eybuyaqup يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 02:03
شىمال سەپىرىدىن پارچە تەسىراتلار
گۈلباھار ئەزىز
گۈلباھارنىڭ تەسىراتلىرىنى ئوقۇپ ئىلىدىكى گۈزەل دەملەرگە قايتقاندەك ،ئەزىز قەلەمكەشلىرىمىزنىڭ يارقىن سىماسىنى قايتا كۆرگەندەك بولدۇم . ئەدىبلىرىمىز ئىززەت -ھۆرمىتى ۋە دىيانەتلىكلىكى بىلەن قەلبىمىزدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى . بولۇپمۇ ئايال ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئۇچرىشىشى ،كەچتىكى قىزغىن سۆھبەتلىرى ئىلىدىكى ئايال قەلەمكەشلەرنىمۇ يۈرىكىدىن خوش قىلغان ئىدى . سۆيۈملۈك دوستىمىز گۈلباھار ئەزىز ، ئاتىكەم سىدىق ، پاتىگۈل نىياز ، قەلبىنۇر ئىلياس ، زۆھرەگۈل ئابدۇۋايىت ، نۇرىيە ئابدىكېرىم ، خاسىيەت ئىمام ، گۈلنىسا ، پەرىدە ، گۈلنۇر ۋە يەنە بىر قانچە ئەزىزلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن تۈزۈلگەن سورۇنىمىز بەكمۇ قىزىغان ئىدى . ئۇلارنىڭ ئىسىل لېرىكىلىرى ، نەسىرلىرى ۋە يۇمۇرلىرى بىلەن ھەممەيلەننىڭ چېھرىدە كۈلكە ،قەلبىدە مەمنۇنىيەت ۋە سۆيۈنۈش ھىسلىرى ئويغانغان ئىدى . ئەپسۇس ۋاقىتنىڭ قىسلىغى سەۋەبلىك كۆپرەك ئەسرالىشىشقا ، مېھمانلارنى ئۆيلىرىمىزگە باشلاپ بىر پىيالە چاي سۇنۇشقا ئىمكان بولمىدى . شۇنداقتىمۇ ھەممەيلەننىڭ مەڭگۈ بەختىيار بولۇشىغا ، ئىجاد مىۋىلىرىنىڭ مەي باغلاپ پىشىشىغا چىن دىلىمدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن . ھەممىمىزلەرگە ئەڭ گۈزەل تىلەكلەر يار بولسۇن !