مەن بۇ گەپلەرنى يازغۇچىلار جەمئىيىتىگىمۇ، ئەزالارغىمۇ، ھەممىمىزگە ياخشى بولسۇن دەپ خالىس نىيەتتە دېگەن.
كۆڭۈلسىزلىك بولىدىغان ئىش بولسا، گېپىمنى قايتۇرۋالدىم. كۆپچىلىكنىڭ تېنچ، خاتىرجەم كۆڭلىنى چىگىش قىلىپ قويغان بولسام، ئەپۇ قىلىڭلار.
ئەمما بەزى مەسىلىلەرنى ئاز-تولا ئىزاھات بېرىپ قويۇشنى لايىق كۆردۈم:
مەن بۇ مۇنبەرنىڭ تەھرىرلىگۈچىسىگە تازا كۆنەلەمىدىم، دېگەنلىك بۇ مۇنبەرنى ئىشلىتىشنى بىلمىدىم دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى مەن ئويلىغاندەك ياخشى كۆرەلمىدىم، دېگەنلىك.
چۈنكى، مەن بىر يىلدەك ۋاقىت چىقىرىپ بارلىق مۇنبەرلەرنى يەرلىكتە ھەم توردا سىناپ، ھەتتا بىر مەزگىل ئىشلىتىپ كۆرگەن. ئۇ مۇنبەرلەر ئارىسىدا asp, aspx, php شەكىلدىكى مۇنبەرلەرنىڭ ھەممىسى بار ئىدى. ئەلبەتتە، بىر مۇنبەرنىڭ ئىقتىدارىنى تولۇق چۈشىنىش ئۈچۈن نەچچە ئايلاپ ۋاقىت كېتىدۇ. شۇنداقتىمۇ، مەن ئۆز ئارا سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ھەممىدىن ياخشى ئىككى مۇنبەرنى تاللىۋالغان. بۇنىڭ بىرى، مۇشۇ Discuz، يەنە بىرى PHPWind تىن ئىبارەت ئىدى.
Discuz نىڭ ئىشلەتكۈچىلىرى جۇڭگودا ئەڭ كۆپ. ئەمما، Discuz غا جەڭ ئېلان قىلىپ ئىزچىل تىركىشىپ كېلىۋاتقان بىر مۇنبەر بار، ئۇ بولسىمۇ PHPWind تۇر. PHPWind مېنىڭچە Discuzنىڭ بارلىق ئىقتىدارلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەندىن سىرت ئۇنىڭ بەزى ئاجىزلىقلىرىنى تولۇقلاش ئارقىلىق كۈنسايىن زورىيىۋاتىدۇ. مەسىلەن، Discuz نىڭ سىرتقى كۆرۈنىشى سەل قوپالراق، PHPWind بۇ يېتەرسىزلىكنى تولدۇرۇۋاتىدۇ. Discuz نىڭ تەھرىرلىگۈچىسى ئىزچىل ھالدا: «قولىڭىزغا دەرد كەلمىسۇن» دېگەندەك بىر نەچچە قۇرلۇق ئىنكاس يېزىلىدىغان كەسپىي بەتلەرگە تولىمۇ ماس كېلىدۇ، ئەمما Wordتىن چاپلاشتا بەزى مەسىلىلەر مەۋجۇت. چۈنكى ئۇلار سانداننىڭ سەمىرىپ كەتمەسلىكىنى نەزەرگە ئېلىپلا Wordتىن چاپلاشنى ئويلاشمىغان، بەلكى ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ كەلگەن. PHPWind بولسا بۇ بىر تەرەپلىمىككە خاتىمە بېرىپ، Word تىن چاپلاش زۆرۈر بولسا Word تىن چاپلاش، بولمىسا txt شەكلى كېرەك بولسا شۇ شەكىلنىمۇ قوللاشنى ئويلۇشۇپ كېلىۋاتىدۇ.
يازغۇچىلار تورى ئىشلىتىۋاتقان بۇ مۇنبەرنى نۇرقۇت تورىدىكى ئىزدىنىش روھىغا باي خالىس ياشلار ھەقسىز تارقاتقان. ئۇلار تارقىتىش جەريانىدا، ئەسلىدىكى تەھرىرلىگۈچنىڭ بەزى نۇقسانلىرىنى كۈچىنىڭ بارىچە تۈزىتىشكە تىرىشقان ۋە ئەسلىدىكىدىن كۆپ ياخشىلىغان بولسىمۇ، ئەسلىدىلا ئاچقۇچى تەرەپ Wordتىن بىۋاسىتە چاپلاشنى ئويلاشمىغاچقا، بۈگۈنكىدەك مۇنازىرىمىز كېلىپ چىقىۋاتىدۇ. ئەلبەتتە، Wordتىن چاپلاشقا بولمايدۇ ئەمەس، بولىدۇ، بىراق Wordنىڭ ئەسلىدىكى تەييار ياسالغان بېتى ئەينەن ساقلانمايدۇ، كونكىرت ئېيتقاندا، ھەر بىر ئابزاسنىڭ بىرىنچى قۇرى ئىچ قۇردىن 3-5 كىچە بوشلۇق تاشلاپ ئاپتوماتىك يېزىلىشى كېرەك ئىدى، ئەمما بۇ مۇنبەردە قولدا بوشلۇقنى بىردىن-بىردىن قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. PHPWindتا بولسا ئۇنداق ئاۋارىچىلىق مەۋجۇت ئەمەس. Wordتىن چاپلاش بىر قېتىمدىلا 100 پرسەنت غەلىبىلىك تاماملىنىدۇ، بەت يۈزى ئۈچۈن قايتا-قايتا تۈزىتىش، تەھرىرلەشنىڭ ئورنى قالمايدۇ. يەنە كېلىپ PHPWindنى كەسپىي كىشىلەرمۇ، كەسپ سىرتىدىكىلەرمۇ بىمالال ئىشلىتەلەيدۇ، باشقۇرۇشمۇ ئاسان. چۈشىنىشلىك، ئامممىباب، ئىشلىنىشچان بولۇپ، ئىقتىدارى ھەرگىزمۇ Discuzدىن قېلىشمايدۇ. ھەر قانداق ھجىتىمىزدىن چىققاندىن سىرت، نۇرغۇن ئىقتىدارلىرىنى بىز تېخى تولۇق ئىشلىتىپمۇ بولالمايمىز.
يازغۇچىلارنىڭ بىردىن بىر قورالى Word. ئۇلار Wordنى ئىشلىتىپ يېزىقچىلىق قىلىدۇ، شۇ ئارقىلىق تۈزىتىدۇ، بەت ياسايدۇ. پۈتتى دەپ قارىغان ئەسەر (يازما)لىرىنى ئاندىن مۇنبەرگە چاپلايدۇ. شۇڭا، يازغۇچىلارنىڭ مۇشۇ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ ئويلىغىنىمزدا، مودا قاغلىشىپ Discuz دەپ ئېسىلىۋالماي، ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق بولغان PHPWindنى ئىشلىتىش مېنىڭچە ئاقىلانىلىق دەپ ئويلىغانىدىم.
ھازىر ئاددىيسى، مۇنبىرىمىزگە قارايدىغان بولساق، شېئىرلار ئوتتۇرىغا كەلتۈرۈپلا ئېگىز-پەس، تەرتىپسىز، قائىدىسىز (مەتبۇئات تەلىپى بويىچە قارىغاندا) يوللىنىۋاتىدۇ. PHPWind تا بۇنىڭغا بىز باش قاتۇرۇپ يۈرمەيتتۇق، بەلكى Word تا بۆلەكلەرنى بىر نەچچە بوشلۇق قالسۇن دەپ تىزىۋالساقلا، ئۆلچەملىك ھالدا بەتنىڭ ئوتتۇرىغا رەتلىك تىزىلاتتى، ئۇنى چاپلىغاندىمۇ بۇ ئەسلىدىكى ھالەت ئەينەن ساقلىنىپ قالاتتى.
يازغۇچىلار مۇنبىرى مېنىڭچە ژېزىت-ژۇرنالغا ئوخشاش بولۇشى كېرەك ئىدى، چۈنكى، تور، جۈملىدىن يازغۇچىلار تورىمۇ جانلىق (زامانىۋىي) بىر مەتبۇئات. ئەدەبىي تور بەتنىڭ بەت ياسىلىش (تىزىلىش) شەكلى گېزىت-ژۇرناللاردەك بولغاندا، ئىلمىي، نۇقسانسىز، خاتاسىز بولغاندىن سىرت يەنە بەت كۆركەم، چىرايلىق چىقاتتى، ھەم بۇنداق كۆركەم، توغرا تىزىلغان بەتلەرنىڭ ئوقۇلۇشى نىسبىتى تېخىمۇ ئاشقان بولاتتى.
بۇ مۇنبەردە كۆپلىگەن ياخشى تېمىلار بار. ئەمما، مەن بەزىسىنى مۇنداق ئېچىپلا ئادەمنىڭ دەماللىققا ئوقۇسى كەلمەيمۇ قالىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭدا ئىملادىكى مەسىلە ئەمەس، مۇھىمى مەن تەكىتلەۋاتقان بەتلەرنىڭ تىزىلىشىمۇ شۇنچىلىك ئۆلچەمسىز، كۆرۈپلا ئادەمنىڭ ئىچى سىقىلغاندەك بولىدۇ.
ئاخىرىدا دەيدىغان يەنە بىر گېپىم، مەن بۇ Discuz بىلەن ئۇچرىشىپ ۋە ئىزچىل تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقىنىمغا بىر يىلدىن ئاشتى. Discuzنىڭ ياخشى يېرى، PHP ۋە NET شەكلىدىكى ئىككى خىل نۇسخىسى بار. ئۇنىڭ NET نۇسخىسىدىدىكى تەھرىرلىگۈچ PHP نۇسخىسىدىكىدىن ياخشى چىققان. ئەگەر، مۇنبەر ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ دېيىلسە، تېخنىك خادىملار مۇشۇ Discuzنىڭ NET نۇسخىسىنىڭ تەھرىرلىگۈچىسىنى ئىشلىتىشنى (ئەسلىدىكى تەھرىرلىگۈچنى ئالماشتۇرۋېتىشنى) ئويلىشىپ باقسىمۇ بولۇشى مۇمكىن.
مەن تىلغا ئالغان ئەسلى مۇنبەرلەرنىڭ مەنبەسى: Discuzنىڭ NET نۇسخىسى:
http://nt.discuz.net
PHPWind ئاچقۇچى ئورگاننىڭ مەنبەسى:
http://www.phpwind.net
PHPWindنىڭ ئۇيغۇرچە ھەقسىز تارقىتىلغان يېڭى نۇسخىسى:
http://karwanlar.cn/bbs/tema10 ھەم ھەقلىق تارقىتىلغان نۇسخىسى:
http://baxbat.guldiyar.cn/mb
مەن بۇ مۇنبەرنى كونىسىغا قايتۇرايلى دېمەكچى ئەمەس، چۈنكى كونىسىدىن ھازىرقى مۇنبەرنىڭ ئۆلۈكى ئارتۇق. قايسى مۇنبەرنى ئىشلىتىشنى يازغۇچىلار جەمىيىتى قارار قىلىدۇ، ئەلبەتتە. ئەمما مەن بۇ يەردە مۇنبەرنى تېخىمۇ ياخشىلاش مۇمكىنمۇ، دېگەن نۇقتىدىنلا ئاتىكارچىلىق قىلىپ قالدىم. ھەرگىزمۇ مۇنبەرنى مەن ئىشلەپ بېرەي دېمەكچى ياكى ئۆزۈمنى كۆرسەتمەكچى ئەمەس. چۈنكى، مەن ھامان ئەدەبىياتنىڭ ئادىمى، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرقۇت تورىدا بىز 30 دەك بېكەت باشلىقلىرى بىرلىشىپ بىر گۇرۇپپا بولۇپ تەشكىللەنگەن(ئەينى چاغلاردا مەنمۇ شۇ گۇرۇپپىنىڭ بىر ئەزاسى ھەم نۇرقۇت مۇنبىرىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئىدىم)، شۇ 30 ئادەممۇ بىر باشقا ئېلىپ چىقىپ بولالمىغان (سۆزۈمنىڭ دەلىلى ئۈچۈن بۇ تېمىنى كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ:
http://www.nurqut.com/ud/thread-9000-1-1.html) بۇ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن كەم دېگەندىمۇ يېرىم يىللاپ كېچە-كۈندۈز ئەسەبىيلارچە ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئىقتىدارى كۆپ ھەم بەك چوڭ مۇنبەر، تەرجىمە قىلىش ئۈچۈنمۇ نۇرغۇن زېھىن ۋە ۋاقىت كېتىدۇ. مېنىڭ ئۇنداق كۆپ ۋاقتىممۇ يوق. شۇڭا بەزى تورداشلار، بۇ ئادەم يازغۇچىلار مۇنبىرىنى مەن ئىشلەپ بېرەي دېۋاتقان ئوخشايدۇ، دەپ خاتا چۈشىنىپ قالماڭلار. مەن تور تېخنىكىسى ئۆگىنىەي دەپ 10 نەچچە يىلىمنى بىكارغا ئىسراپ قىلىۋەتكەن ھەم بۇنىڭ بەدىلىگە كۆپ دەرت تارتقان، بەلكى ھېلىھەم دەرت تارتىۋاتقان ئادەم...پەقەت، مۇشۇ مۇنبەردىكى بىر نەچچە تورداشلىرىمىزغا تايىنىپمۇ (مەسىلەن، ئەزىز ئىمىر يانغىن، مۇختار قۇربان، ئابدۇشېت ئېلى ۋە باشقا تەرجىمان، كوررېكتور يولداشلارمۇ بار بولغاچقا، يەنە كېلىپ يازغۇچىلار ئۆز بېتىنى ئۆزى ئىشلەپ باقسا دېگەننى ئويلاپ دېيىلگەن گەپ ئىدى)، ئاشۇ مۇنبەرنى ئۆلچەملىك ئىملا بىلەن خاتاسىز، نۇقسانسىز، ئەسلى تەمى بويىچە تەرجىمە قىلىپ ئىشلەتسەك، ئەلبەتتە يامىنى يوق ئىدى.
ھەممىمىز يازغۇچىلار تورى ئۈچۈن، ئىككىنچى تۈرلۈك ئېيتقاندا، ھەر بىرىمىزنىڭ يېزىقچىلىق مۇھىتى ياخشى بولسۇن، دېگەننى نىيەت قىلىۋاتىمىز. شۇڭا، گەپ-سۆز قوپالراق كەتسىمۇ توغرا چۈشەنگەيسىزلەر، ئەزىزلەر!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەركىن.نۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-19 13:02