كۆرۈش: 310|ئىنكاس: 7

مۇھەممەت خېۋىرنى ئەسلەپ: پىنھان ئوتىدا كۆيدى يۈرىكىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  69
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 883
تۆھپە : 12
توردا: 299
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-29

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 10:11:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۈگۈن تالانتلىق شائىر مۇھەممەت خېۋىردىن ئايرىلغىنىمىزغا ھەش-پەش دۈگۈچە تۆت يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئۆز ۋاقتىدىكى ئەسلىمەمنى يوللاشنى لايىق تاپتىم.

پىنھان ئوتىدا كۆيدى يۈرىكىم

ــــــ ئۇستاز شائىر، كومپوزىتور، پىكىردىشىم مۇھەممەت خېۋىر ئەپەندى مۇسىبىتىگە قايغۇ.

پەرھات كازىمى
1. تۇنجى دىدارلىشىش
muhemmed hiwe01.jpg

ـــــــــــ مۇھەممەت خېۋىر ئەپەندىنىڭ 50 ياش خاتىرىسى.
مەن شائىر مۇھەممەت خېۋىر بىلەن مەتبۇئات يۈزىدە 1985-يىلىدىن باشلاپ تونۇشقان.
تاغام كىتابخۇمار ئادەم ئىدى. شۇ يىللىرى ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنىدىغان ژۇرناللارنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك مۇشتەرى بولاتتى. ھەر قېتىم بوۋاملارنىڭكىگە بارغاندا تاغامنىڭ ھۇجرىسىدىن چىقماي كىتاب، ژۇرنال ئوقۇيتتىم. بولۇپمۇ قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە بارلىق نەۋرىلەر بوۋاملارنىڭ تەپچىسىنى چاپقىلى باراتتۇق. شۇ كەچلەردە بىز ئولاش-چولاش «تۇرپان»، «تارىم»، «ئىلى دەرياسى»، «قەشقەر ئەدەبىياتى»... قاتارلىق ژۇرناللارنى بۆلۈشۋالاتتۇق. ئوقۇپ بولغانلار نۆۋەتلىشىپ ئالمىشىپ ئوقۇيتتۇق. ئوقۇغان ئەسەرلەرنى ئەتىسى تەپچە چېپىۋېتىپ سۆزلىشەتتۇق.
شۇ چاغلاردا «تۇرپان» ژۇرنىلىدا «خېۋىر» فامىلىلىك يازغۇچى، شائىرلاردىن بىر نەچچىسى بار ئىدى. ئارىمىزدىن بىرى:
-ئابلىكىم خېۋىر، مۇھەممەت خېۋىر، ئەخمەت خېۋىر دېگەن كىشىلەر «موللا زەيدىن ھەققىدە قىسسە»نىڭ ئاپتورى خېۋىر تۆمۈرنىڭ ئوغۇللىرىمىدۇ؟-دېگەن ئىدى. تاغام:
-مۇھەممەت خېۋىر بىلەن ئەخمەت خېۋىر ئاكا ئۇكا ئىكەن، ئابلىكىم خېۋىر بىلەن تۇغقان ئەمەس ھەم خېۋىر تۆمۈرنىڭ بالىلىرىمۇ ئەمەس-دېدى.
كېيىن مۇھەممەت خېۋىر بىلەن تونۇشقاندا بۇ گەپنى دېگەن ئىدىم كۈلۈپ كېتىپ:
-بۇنى مەندىن نۇرغۇن ئادەم سورىدى، توقسۇندىمۇ «خېۋىر» دېگەن ئىسىم ئانچە كۆپ ئەمەس، لېكىن ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ نەچچىسىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى «خېۋىر» بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا سىزدەك قاراشتا بولسا كېرەك،-دېگەنىدى.
مەن « تۇرپان گېزىتى» ئىدارىسى 1993-يىلى 7-ئايدا ئاچقان«‹بېزەكلىك گۈلزارى› ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە ئاخبارات بىلىملىرى بويىچە تەربىيىلەش كۇرسى»دىن كېيىن تۇرپان ۋىلايىتىدىكى ماڭا ئۇزۇندىن مەتبۇئات يۈزىدە تونۇش بولغان ئەدىبلەر بىلەن رەسمىي تونۇغانىدىم. ھېلىمۇ ئېسىمدە، شۇ قېتىمقى كۇرسقا تۇرپان ۋىلايىتىدىكى شائىر، يازغۇچىلار ۋە ھەۋەسكارلارنىڭ كۆپچىلىكى قاتناشقان ئىدى. تۇرپان ۋىلايىتىدىكى تونۇلغان يازغۇچى شائىرلاردىن مۇھەممەت شاھنىياز، ئابابەكرى ئەمەت، مۇھەممەت خېۋىر... قاتارلىقلار بار ئىدى. مۇھەممەت خېۋىر ماڭا ھاكاۋۇر، چىرايىدىن قار يېغىپ تۇرىدىغان، توڭ ئادەمدەك بىلىنگەنىدى.
شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇچرىشىشلاردا مۇھەممەت خېۋىرنىڭ سۈرلۈك چىرايىدىن ئەيمىنەتتىم. ھەر قېتىم «تۇرپان» ژۇرنىلىنىڭ يېڭى سانى قولۇمغا چىقسا تونۇشلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇيتتىم. شائىر مۇھەممەت خېۋىرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغاندا مۇھەممەت خېۋىرنىڭ جۇشقۇن، كەسكىن چىرايى كۆز ئالدىمغا كەلسە، سۆھبەتلەردىكى كىشىنى قايىل قىلىدىغان سۆزلىرى يادىمغا كېلەتتى.
2000-يىلىدىن كېيىن شائىر مۇھەممەت خېۋىر ئەپەندى بىلەن بولغان پىكىر بىرلىكىمىز بىزنى يېقىنلاشتۇردى. نۇرغۇن چاغلاردا شائىر مۇھەممەت خېۋىرنىڭ سۈرلۈك چىرايىدىن ئەيمىنىپ يېنىغا بېرىپ پاراڭلىشىشقا پېتىنالمايتتىم. ھېلىمۇ ئېسىمدە مۇھەممەت خېۋىر ئەپەندى تۇرپاندىكى بىر قېتىملىق يىغىندا يېنىمغا كېلىپ:
-پەرھات، بىزدىكى ئاجىزلىق تۇرپان ئويمانلىقىمىزدىن چىقالمايۋاتقانلىقىمىزدا. مەنغۇ قېرىدىم، سىزلەر نېمىشقا سىرتقا يۈزلەنمەيسىزلەر؟ بۇ خىل بېكىنمىچىلىك سىزدىمۇ ئېغىر- دەپ بىرمۇنچە ياخشى پىكىرلەرنى بەرگەن ئىدى.
بىزنىڭ كۆپىنچە يۈز كۆرۈشۈشىمىز تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى،  يازغۇچىلار جەمئىيىتى، «تۇرپان» ژۇرنىلى، «تۇرپان گېزىتى» قاتارلىق ئورۇنلار ئۇيۇشتۇرغان يىللىق يىغىن، مۇھاكىمە يىغىنى، مۇسابىقە ئەسەرلىرىنى مۇكاپاتلاش يىغىنى... لاردا ئۇچرىشىش ئىدى. خېلى ۋاقلارغىچە مۇھەممەت خېۋىر مېنىڭ نەزىرىمدە قاپىقىدىن قار يېغىپ تۇرىدىغان، سۈرلۈك، كەسكىن ئادەم ئىدى.
2. كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچكەن دەملەر
muhemmet xiwir naxsha eytmaqta 002 拷贝.jpg

ـــ مۇھەممەت خېۋىر ئەپەندى ئۆزى ئىشلىگەن ئاھاڭنى ئېيتماقتا. 2006-يىلى تۇرپان.

«تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ 100سانلىقى مۇھاكىمە يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنىپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم(2003-يىلى 11-ئاي). ئەۋەتكەن ئالاقىگە ئاساسەن نەنمىندىكى بىر مېھمانسارايغا كىرسەم  ئالىم خالىدىن «شائىر مۇھەممەت خېۋىر بىلەن بىر ياتاققا ئورۇنلاشتىڭىز، مۇھەممەت ئاكام ئۈستىگە چىقىپ كەتتى، ياتاقتا بار.» دېدى. ئۇھ، بۇ سۈرلۈك، قاپىقى يامان ئادەم بىلەن قانداقمۇ قىشنىڭ ئۇزۇن تۈنلىرىنى ئۆتكۈزەرمەن، دېگەن غەم بىلەن ياتاققا چىقتىم.
ياتاقتا مۇھەممەت ئاكام يوق ئىكەن. ياتاقتا يېتىپ بىردەم شائىر مۇھەممەت خېۋىرنىڭ بىز تۇرپاندىكى ئۇچرىشىشلاردىكى سۆزلىرىنى، ئەسەرلىرىم ئۈستىدە بەرگەن باھالىرىنى يادىمغا ئېلىپ كۈتتۈم. يوق. بىر چاغدا بازار ئارىلاپ كېلەي دەپ ئۈرۈمچىنىڭ سوغۇق قىش كېچىسى نەنمىندىكى بىز چۈشكەن مېھمانسارايدىن بولاق بېشىغىچە بېرىپ يېنىپ كەلدىم. ياتاققا كىرسەم شائىر مۇھەممەت ئاكام كۆزەينىكىنى تاقاپ ژۇرنال ئوقۇۋاتقان ئىكەن. كۆزەينىكىنىڭ ئۈستىدىن ماراپ قاراپ:
-ھە، پەرھات ئەپەندىم، قورسىقىڭىز قانداق؟ تاماق يېمىگەن بولسىڭىز تاماققا ئاچىقاي، ياتاق سوغۇق ئىكەن ئاچ قۇرساق ياتسىڭىز بولمايدۇ،- دېدى.
-ئالىم خالىدىنلار بىلەن غىزالىنىپ بولۇپ، بازار ئارىلاپ كىرىشىم،-دېدىم. ئىچىمدە بولسا، سىزدەك سوغۇق ئادەم بىلەن بىر ياتاقتا بولۇپ قالغانلىقىم ئۈچۈن بۇ ياتاق تېخىمۇ سوغۇق بىلىنىۋاتىدۇ، بىر سوغۇق ئىككى سوغۇق بولىدىغان بولدى دېدىم.
-ھە، پىچاندىكى بۇرادەرلەر تېچلىقمۇ؟ سىز يالغۇزلا كەپسىزغۇ؟ تۇرپاندىمۇ ساتتارلا كەپتۇ... دەپ پاراڭ سېلىشقا باشلىدى.
بىر سائەت پاراڭلاشقاندىن كېيىن مۇھەممەت ئاكامغا
-مۇھەممەت ئاكا، سىزگە بىر گەپنى دېسەم خاپا بولمايسىز جۇمۇ؟-دېدىم.
-قېنى مەرھەمەت، مەن دوستلارنىڭ گېپىگە خاپا بولىدىغان ئادەم ئەمەس،-دېدى.
-راستنى ئېيتسام، بۇ قاپىقى يامان، تەرسا ئادەم بىلەن قانداقمۇ بىر ياتاقتا يېتىپ تاڭ ئاتقۇزارمەن دەپ غەمدە قالغان ئىدىم،-دېسەم.
مۇھەممەت ئاكام كۈلۈپ كېتىپ:
-مېنى خاتا چۈشىنىپ قاپسىز. مېنىڭ چىرايىم مۇشۇنداق. كۆپ ئادەملەرگە قاپىقى يامان، تەرسا، ھاكاۋۇر تۇيغۇ بېرىدىكەنمەن. ئەمەلىيەتتە مەن ئۇنداق ئادەم ئەمەس... دەپ بىرمۇنچە قىزىقارلىق پاراڭلارنى سېلىپ بەردى.
شۇ ئاخشىمىدىن باشلاپ بىزنىڭ دوستلۇقىمىز يەنە بىر بالداق كۆتۈرۈلدى. ئەتىسىدىن باشلاپ مۇھەممەت ئاكام بىلەن يىغىندا تاماقتا بىللە بولۇپ يۈرۈپ ئاكا-ئۇكا بولۇشۇپ كەتكەنىدۇق. شۇ كۈنى «ئاقيول» نامىدىكى مۇكاپاتلىق شېئىر مۇكاپاتىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كېيىن ئىككىمىز بۇ كاتتا ئىش ھەققىدە كۆپ پاراڭلاشتۇق. شۇنىڭدىن باشلاپ تاكى مۇھەممەت ئاكامنى ئالەمدىن ئۆتكۈچە بولغانغا قەدەر تۇرپان، پىچان، توقسۇنلاردا ئۇچرىشىپ تۇرۇشتىن باشقا ھەپتىدە دېگۈدەك تېلېفوندا ئەھۋاللىشىپ كەلگەنىدۇق.
  3. شائىر ھۆرمىتى
ھېلىمۇ ئېسىمدە 2005-يىلى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ تېلېفون قىلغان چېغىمدا تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى «مۇھەممەت خېۋىر شېئىر ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنى» 11-ئايلاردا ئاچماقچى بولغانلىقىنى دەپ كېلىپ «سىزچە مەن مۇۋاپىقمۇ؟ ئويلاپ باقسام مەن مۇۋاپىق ئەمەستەك ھېس قىلىۋاتىمەن...» دەپ قايتا-قايتا سورىغانىدى (بۇرۇنمۇ تېلېفوندا مۇشۇنداق بىر ئىش بارلىقىنى دەپ ‹چوڭلار بار تۇرسا ماڭا قانداق بولار؟› دېگەنىدى). مەنمۇ شائىرىنىڭ ئىجادىيەتتىكى ئۇتۇقلىرىنى بىرمۇنچە سۆزلەپ قايىل قىلغانىدىم. مەرھۇم بەكمۇ كەمتەر ئادەم ئىدى.
مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تەييارلىق ئىشلىرىنى تېلېفونلىشىپ تۇردۇق. ھەر قېتىم «ئىلھام سەيدۇللا، ياسىن نىياز، ھەبىبۇللا رەجەپلەر بەك كۈچەپ كېتىۋاتىدۇ... مېنى بەك خىجىل قىلىپ قويۇۋاتىدۇ. مەن شۇنداق بىر مۇھاكىمە قىلغۇدەك بىر نەرسە جىجالىغان ئادەممۇ؟...» دەپ كەتكەن ئىدى. راست شائىر تىلغان ئالغان بۇرادەرلىرىمىز ھەقىقەتەن كۆپ كۈچ چىقارغان ئىدى. بىر مۇھاكىمە يىغىنىنى تەستىقلىتىش، قاتنىشىدىغان ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش... ئىشلىرىنى ھەممىنى ئورۇنلاشتۇرمىسا بولمايتتى. يازغۇچىلار جەمئىيىتى دېگەن بىر جەمئىيەت يېتەرلىك ئىقتىسادى يوق.
«مۇھەممەت خېۋىر شېئىر ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنى» شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى توقسۇندا ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلدى. بىز پىچاندىن ئېلى ھىمىت ئىككىمىز بىر كۈن بۇرۇن توقسۇنغا بارغانىدۇق. شائىر يىراق-يېقىندىن كەلگەن مېھمانلاردىن بىردەم-بىردەم ئەھۋال سوراپ تۇراتتى. ياتاققا ئورۇنلىشىپ بولغاندا ياتىقىمىزغا  كىرىپ:
-مەن بۇ پائالىيەتنى بۇنچىلىك چوڭ بولار دەپ ئويلىمىغان ئىكەنمەن، ئۈرۈمچىدىن بوغدا ئابدۇللا، ئىمىن ئەخمىدى، ئوسمانجان ساۋۇت، مۇھەممەت پولات، ئابدۇبىسىر شۈكۈرى، ئابدۇقادىر جالالىدىن... قاتارلىق داڭلىق ئەدىبلەر كەلدى. مانا سىزلەرمۇ 160 كىلومېتىر يولنى بېسىپ كەپسىزلەر مەن بەك خۇشال... دېگەنىدى. مەڭزلىرىدىكى قىزىللىق تېخىمۇ روشەنلەشكەنىدى. مەن:
-ئارام ئېلىڭ، قان بېسىمىڭىز ئۆرلەپ قالمىسۇن، ئەتىكى پائالىيەتتە دىرىڭڭىدە ئارقىڭىزغا ئۇچۇپ كەتمەڭ يەنە؟ دەپ چاقچاق قىلغانىدىم.
-بۇنداق كاتتا مېھمانلار كەلسە توقسۇننىڭ شامىلى (ئادەتتە مۇھەممەت ئاكام توقسۇننىڭ بورىنىنى ‹شامال› دەيتتى) يۆلەپ تۇرغۇزۇپ قويىدۇ... ئۇيغۇر تېبابەت شىپاخانىسىدىكى تېۋىپ ئاغىنىلەرگە دەپ دورا ئەكەلدىم. خاتىرجەم بولۇڭ... دېگەنىدى. شۇ ئاخشىمىمۇ بىز خېلى مۇڭداشقانىدۇق.
شائىر مۇھەممەت خېۋىرنى ئۆيىگە ئۇزىتىپ قويۇپ بىز نەچچەيلەن تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى يازغۇچى ئىلھام سەيدۇللا بىلەن تۇرپان ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى يازغۇچى ياسىن نىيازنىڭ ياتىقىغا كىرىپ بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئەھمىيىتى، مۇھەممەت خېۋىر شېئىرلىرىغا يېزىلغان ئوبزورلار ھەققىدە مۇلاھىزىلەر قىلىشتۇق. ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىدا بىر مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىشنىڭ قىيىنلىقىنى بۇنداق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈش تورغىسىدا سۆز قىلدى. بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا بېيجىڭدىن تۆمۈر داۋامەت ئەپەندىمۇ تەبرىك ئەۋەتكەنلىكى يىغىننىڭ كەيپىياتىنى تېخىمۇ كۆتۈرۈۋەتكەنىدى.
ئەتىسى سەھەردە مۇھەممەت ئاكام ياتاقمۇ ياتاق كىرىپ مېھمانلاردىن ئەھۋال سورىدى. ئىلى ھىمىت ئىككىمىز تېتىك، روھلۇق شائىردىن بەك تەسىرلەنگەن ئىدۇق. چۈنكى ئاخشام ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 12لەردە ئۆيىگە قايتقانىدى.
مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇلىدىغان ئەسەرلەرنى «تۇرپان» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى شائىر تۇرغۇن جالالىدىن كۆرۈپ چىقىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. تۇرغۇن جالالىدىن كېچىچە مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇلىدىغان ۋە بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا تاپشۇرۇلغان ماقالىلەرنى كۆرۈپ چىقىش بىلەن يىغىن كۈن تەرتىپىنى تۈزۈپ چىقتى.
«مۇھەممەت خېۋىر شېئىر ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنى» ئېچىلغان زال كىچىكلىك قىلدى. كەينى ئىشىك تەرەپتە ئادەملەر تىقما-تىقما بولۇپ ئۆرە تۇرۇشاتتى. تونۇلغان ئەدىبلىرىمىزدىن ئىمىن ئەخمىدى، ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئابدۇبەسىر شۈكۈرىلەر، ۋىلايىتىمىزدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئوبزورچىلاردىن ئېلى ھىمىت، خەلچەم رىشىت ... لەرنىڭ چوڭقۇر تەھلىللىرى، مۇلاھىزىلىرى سىڭگەن ماقالىلەر ئوقۇلۇپ شائىر مۇھەممەت خېۋىرغا يۈكسەك باھالارنى بەردى.
شائىر مۇھەممەت خېۋىرنىڭ ئابرۇيىنى تۆۋەن چاغلىغان بىر قىسىم يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ھەيران قىلىشقانىدى. دېمىسىمۇ ياندىكى موللا چالا موللا، يىراقتىكى موللا جىڭ موللا بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە توقسۇن خەلقى ئۆز يۇرتىدىن چىققان يېتۈك شائىر، سۆز ئۇستىسىنى قايتىدىن تۆنىدى. يۇرت خەلقى مۇھەممەت خېۋىرغا قايتىدىن قارىدى. مۇھەممەت خېۋىرنىڭ ئەسەرلىرىنى قايتا ئوقۇيدىغانلىقىنى دېيىشىپ پىچىرلىشاتتى.
«مۇھەممەت خېۋىر شېئىرى ئىجادىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى»نىڭ مۇھاكىمىسى تۈگەپ، تاماققا باردۇق. رېستورانغا كىرىشىمىزگە ئىسمائىل ئېلى غۇربەتنىڭ مۇھەممەت خېۋىر ئىجادىيىتىگە ئاتىغان شېئىرىنى بىر بۆلەك ئۆسمۈرلەر دېكلاماتسىيە قىلدى. ئارقىدىنلا ئاتاقلىق ناخشىچى سەمى ئوسمان «زېمىن»نى ئېيتىپ مېھمانلارنى قارىشى ئالدى. ئارقىدىنلا مۇھەممەت خېۋىر ئىجاد قىلغان ناخشا ئېيتىلدى. تۇرپان ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياسىن نىياز ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، «تۇرپان» ژۇرنىلى تون كىيدۈردى. شۇنىڭدىن باشلاپ شائىر مۇھەممەت خېۋىرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى، ھەرقايسى ئىدارە، ئورگانلار ئۆز ناھىيىسىدىن چىققان شائىرغا تۆگە، ئات سوۋغا قىلىشتى. شائىرنىڭ قۇچىقى گۈلدەستىلەرگە تولدى. پىچان ناھىيىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى نامدىن يازغۇچى ئابدۇقادىر ھەمدۇللا سوۋغا تەقدىم قىلدى. ئارقىدىنلا شائىرغا بولغان ياخشى تىلەك، شائىرغا بولغان ھۆرمەت، مەدىھىلەر ئوقۇلدى. مەن شائىر ئەكپەرنىياز پەتتارىنىڭ كەينىدىن تۆۋەندىكى شېئىرىمنى ئوقۇدۇم.


ئالتۇن كۈزدە ئالتۇن توي


(شائىر   مۇھەممەت خېۋىر خاتىرىسىگە)


كۈز خېنە ياققان قوللىرى بىلەن،
باغلارنىڭ چېچىنى تاراپ كەلدى.
كېچىنىڭ  يۈرىكىدە يېنىپ
يۇلتۇزلار كۆز چاقنىتىپ قاراپ كەلدى.
بىز توقسۇنغا كەلگەندە،
سۆز بولغاندا مۇھەممەت خېۋىر ھەققىدە،
بىزدە ماڭغان-، دېدى،
ئەگرىنىڭ ئەگىم-ئەگىم يوللىرى.
بىز بىلەن سىرداشقان-، دېدى،
غولبۇيىنىڭ سۈزۈك ئەينەك سۇلىرى.
مەست شاماللار، دېدى،
-تەبىئەتنىڭ ئوغلى،
ناخشا ئېيتىدۇ بىزگە قوشۇلۇپ،
ساز چالىدۇ بىزدەك مۇڭلىنۇپ.
پىكىر ئالىمىدە ئۈزمەكتە مۇھەممەت خېۋىر،
كۆكتە ئۈزگەن تولۇنئايسىمان.
ھەر شېئىرىدىن تۆكۈلىدۇ،
بۇغداي دولقۇنىدەك يېشىل ئاسمان.
ئارغۇ بولاق تاغلىرى غەزەل ئېيتتى،
سۆز دېڭىزى پىنھانسىمان.
مۇھاكىمە يىغىن مۆلچەردىكىدىنمۇ ياخشى بولغانلىقى ھەققىدە تۇرپان، پىچاندىن كەلگەن دوستلاردىن شائىر دىلشاد قىيىم نۇر، شائىر شىرئەلى ھوشۇر، شائىر ئېلى ھىمىت، يازغۇچى جاپپار شەمشىدىن... قاتارلىقلار شائىر مۇھەممەت خېۋىرنىڭ ئالدىغا بېرىپ يەنە بىر قېتىم ئالاھىدە مۇبارەكلىگەن ئىدۇق.
ئۇ خۇشال كۈنلەرمۇ ئايلارنى، يىللارنى ئاتلاپ كەتتى.
4. ئۇستاز نەسىھەتلىرى
muhemmet xiwir qadir memdul bilen bille 01111 拷贝.jpg

ــــ مۇھەممەت خېۋىر ئەپەندى 2006-يىلى تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ يىللىق خۇلاسە يىغىنىدا.
مۇھەممەت ئاكام پىچان ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمىكىدىكى ئارتىسلارنىڭ شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىغا تەييارلىغان ناخشىلىرىنىڭ تېكىستلىرىنىڭ تەھرىرلىكىگە تەكلىپ قىلىنىپ پىچانغا كەلگەن ئىدى. ناخشا تېكىستلىرىنى مۇھەممەت خېۋىر، مۇزىكا، ئاۋاز قاتارلىق كەسپىي ئىشلارنى رادىئو ئىستانسىدىن كەلگەن ئابدۇرېھىم ئىسىملىك بىر كىشى ئۈستىگە ئالغان ئىكەن. ھەر كۈنى پاراڭلىشىپ مۇڭداشتۇق. ئىشتىن چۈشكەندە بولسا مۇھەممەت ئاكام ماڭا ئاشمايتتى. ئۈچىنچى كۈنى قەتئىي چىڭ تۇرغاندىن كېيىن پىچان ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمەكتىن ئابلىمىت، ئوسمان قۇربانلار بىلەن ئۆيگە كىردى. ئاغىنەم مۆمىنجان ئىككىمىز خىزمىتىنى قىلدۇق. ئابلىمىت، بىلەن ئوسمان ئاكا بىر-بىرىگە ماسلىشىپ پىچان خەلق ناخشىلىرىغا ئۇدا بىر سائەت چالدى، ئېيتتى. مۇھەممەت ئاكام پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن ئاڭلىدى.
-مانا بۇ سەنئەت، مانا بۇ كارامەت. ھاردۇقۇم چىقتى. ئۇزۇن بولۇپتىكەن مۇنداق خۇشال كەيپىياتقا چۈممىگىلى، رەھمەت بۇرادەرلەر... دەپ سەنئەت، ناخشا ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ سورۇندىكى ھەممىمىزنى قايىل قىلغانىدى.
شۇ قېتىمقى پىچانغا قىلغان سەپىرىدە خېلى كۆپ ناخشا تېكىستى يازدى، ئاھاڭ ئىشلىدى، ئاھاڭ ئىشلەپ ئۈلگۈرمىگەنلىرىنى پىچان سەنئەت ئۆمىكىدىكى سەنئەتچىلەرگە ئاھاڭ ئىشلەشكە قويۇپ كەتكەن ئىدى. كېيىن ئۇ ناخشىلىرى ئېيتىلدى.
مۇھەممەت ئاكام مېنىڭ ئىجادىيىتىمگە ئىزچىل كۆڭۈل بولۇپ كەلگەنىدى. ھەر قېتىم گېزىت-ژۇرناللاردا ئەسىرىم ئېلان قىلىنسا ئېرىنمەستىن تېلېفون قىلىپ تەبرىكلەپ كەمچىللىكلىرىمنى كۆرسىتىپ بېرەتتى. بولۇپمۇ مېنىڭ بالىلار ئەدەبىياتى ساھەسىدە تىرىشىۋاتقانلىقىمنى بۇنىڭدا چىڭ تۇرۇشۇمنى، بالىلار ھېكايىسىدىن ئىبارەت بىرلا ژانىرغا ئېسىلىۋالماي، باشقا ژانىرلاردىمۇ ئەسەر يېزىشىم ھەققىدە پىكىر بېرەتتى. بولۇپمۇ ئارۇز ۋەزىندىمۇ شېئىرى يېزىپ تۇرۇشۇمنى تاپىلاپ. «سىز ئارۇزدا شېئىر يازالايسىز، يازمايۋاتىسىز. ئۇكام مۇشۇ گەپلىرىمنى كەلگۈسىدە ئويلاپ، مۇھەممەت خېۋىر راست دەپتىكەن دەپ قىلىسىز...» دېگەنىدى.
شائىرنىڭ شېئىر ھەققىدىكى قاراشلىرى ئۆزگىچە ئىدى. بولۇپمۇ سۆز ئىشلىتىش ھەققىدە. مەن بەزى غەزەللىرىدىكى سۆزلەرنى چۈشەنمىگەنلىكىمنى ئېيتسام شۇ سۆزنىڭ كەم دېگەندە ئۈچ خىل ئىشلىتىلىشىنى دەپ بېرەتتى. مۇھەممەت خېۋىرنىڭ غەزەللىرىدىكى سۆزلەرگە قاراپ مۇھەممەت خېۋىرنى سۆز ئۇستىسى دېمەي تۇرالمايتتىم.
ئويلاپ باقسام مۇھەممەت ئاكام ئوقۇتۇش ھەققىدىمۇ ماڭا ئۇستاز بولغان ئىكەن. ئەگەر دەرس ئۆتۈش جەھەتتە چۈشىنىكسىز سۆز، جۈملىلەر بولسا ياكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرەلمەي قالغاندا دەرھاللا تېلېفوندا سورايتتىم. بۇنداق چاغلاردا مۇھەممەت ئاكام:
-بۇ روھىڭىز بولىدۇ. ئوقۇتقۇچى ھەممىنى بىلىدىغان ئالىم ئەمەس. بىلمىگەننى بىلمىدىم دەپ ئۆزىنى ئېتىراپ قىلىشنى ھەر بىر ئوقۇتقۇچى بىلىشى كېرەك. بىر سۆز خاتا ئىزاھلىنىپ كېتىلسە بىر سىنىپ ئوقۇغۇچى خاتا چۈشىنىدۇ، ئۇلار باشقىلارغا دېسە ئەھۋال تېخىمۇ چاتاق. بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىناۋىتىگىمۇ تاقىلىدىغان ئىش. قاچانلا تېلېفون قىلسىڭىز بولۇۋېرىدۇ قولۇم كۆكسۈمدە. ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىڭىزدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدى مېنىڭ توغرا دەپ تۇرۇۋېلىشتىن ساقلىنىڭ. ئوقۇغۇچىلارمۇ ماتېرىيال كۆرىدۇ. ھازىر ماتېرىيال دېگەن ساماندەك كۆپ. سىز بىلەن بىز كۆرمىگەن ماتېرىياللارنى ئوقۇغۇچىلار كۆرىدۇ. ئوقۇغۇچىلار سورىغان سوئاللارغا سالماق بولۇڭ، ئېتىبار بىلەن قاراڭ. ھەرگىز پەرۋاسىز بولماڭ. شۇ ئوقۇغۇچى سىزنىڭ شۇ ئەستايىدىللىقىڭىزنىڭ تەسىرىدە ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك نىشانىنى بەلگىلىۋىلىشىمۇ مۇمكىن.
5. غەم باسقان كۈنلىرىمدە...
mominjan ibrahim, muhemmet xiwir, perhat kazim 020 拷贝.jpg

ـــ ئوڭدىن سولغا پەرھات كازىم، مۇھەممەت خېۋىر، مۆمىنجان ئىبراھىملار  ئىدىقۇت مېھمانخانىسىدا.
ئەل ئۆمرىدە كىشىنىڭ بېشىغا قىسما-قىسما ئىشلار كېلىدىكەن. 2007-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى ئېغىر ئاياق ئايالىمنىڭ قورسىقى تۇيۇقسىز قاتتىق ئاغرىپ كەتتى. ناھىيىلىك دوختۇرخانىدىكى دوختۇرلار «ئامالىمىز يوق» دېدى. بېشىمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى. يېرىم كېچىدە نېمە قىلماق كېرەك؟ تاڭ ئېتىشىنى كۈتتۇق. بانكىمۇ ئېچىلدى. ئۇھ، يولدا كېتىۋاتىمىز، ئايالىمنىڭ يېنىدا قېينانا، قېيناتام ۋە بىر دوختۇر غەمكىن، مەن كەينىدىكى ئورۇندا نېمە قىلارىمنى بىلمەي ئولتۇراتتىم. ئالدىدىن ئوقۇشۇپ قويغاچ ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى (2-دوختۇرخانا) غا بالىنستقا ئورۇنلاشتۇردۇق. يېرىم سائەت ئەتراپىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، پىچاندىكى دىئاگنوز قەغىزىنى كۆرۈپ ئايالىمنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ داۋالاشنى باشلىۋەتتى. ئاسما ئوكۇلنى ئۇرۇپ بىر مىنۇت ئۆتمەستىن ئايالىمنىڭ نەپسى سىقىلىپ، پۈتۈن بەدىنى كەرىشنىۋاي رەختتەك بولۇپ كەتتى. پىچاندىن چىققان دوختۇر «ئوكۇل رېئاكسىيە قىلدى!» دېدى. مەن ئايالىمنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرغان ئىدىم. دەرھاللا يىڭنىنى تارتىۋەتتىم. دوختۇرلار ئۆرە-تۆپە بولۇپ كەتتى. ئوكۇل ئۇرۇپ ئېلىگە كەلتۈردى.
4-ئاينىڭ 21-كۈنى ئايالىمنى تەكشۈرۈپ چىقىپ، دوختۇر ماڭا:
-بالىنى ساقلاپ قىلىشقا بولمايدىغان ئوخشايدۇ؟ قانداق قىلىسىلەر؟ دەپ سورىغان سوئالى مېنى گاڭگىرىتىپ قويدى.
تۇغقانلار ۋە تونۇش دوختۇرلار مۇزاكىرە قىلىپ «ياش تۇرساڭلار يەنە بالىلىق بولىۋالارسىلەر، ئوكۇل رېئاكسىيە قىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەك كۆپ ئوكۇل ئۇرۇلدى، دورىلار يېيىلدى، بالىغا تەسىر قىلمايدۇ دېگىلى بولامدۇ؟ دوختۇرلارمۇ بىرنېمىنى ئويلاپ دېگەندۇ...» دەپ مەسلىھەت بەردى. شۇنداق قىلىپ تۆت ئايلىقتىن ئاشقان بالامدىن ئايرىلدىم. تۆت ئايلىقتىن ئاشقان تۆرەلمىنىڭ ئەزالىرى يېتىلىپ بولىدىغان تۇرسا... شۇ كۈنى ئىككى يەلكەمنى تاغ باسقاندەك مۇڭلىنىپ، پىچاندا نەۋرە ئاكاملارنىڭكىدە قالغان ئوغلۇم قۇتلۇقنى ئەسلەپ، ئايالىمنىڭ قايغۇلۇق چىرايىنى ئويلاپ ئولتۇرغاندا ئاسماندىن چۈشكەندەكلا شائىر مۇھەممەت خېۋىر چاقىرىپ قالدى.
-ۋوي، بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتىسىز، ئۇكام؟ دەپ سوراپ قالدى.
گىلىمغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك، گەپ قىلالماي قالغاننىڭ ئۈستىگە كۆزلىرىمدە ياش لۆمۈلدەپ كەتتى. ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ بولغان ئەھۋالنى بىر قۇر سۆزلەپ بەردىم.
مېنىڭ سۆزلىرىمنى زېھىن قويۇپ ئاڭلىغان شائىر ماڭا جاھاندىكى ئەڭ مەنىلىك گەپلەر بىلەن تەسەللى بەردى. مېنىڭ كۆڭلۈمنى خاتىرجەم قىلىپ بولۇپ، ئۆزىنىڭ كىچىك قىزىنى داۋالاتقىلى ئۈرۈمچىگە مۇشۇ دوختۇرخانىغا ئېلىپ چىققانلىقىنى ئېيتتى. ئىككىمىز خالى بىر ئاشخانىغا چىقىپ خېلى ئۇزاق مۇڭداشقاندىن كېيىن كۆڭلۈم كۆتۈرۈلۈپ ئايالىمنىڭ يېنىغا يېنىپ كىرگەنىدىم.
ھېلىمۇ ئېسىمدە شائىر ئەتىسى بالنىستقا كۈلۈمسىرىگەنچە كىرىپ كەلدى. ئادەمنىڭ روھىغا ئوزۇق بولىدىغان چوڭقۇر مەنىلىك سۆزلەر بىلەن ئايالىم ئىككىمىزگە تەسەللى، ئۈمىد، مەدەت بەردى. شۇ چاغدا مەن دوستلۇقنىڭ ھەقىقەتەن ئۇلۇغلۇقىنى، شائىر مۇھەممەت خېۋىرنىڭ ھەقىقەتەن ئەتراپلىق يېتىشكەن ئادەملىكىنى تونۇغان ئىدىم.
شائىر مۇھەممەت خېۋىرنىڭ بېشىمغا كۈن چۈشكەن شۇ كۈنلەردە ماڭا بەرگەن مەدىتى، سالماق بولۇش ھەققىدىكى نەسىھەتلىرىنى ئويلىسام مەرھۇمنىڭ سېيماسى كۆز ئالدىمغا كېلەتتى. مانا مۇشۇ قۇرلارنى يېزىۋېتىپ دىمىغىم ئېچىشىپ كۆزلىرىمدىن ياش ئەگىمەكتە.
ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇچرىشىشنى ئەسلىسەم ئۆپكەم ئۆرۈلىدۇ. «ئابدۇرېھىم ھەمدۇللا ھاجى نامىدىكى مۇكاپاتلىق سەھىپە»سىنىڭ مۇكاپاتلاش يىغىنى ئىدى. «تۇرپان» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى شائىر تۇرغۇن جالالىدىن مۇكاپاتلاش پائالىيىتى تۈگىشىگە يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنى تەشكىللەپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپ:
-مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئاپتورلار ئايرىم-ئايرىم سۈرەتكە تارتىلىدۇ. ژۇرنال مۇسابىقىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرەتلىك ئارخىپ قىلىپ ساقلايمىز،-دېدى.
مۇھەممەت خېۋىر ياش فوتوگراف قەيسەرنى چاقىرىپ:
-مېنى مۇشۇ ئاغىنىلىرىم بىلەن تارتىپ قويۇڭ،-دېدى.
ئاۋۋال شائىر  دىلشات قىيىم نۇرنىڭ قولىدىن تارتىپ سۈرەتكە چۈشتى. چۈنكى شائىر مۇھەممەت خېۋىر دىلشاتنىڭ غەزەل ئىجادىيىتىدە تىرىشىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئامراقلىق قىلغانىدى. شۇ كۈنى شائىر مۇھەممەت خېۋىر ھەممىمىز بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۈرەتكە چۈشكەن ئىدى. كىم بىلسۇن شۇ قېتىمقى سۈرەتكە چۈشۈشنىڭ بىز بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم سۈرەتكە چۈشىشى بولۇپ قېلىشىنى.


ــ «تۇرپان»، «تارىم» ژۇرنىلى سۆھبەت يىغىنى خاتىرىسىدە

turpan, tarim dostluqi xatirisi 01 拷贝.jpg


6. 2009-يىلى ۋە مۇھەممەت خېۋىر
  2009-يىلى مۇھەممەت شائىر مۇھەممەت خېۋىر ئىجادىيىتىدە مۇھەممەت ئاكامنىڭ ئېيتقىنى بويىچە يىل بېشىدىلا «مېۋە»سى ئوخشىغان ئىدى. بىرىنچىدىن، مۇھەممەت خېۋىر ئۇزۇندىن نەچچە يىلدىن بۇيان نەشر قىلىنماي كېلىۋاتقان  غەزەللەر توپلىمىنىڭ نەشر قىلىنىدىغانلىقىغا ۋە مۇتلەق كۆپ ئەسەرلىرىنى رەتلىۋالغانلىقىغا خۇشال ئىدى. ئىككىنچىدىن «گۈزەل توقسۇن» (ۋاقىتلىق ئىسمى، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار قوشۇلسا مۇشۇ نامدا تۇرىدۇ) ناملىق مەكتەپ دەرسلىكىنىڭ بىرىنچى قول ماتېرىيالنى تۈزۈپ بولغانلىقىنى، توقسۇن ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى، مۇزاكىرىدىن ئۆتسىلا كومپيۇتېردا تىزىشنى باشلايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. بۇ ھەقتە مەن «گۈزەل پىچان»نى تۈزۈش جەھەتتىكى ماتېرىيال مەنبەلىرى، يېزىش يوللىرى جەھەتتە پىكىر بېرىپ تۇرغانىدىم. ئۈچىنچىدىن، شائىر مۇھەممەت خېۋىر ئەپەندى، تېكىستىنى ئۆزى يېزىپ، ئاھاڭنى ئۆزى ئىشلىگەن ئەسەرلىرىدىن تاللاپ «مۇھەممەت خېۋىر ناخشا ئىجادىيەت كېچىلىكى» ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاپ ماڭا بىر ئىتوت تەييارلاش ھەققىدە پىكىر بېرىپ مۇشۇ يىل ئاخىرىدا بەلكىم 11-ئايلاردا بولسا كېرەك، ئۆتكۈزۈشنى پىلانغا ئېلىپ بولغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى مۇھەممەت خېۋىر يالغۇز شائىر بولۇپلا قالماي ماھىر سازەندە، ئورۇندىغۇچى، كومپوزىتور ئىدى. ئۇ ئىشلىگەن ئاھاڭلارنى رەتلىگەنلىكىنى 80دىن ئاشىدىغانلىقىنى مۇشۇلار ئىچىدىن «كېچىلىككە» ئەڭ مۇۋاپىقلىرىنى تاللىشىپ بېرىدىغانلىقىمنى ئېيتقانىدى.
تېخى 2009-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنىلا تېلېفون قىلغانىدى.
-ئەسسالامۇئەلەيكۇم پەرھات ئەپەندىم (ئادەتتە شائىر مۇھەممەت خېۋىر پىچاندىكى ئېلى ھىمىت، مۆمىنجان ئىبراھىم قاتارلىق بۇرادەرلىرىنى شۇنداق ئاتاشقا ئامراق ئىدى.) مەنمۇ تورغا كىرىۋاتىمەن. بالىلار توي قىلغىنىمىزنىڭ 38يىللىقىنى تەبرىكلەپ بىر كومپيۇتېر ئېلىپ ئىنتېرنېتقا ئۇلاپ بەردى. نۇرغۇن تور بەتلەرگە كىرەلمەيۋاتىمەن. ئېلخەت تولدۇر دەيدۇ. ئۆزىڭىزنىڭكىنى دەپ بېرىڭ. مەن شۇنى يېزىپ كىرىپ تۇراي. بىر ئىككى تور بەتكە كىرسەم «پىنھان» دېگەن ئىسىمنى ئېلىپ بولۇپتۇ. بىرىگە بۇ ئىسىمنى مەن ئۇزۇندىن بۇيان ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن، دېسەم، مەنمۇ ئۇزۇن بولدى، دەپ ئۇنىمىدى...
-تور دېگەن شۇنداق مەۋھۇم دۇنيا، ئاكا، «پىنھان» دېگەن ئىسىمنى ئېلىپ بولغان بولسا باشقا نامدا ياكى ئۆز نامىڭىزدا كىرىڭ. بەرقى، ئىزدىنىش، سۇمۇرغ، ئەنقا... تور بەتلىرىدىكى شېئىرلارنىڭ سەۋىيىسى ياخشى كىرىپ ئەزا بولۇپ ئەسەر يوللاڭ...
-مەن قاچان ناچار شېئىر يېزىپ باققان، چاقچاق جۇمۇ!
...
بايراملىق دېجۈرنىلىك قىلىش ئۈچۈن مەن لۈكچۈن مۇقام كەنتىگە كەتتىم. (مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىككى ئادەمنى ئاساسىي قاتلاملارنى تەرتىپكە سېلىش... ئۈچۈن يېزىغا چۈشۈرگەن ئىدى.) 1-ئاينىڭ 27-كۈنى «تۇرپان» ژۇرنىلىدىن شائىر تۇرغۇن جالالىدىن تېلېفون قىلىپ «... مۇھەممەت خېۋىر ئەپەندىنىڭ مېڭىسىگە قان چۈشۈپ دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزۇشتا ئىكەن، پىچاندىكى بۇرادەرلەرگە خەۋەر قىلىپ قويۇڭ...» دېگەندە داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم. چىرايىم تاتىرىپ كەتكەن چېغى ئايالىم چۆچۈپ « نېمە بولدى؟» دېدى ئەنسىرىگەن ھالدا. مەن بايام كەلگەن تېلېفوننىڭ مەزمۇنىنى دەپ بەردىم. «ئۇنداقمۇ ئەمەستۇ، ئۈلۈشكۈنلا خۇشال تېلېفون قىلغانغۇ؟ ئۆيىگە تېلېفون قىلىپ بېقىڭ؟...» مەن يان تېلېفونىغا، ئۆيىگە تېلېفون قىلىپ ئالالمىدىم. ئاخىرى توقسۇندىكى بۇرادىرىمىز ئابلەق ئابلىزغا تېلېفون قىلدىم. ئابلەقنىڭ كېچىچە دوختۇرخانىدا تۇرغانلىقىنى ھېلى ھەم دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكىنى، كېسەلنىڭ ئېغىرلىقىنى دوختۇرلار 10%ئۈمىد بار، دېگەنلىكىنى ئېيتقاندا نەپسىم سىقىلدى.
دېمىم ئىچىمگە چۈشۈپلا كەتتى. بىردەم شائىرنىڭ ئوغلى دىلشادجانغا تېلېفون قىلىپ تۇردۇم ۋە دىلشادجانغا ئاتىسىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلىپ تۇرۇشنى ئۆتۈندۈم. دېگەندەك دىلشادجان ئاتىسىنىڭ ئەھۋالىدىن پات-پات خەۋەردار قىلىپ تۇردى. مەنمۇ پىچاندىكى شائىرنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا كۆڭۈل بولۇپ تۇرغان بۇرادەرلەرگە تېلېفون قىلىپ تۇردۇم. دەل شۇ كۈنى تۇرپاندىن كەلگەن قەلەمكەش دوستلاردىن ئالىمجان قاسىم، ئەبلەت، ئابدۇخالىق ئابلىمىت، ئالىمجان... لەر شائىر، ئوبزورچى دوستۇم ئېلى ھىمىتنىڭكىگە كەلگەن ئىكەن. ئېلىنىڭ تېلېفونىنى ئېلىپلا دوستلار بىلەن كۆرۈشۈشكە باردىم. كۆڭلۈم قانداقتۇر بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك غەش ئىدى. دوستلار بازار ئارىلاپ باقايلى دېدى. بىز بازارغا چىقىپ ئايلانغاندىن كېيىن بىر ئاشخانىغا كىرىپ تاماقلاندۇق. دەل شۇ چاغدا ئابلەق ئابلىزدىن تېلېفون كەلدى. ئارقىدىنلا شائىرنىڭ ئوغلى دىلشادجاننىڭ «ئاتامدىن ئايرىلىپ قالدۇق پەرھات ئاكا!!!!!» دېگەن سۆزى بىلەن پۇتلىرىم بوشىشىپ، تىلىم كالۋالاشتى. پەقەت «سەۋرى قىلىڭ، سەۋرى قىلىڭ... لا » دېيەلىدىم.
شائىرنىڭ كېسەل بولۇپ قالغانلىقىنى ئاڭلىغان پىچاندىكى بۇرادەرلىرىدىن ئالتىمىز توقسۇنغا ماڭىمىز دەپ تۇرغاندا ئۈرۈمچىگە يۆتكىگەنلىك خەۋىرى كەلگەندىن كېيىن، شائىرنىڭ ساقىيىپ قېلىشىدىن ئۈمىد كۈتۈپ كۆڭلىمىز تىنجىغاندەك بولغانىدى. ئەتىسى چۈشتىن كېيىن مۇسىبەت خەۋىرى يېتىپ كېلىپ بىزنى قايغۇغا چۆمدۈردى. پىچاندىكى قەلەمكەشلەرگە ۋەكىل بولۇپ ئابدۇقادىر ھەمدۇللا ئىككىمىز سائەت بەشتە يولغا چىقىپ سائەت سەككىزگە ئۈلگۈرۈپ توقسۇنغا باردۇق.
شائىرنىڭ قورۇسى ئالدىدا تۇرپاندىكى شائىر، يازغۇچى، مۇخبىرلاردىن ھەبىبۇللا رەجەپ، ئەكبەر داۋۇت، ئەكبەرنىياز پەتتارى، دىلشات قىيىم نۇر، تۇرغۇن جالالىدىن، مۇھەممەت رەھمان... قاتارلىقلار سەپتە تۇرۇشقانىدى. ھەممىمىزنىڭ چىرايلىدىدىن قايغۇ تەپچىپ تۇراتتى. بىر داڭلىق مۇڭداشقاق، كۆڭلى يۇمشاق شائىرىمىزدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىمىز ئۈچۈن قايغۇراتتۇق. مېيىت ئۇزىتىلىپ تۇپراق بېشىغا چىققاندا دىلشات قېيۇم نۇر «يىڭى ئاۋات قەبرىستانلىقى» نىڭ شەرقىدىكى بىپايان يانتاقلىققا قاراپ خىيالغا چۆككەن ئىدى. شائىرنى يەرلىككە قويۇپ بولۇپ دۇئادىن كېيىن دىلشاتقا قارىسام لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياش قۇيۇلۇۋاتاتتى. ئۇنىڭ يادىغا شائىرنىڭ ئۆزىدىن كۈتكەن ئۈمىدى يەتكەن بولسا كېرەك. مەن دىلشاتقا تەسەللى بېرىپ ئورنىدىن تۇرغۇزدۇم.
مەن شائىرنىڭ قەبرىسىگە قاراپ «ئەلۋىدا مۇھەممەت ئاكا، ئەلۋىدا، ئۈمىدىڭىزنى چوقۇم ئاقلايمىز» دەپ ئۆزۈمگە پىچىرلىدىم.

يۈرىكىم يىغلىماقتا پىنھان چۆلىدە

-ئاتاقلىق شائىر مۇھەممەت خېۋىرنى ئەسلەپ.
تېلېفوندىن كەلدى سادا
-ئاتامدىن ئايرىلىپ قالدۇق، ئاكا،
ئاتام، ئاتام، ئاتام، ئاتام!
-سەۋر قىلىڭ،-دېدىميۇ،
مەن سەۋرنى ئۇنتۇدۇم.
يۈرىكىم يىغلىماقتا پىنھان چۆلىدە،
بىر تامچە ياش سىغماس بۇ دەم تېنىمگە.
ئويلىرىم باشلار مېنى شائىر بىلەن،
ئۆتكەن تاتلىق ھەر بىر كۈنۈمگە.
(چۆل-چۆل چېقىلغان ئەينەك يۈرىكىم،)
ھەر پارىسىدە شائىر سىماھسى.
پىنھان چۆللىرىدىن كېلەر يېقىملىق،
غەزەللەرنىڭ مۇڭلۇق دۇئاسى.
يۈرەكلەرگە ھىجران تاشلاپ كەتتىڭىز،
دوست يارەنلەر قالدى تولغۇنۇپ.
يۈرەكلەرگە ھىجران باشلاپ كەتتىڭىز،
ساتار، غېجەك سازلىرىڭىز قالدى مۇڭلىنىپ.
مەندىن كۈتكەن ئۈمىدىڭىز يادىمدا،
سۆزلىرىڭىز تەكرارلىنار تىلىمدا.
ھەر يازمىڭىز بىر دەريا،
دولقۇنلىنىپ ئاقار ھەردەم دىلىمدا.
غەزەلخاننى جەننەتكە ئېلىپ كېتىپتۇ،
جەننەت ھۆرلىرى غەزەل ئىشقىدا.
بىزلەر قالدۇق ئاھ ئۇرۇپ،
كۆيۈپ پىنھان ئوتىدا.
2009-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى (پىچان)
پىچان ناھىيە دالانكارىز يېزا يېڭى كارىز مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئىمىنىياز ئىسمائىل يازغان مۇھەممەت خېۋىر غەزىلى. «تۇرپان گېزىتى» 2009-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى سانى.
iminniya ismayil yazghan hosni het02.jpg


idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1579
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 944
تۆھپە : 0
توردا: 126
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-29

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 16:53:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىم ژورنىلى سۆھبەت يىغىنى مەن مەرھۇم بىلەن يۈز كۆرۈشكەن تۇنجى كۈن ئىدى ، بىللە چۈشكەن تۇنجى سۆرەتنى يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1180
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 568
تۆھپە : 0
توردا: 12
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-25

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 19:52:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

       ئۇستاز شائىرنىڭ نامى خەلقىمىز قەلبىدە ئەبەدىي يادلانغۇسى .




ئەڭ ياخشى ئۆزۈڭ بولۇپ ياشا !

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  62
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 640
تۆھپە : 2
توردا: 143
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-29

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 21:07:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئويمانلىق ئەدەبىياتىدىكى ئۇستاز شائىر  قەلبىمىزدە !

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1711
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 23
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-29 22:32:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىگىنىڭ ياخشى بۇلىشىنى تىلەيمەن .پاك ئاللاھ پەرھات مۇئەللىمنىڭ قەلىمىگە ئۆمرىگەبەركەت بەرسۇن..تۇيۇقسىزئۈلۈم -دۇنيا تەشۋىشلىرىدە غاپىل قالغان بىزلەرئۈچۈن يىتەرلىك نەسىھەتتۇر.جانابى ئاللاھ ھەممىمىزنى تەۋبە-ئىستىغپارغا مۇيەسسەر قىلىپ،ھىدايەتكە ئېرىشتۈرگەي.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 1167
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 6528
تۆھپە : 3
توردا: 676
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-26

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-30 01:39:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرھات كازىمىنىڭ بۇ ئەمگىكىدىن تولىمۇ سۈيۈندىم.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  256
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 120
تۆھپە : 0
توردا: 16
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-15

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-3 13:01:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر نەپەس، ھەر بىر نەپەستە ئوت يۈرەك يالقۇنى بار،
ھەر ھەۋەس، ھەر بىر ھەۋەستە ۋەسلى ياد ئۇچقۇنى بار...


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش