يەكەن خانلىقىنىڭ خاقانلىرى
يەكەن خانلىقى خانلىقى 16-ئەسرنىڭ باشلىرى ئۇيغۇرلاشقان چاغاتاي ئەۋلادى تەرپىدىن قۇرۇلغان خانلىق. بۇ بىر پۈتۈن ئۇيغۇرلار تارىخدىكى ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە باشقا ساھەلەر گۈللەپ ياشنىغان ئالتۇرن دەۋىر.
تۇنجى خان سۇلتان سەئدخان- خانلىقىنىڭ ئاساسچىسى، شەرقى چاغاتاي خانلىقىنىڭ خاقانى ئەھمەدنىڭ 3-ئوغلى. 1490-يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان. 1514-يىلى يەكەندە رەسمى خانلىقىنى قۇرغان. 1514-يىلدىن 1533-يىلغىچە خانلىق تەختىدا ئولتۇرغان. زىمىن كېڭەيگەن، خەلق تىنىچ ئاسايىشلىققا ئىرشكەن. 1533-يىلى 47 يېشىدا لاداققا قارشى غازات ئۇرشىدا ۋاپات بولغان.
2
- خان سۇلتان ئابدۇرەشىدخان- سەئىدخاننىڭ چوڭ ئوغلى. 1533-يىلدىن 1559-يىلغىچە خانلىق تەخىتتدە ئولتۇرغان. ئۆز ھۈكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملىگەن. مەدەنىيەت سەنئەتنى گۈللەندۈرىگەن. 1559-يىلى خوتەننى تەكشۈرۈش جەريانىدا سۇيقەستكە ئۇچۇراپ ۋاپات بولغان.
3- خان ئابدۇلكەرىمخان- سۇلتان ئابدۇرەشدخاننىڭ 2-ئوغلى. يەكەن خانلىقىدا ئەڭ ئۇزۇن ھۈكۈم سۈرگەن. 1559-يىلدىن 1591-يىلغىچە خانلىق تەخىتتدە ئولتۇرغان. ئۆز ھۈكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملىگەن. مەدەنىيەت سەنئەتنى گۈللەندۈرىگەن. 1591-يىلى ئوردىدىكى توپلاڭ سەۋەبىدىن بارچۇقتا ئۆلتۈرۈلىگەن.
4- خان مۇھەممەدخان – ئابدۇلكەرىمخاننىڭ ئىنىسى. 1591-يىلدىن 1609-يىلغىچە خانلىق تەخىتتدە ئولتۇرغان. خانلىق ئىچىدە ئىچكى نىزا كۆپەيگەن، زاۋالىققا قاراپ يۈزلىنىشكە باشلىغان. 1609-يىلى مۇھەممەدخان ۋاپات بولغان.
5
- خان ئەھمەدخان- مۇھەممەدخاننىڭ ئوغلى. 1609-يىلدىن 1618-يىلغىچە خانلىق تەخىتتدە ئولتۇرغان. 1618-يىلى بارچقتا ئوۋ ئوۋلاۋاتقاندا توپىلاڭچى ئەمىرلەر تەرپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلىگەن.
6- خان ئابدۇللەتىپخان- ئەھمەدخاننىڭ 2-ئوغلى. 1618-يىلدىن 1630-يىلغىچە خانلىق تەخىتتدە ئولتۇرغان. ئۆز ھۈكۈمرانلىقىنى كۈچەيتكەن، ئاتىسنى قەستلىگەنلەرنى يۇقاتقان. يەكەن خانلىقنىڭ بىر مەزگىللىك گۈللىنىش مەنزىسسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. 1630-يىلى 26 يېشىدا ۋاپات بولغان.
7- خان سۇلتان ئەھمەدخان- ئەھمەدخاننىڭ نەۋرىسى. تۈمۈر سۇلتاننىڭ ئوغلى. 1630-يىلىدىن 1638-يىلغىچە تەختىكە چىققان. 1638-يىلى ئابدۇللاخاننىڭ ھۇجۇم قىلىشى بىلەن قېچىپ كەتكەن.
8- خان سۇلتان مەھمۇدخان- سۇلتان ئەھمەدخاننىڭ ئىنىسى. ئاكىسى ئەھمەدخان بىلەن كۆپ يىل ئۇرۇش قىلغان، بۈلۈنگەن، نەتىجىدە ئاخرى ئاكىسى ئەھمەدخاننىڭ قوللوغىچىلىرى تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلىگەن. يىل سانى ئېنىق ئەمەس.
9-خان ئابدۇللاخان- سۇلتان ئابدۇرەشدخاننىڭ نەۋرىسى، ئابدۇرەھىمخاننىڭ ئوغلى. 1635-يىلدىن 1667-يىلغىچە خانلىق تەخىتتدە ئولتۇرغان. بىر مەزگىللىك بۈلۈنمىچىلكىنى تىنجىتقان، ئاسايىشلىقىنى شەكىللەندۈرىگەن. دىنى مەزھەپلەرنىڭ كۈچييىپ كىتشىنى، ئاق تاغلىق خۇجىلارنىڭ ھاكىميەتكە ئارلىشۋېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئامالسىز ھاكىميەتنى ئوغلىغا تاشلاپ بىرىپ ھەج سەپىرىگە ماڭغاندا ئوغلى يولۋاسخان تەرپىدىن 1667-يىلى ئۆلتۈرۈلىگەن.
10-خان يولۋاسخان- ئابدۇللاخاننىڭ ئوغلى. ئاق تاغلىق خۇجىلارنىڭ قوللىشى بىلەن 1667-يىلدىن 1670-يىلغىچە خانلىق تەخىتتدە ئولتۇرغان. قارا تاغلىقلارنى پاجئەلىك ھالدا باستۇرغان. 1670-يىلى توپىلاڭدا ئۆلتۈرۈلىگەن.
11-خان ئابدۇللەتىپخان- يولۋاسخاننىڭ ئوغلى. 1670-يىلى خانلىق تەخىتتدە ئولتۇرغان. ئاردىن ئۇزۇن ئۆتمەي تەختىنى ئىسمايىلخان تارتىۋالغان.
12-خان ئىسمايىلخان- ئابدۇلەتىپنىڭ ئوغلى، ئابدۇللاخاننىڭ ئىنىسى. قارا تاغلىقلارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا 1670-يىلى خانلىق تەخىتتدە ئولتۇرغان. ئاردىن ئۇزۇن قەشقەردىكى يولۋاسخاننىڭ ئوغوللىرنى ئۆلتۈرگەن. ئاق تاغلىقلارنى قاتتىق باستۇرغان. ئاپپاق خۇجىنى قەشقەردىن سۈرگۈن قىلغان. ئاپپاق خۇجا شىزاڭغا بىرىپ دالاي لاماغا يالۋۇرغان لاما دىنىغا بەيئەت قىلغان. 1680-يىلى غالدان تاشقى قەھەتتىن ئاپئاق خۇجا ئىچكى جەھەتىن ماسلىشىپ يەكەننى ئىشغال قىلغان، ئىسمايىل خان ۋە ئائىلە تاۋاباتلىرنى ئىلغا سۈرگۈن قىلغان. شۇنىڭ بىلەن يەكەن خانلىقى مۇنقەرىز بولغان.
شۇنداق قىلىپ ئىككى ئەسىرگە يىقىن ھۈكۈم سۈرگەن، مەدەنىيەت گۈللەنگەن يەكەن خانلىقىدا 12 خاقان تەختتە ئولتۇرغان. بۇ خاقانلارنىڭ ئىش پائالىيتى بىلەن تۇنۇشۇش بىر پۈتۈن تارىخنى تەتقىت قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئەسكەرتىش:
بىزنىڭ شىر يۈرەك ئەجدادلىرىمىز تارىخى دەۋىرلەردىن تارتىپ تارىم ئويمانلىقىنى مەركەز قىلغان ئوتتۇرا ئاسيا رايۇندا ياشاپ كەلگەن. جوڭگۇ ۋە دۇنيا تارىخغا غايەت زور تەسر كۆرسەتكەن. شۇڭا ئەجدادلىرمىزنىڭ شەجەرسىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقمىز لازىم. شۇ ۋەجىدىن مەن بىرنچىدىن ئەجدادلىرىمىز ياشىغان تارىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز ئىككنجدىن كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا ئائىلە شەجەرسىنى تەتقىت قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى نەزەردە تۇتۇپ غەربى يۇرت تارىخمىزدىكى خاقانلارنىڭ نەسەپنامىسىنى خانىلىق نامى، قۇرغۇچىسى، تەخىتە ئولتۇغان ۋاقىتلىرى بۇيچە ئاددىي ھالدا توپلاپ بارلىق مۇنبەرداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم ! پايداىلىنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. شۇڭا بۇ جەريانىدا بەزىبىر خاتالىق ياكى سەۋەنلىك ھەم كەم قالغان جايلىرى بولسا تەنقىدى پوزۇتسىيە تۇتۇشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.
توپلاپ رەتلىگۈچى : ئەمەتجان سەمەت
پايدىلانمىلار:
ۋېي لىياڭتاۋ يەكەن خانلىقىنىڭ تارىخدىن ئومومىي بايان شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1999-يىل نەشرى
تۈگىدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەمەتجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-1 10:24