كۆرۈش: 397|ئىنكاس: 5

مۇھەممەد كامال [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 832
تۆھپە : 46
توردا: 503
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 13:10:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

2010729203438201072841204clip_image002[1].jpg

مۇھەممەد كامال خۇشخۇي، 1958- يىلى 5- ئاينىڭ 10-كۈنى گۇما ناھىيىسىنىڭ كۆكتېرەك يېزا كۆكئوتاغ كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن.1983-يىلى قاراقاش دارىلمۇ ئەللىمىن مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن.گۇما ناھىيە كۆكتېرەك يېزا ئوتتۇرا مەكتەپ،گۇما ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئەرزىيەت ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىشلىگەن.ھازىر گۇما ناھىيىلىك يازغۇچىلار جەمئىيتىدە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.

     ئۇنىڭ ئەدەبى ئىجادىيىتى 1983-يىلى 31-ئىيۇل<<خوتەن گېزىتى>>دە ئېلان قىلىنغان <<ھايات ئۈنچىلىرى>> ناملىق چاتما شېئىرى بىلەن باشلانغان بولۇپ،ھازىرغىچە<<تارىم>>،<<يېڭى قاشتېشى>>، <<جۇڭگۇ مىللەتلىرى>>،<<ئاقسۇ ئەدەبىياتى>>،<<شىنجاڭ گېزىتى>>،<<ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى>>، <<قۇمۇل ئەدەبىياتى>>قاتارلىق 18 خىلدىن ئارتۇق گېزىت-ژۇرنالدا 500 پارچىدىن كۆپرەك شېئىر، باللادا، داستان، 50 پارچىغا يىقىن ھېكايە، نەسىر،فىليەتون، 30 پارچىدن ئارتۇق ئەدەبى ئوبزور ۋە نەزىرىۋى ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان.

     <<غەزەللەر>>،<<زۇغۇيلار پەلسەپىسى>>،<<شېئىرلار>> ،<<تۈنەيدۇ شائىرنىڭ بېشىدا ئالقىش>> قاتارلىق تۆت گۇرۇپپا شېئىرى،<<كۆيگەن ئەقىدە>>ناملىق ھېكايىسى خوتەن ۋىلايىتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن، مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى سىلىشتۇرۇپ باھالاشتا مۇكاپاتلانغان. 1994-يىللىق 4- سان «تارىم»ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «ئىلھامغاباي كېچىلەر» ماۋزۇسىدىكى بىرگۇرۇپپا شېئىرى 6-قېتىملىق،<<يېڭى قاشتېشى>> ژۇرنىلىنىڭ 2006- يىللىق 1-سانىدا ئىلان قىلىنغان <<ئەقىدە ئىگىلسە، يۈرىكىم كۆيۈك>> ماۋزۇسىدىكى بىر گۇرۇپپا شېئىرى 15-قېتىملىق <<شىنجاڭ خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئىرىشىپ مۇكاپاتلانغان. «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2002- يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان«ئەھمەتشاھ قاراقاشى بىلەن نەزەر مۇفتىنىڭ دوستلۇقى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش» ناملىق ئىلمىي ماقالىسى ئەخمەتجان ئابدۇللا نامىدىكى «تارىم دولقۇنلىرى»ناملىق ئەدەبىي مۇكاپاتقا،<<يېڭى قاشتېشى>> ژۇرنىلىنىڭ 2002- يىللىق 5- سانىغا بېسىلغان<<دارنى ئاستىم قەلبىمگە مىڭ رەت>> ماۋزۇسى ئاستىدىكى بىر گۇرۇپپا شېئىرى كېرەم ئىمىن نامىدىكى«قاشتېشى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا،<<يېڭى قاشتېشى>> ژۇرنىلىنىڭ2007-يىللىق 5- سانىغا بېسىلغان<<ئەپسۇسلىنىش>> ناملىق فىليەتونى ئالىمجان سادىق نامىدىكى <<فىليەتون ئىجادىيىتى>> مۇكاپاتىغا ئىرشكەن.


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىشۆھرىتى تىللاسى يىغىش سەۋەبى
زۆھرەگۈل ھامۇت + 3 + 3

ھەممە باھا نومۇرى : شۆھرىتى + 3  تىللاسى + 3   باھا خاتىرىسى

mukam.cn

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  112
يازما سانى: 209
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 832
تۆھپە : 3
توردا: 275
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-31

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 17:22:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم مۇھەممەد كامال خۇشخۇينىڭ ئۆمرىگە مەغپىرەت،ئىشلىرىغا بەرىكەت ، ئىجادىيىتىگە نۇسرەت تىلەيمەن.

شىئېر جېنىمدۇر ، شىئېر  ۋىجدانىم،شىئېر قېنىمدۇر ، شىئېر گۈلخانىم.

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26
يازما سانى: 277
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1795
تۆھپە : 78
توردا: 674
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-30

تۆھپىكار ئەزا تۆھپىكار مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 17:44:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەد كامال ئاكامنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا ئۇتۇق ، ئىجادىيتىگە بەركەت تىلەيمەن . ئېسىل ئەسەرلىرىدىن دائىم ھۇزۇرلىنىپ تۇرۇشنى ئىستەيمەن .

مەن ئۆزۈمگە ئىشىنىپ ياشاۋاتىمەن ...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  320
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 934
تۆھپە : 1
توردا: 81
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-27

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 22:09:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  خۇشخۇينىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق،تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن.ئۇ مېنىڭ ئوقۇغۇچۇم،مەن ئۇنىڭ شاگىرتى. بالدۇر چىققان قۇلاقتىن كېيىن چىققان مۆڭگۈز ئېشىپ كېتىدۇ،بۇ-بىر قانۇنىيەت، شۇ سەۋەپلىك مەندە خۇشخۇيغا بار چوڭقۇر ھۆرمەت-مەمنۇنىيەت!

Erchin ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30
يازما سانى: 734
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 5109
تۆھپە : 5
توردا: 248
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-11-1

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 22:28:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇشخۇي ئەپەندى شېئىرنى چىن ئىخلاس- ئەقىدە  بىلەن يازىدىغان، چىن يۈرىكىمدىن ھۆرمەت قىلىدىغان شائىرلارنىڭ بىرسى. خۇشخۇي ئەپەندىنىڭ كېيىنكى ئىجادىيىتى يەنىمۇ نۇسرەت قۇچسۇن! ئەزىز تېنى سالامەت بولغاي!

Men Dunyagha Yoluchimen, Helila Ketimen

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  364
يازما سانى: 279
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2632
تۆھپە : 5
توردا: 348
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-11-1

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 13:00:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

          ئۇستاز مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ئەپەندىنىڭ تېنى سالامەت بولغاي....

چىن ئەقىدىلىك ئىنسان ئۆلۈش ئۈچۈن ياشىمايدۇ- ياشاش ئۈچۈن ئۆلىدۇ....

                                                 -ئۈمىد
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش