ximal
كۆرۈش: 1389|ئىنكاس: 29

(زاھىر بۇرھان)يەكەندىكى قەلەمكەشلەرگە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  698
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1244
تۆھپە : 0
توردا: 361
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-16 20:45:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلدۇرگۇ:ئويۇن قويۇش مۇناسىۋىتى بىلەن، قەدىمقى يۇرت يەركەنتتە، 2012 – يىلى 6 –ئاينىڭ 17 – كۈنىدىن 7 –ئاينىڭ 13 – كۈنىگىچە، بىر ئايغا يېقىن تۇرۇپ قالدىم. بۇ جەريانلاردا، شۇ يەردىكى قەلەم ئىگىللىرى بىلەن ھەم سۆھبەتتە بولغىنىمدىن كۆپ خۇرسەنمەن.
ئۇلارغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىمنى بىلدۈرۇش ئۈچۈن، شېئىر ئارقىلىق سالام يوللۇدۇم.
شېئىرىمدا تىلغا ئېلىنغان كىشىلەر، مەن ئۇچراتقان سىرداشلىرىمدۇر. ئۇلارنىڭ مەندە قالدۇرغان تەسىراتى، مېنى شېئىر يېزىشقا ئىلھاملاندۇردى.
شائىرلىق ھېسسىيات تەبىئى ۋە چىن تۇيغۇغا سادىق بولىشى كېرەك دەپ قارىغىنىم ئۈچۈن، شېئىرىمدا تەسۋىرلەنگەن شەخىسنىڭ ئىككىنچى يۈزى، مېنىڭ غەليان بىلەن تولغان روھى دۇنيارىمدا سۇغۇرۇلغان ئەينەن تۇيغۇدۇر.


ھۆرمەت بىلەن : زاھىر بۇرھان


0.jpg












ئابدىرېشىت سۇلايمان (جاللاتنىڭ) داچىسى



شائىر ھەققىدە قىسىقىچە قارىشىم:

شائىر ئابدىرېشىت سۇلايمان ئۈيغۇر يېڭى شېئىرىيەت ھەركىتىنىڭ ئۇگەنچىلىرىنىڭ  بىرى. ئۇنىڭ كېشىنىڭ قەلبىنى لەرىزگە سالىدىغان ئاجايىپ تەسەۋۋۇرغا ئىگە چاچما شېئىرلىرى، مېنىڭ قەلبىمدە، شائىرلىق سالاھىتىنىڭ، كىملىك نۇقتىسىدا چاقناپ تۇرىدىغانلىقىنى ناھيىتى روشەن بىر تۈستە گەۋدىلەندۇرگەن.

تاغاچىنىڭ بۇرۇن تۆشىكى،

ئىدى جاللاتنىڭ ياسىداق كۆشۈكى.

ئاسپېلىندا ياسالغان كاۋاپ،

كېسەللەرگە قىلىنغان ساۋاب،

ئىدى....

ئەشۇ تۆشۇكتە.

ئۇ  يەردە ھەم،

CT مۇ يوق ياكى رېنتگېن

پەقەت ئەشۇ ئىبنىسىنا

جاللات بىلەن بىرگە ياشايتتى.

سوغۇق تەرگە چۆمۈلۈپ تۇرۇپ،

ئىشىكىگە سېلىپ قويۇپ دەم.

ئۇزۇن ئورۇق تومۇر پەلەمپەي،

خالتسىز دوختۇرنىڭ ئاياق ئاستىدا،

پىلسىراتتەك ياتار سوزۇلۇپ............

جاللاتنىڭ داچىسى...

تىترەپ تۇرار،

زىقسىز كاۋاپتا.

پىياز بىلەن تەڭ،

كۆيۈپ قورۇلۇپ.

سوۋۇپ سورۇلۇپ.

بىر كۈنى ئۇ

بىر قۇتا " نۇڭفۇ" مىنېرال سۈيىنى،

ماڭا تەستە تەڭلەپ تۇرۇپ،

تاماق يەمدۇق دېدى تىترەپ.

مەن قارىدىم ئۇنىڭ كۆزىگە.......

يىغلاپ سالدىم... ئۈنسىز ئېسەدەپ....

ئۇنىڭ ئورۇق ۋىجىك گەۋدىسى،

ئاڭا تەۋە  500 مو يەردەك،

كۆرۈنۈپ كەتتى،

كۆزۈمگە غېرىب....

ئەي قەدىرلىك ناتىۋان دوستۇم...!!

يەركەنتىكى يېنىپ تۇرغان شام.

سەن شائىرلىق ھىجرانى بىلەن،

بىرگە ئۆتكۈزگەن ئۇيقۇسىز ئاخشام...

ماڭىمۇ ھەم بولغانتى ھەمرا....

سېنىڭ داچاڭ ماڭا قەۋرىدۇر.

500 مو يەر ساڭا سەۋرىدۇر.


1.jpg









ئابدۇكېرىم قادىرنىڭ كۆز يېشى

يازغۇچى ھەققىدىكى قىسقىچە قارىشىم :

يازغۇچى ئابدۇكېرىم قادىر  ھېسسىيات دولقىنى يازغۇچىلىق ئىدىراكىدىن كۆپ قەھىرلىك بولغان كىشى ئىدى. گەرچە ماڭا ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇش ئامىتى نېسىپ بولمىغان بولسىمۇ، مەن بۇ كىشىنى، ئۇ يازغان ئەسەرلىرىدىن بەكەرەك ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم.

ئۇنىڭ ماڭا دېگەن قەلب سۆزلىرىدىن «تىنىچ دوننىڭ» «يۇز يىل غېرىبلىقنىڭ» ھىدلىرى كېلىپ تۇراتتى.ئۇيغۇر پىروزىچىلىقىدىكى يەنە بىر تالانت ئىگىسى يەركەنتتە قىيامىغا يېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە ھاياجان بىلەن ئۇنىڭ قولىنى چىڭ سىقتىم....

يىغلاپ سالدى يازغۇچى دوستۇم

مەن ئۆزۈمنىڭ ئۆسمۇر چېغىنى

ھېكايە قىپ سۆزلەپ بەرگەندە....

مەن پىئونېر بولغان شۇ كۈنى

دەپ باشلىدىم كەچمىشلىرىمنى.

ئابدۇكېرىم يىغلاپ ئولتۇرۇپ،

سۈرتۈپ قويدى ئاستا يېشىمنى.

مەن پىئونېر بولغان شۇ كۈنى،

پىپەن قىلدى مېنى بالىلار.

بىر سىنىپتا،

بىر پارتىدا،

بىرگە نان يەپ ئولتۇرغان،

ئەشۇ سەبىي ساۋاقداشلىرىم.

بىرگە ئويناپ بىرگە چوڭ بولغان،

مىللەتداشلىرىم قان قېرىنداشلىرىم،

ئۇرۇپ كەتتى باش كۆزلىرىمگە....

سەن نېمىشقا پىئونېر بولدۇڭ ؟

پومېشچىكنىڭ نەۋرسى تۇرۇپ،

يەرلىك مىللەتچى، ئوڭچى ۋە سولچى

بۇزۇق ئۇنسۇر سېسىق زىيالى

قارا يىپنىڭ بالىسى تۇرۇپ؟

چىڭ تۈگۈلگەن كىچىك مۇشتلارنىڭ

زەربىسىدە داڭ قېتىپ قالدىم،

ئېگىز ئۈستەل ئۇستىدە تۇرۇپ،

قان يىغلىدىم

ياشلىرىم قۇرۇپ.........

يوقىتايلى زاھىر بۇرھاننى...!!

يوقىتايلى بۇرھان ناسىرنى...!!

يوقىتايلى ناسىر توختىنى...!!

ئۇلار مېنى...

نېمىشقا يوقىتىدىغاندۇ؟

مەن ئەمدىلا ئالتە ياش تۇرسام.

دەرسلەردە ئەڭ باشتا تۇرسام.

ئۇلار مېنى يوقىتىۋېتىپ،

سومكامدىكى ئاخىرقى ناننى،

ئېلىپ كەتسە قانداق قىلارمەن؟

دەپ ئويلۇدۇم تەخىرسىزلىنىپ......

پىئونېرلىق سالاھىتىمچۈن،

خۇشال بولغان مۇئەللىمىمنىڭ،

ئېغىزىغا نىجاسەت تىقىپ،

ھەيدىۋەتتى مەكتەپتىن شۇ كۈن.

قىزىل يەڭلىك قوغداش خادىمى....

يىغلاپ سالدى يازغۇچى دوستۇم.

مەن سۆزۈمنى تۈگەتمەستىنلا.

كەل ئىچەيلى !

دېدىم دوستۇمغا

كۆز يېشىمىز يەرگە ئاقمىسۇن.

ئۇنى مەي قىپ ئىچىۋېتەيلى

ئۇلار نادان

كۆپ ئەخمەق ئىنسان

گۇناھىدىن كېچىۋېتەيلى.









----------------------

ياسىنجان سادىق )چوغلان( يېرىم سائەت ئىچىدە



يازغۇچى ھەققىدىكى قىسقىچە قارىشىم :

قىممەتلىك ئادەملىرىمىز ساناقلىقلا قەۋۇم بىز. ياسىنجان سادىق ئەنە شۇ كىشىلەرنىڭ بىرسى. ئۇ قىلىچ بىلەن ئەمەس قەلەم بىلەن تارىخ يارىتىشقا كۈچەۋاتقان ئادەمدۇر. ئۇنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى جاللات خېنىم، باشقىچە بىر سىياقتا كۆز ئالدىمىزدا پەيدا بولغىنىدا، ئەسلى تارىختا ئۆتكەن جاللات خېنىمنى ئىختىيارسىز ئۇنتۇپ كېتىشكە مەجبۇرمىز.

تارىخ ئۇ ھامان چىنلىقنىڭ كۆمۈلمەس ئىزى.

شۆھرەت تاجىنى خەلىق سېنىڭ بېشىڭغا كەيگۇزگىنىدە، سەن، ئەتراپىڭدىكى ئەڭ ئاددىي نەرسىلەرگىمۇ چوڭقۇر تازىم قىلىشقا مەجبۇرسەن.

مەن 97 - يېلى،

ئىشتىنىمغا پاتماي قالغاندەك،

ئۇ

پاتماي قالغان ئىدى ئايىقىغا.

مەن ئۇنىڭغا روھىي يۆلەك بولاي دېسەم،

ئۇ

تېيىلىپ كېتىپ باراتتى،

شۆھرەت مايىقىغا...

ئۇنىڭ يوغان قوي كۆزلىرىدىن،

ئەقىل ئەمەس خىيال تۆكۈلەتتى.

ئۇ

يىرتىلغان يەركەنت كوچىسىدا،

ئەتتىگەن توقۇلۇپ،

كەچتە سۆكىلەتتى....

جاللات خېنىم قانداق يېزىلدى؟

كونا تارىخ قانداق قېزىلدى ؟

باھادىرنىڭ يېڭى چۆچىكى،

تەكچىلىرىگە قانداق تىزىلدى ؟

ئۇ

ماڭا قاراپ تۇراتتى جىم - جىت.

يۈرەكلىرىم بولاتتى تىت- تىت.

يېرىم سائەت يېرىم ئەسىردەك،

چاچلىرىمغا زىمىستان قوشتى.

يازغۇچىنىڭ مەزمۇت گەۋدىسى،

يېنىمدىلا

ئاھ.....

غۇلاپ چۈشتى.

جاللات خاننى ئوقۇپ باقمىدىم.

باھادىرنى ھەم يەنە شۇنداق.

ئوقۇغۇم بار ئىدى چۇغلاننى.

يەركەنتىكى بۈيۈك ئوغلاننى.....

ئۇ ماڭا بىر بەرمىدى پۇرسەت

يۈرىكىمدە يىغلىدى ھەسرەت.



------------------------



ئابلىمىت ئابلەتنىڭ كۆزىدىكى مەن

بۇ يىگىت ھەققىدىكى قىسقىچە قارىشىم ؛

ئابلىمىت ئابلەت، يەكەن ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىدە كاتىپ بوپ ئىشلەيدىغان، ساددا ئاق كۆڭۈل، ئەدەبىيات ئاشىناسى. دائىم كۈلۈمسىرەپلا يۈرىيدىغان بۇ تۇز كۆڭۈل ئۆزبەك يىگىتى، ئۆزبەك ئۇيغۇر دوستلۇقىنىڭ نامايەندىسى سۇپىتىدە، يەركەنتتە كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ توغرا پىكىرلىك، سەزگۈر ئەقىل ئىدىراكى، مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

فوتوگراف ئۆزبېك يىگىتى،

تارتىپ قويدى مېنى سۈرەتكە.

ئوداللىقنېڭ غېرىب رەستىدە،

قويۇپ مېنى تۇگىمەس دەرتكە.

ئاپئاق ساقال دېھقان بوۋاينىڭ،

قوللىرىنى قولۇمغا ئېلىپ،

يۈرىكىمنى پىچاقتا تىلىپ،

تارتتى سۈرەتكە.

ئۆزبېك يىگىتى

خۇددى فۇرقەتتەك.

ئۇ ناھىيدە كاتىپلىق قىلغان.

خەۋەر ئۇچۇر پەرمانلار كۆرگەن.

بۈگۈن كۆردى مېنى سىنچىلاپ.

يۈرگىنىدە ئىچى تىتىلداپ....

ئۇ شائىرلىق كوچىسى تامان،

ياشاپ كەلگەن ئىدى تېچ ئامان.

مېنى كۆرۈپ ئارامى كەتتى.

ئارامىدا مۇرادقا يەتتى.

سىز بەك كەمتەر چولپان ئىكەنسىز،

شاخلىرىڭىز ئىكەن تىكەنسىز.

دېدى ماڭا،

ئۆزبېك يىگىتى.

تەكەللۇپ قىپ كەمتەرلىك بىلەن.

ئەي سۆيۈملۇك قېرىنداش ئىنىم،

نۇقسانلارغا كۆمۈلگەن تىنىم.

ئۇزۇن چېچىم،

شۇشەن ئۇستىباش،

ئەمەس ئىچىم...

ئەمەستۇر ئىچىم....!!!


------------------------


ئابدۇجاپپار يىغلار ئۇدۇمدا

بۇ يىگىت ھەققىدىكى قىسقىچە قارىشىم ؛

ئۇدۇم شىركىتىنىڭ دېرىكتورى، ئۇدۇم چايخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئاشپەزلىك ھۇنىرىدە كامالەتكە يەتكەن ئۆتكۇر پىكىرلىك بۇ يىگىت، يەركەنتدىكى بارلىق ئەدەبىيات سەنئەت ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن، ئەقىللىق كارخانىچىدۇر. ئۇ، ياسىنجان سادىق چۇغلاننىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىنى دوستى. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان قىسقىغىنى ۋاقىتتا مەن، بۇ يىگىتنىڭ ئاجايىپ ئۇلۇغۋار پىلاننى كۆڭلىگە پۇككەن، ئەقىل ۋە ھۈنەردە تەڭ يېتىلگەن، پاراسەت ۋە پاساھەت دوقمۇشلىرىدا قايمۇقىپ قالماي دادىل ئالغا بېسىۋاتقان، بىر ئەۋلاد  ياش ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىنىڭ سىماسىنى كۆرىۋالدىم

مېزىلىك تائام سېنىڭ يېشىڭدا،

دۇملەنگەندەر قەدىرلىك ئىنىم.

ئۇدۇم ئۈچۈن يىغلاپ يۇرۇيسەن،

يىغلىيالماي يۈرگەنلەر بىلەن.

سىنى كۆرۈپ تىتىرىدى تىنىم.

چىقىپ كەتتى تېنىمدىن جېنىم.

ۋاپادارىڭ ئاكاردىيون چېلىپ،

كۈتىۋالدى مېنى سەمىمى.

ئوماق بالاڭ ناخشىلار ئېيتىپ،

بادام باققا ئەپ كىردى مېنى.

ئاكاردىيون ئاۋازى تامان،

سىڭىپ كەتتى ئايالىڭ بالاڭ…

سەن تىرمىشىپ جاپادا قاپسەن،

تېخى ئونغا يەتمەپتۇ كالاڭ.

چايخانەڭگە قاچان باشلايسەن؟

ئۇزۇن چاچلىق شۇشەن ئاكاڭنى.

زىننەتلىنىپ بولدىمۇ تاملار،

قاچان پىشار مېزىلىك تائاملار....؟

سەن پۇل تاپقىن !

پۇل تاپقىن كۆپلەپ.

ئۈرۈمچىگە يېنىپ كەل تىزدىن.

سەھرا كەڭرى...مۇھىتى بەك تار..

ئۇمۇت كۈتۈپ يۈرمە ئېتىزدىن


















بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jallat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-17 10:55  


3.jpg
2.jpg

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  396
يازما سانى: 219
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1430
تۆھپە : 0
توردا: 107
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 12:08:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زاھىركامنىڭ ئۆتكۈر پىكىرلىرى قەلبىم تۆرىمىزدە خوددى ئۆزىدەك بەردەم ياشايدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kuyzar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-17 12:24  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  250
يازما سانى: 242
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 774
تۆھپە : 1
توردا: 106
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 12:31:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسىت بۇ شېئىرلارنى ئوقۇپ ، تېنىم قەلبىم بىلەن بىللە بىر تىترەك ئىچىدە قالدى .
زاھىر بۇرھاننىڭ سەمىمىي ۋە ساپ قەلبى كۆز ئالدىمدا گۈزەل بىر باغدەك ئايان بولدى .

بةخصت سصنص جاپا- مذشةققةتتة كأپرةك سصنايدذ

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  146
يازما سانى: 543
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1136
تۆھپە : 6
توردا: 144
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 12:38:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زاھىر بۇرھاننىڭ بۇ مىسرالىرىدىن ئۇنىڭ ئەدەبىياتقا ، ئەدەبىيات ئاشنالىرىغا بولغان يۈكسەك ھۆرمىتىنى كۆرگەندەك بولدۇم . ئۇنىڭ ناخشىلىرىمۇ ھەم شۇنداق ئىدى . ئامان بولۇڭ زاھىر ئاكا !

ئۆزۈڭ بول ئابرۇيىڭغا ئۆزۈڭ ئىگە ،
يۆلەكسىز ئۆزۈڭنى سەن ئۆزۈڭ يۆلە .

                            ئابدۇللا توقاي

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  517
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 642
تۆھپە : 0
توردا: 111
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 14:17:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئەدەبىيات بىلەن سەنئەت ئۆز نۆۋىتىدە بىر-بىرىنى شەرت قىلىدۇ ۋە كەم تەرەپلىرىنى تولۇقلايدۇ. زاھىر بورھان ئەپەندىنى مەن ئىلگىرى بىر سەنئەتكار دەپلا ئويلىغان ئىكەنمەن. ئۇ يەنە خېلىلا قەلىمى پىشقان، ئۆتكۈر پىكىرلىك شائىر ئىكەن ئەمەسمۇ؟ ...مەن ئونىڭ ئەزىز تېنىگە ساقلىق، ئەدەبىي ئىجادىيتىگە بەرىكەت ، سەنئەت ھاياتىغا نۇرانە مەنزىللەر يار       بولۇشىغا تىلەكداشمەن!.....

كەتمەك ئاسان، كەچمەك تەس!...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12
يازما سانى: 549
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1763
تۆھپە : 20
توردا: 408
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 14:57:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنىڭ شېئىرنىمۇ بۇنچىلىك ياخشى يازىدىغانلىقىدىن تېخىمۇ سۆيۈندۈم! بىرگە قادىر، كۆپكە ماھىر سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كىلىشىگە تىلەكداشمەن.

ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  364
يازما سانى: 262
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2599
تۆھپە : 7
توردا: 254
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 15:14:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىن ئەقىدىلىك ئىنسان ئۆلۈش ئۈچۈن ياشىمايدۇ- ياشاش ئۈچۈن ئۆلىدۇ....

                                                 -ئۈمىد

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  94
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 6151
تۆھپە : 555
توردا: 442
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 15:42:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زاھىر بۇرھاننىڭ يازمىسى: ياسىنجان سادىق ئەنە شۇ كىشىلەرنىڭ بىرسى. ئۇ قىلىچ بىلەن ئەمەس قەلەم بىلەن تارىخ يارىتىشقا كۈچەۋاتقان ئادەمدۇر. ئۇنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى جاللات خېنىم، باشقىچە بىر سىياقتا كۆز ئالدىمىزدا پەيدا بولغىنىدا، ئەسلى تارىختا ئۆتكەن جاللات خېنىمنى ئىختىيارسىز ئۇنتۇپ كېتىشكە مەجبۇرمىز.

....................................
يازغۇچىنىڭ مەزمۇت گەۋدىسى،
يېنىمدىلا
ئاھ.....
غۇلاپ چۈشتى.
جاللات خاننى ئوقۇپ باقمىدىم.
باھادىرنى ھەم يەنە شۇنداق.
ئوقۇغۇم بار ئىدى چۇغلاننى.
يەركەنتىكى بۈيۈك ئوغلاننى...
..................................

پاھ، نېمە دېگەن چىن گەپ، نېمە دېگەن ئېسىل مىسرالار بۇ؟ زاھىر بۇرھان ئاكىغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەش بىلەن بىرىگە، ئۇنىڭ قەلبىدىن مۇشۇنداق چىن، ئېسىل دۇردانىلەرنىڭ داۋاملىق تۆكۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  282
يازما سانى: 301
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 936
تۆھپە : 4
توردا: 122
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 15:58:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زاھىركام ۋە جاللات ئاكاملار بىلەن بولغان مەنىلىك ھەم كۆڭلۈللۈك پاراڭ پۇرسىتىدە شۇنداق يېڭى چۈشەنچە ھەم تۇيغۇلارغا ئىگە بولغان ئىدىم. زاھىركامنىڭ يۈرىكىدىن تېشىپ ئاققان بۇ لىرىكىلاردىن تولىمۇ سۆيۈندۈم.
ئامان بولغايسىز ئاكا، ئامان بولغايسىلەر ئەزىزلەر...

قاتىل زادى كىم؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  209
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 630
تۆھپە : 0
توردا: 84
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 16:01:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تالانتلىق سەنئەتكارىمىز زاھىر بۇرھاننىڭ قەلب تېۋىشلىرىدىن ئۇلۇغ بىر مۇھەببەت نۇرى پارلاپ تۇرۇپتۇ... زاھىركامنىڭ باشقا ئۇيغۇر يۇرتلىرىنىمۇ ئارىلاپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1145
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 922
تۆھپە : 0
توردا: 80
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 16:02:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەي سۆيۈملۇك قېرىنداش ئىنىم،

نۇقسانلارغا كۆمۈلگەن تىنىم.

ئۇزۇن چېچىم،

شۇشەن ئۇستىباش،

ئەمەس ئىچىم...

ئەمەستۇر ئىچىم....!!!


------------------------

زاھىر بورھان ئەپەندىگە ئەزەلدىن باشقىچە ھۆرمەت بىلەن قارايتتىم،بۇ  دۇردانىلارنى كۆرۇپ  ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئاشتى!

پەقەت بىرلانەرسىگە ئىشىنىمەن_ئۇ بولسىمۇ چىن ئەقىدە!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  698
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1244
تۆھپە : 0
توردا: 361
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 15:29:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


كېچىلىرىمگە ئاشىقمەن ،ئاشىق

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  719
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 390
تۆھپە : 0
توردا: 60
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 23:53:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زاھىر بۇرھان ئاكىغا بۇرۇندىن ھۆرمىتىم يۈكسەكتۇر.


زاھىر بۇرھان ئاكىنىڭ قەلەم كۈچىنىڭ كۈچلۇك ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتىم ۋە بىلەتتىم....
چۈنكى زاھىر بۇرھاننىڭ ئۆزى يازغان ناخشا تىكىستلىرى بۇنىڭ دەلىلىدۇر.

سەنئەتچىلەر ساھەسىدە- مۇزىكىسىنى ئۆز ئالدىغا ئىشلىگەن، ناخشا تىكىستىنى ئۆزى يازغان ۋە
ئۆزى ئورۇنلىغان بىردىنبىر سەنئەتچى_  زاھىر بۇرھان !

زاھىر ئاكا، قەلىمىڭىز ھارمىغاي!
تېنىڭىزگە سالامەتلىك، تۇرمۇشىڭىزغا خاتىرجەملىك، ئائىلىڭىزگە ھوزۇر يار بولغاي!

سۇغا سالساڭ، سۇ كۆتۈرمەس مىسقال-تۆمۈرنى،
ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولماس قالغان كۆڭۈلنى،

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  197
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 329
تۆھپە : 0
توردا: 13
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 18:07:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زاھىر بورھان خەلق ياقتۇرىدىغان سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇنى نېمىشقا خەلق ياقتۇرىدۇ؟
زاھىر بورھان ناخشا ئىجادىيتىنى ئۆزى قىلىپ، ئۆزى ئېيتقان بولغاچقا ئەڭ چىن، ئەڭ گۈزەل ھېسياتىنى ئىپادىلىيەلەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا زاھىر بورھان مۇزىكا ئىجادىيتىدە ئەنئەنىۋىيلىك بىلەن زامانىۋىيلىقنى ناھايتى ئەپچىل گىرەلەشتۈرەلىدى. يەنى مەسىلەن : ‹‹يېڭى نازىركۇم›› قاتارلىقلار. زاھىر بورھان تارىخى چىنلىقنى ئەكىس ئەتتۇرىدىغان ناخشىلاردىمۇ بىزنى مۇزىكا ئارقىلىق بۇنىڭدىن نەچچە ئىرا يىراق جەمىئەت مۇھىتىغا باشلاپ بېرىپ، تارىخى مۇزىيلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇرالايدۇ مەسىلەن ‹‹كىرورەن گۈزىلى››، ‹‹ئاتۇش ئادىمى›› قاتارلىقلار. زاھىر بورھان خەلقنىڭ ئەنئەنىۋىي سەنئەت ئادىتىنى زامانىۋىي سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ، ئەل سەنئىتىگە جان كىرگۈزگەچكە ئۇنى ئەل ياقتۇرىدۇ.
مەن زاھىر بورھان ئاكىمىزنىڭ مۇزىكا ئىجادىيتىگە مۇۋاپىقيەت تىلەيمەن!     

‹‹ئىمراننىڭ كۈندىلىك خاتىرسى››نى روياپقا چىقارسىڭىز بولاتتى، بالىلىرىم..

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1699
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 177
تۆھپە : 0
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 19:00:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاغاچىنىڭ بۇرۇن تۆشىكى،

ئىدى جاللاتنىڭ ياسىداق كۆشۈكى.

ئاسپېلىندا ياسالغان كاۋاپ،

كېسەللەرگە قىلىنغان ساۋاب،

ئىدى....

ئەشۇ تۆشۇكتە.

ئۇ  يەردە ھەم،

CT مۇ يوق ياكى رېنتگېن

پەقەت ئەشۇ ئىبنىسىنا

جاللات بىلەن بىرگە ياشايتتى.

سوغۇق تەرگە چۆمۈلۈپ تۇرۇپ،

ئىشىكىگە سېلىپ قويۇپ دەم.

ئۇزۇن ئورۇق تومۇر پەلەمپەي،

خالتسىز دوختۇرنىڭ ئاياق ئاستىدا،

پىلسىراتتەك ياتار سوزۇلۇپ............

جاللاتنىڭ داچىسى...

تىترەپ تۇرار،

زىقسىز كاۋاپتا.

پىياز بىلەن تەڭ،

كۆيۈپ قورۇلۇپ.

سوۋۇپ سورۇلۇپ.

بىر كۈنى ئۇ

بىر قۇتا " نۇڭفۇ" مىنېرال سۈيىنى،

ماڭا تەستە تەڭلەپ تۇرۇپ،

تاماق يەمدۇق دېدى تىترەپ.

مەن قارىدىم ئۇنىڭ كۆزىگە.......

يىغلاپ سالدىم... ئۈنسىز ئېسەدەپ....

ئۇنىڭ ئورۇق ۋىجىك گەۋدىسى،

ئاڭا تەۋە  500 مو يەردەك،

كۆرۈنۈپ كەتتى،

كۆزۈمگە غېرىب....

ئەي قەدىرلىك ناتىۋان دوستۇم...!!

يەركەنتىكى يېنىپ تۇرغان شام.

سەن شائىرلىق ھىجرانى بىلەن،

بىرگە ئۆتكۈزگەن ئۇيقۇسىز ئاخشام...

ماڭىمۇ ھەم بولغانتى ھەمرا....

سېنىڭ داچاڭ ماڭا قەۋرىدۇر
  مۇشۇمۇ  شىئېر بولدىمۇ ؟
......

دۇنيادا ھەممە نەرسە تۈگەيدۇ قۇرۇپ، پاك مۇھاببەت قالىدۇ مەڭگۈلۈك بولۇپ........
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش