسىرى چاغلى.
شائىرنىڭ ئەخمەق بولۇشى تەقسىر،
پۈتۈن مىللەتنىڭ شەنىگە باغلىق.

باھالىيالماس شائىرنى باشلىق،
ماختىغان بىلەن ئوقۇپ مەدىيە.
پەقەت چىن باھا بېرىدۇ خەلق،
چۈنكى خەلقلا ئادىل سودىيە.
           1984- يىل ئاۋغۇست ئۈرۈمچى.




شۇ باشلىق ئورنىغا تىكىلگەن كۆزۈم
(ساتىرا)
غەنىزات غەيۇرانى
داشۆنى تۈگىتىپ ئىشلىدىم ئون يىل،
بىرنى بىر، ئىككىنى جەزمەن ئىككى دەپ.
بەزىلەر كۈلۈشتى دېدى ئارقامدىن،
<<ھەم ساددا ھەم ئەخمەق بالىكەن ئەجەپ!>>

راست ئەخمەق ئىكەنمەن ئويلىسام كېيىن،
بوپتىمەن ئاۋارە ھەقنى تالىشىپ.
بەزىدە ھەتتاكى باشلىق بىلەنمۇ
قاپتىمەن ھېيىقماي قاتتىق ئېلىشىپ.

شۇ سەۋەب يا <<ئابروي>>يا <<ئىناۋىتىم>،
بولمىدى رەھبەرلىك−تەشكىل ئالدىدا.
<<تەشكىلسىز، گەدەنكەش، يارىماس دېگەن
نام بىلەن قېپ قالدىم بۇلۇڭ-دالدىدا.

ئون يىلىم ئاشۇنداق ئۆتتى ئاخىر،
چۈشەندىم يولىنى مەنمۇ <<ياشاش>>نىڭ.
بولماسكەن <<بەختىيار>>ياشاپ جاھاندا
تۇتماستىن رەھبەرلەر پەشلىرىنى چىڭ.

ماختاشۇ، ئۇچۇرۇش، ئېگىلىش-تەزىم،
بولدى ئەڭ ئىشەنچلىك، <<ئېسىل>>ئادىتىم.
توپ كەبى ئۆرلىدى شادلىنىپ باشلىق
ماختىدىم پەيتىدە ئۇنى ھەر قېتىم.

ئاشۇنداق يول بىلەن ئايلاندىم بىردىن،
<<تەشكىلچان، خىسلەتلىك، قابىل>>كادىرغا.
ئۇنتۇدۇم ئۇلارنىڭ ئالدىدا <<ياق>>نى،
شۇ بىلەن يارىدىم باشلىق-نازىرغا.

ئىچمەيدۇ مېنىڭسىز قايناقسۇ بۈگۈن،
تۈنۈگۈن<<گەدەنكەش>>دېگەن شۇ باشلىق.
ئۆستۈردى باشقارما باشلىقى قىلىپ،
شۇڭا كۆپ <<مۇھىم>> ئىش ماڭا قاراشلىق.

بارغانچە ئۆسمەكتە، ئۆرلىمەكتە ھەم
رەھبەرلىك ئالدىدا ئابرۇيۇم، يۈزۈم.
باشلىقمۇ پەللىگە قالدى يېقىنلاپ
شۇ باشلىق ئورنىغا تىكىلگەن كۆزۈم.
               1989-يىل فېۋرال ئۈرۈمچى.

غەزەلخان
(ساتىرا)
بار ئىكەن، يوق ئىكەن، قەدىم زاماندا،
يۇرتۇممۇ نامەلۇم، غەرب تاماندا.
بار ئىكەن شۇنداق بىر <<ماھىر>> غەزەلغان،
ھەسرەتتە ئۆتەركەن كۈنلىرى ھامان.
سورىسا كىشىلەر دەپ <<سەن قەيەرلىك؟>>
دەيدىكەن <<مەن تۇغما مۇشۇ شەھەرلىك>>.
ئۇ ناخشا ئېيتىشقا خۇشتاركەن، بىراق،
نېچۈككى، كىشىلەر قاچار كەن يىراق.
غەم-غۇسە بېسىپتۇ ئۇنىڭ دىلىنى،
ئالۋاستى بوغقاندەك گۇيا گېلىنى.
شۇندىمۇ ياشاپتۇ ئۇ تەقەت بىلەن،
ياشاپتۇ يۈز پاتمان ئېغىر دەرد بىلەن.
كۈن، ئايلار ئۆتۈپتۇ، يىللار ئۆتۈپتۇ.
ئامىتىم كېلەر دەپ ئۇزاق كۈتۈپتۇ.
شەھەردە كەلمەپتۇ ئامىتى ئۇنىڭ،
ھەسرەتتىن پۈكۈلۈپ قامىتى ئۇنىڭ.
ئۇنداقمۇ ئويلاپتۇ، مۇنداق ئويلاپتۇ،
تەدبىرنىڭ تېمىنى نەچچە بويلاپتۇ.
تېپىپتۇ ئاخىر ئۇ ئەپلىك بىر پىلان،
ھەم ئىجرا قىلماقچى بولۇپتۇ شۇئان.
−ئامەت يوق،−دەپتۇ ئۇ،− ماڭا شەھەردە،
يا كۈندۈز، يا ئاخشام، يا تاڭ سەھەردە.
ئامەتنى بىر سىناش كېرەك يىراقتىن،
يېزا دەپ ئاتالغان شۇ كەڭ تۇپراقتىن.
ئۇ يەردە ھەممىسى ساۋاتسىز دېھقان−
تۇرسۇنۇ نە قىلسۇن مەندەك غەزەلخان؟
شۇ زامات يېزىغا قاراپ يول ئاپتۇ،
بېتالەي ئۆتكەن چاغ شەھەردە قاپتۇ.
خېلى كۆپ مېڭىپتۇ يېزا يولىدا،
(تەدبىرلىك پىچاقمۇ باركەن قولىدا).
قارىسا يىراقتىن كەلمىش بىر موماي،
كۈتۈشكە ئىزدەپتۇ بىرەر پىنھان جاي.
بار ئىكەن يوغان بىر كۆۋرۈك ئالدىدا،
كۈتۈپتۇ موماينى ئەشۇ دالدىدا.
ئويلاپتۇ:<<ھە، بۈگۈن كەلدىڭمۇ ئامەت،
شۇنداق بىر ئېيتايكى، قىلاي كارامەت.
ناخشامغا سەھرالىق بولۇپ چىن شەيدا،
ئولاشسۇن مەن بولسام قەيەردە پەيدا...>>
دەل شۇندا مومايمۇ كەپتۇ ھۆمۈدەپ،
كۆۋرۈكتىن غەزەلخان چىقىپتۇ سەكرەپ.
<<توختا!...>>دەپ توۋلاپتۇ،گويا ئەزرائىل،
ئىشىغا ئۆزى ھەم بولۇر قايىل.
پارقىراپتۇ قولىدا ۋال-ۋۇل خەنجىرى،
پۇلاڭلاپ ئۇنىڭغا چىگكەن زەنجىرى.
كەلگەندەك تۇساتتىن بالايىقازا،
بىلەلمەي تاڭ قاپتۇ موماي بىر ھازا.
<<ئېيت، ساڭا ئىككىدىن قايسىسى ئەۋزەل،
ئۆلۈممۇ ۋە ياكى تىڭشاشمۇ غەزەل.
سوراپتۇ غەزەلخان قەتئىي نىيەتتە،
تۇرغاندەك قاتىلنى بېقىپ كۆزەتتە.
بۇ سۆزدىن مومايمۇ كەپتۇ ھۇشىغا،
بېرىپتۇ ناخشىچى ماھىر قېشىغا.
دەپتۇ:<<ۋاي بالىجان ساراڭمۇ ئۆزۈڭ،
تولىمۇ كۈلكىلىك ھەم قىزىق سۆزىڭ.
غەزەلنى تىڭشاشتىن ئۆلۈمنى ئەلا−
كۆرگەننى بىلمەيدۇ ھېچكىم زادىلا.
ياش، گۈدەك چېغىمدىن ناخشا خۇمار مەن،
ناخشىسىز كۈنلەردە بىر ھازىدار مەن.
قېنى ئېيت ناخشاڭنى ئىشق، شوق بىلەن،
مەن تىڭشاي  ئىشتىياق ھەم زوق بىلەن...>>
غەزەلخان باشلاپتۇ شۇئان ناخشىنى،
ھەم تاللاپ ئەڭ ئېسىل، نادىر ياخشىنى.
ۋاھ! شۇنداق ئاۋازدا ۋارقىراپتۇكى،
بىر ئاسمان، بىر يەردە جارقىراپتۇكى.
سېكونتلار ئۆتۈپتۇ يىلدەك تۇيۇلۇپ،
قۇرتلارمۇ قېچىپتۇ ھەتتا ئۇيۇلۇپ.
مومايمۇ تويۇپتۇ مۇنداق غەزەلدىن.
باقمىغاچ مۇنداقنى ئاڭلاپ ئەزەلدىن.
دەپتۇ:<<ۋاي بولدى، مەن كەچتىم ياشاشتىن،
ئۆلگەن مىڭ ياخشىكەن بۇنى تىڭشاشتىن.
مەيلى ئال جېنىمنى، مەيلى ئۇر خەنجەر،
بولدۇممەن شۇ تاپتا ئۆلگەندىن بېتەر. ..>>
غەزەلخان جايىدا تاڭ قېتىپ قاپتۇ،
ئوق تەگكەن قارغىدەك موك يېتىپ قاپتۇ....
بۇندىمۇ بەختىنى تاپالماپتۇ ئۇ،
غەزەلنىڭ ئېتىدا چاپالماپتۇ ئۇ.
يوق چاپان يىڭىنى ساپالماي قاپتۇ،
يوق ئامەت قۇشىنى تۇتالماي قاپتۇ.
سەنئەت، ئۇ ھاياتنىڭ روھىي ئوزۇقى،
سەنئەتتە تۇرمۇشنىڭ پەيزى-قىزىقى.
شۇندا ئۇ خەلىققە يارىسا-ياقسا،
چىن ھايات سۈيىدەك دىللاردا ئاقسا.
          1979 - يىل سېنتەبىر ئۇچتۇرپان.  

مېنىڭ بىر <<شېئىر>> ىم
(ساتىرا)
غەنىزات غەيۇرانى
ئېتىشتىم نەچچە ئون كۈنلەپ، ئاجايىپ بىر<<شېىر يازدىم،
تەپەككۇر كۆلىگە شۇڭغۇپ تېگىدىن ئۇنچە، دۇرقازدىم.

سۆزىنى تاللىدىم ھەپتە، شاكالدىن مېغىزىنى ئايرىپ،
ئۇنى مارجان كەبى تىزدىم، ئېشىپ مەناسىدىن بىر يىپ.

<<جاراڭلاپ>> تۇرمىسا ئۇ سۆز ئۆچۈردۈم قايتىلاپ، قايتا،
ۋاراقلاپ چىقمىغان مەن بىر لۇغەتمۇ قالمىدى ھەتتا.

كۈنۈم بارماق ساناپ ئۆتتى، بۇغۇم ئون بەشكە تولسۇن دەپ،
كېچىنى ئۇلىدىم تاڭغا تۇلۇق-تۇق قاپىيە ئىزدەپ.

شېئىر پۈتتى- قانات پۈتتى، شۇ چاغ لاچىن ئىدىم كۆكتە،
ئىدى بارلىق جاھان مەندىن گويا ئون مىڭ غۇلاچ پەستە.

كىرىپ قالدى تاغام شۇندا، كۆرۈپ كەيپىمنى تاڭ قالدى،
<<بۈگۈن قالتىسقۇ سەن شائىر>>، دېدى تۇرقۇمغا سەپ سالدى.

بولۇپ كەمتەر دېدىم مەنمۇ ( ئۆزۈممۇ ئەسلىدە  كەمتەر)،
<<يېزىپ بولغانىدىم بىر شېئىر>>، قولۇمدا بىر قېلىن دەپتەر.

<<قېنى؟>> دېدى، قۇلاق سالدى، گېلىمنى راسلىدىم بىر پەس،
(مېنىڭ شۇ كۈنكى ھالىمنى يېزىپ ئىزھار قىلىش بەك تەس).

ئوقۇشقا باشلىدىم بىردىن، قۇلاقنى ياردى ئاۋازىم،
−شېئىر كۆكىدە ئۇچقانلار،−دېدىم،−قىلسۇن ماڭا تازىم.
ئوقۇپ بولغاچ كۆزۈم چۈشتى تاغامنىڭ ئول چىرايىغا،
چۆچۈپ كەتتىم قاراپ <<يارەپ>> تاتارغان رەڭگىرويىغا.

ھۆكۈم سۈردى ئۇزاق جىملىق، تىكىلگەن ئۇ يىراقلارغا،
بەئەينى ئەرز ئېيىتقاندەك ئېسىل، نادىر قوشاقلارغا.

<<ياشا شائىر، بىلىپ قاپسەن يېرىم پارىسچە يىغلاشنى،
ئەرەبچە ھەجىلەپ خۇددى گاچا قىزدەك دودۇقلاشنى.

مۇشۇ يازغان <<شېئىر>>ىڭدىن بىرەر مەنا چۈشەندىڭمۇ؟
تىزىلسا قۇرغا يات سۆزلە جاراڭلىق دەپ ئىشەندىڭمۇ؟

ئاپارماقچىمىدىڭ ياكى ئۇنى باغدات بازارىغا،
ۋە يا قىلماقچىمۇدۇرۇت(1) چولاق جىنلار مازارىغا.

شېئىر ئۇ خەلققە گۈلدەستە، تىلى خەلقنىڭ، كۈيى خەلقنىڭ،
ئىچىشكە چاڭقىغان چاغدا شېرىن، شەربەت سۈيى خەلقنىڭ.

بىنەپ ۋە پاسىق ئىشاندىن سەمىمىي بىر دېھقان ياخشى،
بۇزۇلغان، سېسىغان مايدىن سىڭەرلىك زاغرا نان ياخشى...>>

دېدى-دە، قايرىلىپ ئاستا مېنى تاشلاپ راۋان بولدى،
غېرىچتەك بوسۇغا شۇندا ماڭا تاغدەك داۋان بولدى.
..........................................................................
(1)        دۇرۇت− پېرىخونلارنىڭ جىن-ئالۋاستىلارنى قوغلاش ئۈچۈن ئوقۇيدىغان ئايىتى

       ئۈزۈلدى يىپ، چېچىلدى <<دۇر>> تېرىقتەك يامرىدى يەرگە،
قىزىتمام ئاشتى، باش قايدى، چۆمۈلدۈم غەلىتى تەرگە.
                 1981- يىل يانۋار ئۈرۈمچى.
               
                            ھەسەتخور
غەنىزات غەيۇرانى
ئادەم كۆڭلى شۇنچە كەڭ، ئالەم−
شۇ كەڭلىكتە تۇرغان بىر قېيىق.
ھەسەتخورنىڭ كۆڭلىگە ئادەم−
تۈگۈل ھەتتا سىغمايدۇ تېرىق.

ھەسەتخورنىڭ تۇرىقى مۇنايىم،
ئالدىڭدا ئۇ سۆزلەيدۇ كۈلۈپ.
بىراق، قەلبى ھەسەت دەردىدىن،
تىرىلىدۇ كۈندە يۈز ئۆلۈپ.

ھەسەتخورلۇق ھايات بېغىغا،
چۈشكەن مۆلدۈر، ئۈنگەن شۇمبۇيا.
ھەسەتخورنىڭ ئايىغى تەگكەن،
باغ، ئېتىزدا قۇرۇيدۇ گىياھ.
        1979- يىل ئۇچتۇرپان.
كالا بىلەن تېرىق دېنى
             (مەسەل)
غەنىزات غەيۇرانى
كۈز پەسلى ياسانغان تېرىق دالاسى،
بىر تەكشى ئالتۇن رەڭ سېرىق تون كىيىپ.
باستلىشىپ بوي تارتقان بولۇق باشاقلار،
تۇراتتى تاۋلىنىپ، مەغرۇر گېدىيىپ.

توساتتىن شەرقتىن بىر غۇر-غۇر شامال−
چىقتى-دە، ئەگدى دالا قوينىنى.
دولقۇنلاپ تېرىقزار، سىلكىندى لەرزان،
كۆپ بولۇق باشاقلار ئەگدى بوينىنى.

چاناقتىن شۇ چاغدا ئايرىلىپ بىر دان،
قايغۇلۇق چىرايدا ئېرىنىپ ئۇچتى.
ئۇچتىيۇ ئون ماڭدام بېرىپ يىراققا،
ھاردىمۇ ئىش قىلىپ چوڭ يولغا چۈشتى.

ئىڭرىدى بىر-ئىككى زەئىپ ئۈن بىلەن،
بىر سويام دومىلاپ توختىدى يولدا.
ھېسابسىز باشاقلار <<نېمە بولاركىن؟...>>
دېگەندەك قارىشىپ تۇرار ئوڭ-سولدا.

ئۇزىماي تېرىقجان سۆز قاتتى يەرگە،
−بۇرادەر بىر يېرىڭ يېدىمۇ شىكسەت؟
كەچۈرگىن، ئەزەلدىن مەقسىتىم ساڭا−
زادىلا قىلماقچى ئەمەس ئىدى قەست.

مەندە ھېچ گۇناھ يوق، بۇندىكى ئەيىب،
ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن راستلا شامالدا...
−كېرەك يوق،-دېدىيەر،-ئۇرۇش كۈنلىرى،
ئۈستۈمگە بومبىمۇ چۈشىدۇ ھەتتا.

بىر پەسكە جىم بولۇپ ئاندىن تېرىقجان،
ئاھ ئۇرۇپ چېكىشكە باشلىدى ھەسرەت.
سورىدى يەر شۇئان :<<بۇرادەر تېرىق،
ئېيتقىنا بېشىڭغا كەلدى نېمە دەرد؟>>

−ئارتقىم يوق ساڭا ھېچ ئېغىرلىقىمنى،
راستىمنى ئېيتقاندا بۇرادىرىم يەر.
−دېدى،-سەن بەك چارچاپ قالارسەنمىكىن،
كۆپ تۇرۇپ قالسام مەن ئۈستۈڭدە ئەگەر.

<<ھا،ھا،ھا،>> قاقاقلاپ كۈلىۋەتتى يەر،
<<ۋاي مېنى ھاماقەت، ئەخمەق دانچىقىم.
ئۆلگىدەك كۈلدۈردۈڭ، ئۈزدۈڭ ئۈچۆينى،
كۈلكىدە بېقىندىن تۇتتى سانجىقىم.

كۆردۈڭمۇ ئالدىڭدا كېلىۋاتقان ئۇ،
مۆڭگۈزلۈك كالىنى، ئەي نادان تېرىق.
نېمىتىڭ سەن شۇنچە، ئاشۇ كالىمۇ،
قىلمىغاندا ماڭا قىلچە ئېغىرلىق>>.

−ھە، كۆردۈم،-دېدى دان،-بىر يىڭنە يىگەن،
بولمامتى تۆت پۇتلۇق كالا ئۇنچىلىك.
سەن شۇنچە ماختىغان، تاغدەك بار دېگەن،
بىر نېمەڭ چوڭ ئىكەن مەندىن قانچىلىك؟

يەر قايتا شۇنداق بىر كۈلدىكى ھاي، ھاي،
ئاسمانمۇ لەرزىگە كەلدى بىر ھازا.
تاغۇ تاش،دەريا، كۆل، ئورمان-ئېكىنزار،
بىر ئۇزاق جىم بولۇپ تىڭشىدى تازا.

دەل شۇچاغ كالىمۇ كەلگەچكە يىتىپ،
بۇ قاتتىق كۈلكىدىن تېرىكتى چېغى.
سىلكىندى قۇيرۇقى، تىترىدى قۇلاق،
پاقرىدى كۆزلىرى، چوڭلاپ چانىقى.  

−بەك قالتىس كۈلدىڭغۇ ئاغىنە يەر باي،
بۇ كۈلكەڭ يا مېنى قىلىشمۇ مازاق،
−دېدى،- يا سەن مېنى يىقىتماق ئۈچۈن،
قۇردۇڭمۇ بىر يەرگە يوشۇرۇن توزاق.

−ياق.-دېدى يەر شۇئان توختاپ كۈلكىدىن،-
بىر دانچاق سەن بىلەن تەڭلەشمەكچى بوي.
بىلمىدىم، بۇ ئەخمەق تېرىققا قاچان−
قەيەردىن كەپ قالدى بۇ كۈلكىلىك ئوي؟

−قېنى ئۇ؟- دەپ كالا قارىدى يەرگە،
−نەدە سەن، ئەي ئەخمەق، ئۆلۈمتۈك دانچاق؟
−مانا مەن،-دېدى دان،-شۇنچە بەستىمنى،
كۆرەلمەيۋاتامسەن كالا ماختانچاق.

تۈرۈلگەن بوينىنى ئەگدى-دە، كالا،
پۈۋلىدى بۇرنىنى قىلىپ تېرىققا.
غازاڭدەك ئۆرلىدى شۇئانتېرىقجان،
ۋە بېرىپ چۈشتى بىر كىچىك يىرىققا.

−خوي ئوبدان بولدىغۇ،-دېدىئۇ-بوران-
ئۇچۇرۇپ تاشلىدى بۇيەرگە مېنى.
بولمىسا غەزەبتىن بىرلا دۇمۇلاپ،
مىجىپلا تاشلايتىم پوچى كالىنى.     
1982- يىل يانۋار ئۈرۈمچى.

بىر <<ئىلغار>>نىڭ تارىخى
                        (ساتىرا)
                  غەنىزات غەيۇرانى
تۇغ باققىلى ئەۋەتتى دۈي(1) ئەيسانى،
چىرىمدان مۇز تۇتقان كەچ كۈز پەسلىدە.
<<باراي>> دېدى ئۇمۇ دەرھال-شۇھامان،
ئاسان ئىشنى ئىزدەپ يۈرگەچ ئەسلىدە.

بىر كېچە يۇ بىر كۈندۈز ھېچ بىلىنمەي،
ئۆتتى ئۇخلاپ ئەگرى قىلماي قولىنى.
تېخىمۇ بەك چىڭىتماقچى بولغاندەك،
گويا شۇنداق ئۇخلاپ تۇغنىڭ ئۇلىنى.

بۈگۈن مانا ئىككىنچى بىر ئاخشاممۇ،
ئۆتمەكتە تىنچ، سەگەنچۈكتە ياتقاندەك.
شىر-شىر ئاۋاز ئاڭلىناتتى بوۋاقنى،
خۇددى ئانا ئەللەيلىتىۋاتقاندەك.

تاڭ يورىدى، بولدى ھەتتا ئاشۋاقتى،
ئەيسا ھامان سۈت ئۇيقۇدا ياتاتتى.
يېقىن يەردىن تۇغ بېشىدىن يار ئېلىپ،
تۆۋەنگە سۇ شىددەت بىلەن ئاقاتتى.
(1)−گۇڭشې ۋاقتىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتى
گۈرۈلدىگەن ئاۋاز ئۈنى بىئارام−
قىلدى-دە، ئۇ بىردىن چۆچۈپ ئويغاندى.
ئالمىدى يا قۇلىغا كۆرەك، يا كەتمەن،
نېمىشقىدۇر خېلى ئۇزاق ئويلاندى.

كۆزى چۈشتى شۇ چاغ مەھەللە ياققا،
كېلىشەتتى بىر توپ ئادەم يىراقتىن.
كىيىپ ئەيسا كونا كۈرەك جۇۋىنى،
يار ئېپكەتكەن يارگە چۈشتى قىرغاقتىن.

چۈشتى-دە، بار كۇچى بىلەن ۋارقىرىدى،
<<ئادەم بارمۇ؟ كەتتى تۇغنى يار ئېلىپ...>>
جۇۋا بىلەن شۇ چاغ يېتىپ سۇدا ئۇ،
توۋىلايتتى ئالىتاغىل جار سېلىپ.

كەلدى بىر توپ ئادەم شۇئان يۈگۈرۈپ،
ئالدى بىلەن قۇتۇلدۇردى ئەيسانى.
كىيىن جىددىي تۇتۇش قىلىپ تەسلىكتە،
ئېتىۋالدى سۇ ئېلىپ كەتكەن يارنى.

زىلزىلگە كەلدى بىر دىن ئەتىسى،
پۈتۈن گۇڭشې داغدۇغىلىق خەۋەردىن.
<<گەۋدىسىدە سۇنى توسۇپ ئەيساجان،  
كەڭ ئاممىنى قۇتۇلدۇردى خەتەردىن>>.

ئەيساجاننىڭ نەمۇنىلىك ئىش ئىزى،
بىرنەچچە كۈن رادىئودا ماختالدى.
ئۇزۇن ئۆتمەي <<شەرەب بىلەن>> ئەيساجان،
<<كومپارتىيە ئەزاسى >> دەپ ئاتالدى.

كەلدى يەنە ۋىلايەتتىن، مەركەز(1)دىن،
بۇنى ئاڭلاپ نەچچە مۇخبىر پالاقلاپ.
ياڭزا-ياڭزا سۈرەتلەر ھەم تارتىلدى،
<<نەخ مەيدان>> دىن ئاپپاراتلار چاراقلاپ...

بۇ چاغلار دەل يەتمىشىنچى يىل ئىدى،
تولا ئىدى ئۇ چاغ بۇنداق ئەيسالار.
ئاتىلاتتى ھەتتا باتۇر، قەھرىمان،
ئاشۇنىڭدەك دۆڭنى ئالغان ئاقسالار.

ئۈمىد شۇكى مۇندىن كېيىن ئاشۇنداق،
ماختالمىسا قۇرۇق پاق-پاق، يالغىنى.
تەر ئاققۇزغان قىلىپ پەگادا، تۆردە،−
ئولتۇرمىسا بىكار چاۋاك چالغىنى.
                    1984- يىل فېۋرال.

دوستۇمنىڭ كېسىلى
           ( ساتىرا)
           غەنىزات غەيۇرانى
<<جاڭ شۇجى تۈنۈگۈن كەپتىكەن ئۆيگە،
مۇڭداشتۇق تۆت سائەت چىن دىلىمىزدىن.
دېدىئۇ،−رازى بىز سىزنىڭ ئاجايىپ،
كۆرسەتكەن نەتىجە ۋە تۆھپىڭىزدىن.

ئا. تىڭجاڭ يېڭىلا ئادەم ئەۋەتىپ،
−كەپ كەتسۇن، كەچقۇرۇن كۈتىمەن،- دەپتۇ.
−ئەگردە ئالدىراش بولسا ئىشلىرى،
مەن ئۆزۈم شۇ ياققا ئۆتىمەن،-دەپتۇ.

خ. جۈرۈن ئەۋەتكەن پىكاپنى ھېلى،
ياندۇردۇم دەپ <بۈگۈن تەگمەيدۇ چولام).
باشقىلار چاقىرتىپ ھارغۇزدى بەكمۇ،
بۈگۈن ئۆز ئۆيۈمدە ئالاي بىر ئارام...>>

بىر دوستۇم ئاشۇنداق سۆزلىرى بىلەن،
پات-پاتلا ئۆزىچە قىلىدۇ ھوزۇر.
قارايدۇ ئەتراپقا گېدىيىپ ھەتتا،
دېگەندەك <<بۈگەپتە يوق قىلچە قۇسۇر>>.

بىر ئوبدان كىشىدى دوستۇم، ئۇنىڭغا،
قانداقچە يېپىشتى بۇ كېسەل-بالا.
يا خۇدا رازىمەن ئۆلسەم راك بىلەن،
لېكىن شۇ كېسەلگە قىلما مۇپتىلا.
                 1984- يىل مارت ئۈرۈمچى.
خوشامەتچى
(ساتىرا)
غەنىزات غەيۇرانى
ئاڭلىغانتۇق <<خۇشامەتجان ئۆلدى>>دەپ،
<<دۇنيادىكى ئىشلىرىنى پۈتتۈرۈپ>>.
يۈرىيدىغۇ بۈگۈن يەنە سورۇندا،
تاۋاق يالاپ، قوش- قوش تەخسە كۆتۈرۈپ.

مېڭىپتىمەن ئايرىلىشقا بۇ يەردىن،
كۆزى قىيماي، يىغلاپ-ئىچى سېرىلىپ.
<<خۇشتارلىرىم يوق ئىكەن،-دەپ ئۇ يەردە>>
پۇشايمان يەپ چىققان چېغى تىرىلىپ.

تېرىلگەندە تېخى قانداق دېسەڭلار،
بويى ئۆسۈپ، ئىناۋىتى ئۆرلەپتۇ.
خۇشتارلىرى ئىچ-ئىچىدىن سۆيۈنۈپ،
<<خۇشامەتجان بەك سېغىندۇق كەل>> دەپتۇ.
بىر يۇمىلاپ، ئۈچ دۇمىلاپ ئۇلارنىڭ−
قۇچىقىدا كۆرۈپتۇ ئۇ ئۆزىنى.
<<غەمخورلىرىم، پاناھلىرىم سىلەر>>دەپ،
سۆيۈپتۇ ھەم سىلاپتۇ باش-كۆزىنى.

دېمەك، يەنە<<خوشامەتجان>> باشلاپتۇ،
ئۆز كەسپىنى(يىرگەندۈرۈپ كىشىنى).
ئۇنى سۈيۈپ قۇچاقلىغان جانابلار،
قاچان قويار بۇ نەپرەتلىك ئىشىنى.
                     1985- يىل مارت ئۈرۈمچى.
يۈرىكىڭنى تۇتۇپ باق
(ساتىرا)
غەنىزات غەيۇرانى
گۆش ساتىدۇ بىر قاسساپ،
ئۆتكۈر پىچاق قولىدا.
تەلمۈرىدۇ يۈزلەپ كۆز،
ئالدىدا، ئوڭ-سولىدا.

ئۇرۇق-تۇغقان، يارۇ دوست،
تونۇشلىرى كەلگەندە.
تۇرۇپ ھەتتا يىراقتا،
كۆز قىسىشىپ يۆتەلگەندە:

ئەپچىل، ماھىر قوللىرى،
لوق،سېمىزنى تاللايدۇ.
قالسا سۆڭەك قوشۇلۇپ،
ئېلىپ  تاشلاپ شاللايدۇ.

گەر خېرىدار نا تۇنۇش،
بولىدۇ ئىش باشقىچە.
گىرغا سۆڭەك تاشلىنار،
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە.

سۆڭەك ئاز دەپ كام تېخى،
ھەر كىلودا يۈز گىرام.
قىلىدۇ ئۇ بۇ ئىشنى،
بولماي كۆڭلى بىئارام.

گۆشنى ئېلىپ ماڭىدۇ،
خېرىدار گەپ قىلالماي.
گويا قاسساپ بەرگەندەك،
<<ئامىن>>غا (بىر پۇل ئالماي).

ئەگەر غىڭ- پىڭ دەپ قالسا،
ئالىيىدۇ كۆھزلىرى.
جاندىن ئۆتۈپ كېتىدۇ.
قىلغان <<شىرىن>> سۆزلىرى.

كۆردۈڭلارمۇ يولداشلار،
بۇ <<ئىنساپلىق>> قاسساپنى.
سېتىۋەتكەن گۆش بىلەن،
ئۆزىدىكى ئىنساپنى.

پىچاق تۇتقان قولۇڭدا،
يۈرىكىنڭنى تۇتۇپ باق.
خەققە بەرگەن سۆڭەكنى،
سەنمۇ چايناپ يۇتۇپ باق.
               1985 يىل ئاۋغۇست ئۈرۈمچى.

مۇمكىنمۇ؟
(ساتىرا)
غەنىزات غەيۇرانى
بىرىگە ئەجەبمۇ ئېگىلدىڭ دوستۇم،
تېخىمۇ پەسلىدى سېنىڭ پەس بويۇڭ.
ئېگىلىش ئارقىلىق بىرەر مەنسەپكە−
ئېرىشىش ئىكەنغۇ ئەسلىدە ئويۇڭ.

ئېيتقىنا بۇرادەر يولۇقتۇڭ قاچان،
بۇ ئېغىر ساقايماس كېسەلگە−دەردكە.
مۇمكىنمۇ جىمىكى ئىگىلگەنلەرنىڭ،
يېتىشى شۇ نىيەت، ئاشۇ مەقسەتكە.
     
1990- يىل يانۋار ئۈرۈمچى.
   
خىزمەت تەقسىماتى
(ساتىرا)
غەنىزات غەيۇرانى
ئىش قىلىپ، قانداقتۇر بىر يوللار بىلەن،
داشۆگە ئۆتتى ئۇ ھەممىدىن ئاسان.
بەش يىللىق ئۆمرىمۇ ئۆتتى بۇ يەردە،
داشۆگە ئۆتكەندەك توسقۇنسىز، راۋان.

ئولتۇرۇش، تانسا ھەم كىنو، تىياتىر،
كۈندىلىك مەشغۇلات جەدۋىلى ئۇنىڭ.
سىناقتا ئەڭ ئېزى بەش پەندىن قېلىش،
ئۆزگەرمەس ئادىتى ھەر يىلى ئۇنىڭ.

بەش يىلمۇ تۈگىدى، باشلاندى كۈتۈش،
تەشكىلنىڭ خىزمەتكە تەقسىماتىنى.
ئۆگىنىش، ئىدىيە، ئەخلاق، ئىنتىزام،
جەھەتتە بەش يىللىق ھېساۋاتىنى.

نەتىجە: كۆپ ياخشى ئوقۇغانلارنىڭ،
بەزىسى سەھرا ۋە قىرغا يول ئالدى.
يولى بار، پۇلى بار دىپلومسىز بۇ قىز،
شەھەردە−تەتقىقات ئورنىدا قالدى.

قالسىمۇ مەيلىغۇ(چوڭ ئىش ئەمەس ئۇ)،
ئىزدىسە ئۇنداقلار تېپىلىدۇ جىق.
بىراق، ئەڭ ئاجايىپ يېرى شۇندىكى،
ئۇ يەردە قىلار ئۇ نېمىنى تەتقىق.

ئاممىنىڭ ئارزۇسى، ئۈنسە تىكەنلەر،
گۆر، خەندەك قېزىلسا ئاشۇنداق يولغا.
ساقايماس مەرەزۇ كۆيدۈرگە چىقسا،
شۇ پۇلنى ئالغان ھەم بەرگەن شۇم قولغا.
                          1993- يىل ئىيون ئۈرۈمچى.
ئەيلىدى
(ساتىرا)
غەنىزات غەيۇرانى
بىر بورادەر ئۆمرىدە كۆپرەك خوشامەت ئەيلىدى،
بۇ <<ھۈنەر>> نى ئۆزىگە باب ھەمدە ئامەت ئەيلىدى.

ئىشلىدى، پەرۋانە بولدى شۇ <<ھۈنەر>> نىڭ ئىشقىدا،
بۇ <<ھۈنەر>> دىن بىر مەھەل قالتىس تاپاۋەت ئەيلىدى.

غادىيىپ پۇقراغا، باشلىققا ئورغاقتەك ئىگىلىپ،
تۈز ئېلىپتەك قامىتىنى ئەگرى قامەت ئەيلىدى.

كىم ئەمەلدار بولدى تەييار دەرمەھەل شۇ ئۆيگە ئۇ،
<<بۇمۇ خىزمەت-دە>> دېمەك دائىم زىيارەت ئەيلىدى.

<<بولىدۇ، ھى-ھى، مانا، خوش...>>بويسۇنۇشچانلىق بىلەن،
يارىدى باشلىققا، <<تەشكىل>> دە ئىناۋەت ئەيلىدى.

ئەر- ئايال باشلىق ۋە ھەتتا قىز- ئوغۇل پەرزەن تۈگۈل،
ئالتە ياش نەۋرىسىگە قۇلدەك ئىتائەت ئەيلىدى.

قىلدى يىراقنى يېقىن ئۇ ھەمدە قىلدى يوقنى بار،
شۇ يوسۇن باشلىق ئۈچۈن جىق ئىشقا جۈرئەت ئەيلىدى.
ئۆيدە دانلاپ سىرتتا تۇغقان مېكياندەك نەچچە يىل،
ئالدى تەشكىلدىن مائاش شەخسكە خىزمەت ئەيلىدى.

ئۆتتى يىللار بۇ <<ھۈنەر>> تاپتى بازار، ئاقتى راسا،
بولدى ئۇ چۇجاڭ <<ھۈنەر>> قالتىس كارامەت ئەيلىدى.

پاھ قاراڭلار، باشقىچە ئىش-<<ئالدى قونتاجى شەھەر>>،
ھەر كۈنى چوڭلارغا قوي سويدى، زىياپەت ئەيلىدى.

شاد-خۇرام ئۆتەتتى كۈنلەر، ئاي بىلىنمەي كۈنچىلىك،
ۋادەرىخ! تەتۈر پەلەك باشقىچە قىسمەت ئەيلىدى.

كونا باشلىق يۆتكىلىپ ئورنىغا كەلدى يېڭىسى،
يېڭى باشلىققىمۇ ئۇ شۇنداقلا <<ھۆرمەت>> ئەيلىدى.

ھەممىلا باشلىق خوشامەتكە ھېرىس بولمايدىكەن،
يېڭى باشلىق بۇ قىلىققا راستلا نەپرەت ئەيلىدى.

چاقىرىپ قىلدى نەسىھەت، قىلدى تەنقىد ئېچىنىپ،
<<ھە...>> دېدى ئەمما بۇرادەر كۆڭلىدە رەت ئەيلىدى.

تاپ يېگەن قۇزغۇننى تاپتىن بەزدۈرۈش ئاسانمىدى،
تۈزىلىش نەدە، تېخى رەنجىپ شىكايەت ئەيلىدى.
يا نەسىھەت ياكى تەنقىد قىلمىغاچ كار ئاقىۋەت،
قالدۇرۇپ چۇجاڭلىقىدىن ئەلگە ئىبرەت ئەيلىدى.

نەچچە يىل قىلغان ئەقىدە بولدى ئاخىر پۇچ ياڭاق،
يىغلىدى ئۇ نەچچە ئاي، ئاھ ئۇردى، ھەسرەت ئەيلىدى.

قالمىدى ئەرز ئېيتمىغان جاي، بارمىغان باشلىق بىرەر،
بولمىدى ھېچ پايدىسى−دەرد ئۈستىگە دەرد ئەيلىدى.

سارغىيىپ كەتتى چىرايى، قالدى بىردىن مۈكچىيىپ،
بىر ئۆمۈر شۇ ئىشنى قىلغانغا نادامەت ئەيلىدى.

نە ئامال، بىچارە بەندە چۈشىنىپ ئاخىر ئۆزى،
<<مەن بىلەن كەتسۇن خوشامەت...>> دەپ ۋەسىيەت ئەيلىدى.
                    1984 يىل سېنتەبىر ئۈرۈمچى.
گېزىت تاختىسى ئالدىدا
(ساتىرا)
غەنىزا غەيۇرانى
بىر شېئىر يازدىم يەنە ھەممە قايىل بولغىدەك،
مىڭ تەشەككۇر، ئاپىرىن، ماختاشقا نائىل بولغىدەك.

ئالدىراپ پوشتىغا سالدىم، چالا-پۇلا كۆچۈرۈپ،
بەزى مىسرانى تۈزەتتىم ئۈستىگىلا ئۆچۈرۈپ.

بېسىلىپ چىقتى شېئىرىم ئانچە ئۆتمەي بىر كۈنى،
تاشتى قەلبىمدە خۇشاللىقنىڭ ئاجايىپ تاشقىنى.

كېرىلىپ كەتتىم ئۆزۈمچە، بىباھا زەپەر قۇچۇپ،
ئېتىلىپ چىقتىم تالاغا، توغرىسى چىقتىم ئۇچۇپ.

يىغىلىپتۇ نەچچە ئادەم تاختىپەر(1) نىڭ ئالدىغا،
ئاستا كەلدىم يېنىغا، ئۆزۈمنى ئالدىم دالدىغا.

مەن سوزۇپ بوينىمنى غازدەك تەلمۈرەتتىم ھەر تەرەپ،
قايسى ياق، كىمدىن كېلەركىن دەپ تەشەككۇر، شان-شەرەپ.

ئوقۇدى شېئىرىمنى ئۈنلۈك ۋارقىراپ شۇندا بىرى،
قالدى ئادەملەر  شالاڭلاپ، كۆپلىرى كەتتى نېرى.

<<ئاھ!>> دېدى كىمدۇر بىرى قانداقتۇر بىر ھەسرەت بىلەن،
نەدە ھەسرەت، ئەكسىچە قاتتىق غەزەب - نەپرەت بىلەن.

<<دېيىلىپ بولغان  بۇ گەپلەر ئەللىكىنچى يىللىرى،
قايتا چايناپتۇ بۇنى تېخى گادىرماچ تىللىرى.
بۇندا يە يېڭى پىكىر بولسۇن ۋە  ياكى ھېسسىيات،
ئوقۇسا مۇزلايدۇ ئادەمدىكى قىزغىن كەيپىيات.
(1`) تاختىپەر−گېزىت چاپلايدىغان.
بوپتۇ ئۇ قۇرۇق شوئار، قۇرۇق ئىبارە تىزمىسى،
شۇمىكىن شائىرىمىزنىڭ دىتى، پىكرى، نەزمىسى؟...>>

بولدى، بەس، قالدىسىنى يېزىشقا يوق ھېچ تاقىتىم،
بىلىمەن يالغۇز ئۆزۈملا نېمە بولدۇم شۇ قېتىم.

دوستلىرىم، شۇندىن بېرى ئۇنداق يېزىشنى تاشلىدىم،
تاشلىدىم، ئۆزۈمنى دەڭسەپ، باشقىچە ئىش باشلىدىم.
                    1983- يىل ئاپرېل ئۈرۈمچى.
ئورنىسۇن، گۈللىسۇن، پاكلىق دىيانەت
                    (ساتىرا)
                  غەنىزات غەيۇرانى
             ئېتىلدى ساناقسىز غەزەب ئوقلىرى،
لەنەت ۋە نەپرەتنىڭ كۈچلۈك دوقلىرى.
چېرىگەن، ئاينىغان ئەمەلدارلارغا،
ئۆزىنى بىلمىگەن ئەل بىزارلارغا.
راست ئۇلار تولىمۇ ھەددىدىن ئاشتى،
ئۇلارغا بىر رەزىل كېسەل ياماشتى.
كېسەلكى، سەمرىمەك دۆلەتنى شىلىپ،
بېيىماق ئاممىدىن، خەلقتىن يۇلۇپ.
شۇ كېسەل سەمرىتتى گېدەيدى ئۇلار،
ئاچ، قوتور بۆرىدەك ھۈرپەيدى ئۇلار.
چىرىدى ئىچىدىن، تېشىدا گىرىم،
دېيىشىپ ئۆزىچە ئېچىلماس سىرىم>>.
يۇقىرى قويۇشتى ئەلدىن ئۆزىنى،
يۈز ئۆرۈپ خەلقتىن، يۇمۇپ كۆزىنى.
تارتىشتى يېنىغا دوست-يارلىرىنى.
<<ھە،ھە،>> چى <<ماقۇل>> چى خۇشتارلىرىنى،
بېرىشىپ ئۇلارغا مۇھىم ئورۇننى.
تۈزۈشۈپ ھەر ياڭزا، ھەر خىل سورۇننى.
خىلمۇ خىل ناتوغرا يوللاردا ماڭدى،
يۈكىنى ئاممىغا، پۇقراغا تاڭدى.
يۈكىنى ئاممىغا، پۇقراغاغتاڭدى.
قىلمىشى قانۇنسىز ئىشلار بولسىمۇ،
خالتىسى جىنايەت بىلەن تولسىمۇ.
تېخى <<بىز قانۇننى ياقلىدۇق>> دېدى،
<<پارتىيە ساپلىقىنى ساقلىدۇق >> دېدى.
چۈشمىدى ئاغزىدىن <<خەلق>> دېگەن سۆز،
ئەمەلدە قىلمى <<ئۆز>> ۋە يەنە <<ئۆز>>.
ھوقۇققۇ ئۇلارنى شۇنچە ھۆركىرەتكەن،
يەل توپتەك ئۆزىنى بىلمەي سەكرەتكەن.
ھوقۇقنى ئۇلارغا گەر بەرسىمۇ ئەل،
قىلىشىپ ئۆزىنىڭ توققۇزىنى تەل.
يەتمىدى ئەلنىڭ ھېچ دەرد-ئەھۋالىغا،
قېلىشنى ئويلىماي ئۇۋالىغا.
ئاخىرى ئاش بەرگەن قازاننى چاقتى،  
شۇ ئەلنىڭ يۈزىگە پۇتىنى ياقتى.
پارتىيە ئۇلارغا نەزەر ئاغدۇرۇپ،
ئەڭ قاتتىق غەزەب ۋە نەپرەت ياغدۇرۇپ.
دېمەكتە ئۇلارغا بېرەيلى جازا،
پارتىيە، ھۆكۈمەت بولسۇن ساپ ،تازا.
يوقالسۇن چىرىكلىك،پارە، خىيانەت،
ئورنۇسۇن، گۈللىسۇن پاكلىق، دىيانەت...>>
دېمەك گەپ بەك بەلەن بولۇۋاتىدۇ،
ئەل قەلبى ئۈمىدكە تولىۋاتىدۇ.
ئىشلارمۇ ئاشۇنداق باشلاندى مانا،
غەلىبە قەدىمى تاشلاندى مانا.
توختىلىپ قالمىسا ئوتتۇرا يولدا،
شۇئارلار پۇلاڭلاپ قالمىسا قولدا.
ئاخىرى پەللىگە يەتسە غەلىبە،
قالمىسا بولۇپ بىر قۇرۇق دەبدىبە.  
ۋە ياكى گۈلدىرى بار يامغۇرى يوق،
ئورىسى يوغان ئەمما چامغۇرى يوق.
يۇمىساق پاكىزنى  كىرىنى قويۇپ،
يۇلمىساق تۈكىنى بۆرىنى قويۇپ.
   
  1993 يىل ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
         

يۆتكىلىش
(ساتىرا)
غەنىزات غەيۇرانى
ئەمدىلا ئىككى يىل بولاي دەپ ئىدى،
ئا شۇجى گۇڭشېغا بولغىلى رەھبەر.
توساتتىن تارالدى: <<ئۆستۈرۈپ ئۇنى
شەھەرگە يۆتكەپتۇ>> دېگەن بىر خەۋەر.

ئۇ دەسلەپ گۇڭشېغا ۋەلىسپىتتە
يىنىكلا كەلگەنتى (بىر كۆرپە-يوتقان).
قايتىشتا بىر ئازاد(1) ئىككى تىراكتور
يۆتكىدى ئۆيىنى ئۈچ كۈندە ئاران.

1984- يىل مارت. ئۈرۈمچى.
بولدى قىل!...
   (ساتىرا)
بىر ئۆمۈر يالغاننى زېرىكمەي بۇرادەر سۆزلىدىڭ،
ئۆزگىلەرگە دەرد پەقەت ئۆزۈڭگىلا نەپ كۆزلىدىڭ.

چىقتى جىق يالغانلىرىڭ ھەققىدە گەپلەر كۈلكىلىك،
لاپلىرىڭدىن جاق تويۇپ بولغاچقا بىزار كۆپچىلىك.

قىلمىدى تەسىر ساڭا ئۇمۇ چىۋىن قونغانچىلىك،
يا يېنىڭدا <<قارس>> قىلىپ بىر تال چىۋىق سۇنغانچىلىك.

لاپلىرىڭ سالتاڭ ئەمەس تۆھمەتكە سېزىك ھەرقان،
خالىساڭ ئۇ نەچچە بوھتاننى تۇغالايدۇ شۇئان.

تۆھمىتىڭدىن قانچە ئادەم بولدى ۋەيرانۇ خاراپ،
ئۆرلىدىڭ <<تۆھپەڭ>> تۈپەيلى سول سىياسەتكە ياراپ .

ئېگىسى سەن نەچچە ئىشنىڭ ھېچنېمە قىلماي تۇرۇپ،
ئاپتۇرى ھەتتا كىتابنىڭ بىر ئېلىب سىزماي تۇرۇپ.

ئۆزگىلەرنىڭ جۇۋىسىدا تەرلىدىڭ راھەتلىنىپ،
قىلچە ھېس قىلماي ئۇنى ئار، ئەكسىچە شۆھرەت بىلىپ.

بولدى كەسپىڭ ھەممە يەردە غەلبىنى مېنىڭ قىلىش،
چىقسا گەر نۇقسان ئۇنىڭدىن باشقىلارغا ئىتتىرىش.

ماختىنىشقا باشلىساڭ تاشلايدۇ ئادەم قەيت قىلىپ،
ئەكسىچە سەن ئۇنى ھەركۈن سۈمۈرىسەن مەي قىلىپ.

چىقىدۇ نەۋرەڭ بوۋاقمۇ شۇھامان ئالىم بولۇپ،
كېتىسەن شۇندا ئاجايىپ روھلىنىپ، زوققا تولۇپ.

لاپ ئۇرۇشتا نەچچە رەت بۇزدۇڭ جاھان رېكورتىنى،
ھەم يىتىشتۈردۈڭ يېڭى يالغانچىلىقنىڭ سورتىنى.

نەگە سىغقاندۇ سېنىڭ ئۇ شۇنچە كۆپ يالغان سۆزۈڭ،
زەپ ئېقىپ كەتمەيدۇ توۋا قوغۇشۇن رەڭلىك يۈزۈڭ.

يەريۈتۈپ كەتمەيدىكەن ياراەب سېنىڭدەكلەرنى ئەجاب،
ۋادەرىخا پاك زېمىننى قىلدى سەندەكلەر بېزەب.

بارمىدۇ بىرسى سېنىڭدەكتىن يەنە ئالەم ئارا،
گەر يىغىپ قىلساق خۇلاسە تەرىپىڭ مۇنداق قارا:

ئايرىلار ئىمانىدىن ھەركىم گېپىڭنى راست دېسە،
بىر ئۆمۈر يالغان قاۋايدۇ تېزىكىڭنى ئىت يېسە.

پەللىدىن ئۆتتى يېشىڭمۇ، مۈكچىيىپ قالدى بېلىڭ،
بولدى قىل يالغاننى، ئاز قالدى ھاياتلىق مەنزىلىڭ.

تاۋۇتۇڭنى كۆتۈرۈشكە بولسىمۇ ئادەم كېرەك،
بولسا ئەقلىڭ ھازىرىڭمۇ بەردى ئۆلگەندىن دېرەك.

1997- يىل 2-ئىيۇل ئۈۈمچى


لاۋا زىمنىڭ ئاخىرقى جاۋابى
        (ساتىرا)  
       غەنىزات غەيۇرانى
−مەن سىزگە ئۆيدە ئۇن، گۆش، ياغ ئازلاپتۇ،
قەن گېزەك، ھەسەلۇ، مۇراببا لازىم.
دېگىلى بولاي دەپ قالدى بىر ھەپتە
شۇ چاققا <<ھا>> دېمەي يۈرۈيسىزغۇ جىم.

دەپ باشلىق غەزەبلىك تىكىلدى بۈگۈن،
ھەم دېدى<<مۇنداق دېيىش ھوقۇقۇم مېنىڭ.>>
تىڭشىدى لاۋازىم جىمجىت ۋە لېكىن،
ئاخىرى جاۋابى شۇ بولدى ئۇنىڭ:

<< ئوغرىمۇ سەل ئىنساپ قىلىدۇ تەقسىر،
ھەر ئىشنىڭ چېكى بار ئەمدى قىلىڭ بەس.
ھە، دېسە ھەممىسى بولىدىغان تەخ،
ئەمەل ئۇ خىزىرنىڭ سۇپرىسى ئەمەس>>.
                              1984- يىل يانۋار ئۈرۈمچى.
تەرىتىم سەل بوش كەلدى
              (ساتىرا)
غەنىزات غەيۇرانى
قانات ياساپ شېئىرىدىن،
پەرۋاز قىلدىم سامادا.
ئۇچالمايدۇ ئۆزگىلەر،
مەندەك ئەرشىئاللادا.

مەن مەن- دېگەن شائىرلار،
قالدى پەستە بىر-بىرلەپ.
تاڭ قالدۇردۇم جاھاننى،
نەۋائىينى تەھرىرلەپ.

دېدى شۇندا بىر ئەخمەق:
− نەۋئىيغا تىگىپسىز.
يەتمىسىمۇ بويىڭىز،
شوتا قويۇپ ئېگىپسىز.

سىزگە بەردى كىم بۇنداق،
<<ئىقتىدار ھەم ھوقۇقنى.
قانداق قىلىپ ئېتەرسىز،
ئەمدى بۇ سەت يوچۇقنى؟

جاۋاب بەردىم مەنمۇ تېز،
شۇنداق نادان زاتلارغا.
قارا قورساق ساۋاتسىز،
شائىرلىقتىن ياتلارغا.

−پەيغەمبەرمۇ نەۋائىي،
تەگكىلى بولمايدىغان.
قۇرئانمۇ يا شېئىرى،
نامازدا ئوقۇيدىغان.
ئۇمۇ ئادەم ئىدىغۇ،
بىزگە ئوخشاش تىلى بار.
مۇكەممەل ئىش نەدىكەن،
ھەسەلنىڭمۇ قىلى بار.

ياياخشى قىلدىم بىلسىڭىز،
نەۋائىينى تەھرىرلەپ.
چۈشىنىكسىز سۆزلەرنى،
ئوچۇقلاشتۇردۇم تۈزەپ.

بۇنى ئاڭلاپ كىشىلەر،
ياقىسىنى تۇتۇشتى.
ماڭا قاراپ كۈلۈشۈپ،
بىر-بىرىنى نۇقۇشتى.

بىرى مېنى كۆرسىتىپ،
<<ساق ئادەممۇ بۇ؟>> دېدى.
يەنە بىرى << ئالجىپتۇ،
ساراڭ بوپتۇ ئۇ>> دېدى.

كۆپچىلىكنىڭ ئالدىغا،
چىقتى يەنە بىر نادان.
غەزەب بىلەن تىكىلىپ،
شۇنداق دېدى ئۇ شۇئان.:

−كىم سىز شۇنچە ئۆزىڭىز،
مۇمچە كۆرەڭلەيدىغان؟
كلاسسىك شېئىرلارنى،
ئۆزگەرتىپ <<تۈزەيدىغان>>.

كۆرەڭلىمەڭ بىھۇدە،
<<قالتىس مېنىڭ دىتىم>>دەپ.
كۆتىڭىزدە ئىشتان يوق،
<<مارجان بۈۋى ئېتىم >> دەپ.

كۆرەڭلەرگە نىسبىتەن،
پەيغەمبەر- ئەنبىيا ئۇ.
شېئىر دۇنياسىدىكى،
ئۆچمەيدىغان زىيا(1) ئۇ.

مەسلىھەتىم شۇ سىزگە،
كۆرەڭلىمەڭ ئانچە جىق.
ئەرزانلاشماڭ ئورۇنسىز،  
ئىشىڭىزغا قويۇڭ چەك!
(1) زىيا−يورۇقلۇق، نۇر، شولا.

  
يەنە جاۋاب بېرەي دەپ
يەڭنى تۈرۈپ شىمايلاپ،
تەرىتىم سەل بوش كەلدى،
قارىسام كىيىن ئويلاپ.
                1985- يىل ئىيون ئۈرۈمچى.
مەن
(ساتىرا)  
غەنىزات غەيۇرانى
قاناتسىز ئەرشىگە ئۇچقان تالانت كۆكىدە سولتان مەن،
بۇلاق سىسىز، ئۆزۈم چاڭقاق، لېكىن گۇلزاردا پونتانمەن.

قاراڭغۇ تۈندە چاقناشقا مادارۇ ۋە مەيلىم يوق،
ئېنىقكى، خىسلىتىم دائىم قۇياشلىق كۈندە چولپان مەن.

قېچىپ خۇددى كۆلەڭگۈدەك يۈرىمەن شانۇ شۆھرەتتىن،
نېوۈككىم ئۇ ئۆزى ھەمراھ، گويا تىللاردا داستان مەن.

روزا تۇتماققا تاۋىم يوق، تۇتۇشتى ئۆزگىلەر پات-پات،
بۈگۈن ھېيىتتا ھەر ئۆيدە يەنە ئەڭ تۆردە مېھمان مەن.

ئىلىم بىر ئوكىيان چەكسىز، مۇرەككەپ، تۈرلىرى ھەر خىل،
ياشاش سەنئىتى−ئىلمىدە مۇكەممەل، بەكلا تولغان مەن.

چالا-پۇلا سىزىپ قوڭغۇز، چېكەتكە، پاتمۇچۇقلارنى،
<<گۈزەل سەنئەت >>(1) بازارىدا خېلى جىق پۇلغا ساتقان مەن.

يىنىكنىڭ ئاستىدىن پەملەپ، ئېغىرنىڭ ئۈستىگە دەسسەپ،−
ئۆتۈپ گۈلدەك ياشاپ كەلدىم، بۇ بابتا مىسلى چاققان مەن.

جامائەت ھارۋىسىغا لىق خۇسۇسىي يۈكلىرىم ئارتىپ،
خەلق بەختى ئۈچۈن مۈشكۈل داۋان-تاغلارنى ئاشقان مەن.

پەلەكنىڭ گەردىشى ساسىز قارا كۆزلەرنى ياشناتتى،
شۇ ياش دەرياسىدا مەغرۇر بېلىقتەك ئالغا ئاققان مەن.

پەسىللەر نامىخالى يوق، پەقەت ئىمكانغا مەن شەيدا،
دېمەك تۆت پەسلى تەڭ سايراپ، جىمى پەسلىگە ياققان مەن.

قىزىلمەن، ئەمما دىل بولغاچ بۆلەك رەڭلەرگە ھەم شەيدا،
ھەسە-ھۈسەن بىلەن نۇرغۇن قېتىملاپ رەڭ تالاشقان مەن.

ساۋاب مەلەك (2) لىرى خەتتات ئەزەلدىن ئىككى مۈرەمدە،
نەئىش قىلمايكى مەن تەھقىق بېھىش-جەننەتكە ئوغلان مەن.

ئۈزۈلگەن زۇۋۇلام شۇنداق ئۇلۇغ ئىشلار ئۈچۈن ئەسلى،
مەگەر شاخىمكى ياپراقسىز ھامان ئەل-يۇرتقا بوستان مەن.
ئۆتۈپتۇ تېزلا ئوتتۇز يىل گويا بىر كۈن كەبى شادىمان،
قاراپ ھەر دەۋرگە لايىق مۇقەددەس تۆھپە قوشقان مەن.

بىراق دەۋرىم مۇقامىنى بۆلەك پەدىگە ياڭراتتى،
بۇ زىل پەدىگە دەسسەشنى بىلەلمەي بەكمۇ ھەيران مەن.     
            1980 - يىلى ئاۋغۇست ئۈرۈمچى.
(1)        گۈزەل سەنئەت−<<تۆت كىشىلىك گۇرۇھ>> نىڭ سەنئىتى.
(2)        ساۋاب مەلەك−ئادەمنىڭ ساۋابلىق ئىشلىرىنى يازىدىغان پەرىشتە.  
   
( بۇ ساتىرالار شائىرنىڭ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلغان <<ھايات قوشىقى>>، <<بولدى قىل >> توپلاملىرىدىن ئېلىندى.)  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Polat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-18 18:33  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  202
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 249
تۆھپە : 3
توردا: 68
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 13:38:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        مەرھۇمنىڭ ئەمگىكى ھەقىقەتەن مول ھەم نەتىجىلىك ئىدى. مەن ئۇنىڭ ساتىرالىرىنى ئىنتايىن ياقتۇراتتىم. بۈگۈنكى كۈنلەردە ساتىرا يېزىپ، جەمئىيىتىمىزدە ساقلىنىۋاتقان ئىللەتلەرنى قامچىلايدىغانلار ئاز قىلىۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن.

ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە،
ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا كىرەر!

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  228
يازما سانى: 1019
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2217
تۆھپە : 14
توردا: 246
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 14:22:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ «100 روبائىي»سىنى ئوقۇغان ئىدىم. بىر-بىرىدىن ئىسىل ، مول-مەزمۇنلۇق روبائىلار ئىدى.

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

مەن ئېتىمنى تاغقا قويسام،
يۈرۈپتۇ سايدا.
بىر ئاتىدىن يەتتە ئىدۇق،
ئالتىمىز قايدا؟!
                       -ئۇيغۇر خەلق
جۇشقۇن بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 15:37:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1099
تۆھپە : 4
توردا: 208
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 16:20:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       پولات: دادىڭىزنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلەرىنى مۇنبەرگە يوللاپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1596
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 529
تۆھپە : 11
توردا: 57
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 22:01:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ئاغىينەپ ئا. ئىي. پەروزان،   ئاللا خالىسا، ۋاقتىم بولسىلا يوللايمەن، كۆڭۈل بىلگىنىڭلارغا رەخمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش