ximal
كۆرۈش: 231|ئىنكاس: 3

غەنىزات غەيۇرانى شېئىرلىرىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە خەلقپەرۋەرلىىك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1596
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 529
تۆھپە : 11
توردا: 57
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-16 09:56:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

   غەنىزات غەيۇرانى شېئىرلىرىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە  خەلقپەرۋەرلىكە


   ( شائىر، تىلشۇناس، لۇغەتشۇناس غەنىزات غەيۇرانى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى، ئىجادىيىتىنىڭ  50 يىللىقى، ۋاپاتىنىڭ تۆت يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن)


                        پولات غەنىزات غەيۇرانى


      مەن شائىر غەنىزات غەيۇرانى شېئىرلىرى بىلەن خېلى ئەتراپلىق تونۇش بولۇپلا قالماي، ئىلمىي ئەسەرلىرى ۋە پۈتكۈل ھايات كەچمىشلىرى بىلەنمۇ خېلى پىششىق تونۇش.  نۇرغۇن شېئىرلىرىنى يادقا بىلگەندىن سىرت، ھەرقانداق ئەسەرلىرىنىڭ يېزىلىش تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى ماڭا بەش قولدەك ئايان. چۈنكى، مەن ئەسەر ئوقۇشقا ئامراق، شېئىر خۇمار ئىدىم. ھەرقانداق بىر شائىرنىڭ ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن شېئىرنى ئىمكان بار يادلىۋېلىشقا، ھېچ بولمىغاندا خاتىرە دەپتىرىمگە كۆچۈرۈۋېلىشقا ئاران تۇرىمەن. چۈنكى، ياخشى يېزىلغان شېئىرىي ئەسەر ياكى باشقا ئەسەرلەر بولسۇن مەنىۋى ھاياتىمدا گۈزەللىك ياراتقۇچى، كىشىلىك تۇرمۇشۇمدا پارلاق نىشاننى كۆرسىتىپ تۇرغۇچى مەنىۋى ماياك بولاتتى. شۇ نۇقتىدىن شېئىرىي ئەسەرلەرگە باھا بىرىشتە،  ھەرقانداق شائىرنىڭ  ئىنسانىيەت ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى باھالاشتا ئەسەرلىرىنىڭ سانىنىڭ كۆپلvكىنى ئۆلچەم قىلماي، ئۇلارنىڭ خەلق مەيدانىدا تۇرۇپ ھەرقانداق شارائىتتا تەۋرەنمەس ئىرادە بىلەن خەلقنىڭ ئارزۇ- ئىستەكلىرىنى قەيسەرلىك بىلەن ئىپادىلىگەن. خەلقنىڭ كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى قىلالىغان، خەلقنىڭ كۈلكىسىنى كۈلۈپ، يىغىسىنى يىغلىيالىغان شائىرلا خەلقنىڭ سۈيۈشىگە ئەرزىيدۇ، دەپ قارايمەن. ئەسەرلىرىنىڭ مۇشۇنداق ئاچقۇچلۇق مەسىلىدە  خەلقنى ئۈمىدلەندۈرۈپ، كۈرەش قىلىشقا ئۈندەپ، بولۇپمۇ قاراڭغۇلۇقتا قالغان خەلقنىڭ كىشىلىك ھاياتىدا كېلىچەك يۇرۇقلۇق تېڭىنىڭ  ھامان ئاتىدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرەلەيدىغان ئەسەرلەر ئاساس قىلىنىدۇ دەپ ئويلايمەن. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، شائىر غەنىزات غەيۇرانىنىڭ كۆپىنچە شېئىرلىرىدىن شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، ئۇنىڭ نۇرغۇن شېئىرىلىرىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە خەلقپەرۋەرلىك كۈچلۈك ۋە يارقىن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇنىڭغا ئۇنىڭ 1949- يىلى ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››نىڭ ‹ئەدەبىيات گۈلزارى›بېتىدە ئېلان قىلىنغان ‹‹پۇل›› دېگەن شېئىرى ئوبدان مىسال بولالايدۇ.  ئۇ شېئىرىدا ئىپادىلەنگەن مەزمۇن، كونا جەمئىيەتتىكى زۇلۇمغا، تەڭسىزلىككە، بولۇپمۇ ياڭ زېڭشېڭ، جېن شۇرېندىن ئىبارەت زالىم قارا كۈچلەرنىڭ خەلقنىڭ شىللىسىغا مىنىپ، ئېكىسپالاتسىيە قىلىشتا ‹‹پۇل›› نى ۋاسىتە قىلىپ، ھەممە نەرسىنى  پۇلغا باغلاپ، ئاۋامنى چىرىتىپ، يولدىن ئازغان، خوراپىيلىق پاتقىقىغا چوڭقۇر پاتقان، پۇلدىن باشقىنى تۇنىمايدىغان ھەم ئويلىمايدىغان ماڭقۇرۇت كىشىلەرگە شارائىت يارىتىپ بېرىپ، جاي-جايلاردا ئەشۇنداق ناپاك كىشىلەر ياشايدىغان پاھىشخانا، ئەپيۇنخانا، قىمارخانا، مەيخانىلارنى ئېچىپ، ياشلارنى چىرىتىش ۋە زەھەرلەش مەقسىتىدە ئاۋامنى غەپلەت ئۇيقىسىغا پاتتۇرغان، خەلقنىڭ ئويغىتىپ، مەرىپەت يولىغا مېڭىشىغا، ئىلغار مىللەت ۋە دۆلەتلەر تەرەققىياتىغا نەزەر تاشلاپ، پەن-مەدەنىيەت بىلەن قۇراللىنىپ، ئادەمدەك ياشاشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تۇرغان.    ‹‹ پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ، پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ›› بولغان جەمئىيەتكە بولغان نەپرىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. مەسىلەن:
                     پۇل
   باي، قەلەندەر، كەمبەغەل، بايۋەچچە قىلغان بارى بۇل،
   بىرىنى ئاخۇن قىلىپتۇ، بىرىنى ئۇ قارى پۇل.

بىرنى ئامبال، بىرنى دوتەي، كۆپىنى پۇقرا قىلىپ،
بايغا ئاققان، بولمىغان يوقسۇل بىلەن ھېچ كارى پۇل.

مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان گۈلدەك چىراينى بىۋاقىت
سۇندۇرۇپ قىلدى خازان، قىلدى كېسەل-بىمارى پۇل.

بۇ جاھاننىڭ ئاچقۇچى بولغاچقا پۇلدا ۋاھ - دەرىخ،
ھەقنى ناھەق، راستنى يالغان قىلماققا بەك جارى پۇل.

ھەزرىتى لوقمان ئامالسىز قالسا گەر بىمار ئۈچۈن،
دەل شۇچاغ قىلغان ئۇڭا قالتىس ئۈنۈملۈك دارى پۇل.

مەن جاھان چولپانى دەپ يۈرگەن سەتەڭمۇ بىر كۆرۈپ،
مەيلىنى، جېنىنى بەرگەن ئاشىقى- دىلدارى پۇل

ئادىمىزات باسمىغان چۆلدە ئەگەردە بولسا ئۇ،
قىلدى جەننەتنى شۇچاغ بەش كۈندە تەق، تەييارى پۇل.

گاچىنى سايراتتى بۇلبۇلدەك، توكۇرنى سەكرىتىپ،
راست ئىكەن، بەك راست ئىكەن، تەڭسىز جاھاننىڭ كارى پۇل.

سوتمۇ پۇل، قانۇنمۇ پۇل ۋە ئول شەرىئەت ھۆكمىنىڭ
تۇمۇرىدا قان بولۇپ ئاققان قۇۋۋەت، مادارى پۇل.

ئەسكى پۇل ھەم ساختى پۇل، ئەي، جان ئالارنىڭ قەستى پۇل،
تۇتقۇسى ئاز كۈندە سېنى كەمبەغەل ئاھ ـ زارى پۇل.
       1949- يىل ماي، ئۈرۈمچى. ‹‹ھايات قوشىقى››دىن
مېنىڭچە، بۇ شېئىر بۇنىڭدىن 60 يىل ئىلگىرى يېزىلغان بولسىمۇ، پۇلنى ۋاسىتە قىلىپ، جەمئىيەتنى ئىنىچكە كۆزىتىپ تەھلىل قىلىپ، پۇل ئۈستىگە تىكلەنگەن كىشىلىك مۇناسىۋەت تورىنى ناھايىتى سەگەكلىك بىلەن چوڭقۇر ئېچىپ كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە، بىزنى كىشىلىك ھاياتتا ھالال ئەمگىكىمىز بىلەن قەدىر- قىممىتىمىزنى ساقلاپ، ئىنساپ، دىيانەت بىلەن چىن ئىنساندەك ياشاشقا، پۇل ھەممىگە قادىرمۇ؟ پۇل قەدىرلىكمۇ، ئىنسانمۇ؟ پۇلنى قانداق تېپىش، نېمىگە خەجلەش، قانداق خەجلەش كېرەك؟ دېگەن مەسىلىلەرگە توغرا جاۋاب تېپىشقا ئۈندەيدۇ.
     شائىرنىڭ 19 يېشىدا ئېلان قىلغان بۇ شېئىرى <<ئەقىل ياشتا ئەمەس، باشتا>> دېگەندەك، جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ، بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر سېھرىي كۈچىنى نامايەن قىلىپ كەلمەكتە. چۈنكى، شائىر جەمئىيەتتىكى بارلىق تەڭسىزلىكنىڭ مەھسۇلى بولغان پۇلنى ساتىرانىڭ پىكىر نۇقتىسى قىلغان. بارلىق كىشىلەر پۈل ئۈچۈن تىرىكچىلىك قىلىۋاتىدۇ، پۇلى جىقلار ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرسا، پۇلى يوق يوقسۇل بىچارىلەرنىڭ كىشىلىك ئىنسانىي غۇرۇرى، ئىپپەت-نومۇسى ئاياغ- ئاستى قىلىنىپ، ھەتتا بەزىدە ھاياتىدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىۋاتىدۇ. سوتمۇ، شەرىئەت ھۆكۈمىمۇ پۇلغا باغلىق بولۇپ قالدى دەپ چوقان سېلىپ، خەلقنى خاتىرجەم قىلىدىغان ئادالەتلىك ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ ئورنىتىلىشىنى ئارزۇ قىلىشتەك بىر ئىسيانكار روھنى ئىپادىلەپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، خەلىقپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنى تېخىۇ مۇكەممەل يۇرۇتۇپ بەرگەن. ھەم بىر تەرەپتىن جەمئىيەتنى چۈشىنىشىمىزدە <<ئەينەك>> بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىمىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزدىكى تۈرلۈك ناچار ئىللەتلەرنى كۆرۈۋېلىشىمىزغا <<ئەينەك>> بولالايدۇ. چۈنكى، شۇ يىللاردىكى 19 ياشلىق بىر بالا شائىرنىڭ كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ <<قانۇنمۇ، سوتمۇ، شەرىئەتمۇ، ھەممە-ھەممە نەرسە پۇلدىن تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى...>>دەپ چوقان سېلىش ئاددىي ئىش ئەمەس.
     شائىرنىڭ ھەرقانداق ۋاقىتتا يېزىلغان غەزەللىرىدە بولسۇن ياكى رۇبائىيلىرىدا بولسۇن شائىرنىڭ قەلبى ھايات سۆيگۈسى بىلەن تولغان. تەپەككۇرى ـ ۋەتەن، خەلق، مىللەتكە بولغان چىن سادىق مۇھەببەت بىلەن چېچەكلەپ مېۋە بەرگەن. مەسىلەن:
            
              كىم چىنار دەر بويىنى چىنارچە قامەت بولمىسا،
              كىممۇ ئادەم دەر مېنى مەندە دىيانەت بولمىسا.

              مەن ۋەتەن ئوغلى دېيىشكە نېمە ھەددىم بار مېنىڭ،
              مىللىتىم، خەلقىم، ۋەتەنگە چىن مۇھەببەت بولمىسا.

            تۆت ئاياغدىن نېمە پەرقىم سۆز قىلىپ يۈرگەن بىلەن،
            مەندە ئىنسانىي پەزىلەت، ياخشى خىسلەت بولمىسا.
            ....................................................
                 ‹‹ھايات قوشىقى›› دىكى (بولمىسا) دىن ئېلىندى
     ‹‹ سالام ئۈرۈمچى ››، ‹‹يۇرتۈم››، ‹‹يىراقتىكى دوستلارغا›› قاتارلىق نادىر شېئىرلىرىدىمۇ ئىنسانپەرۋەرلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك، خەلقپەرۋەرلىك روھ، ھەققانىي، پاك كىشىلىك ھايات ئەقىدىسى جاراڭلايدۇ. چۈنكى، دەۋر قىياپىتىنى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرەلىگەن، مىللەتنىڭ قەلب دۇنياسىدىكى تەلپۈنۈشىنى ئېستېتىك نەزەردە كۆزىتەلىگەن، شائىر قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن تەبىئىي ئوخچىغان ئەڭ سەمىمىي ھېسسىيات، ساپ سۆيگۈ ئىپادە قىلىنغان شېئىر نادىر شېئىردۇر. شائىر رېئال تۇرمۇشتا ياشايدۇ، شۇڭا رېئال تۇرمۇش شېئىرنىڭ ئىپادىلەش ئوبيېكتى قىلىنىشى لازىم. تۇرمۇش ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ مەنبەسى، شائىر نوقۇل ئىجادىيەت ئۈچۈنلا ئاۋامنىڭ تۇرمۇشىغا يېقىنلاشماي، ئاۋام تۇرمۇشىنى مەۋقە قىلىشى، ئاۋام تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلاملىرىغىچە چۆكۈشى لازىم. بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە شائىرنىڭ ‹‹يۇرتۇم›› دېگەن شېئىرنى كۆرۈپ باقايلى: باغرى كەڭ، مېھرى ئىللىق، ئاچ كەلسە توق قىلىدىغان، يالىڭاچ كەلسە تونلۇق قىلىدىغان يۇرت خەلقىنىڭ ئىسىل پەزىلىتىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ:
     .........................................................
       ئاجايىپ تارىخىڭ باردۇر، پۈتۈلگەن قۇرلىرى زەردىن،
       سېخى، مەردانىسەن، خەلقنىڭ كۈرەشچان، پالىۋان يۇرتۇم.

       ئەگەر ئاچ كىرسە توق چىقتى، يالىڭاچ تونلۇق ھويلاڭدىن،
      جاھاندا بارمىدۇ سەندەك كەڭ قورساق، چوڭ داستىخان يۇرتۇم.
   
       گۈزەللىك نۇركەبى سەندىن تارالغان بارچە ئالەمگە،
        شۇڭا نۇرانە گۈل ھۆسنىڭ جاھانغا خوپ ئايان يۇرتۇم.
                           
     قۇچاغىڭ شۇنچىلىك ئىللىق، قۇياش تەپتىڭدە ئىسسىيدۇ،
     شۇ كەڭ ئىللىق قۇچاقىڭدا ياشار ئەل شادىمان يۇرتۇم.      
                               ‹‹ھايات قوشۇقى›› توپلىمىدىن
        ...................................................
        رېئال تۇرمۇش رەڭگارەڭ، مۇرەككەپ بولىدۇ. شائىر ھەرگىز تۇرمۇشتىكى پۇچەك، ئۇششاق ئىشلارغا ئېسىلىۋالماي، تۇرمۇشنىڭ جىددىي ئېقىنلىرىدىن مىللەتنىڭ روھىي ئىستەكلىرىنى تېپىپ چىقىشى، ئاددىي كىشىلەرنىڭ رېئال تۇرمۇشتا ئىپادىلەنگەن روھىي كەيپىياتىنى قېزىشى كېرەك. مەسىلەن:
             ئەسسالام كەلدىم ئۈرۈمچى، ئاي جامالىڭنى كۆرەي،
             تەلمۈرۈپ ئۆتتۈم ئۇزۇن يىللار ۋىسالىڭنى كۆرەي.

            جۇت-زىمىستانىڭ مېنى قوغلاپ يۈرۈپ خار ئەيلىگەن ـ
            شول دەۋرگە زارىقىپ كۈتكەن باھارىڭنى كۆرەي.
         
           دىلدا لىق ھۆرمەت بىلەن كەلدىم بوسۇغاڭغا يەنە،
           ئاچ قۇچاق يار قوينىغا كىرگەن يىگىتتەك شاد كىرەي.

         ياش ئىدىم، غۇنچە ئىدىم كەتكەندە سەندىن قوغلىنىپ،
         ‹‹قار بوۋاي بوپسەن›› دېسەڭ تارىخ ئىزى بۇ دەپ يۈرەي.
              ‹‹ھايات قوشىقى›› توپلىمىدىكى (سالام ئۈرۈمچى) دىن
      مىللەتنىڭ ئارزۇ ئىستەكلىرى ئىپادىلەنگەن  نادىر شېئىر دۆلەت، مىللەت چېگرىسىدىن ھالقىغان، ئىنسان روھىنىڭ ئەقىلغا ئۇيغۇن چاقنىشى، ئىنسانىيەتنىڭ زامان-ماكاندىن ھالقىغان مەڭگۈلۈك قىممىتىنىڭ نامايەن قىلىنىشى، شائىر قەلبىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ئېتىلىپ چىققان ئىدىيە ئۇچقۇنلىرىدۇر. نادىر ئەسەرلەر ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تەلپۈنۈشىنى ئىپادە قىلالىغانلىقى ئۈچۈنلا، زامان – ماكان چېگراسىدىن ھالقىيالىغان. شۇڭا نادىر شېئىر مەلۇم دەۋردىكى مىللەتنىڭ رېئال تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپلا قالماي، شۇ ئاساستا ئۆزمىللىتىنىڭ روھىي قاتلاملىرىغا يوشۇرۇنغان، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان قىممەتنى، يەنى ھەقىقەتكە بولغان مۇئەييەنلەشتۈرۈش، گۈزەللىكنى مەدىيلەش، ئېزگۈلۈككە تەلپۈنۈش، غايىگە ئىنتىلىش، ئۆزلۈكتىن ھالقىش، شەخسنىڭ ئەركىنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش، ئىنسانىي قەدىر- قىممەتكە ھۆرمەت قىلىش، خەلققە بەخت يارىتىشنى شەرەب بىلىش قاتارلىقلارنى بايقىغان ۋە ماھارەتلىك ئىپادىلىگەن بولىدۇ. شائىرنىڭ مەسئۇلىيىتى ئاۋام تۇرمۇشىغا چۆكۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق غايىسى، بەختى يارىتىشتا ئاخىرقى قىممەت قارىشىنى تېپىپ چىقىشتىن ئىبارەت.
      شائىرنىڭ 1980 – يىللاردىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا يازغان مۇتلەق كۆپ شېئىرلىرىدا ساتىرا بىلەن رۇبائىي ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. تەسىرىمۇ ناھايىتى چوڭ، ئىدىيىسى ئىلغار، پىكرى يېڭى، قاراتمىلىقى كۈچلۈك، شەكلى ئەنئەنىۋى شېئىرىلاردىن ئەندىزە ئالغان ئۆزگىچە  ئۇسلۇپتا يېزىلغان شېئىرلار بولۇپ، شائىر ئىجادىيىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بۇ شېئىرلاردا ناھايىتى كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيە، خەلقپەرۋەرلىك ئىدىيە ئۆزىنىڭ ئانا ۋەتىنىدىن، ئېزىز يۇرتىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى، ۋەتەننىڭ شان-شەرىپىنى، ئىززەت ھۆرمىتىنى قوغداش بۇرچى گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن.
       ھەممىمىزگە مەلۇمكى، 1993- يىلى مەركەز بىردەك ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ سىياسەت بەلگىلەپ، پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى بىر قىسىم رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئاۋامنىڭ ئىشىنى بىجىرگەندە خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەت پۇلىغا خىيانەت قىلىش بىلەن بىرگە، قىلغان ئىشىغا ھەسسىلەپ پارە ئېلىپ، قاۋاندەك سەمرىپ، چىرىكلەشكەنلىكتىن، ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ – ئىچىش ئەۋج ئېلىپ، پارتىيە ئوبرازىنى قاتتىق خۇنۈكلەشتۈرۈپ، جەمئىيەتتە ئىنتايىن يامان تەسىر پەيدا قىلغان كىشىلەرنى قاتتىق جازالاشنى، بىرسىنىڭمۇ قانۇن تورىدىن چۈشۈپ قالماسلىقنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ خوش-خەۋەرلەرنى تېلېۋىزوردىن كۆرۈپ، رادىيولاردىن ئاڭلاپ، گېزىت-ژۇرناللارنى ئوقۇپ بىلىپ تۇرغان شائىر خەلقنىڭ ئىشىغا ئاسايىشلىق تىلەپ مۇنداق يازىدۇ:
            
                 شوئارلار پۇلاڭلاپ قالمىسا قولدا
                  
                     ئېتىلدى ساناقسىز غەزەب ئوقلىرى،
                     لەنەت ۋە نەپرەتنىڭ كۈچلۈك دوقلىرى.
                     چىرىگەن، ئاينىغان ئەمەلدارلارغا،
                      ئۆزىنى بىلمىگەن ئەل بىزارلارغا.
                      راست، ئۇلار تولىمۇ ھەددىدىن ئاشتى،
                     ئۇلارغا بىر رەزىل كېسەل ياماشتى.
                     كېسەلكى، سەمرىمەك دۆلەتنى شىلىپ،
                    بېيىماق ئاممىدىن، خەلقتىن يۇلۇپ.
                    شۇ كېسەل سەمرىتتى، گېدەيدى ئۇلار،
                    ئادەمخور يولۋاستەك ھۈرپەيدى ئۇلار.
                     چىرىدى ئىچىدىن، تېشىدا گىرىم،
                     دېيىشىپ ئۆزىچە ئېچىلماس سىرىم.
                     ........................................
                     قىلمىشى قانۇنسىز ئىشلار بولسىمۇ،
                     خالتىسى جىنايەت بىلەن تولسىمۇ.
                     تېخى بىز قانۇننى ياقلىدۇق دېدى،
                     ‹‹خەلقنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىدۇق›› دېدى.
                      ........................................
                      ئاخىرى ئاش بەرگەن قازاننى چاقتى،
                      شۇ ئەلنىڭ يۈزىگە پۈتىنى ياقتى.
                      پارتىيە ئۇلارغا نەزەر ئاغدۇرۇپ،
                      ئەڭ قاتتىق غەزەب ۋە نەپرەت ياغدۇرۇپ.
                      دېمەكتە: ‹‹ئۇلارغا بېرەيلى جازا،
                     پارتىيە، ھۆكۈمەت بولسۇن ساپ ـ تازا،
                     يوقالسۇن چىرىكلىك، پارە، خىيانەت،
                    گۈللەنسۇن، ياشنىسۇن پاكلىق، دىيانەت!...››
                        .............................................
                        ئاخىرقى پەللىگە يەتسە غەلىبە،
                      قالمىسا بولۇپ بىر قۇرۇق دەبدەبە.
                   ۋەياكى گۈلدىرى بار يامغۇرى يوق،
                   ئورىسى يوغان چامغۇرى يوق.
                   يۇمىساق پاكىزىنى، كىرىنى قويۇپ،
                   يولىمىساق تۈكىنى بۆرىنى قويۇپ.
                                 1993- يىل ئۆتەبىر ئۈرۈمچى.
                                   ‹‹ھايات قوشىقى›› دىن  
دەپ يېزىش ئارقىلىق، ھەرقانداق بىر كىشىدە، توغرا بىلەن خاتانى، ياخشى بىلەن ياماننى، ئالىيجانابلىق بىلەن پەسكەشلىكنى پەرىقلەندۈرۈپ، ھەققانىيەت يولىدا مېڭىپ، بەزىبىر يامان ئىشلارنى، خاتا سۆز-ھەرىكەتلەرنى، ھەر خىل رەزىل پەسكەشلىكلەرنى ئۇچراتقىنىمىزدا، بايرىقىمىز رۇشەن ھالدا ئادالەتنى ياقلاپ، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، يامان ئادەم، ناچار ئىللەتلەرنى توسۇپ، جەمئىيەت تىنچ بولغان،  ئاۋام تۇرمۇشىغا خاتىرجەملىك ئاتا قىلىپ ۋەتەن ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن ئىشلەشتەك  ۋەتەنپەرۋەر، خەلقپەرۋەر ئىدىيەنى تەرغىپ قىلىپ، ئاۋامنى، مىللەتنى، دۆلەت مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ، خەلقنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەتتىن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۆرۈشىنىڭ غەلىبە قىلىشىغا بولغان ئىشەنچ، ئارزۇ-ئۈمىدىنىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلۇقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ خەلقىمىزنىڭ يۈرەك سۆزى بولۇپ، شائىرنىڭ قەلب ئىزھارى ئىدى.
شائىرنىڭ كۆپىنچە رۇبائىيلىرىدا بولسا، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھ، ئىنسانپەرۋەرلىك روھ، خەلقچىلىك روھ بىر گەۋدە قىلىنىپ، ھەممىدىن ئانا ۋەتەننى قەدىرلەش، خەلقنى سۆيۈش، مىللەتنى ئۇلۇغلاش، ئۆم-ئېناق، باياشاد تۇرمۇشنىڭ قەدرىگە يىتىپ، خەلق ئۈچۈن ئىشلەشتەك روھ ئاساسىي تېما قىلىنغان. مەسىلەن:
                 
                   ۋەتەن دەپ تۇغۇلدۇم، ۋەتەن دەپ ياشاپ،
                  رازى مەن ۋەتەن دەپ تۆكسەم قىزىل قان.
                   ۋەتىنىم بىر غېرىچ يېرىڭنى قوغداش
                   يولىدا جان بەرسەم قالمايدۇ ئارمان.

            قىلمىغان بولسام كەچۈر قەدرىڭنى يۇرتۇم ئىلگىرى،
            مەن ئۈچۈن گۆھەر بۈگۈن ھەتتا تېشىڭنىڭ ھەر بىرى.
            مەيلى شاھ، مەيلى گاداي بولسۇن، ۋەتەندىنمۇ مۇھىم
            نەرسە يوق ئىنسان ئۈچۈن بىلدىم ئېنىق بارغانسېرى.

           ئىناقلىق سۈيىگە پات-پات چۆمۈل ئۆزۈڭنى پاك ئەيلە،
           نىزا باغرىغا دۇچ كەلسەڭ تىلىپ قىل پارە، چاك ئەيلە.
          ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن گەر تاغ يۇنۇش جېڭى زۆرۈر بولسا،
          بېغىشلا ھەممە بارىڭنى، يىگىتتەك ئىشتىراك ئەيلە.
كىشىلىك ھاياتتا ئىنسان ئۈچۈن ۋەتەندىن ئۇلۇغ، ۋەتەندىن قەدىرلىك، ۋەتەندىن گۈزەل باش پانا بولمىسا كېرەك. شۇڭا ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلاش ئىنسان ئۈچۈن باش تارتىپ بولمايدىغان شەرەبلىك بۇرۇچ دەپ بىلگەن شائىر، بۇ رۇبائىيلىرىدا كىشىلىك ھايات قىممىتىنىڭ نېمىلىكىنى ئىپادىلەشتە پەقەت مۇشۇ ئالىيجاناب روھ ئالتۇن تارازا ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئوبرازلىق، تەسىرلىك ئىپادىلىگەن.
شائىر بۇنىڭلىق بىلەن چەكلىنىپ قالماي، ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى، قۇرغۇچىسى، ئىگىسى بولغان بالىلارغا ناھايىتى كۆڭۈل بىلىپ، ئۇلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك، خەلقپەرۋەرلىك تەربىيەسى بىرىش ئىنتايىن مۇھىم دەپ قاراپ، بالىلارنى ئەخلاقىي، ئەقلىي جىسمانىي جەھەتلەردىن تەڭ يىتىلدۈرۈپ، ئۇلارنى گۈزەل تۇيغىغا ئىگە قىلىش ئۇلارغا نېمىنىڭ ھەق، نېمىنىڭ ناھەق ئىكەنلىكىنى ئەدەبىي ئىجادىيەتتە شېئىرىي شەكىل ئارقىلىق بىلدۈرۈشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كېلىۋاتقان شائىر 90- يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بىر قىسىم كىشىلەردە ئەۋج ئالغان ئوتتۇرا مەكتەپتە بىر ئوبدان ئوقۇۋاتقان بالىلىرىنى قانداقتۇر بىر يوللار بىلەن چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىقىرىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. بۇنىڭ بىلەن بىرتۈركۈم بالىلار ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگەتمەيلا چەت ئەلگە ئوقۇشقا ماڭدى. كۈن- ئايلارنىڭ ئۆتۈشى، ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشى بالىلاردىن بىر قىسىملىرى ئاتا-ئانىسىنى كۆرگىلى كەلگەندە بولسا، شائىر ئۇلار بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ، بىر قىسىم بالىلاردا كىشىلىك دۇنيا قارىشى تېخى تولۇق يىتىلمىگەنلىكىنى، يۇرتىنى ياراتماسلىق، ئاتا-ئانىسىدىن چېنىش، خەلقنى كەمسىتىشتەك بىر خىل ناچار پىسخىكىنىڭ شەكىللىنىۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، قاتتىق ئازابلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن 1995- يىلى پۈتۈن ئۇيغۇر ئۆسمۇر بالىلىرىغا بېغىشلانغان ‹‹نەۋرەمگە››دېگەن نادىر شېئىرنى يازىدۇ. مەسىلەن:               
                      مەنمۇ سەندەك بالىدىم،
                      ئاتمىش يىللار ئىلىرى.
                     تۇغقان ئېزىز ئانامنىڭ،
                     دىل پارىسى، جىگىرى.

                      مانا ئەمدى ياشىنىپ،
                      بولدۇم نەۋرىلىك-بوۋا.
                      ‹‹ئۆمۈر ئاتقان ئوق››دېسە،
                      ئىشەنمەپتىمەن توۋا.
                      ................................
                      ھايات يولى بەزىدە،
                      تۇتتى قولۇمنى سىلاپ.
                      كۆپ ھاللاردا سوۋغىتى،
                      بولدى دەرت-ئەلەم، ئازاب.

                     كۆرۈپ ئۆتتۈم ھەممىنى،
                     كۆرمىگىنىم گۆر قالدى.
                      ماڭا دەپ گۆر قازغانلا،
                     ‹‹نىجادچىڭ بىز›› دەۋالدى.
                      .................................
                      ھايات دېگەن ئۆتكۈنچى،
                      كۈرەش ئۇنىڭ جەريانى.
                       كۈرەشكەنلەر ياشايدۇ،
                       يېلىنغانلار قۇربانى....

                       كەچۈر نەۋرەم سورىماي،
                       ئەمدى كونا خاماننى.
                       چۈشىنىسەن ئۇزىماي،
                       سەنمۇ تۇرمۇش، جاھاننى.
                       .....................................
                      ئېسىڭدە تۇت خەلقىڭنى،
                       مەيلى ئوت يا سۇغا كىر.
                      ئەل كۈتكەندەك ئادەم بول،
                      تىلى بىلەن دىلى بىر.

                      ئاچ قالساڭمۇ باشقىنىڭ،
                      رىزىقىنى تالاشما.
                       تىرناق تىرەپ ئۆمىلەپ،
                      يۇقىرىغا ياماشما.
         
                      شۆرەت ئۈچۈن ئۆزگىنى،
                      ئىتتىرىشتىن ھەزەر قىل.
                     تاپان يالاپ ياشاشتىن،
                      مەرت ئۆلۈمنى ئەۋزەل بىل.
                    سەن ئۇيغۇرنىڭ بالىسى،
                    مەڭگۈ شۇنداق بولۇپ قال.
                    مەيلى يىغلا، مەيلى كۈل،
                    ۋەتىنىڭدە تۇرۇپ قال.

                    كەلگۈسىڭگە، بەختىڭگە،
                    ئىشەنچىڭنى سۇۋۇتما.
                    مەخمۇد، يۈسۈپ، سادىردەك،
                    ئەجدادىڭنى ئۇنۇتما.
                              1995- يىل ئۈرۈمچى.
                                    ‹‹ھايات قوشىقى›› دىن
       بالىلارنى كىچىكىدىنلا ئەخلاقىي، ئەقلىي جەھەتتە ساغلام يىتىلدۈرۈپ، ۋەتەننى، خەلقنى قىزغىن سۆيۈپ، بۈگۈنكى ئېناق، باياشات، خاتىرجەم تۇرمۇشنىڭ قەدرىگە يېتىدىغان قىلىپ تەربىيەلەش ھەممە ئاتا- ئانىلارنىڭ بۇرچى دەپ بىلگەن شائىر تىلشۇناسلىقتا يىتىلگەن ماھارىتى بىلەن شېئىرىيەتتىكى كامالىتىنى  ئانا تىلدىكى پاساھىتىدە ئىپادىلەپ، بالىلارنى ياشلىق دەۋرىنى قەدىرلەپ،  ئىلىم-پەنگە يۈرۈش قىلىپ،  پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، ئەدەب-ئەخلاققا ئىگە يېڭى ئەۋلاتلاردىن بولۇشكا چاقىردى.
          بۇ شېئىر شۇ يىلى 6- ئايدا ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› نىڭ ئەدەبىيات گۈلزارى بېتىدە بالىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنىپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا، جۈملىدىن ئوقۇرمەنلار ئارىسىدا بەس مۇنازىرە قوزغىغان.  
       شائىر شېئىردا ‹‹ۋاقىت ئاتقان ئوق›› دېگەندەك، بېشىدىن ئۆتكەن ھايات كەچمىشلىرىنى بالىلار تىلى بىلەن ناھايىتى يۇمۇرلۇق خۇسۇسىيەت بىلەن بايان قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، كىشىلىك تۇرمۇشتا ئىنسان تىنچسىز ھاياتتىن تىنچلىق ئىزدەپ نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ تۇرىدىغانلىقىنى، بۇنداق چاغلاردا نامەرت، تۇزكور بىر قىسىم نا پاك كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدىكى ئازىراق پايدىنى دەپ ئىلگىرىكى دوستلۇقىنى يۇيۇۋېتىپ، ياردەم قۇلىنى سۇنماستىن، ئەكسىچە ھاڭغا ئىتتىرىدىغانلىقىنى، ئەمما ئامىتى ئوڭدىن كېلىپ، ئىشلىرى يۈرۈشۈپ، كۈنلىرى ياخشىلانغاندا بولسا، قىلچە خىجىل بولماستىن، ‹‹ ۋاي بىز سېنىڭ نىجاتچىڭ›› دەپ كۇچىكلىنىشتەك تىراگىدىيىنى بالىلار تىلىدىن كومىدىيىلىك تۈس بىلەن قىزىقارلىق بايان قىلىش ئارقىلىق، ھاياتلىقتا:‹‹ئۈژمە پىش، ئاغزىمغا چۈش›› دەپ ياشايدىغان ئىش يوق ئىكەنلىكىنى، ۋەتەننىڭ، مىللەتنىڭ، خەلقنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە تەڭ كۆتۈرمەستىن، راھەت-پاراغەت ئىزدەپ، يۇرتىدىن، خەلقىدىن، مىللىتىدىن، ئانا ۋەتىنىدىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئەللەردە پانالىق تىلەپ، ئانا سۈت بېرىپ ئېزىزلەپ چوڭ قىلغان ئانا ۋەتەنگە يۈز كېلەلمەسلىكتەك تۇركورلۇقنى قىلماسلىقتەك بىر چىن ھەقىقەتنى پۈتۈن ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىگە تەۋىسسىيە قىلىدۇ. بۇ شېئىرنىڭ بالىلارغا بېرىدىغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئىدىيىسى ئىلغار، پىكرىب يېڭى، قاراتمىلىقى كۈچلۈك، شەكلى خەلق قوشاقلىرىدىن ئەندىزە ئالغان. تىلى ئويناق، مەزمۇنى ساغلام، شائىر ئىجادىيىتىدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. شېئىردا ياش- ئۆسمۈر بالىلارلا ئەمەس، ۋەتەنگە كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ھەرقانداق بىر ئىنساننىڭ ۋەتەننىڭ قەدرىگە يىتىپ ئېزىزلەشتەك ناھايىتى كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيە، بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ ئانا ۋەتىنىدىن، ئەزىز يۇرتىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى، ۋەەننىڭ شان-شەرىپىنى، ئىززەت-ھۆرمىتىنى قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر قوغداش بۇرچى گەۋدىلىك ئىپادىلىگەن.
                  2012- يىل 3- ئاينىڭ 20 – كۈنى ئۈرۈمچى
<<جۇڭگو مىللەتلىرى>> ژۇرنىلىنىڭ 2012- يىللىق 3- سانىدىن ئېلىندى.     
    ئادرېسىم: ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى
          تېلېفون:     13659978711،     5593373


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  488
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 101
تۆھپە : 0
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-16 16:55:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەتىنىم بىر غېرىچ يېرىڭنى قوغداش
يولىدا جان بەرسەم قالمايدۇ ئارمان.
...........................................................................................
بەك ئىسىل چىققان مىسرالار ئىكەن  .

ئوزۈمنى ئۇنتۇپ قالساممۇ باشقىلارنى ئۇنتۇپ قالمايمەن .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  287
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 506
تۆھپە : 0
توردا: 95
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-16 18:06:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر ئەسەرلەر ھامان قەدىرلىنىدۇ. ناھايىتى ئوبدان ئىزدىنىش  بوپتۇ. پولات غەنىزاتنىڭ ئەجرىگە تەشەككۇر!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1596
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 529
تۆھپە : 11
توردا: 57
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 22:06:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ھۆرمەتلىك قەرىنداشلىرىم، ئازىراق ئەجرىمنى قەدىرلىگىنىڭلارغا كۆپ  رەخمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش