كۆرۈش: 257|ئىنكاس: 2

بىز مۇشۇنداق ياشاۋاتىمىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  166
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1172
تۆھپە : 7
توردا: 274
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-30

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-6 23:47:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىز مۇشۇنداق ياشاۋاتىمىز

ئابدۇلۋاھىد خۇدابەردى  مۆلجەرى

بىزمۇ ياشاۋاتىمىز. ھىچ بولمىسا،ئۆز كۆڭلىمىزنى خۇش قىلىشنى بىلىمىز. چىن يۈرىكىمىزدىن چىقىرىپ كۈلەلەيمىز، يىغلىيالايمىز. راست بىلەن يالغان ئارىلىشىپ كەتكەن بۇ دۇنيادا پەقەت بىزنىڭ يىغىمىزلا ئەڭ راست بولسا كېرەك. ئۆتكەندە «ئالىمنىڭ ئىزتىراپلىرى» دېگەن سەرلەۋھە بىلەن بىر تېما يوللىسام مۇنبەرنىڭ كېسەل بولۇشى بىلەن تەڭلا غايىپ بوپتۇ. ھېلىمۇ ياخشى ساقلاپ قويۇپتىكەنمەن. ئۇ تېما تېخى داۋاملىشىۋاتاتتى. شۇ تېمىغا مەن ئېرىشەلىگەن بىرقىسىم ئەھمىيىتى بار سۈرەتلەرنى كىرىشتۈرۈپ داۋاملىق يوللاشنى لايىق كۆردۈم. باشقا يۇرتداشلىرىمنىڭمۇ بۇ تېمىغا ئىشتىراك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.



DSC_0732(1).JPG



   مەن ئوقۇدۇم! خۇددى يېقىندا كاتتا ئىمتىھان بولىدىغاندەك، خۇددى يېقىندا يېڭى بىلىم گۇرزىنت سىزىقى ئېچىلىپ ساۋاتسىزغا ئايلىنىپ قالىدىغاندەك جىددىيلىك، ئەلەم سىرلىرى ئۈستىدە ئۆتكەن ئالىملاردىن دەرس ئالغاندەك كىچىك پېئىللىك، ھەممە مۇتلەق خۇلاسىلارغا ئىسيان كۆتۈرىدىغاندەك گۇمانىي تۇيغۇ، يېڭى بۇغۇننىڭ ئەلچىسىدەك جىددىي جاۋاپكارلىق بىلەن ئوقۇدۇم. مەن ھېلىمۇ ھەر كۈنى ئوقۇيمەن. پاراڭ-خەۋەر مەنبەلىرىگە قارىغاندا، ئاساسىي بىلىش مەنبەلىرىگە مايىلمەن. قاچانكى كىتابتىن مەن بىلمەيدىغان يۇقۇرى قاتلام بىلىملەر، بىشارەتلەر، ناتۇنۇش ئىبارىلەر چىقىپ مېنى لوغەت ئىزدەشكە مەجبۇر قىلسا، ئالاھىدە روھلىنىپ كېتەتتىم. ئۆز سەۋىيەمگە لايىق ياكى مەن ئۈچۈن «ئاتام ئېيتقان بايىقى» قىممىتىدىكى كىتابلارنى بىر قۇر ۋاراقلاپ نىپىز ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ قوياتتىم. ئىبىن سىنا كىتاب ئوقۇپ چۈشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن كايىمىغان بولسا فارابى بىلەن باغلانمىغان، ئارستوتېل پىكىر ئېقىمىغا قەدەم قويمىغان ۋە «شەيخۇل رەئىس» بولمىغان بولاتتى. كىتاب-ئۇ تېلفوندىكى سۆزلىشىش ئەمەس! ھۇرۇنلۇقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بەلگىسى ۋە غەپلەتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئالامىتى، مېنىڭچە، كىتاب داستىخىنىدا مۇئەللىپنى تائامنى چايناپ بېرىشكە بۇيرۇشتۇر...

ــ«يىپەك يولىدا توققۇز ھېكمەت» (394-395-بەتلەر)



IMG_1872(1).JPG



ئائىلە ـ ئەۋلادلار شەجەرىسىنىڭ يىلتىز ۋە شېخى؛ مىللەتنى قۇرۇپ چىقىدىغان قېلىپ.

دەرۋەقە، ئائىلىدە بەخىت كۆرمىگەن كىشى ئائىلە سىرتىدىن بەخىت كۆرۈشى مۇمكىن ئەمەس. ئائىلىۋى تۇرمۇشتا بەخىتسىز بولغان كىشى ئومۇمەن تۇرمۇشتا يېڭىلگەن، بەخىتسىز كىشىدۇر.

ـ «ئائىلە» (1~5-بەتلەر)


رۇشەنكى، مەدەنىيەتلىك، شۇنىڭدەك كەلگۈسى پارلاق مىللەتنىڭ ئالامەتلىرى ھەممىدىن ئىلگىرى شۇ مىللەتتىكى قىز-ئاياللارنىڭ مەنىۋى قىياپىتى، ئائىلە ئېڭى ۋە ئىش-ھەركىتىگە مەركەزلەشكەن.ـ«ئائىلە» (124-بەت)



DSC_0685(1).JPG



  يەنە كىتاب، دوستلۇق ۋە مۇھەببەت بىرلەشسە ئىنساننى پۅتۅنلەي ئۆزگەرتىۋېتىدىغان غايەت زور كۅچ كلىپ چىقىدۇ.

ـ «ئائىلە» (159-بەت)


DSC_0287(1).JPG



تارىخ ھەقىقەتەن ئۇنى ئىنىچكىلىك بىلەن كۈزەتكەن كىشىگە مەنىلىك تەبەسسۇم قىلىدۇ!

كۆتۈرۈپ يۈرگەن بىلىملىرىڭ باشقا نەرسە، سەن ھەزىم قىلغانلىرى باشقا نەرسە، دەرھال كۆتۈرگەن ناننى دەرھال يېۋىتەلمەيسەن-دە!

ـ «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى»


DSC_0739(1).JPG



دەرھەقىقەت، دانىشمەنلىكنىڭ دەردى نۇرغۇن. ئۇ ھاياتنىڭ ساختا لەززىتىدىن كېچىپ، ھەقىقى ئازابلىرىدا ياشايدۇ؛ ياشاشنىڭ قىسقىلىقىنى بىلىپ، كېچە-كۈندۈز ئەجىر-ئەمگەك قىلىدۇ؛ ئۇ ئالدىن دىل يۇرۇتقاچقا قەلبى ھەقىقەت، لەۋزى ئادالەت ئوتىدا كۆيۈپ، كىشىلەر بىلگەن ئامەتلەرنىڭ ئىللەتلىكىنى ئېغىزىدىن چىقىرىشتىن ئەيمىنىپ، ئېغىر دىلكەشسىز ـ تەنھالىق ئىچىدە دەرد يۇتىدۇ؛ ئۇ ئۆمۈر بويى رەشىك ۋە جاھالەت ئىللىتىدىن نەپرەت ۋە مەيۈسلۈك چېكىدۇ. ئۇ ئۆز ھاياتىدا قايتا ئويغىنىش، ئولۇغ بۇرۇلۇش بىلەن ئىككىنچى قېتىم قايتا تۇغۇلغان تەپەككۈر بايراقدارىنىڭ دەل ئۆزى! ئۇ قۇياش! تەنھا، بىراق مىليۇن-مىليۇن يۇرۇق يۇلتۇزلارنى ياراتقۇچى قەلب كامالىتىنىڭ ئېنژېنېرى...

ـ «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى» (279-بەت)  


















بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-7 00:08  


ھەقىقى بايلىق روھى بايلىقتۇر
mukam.cn

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 1167
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 6528
تۆھپە : 3
توردا: 676
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-26

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 02:14:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇلۋاھىد خۇدابەردى  مۆلجەرى ئەپەندىم ئىزدىنىشلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي.


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2118
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 168
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-28

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 00:31:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارمىغايسىز.

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش