ximal
كۆرۈش: 246|ئىنكاس: 4

<< قەبرىگە تۆكۈلگەن ياش>>نىڭ جۇلاسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1596
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 529
تۆھپە : 11
توردا: 57
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-11 18:36:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                        << قەبرىگە تۆكۈلگەن ياش>>نىڭ جۇلاسى
                       پولات غەنىزات غەيۇرانى
                يېڭى يىللىق قەدەمنى ئىسىل كىتابلارنى ئوقۇش بىلەن باشلاشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ، كىتاب جازامغا نەزەر تاشلىغانىدىم، داڭلىق سىنارىت، يازغۇچى ئۆمەر قادىرنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2007- يىلى 3- ئايدا نەشر قىلغان <<قەبرىگە تۆكۈلگەن ياش>> ناملىق سېنارىيە توپلىمى كۆزۈمگە ئالاھىدە چېلىقتى. شۇنىڭ بىلەن ۋاراقلىغانىدىم، سىنارىيەسىنى ئۆمەر قادىر يازغان فىلىملەردىن 1999- يىلى 8- ئايدا ئۈرۈمچىدە ئىشلەنگەن <<قەبرىگە تۆكۈلگەن ياش>>، 1999- يىلى2- ئايدا ئۈرۈمچىدە ئىشلەنگەن<<دوزاققا سەپەر>>، 1999-يىلى 12- ئايدا ئۈرۈمچىدە ئىشلەنگەن <<سەھرادىن كەلگەن دادا>>، 2000- يىلى كۈچا ناھىيەسىدە ئىشلەنگەن <<تەڭرى گۇۋاھ>>، 2001- يىلى 2- ئايدا ئۈرۈمچىدە ئىشلەنگەن <<پىغانلىق ناخشا>>، 2001- يىلى ئۈرۈمچىدە ئىشلەنگەن <<كۈلكىگە يۇشۇرۇنغان يىغا>> قاتارلىق 17 فىلىمنىڭ كۆرۈنۈشلىرى بىرىلگەن بولۇپ، 1990- يىلىدى 2000 - يىلىغىچە بولغان ئەڭ گۈللەنگەن ئۇيغۇركىنوچىلىقىنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى ئەسلەتتى.  <<قەبرىگە تۆكۈلگەن ياش>>، <<پىغانلىق ناخشا>>، <<بۇ چۈش ئەمەس>>، <<قىرلىق ئىستىكان>> قاتارلىق فىلىملەر ئۆز زامانىسىدا ئولتۇرسا-قوپسا كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىن چۈشمەيدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلانغانىدى، فىلىمنىڭ ھازىرمۇ جەمئىيەتتىك بىرقىسىم جايلىرىدا، بىرقىسىم كىشىلەردە مەۋجۇت ناچار ئىللەتلەرنى قامچىلاپ، بۈگۈنكى بەختىيار تۇرمۇشنىڭ قەدرىگە يىتىشتە يەنىلا تەربىيىۋى ئەھمىيىتىنى  يوقاتقىنى يوق. شۇۋاقىتلاردا  نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مەخسۇس پىلاستىنكا دۇكانلىرىغا كىرىپ <<قەبرىگە تۆكۈلگەن ياش>>، <<قىرلىق ئىستىكان>>، <<بۇ چۇۈش ئەمەس>> قاتارلىق فىلىملەرنى بەس - بەستە سېتىۋېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەنىدىم. ئارىدىن ئون يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە بولسا تۈركىيە پىلىملىنىڭ شۇنداق ھالەتتە سېتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇيغۇر كىنوچىلىقىنىڭ سۇسلىشىپ قالغانلىقىدىن قاتتىك ئەپسۇسلاندىم، ھەم چوڭقۇر خىياللارغا چۆكۈپ، <<بۇ نېمە سەۋەبتىن، يازغۇچىلىرىمىز يۇقىرىقىدەك ياخشى فىلىملەرنىڭ سىنارىيىسىنى يازالمايۋاتامدۇ، ياكى ئارتىسلىرىمىز كەممۇ، يا بولمىسا مەبلەغ يىتىشمەيۋاتامدۇ؟>> دېگەن خىيالنىڭ چىكىگە يىتىپ بولالماي،  ئۆزۈم ئەڭ ياخشى كۆرگەن <<قەبرىگە تۆكۈلگەن ياش>> فىلىمىنىڭ سىنارىيەسىنى پۈتۈن زىھنىم بىلەن بىرىلىپ ئوقۇپ چىقتىپ، قاتتىق تەسىرلەندىم. (فىلىمنىمۇ ئۆز ۋاقتىدا تاكرار ئۈچ قېتىم كۆرگەنىدىم، ئارىدىن ئون يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە  يەنە بىر كۆرەي دېسەم ھېچقانداك پىلاستىنكا دۇكانلىرىدىن ئىزدەپ تاپالمىدىم.) كىتاب مۇقاۋىسى ناھايىتى سىپتا لايىھەنگەن بولۇپ، ئاپتورنىڭ ئۆز زامانىسىدىلا ئەمەس، ھازىرمۇ كۆرەي دېسىڭىز ئىزدەپ تېپىش تەس بولغان << قەبرىگە تۆكۈلگەن ياش>> قاتارىق ئەڭ نادىر فىلىم سىنارىيەلىرىدىن ئالتىسى كىرگۈزۈلگەن، ھەرقاندق ئوقۇرمەننى ھاياجانغا سالالايدىغان ئىسىل سىنارىيىلەر توپلىمى ئىدى. چۈنكى ئېسىمدە قېلىشىچە، بۇ فىلىم 1999- يىلى ھەرقايسى كىنوخانىلاردا قويۇلۇپ، كۆرۈرمەنلەرنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن ھەم ھاياجانلاندۇغان، ئۆزىدىكى  بەدىئىي جەلپ قىلىش كۈچىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن شۇ يىللاردا كەڭ تاماشىبىنلار ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىغان، كىنونىڭ بەدىئىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، ھەرقايسى گېزىت-ژۇرناللاردا ئەدەبىي ئوبزورلار ئېلان قىلىنغانىدى. بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر تەربىيەۋى قىممىتى كۈندىن كۈنگە ئېشىۋاتقان، ئۇيغۇر تىلىدا ئىشلەنگەن ئەڭ   نادىر فىلىملەرنىڭ بىرسى ئىدى.  شۇ ۋاقىتتا بۇ فىلىمنى تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيىسى تەرىپىدىن ئۈرۈمچىدە سەرەتكە ئېلىنغان بولۇپ، رېژىسسورلۇقىنى بۇ سىتودىيىنىڭ داڭلىق رېژىسورى شىرزات ياقۇپ، ئوپىراتۇرلۇقىنى ئاتاقلىق تاجىك ئوپىراتورى بەختى ياقۇپ قىلغان. فىلىمنىڭ مۇزىكىسىنى بولسا داڭلىق ناخشىچى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئىشلىگەن. ناخشا تىكىستىنى داڭلىق شائىر مەمتىلى زۇنۇن يازغان. فىلىمدىكى ئاساسلىق روللارنى غەيرەت ئۆمەر، نىجات نىياز، رەيھان ئابلىز، تىللاقىز مامۇت،  ئامانگۈل سىدىق، قەيسەر ئەنۋەر، ئامىنە ئابلا، گۈلزار تۆمۇر قاتارلىقلار ئالغان، بۇ ئارتىسلارمۇ مۇشۇ فىلىم بىلەن داڭ چىقارغانىدى. بۇ مەزگىللەر ئۇيغۇر كىنوچىلىقىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن ئالتۇن دەۋرى ئىدى. توپلامغا بولسا <<قەبرىگە تۆكۈلگەن ياش>> قاتارلىق پەقەت ئالتە سىنارىيىلا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، <<قەبرىگە تۆكۈلگەن ياش>> سىنارىيەسىدە  110 كۆرۈنۈش تەسۋىرلەنگەن. مەزمۇنى چوڭقۇر، ۋەقەلىك ۋە ئىجابىي، سەلبىي پېرسوناژلار خاراكتىرىنىڭ يارىتىلىشى جەھەتتە پېرسوناژلار ئۆزى تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ماكان، زامانغا ئويغۇن ، تىلى ئاممىباپ، چۈشىنىشلىك، كىنو تىلى ئۇسلوبى ھەرخىل فېرسوناژ خاراكتىرىگە تولىمۇ ماسلاشقانىدى. بولۇپمۇ سىنارىيەدە تەسۋىرلەنگەن ۋەقەلىك ۋە پېرسوناژلار جەمئىيەتنىڭ مەلۇم بىر جايىدا تىرىكچىلىك قىلىۋاتقاندەكلا بىلىنەتتى، سىنارىيە ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى. <<ھازىر نېمە دەپ مۇشۇنداق نادىر فىلىملەر ئىشلەنمەيدۇ؟ مۇشۇنداق داڭلىق فىلىملەرنىڭ پىلاستىنكىسىنى قايتا ئىشلىسە، بالىلىرىمىز تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ  كىنو فىلىملىرىنى كۆرۈپلا قالماي، ئۆزىمىزنىڭ فىلىملىرىنى كۆرسە، مەدەنىيىتىمىزنى، ئۆرپ - ئادىتىمىزنى تېخىمۇ مۇكەممەل بىلسە، يەنە كېلىپ ئۇيغۇر تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن يۇقىرىدا تىلغا ئالغان فىلىملەرنى بالىلىرىمىز قايتا-قايتا كۆرسە، ھاياتتا كىشىلىك تۇرمۇشتىكى گۈزەللىك بىلەن خۇنۇكلۈكنى، ئالىيجانابلىق بىلەن پەسكەشلىكنى، ئادالەت بىلەن رەزىللىكنى، ئىلغارلىق بىلەن قالاقلىقنى، باتۇرلۇق بىلەن قورقۇنچاقلىقنى، ئىشچانلىق بىلەن ھورۇنلۇقنى، مەرىپەتپەرۋەرلىك بىلەن نادانلىقنى، مەرتلىك بىلەن بىخىللىقنى، ئىنسانپەرۋەرلىك بىلەن شەخسىيەتچىلىكنى، ئالغا ئىنتىلىش بىلەن بىكىنمىچىلىكنى، ئىتتىپاقلىق بىلەن ئىناقسىزلىقنى، ۋاپادارلىق بىلەن ۋاپاسىزلىقنى، كەمتەرلىك بىلەن تەكەمبۇرلۇقنى، سەمىمىيلىك بىلەن ئالدامچىلىقنى تېخىمۇ ئوبدان تۇنىغان بولاتتى>> دېگەن خىيالغىمۇ كەلدىم. چۈنكى كىنو فىلىملىرىنىڭ ئادەم تەربىيەلەشتىكى رولىغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ، سىنارىيەسى ياخشى يېزىلىپ، رېژىسورلۇقىمۇ ئوڭۇشلۇق ئىشلەنگەن <<قەبرىگە تۆكۈلگەن ياش>> تەك نادىر فىلىملەرنىڭ ئادەم تەربىيەلەشتىكى رولىغىمۇ سەل قارىغىلى بولمايدۇ. شۇنداق ئىسىمدە تۇرۇپتۇ، <<قەبرىگە تۆكۈلگەن ياش>> ناملىق فىلىمنى 1999- يىلى 10- ئايدا ئىككىنچى قېتىم كىنوخانىدا كۆرگىنىمدە، يېنىمدا ئولتۇرغان ئوتتۇرا ياشلىق ئايال تاماشىبىنلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ كۆزى ياشقا تولغانىدى، دېمەك، ئۇ تاماشىبىنلارنىڭ يۈرىكى يىغلىغانىدى، تەسىرلەنگەنىدى، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئۆزى ھېس قىلمىغان ئەمما خاتا قىلغان ئىشلىرىغا پوشايمان قىلغان بولۇشىمۇ مۇكىن، بەلكىم كۆڭلىدىكى مەلۇم بىر تۈگۈننى يېشىۋەتمىگەن بولسا، ھەرگىزمۇ كىنوخانىدىن ئىبارەت بىر جامائەت سورۇنىدا مۇنداق ئۈنسىز يىغلىمىغان بولاتتى. چۈنكى كىنودىن ئىبارەت بۇ مەنىۋى ئوزۇق ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى نۇرغۇن نېمە ئۈچۈنلەرگە جاۋاب بەرگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن، بولمىسا كۆز يېشى ئاسان چىقامدۇ؟ بۇ فىلىم ئىشلىنىپ بازارغا سېلىنغاندىن تارتىپ  ھازىرقا قەدەر خەلقىمىز تەرىپىدىن زور ئالقىشقا، كۈچلۈك بەس - مۇنازىرىگە سەۋەب بولۇپ، بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر جۇلاسىنى يوقاتماي، كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنداق ئالقىشلىنىشتىكى سەۋەب شۇكى، دەسلەپتە كىنو ئوبزورچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىپ، كېيىن ھېكايە- پوۋېست ئىجادىيىتى بىلەن تونۇلۇپ، كېيىن كىنو سىنارىيەچىلىكى بىلەن داڭ چىقارغان بۇ تالانلىق يازغۇچىمىز، ئۇزۇن مۇددەت يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا نېمىنى يېزىش- نېمىنى يازماسلىق مەسىلىسىدە قاتتىق ئويلىنىپ، قىلچىمۇ يەڭگىلتەكلىك قىلماي، ئالدى بىلەن ئىشنى ئاتاقلىق يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر ئاكىنىڭ مەشھۇر ھېكايىسى <<قىرلىق ئىستاكان>>  غا ئاساسەن  سىنارىيەلەشتۈرگەن، فىلىم ئىشلىنىپ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ   ئالقىشىغا ئىرىشكەندىن كېيىن، <<مەن مۇشۇ ئىجادىيەتتە ئالاھىدىلىكىمنى جارى قىلدۇرسام بولغىدەك >> دېگەن ئوي بىلەن ئۆزىنى ئوبدان دەڭسەپ، بۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغانلىقى كۆزى يەتكەندىن كېيىن ئاندىن  مەخسۇس كىنو سىنارىيەسى يېزىقچىلىقىغا زىھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، 1990- يىلىدى 2002- يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا كىنو سىنارىيە ئىجادىيىتىدە ئالتۇن دەۋرىنى يارىتىپ، خەلقىمىزنىڭ كۆڭلىدىكىنى تېپىپ، كۆڭلىدىكىنى يېزىپ،  <<قەبرىگە تۆكۈلگەن ياش>> فىلىمىدىكىدەك ئىسىل سىنارىيەلەر بىلەن داڭ چىقاردى. ئۆزىنىڭ ئىجادىيەتتىكى بۇخىل يۇشۇرۇن  ئىقتىدارنى قېزىپ چىقىپ  توغرا مۆلچەرلىيەلىدى. بۇنىڭ بىلەن خەلقىمىز تەرىپىدىن زور ئالقىشقا ئىرىشىپ، فىلىمدىكى كۈچلۈك يۇمىرىستىك ئامىللار ۋە ئۆزگىچە بەدىئىي خاسلىقىغا قوشۇلۇپ، فىلىمدە رول ئالغان ئارتىس، ئاكتىيورلارنىڭ ئوبراز يارىتىشتىكى قالتىس ماھارىتى بۇ فىلىمگە تېخىمۇ بەدىئىي قۇۋۋەت ئاتا قىلدى. بولۇپمۇ فىلىمدە تەسۋىرلەنگەن تىپىك ئىجابىي پېرسوناژ ئايگۈل تولىمۇ ئاقكۆڭۈل، ئىرىگە سادىق، ئەمگەكچان، كۆيۈمچان، كىشىلەرگە مىھرىبانلىق ياتكۈزۈشنىلا ئويلايدىغان پەرىشتە سۈپەت ئايال، ھاياتقا دائىم كۈلۈپ قارايدۇ. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن، مەھەللىسىدىكى بىر قىسىم پىتنىخور، رەزىل كىشىلەرنىڭ تۆھمىتىگە قېلىپ نۇرغۇن ئۇۋالچىلىقلارغا دۇچار بولۇپ تۇرسىمۇ، ئائىلىسىنى، ئېرىنى دەپ  جاپانى راھەت بىلىدۇ، ئەمما تەقدىرنىڭ رەھىمسىز چاقچىقى، ئىرىنىمۇ گۇمانلاندۇرۈپ، ئىشەنمەسلىك تۇيغۇسى بىلەن ئايالىنى قاتتىق ۋىژدان ئازابى تارتقۇزىدۇ، ھاياتلىقتىن قىلچىمۇ خۇۋلۇق كۆرمىگەن بۇ مىھرىبان ئايال ئېرىگە سادىق، ئانىسىغا كۆيۈمچان بولۇپ، ئېرىنى ئېغىر كېسەلدىن ساقايتىش ئۈچۈن قىلغان مىھرىبانلىقىنىڭ باشقىلارنىڭ خاتا چۈشىنىشى بىلەن بۆھتان قىلغان تۆھمىتىگە ئىرىنىڭمۇ ئىشىنىپ سالغان زۇلىمىغا چىدىمىغان بۇ ئاقكۆڭۈل، پەرىشتە  سۈپەت ئايال پەقەت ياراتقان ئىگىسىلا ماڭا ئىشىنىدۇ، شۇنىڭ يېنىغا كېتەي دېگەن ئوي بىلەن بۇدۇنيا بىلەن خوشلۇشۇپ، ئۇ دۇنياغا كېتىپ تىنچىيدۇ. ئەمما بۇ رەزىللىكنى پەيدا قىلغۇچى كىشىلەر گۇناھىغا تۆۋە قىلىپ، قىلمىشىنى تۇنىغاندا بولسا ھەممە ئىش تۈگىگەن بولىدۇ. دېمەك، بىر قارىسىڭىز  بۇنداق ئىشلار ھېلىمۇ جەمئىيەتنىڭ مەلۇم بىر بۇلۇڭ - پۇشقاقلىرىدا ھېلىمۇ مەۋجۇد. تېخى يېقىندىلا مەلۇم بىر سوت ئىككى بالىسى بار بىر ئايالنى ئىرىدىن ئاجراشتۇرماقچى بولغاندا، ئۇ ئايال قىلچىمۇ ئىككىلەنمەي، پاكىت سۆزلەپ، بالىلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە بالىلىرىمنى باقاي دەپ ئۆي تۇتىۋاتقانلىقىنى، ئىرىنىڭ ھاياسىز قىلىقلىرىغا ھازىر پىسەن قىلماس بولۇپ قالغانلىقىنى، ئەر- ئاياللىق مۇناسىۋەت ئاللىبۇران ئاياغلاشقانلىقىنى، پەقەت بالىلىرنى دەپلا ئۆي تۇتىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنى بىلمەي مۇشۇنداق ناشايان يوللاردا كېتىۋاتقان ئىرىنىڭ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە قازايى - بالا كىلىپ قارايدىغانغا ئادەم چىقماي قالسا، يەنە بالىلىرىنى دەپ بولسىمۇ باقىدىغانلىقىنى، شۇڭا كوچىغا چىكەتسىمۇ كارى يوقلۇقىنى دەپ كىتىپ قالغان. <<ئانىلار ئۇلۇغ....>> دېگەن بۇشۇ بولسا كېرەك. ھازىرمۇ ئاشۇنداق نادىر فىلىم سىنارىيەسىنى يازغان ئۆمەر قادىرنىڭ يېڭىدىن ئىجاد قىلغان سىنارىيەلىرىنى ئىشلەيدىغان ئورۇن بولمىغاچقا، رومان يېزىۋاتىدۇ، بولمىسا ھازىر ئىجادىيىتىنىڭ ئالتۇن دەۋرى ئىدى. نېمىشقا ئۇيغۇر تىلىدىكى سىنارىيەلەر ئىشلەنمەيدۇ؟ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىكى كىشىلەردىن تىڭتىڭلاپ باقسام، مەبلەغ يوقمىش، قىسقىسى پۇل يوقمىش، بۇنى ئاڭلاپ ياقامنى تۇتتۇم. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىر تۈركۈم  تۈركىيە فىلىملىرىنى، چەت ئەلنىڭ تۇرمۇشىمىزغا يات بولغان ئەجنەبىي فىلىملىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ ئشلەشكە، پۇلى بولىدىكەنۇ، ئەجىبا ئۇيغۇر تىلىدا فىلىم ئىشلەشكە پۇلى يوقمىدۇ؟ ئۆزىدىن يۇقىرى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان زامانغا ماسلاشتۇرۇپ پېلىپ ئىشلەش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن مەبلەغ تەلەپ قىلسا، 19 ئۆلكىدىن شىنجاڭغا ياردەم بىرىپ، خەلق تۇرمۇشىنى بېيىتىۋاتقان مۇشۇنداق ياخشى شارائىتتا، ئامال تېپىلماي قالارمۇ؟ بۇنىڭغا ئىشەنمەيمەن، يەنىلا گەپ ئۆزىمىزدە. ھازىر دەۋر ئۆزگەردى، كىشىلەرنىڭ ھاياتقا، تۇرمۇشقا، جەمئىيەتكە بولغان كۆز قارىشىدا ئالدىنقى ئون يىلغا سېلىشتۇرغاندا ئاسمان- زېمىن پەرق بار. مېنىڭچە، بۇ پەرىقنى كىنودىن ئىبارەت تەشۋىقات ۋاسىتىسدە ئوبدان ئەكس ئەتتۈرۈپ، خەلقنىڭ مەنىۋى تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ، خەلقنى تەربىيەلەش، سىنارىيە يازغۇچىلىرىنىڭ، رېژىسسورلارنىڭ بۇ ھەقتە كۆپ ئىزدىنىش، يېڭىلىق يارىتىشتا قىلىشقا تىگىشلىك ئىشى. بىز، بولۇپمۇ بالىلىرىمىز، يۇقىرىقىدەك ئۇيغۇر تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن نادىر فىلىملەر كەمچىل بولغاچقا، تۇرمۇشغىمىزغا، ئۆرپ- ئادىتىمىزگە سەل يېقىنلاشقان تۈركىيە پىلىملىرىنى كۆرۈش قىزغىنلىقى ئەۋج ئالدى. ھەر قايسى پىلاستىنكا دۇكانلىرىغا كىرسىڭىز، مەيلى تارىخىي فىلىملەر بولسۇن، ياكى ھازىرقى زامان تۇرمۇش فىلىملىرى بولسۇن، تۈركىيە فىلىملىرىنى تالىشىپ ئېلىپ كۆرۈۋاتقانلار پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلاردۇر، شۇلارنىڭ فىلىملىرىنى بەس - بەستە سېتىۋېلىپ كۆرۈۋاتقان ئۇيغۇر كۆرۈرمەنلىرىمىز، ئۇيغۇر كىنو فىلىملىرىنى كۆرمەسما؟ گەپ ئۆزىمىزدە، ئىشەنمىسەڭلار، ئۇيغۇر پىلاستىنكا دۇكانلىرىغا كىرىپ بىردەم تۇرۇپ بېقىڭلار:<<قەبرىگە  تۆكۈلگەن ياش>> فىلىمى بارمۇ؟ يوق. <<دوزاققا سەپەر>> بارمۇ؟ يوق. <<قىرلىق ئىستاكانچۇ؟ يوق. <<داپ>> چۇ؟ ئۇمۇ يوق. نەدىن تاپقىلى بولار؟ ھېچقانداق دۇكاندا يوق. نەشر ھوقۇقى بىزدە ئەمەس، تاپالمايسىز؟!>> مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر كۆرۈرمەنلىرى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى كىنو فىلىملىرى ئارقىلىق تېخىمۇ چۈشەنمەكچى بولغانلار. مانا بۇلار مەن يېڭى يىلنىڭ ئىككىنچى كۈنى چوڭ بازاردىكى پىلاستىنكا دۇكانلىرىدا ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنلىرىم ھەم ئاڭلىغانلىرىم، يەنىلا گەپ ئۆزىمىزدە. ئەجىبا تۈركىيە فىلىملىرىنى كۆرۈشكە پۇل چىقارغان جەلق ئۆزىنىڭ كىنو فىلىملىرىنى كۆرۈشكە ئەلۋەتە پۇل چىقىرىدۇ، گەپ ئۆزىمىزنىڭ فىلىملىرى خەلىقىمىزنىڭ  ھازىرقى مەنىۋى تەشنالىقىنى قاندۇرالماسلىقىدا، شۇڭا ئۇيغۇر كىنوچىلىقىنىڭ، تېلېۋىزىيە فىلىمچىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى زور. مەبلەغ سالغۇچىلار بولسا ھەرگىز ئىككىلەنمەسلىكى كېرەك. بۇ بىركىشىلەر ئانچە دىققەت قىلمىغان پۇل تېپىشقا ئەپلىك، ئەمما خەلقىمىزگە مەنىۋى ئوزۇق يەتكۈزۈپ بىرىشتە بايقالمىغان بوشلۇق، بىرسى پۇل تاپقىلى بولسا، يەنە بىرسى خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىپ، ئىدىيىسىنى ئۆگەرتىپ، كىشىلىك دۇنيا قارىشىنى يېڭىلاپ، مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرگىلى بولىدىغان ساۋابلىق ئىش.  ئەگەر مىليون - مىليون پۇل تاپقان كارخانىچىلىرىمىز، سودىگەرلىرىمىز ئۇيغۇر كىنوچىلىقىنى ، جۈملىدىن، ئۇيغۇر تېلىۋىزىيە فىلىمچىلىكىنى چۈشەنگەن بولسا، تۈركىيە كىنا ساھەسىدىكى كارخانىچىلار كىنو فىلىملىرى، تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى ئىشلەپ، دۆلەت ھالقىپ، رايون ھالقىپ تاپقان پۇلنى بىزنىڭ كارخانىچىلىرىمىزمۇ ئاللا بۇرۇن تاپقان بولاتتى، چۈنكى بىزنىڭ نەرىمىز ئۇلاردىن كەم، پەقەت ئۇيغۇر كىنوچىلىقىنى، تېلېۋىزىيە فىلىمچىلىكىنى ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىمىزنىڭ، سودىگەرلىرىمىزنىڭ چۈشەنمىگەنلا يىرى كەم. بىر تۈركۈم سودىگەر، كارخانىچىلىرىمىز سەنئەتنى، جۈملىدىن ناخشا - ئۇسسۇلنى چۈشەنگەنىدى، شۇنىڭغا مەبلەغ سالغانىدى، بۇ جەھەتتىكى نەتىجىلىرىمىز قېرىنداش مىللەتلەرنى تاڭ قالدۇرغاندىن سىرت، <<ئون ئىككى مۇقام>> دەك تەۋەرۈك مۇزىكىلىق ئۇسسۇلىمىز دۇنيانى تاڭ قالدۇرۇپ، خەلقىمىز شۆھرىتىنى، بولۇپمۇ ناخشا- ئسسۇلغا ماھىر مىللەتلىكىنى پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە تونۇتتىغۇ؟! ئەمما دۇنيا خەلقى ئېتىراپ قىلغان مەخمۇت قەشغىرى، يۈسۈپ خاس جىپتەك مەشھۇر ئالىملىرىمىز تۇرۇپ، مۇشۇ بۈيۈك شەخسلەر توغرىسىدا كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنىڭ ئىشلىنپ، ھەر- بىر ئائىلىگە بىردىن پىلاستىنكا تارقاتسا، كىممۇ بۇنى رەت قىلالىسۇن؟!. كىممۇ بالىلىرىنى مەخمۇت قەشقىرىدەك، يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك مەشھۇر ئالىم بولۇشنى ئارزۇ قىلمىسۇن؟ بۇ بۇيۈك زاتلارنىڭ بالىلىق كەچۈرمىشلىرىنى بىزنىڭ ھازىرقى بالىلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنىڭ بىلىپ كېتىشى ناتايىن، بەزى بىر ئاتا – ئانا بولغۇچى ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى بىلمەي، شەنبە - يەكشەنبىدە توي - تۈكۈندە يۈرگىنىنى ئاز دەپ بوش ۋاقتىنى قاۋاقخانىلاردا،  مەيخانىلاردا، ئايرىمخانىلاردا ئۆتكۈزىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس. شۇنداق ئىكەن، بالىلىرى قانداقمۇ بۇ بۈيۈك ئالىملىرىمىز توغرىسىكى كىتابلارنى ئوقۇسۇن، مانا مۇشۇنداق بىر قىسىم قالاق كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىنى، بولۇپمۇ، بالا-چاقىلىرىنى تەربىيەلەشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى،   مۇشۇنداق مەشھۇر كىشىلەر توغرىسىدا مەخسۇس كىنو فىلىملىرى ياكى  كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە پىلىملىرىنى ئىشلەپ، ئۇلارنى تەربىيەلىشىمىز، ئەدەب-ئەخلاق ئۆگىتىشىمىز كېرك. مەن شۇنداق ئويلايمەنكى، ئادەم تەربىيەلەشتە، كىنو فىلىملىرىنىڭ، بولۇپمۇ تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ. ئادەتتە كىنو پۈتكۈل سەنئەت تۈرلىرى ئىچىدە ئاممىۋىلىقى ئەڭ كۈچلۈك بولغان، بىرخىل ئۇنىۋېرسال سەنئەت ھېسابلىنىدۇ. ئالايلۇق، ئادەتتە ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئوقۇرمەنلىرى پەقەت مەلۇم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە بولغان كىشىلەر بىلەنلا چەكلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېكايە، پوۋېستلاردىن  رومانلارنىڭ سەھىپىسى چوڭراق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى بىرنەچچە سائەت ئىچىدە ئوقۇپ تۈگىتىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. شۇنداق ئىكەن، ئۇلارنىڭ تىراژىمۇ چەكلىك بولىۋاتىدۇ. كىنونى كۆرۈش بولسا، ئادىمىي سەزگۈسىگە ئىگە بارلىق كىشىلەر، يەنى ساۋاتسىز، ساۋاتلىق، قېرى - ياش، شەھەر-يېزىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى كۆرەلەيدۇ. مۇنداق دېسەم،  تىياتىرچۇ؟ دېيىشىڭلار مۇمكىن. گەرچە تىياتىر كىنوغا ئوخشاش ئالاھىدىلىككە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن خالىغان يەرگە يۆتكەپ قويۇشقا بولمايدۇ، بۇنىسى ھەممەيلەنگە  بەش قولدەك ئايان. ئۇنىڭ ئۈستىگە تىياتىر سەھنە چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. كىنو بولسا ئۇنداق ئەمەس، نەدە قويسا بولىۋېرىدۇ. شۇڭا كىنونى ئاممىۋىلىقى ئەڭ كۈچلۈك، تەسىرى ئىنتايىن چوڭ سەنئەت دېيىشىمنىڭ سەۋەبى شۇ.
                 ئۇنىۋېرساللىقىچۇ؟ دېگەندە، ھەرخىل سەنئەت تۈرلىرى ئىچىدە، كىنونىڭ ئۇنىۋېرساللىقى  ناھايىتى كۈچلۈك بولغان بىر خىل سەنئەت . ئۇ ئەدەبىيات، تىياتىر، گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا، ئۇسسۇل، بىناكارلىق قاتارلىق سەنئەت ئامىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنداقلا يەنە ئۇ پەن – تېخنىكا بىلەنمۇ زىچ بىرلىشىپ كەتكەن. بەدىئىي چىنلىق نۇقتىسىندىن ئالغاندا،  كىنو يۈكسەك دەرىجىدىكى چىنلىققا ئىگە. چىنلىق ئەدەبىياتنىڭ جېنى. لېكىن كىنو يۈكسەك دەرىجىدە تىپىكلەشكەن چىنلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىپىك ئەسەرلەرنى ئوقۇش ۋاقتى ئۇزۇن، ھەربىر كىشى يەككە ئوقۇيدۇ، كىنونى بولسا ئەڭ ئۇزاق بولغاندا ئىككى سائەتتە كۆرۈپ بولغىلى بولىدۇ. نەچچە مىڭ ئادەم بىرلا ۋاقىتتا كۆرسىمۇ بولىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، فىلىمدىكى ۋەقەلىك تۇرمۇشتىن، رېئاللىقتىن سەللە چەتنەپ كەتسە، سانساناقسىز كۆزلەر ئىكرانغا تىكىلىپ تۇرغاچقا، بىرسى بولمىسىمۇ، بىرسى سىزىۋالىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ چىنلىقى يۇقىرى بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.
             دېمەك، كىنونىڭ تەربىيەۋى ئەھمىيىتىنى ھەمە ئادەملەرگە بىلدۇرۈش سىنارىست، رېژىسور، ئارتىس قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ باشتارتىپ بولمايدىغان بۇرچى دەپ قارايمەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، <<قەبرىگە تۆكۈلگەن شاش>> فىلىمىنىڭ شۇ ۋاقىتلاردىكى كۆرۈرمەنلەرگە بولغان تەربىيەۋى رولى ئۇلارنىڭ بارلىق مەنىۋى قىياپەتلىرىگە قاتتىق تەسىر قىلغان بولۇشى مۇمكىن، (ھازىر كۆرگەنلەرگىمۇ ھەم شۇنداق) ئۇ كىشىلەرنىڭ دۇنيا قارىشىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۆزگىرىشى، ئېستېتىك قارىشى، كىشىلەرنىڭ ھېسسىياتى، روھىي ھالىتى، ئەخلاق قىياپىتى، ئېستېتىك قىزىقىشى،  ئېستېتىك غايىسى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن بولۇشى مۇمكىن، بولمىسا كۆرۈرمەنلەر كىوخانىدا كۆزىگە ياش ئالمىغان بولار ئىدى. پاكىت شۇكى، مەيلى كىنو بولسۇن، ياكى تېلېۋىزىيە فىلىملىرى بولسۇن، ياكى شېئىر، ھېكايە، پوۋېست، رومان بولسۇن خەلق كۈتكەندەك ياخشى ئەسەر بولىدىكەن، خۇددى <<قەبرىگە توكۈلگەن ياش>> بىلىمدەك، كۆرۈرمەنلەرنى، جۈملىدىن ئوقۇرمەنلەرنى قاتتىق ھاياجانغا سالىدۇ، تەسىرلەندۈرىدۇ، ھەم ئۇلارنى تەربىيەلەيدۇ. ھەقىقەتەن مۇشۇنداق مۇنەۋەر ئەسەرلەر، كىنو فىلىملىرى كىشىلەرنىڭ ئالىيجاناب ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنىڭ شەكىللىنىشىدە، ئىلغار كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىنىڭ يىتىلىشىدە مۇھىم تەربىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانلىقتىن، <<قەبرىگە تۆكۈلگەن ياش>> فىلىمىنىڭ جۇلاسىنىڭ تېخىمۇ جۇلالىنىپ تۇرغىنى بىكار ئەمەس.
                       شىنجاڭ گېزىتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى.
                        2012- يىل، 1- ئاينىڭ 5- كۈنى ئۈرۈمچى.
         بۇ ماقالە <<تەڭرىتاغ ئېكرانى>> ژۇرنىلىنىڭ 2012- يىللىق 1- سانىدىن ئېلىندى


Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1099
تۆھپە : 4
توردا: 208
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-11 20:36:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     دوستۇم پولات غەنىزات غەييۇرانىنىڭ مۇنبەرگە كەلگەن قەدىمىگە مۇبارەك! ئىشلىرىڭىز ئوڭ بولغاي!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1387
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 412
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-11 20:49:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىليون گۈل      فىلىمى  نىمەسەۋەپتىن توختاپ قالدىكىنە؟  خېلى ياىشى ئىشلىنىپتىكەن ئەسلى

ۋەقە ۋە شەيئىلەرگە قارىتىلغان ئومۇميۈزلۈك قارشىلىق كۆپىنچە شۇ ئىشلارنىڭ پىلىكىگە ئوت ياققانلىق بۇلىدۇ.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  252
يازما سانى: 551
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1010
تۆھپە : 2
توردا: 261
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-11 20:57:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېمىسىمۇ تۈركىيە كىنولىرىنىڭ ئاخىرى قاچان چىقار دەپ كۆزىمىز تۆت بولغان ھالدا ساقلايمىز،تېخى تەسىرلىنىپ ئاققۇزىدىغان كۆز ياشلىرىمىزچۇ...
بىزدىمۇ شۇنداق كىنولار،تېلىۋېزىيە تىياتىرلىرى ئىشلەنسە خەلقىمىزنى ماددى ۋە مەنىۋىي تەشنالىقى قاندۇرۇلسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.
بۇ ماقالىدە مۇشۇ تەرەپلەر ناھايىتى ياخشى گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ.ئەجرىڭىزگە رەھمەت، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاق گۈل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-11 20:58  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1596
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 529
تۆھپە : 11
توردا: 57
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 22:14:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ھۆرمەتلىك تورداش قەلەمكەش دوستلار ، مېنى قوللىغىنىڭلارغا رەخمەت! ئاللا خالىسا، قۇربىمنىڭ يېتىشىچە ئەسەر يوللاپ تۇرىمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش