قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ خاقانلىرى
3 ئەسردىن ئارتۇق ھۈكۈم سۈرگەن قاراخانىيلار خانلىقى ئۇرخۇن دەريا ۋادىسدىن غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇر ياغما قەبلسى تەرپىدىن قۇرۇلغان مەشھۇر خانلىق بولوپ قەشقەر ۋە بالاساغۇننى مەركەز قىلغان ھالدا شەرقىتە ئاقسۇدىن غەربتە ئامۇ دەرياسى ۋادىلىرغىچە، شىمالدا ئالتاي تاغلىردىن جەنۇپتا قاراقۇرۇم تاغلىرغىچە بولغان كەڭ رايۇنلارنى باشقۇرغان. بۇ خانلىق دەۋرىدە ئىسلام دىننى قۇبۇل قىلىپ ئىسلام مەدەنىيتى رامكسىنى شەكىللەندۈرىگەن.
قاراخانىلار خانلىقى ئۇيغۇر مەدەنىيتى تارىخىدا ناھايتى مۇھىم.
تۇنجى خاقانى بىلگە كۆل قادىرخان- بىلگە كۆل قادىرخان ياغما قەبلىسنىڭ باشلىقى بولوپ، 840-يىلى ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كىيىن تالاس ۋە سىر دەريا بۇيلىرىغا كۈچۈپ كەلگەن. سامانىيلار خانلىقى بىلەن جەڭ قىلىپ نۇسرەت قازانغان. كىيىن بالاساغۇننى ئىشغال قىلىپ خانلىقىنى تىكلىگەن. ئۇزاق ئۆتمەي كۆل بىلگە قادىرغان ۋاپات بولغان. بۇ توغىرسىدا ئېنىق مەلومات يوق.
2- خاقانى بازىر ئارسىلانغان- قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ 2-خاقانى بولوپ ئاتىسنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. كىيىن سامانىيلار خانلىقىنىڭ خاقانى تەرپىدىن مەغلوپ قىلىنغان. 914-يىلى بازىر ئارسىلانغان بالاساغۇندا ۋاپات بولغان.
3- خاقانى ئوغولچاق بۇغراخان- ئاكىسى بازىر ئارسىلانغان ۋاپات بولغاندىن كىيىن قەشقەر شەھرىدە خانلىق تەختكە چىققان. 915-يىلدىن 932-يىلغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان. 932-يىلى قائىدە بۇيچە قانۇنلۇق تەخىتتە ئولتۇردىغان بازىر ئارىسلانخاننىڭ ئوغلى ساتۇق تىككن تەختتە ئولتۇرالمىغانلىقتىن تاغسى ۋە ئائىلە تاۋاباتلىرنى ئۆلتۈرۈپ خانلىق تەختىنى تارتىۋالغان.
4
- خاقانى ساتۇق بۇغراخان- ساتۇق بۇغراخان قاراخانىيلار خانلىقى ئىچىدە تۇنجى بولوپ ئىسلام دىننى قۇبۇل قىلغان. 933-يىلدىن 955-يىلغچە تەختتە ئولتۇرغان. ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بەلگىلگەن. ئىسلام دىنى ئوموملاشتۇرغان. 955-يىلى ئاتۇشتا ۋاپات بولغان.
5
- خاقانى مۇسا تېكىن- ساتۇق بۇغراخاننىڭ ئوغلى. 956-يىلدىن 992-يىلغچە تەختتە ئولتۇرغان. ئىسلام دىنىنى كەڭ كۆلەمدە ئۇرۇنلاشتۇرغان. قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى قاتارلىق بۇدىست ھاكىميىتىگە قارشى جەڭلەرنى ئېلىپ بارغان. ئىسلامنى كەڭ كۆلەمدە تارقاتقان. 992-يىلى قەشقەر شەھرىدە ۋاپات بولغان.
6- خاقانى ھارون بوغراخان- مۇسا تىككنىڭ ئىنسىى، سۇلايمان ئارسىلانخاننىڭ ئوغلى . 993-يىلدىن 998-يىلغچە تەختتە ئولتۇرغان. پايتەختنى قەشقەردىن بالاساغۇنغا يۆتكىگەن. 998-يىلى يول ئۈستىدە ۋاپات بولغان.
7
- خاقانى تۇغانخان- مۇسا تىككنىڭ نەۋرىسى، سۇلايمان ئارسىلانخاننىڭ ئوغلى . 999-يىلدىن 1018-يىلغچە تەختتە ئولتۇرغان. 1008-يىلى ئۇدۇننى ئىسلامشتۇرغان. 1018-يىلى كىسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان.
8- خاقانى مەنسۇر ئارسىلانغان- تۇغانخاننىڭ ئىنسىى. 1019-يىلدىن 1024-يىلغچە تەختتە ئولتۇرغان. 1024-يىلى تەختىنى يۈسۈپ قادىرخانغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ئۆلگەن ۋاىتى ئېنىق ئەمەس.
9
- خاقانى يۈسۈپ قادىرخان- قاراخانىيلار خانلىقدىكى باتۇر، ئىستداتلىق كىشى. ھارون بۇغراخاننىڭ ئوغلى. 1025-يىلدىن 1032-يىلغچە تەختتە ئولتۇرغان. ئۇدۇننى قايتىدىن ئىسلامشتۇرغان باشقۇرشىنى بىۋاستە كۈچەيتكەن، ئېدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنى تىنجتقان. 1032-يىلى كىسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان.
1
0- خاقانى سۇلايمان ئارسىلانخان- يۈسۈپ قادىرخاننىڭ چوڭ ئوغلى. 1033-يىلدىن 1056-يىلغچە تەختتە ئولتۇرغان. پايتەختنى قەشقەردىن بالاساغۇنغا يۆتكىگەن. 1056-يىلى سۇلايمان ئارسىلانخان ئىنىسى مۇھەممەد بىنى يۈسۈپ بىلەن بولغان جەڭدە ئەسىرىگە چۈشۈپ ئۆلتۈرۈلىگەن.
11- خاقانى مۇھەممەد بىننى يۈسۈپ- يۈسۈپ قادىرخاننىڭ 2- ئوغلى، سۇلايمان ئارسىلانخاننىڭ ئىنسىى . 1056-يىلدىن 1058-يىلغچە تەختتە ئولتۇرغان.15 ئايدىن كىيىن تەختىنى چوڭ ئوغلى ھۈسەيىنگە ( مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئاتىسىغا ) ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ئۆلگەن ۋاىتى ئېنىق ئەمەس.
12- خاقانى ئىبراھىم بىننى مۇھەممەد- مۇھەممەد بىننى يۈسۈپنىڭ يەنە بىر ئوغلى. 1058-ئانسىنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن ئوردىدا سىياسى ئۆزگىرىش قوزغاپ ئاتىسى، ئاكىسى ۋە ئىسنىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈپ خاقانلىق تەختىنى تارتىۋالغان. 1058-يىلدىن 98-يىلغچە تەختتە ئولتۇرغان. يەنە ئاسىنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن بارىسغان شەھرىگە ھۇجۇم قىلغاندا بۇ شەھەرنىڭ ھۈكۈمرانى تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلىگەن.
13- خاقانى مەھمۇد بىننى يۈسۈپ- ئىبراھىم بىننى مۇھەممەدنىڭ تاغىسى. 1059-يىلى قاراخانىيلارنىڭ خانلىق تەختتدە ئولتۇرغان. پايتەختىنى بالاساغۇندىن قەشقەرگە يۆتكىگەن. 1074-يىلى مەھمۇد بىننى يۈسۈپ ۋاپات بولغان.
14- خاقانى ئۆمەر بىننى مەھمۇد- مەھمۇد بىننى يۈسۈپنىڭ ئوغلى. 1074-يىلى قاراخانىيلارنىڭ خانلىق تەختىگە ئولتۇرغان. ئىككى ئايدىن خانلىق ھەسەن بىننى سۇلايمان تەرپىدىن تارتىۋىلىنغان.
15- خاقانى ھەسەن بىننى سۇلايمان- مەھمۇد بىننى يۈسۈپنىڭ جىيەنى. 1075-يىلدىن 1102-يىلغچە تەختتە ئولتۇرغان. باتۇر ھەم پاراسەتلىك كىشى. تەڭىرتاغنىڭ شىمالىنى بۇيسۇندۇرۇپ ئىسلام دىننى كېڭەيتكەن. 1102-يىلى كىسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان.
16- خاقانى ئەھمەد بىننى ھەسەن- ھەسەن بىننى سۇلايماننىڭ ئوغلى، 1129-يىلدىن 1128-يىلغىچە قاراخانىيلارنىڭ خانلىق تەختىدە ئولتۇرغان. ئىجىتمائىي ئىگىلىنى تىز راۋاجلاندۇرغان. 1128-يىلى ۋاپات بولغان.
17- خاقانى ئىبراھىم بىننى ئەھمەد- ئەھمەد بىننى ھەسەننىڭ ئوغلى، 1129-يىلدىن 1158-يىلغىچە قاراخانىيلارنىڭ خانلىق تەختىدە ئولتۇرغان. قىتانلارغا بېقىنىپ قالغان. 1158-يىلى ئىبراھىم بىننى ئەھمەد ۋاپات بولغان.
18- خاقانى مۇھەممەد بىننى ئىبراھىم- ئىبراھىم بىننى ھەسەننىڭ ئوغلى، 1159-يىلى قاراخانىيلارنىڭ خانلىق تەختىدە ئولتۇرغان. قىتانلارغا ھۇجۇم قىلىپ ئاسارتىدىن قۇتولوپ چىققان. كىيىنكى ئىش ئىزلىرى توغىرسىدا مەلومات يوق.
19- خاقانى مۇھەممەد بىننى يۈسۈپ- مۇھەممەد بىننى ئىبراھىمنىڭ نەۋرىسى، 1204-يىلدىن 1211-يىلغىچە قاراخانىيلارنىڭ خانلىق تەختىدە ئولتۇرغان. نايمان شاھزادىسى كۈچلۈك كۆپلىگەن زىمىنلارنى ئىگەللىۋالغان. 1211-يىلى مۇھەممەد بىنى يۈسۈپ يەرلىك ئاقسۆڭەك تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلىگەن.
2
0- خاقانى مۇھەممەد - مۇھەممەد قاراخانىيلارنىڭ خانلىقنىڭ ئەڭ ئاخرىقى خانى. 1211-يىلى خاقانلىق تەختىگە چىققان. مۇھەممەد بىننى يۈسۈپ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئېنىق ئەمەس. كىيىن نايمان شاھزادىسى كۈچلۈك تەرپىدىن ئاغدۇرۇلغان.
شۇنداق قىلىپ ئۈچ ئەسىر ھۈكۈم سۈرگەن خاراخانىيلار خانلىقىدا 20 خاقان تەختتە ئولتۇرغان. بۇ ىاقانلارنىڭ ئىش پائالىيتى بىلەن تۇنۇشۇش بىر پۈتۈن تارىخنى تەتقىت قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئەسكەرتىش:
بىزنىڭ شىر يۈرەك ئەجدادلىرىمىز تارىخى دەۋىرلەردىن تارتىپ تارىم ئويمانلىقىنى مەركەز قىلغان ئوتتۇرا ئاسيا رايۇندا ياشاپ كەلگەن. جوڭگۇ ۋە دۇنيا تارىخغا غايەت زور تەسر كۆرسەتكەن. شۇڭا ئەجدادلىرمىزنىڭ شەجەرسىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقمىز لازىم. شۇ ۋەجىدىن مەن بىرنچىدىن ئەجدادلىرىمىز ياشىغان تارىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز ئىككنجدىن كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا ئائىلە شەجەرسىنى تەتقىت قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى نەزەردە تۇتۇپ غەربى يۇرت تارىخمىزدىكى خاقانلارنىڭ نەسەپنامىسىنى خانىلىق نامى، قۇرغۇچىسى، تەخىتە ئولتۇغان ۋاقىتلىرى بۇيچە ئاددىي ھالدا توپلاپ بارلىق مۇنبەرداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم ! پايداىلىنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. شۇڭا بۇ جەريانىدا بەزىبىر خاتالىق ياكى سەۋەنلىك ھەم كەم قالغان جايلىرى بولسا تەنقىدى پوزۇتسىيە تۇتۇشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.
توپلاپ رەتلىگۈچى : ئەمەتجان سەمەت
پايدىلانمىلار:
ھاجى نۇرھاجى قاراخانىيلارنىڭ قىسقىچە تارىخى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1983-يىل نەشرى
داۋامى بار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەمەتجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-30 21:20