«ئاقسۇ ئەدەبىياتى»ژۇرنىلى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرلەش مۇناسىۋېتى بىلەن شىنجاڭ خەلق نەشرياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ئىككى مەخسۇس توپلام «تەكلىماكان چىچەكلىرى» (شىئېرلار توپلىمى) ۋە «تارىمدىكى ئاي»نى (ھېكايە - نەسىرلەر توپلىمى) تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق. مەزكۇر توپلامغا كىرگۈزۈلگەن ئەسەرلەر «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»دا 30 يىلدىن بۇيان ئېلان قىلىنغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەردىن تەشكىل قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ۋە ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى يازغۇچىلىرىمىزنىڭ 30 يىللىق تەررەققىيات ئىزلىرىنى، ئىجادىيەت نەتىنجىلىرىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. توپلامغا كىرگۈزۈلگەن ئەسەرلەرگە يەنە ئاپتورنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى ۋە ئۆلچەملىك سۈرەتلىرى قوشۇمچە قىلىنغان بولۇپ مەزكۇر ئىككى توپلام كەڭ ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى ۋە بۇ جەھەتتىكى ئۇچۇرلارغا قىزىققۇچىلار ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى قورال كىتاپلىق رولىنىمۇ ئوينايدۇ.