قاسىمجان ئوسمان غازى 1974-يىلى 3-يانۋاردا قەشقەر پەيزاۋات ناھىيىسىنىڭ غولتوغراق يېزىسىدا دىھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.دەسلەپ قەشقەر مالىيە سودا مەكتىۋىدە،كېيىن شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۆزلىكىدىن ئۈگىنىش بويىچە تولۇق كۇرس مەلۇماتىغا ئىگە بولغان. ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1994-يىلى باشلانغان بولۇپ ھازىرغىچە «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»، «تەڭرىتاغ»،«تارىم»، «تۇرپان»،«قەشقەر»، «كروران»،«ئىلى دەرياسى»،«قىزىلسۇ ئەدەبىياتى»،«كۈسەن مەدەنىيىتى»، «مۇزات دولقۇنلىرى»...قاتارلىق ژورناللاردا ماقالە، شېئىر-نەسىرلىرى ئېلان قىلىنغان. بىر قىسىم ئەسەرلىرى «كروران » ژورنىلى، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» قاتارلىق ژورناللاردا مەخسۇس تۇنۇشتۇرۇلغان. 2011-يىلى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىنغان.
|