لۇسىيان بلاگا (1895-1961)
قۇتراش
باغ ئۇيقۇ ئىچرە كۆيمەكتە.
قۇمۇش كىرپىكىدىن يالقۇن يېشىنى يېغماقتىمەن :
يالتىراق قوڭغۇز.
بۇلۇتنىڭ سېھرلىك قىرغىقىدا
ئاينىڭ ئۆسۈشى.
كۈزنىڭ قولى كېچەمنى ساڭا قاراپ ئۇزارتىدۇ،
ياپيېشىل قوڭغۇزلارنىڭ نۇر ماغزىپى ئارىسىدىن
قەلبىمگە تەبەسسۇمىڭنى يېغىۋالىمەن.
سېنىڭ ئاغزىڭ مۇز ئۈزۈم
پەقەتكى ئاينىڭ نېپىز قىرىلا
بولالايدۇ مۇشۇنداق سوغۇق
_ سوغۇقلۇقىدىن ئۇنى سۆيگۈدەك گويا _
گويا لېۋىڭدەك گويا.
ماڭا شۇنچىكى يېقىنسەن
كېچە قوينىدا بىر قاپاق چىمىلدىشىنى ھېس قىلدىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەردان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-17 00:23