يىغلىمايمەن دىگەنتىم ئەسلى...
ئۆلۈمگە بارساممۇ يىغلىمايمەن،
مۇسىبەتكە چۆككۈچىنى بەزلەيمەن،
ئۇلارنىڭ سوغۇق قوللىرىنى تۇتۇپ تۇرۇپ،
«ھەممىمىز بەرىبىر كېتىمىز»دەيمەن.
ئۆلۈمنىڭ ئارقىسىدىكى قاراڭغۇلۇققا ،
ئەندىكىپ ئەندىكىپ قارايمەن،
تىڭشىغىم كېلىدۇ ئۆلۈمنىڭ ئاۋازىنى،
ئاق ياغلىقلار بىلەن كۆزۈمنى توسىمەن.
ياق، ھىچكىم كۆرمەيدۇ ياش تۆككىنىمنى،
يىغلىسا قىينىلار ئۆلۈمنىڭ جېنى،
بوۋام شۇنداق دەپ نەسىھەت قىلغان،
يىغا كەتكىلى قويماسمىش راھەتتە جاننى.
ئۆلۈمگە بارسام يىغلىمايمەن دەپ،
يۈرەتتىم ئۆزۈمگە تەسەللى ئىزلەپ،
لېكىن ئېزىپ كەتتىم كۆز ياش ئېچىدە،
مەن بەزلەندىممۇ ياكى سۆزلەپ.
«ئۆلۈم قارا » دەيدىكەن چوڭلار،
يىغا قويدى ئۆلۈمنى رەڭلەپ.
ھەر ئىشنىڭ يولى بار دەپ ئاغرىنسا ھايات،
بۇ ئۆلۈمدىن يىغا بىلەن بولمايدۇ پەسلەپ!
2012-يىلى 3-ئاي 13-كۈنى
باھار نىمە؟
باھار نىمە دەپ سورىسا بىراۋ،
ئۇ يېشىللىق دەپ بېرەتتىم جاۋاپ.
باھارىم كەتكەندە يېنىمدىن ئاستا،
قارا رەڭ ئىچىدە بولدۇم مەن خاراپ.
گۈللەر يىغلايدۇ
گۈللەر يىغلايدۇ توپا ئىچىدە،
بۇرۇقتۇم ھاۋادىن ئالالماي نەپەس،
گۈل بەرگى تىتىلغان ئۇشبۇ دەملەردە،
بۈلبۇل گۈل ئۈچۈن يىغلىغان ئەمەس.
يامغۇر يېشى
ياشلىق كۆزلىرىنى سۈرتۈپ ، سۈرتۇپ،
بۇلۇت پەرىشان كەتتى ئۆتۈپ.
قۇياش مۆكىنىۋالدى سوغۇق ئىچىگە،
ئەتىياز بۇ ئويۇندىن كەتتى ئۈركۈپ.
توپىرەڭ ھاۋا
ئۆزىنى ئىزدەيدۇ بىر توپ توپىلار،
ھاۋادا ئۇچىدۇ بۇلۇتتەك لەيلەپ.
ئادەملەر كۆزىنى چىڭ يۇمۇۋالسا،
ئۈسىدۇ دەرەخكە غەزەپتە ئۆرلەپ.
كۆك كۆكلىگەن يەر
قۇملۇقلاردا مەغرۇرلۇق ھالەت،
يېشىلىققنى تۇرار قۇچاقلاپ،
باھار بالدۇر يوقلىغان يەردىن،
ئۈندى سۆيگۇ ئوچۇم-ئوچۇملاپ.
باھارنىڭ ھىكايىسى
ۋىچىر-ۋىچىر...
قارلىغاچلار ئايۋانغا قوندى،
ئېتىزلاردا مېھنەتلەر ئۈندى،
سېغىنىشنى ئېلىپ سوغۇقتىن،
چېچەك چوكان يېقىملىق كۈلدى.
2012-يىلى 3-ئاي 20-كۈنى
ئېتىزلىقتىكى ئەر
بىر بېسىپ ،ئىككى بېسىپ،
مۆرىسىگە غەمنى ئېلىپ،
چۈشتى ئېتىزنىڭ بەرگىگە ،
چېچەك كەبى لەيلەپ كېلىپ.
قىش زىمىستاندىن چىقىپ،
قوندى ئېتىزلىق باغرىغا،
نىمە ئۇساركىن كۈز بىلەن،
بەسلەشسە ئۆمۈر تاغىرىغا.
ئەتىيازنىڭ شامىلى،
ئۈمىتنى بەردى پىرقىراپ،
قىغ بىلەن ،ئوغۇت بىلەن،
تەقدىرنى باغلار بىھىساپ.
يېشىل چىمەنلەر كۈلكىسى،
ئۇنى باھارغا باشلىدى.
قوش بىلەن سۆرەملەر يوق،
ئۇرۇق ئۆزى يانپاشلىدى.
ئۇشبۇ دەم نورۇز گۇلى،
چىللىدى كاككۇك پەيزىنى،
ئويغاتتى يەرنى ئۇيقۇدىن،
ئىشچان يىگىتنىڭ غەزىلى.
2012-يىلى 3-ئاي 31-كۈنى