كۆرۈش: 605|ئىنكاس: 23

ئۇيغۇرلاردا خامان: ئابدۇخېلىل مىرخېلىل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  182
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1208
تۆھپە : 3
توردا: 276
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-30

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-2 20:35:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلاردا خامان

خامان- بۇغداي، زىغىر، قىچا، شال، ئارپا، تېرىق، قىزىل قوناق، سېرىق پۇرچاق تىپىدىكى دانلىق زىرائەتلەرنى تېپىش ۋە تازىلاش ئۈچۈن تەييارلانغان مەلۇم كۆلەمگە ئىگە مەيدان بولۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي تەرەقىيات جەريانىدا تۈرلۈك- تۈمەن مەدەنىيەت ئەندىزىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئەقىل- پاراسەتلىك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى داۋامىدا ۋۇجۇتقا چىقارغان ئالاھىدە ئىختىرالىرىنىڭ بىرى. خامان- خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ماھارەتلىرىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئۆزىدە تولۇق گەۋدىلەندۈرۈش بىلەن بىرگە، ئەجدادلىرىمىزنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى پەم- پاراسىتىنى، مىللى ئۇيۇشچانلىق كۈچىنى،ھۈنەر- ماھارەتتىكى ئارتۇقچىلىقلىرىنى نامايەن قىلىدىغان كۆپ تەرەپلىمە ئىقتىدار، مۇكەممەل تەرتىپ، بەلگىلىك ئەمگەك قائىيدە- يوسۇنلىرى بىلەن زىچ باغلانغان ئونۋىرسىئال ئەمگەك سورۇنىدۇر. شۇڭا خەلقىمىزدە «خامان ئالماق، شەھەر ئالماق» دېگەن ھىكمەتلىك سۆز بار. بۇ ھىكمەتلىك سۆزنىڭ ۋەزنىدىن خامان ئالماقنىڭ مۇشەقەتلىكى، مۇكەممەللەشكەن ھۈنەر ۋە ماھارەتكە تاينىشنىڭ زۆرۈرلىكى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدۇ.
گەپنى ئۇدۇللا قىلساق، خامان تەييارلاشتىن، خامان ئېلىش تاماملانغىچە بولغان جەرياندىكى ھەرقايسى قەدەم- باسقۇچلاردىن مەلۇمكى، خاماندىن ئىبارەت بۇ ئونىۋىرسىئال ئەمگەك سورۇنى بىزگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى جەريانىدا ئاجايىپ تەڭداشسىز مىلىكىلىك ماھارەتلەرنى يېتىلدۈگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
قىسقىسى، خامان تەييارلاش، خاماندا ئىشلىتىلىدىغان سايمان- جاپدۇق ۋە بۇ سايمان- جابدۇقلارنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈشتىكى تىخنىكا ماھارىتى، خامان ئېلىشتا ئەمىلىي قىلىنىدىغان ئىشلارنىڭ يوسۇن- تەرتىپلىرى خەلقىمىزنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى ئەقىل- پاراسىتىنى، مىللى ئۇيۇشچانلىق كۈچىنى، شۇنداقلار ھۈنەر- تىخنىكا جەھەتتە ئالاھىدە ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ.
خامان تەييارلاش:
ئالدى بىلەن خامان قىلىنىدىغان يەر ئېتىزنىڭ ئىگىزرەك يېرىدىن تاللىنىدۇ. كۆلۈمى بىر مو ئەتراپىدا بولىدۇ. خامانغا تاللانغان يەر تەكشى ئاغدۇرۇلۇپ، تاماق بىلەن تىرنىلىنىپ شەكشىلىنىدۇ ۋە توپا ئارىسىدىكى ئوت- چۆپ يىلتىزلىرى، زىرائەتلەرنىڭ غول قالدۇقلىرى  پاكىر تازىلىنىپ چىقىرىپ تاشلىنىدۇ. ئاندىن يەڭدەك ياكى يوتىدەك ئاز سۇ باشلىنىپ ئوسا قىلىنىدۇ. يەرنىڭ ئوسۇسى كېلىپ، يەر تاۋلاشقاندىن كېيىن، ئات ياكى كالا قۇشۇلغان تۇلۇق بىلەن چىڭدىلىدۇ. خامان چىڭداش ئالاھىدە مۇرەككەپ جەريان بولۇپ، تەلەپ قىلىدىغان ئىشىمۇ، تىخنىكا ماھارىتىمۇ ناھايىتى كۆپ. تۇياق ئىزىنى يوقۇتۇش، ئىگىز – پەس ئورۇنلارنى تەڭشەش، ئات- كالا تىزىكىنى ئادالاش، قۇرۇق كەلگەن ئورۇنلارغا سۇ چېچىش، ھۆل كەلگەن ئورۇنلىرىنى قۇرۇغداش،تۇلۇققا چاپلىشىۋالغان لاي كاللىكىنى قىرىپ تازىلاپ خامان سىرتىغا ئېپچىقىپ تۆكۈش، خامانغا تەكشى پاخال يېيىتىش، خامان مەركىزىدىن سىرتقا قارىتىپ توخىماي سۈپۈرۈش قاتارلىق جەريانلاردىن كېيىن خامان تەييار بولىدۇ. خامان تەييار بولغاندىن كېيىن، ئالدىن ئورۇلۇپ قويۇلغان دانلىق زىرائەتلەر خامانغا توشۇلۇپ، خاماننىڭ دەل ئوتتۇرۇسىغا كۆتىكى تۆۋەنگە، بېشى ئۈسىتىگە قارىتىلىپ تىزىلىپ، غارام قىلىنىپ رەتلىك بېسىلىدۇ.
خاماندا ئىشلىنىدىغان سايمان- جابدۇقلار ۋە ئۇلارنىڭ ياسىلىشى
1.        تۇلۇق: بۇ ئەجداتلىرىمىزنىڭ تاشتاراشلىق ھۈنەر- سەنئىتىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، تۇلۇقنىڭ تارىخىي ئاساسى ۋە ئىتنىك مەنبەسى ئەجدادلىرىمىزنىڭ تولىمۇ يېراق ئۆتمۈشىگە بېرىپ تۇتىشىدىغانلىقى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ. ئارخۇلوگىيىلىك قېزىلمىلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە ئەقىل- پاراسەتلىك ئەجدادلىرىمىز ناھايىتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرىلا تاشلارنى يۇنۇپ، ئۆزلىرىگە كېرەكلىك قورال- سايمانلارنى ياساپ ئىشلەتكەن. تۇلۇقمۇ شۇ قوراللارنىڭ بىرى بولۇش سۈپۈتى بىلەن، ئەجدادلىرىمىز ئەقىل- پاراسىتىنىڭ بىر بۈيۈك سەمەرىسى ھېساۋىدا، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىنىڭ مۇكەممەل بىر سايمىنى بولۇپ كەلگەن. تۇلۇق ياساشتا ئەجدادلىرىمىز ئۆزلىرى تۇلۇق بولىدۇ دېگەن تاشنى تاللاپ، ياسىلىدىغان تۇلۇقنىڭ چوڭ- كىچىكلىكىنى مۆلچەر قىلىپ، تاشقا قارا چېكىپ، چەككەن قارىنى بويلاپ تاشنىڭ ھەر 10-15 سانتىمېتىر يېرىدىن سۈمبا بىلەن تۆشۇك تەشكەن، تېشىلگەن بارلىق تۆشۈكلەرگە سۈمبا سېلىپ، سۈمبا ئەتراپىغا زىچ پانا قىستۇرۇپ، سۈمبىنى بازغان بىلەن تەكشى ئۇرۇش ئارقىلىق تاشلارنى يولى بويىچە پارچىلاپ، ئىسكىنە ئارقىلىق پارچىلانغان تاشنى يۇنۇپ تۇلۇق ياسىغان. تۇلۇقنىڭ ئىچكى بېشى ئىنچىكىرەك، سىرتقى بېشى تومراق ھالەتتە ياسىلىپ، ئىككى بېشىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدىن چىشى تۇرۇم (يەنى كۆزنەك ) ئورنىتىدىغان تۆشۈك ئېچىلىدۇ. بۇ تۆشۈككە چىشى تۇرۇم يەنى كۆزنەك ئورنىتىلغاندىن كېيىن، تۇلۇق ياغاچتىن ياسالغان جازىغا ئېلىنىدۇ. تۇلۇق جازىسىنىڭ ئىككى يېنىدىكى بالباققا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەركەك تۇرۇم تۇلۇقنىڭ چىشى تۇرۇمىغا كىرگۈزۈلۈپ، تۇلۇق جازىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە مۇستەكەم پانا- شىنالار قېقىلىپ، جازا تۇلۇقنى قويۇۋەتمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈلىدۇ.  تۇلۇق تۆت قىرلىق، ئالتە قىرلىق، سەككىز قىرلىق ، 12 قىرلىق تۇلۇق دېگەن تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىشلىنىش ئورنى ئوخشىمايدۇ.
2.          تولۇق جابدۇقلىرى: ئارقان- توشۇڭ: ئارقان- توشۇڭ كەندىر تالاسىدىن ئارقان –توشۇڭ ئېشىش غالتەكلىرى ئارقىلىق ئېشىپ تەييارلىنىدۇ.
3.         رىپىدە- جاۋەن: رىپىدە جەۋەن ئات- ئېشەك، قىچىرلارنىڭ تۇرقىنى چىقىش قىلىپ، ياغاچتىن ئوتتۇرىدىن مەلۇم ئارىلىق قالدۇرۇلۇپ،ئارقان – توشۇڭ ئۆتكۈزۈدىغان تۆشۈك ئېچىلىپ ، بىر تەرىپىگە كىگىز پارچىلىرىدىن رىپىدە قېقىلىپ ياسىلىدۇ. قېقىلغان رىپىدە يۇقىرىقى جاندارلارنىڭ بوينىنى ياغاچ جاۋەننىڭ رەخمىلەندۈرۈشىدىن ساقلايدۇ.
4.        ياغاچ ئارا ( ئۈچ قوللۇق ياغاچ ئارا، بەش، يەتتە ۋە سەككىز ياغاچ قوللۇق ئارا ) . ياغاچ ئارا ئاساسەن ئىرغاي ياغىچى بەزى جايلاردا يۇلغۇن تېلىدىن ياسىلىدۇ. ياغاچ ئار ياساش ئۇسۇلى: ئاۋال ئىرغاي ياكى يۇلغۇن تېلى قۇرۇتۇلۇپ، سۇغا چېلىنىدۇ. سۇغا چىلىنىپ، تالالىرى يۇمشىغان ئىرغاي ياغىچى ۋە يۇلغۇن تاللىرى كۆيۇپ كەتمىگۈدەك تەپتى بوشراق ئوتقا كۆمۈلۈپ پوچىلىنىدۇ. پۇچىلانغان ئىرغاي ۋە يۇلغۇن تاللىرى ئارا قوللىرىنى ئىگىپ كەلتۈرۈش قېلىپىغا سېلىنىپ، يان قوللىرىغا ئالاھىدە مۆرە چىقىرىلىپ، يان قول ۋە ئوتتۇرا قوللارنىڭ ئۇزۇن- قىسقىلىقى تەڭشىلىپ، سىمتىلاشتۇرۇلۇپ، ساپقا ئېلىنىدۇ. ساپقا ئېلىشتا ئارا قوللىرىنىڭ ساپقا ئۇلىنىدىغان يېرى ئارا سېپىغا جىپسىلاشتۇرۇلۇپ پاتاڭ بىلەن مۇستەھكەم تېڭىلىدۇ. ( پاتاڭ- كالا پاتىڭى بولۇپ، كالا سويۇلغاندا ئۇزۇن ھالىتىدە ئېلىنىۋىلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇلۇپ، ئىشلىتىلىدىغان ۋاقىتتا سۇغا چىلاپ يۇمشۇتۇلۇپ، ئىنچىكە يىپ شەكلىدە تىلىنىش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ ). ئارا ساپقا ئېلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئارا قوللىرىنىڭ بىر يەرگە يىغىلىۋالماسلىقى ئۈچۈن، ھۇشۇقچە سېلىنىدۇ. ( ھۇشۇقچە ئارا قوللىرىنىڭ كەڭلىكىنى ئۆلچەم قىلىپ تەييارلانغان تۆت قىرلىق سىپتا ياغاچ بولۇپ، ئارا قوللىرىنىڭ ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئارا قولى قانچە بولسا ھۇشۇقچىنىڭ شۇنچە يېرىدىن تۇرۇم ئېلىنىپ، ئارا قوللىرى شۇ تۇرۇملارغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ ). ياغاچ ئارا ياسىلىپ بۇ ھالەتكە كەلگەندىن كېيىن، ئارا قوللىرى يەنە بىر قېتىم ئىتتىك تىغلىق ئەسۋاپتا سىپتىلىنىپ، قېلىپقا ئېلىنىدۇ. ئارا قوللىرىنى قېلىپقا ئېلىش ئارانىڭ سۈپىنى ياخشىلاش، ئىشلىتىشكە ئەپلىكلەشتۈرۈش ۋە ئارا قوللىرىنىڭ قېيىپ كاردىن چىقماسلىقى ئۈچۈندۇر. ئۈچ قوللۇق ئارا ئاياق ئۆرۈش، پاخال چىقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. بەش،يەتتە، سەككىز قوللۇق ئارىلار مەخسۇس توپان سورۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ.
5.         سۈپۈرگە ( چىغ سۈپۈرگە، تىۋىلغا سۈپۈرگە، چەش سۈپۈرگۈسى ): سۈپۈرگە خاماندا كەم بولسا بولمايدىغان تازىلىق قورالى بولۇپ، ئۇنىڭ ياسىلىش ئۇسۇلى: مۇئايەن چوڭلۇقتىقى تۆمۈر ياكى سىمدىن قىلىنغان توڭكىغا ( ئىلگىرى ئەجداتلىرىمىز خام تاسىمىدىن توڭكا قىلغان دىيىلىدۇ ) پاتكۇدەك چىغ ياكى تىۋىلغا تېلىنى چىڭداپ تىقىۋالغاندىن كېيىن، تەتۈر قۇزۇق ( بۇ ئاچىماق بادرىنىڭ بىر ئاچىسى ئازراق قالدۇرۇلۇپ كېسىۋىتىلىپ، كېسىلمىگەن ئاچىسى ئۇچلۇق ئۇچلىنىپ ياسىلىغان سۈپۈرگە ياساش جاپدۇقى ) نى توڭكىغا تىقىۋالغان چىغ ياكى تېۋىلغا تېلىنىڭ دەل ئۇتتۇرىسىغا توغرىلاپ تىقىپ، تەتۈر قوزۇقنىڭ بېشى تاشقا ئۇرۇلۇپ قاتتىق قېقىلىدۇ. ئاندىن قېقىلىپ چىڭىغان تەتۈر قوزۇق چوت ياكى پالتىنىڭ چۇلدىسى بىلەن ئاستا ئارقىسىغا ئۇرۇلۇپ ياندۇرۇلىدۇ. تەتۈر قوزۇقنىڭ يېنىشىدىن ھاسىل بولغان بوشلۇقنى قوغلاپ، ئالدىن تەييارلانغان چىغ ياكى تېۋىلغا تېلى توڭكىغا ئاۋال كىرگۇزۇلگەن چىغ ياكى تېۋىلغا تېلى ئارىسىغا تىقىپ كىرگۈزۈلىدۇ. مۇشۇ تەرىقىدە بىرقانچە قېتىم قېقىش، كىرگۈزۈش تاماملانغاندىن كېيىن، ئالدىن ئۇلاپ تەييارلانغان ساپ ( دەستە ) خۇددى تەتۈر قوزۇق قېقىلغاندەك قېقىلىپ ساپلىنىدۇ. سۈپۈرگە بۇ ھالەتكە كەلگەندىن كېيىن چىغ بولسا، ئوتقا تۇتۇلۇپ، چىغنىڭ ساقاللىرى كۆيدۈرۈلىدۇ. ئاندىن توڭكا تۆۋىنىدىن مۇئايەن ئارىلىق قالدۇرۇلۇپ شوينا يىپ بىلەن چىغ ياكى تېۋىلغا تېلى ئايلاندۇرۇلۇپ چىگىلىدۇ. بۇنداق قىلىش سۈپۈرگە چىغى ياكى تېۋىلغا تېلىنىڭ ئاسان سۇنۇپ كاردىن چىقماسلىقى ئۈچۈندۇر.
6.        تۈرگە: ( كۆلۈك تۈرگۈسى، قول تۈرگۈسى ). چوڭ تۈرگە ( يەنى كۆلۈك تۈرگۈسى )، ئۇلاق قېتىپ توپاننىڭ ئېغىر قىسمىنى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۇزۇنلىقى ئىككى مېتىر، كەڭلىكى يېرىم مېتىر كېلىدىغان تاختاينىڭ ئىككى تەرىپىدىن مۇۋاپىق ئارىلىق قالدۇرۇلۇپ كەڭرەك تۇرۇم ئېلىنىپ، ئىككى تال تىرەك بېكىتىلىپ، تىرەكلەر بىر تال توغرا بالداق بىلەن چېتىلىپ تەييارلىنىدۇ.  قول تۈرگۈسى يەڭگىل ئەمما سۈپۈرگىنىڭ كۈچى يەتمەي سۈپۈرۈشكە قېيىنچىلىق تۇغدۇرغان توپانلارنى تۈرۈشكە ئشلىتىلىدۇ. بۇ ئۇزۇنلۇقى 40-50 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 20-30 سانتىمېتىر تاختاينىڭ دەل ئوتتۇرىسىدىن تىك تۇرۇم ئېلىنىپ، ئېلىنغان تۇرۇمغا ساپ بېكىتىش يولى بىلەن تەييارلىنىدۇ.
7.        غەلۋىر، ئۆتكەمە: بۇلار ئاساسەن زىرائەت دانلىرىنى ئوت ئۇرىقى، ئەخلەت- چاۋالاردىن پاكىزلاش ۋە ئۈگۈت قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ياسىلىش ئۇسۇلى:نىپىز تىلىنىپ قۇرۇتۇلغان سۆگەت پېنى تەپتى تۆۋەن قوقاسقا قاقلىنىپ، سىپتىلىق بىلەن ئىگىلىپ قاسقان ھالىتىگە كەلتۈرۈلۈپ، قاسقان تېگىدىن مۇئايەن ئارىلىق قالدۇرۇلۇپ، كىچىك- كىچىك تۆشۈكچىلەر ئېچىلىدۇ. ئاندىن ئاشلىنىپ ئەيلەنگەن ئۆچكە تېرىسىدىن تىلىنىپ، يىپچە ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەن تاسمىلار پىشۇلدۇرۇلۇپ، قاسقان تۆشۈكچىلىرىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، بەلگىلىك تەرتىپ بويىچە توقۇلۇپ تەييارلىنىدۇ. غەلۋىر قېلىنراق، ئۆتكەمە شالاڭراق توقۇلىدۇ. خەلق ئىچىدە غەلۋىر ئۆرۇيەلمىگەن دېھقاننى، ھەقىقى دېھقان ئەمەس دەپ قاريدىغان ئادەت بار. بۇنىڭدىن غەلۋىر بىلەن ئۆتكەمىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى پاكىزلاش قورالىنىڭ خەلقىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىدىكى ئورنىنىڭ ئىنتايىن يۇقۇرىلىقىنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇ.
8.        ياغاچ كۈرەك: ياغاچ كۈرەك قاراياغاچ ياكى كىگىز تېرەكنىڭ چاپما ھەرىدە ناھايىتى نىپىز قىلىپ تىلىنغان پېنىدىن ( شېلىدىن ) ياسىلىدۇ.  ئاساسەن ئارا چەش قىلىنغان زىرائەت دېنىنى قىزىلداش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
9.        ئۇزۇن تىللىق تاماق. خامان ئوتتۇرىسىغا غارام قىلىپ بېسىلغان زىرائەت ئۈنچىلىرىنى تارتىپ چىقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. تۆمۈردىن ياسىلىپ، ياغاچتىن ساپ بېكىتىلىدۇ.
10.         ئىككى قوللۇق ئارا: بۇ سايمان تۆمۈردىنمۇ ياسىلىدۇ. بەزى جايلاردا ئۈژمە ياكى قاراياغاچنىڭ قاۋۇلراق ئاچا بادرىلىرىدىنمۇ ياسىلىدۇ. تەننەرقى تۆۋەن، ئىشلىتىشكە ئەپلىك بولۇپ، ئاساسەن تارتىپ چىقىرىلغان زىرائەت ئۈنچىلىرىنى يېيىتىپ ئاياق سېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.
11.         ئوغاق: تىرناقتا تارتىپ، چىقىرىلغان زىرائەت ئۈنچىلىرىنىڭ باغلانغان بولسا ، بېغىنى كېسىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.      
خاماندا قىلىنىدىغان ئىش ۋە ئۇنىڭ تەرتىۋى:
1.        ئاياق سېلىش. بۇ غارام قىلىنغان زىرائەت ئۈنچىلىرىنى تىرناقتا تارتىپ، غارام ئەتراپىغا تەكشى يېيىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدا چوقۇم زىرائەت باشىقى زىرائەت كۆتۈكىنىڭ ئۈستىگە چىقىرىلىپ، تۇلۇق ياكى ھايۋان تۇيىقى بىۋاستە تېگىدىغان قىلىپ قويۇلىشى لازىم، مۇنداق بولمىسا تولۇق تۈرۈلۈپ قىلىش ياكى بولمىسا زىرائەت باشىقى زىرائەت كۆتۇكى تېگىگە كۆمۈلۈپ قېلىپ، تېپىلىش تەسىرگە ئۇچراپ، ۋاقىت ۋە كۈچ ئىسراپچىلىقى كېلىپ چىقىدۇ.
2.        ئاياق يۇمشىتىش. بۇ غارام ئەتراپىغا تەكشى يېيىلىپ سېلىنغان ئاياقنى تولۇق ياكى قوشاغدالغان بىر قانچە ( كۆپىنچە ئەھۋالدا بەش تۇياقتىن ئارتۇق ) تۇياق كۆلۈك ( ئات، كالا، قىچىر، ئېشەك ) كە يانچىپ دەسسىتىشنى كۆرسىتىدۇ. تۇلۇق بىلەن يۇمشىتىشتا ئاياقنىڭ سىرتىدىن ئىچىگە قاراپ تەدرىجى سىلجىش ئۇسۇلى بويىچە، ئاتنى قاترىتىپ ھەيدەش تەلەپ قىلىنىدۇ.
3.        ئاياق ئۆرۈش. ئاياق ئۆرۈش يۇمشىتىلغان زىرائەت پاخىلىنى ئەسلى ئونىدىن يېرىم مېتىر ئارقىسىغا ياندۇرۇش بولۇپ، توپاندىن تېپىلىپ بولغان زىرائەت پاخىلىنى ئايرىش جەريانىدۇر. بۇ تولىمۇ زىل ئىش بولۇپ، ئاياق ئۆرۈگۈچى سەللە دېھقەت قىلمىسا، پاخالغا دان چىقىپ كېتىدۇ. پاخالغا دان چىقىپ كېتىشنى ئۇيغۇر دېھقانلىرى بەكمۇ يامان ئالىدۇ.
4.        پاخال چىقىرىش. بۇ ئاساسەن دېنى تېپىلىپ تۈگىگەن زىرائەت پاخىلىنى خامان سىرتىغا ئارىدا سىلكىپ چىقىرىۋىتىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىشنى ئاساسەن ياشقا چوڭ، تەجرىبىلىك خامانچىلار قىلىدۇ.
5.        خاماننىڭ ئىچىدىن سىرتىغا، سىرتىدىن ئىچىگە سۈپۈرۈپ توپاننى ئاياق شاكلىگە كەلتۈرۈش. بۇ زىرائەت تېپىش جەريانىدا، تېپىلمەي قالغان زىرائەت باشاقلىرىنى ئوڭۇشلۇق يۇمشىتىش ئۈچۈن، تېپىلگەن زىرائەت توپىنىنى ئىچى- تېشىدىن سۈپۈرۈپ، ئوتتۇرىغا يېغىپ، ئاياق شەكلىگە كەلتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.
6.        توپاندىكى تېپىلمەي قالغان زىرائەت باشاقلىرىنى يۇمشىتىش. بۇ توپاندىكى تېپىلمەي قالغان زىرائەت باشاقلىرىنى يۇمشىتىش جەريانى بولۇپ،ئىككى چېتى سۈپۈرۈلۈپ، ئوتتۇرىغا ئاياق شەكلىدە يېغىلغان توپاننى قايتا تېپىشنى كۆرسىتىدۇ. مەزكۇر ئىش خامان تېپىشتىكى ئەڭ نازۇك ئىشلارنىڭ بىرى بولۇپ، توپاندىكى زىرائەت باشاقلىرى تەل- تۆكۈس تېپىلمىسە، چا- چاقماق كۆپ چىقىۋىلىپ، سورۇقتا نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا تەجرىبىلىك خامانچىلار بۇ جەرياندا توپاننى توختىماي ئوڭدا- دۈمدە قىلىپ ئۆرۈپ، تېپىشنى ئۇزاق داۋاملاشتۇرۇپ، كۆڭۈل توختاتقاندىن كېيىن، تېپىشنى توختۇتىدۇ.
7.        توپان يىغىش. بۇ بىر كۈنلۈك خامان تېپىش ئىشنىڭ خاتىمىسى بولۇپ، بۇ ئىشقا تۇلۇقچى، خامانچى ۋە يېقىن- يۇرۇقلار بىراقلا سەپەرۋەر قىلىنىدۇ. خامان تېپىش قائىدىسىدە ھەر كۈنلۈك تېپىلگەن زىرائەتتىن چۈشكەن توپان شۇ كۈنى يىغىلىۋىتىلىشى شەرت. ئەتىگە قالسا قېلىنلاپ كەتكەن توپان ئۈستىگە سېلىنغان ئاياق لۆمشىۋىلىپ، ئەتىكى تېپىش ئىشىغا دەخلى- تەرۈز يەتكۈزىدۇ. شۇڭا ‹‹ بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويما ››دېگەندەك بۇ كۈنى قانچە كېچە بولۇپ كەتسىمۇ، توپان بەلگىلەنگەن مۇۋاپىق جايغا يىغىلىپ خامان پاك- پاكىز  ھالىتىگە كەلتۈرۈلىدۇ.
8.        توپان سورۇش.  بۇ سورۇق سورۇش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سورۇق سورۇش بىر قەدەر يىخنىكىلىك تەلىپى ئېغىرراق بولغان ئەمگەك جەريانى بولۇپ، ئاساسەن تەڭغا يېقىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. چۈنكى سەھەرنىڭ شامىلى بىر قەدەر تۇراقلىق ھەم رېتىملىق بولغاچقا، توپان سورۇشقا تازىمۇ باپ كېلىدۇ. ھەم خامان ئىشى بىر كۈندە تۈگەيدىغان ئىش بولمىغاچقا، ئەتىكى خامان تېپىشكە دەخلى يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، سورۇق كېچىدە سورۇلىدۇ.
9.        قۇيرۇق ئاخرىتىش. بۇ توپان سورۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، زىرائەت دېنى بار دەپ قارالغان دائىرىنى مەركەز قىلىپ سورۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن دان ئايرىم، سامان ئايرىم ئىككىگە بۆلۈنۈپ دۆۋە قىلىنىدۇ. توپاندىن ئاجرىتىلغان زىرائەت دېنى ئارا چەش دەپ ئاتىلىدۇ.
10.        چەش قىزىلداش. بۇ ئارا چەش قىلىنغان زىرائەت دېنىنى سەلكىن شامالدا قايتا سورۇشنى كۆرسىتىدۇ. بەزى جايلاردا ئارا چەش قىلىنغان زىرائەت دېنى كەڭ دائىرىگە يېيىتىلىپ، مايخان قىلىنىپ، قوشاغدالغان ئات ياكى كالىغا دەسسىتىلىپ، قايتا يىغىلىپ سەلكىن شامالدا كۈرەك بىلەن سورۇلىدۇ. ئارا چەشنى قىزىلداش جەريانىدا مەخسۇس ياسالغان چىغ سۈپۈرگە بىلەن زىرائەت دېنىغا ئارىلىشىپ قالغان چا- چاقماق، زىرائەت غولى قاتارلىق ئەخلەتلەر سۈپۈرۈپ تازىلىنىپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن زىرائەت دېنى تەل- تۆكۈس تەييار بولغان بولىدۇ.
11.        چا- چاقماق يۇمشىتىش. بۇ توپان سورۇش، ئارا چەشنى قىزىلداش جەريانىدا سۈپۈرۈپ چىقىرىۋىتىلگەن چالا تېپىلىپ قالغان زىرائەت باشاقلىرىنى قايتا تېپىشنى كۆرسىتىدۇ. كۆپىنچە ئەھۋاللاردا چا- چاقماقلار قايتا تېپىلمەي، خامان ھەققى ، قۇش- قۇرۇت، جان- جانىۋار ھەققى دەپ قارىلىپ، خامان ئەتراپىغا چېچىۋىتىلىدۇ.
12.        تەييار بولغان زىرائەت دېنىنى ئامبارلاشتۇرۇش. بۇ زىرائەت دېنى قىزىلدىلىپ تەييار بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەڭ ئاخىرىقى ئەمگەك جەريانى. دېھقاننىڭ ھاردۇقى چىقىدىغان ئۈمۈد تولغان ۋە ھوزۇرلۇق دەملىرى. زىرائەت دېنى قىزىلدىنىپ بولغاندىن كېيىن چەش بۇرنىدىن بىر كۇرە زىرائەت دېنى ئېلىنىپ، دۆۋىلەنگەن چەش ئەتراپىغا تەكشى چېچىلىدۇ. بۇ دېھقاننىڭ بىر يىللىق جاپالىق ئەجرىدىن كەلگەن مەخسۇلاتىنىڭ ھەممە ھاجەتلىرىگە يېتىش ئارزۇسىنى ئىپادە قىلىدىغان بىر خىل ئىرىملىق ئادەت. ئاندىن قايتا چەش بۇرنىدىن بىر كۇرە زىرائەت دېنى ئېلىنىپ، خاماننىڭ بىر چېتىگە قويۇپ قويۇلىدۇ. بۇنى تۇرمۇشىدا قېيىنچىلىقى بار بىرەر كىشى ئالىدۇ. بۇ كەپسەن دەپ ئاتىلىدۇ. ئاندىن كېيىن قىزىلدالغان زىرائەت دېنى قاپ – تاغارلارغا قاچىلىنىپ، ھارۋا ۋە ئۇلاغلار بىلەن توشۇلۇپ ئامبارلاشتۇرۇلىدۇ.

«مىراس ژورنىلى» 2012- يىلى 6- سانىدىن يوللاندى

mukam.cn

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1044
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 78
تۆھپە : 0
توردا: 11
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-3 00:41:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئۇيغۇرلاردا خامان»نى كۆرۈپ، بالىلىق چاغلىرىم كۆز ئالدىمغا كەلدى. ئاھ، ئاشۇ يىللار... خاماندىكى مۇما بايراق، ئىزىش ۋاسىتىلىرى بېسىم، نەتىجە بولسا، نىشان ھەم بەخت مەنبەسى ئىدى! بۈگۈنكى بالىلار ئاشۇ كۆرۈنۈشلەرنى مەڭگۈ بىۋاسىتە كۆرەلمەسلىكى مۇمكىن. ئۇنتۇلۇشقا باشلىغان ئىسىل تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز، رەھمەت سىزگە! يەنە مۇشۇنداق تىمىلارغا تەشنا بىز! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   a.j.tuprak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-3 00:45  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  252
يازما سانى: 428
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1080
تۆھپە : 1
توردا: 315
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-1

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-3 00:50:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنتۇلۇپ كېتىۋاتقان ئېسىل ئادەتلىرىمىزنى ئەسلىتىدىغان ياخشى تېما يوللاپسىز.بۇنى ھازىرقى بالىلار بىلمەيدۇلا ئەمەس، بىزمۇ ئۇنتۇپ كېتەيلا دەپ قالغان.ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  371
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 363
تۆھپە : 0
توردا: 103
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-16

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-3 00:56:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىدىن مەنمۇ ھوزۇرلاندىم ، تېما يوللىغۇچىغا رەھمەت !

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 1167
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 6528
تۆھپە : 3
توردا: 676
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-26

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-3 00:58:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق  ئىسىل تىمىلىرىڭىزغا تەشنا بىز رەھمەت سىزگە

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  69
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 889
تۆھپە : 12
توردا: 300
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-30

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-3 11:52:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوغلۇم تولۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقاندا خاماننى بىلمىگەن ئىدى شۇنداق خاپا بولغان ئىدىم ۋە تەتىل بولۇشىغا يېزىغا بېرىپ خاماننى كۆرسىتىپ خامان ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن ئىدىم. ماۋۇ ماقالىنى ئوقۇتسام ئۇ بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتقا ئىگە بولىدىغان بولدى،

كارىزلارنى قۇتۇلدۇرۇش، كارىزلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ھەر بىرىمىزنىڭ بۇرچى!
http://www.karizim.cn

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  889
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 652
تۆھپە : 0
توردا: 170
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-3 14:28:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇخېلىل ئاكا مۇمكىن بولسا مۇندەرىجىسىنىمۇ يوللاپ قويغان بولسىڭىز.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  889
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 652
تۆھپە : 0
توردا: 170
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-3 14:28:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇخېلىل ئاكا مۇمكىن بولسا مۇندەرىجىسىنىمۇ يوللاپ قويغان بولسىڭىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  265
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 207
تۆھپە : 7
توردا: 51
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-29

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-3 15:55:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  83
يازما سانى: 433
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1499
تۆھپە : 3
توردا: 289
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-30

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-3 16:41:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىنى ياخشى يورۇتۇپ بېرىپسىز، باشقىلار نىڭ نەزىرى ئاغدۇرۇلمىغان ياخشى تېمىدا پىكىر قىپسىز، قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن، ھارماي يېزىپ تۇرۇڭ ئاكا!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1413
يازما سانى: 297
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1022
تۆھپە : 0
توردا: 108
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-25

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-3 18:29:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېما ئۈچۈن كۆپ ئەجىر سىڭدۈرلۈپتۇ . مۇشۇنداق تېمىلار ئۈچۈن قەلەم تەۋرىتىپ بىلدۈرگىلەرنى ئوتتۇرغا قويۇش ئۈنچىۋالا ئاسان ئىش ئەمەس ، كۆپىنچىمىز خامان ھەققىدە ئازدۇر – كۆپتۇر بىر نېمىلەرنى بىلسەكمۇ ، بۇنداق ئەتراپلىق بايان قىلالىشىمىز ناتايىن .مەيلى چوڭلار بولسۇن ، مەيلى بالىلىرىمىز بولسۇن چوقۇم بىلىشكە تىگىشلىك ئەنئەنىۋىلىككە ئىگە بىلىملەرنى يېزىققا ئېلىپ ، ئاتالغۇلىرىنى توغرا ئىشلىتىپ ، مەنىسىنى چۈشۈنۈشلۈك قىلىپ چىقىش يولىدا ئىزدەنگۈچىگە ئۇتۇق ، نۈسرەتلەر كەم بولمىسۇن .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  398
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 148
تۆھپە : 2
توردا: 34
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-13

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-3 22:45:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاداش، تىمىلىرىڭ -ئۈزۈلۈپ قالمىغاي!
سالامەتلىك ساڭا يار بولسۇن...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  182
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1208
تۆھپە : 3
توردا: 276
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-30

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-3 23:40:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇخېلىل ئاكا مۇمكىن بولسا مۇندەرىجىسىنىمۇ يوللاپ قويغان بولسىڭىز.

ئۇكام مۇھەممەتجان توختى بۇ ژورنال ماڭىمۇ تۇتىيادۇر .

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1497
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 42
تۆھپە : 0
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-3 23:59:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ تېمىنى كۆرۈپ ھاردۇقۇم چىقتى جۇمۇ ئاكا ، ئەجرىڭىزنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن قەلىمىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن.

مەن ئۇيغۇر!!!
ARKZAT ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7
يازما سانى: 441
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2091
تۆھپە : 8
توردا: 798
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-30

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-4 00:04:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرەققىي قىلىشقا باشلىدۇق، ئەمما تەرەققىياتلىرىمىز  بەزى ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەتلىرىمىزنى ئاسمېلاتسىيە قىلىش بەدىلىگە قولغا كېلىۋاتىدۇ. ھازىرقى بالىلار خاماننى ئەمەس، ناننىڭ قانداق يوللار، ئۇسۇللار بىلەن يېمەكلىك بولۇپ چىقىش جەريانىدىكى ھالقىلاردىن كۆرە «پور نان»(ئابدۇكېرىم ئابلىز بەك ياخشى نام قويدى)نى بەكراق بىلىدۇ.  ئىلگىرى خامان يېقىملىق لاي-لاي ناخشىلىرى ساداسى ئىچىدە ئېلىناتتى. ئۇنىڭدا دوستانە-ھەمكارلىق ئاساسىدىكى ئۆتنە-لاپقۇتلار بولۇپ تۇرۇش ئارقىلىق ئۆز ئارا مېھىر يۈرۈشەتتى.......
   ئويلاپ باقسام، ھازىر خامان ئېلىش سەر خىللىشىپ، «تەرەققىي قىلىپ» تاش يوللارغا ئەنجىلەرنى دۆۋىلەپ قويۇپ، قاتناش ۋاستىلىنىڭ ھەقسىز ياردىمىدە ئېلىنىدىغان، بۇ تۈپەيلى نۇرغۇن قاتناش قولايسىزلىقلىرى كېلىپ چىقىدىغان مۆجىزىلەرمۇ بارلىققا كەلدى.
   ئابدۇخېلىل،خاماندا ئىشلىتىلىدىغان سايمان- جابدۇقلار  ئىچىدە يەنە جەنۇبلاردا «سەكسەن پۇت»دەپ ئاتىلىدىغان بىر  سايمانمۇ بولىدىغان. بۇ ھەقتىكى بىر ئىزدىنىپ باقساڭ ئاداش.
   يوقىلىش ۋە ئۇنتۇلۇش خەۋپىدە تۇرىۋاتقان بايلىقىمىزدىن بىرنى مەدەنىيەت خەزىنىمىزگە باشلاپ كەلگەن ئەجرىڭدىن سۆيۈندۈم، بۇرادەر.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش