دادام توغرىسىدا ئىككى كەلىمە لىللا گەپ
پولات غەنىزات غەيۇرانى
(شائىر، تىلشۇناس مەرھۇم دادام غەنىزات غەيۇرانى تۇغۇلغانلىغىنى80 يىللىقى،
ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ 50 يىللىقى، ۋاپاتىنىڭ تۆت يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن)
مەرھۇم دادام غەنىزات غەيۇرانى ئالدى بىلەن ئۆزى پاك، ئىمانى ساپ غۇرۇرلۇق كىشى ئىدى. ئۇنىڭ ئىلمىي ھاياتىدىن گەپ ئاچقىنىمىزدا، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر يېڭى دەۋر شېئىرىيىتىنىڭ 50 نەچچە يىللىق قامۇسىنى ۋاراقلاشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ قامۇسقا نامى پۈتۈلگەن تۆھپىكار ئەدىب، شائىرلىرىمىز قاتارىدا دادام ئۆزىنىڭ 50 نەچچە يىللىق شېئىرىي ئىجادىيىتىدە دەۋر خۇسۇسىيىتىگە، كۈچلۈك قاراتمىلىققا، تىل جەھەتتىكى ئاممىبابلىققا ۋە ھېكمەتلىك مەزمۇنلارغا تويۇنغان شېئىرلىرى بىلەنمۇ، ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە لۇغەتشۇناسلىق ساھەسىدىكى تۆھپىلىرى بىلەنمۇ بىزگە ئالاھىدە تونۇشلۇق.
دادامنىڭ ئىلمىي ھاياتى ھەققىدە توختالغىنىمىزدا، ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىنىڭ قىممىتىنى قانداق باھالاشقا دۇچ كېلىمىز. ھاياتلىق چەكسىزدۇر. ئەمما كىشىلەرنىڭ ئۆمىرى چەكلىكتۇر. مۇشۇنداق چەكلىك ئۆمۈردە، ھاياتلىقنىڭ چەكسىز باغرىغا قانداق ئىز قالدۇرۇش ئوخشاشلا ئەقلى بار كىشىلەر دۇچ كېلىدىغان ۋە ئويلىنىدىغان مەسىلىدۇر. لېكىن نېمە ئۈچۈندۇر، كىشىلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، ئۇنىڭغا بېرىدىغان جاۋابىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بىز ئۇيغۇر يېڭى دەۋر شېئىرىيىتىدە ئۆزىنىڭ مول ئىجادىيەتلىرى ۋە ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن ھاياتلىققا قانداق ئىز قالدۇرۇش مەسىلىسىگە ھەممە قانائەتلەنگۈدەك جاۋاب بەرگەن شائىر- ئەدىبلىرىمىزنى ئۇچرىتىمىز. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى يىتۈك شائىر ۋە تىلشۇناس دادام غەنىزات غەيۇرانىدۇر.
دادامنىڭ ئىلمىي ھاياتىنى مۇنداق ئىككى تەرەپتىن كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ. بىرى، ئۇنىڭ شېئىرىي ئىجادىيەت دەۋرى. يەنە بىرى، تىل- شۇناسلىقتىكى ئىلمىي تەتقىقات ھاياتى. بۇنداق ئايرىشتىكى تۈپ سەۋەب پەقەت بايان قىلىشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈنلا بولۇپ، ئەمەلىيەتتە دادام شېئىرىي ئىجادىيەت بىلەن ئىلمىي تەتقىقاتنى تەڭ ئېلىپ بارغان كىشى.
دادامنىڭ ماڭا دەپ بىرىشىچە، تۇنجى شېئىرى ‹‹كۈرەش بالىسى›› 1945- يىلى ‹‹ئاقسۇ گېزىتى›› دە ئېلان قىلىنىپتىكەن. شۇنىڭ تۈرتكىسىدە شېئىرىي ئىجادىيەتكە كىرىشىپ، 1949-يىلىغا كەلەندە ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› دە ئېلان قىلىنغان ‹‹باق››، تەسەللى››، ‹‹بىل››، ‹‹پۇل›› قاتارلىق بىر تۈركۈم نادىر شېئىرلىرى بىلەن ئىجادىيەت قوشۇنىغا قېتىلىپتىكەن. شۇ ۋاقىتتىكى دادامنى تونۇمىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى شېئىرلىرى زىلزىلە پەيدا قىلىپ تۇرغاچقا، ئىسمىغا قاراپ، ئۆزبېكىستاندىن خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كەلگەن پېشقەدەم شائىر ئوخشايدۇ دەپ قاراپتىكەن.
ئاتاقلىق شائىر تېيىپجان ئېلىيوف بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەندە: ‹‹بىز سىزنى خېلى قېتىققان پېشقەدەم ئۆزبېك شائىرى ئوخشايدۇ دېسەك، كىچىككىنە بالا ئىكەنسىزغۇ؟›› دەپ ھەيران قاپتىكەن. شۇنداق قىلىپ 1958- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە 90 پارچىغا يېقىن شېئىر، باللادا ۋە بىر قىسىم فېليەتونلىرى ئېلان قىلىنىپ، شۇ مەزگىلدىكى ئاۋانگارت شائىرلار قاتارىدا بىر تۈركۈم شېئىرىلىرى 1950- يىلىدىن كېيىن نەش قىلىنغان كوللېكتىپ توپلاملارغا، دەرسلىك كىتابلارغا ۋە قازاقىستاندا نەشىر قىلىنغان ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر شائىرلىرى شېئىرلىرى›› دېگەن توپلامغا شېئىرلىرى كىرگۈزۈلۈپتىكەن ۋە قازاقىستاندا چىقىدىغان ‹‹يېڭى ھايات›› ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىپتىكەن ۋە تونۇشتۇرۇلۇپتىكەن. بۇ مەزگىللەردە تالانتى ئۇرغۇپ تۇرغان چاغلىرى بولۇپ، شائىرنىڭ دەۋر، گۈزەللىك ۋە رېئاللىق ھەققىدىكى ئوي-پىكىرلىرى ھەر بىرشېئىردا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. ھەتتا بىر شېئىرلار توپلىمىنى ‹‹شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتى›› غا تاپشۇرغان بولۇپ، نەشردىن چىقىشقا تەستىقلانغاندا، شۇ ۋاقىتتىكى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسىنىڭ شەخسىي نامدىكى« بارلىق شېئىرىي توپلاملار بىردەك نەشردىن توختىتىلسۇن›› دېگەن بۇيرۇقى بىلەن نەشر قىلىنماپتىكەن ھەم ئارخىپ قىلىپ ساقلايمىز دەپ ئارگىنالىنى دادامغا قايتۇرۇپ بەرمەپتىكەن. ئەمما چوڭ ئىجادىيەتلەرنى كۆڭلىگە پۈكۈپ يۈرگەن ئاشۇ مەزگىللەردە، ئەپسۇس، كاج پەلەك دادامنى 1958- يىلىدىن 1980- يىلىغىچە مەتبەئە ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھاياتقا، كىشىلىك تۇرمۇشقا، كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن قاراپ، قەلىمىنى توختاتماستىن، ئەل كۈلسە كۈلۈپ، يىغلىسا تەڭ يىغلاپ، ئەتراپىدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇش رېئاللىقىنى‹‹بىر ئېشەكنىڭ قىسمىتى››، ‹‹شۇم پەلەك››، ‹‹پىغان››، ‹‹ئوتۇننىڭ دەردى››، ‹‹دوستلارغا››، ‹‹ئۈمىد›› (بۇ شېئىرلار كېيىن شائىرنىڭ ‹‹ھايات كوشۇقى›› توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن) قاتارلىق شېئىرلىرى ئارقىلىق يۇرۇتۇپ بېرىلگەنلىكتىن، بۇ شېئىرلار ئۆز ۋاقتىدا مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئارگىنال پېتى قولدىن – قولغا ئۆتۈپ، ئېغىزدىن – ئېغىزغا كۆچۈپ،بەزىلىرى خەلق تەرىپىدىن ئاھاڭغا سېلىنىپ ناخشا قىلىپ ئېيتىلىپ كەلپىن، ئۇچتۇرپان ۋە ئاقسۇ رايونى تەۋەسىدە كەڭ تارقالغان.
پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن دادامنىڭ خىزمىتى ۋە مەبەئە ھوقۇقى تولۇق ئەسلىگە كەلدى. بۇنىڭدىن قاتتىق ئىلھاملانغان دادام پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە لۇغەتچىلىك ئىشلىرىغا ئۆزىنى ئاتىۋەتكەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن يېڭى دەۋر، يېڭى تۇرمۇش، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى يېڭى مۇناسىۋەتلەر ئۈستىدە شېئىرىي پىكىر يۈرگۈزۈپ، تۈگەپكەتكەنگە قەدەر 150 پارچە رۇبائىي، 250 پارچە ھەر تۈرلۈك شېئىر، 30 پارچە ساتىرا، بەش پارچە فېلياتون، 12 پارچە ھەجۋى ھېكايا، بىر دىرامما، بىر تېلېۋىزىيە سىنارىيەسى يازغان بولۇپ، نەتىجىدە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ‹‹تارىم بويىدا››،‹‹ھايات قوشۇقى››، (شېئىرلار توپلىمى). ‹‹بولدى قىل›› (فېليەتون ۋە ساتىرالار توپلىمى)، ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن ‹‹100 رۇبائىي›› توپلىمى، گۈزەل سەنئەت فوتو نەشرىياتى تەرىپىدىن ‹‹غەنىزات غەيۇرانى ئەسەرلىرى›› ( پۈتۈن ئەسەرلەر ئومۇمىي توپلىمى) نەشر قىلىندى.
دادامنىڭ 1980 –يىللاردىن بۇيانقى ئەدەبىي ئىجادىيىتىدە رۇبائىي بىلەن ساتىرا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرى تىلى راۋان بولۇش، چىن بولۇش، ھېسسىياتقا باي بولۇش، ئوبرازلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، يۇقىرى ئىدىيىۋى مەزمۇن، يۇقىرى بەدىئىي قىممەتنىڭ بىرلىكىدە ئۆزىنىڭ ھاتىي كۈچىنى نامايان قىلغان. شۇڭا ‹‹ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى›› نىڭ 4- قىسىم 1- كىتابىنىڭ ‹‹بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى›› (2006- يىل 4- ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان) دا دادام ھەققىدە مەخسۇس توختىلىپ، ‹‹1950- يىللاردا قولىغا قەلەم ئېلىپ ئىجادىيەت سەھنىسىگە كىرىپ كەلگەن غەنىزات غەيۇرانى... قاتارلىق بىر تۈركۈم ياش تالانتلىق شائىرلار ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ تايانچ كۈچلىرىدىن بولۇپ قالدى. ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشتى... شۇڭا بۇ دەۋردىكى شېئىرىيەت بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ تۇنجى ئالتۇن دەۋرى ئاتالدى.›› دەپ باھا بىرىش بىلەن بىرگە ‹‹1980- يىللارنىڭ كىرىشى بىلەن يېڭى دەۋر تارىخىي دەۋر بولۇپ قالدى. بۇ باسقۇچتا شائىر ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى يارىتىپ، ھەجۋى شېئىر ـ ساتىرا ئىجادىيىتىدە يېڭى بىر پەللە ياراتتى. يېڭى دەۋر باسقۇچىدا ئۇ باشقا تۈردىكى شېئىرلىرىدىن باشقا 30 پارچىدىن كۆپرەك ھەجۋى شېئىرـ ساتىرا يېزىپ، يېڭى دەۋردىكى ساتىرا ئىجادىيىتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرىدىن بولۇپ قالدى›› دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.
ئەمدى بىز دادامنىڭ تىلشۇناسلىققا ئائىت تۆھپىلىرى ئۈستىدە توختىلايلى. ھەممىمىزگە ئايانكى، ئۇيغۇر يېڭى دەۋر شېئىرىيىتىگە ئوخشاش، باشقا ساھەلەردىمۇ، جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى، تىلشۇناسلىق ۋە لۇغەتچىلىك ساھەسىدىمۇ ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەر يارىتىلدى. بۇ ئەلۋەتتە دادام غەنىزات غەيۇرانىغا ئوخشاش بىر تۈركۈم تەتقىقاتچى، تىلشۇناسلىرىمىزنىڭ جاپالىق ئەجرىنىڭ مېۋىسىدۇر.
دادامنىڭ تۇنجى بولۇپ تۈزگەن ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ ئېلىپبە ۋە تىل، ماتېماتىكا ئوقۇتۇش كىتابى قاتارلىق دەرسلىكلەر، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ گىرامماتىكىسى دەرسلىكى (1-قىسىم) 1953-،1954-، 1955- يىللىرى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەش قىلىنىپ، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدە تۈزۈلگەن دەرسلىكلەرنى قوللىنىش تارىخىغا خاتىمە بىرىش بىلەن بىرگە شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاساس ياراتتى. بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، تىل-تەتقىقات ۋە لۇغەتچىلىك ساھەسىدىكى تۆھپىلىرى بىلەنمۇ ھەممىمىزگە ئالاھىدە تونۇشلۇق. ئۇ ‹‹ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى››نى (ئالتە توملۇق ۋە بىر توملۇقىنى) تۈزۈشكە قاتناشتى ۋە مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى قىلدى ھەم‹‹ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قايدىسى ۋە ئىملا لۇغىتى››،‹‹ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى، ‹‹باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەسلىكى ئۈچۈن ئىزاھلىق لۇغەت››، ‹‹پەن-تېخنىكا ئاتالغۇلىرى لۇغىتى››. <<چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى>>نى تۈزۈشكە، بىكىتىشكە قاتناشتى ھەم مەسۇل مۇھەررىرلىكىنى قىلدى ھەم چوڭ تىپتىكى‹‹ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەت››نى تۈزۈشكە ۋە بىكىتىشكە قاتناشتى. ھەم ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەتقىقات ساھەسىدىكى بىر بوشلۇق بولغان تىلىمىزدىكى ئەدەبىي سۆزلەرنىڭ تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن شالغۇتلىشىشى، كەمتۈك بولۇپ قېلىشى توغرىسىدا ‹‹‹ئون ئىككى مۇقام› دىكى تېكىستلەرنىڭ ئوچۇقلاشتۇرۇلغانلىقى ھەققىدە››، ‹‹ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلار توغرىسىدا بايان ھەققىدە بىرنەچچە ئېغىز سۆز››، ‹‹ئىلىم-پەندە ئۆزىمىزنى بىلىش ھەققىدە››، ‹‹خاتا بىكىتىلگەن بىر ئاتالغۇ مۇناسىۋىتى بىلەن دېيىش زۆرۈر بولۇپ قالغان گەپلەر››قاتارلىق 30 نەچچە پارچە ئىلمىي ماقەلە يېزىپ 20 نەچچىسى ئېلان قىلىنىپ جەمئىيەتتە خېلى ياخشى تەسىر قوزغىغان.
مەرھۇم دادام ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ زېھنى ئۇچۇق، پىكرى ئۆتكۈر، گەپنى دانە-دانە قىلىدىغان، غورۇرى كۈچلۈك ئىنسان ئىدى. ئاددىيسى ئۇ ئۆزى بەھرىمان بولىدىغان ھۆكۈمەت يول قويغان مەنپەئەتلەردىنمۇ مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەھرىمەن بولالماي ئالەمدىن كەتتى. بۇ يەردە ئوقۇرمەنلەر خالىسا بىر قىسىم ئەمەلدارلارنىڭ ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن ئوقتۇرۇپ قويۇشقا تىگىشلىك بىر مەخپىيەتلىك بار.
دادام 1992- يىلى تۇنجى بولۇپ ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسسىسلەرنىڭ بىرى بولغانىدى. بۇنى ئالماستىن بۇرۇن كاندىدات تەتقىقاتچى ئىدى. ئەپسۇس، ئىلمىي ئۈنۋانىغا قىلچە يېقىنلاشمايدىغان 70 كىۋادىرات مېتىرلىق كاتەكچىلىك ئۆيدە ئالەمدىن كەتتى. ھەر قېتىملىق ئۆي تەقسىم قىلىشتا ئىدارىسىگە ئۆي بىرىش ئىلتىماس سۇنغان بولسىمۇ، ھەتتا ئاخىرىقى قېتىمدا بەرگەن ئۆينى سېتىۋېلىدىغان تۇرۇقلۇق ،شەرتى تولۇق توشىدىغان تۇرۇقلۇق يەنە ئۆي بەرمىگەن. كېيىن سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرسە، شۇ ۋاقىتلاردا ئىدارىسىگە يېڭىدىن باشلىق بولغان كىشىگە كونا خىزمەتداشلاردىن بىرسى دادامنىڭ ئىلگىرى يازغان ۋە يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان ‹‹مەنسەپنىڭ كارامىتى››، ‹‹شۇ باشلىق ئورنىغا تىكىلگەن كۆزۈم››، ‹‹ ئەيلىدى››. ‹‹باشلىق بىلەن شوپۇر››، ‹‹خەلق سەسكەندى، ھۆ بولدى››، ‹‹بولدى قىل›› قاتارلىق ساتىرالىرى ئېلان قىلىنغان گېزىت-ژۇرناللارنى باشلىقنىڭ يېنىغا كۆتۈرۈپ كىرىپ:‹‹بۇ نىڭدا سىلىنى يېزىپتۇ، يەنە كىلىپ سىلىنىلا ئەمەس، بالا-چاقىلىرى دائىم ماشىنا ئىشلەتكەنلىرىنىمۇ بۇ ماشىنا ھۆكۈمەتنىڭمۇ؟ شەخسىنىڭمۇ دەپ قاتتىق مەسخىرى قىپتۇ، ئۆزىمۇ ئىدارىنىڭ تۈزۈمىگە بويسۇنمايدىغان تەكەببۇر ئادەم ›› دەپ چېقىمچىلىق قىپتۇ. ئۇ باشلىقلارمۇ: ‹‹بۇ ئەدەبىي ئەسەر تۇرسا، بۇنىڭدا ئىسمىمىزنى، مەنسىپىمىزنى ئاتىمىغان تۇرسا، قانداقمۇ بىزنى يازغان بولسۇن›› دېمەستىن قاتتىق خاپا بولۇپ:‹‹مەنلا بولىدىكەنمەن ئۆي ئالغىنىنى بىر كۆرەي›› دەپ دادامغا ئۆچ بولۇپ قاپتۇ-دە، ساتىرالاردىكى سەلبىي پېرسوناژلارنى ئۆزىگە بەك ئېلىپ كېتىپ، قاتتىق خاپا بولۇپ ئۆي بەرمىگەنمىش. بۇنى ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسىگە يېڭىدىن ئۆستۈرۈلگەن،يەنە كېلىپ بىر ئىشخانىدىكى كەسىپدىشى مەرھۇم ئابلىكىم رېھىمجان بۇ ناھەقچىلىككە چىدىماي ئۆي بەرمەسلىكنىڭ سەۋەبىنى دادامغا دەپ قويغان. ئەمما دادام پىسەنتىگە ئالماي، :‹‹ھېلىمۇ شۈكىرى تالادا قالمىدۇق، ‹‹موزاينىڭ يۈگۈرۈشى سامانلىققىچە›› دەپتىكەن كونىلا، نى-نى يۈگۈرگەنلەرنى كۆرگەنمەن. ‹‹ھەركىم قىلسا ئۆزىگە، توپا كىرەر كۆزىگە ›› دەپتىكەن دەپ پىسەنتىگە ئالماي، كونا ئۆيدە ئولتۇرۇۋەرگەن.
بىر كۈنى چوڭ ئۆيگە بېرىپ، بۇ قورودىكى چوڭلارنىڭ يېڭى سېلىنغان بىناغا كۆچۈپكەتكەنلىكىنى كۆرۈپ قاتتىق كۆڭلۈم يېرىم بولدى.دادامغا:
-سىزدەك ئۇنۋانى بارلارنىڭ ھەممىسى يېڭى بىناغا كۆچۈپ كېتىپتۇ، قوروغا پۈتۈنلەي ياشلار كۆچۈپ كىرىپتۇ، بۇ ئىدارىدىكىلەرنىڭ نېمە قىلغىنى،-دېدىم دادامغا دوق قىلىپ.ئەمما دادام:
ـ شۈكىرى قىلغۇلۇق، بىزچىلىك ئۆيى يوق ئادەملەر ساماندەك، تۆنۈگۈن ئىدارە باشلىقى مېنى چاقىرتىپتىكەن، ئەجىبا مېنى چاقىرتىپ قاپتۇغۇ-دەپ بارسام، ئۆيىدىكەن، بىرئۇستىخان - بىر تېرە بولۇپ يېتىپتۇ، تۇنىماي قاپتىمەن، دوختۇرلار بالىلىرىغا ئۆيۈڭلاردا ئوبدانراق بېقىۋېلىڭلار دەپتىكەن ياندۇرۇپ چىقىپتۇ. مېنى بىر كۆرۈشكۈم بار دەپ ئېيتىپ بىرىپتىكەن، شۇڭا بارغانتىم. ئاۋالقى قىياپىتىدىن قىلچە ئەسەر يوق، ئۆپكە راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى ئىكەن. جېنى بەك قىينىلىپ كېتىپتۇ، سەكراتتا ياتقىلى ئۈچ كۈن بوپتۇ، يەنە كېلىپ چاغاننىڭ تۆتىنچى كۈنى-دە بۇ. گېلىدىن ھېچنېمە ئۆتمىگىدەك. ‹‹خۇدايىم بۇنداق خارلىنىپ قېلىشتىن ساقلىغايسەن›› دېدىم ئىچىمدە، ئۇ قولۇمنى يىلىمان قوللىرى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇپ:‹‹ئاغىينە مەن سېنى ئورۇنسىز رەنجىتىپ قويدۇم، كەچۈرگىن، باشقىلارنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ كېتىپتىمەن، كەم ئەقىللىق قىپتىمەن ...›› دېگەنتى ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى. بىرنەچچە كۈنلۈكى قاپتۇ-دېدى سەل جىمغور بولۇپ. ئاندىن يەنە : ـ ھايات دېگەن مۇشۇنچىلىكلا نەرسە، تالاشقىچىلىكى يوق، شۇڭا كەڭ قوساق بولۇڭلار، باشقىلارغا ھۆرمەت قىلىڭلار، ئۇلارمۇ سىلەرگە ھۆرمەت قىلىدۇ. ئازغىنە مەنپەئەتنى دەپ تولا كېرىلىپ، غادىيىپ كەتمىگۈلۈك، بارغا شۈكىرى قىلغۇلۇق، مۇنداق دېسەم، ‹‹ئۈژمە پىش، ئاغزىمغا چۈش›› دەپ تەييارتاپلىق قىلماڭلار، ھەركىم بولسا قابىلىيىتىگە يارىشا ئىشلەپ يىگۈلۈك دېگەنىدى. بۇ 2007- يىلى 11- ئاينىڭ 25- كۈنى ئىدى. ئەپسۇس، 11- ئاينىڭ 28- كۈنى تاڭ سەھەر (ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت سەككىزدە ئۇشتۇمتۇت يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قېلىپ ئۇدۇنياغا كەتتى. ئاللا ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن! ئۇ ھەممە ئىشقا مەسئۇلىيەتچان، كەسىپتە ئىلمىي، تۇرمۇشتا ئادىي-ساددا، كەمتەر، سەمىمىي ۋە راستچىل، يولداشلار ئارا چىقىشقاق ئىدى. ئۇنىڭ:
‹‹ھاياتلىقتا قالىدۇ ھەر بىر قەدەمنىڭ ئىزى،
شۇ ئىز سېنىڭ ھاياتلىق تارىخىڭنىڭ دەل ئۆزى.
خام ئويلىما ئۆزگىلەر بىلمەيدۇ دەپ سىرىمنى،
بار ساڭا قارايدىغان ھەتتا تامنىڭمۇ كۆزى.››
دېگەن بۇ رۇبائىيسى داۋاملىق قۇلاق تۈۋۈمدە جاراڭلايدۇ. شۇڭا دادامنىڭ ھاياتىمدىكى مەنىۋى تۈۋرۈكلۈك جەسۇرانە قىياپىتى قەلبىمدە مەڭگۈ قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.
2012- يىل 5- ئاينىڭ 10- كۈنى ئۈرۈمچى.
<< ئاقسۇ گېزىتى>> نىڭ2012- يىلى 4- ئاينىڭ 14- كۈنىدىكى ئەدەبىيات بىتىدىن ئېلىندى.