ximal
كۆرۈش: 668|ئىنكاس: 1

مۇھەممەتجان راشىدىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  228
يازما سانى: 1019
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2217
تۆھپە : 14
توردا: 246
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 18:40:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

1.jpg

مۇھەممەتجان راشىدىن 1940 – يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان. 1958 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك تېخنىكۇمىنى پۈتتۈرگەندىن بېرى ئىزچىل تۈردە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان.

    مۇھەممەتجان راشىدىن 1958 – يىلى ئېلان قىلىنغان تۇنجى شېئىرى — ‹‹ئىلى دەرياسى›› بىلەن ئەدەبىيات سېپىگە كىرىپ كەلدى. شۇنىڭدىن بۇيان شائىرنىڭ كۆپلىگەن شېئىرلىرى ھەرقايسى گېزىت – ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى. 1986 – يىلى ‹‹كاككۇك گۈلى›› ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشىردىن چىقىپ، كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

    شائىر تازا قىرانىغا يەتكەن، شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن جان كۆيدۈرۈپ شۇغۇللىنىۋاتقان يىللاردا ‹‹مەدەنىيەت ئىنقىلابى››نىڭ بوران – چاپقۇنى يېتىپ كەلدى – دە، ئۇ ‹‹تۆت كىشىلىك›› گۇرۇھنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، ئازغىنە كەم 20 يىلغا يېقىن ئۇۋالچىلىق تارتتى. ئۇ قايتا ھايات باھارىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، شېئىر ئىجادىيىتىگە يېڭىچە قىزغىنلىق بىلەن كىرىشتى، مۇھەببەت – نەپرىتى تېخىمۇ روشەنلەشتى. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا خەلقىمىزنىڭ نىجاتلىق يۇلتۇزى كوممۇنىستىك پارتىيەگە، سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە، يېڭى ھايات باھارىغا بولغان مۇھەببەت خۇددى چولپاندەك چاقنىدى، گۈلخاندەك ئۇلغايدى. بۇ جەھەتتە شائىرنىڭ ‹‹مەن كېلىمەن ئىككى كۆزۈم ياش...››، ‹‹سالام دوستلار›› قاتارلىق شېئىرلىرى ئالاھىدە خاراكتېرلىكتۇر.

    شائىرنىڭ شېئىر ئىجادىيىتىدە ۋەتەن توغرىسىدا يېزىلغان لىرىكىلار زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ يالقۇنلۇق، ھېسسىياتلىق مىسرالىرىدا ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتى ۋە ئەقىدىسىنى نامايەن قىلغان.

    مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكى شېئىرلىرىنىڭ تىل گۈزەل، ساددا بولۇپ، ياسالما، قوپال ئەمەس. بىز مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ شېئىرلىرىدا تىل مەسىلىسىنىڭ ياخشى ھەل قىلىنغانلىقىنى ھەر بىر شېئىرنى ئوقۇغاندا ھېس قىلىمىز.

    مۇھەممەتجان راشىدىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە نەزەر سېلىشقا، تېمىدا كۆپ خىل بولۇشقا باشلىدى ۋە كۆپلىگەن ياخشى شېئىرلارنى يازدى. بۇ شېئىرلاردا شائىر ئۆزگىچە يېڭى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

    يېقىنقى يىللادىن بۇيان، شائىر مۇھەممەدجان راشىدىننىڭ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، مىللەتلەر نەشرىياتى، شىنجاڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، ‹‹ئانا يەر قەسىدىسى››، ‹‹مۇھەببەتمۇ ئۇلۇغ بىر مەكتەپ››، ‹‹ئۆمۈر ئىلھاملىرى››، ‹‹ھايات دېگەن مانا شۇ››، ‹‹ياخشىلارغا ناخشىلار تولا››، ‹‹جاھان دېگەن يارالغان شۇنداق››، ‹‹ۋاي ئېسىت 15 چۈجەم›› قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى نەشىر قىلىندى.

    شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ ئەزاسى




مەن ئېتىمنى تاغقا قويسام،
يۈرۈپتۇ سايدا.
بىر ئاتىدىن يەتتە ئىدۇق،
ئالتىمىز قايدا؟!
                       -ئۇيغۇر خەلق

Rank: 14Rank: 14Rank: 14Rank: 14

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  479
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 718
تۆھپە : 56
توردا: 180
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-21 23:09:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن 2012-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولدى.

ئانا تىل ۋە يېزىق، ئانىنىڭ ئوغۇز سۈتىگە ئوخشايدۇ، ئوغۇز سۈتىنى ئىچمىگەن ئوغۇلنىڭ يىلىكىدە قۇۋۋەت بولمايدۇ!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش