ximal
كۆرۈش: 194|ئىنكاس: 6

سىز قار مەلىكىسىمۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1105
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 288
تۆھپە : 0
توردا: 36
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-7 20:17:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سىز قار مەلىكىسىمۇ؟


      
- چىرايلىقمۇ؟
...
- بويى ئېگىزمۇ؟
...
- ئۆيى بامىكەن؟
- تاغدا داچىسى، ئاستىدا ماشىنىسى بارمىكەن دەپ سورىمىغىنىڭىزگە رەھمەت، ھەشقاللا،- دېدىم مەن ھەم چاقچاق، ھەم زەردە ئارلاش، ئالدىمدا ئولتۇرغان، چىرايىدىن ھېچقانداق ئىپادىنى بىلگىلى بولمايدىغان، قاش - كۆزى تۆكۈلۈپ تۇرسىمۇ، كىشىگە يېقىمسىز تەسىر بېرىدىغان دوستۇمغا.
- سېستىرالىق مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ قانداقتۇر بىر تارماق دوختۇرخانىدا ئىشلەۋاتقان، ماڭا خېلىلا تىرىشچان،يامان ئەمەس تەسىر قالدۇرغان، "يېرىم يولدا" ئۇچرىشىپ، ئارلىشىپ ئۆتۈۋاتقان دوستۇمنىڭ، بىر خىزمەتدىشىم بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىش توغرىسىدىكى تەكلىپىمنى ئاڭلا-ئاڭلىمايلا، دېگەن سۆزلىرى نېمىشقىكىن شۇنچىلىك نېرۋامنى قوداڭشىتتى.
- بويىنى ئۆلچەپ كۆرمەپتىمەن،مودېللىققا يارىغۇدەك بولمىسىمۇ،ئەمما سەت ئەمەس.لېكىن تولىمۇ ئەخلاقلىق، كەسىپچان، قابىلىيەتلىك، ياخشى تەربىيە كۆرگەن بالىكەن.مىجەزىمۇ بەك ئوڭلۇق.يېقىن كەلگۈسىدە ئىدارىنىڭ غوللۇق خادىمى بولۇپ قالىدىغانلىقى ئېنىق.ئۇ چاغدا ئۆيمۇ،ماشىنىمۇ يىراق ئەمەس،-دېدىم مەن رايىم يانغان ھالدا.
- سىزغۇ ماڭا يامان ئادەمنى سايە قىلمايسىز،بىراق ئاداشلا قاراڭ ھازىر ئۆيى بولمىسا  قانداق بولىدۇ.
- بانكىدا بېسىپ قويغان، يېتىپ يېسىمۇ تۈگىمەيدىغان پۇلىمۇ بولۇشى كېرەكتۇ ھەقىچان،-دېدىم مەسخىرە ئارىلاش تەنە قىلىپ، ئىچىمدە "ئالدى بىلەن ئۆزىنى بىر تارازىگە سېلىپ باقسا بولمامدىغاندۇ"دەپ ئويلاپ قېلىۋاتاتتىم.كۆڭلۈمدە دوستۇمنىڭ خىزمەتدىشىم بىلەن مەيلى قابىلىيەت ،سەۋىيە، ئائىلە شارائىتى،ئىجتىمائىي قىممىتى جەھەتتە بولسۇن ئاسمان-زېمىن پەرق قىلىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىۋاتاتتىم.
.....................................
-ئۆزىڭىزگە ئوخشايدىغان دوستىڭىزنى تونۇشتۇرۇپ قويۇڭ دېسەم ...-دېدى تېلېفوندا، يەنە بىر نەشرىياتتا ئىشلەيدىغان ،خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن خېلىلا يېقىن ئۆتىدىغان كەسىپدىشىم ،سەل ئاغرىنىش ئارىلاش، نارازىلىق بىلەن.
-ۋۇي، مەندىنمۇ چىرايلىق، خىزمەت ئورنىمۇ شۇنداق ياخشى دوستۇمنى تونۇشتۇرۇپ قويساممۇ رازى بولمىدىڭىزمۇ؟-دېدىم مەن سەل خۇپسەنلىك ئارىلاشقان ھەيرانلىق بىلەن تېخى ھېلىلا ئىشىك ئالدىغا ئەكېلىپ قويۇپ،دوستۇمنى ئاپىرىپ قويغىلى كەتكەن كەسىپدىشىمغا.
-دوستىڭىزنىڭ سىزگە ئوخشاشلا ئاق كۆڭۈل، تۈز قىز ئىكەنلىكىنى بىلدىم،بىراق تاغدىن گەپ بولۇۋاتسا،باغدىن جاۋاب بېرىپ تۇرغىنىگە قاراپ،داڭلىق مەكتەپلەردە، ئاجايىپ،دەھشەت ئوقۇۋەتكەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ قالدىم. قارىمامسىز ،بۇ ياشقا كەلگۈچە ئىجتىمائىي ئالاقىگە دائىر ئەقەللىي قائىدىلەرنىمۇ بىلمىسە.خىجىل بولماي "ساياھەت ئايىغىمنى ئاپامنىڭ يۇيۇپ قۇرۇتۇپ قويغان يېرىدىن ئېلىپلا كىيىپ كەلدىم دەۋاتقىنىنى؛كىر-قاتلىرىنى ئاپىسىنىڭ يۇيۇپ بېرىۋاتقىنىدىن نومۇس قىلىشنى بىلمىگەن قىزنى...
...
-ئالايىتەن دېيىشىپ قويغان ئۇچرىشىشقا،سەككىز يانچۇقلۇق ئىشتان، تۆت يانچۇقلۇق مايكا،پاراخوتتەك ئاياق كىيىپ كەلگەننى ئاز دەپ نەچچە قېتىم، گېپىنى ئۇستىلىق بىلەن ئورتاق پاراڭغا يۆتكەپ قويغىنىڭىزنىمۇ تۇيماي،گېپىڭىزنى قېقىۋېتىپ،ئۆز گېپىنى يورغىلىتىپ يۈرسە...
...
-مەنچە،سورۇنغا قاراپ كىيىم كىيىشنى،ئادەمگە قاراپ گەپ قىلىشنى،كەيپىياتقا قاراپ ئىش كۆرۈشنى بىلمىسە قانداقمۇ تەربىيە كۆرگەن، بىلىملىك دېگىلى بولىدۇ.ئائىلە دېگەننى مەكتەپتە ئوقۇغان نەزەرىيىۋى بىلىملەر بىلەنلا تۇتقىلى بولمايدۇ-دە...
گەرچە كۆڭلۈمدە دوستۇمنىڭ كەسىپدىشىم قاينىغاندىنمۇ ئۆتە ڭش ھەرىكەتلەردە بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلساممۇ،ئەمما قىز بالا قىز بالىنىڭ قاياشى  دېگەندەك"دوستۇم كۆپرەك ئىچكىرىدىلا ئوقۇش بىلەنلا بولغاچقا..."دېگەندەك، ئۆزۈممۇ قۇرۇق گەپ ھېسابلايدىغان چەك باسماس گەپلەر بىلەن دوستۇمنى ئاقلاشقا تىرىشقان بولساممۇ،بىراق..
.........................................
-ئۆزىغۇ يامان ئەمەس بالىكەن، ئېگىز،.ئورۇقراق بولۇپ كەتكەن بولسا-ھە؟-دېدى دوستۇم ياراتمىغانغا مايىلراق تەلەپپۇزدا.
-توۋۋا،چىرايىم،خىزمىتىم،شارائىتىم
يامان ئەمەس،ھەتتا ياخشى دېيىشكىمۇ بولىدۇ،شۇنداق تۇرۇپ ئولتۇرۇپ قېلىشىمنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.-دېدى ئەپسۇسلانغان،پۇشايمان قىلغان بىر خىل تەرزدە شۇ چاغدىكى دوستۇم،ئارىدىن 6-7يىللار ئۆتۈپ، ئىككىنچى تۇغۇتۇمنى يوقلاپ كەلگىنىدە،-ئادەمنىڭ چىرايىمۇ  كۈندىن-كۈنگە چېكىنىدىكەن.شۇ چاغدا " چىرايىغا چاي قۇيۇپ ئىچەمتىڭىز،قوسىقىدا ئۇمىچى،تۇرمۇشتا ئېپى، ئىشلارغا دىتى،سىزگە سەمىمىي  بولسىلا، ئەڭ ياخشىسى ئەستايىدىل،ئەمەلىيەتچىلرەك بولۇڭ؛خىيالخانلىق قىلىۋەرمەڭ..ئائىلىدە مەسئۇلىيەتچانلىق، بۇرچ ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ.ھەرقانچە قىزغىن مۇھەببەتمۇ ھامان قايناپ تۇرمايدۇ.يىگىتلەرنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق ئويلىغانلىرى بولىدۇ" دېگەنلىرىڭىزنى ئۆز ۋاقتىدا بىچارىلىك دەپ قاراپ،گەپلىرىڭىزنى قەتئىي ئۆزۈمگە ئالماپتىكەنمەن.ئەمەلىيەتتە سىز كۆڭلۈمنى ئاياپ،گەپلەرنى ئەگېتىپ دەپتىكەنسىز.مانا ئوماق ئىككى پەرزەنتىڭىز،مۇكەممەل ئائىلىڭىز بار.بەختىڭىز چىرايىڭىزدىنلا چىقىپ تۇرىدۇ..
ئىچىمدە ئاچچىق كۈلدۈم.چىرايىمدىكى ئۆزگىرىشنى يوشۇرۇش ئۈچۈن يېنىمدا تاتلىق ئۇخلاۋاتقان بوۋىقىمنى ئوڭشاپ ياتقۇزغان بولۇۋالدىم. بۇ بەخت، بۇ ئائىلىنىڭ ئەمەلىيەتتە قانچىلىغان ۋاز كېچىش، قوبۇل قىلىش، ماسلىشىش، ئۆزگىرىش، قۇربان بېرىشلەر بەدىلىگە كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئائىلە ئۈچۈن، يولدىشىم ئىككىمىزنىڭ قانچىلىك يۈرەك قېنىنىڭ سەرپ بولۇۋاتقانلىقىنى، يېشى چوڭىيىۋاتقان بولسىمۇ، ئۆزى يېتىلمەيۋاتقان دوستۇمنىڭ ھېس قىلالىشى ناتايىن ئىدى.
......................................... ..
  خوتەنلىك بولغىنىگە قارىماي، غۇلجىلىق قىزلارغا ئىشتەي ساقلاپ، قېرى يېگىت بولۇپ قالغان ئاكا دېمەتلىك خىزمەتدىشىم ،يېزىدىن كېلىپ، قۇرۇق يۇيۇش ئورنىدا ئىشلەپ يۈرۈپ ئاخىرى ئۇ يەرنىڭ غوجايىنىگە ئايلانغان بىر ھەدە دوستۇمنى ماختاپ قىلغان گەپلىرىمگە قىزىقىپ قالدى.
  شۇنداق قىلىپ بۇ خىزمەتدىشىمنىڭ يېرىم چاقچاق،يېرىم راست ئارىلاش سۈيلەشلىرىگە بەۋا كېلەلمەي بىلىدىغانلىرىمنى تولۇق دەپ تۇرۇپ، ئۇ ئىككىسىنى ئۇچراشتۇرۇپ قويۇشقا ماقۇل بولدۇم.
  ھەدە دوستۇم، ئەخلاقلىق، قولى گۈل، غۇنچىدەك بويلىرى بىلەن غۇنچىدەك، ئەلۋەتتە سەل سولىشىپ قالغان غۇنچىدەك كۆرۈنەتتى.كۈلگەندە، مۇنچاقتەك قاپقارا كۆزلىرى نۇرلىنىپ، ئۈنچىدەك چىشلىرى پارقىراپ باشقىچە چىرايلىق بولۇپ كېتەتتى.
   -مۇقىم خىزمىتى بار،پۇلى كۆپرەك بىرىگە تەگسەم، ئاندىن ياسىنىمەن، تېرە ئاسراشنى تويدىن كېيىن باشلايمەن،- دەيتتى كۆزلىرى ئەتراپىدىكى ۋاقىتسىز چۈشكەن قورۇقنى بارماقلىرى بىلەن بېسىپ قويۇپ،ھازىرچە مۇشۇنداق تۇرۇپ تۇراي،- دەپ ئىمكانىيىتى تامامەن يار بېرىدىغان دائىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىمۇ قىلىشنى خالىماي. نېمىشقىكىن بۇنداق چاغلاردا ھەدە دوستۇم كۆزۈمگە تېخىمۇ يىگىلەپ، كىچىكلەپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى.
  قانداقلا بولمىسۇن بارلىق ئۈمىد- ئارزۇلىرىنى كەلگۈسىدىكى يولدىشىغىلا باغلاپ ئويلىۋالىدىغىنىنى، تۇرمۇشىدىكى، روھىدىكى بارلىق ئۆزگىرىشلەر، يېتىلىشلەرنى تويدىن كېيىنگە ئېلىپ قويغىنىنى دېمىسە، قولىدىن ھېچقانداق ئۆي ئىشى قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان،تىرىشچان قىز ئىدى.
شۇنداق قىلىپ ئۇلارنى ئۇچراشتۇرۇپ قويدۇم.
ئۇ ھەدە دوستۇم، ئاكا خىزمەتدىشىمنىڭ سالاپىتىگە، ئورۇنلۇق، مەزمۇنلۇق، دۇرۇشلۇق پىكىرلىرىگە مەپتۇن بولۇپلا قالغان ئىدى.
بىراق،ئەمما...
.........................................
-ئادەمنىڭ روھى بەك مۇھىم جۇمۇ،- دېدى خىزمەتدىشىم بىرمۇنچە ئۆزرىخاھلىقلاردىن كېيىن، گەپنى ئايلاندۇرۇپ،- بىر ئۆينىڭ مورىسىدىن تۈتۈن چىقىرىش، بالىنىڭ، ئۆينىڭ، ئەرنىڭ ھوددىسىدىن چىقىش ئاسان ئەمەس. قاچانلا قارىسا ئاپتاپتەك پارلاپ تۇرغىنىڭىزگە قاراپ ھېچكىم سىزنى "ئۈچتە ئەمەس، ئوتتۇزدا ھەمراھ بولۇۋاتقان"،تۇرمۇش داۋانلىرىدىكى كارۋان بېشى ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشەنمەيدۇ. بۇنداق تۇرۇش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. ئەمما،دوستىڭىز، كەچۈرۈڭ، بىر ئۆي بېشىگە كىيىلمەي تۇرۇپ، يا ئەر يا بالىنىڭ دەردىنى تارتماي تۇرۇپلا خۇددى پۈتۈن جاھاننى ئۆزىلا پېرقىرىتىپ، ماجالىدىن كەتكەندەكلا تۇرىدىكەن. ئەتە-ئۆگۈن بىر ئۆينىڭ ھۆددىسىدىن چىققۇچە شاپتۇلدەك مىجىلىپ كېتەرمۇ دەپ ئەنسىرەپ قالدىم...
شۇ كۈنى، بارلىق ئېغىرى بىلەن تاماق ئۈستىلىگە تايىنىپ، قولى بىلەن ئېڭىكىنى تېرەپ ئولتۇرۋالغان دوستۇمنى تېتىكرەك ئولتۇرۇشقا شەرەتلەپ نەچچە قېتىم جەينەكلەپ قويغىنىم ئېنىق ئېسىمدە ئىدى.ئەمما ئۇ دوستۇم مۇھىم بىلمىگەچكىمۇ ھېچھەم ئىلىك ئالمىغانىدى.
-ئاكا،ئايال كىشى قاشتېشىغا ئوخشايدۇ،ئۆزىڭىز تاراشلىۋالمامسىز،- دېدىم مەن چاقچاق ئارىلاشتۇرۇپ،-  ئەمما ھازىر ئۇنداق ئۆي ئىشىغا پىشقان،سەمىمىي، ئاق كۆڭۈل قىزلارنى تاپماق ئاسان ئەمەس جۇمۇ...
-ھەي ئۇكام،كىچىكسىز، بولىدىغان مايسا بىخىدىن مەلۇم.ھەر نەرسىنى قىلىۋالغىلى بولسىمۇ، قاندا يوق نەرسىنى بار قىلىۋالغىلى بولمايدۇ، جۇمۇڭ!...
............................................ –ئايالىم بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەندە، قايتىدىغان چېغىمىزدا "گەرچە ئاشقان تاماقلارنى ئېلىۋالغۇم بولسىمۇ، يەنىلا نوچىلىقىمغا ئېلىپ ئېلىۋالمىدىم.ئەمما ئايالىم تۇنجى كۆرۈشىشىمىز بولسىمۇ، تاماقلارنى خالتىلارغا تۈجۈپىلەپ قاچىلاپ ئېلىۋالدى.ماڭىمۇ خېلى كۆپ قىزلارنى تونۇشتۇرغان، بىراق تۇنجى كۆرۈشۈشتىلا ئەمگىگىمنى قەدىرلىگىنى، ئىسراپچىلىق قىلماسلىقتىن نومۇس قىلمىغىنى مۇشۇ ئايالىم. شۇ چاغدىلا قەتئىي قوغلىشىش قارارىغا كەلگەنىدىم،- دەپ گەپ قىلىپ بەرگەنىدى، ئىدارىدە بەخىتلىكلەر قاتارىدا تىلغا ئېلىنىدىغان  بىر خىزمەتدىشىم.
تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەندە، كاۋاپنى زىخنىڭ ئۇچىنى سۈرتۈۋېتىپ يېدىڭىز، قەغەزنىمۇ پارچىلاپ تۇرۇپ ئىشلەتتىڭىز،  تىرناقلىرىڭىزغا خېينە قويۇلغان بولسىمۇ، چۆرىسىنىڭ پاكىزلىقى ئېنىق بىلىنىپ تۇراتتى. شۇنىڭغا قاراپ چېچەن،پاكىز،ئىدىتلىق قىزكەن دەپ بىلگەنىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆڭلىڭىز تارتقاننى ئۆزىڭىزگە تۇشلۇق بۇيرۇتتىڭىز،ئارتۇق بۇيرۇشۇمغا رۇخسەت قىلمىدىڭىز. ياسالمىلىق قىلماي، ئىشتەي بىلەن ئەمما تارتىملىق غىزالىنىشىڭىزدىن ئائىلە تەربىيىڭىزنىڭ  ياخشىلىقى چىقىپ تۇراتتى. شۇڭا سىزنى كەلتۈرۈشكە نىيەت قىلغانىدىم دېگەنىدى يولدىشىم تويدىن كېيىن.
.........................................
-ئاكا، چۈشتە ئۆيگە قايتسىڭىز، ئۆيدە تاماق بارمۇ؟ مەنغۇ بالام كىچىك قايتمىسام بولمايدۇ.- دېدىم مەن ئاپتۇزغا بىللە چىقىپ قالغان ئاكا دېمەتلىك خىزمەتدىشىم ھەم قوشنامغا. ئايالىنىڭ خىزمەت ئورنى يىراق بولغاچقا،  چۈشتە قايتالمايدىغانلىقىنى بىلگەچكە.
-ئايالىم بۇ جەھەتتە بەك چاققان جۇمۇڭ،- دېدى خىزمەتدىشىم سۆيۈنگەن ھالدا،- ئۇ بەك سەھەرچى،  ئادەتتە ئىبادەتلىرىنى قىلىپ بولۇپلا ناشتىلىق تەييارلاپ، چۈشلۈك غىزالىرىمىزنى ئېتىۋېتىپ، ئاندىن ئىشقا ماڭىدۇ. شۇڭا، يوللار رېمونت قىلىنىپ، ئۆيگە قايتىش، قۇلايسىزلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئايالىمنىڭ مېنى ۋە بالىلارنى دەپ قىلغان شۇ ئەمگىگىنى ئويلاپ بولسىمۇ ئۆيگە قايتىمەن...
-خىزمەتنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، كىيىم دۇكىنىنىمۇ ياخشى ئېچىپ، ئۆينىڭ ئىشلىرىنىمۇ جاي-جايىدا قىلالىغاندىن كېيىن، ئايالىڭىز ھەقىقەتەنمۇ بەك قالتىسكەن ئاكا،- دېدىم مەنمۇ، خىزمەتدىشىمنىڭ تەتۈر ئۇستىخان ھەم ئانچە چىرايلىق بولمىسىمۇ، يارىشىملىق كىيىنىپ، تېتىك، چاققان يۈرۈيدىغان، قولۇم- قوشنىلارنىڭ ئىشلىرىغىمۇ شۇنداق يېتىشلىك  ئايالىغا تېخىمۇ ھەۋەسلىنىپ،- مەنغۇ بىر ۋاق تاماقنى ئېتىپ بولغۇچە ھالىمدىن كېتىپ قالىمەن،- دېدىم مەن، ئىككىنچى بالامنى بوشانغاندا قان كۆپ چىقىپ كەتكەننىڭ ئۈستىگە ياخشى كۈتۈنەلمىگەچكىمۇ، كۈندىن-كۈنگە چېكىنىپ، ھالسىراپ كېتىۋاتقانلىقىمنى ئويلاپ،ئىچىم ئېچىشقاندەك بولۇپ.
-شۇ ئۇكام، شۇڭا خەق ھەرنېمە دېسىمۇ، ئايالىمنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتقۇم كەلمەيدۇ. سىرتلاردىمۇ ئالدىراپ تاماق يەپ كەتمەيمەن.ئايالىم شۇنداق تىرىشچان بولغاچقا، تاپقانلىرىمىزنىڭمۇ باشقىچە بەرىكىتى بولىدۇ. ئۆزىڭىزمۇ بىلىسىز، ئىككى قىزىمنى چەتئەلگە ئوقۇشقا ئەۋەتكۈچە قىينىلىپ، خەقنىڭ قولىغا قاراپمۇ قالمىدۇق.
........................................
ئەگەر سىڭلىمنىڭ،- ماشىنىسى، ئۆيى بار، مېنى چەتئەلگە ئېلىپ چىقىپ كېتەلەيدىغان بىرىنى تېپىڭلارچۇ،- دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلىمىغان بولسام، تارىخنىڭ دەۋرىي ئايلىنىپ، تەكرارلىنىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، قىزلاردىكى بەخت، راھەت... بارلىق  ئۈمىد-ئارزۇلىرىنى باشقىلارغىلا باغلاپ ئويلىۋېلىشلىرىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلدەك تېز تارقىلىدىغانلىقىنى، تەبىئىيلا ئىرسىيەت قالىدىغانلىقىنى، بەلكىم قىزىم چوڭ بولۇپ، ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغۇچە ئويلاپ باقماسلىقىم مۇمكىن ئىدى.
چۈنكى مەن ئاللىقاچان، ئاياللىق دۇنياسىغا قەدەم قويغان، بەخت، خۇشاللىق، خاتىرجەملىك، يەنە ئاللىقانداق يېڭىدىن- يېڭىدىن پەيدا  بولۇۋاتقان. ئارزۇ- ئىستەكلىرىمىز ئۈچۈن ئائىلىدىكىلەر بىلەن تەڭ تىركىشىۋاتقان ئايال ئىدىم. مەن ھېچقانداق ئىشنى ئۆزۈم يالغۇز  تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان، ھەتتا يالغۇز يېگەن بىر چىشلەم لوقمىدىمۇ ئائىلەمدىكىلەرنىڭ – يولدىشىمنىڭ، قوزىلىرىمنىڭ ھەققى بولغان، يولدىشىمنىڭ قىلىپ بېرەلىشىنى ئارزۇ قىلغان، بىراق قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشلارنى باشقىلارنىڭ قىلىپ بېرىشىدىن تېخىمۇ ئۈمىد كۈتەلمەيدىغان ئاياللىق كوچىسىدا ئىدىم.
مېنىڭ تاللاش، چېكىنىش ھوقۇقۇم بولمايدىغان ئاياللىق كوچىسىغا قەدەم ئېلىپ، قىزلىق كوچىسىدىن يىراقلاپ كەتكىنىمگە نى زامانلار بولغان ئىدى. مەن بۇ كوچىدىكى بارلىق تەملەرنى- تۇزلۇق ياشلار، ئاچچىق ئازاپلارنىمۇ رازىمەنلىك بىلەن يۇتۇشۇم كېرەك بولغان ئاياللىق كوچىسىدا ئىدىم.
ئەمما، سىڭلىم، ھەم تالاي- تالاي سىڭىللار، دوستلار، قىزلارنىڭ تاللاش ئىمكانىيىتى بار ئىدى. ئۇلار تېخى تۆت كوچا دوقمۇشىدا داۋاملىق تاللاش-تاللاش-تاللاش بىلەن مەشغۇل...
تاللاش ياخشى ئىش، تاللاش پۇرسىتىنىڭ كۆپ بولۇشى تېخىمۇ ياخشى ئىش. بىراق تاللاشلارنىڭ قارىسىغا، ئاخىرى چىقماس بولۇپ كېتىشىنى ياخشى ئەھۋال دەپ قارىمايتتىم.
..........................................
تاللاش كوچىسىدا تېڭىرقاپ يۈرگەن قىزچاقلاردىن شۇنى سورىغۇم بار:
-سىز خىيالىڭىزدىكى "ئاق ئاتلىق شاھزادىڭىز" ئۈچۈن نېمە قىلىپ بېرەلەيسىز؟
ھۇرۇن خوتۇننىڭ تامىقى ھېسابلىنىدىغان گاڭفەن (مىفەن)دىن باشقىنى تۇز، تەمى، رەڭگىنى تەڭشەپ، ئوخشىتىپ ئېتەلەمسىز؟ يا تويدا ئېلىنغان ئېسىل قاچا-قۇچىلىرىڭىز مېھمانلارغا كۆرگەزمە قىلىش ئۈچۈنلا تىزىپ قويۇلغانمۇ؟ ۋە ياكى "پۇلدار" شاھزادىگە تېگىشنى ئويلاپ قاچا- قۇچا، قازان- قومۇچ ئېلىشنى تىزىملىككە كىرگۈزمىدىڭىزمۇ ؟! شاھزادىڭىزنىڭ ئىززەت- ھۆرمەتلىك،  جانجىگەر ئاغىنىلىرى، كەسىپداشلىرى كەلسە، شاھزادىڭىزنىڭ يۈزىنى يورۇق، بويىنى ئېگىز قىلىپ، قوشۇمىڭىزنى تۈرمەي، تۇمشۇقلىرىڭىزنى سوزماي، داستىخىنىڭىزنى گۈل كەلتۈرۈپ، پۇت-قوللىرىڭىزنى چاققان قىلىپ، ئېغىزىڭىزدىن بال تامدۇرۇپ كۈتەلەمسىز؟!
"شاھزادىڭىز" نىڭ راھىتىنىغۇ تەڭ كۆرەرسىز، ئاينىڭ قاراڭغۇ كۈنلىرىگە توغرا كېلىپ قالسىڭىز، ئۇنىڭ ئۈچۈن داۋاملىق باغرىڭىزنى كەڭ ئاچالامسىز؟! قولىغا قول، پۇتىغا پۇت بولۇپ، ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ھەمدەم بولغۇدەك پاراسەت، دىت، قابىلىيەت سىزدە بارمۇ؟!
"ئاق ئاتلىق شاھزادە" بولۇش ئاسان ئەمەس، ئۇلار باشقىلارغا قارىغاندا زېھنىنى ھەسسىلەپ ئىشلىتىدۇ، باشقىلارغا قارىغاندا ھەسسىلەپ پائالىيەتچان، ھەرىكەتچان بولىدۇ. سىزدە ئۇلاردىكى تەۋەككۈلچىلىكەرگە، ئۇلاردىكى تىنىمسىز ئۆزگىرىشلەرگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، ماسلىشالايدىغان، ئىقتىدار، سەۋر-تاقەت بارمۇ؟!
بۇرۇنلاردا  لايىق تاللىغىلى بارغانلار، تاللانماقچى بولغان قىزنى گىلەم ئۈستىدە ئولتۇرغۇزۇپ، دۆۋە- دۆۋە قاچىلارنى يۇغۇزاتتىكەن.شەرت قاچىلاردىن ئاۋاز چىقىپ كەتمەسلىكى، ھەم گېلەم ئۈستىگە يۇندا چاچراپ كەتمەسلىكى كېرەككەن. بۇ ئارقىلىق قىزنىڭ مۇلايىملىقى، نازاكەتلىكى، ئىشقا پىشقان پىشمىغانلىقى سىنىلاتتىكەن.
گەرچە ھازىر "ئاق ئاتلىق شاھزادىلەر"، "قار مەلىكىلىرى" نى قاچا يۇغۇزۇش ئارقىلىق تاللاپ ئولتۇرمىسىمۇ، ئەمما زامان، ماكاننىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ ئۇلارنىڭ تاللاش،سىناش ئۇسۇللىرىدىمۇ ئۆزگىرىش بولغاندۇ دەپ ئويلايمەن.
بۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقىنىمدا "مەھمۇت قەشقەرى" رومانىدىكى بايانلارنى تىلغا ئالغۇم كېلىۋاتىدۇ:
ھۈسەيىنخان ئوۋغا چىقىش جەريانىدا باغۋەننىڭ قىزى رابىيەگە كۆڭلى چۈشۈپ قېلىشىدا، رابىيەنىڭ گۈزەللىكىدىن باشقا، شۇ چاغدا ئىپادىلىگەن پاراسىتى مۇھىم رول ئوينىغان بولسا؛ ئۇنىڭ خىلمۇخىل قارشىلىقلارنى يېڭىپ، خان ئوغلىغا خانىشلىققا تاللىنالىشىغا ئۇنىڭ ئەخلاقى، ئالغان تەربىيىسى، پەزىلىتى، ھەم ئۇنىڭ ئۆتكۈر زېھنىگە، ھۈسەيىننىڭ ئاتىسى بولغان مۇھەممەدخان چىن كۆڭلىدىن قايىل بولغان.شۇڭا، ئاددىي پۇقرانىڭ قىزىنىڭ ئۆزىگە –خان جەمەتىگە كېلىن بولۇشىنى لايىق كۆرگەنىدى.
ئەمما، پۇقرا قىزى بولغان رابىيەنىڭ خان ئوغلىنىڭ ئەلچىلىرىگە " ئاتا، خان ئوغلى ھۈسەيىننىڭ قانداق ھۈنەر- ماھارەتلىرى بار ئىكەن؟ ئىلىم- مەرىپەت بابىدا قانچىلىك بىلىمى بار ئىكەن؟ شۇنى ئۇقۇپ باقسىڭىز، ئادەم يوقسۇل بولسىمۇ، بىلىملىك بولغىنى ياخشى.ئالتۇن- كۈمۈش تاغدەك دۆۋىلىنىپ ياتقان بىلەن بىلىمى بولمىسا، ئۇ بىر ياۋايى مەخلۇققا ئوخشايدۇ. ئۇنداق ئادەم ئۆزى باي بولسىمۇ، قەلبى گاداي كېلىدۇ.قەلبى گاداي ئىنسانغا يولۇقۇپ قېلىشتىن ئاللا ئۆزى ساقلىسۇن! مېنىڭ بىردىنبىر ئۈمىدىم ۋە شەرتىم مانا مۇشۇ" دېگىنى ھەم دېيەلىگىنى قەلبىمنى لەرزىگە سالغانىدى.
ئوردىغا كىرگەندىن كېيىن ئەقىل- پاراسىتى بىلەن خان جەمەتى ئىچىدە ئالاھىدە ئېتىبار ھەم ئىمتىيازغا ئېرىشىپ شۆھرەت قازانغان، ئوقۇمۇشلۇق، مەلۇماتلىق بۈبى رابىيە ئالتۇن تارىم ئوغلىغا لايىق تاللىغاندىمۇ، مەخسۇس بەزمىدە خۇلقى- مىجەزى، ئۆزىنى تۇتۇشى، گەپ- سۆزلىرىگىچە كۆزىتىپ، پەلسەپە، تىل، ئەدەبىيات، تارىخ، رىيازىيات، ئىلمىي مەنتىق قاتارلىقلار ئۈستىدە ئەپچىللىك  بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ئانچە باي بولمىسىمۇ، ئوقۇمۇشلۇق زات ھېسابلىنىدىغان ئابدۇلكېرىم ئاقساقالنىڭ ئارزۇلۇق قىزى چولپانخاننى ئۆزلىرىگە كېلىنلىككە تاللىغان ئىدى.
ئەقىل- ئىدراكلىق، ھايالىق، كۆپ ئوقۇغان، ئوبدان تەربىيە كۆرگەن، تىرىشچان، چېۋەر چولپان دەل تىللاردا داستان بولۇپ كېلىۋاتقان، شاھزادە، خان بولۇشنى ئەمەس، ئىلىم يولىنى تالىغان مەھمۇد قەشقەرىنىڭ رەپىقىسى ئىدى.
مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئىلمىي ئىزدىنىشلىرىدە چولپانخاننىڭ يېقىندىن ياردەمدە بولغانلىقى ئۇشبۇ يازمىلاردا تولىمۇ ئېنىق يېزىلغان...
ھەربىر خاتىرەمنىڭ باش بېتىگە يېزىۋالىدىغان" باشقىلارغا تەلەپ قويساڭ چېكىنىسەن، ئۆزۈڭگە تەلەپ قويساڭ ئىلگىرلەيسەن" دېگەن جۈملىلەرنى بەك ياقتۇرىمەن.مەنچە باشقىلارغا تەلەپ قويۇشتىن ئاۋۋال، ئۆزىنى دەڭسەپ باقسا؛باشقىلاردىن كۈتۈشتىن ئاۋۋال، ئۆزۈم قارشى تەرەپكە نېمىلەرنى بېرەلەيمەن دېگەننى ئويلاپ باقسا، تاللاشلارغا ياردىمى بولامدىكىن دەپ ئويلايمەن.
تاللاش كوچىسىدا تېڭىرقاپ يۈرگەن قىزچاقلارغا شۇنى دەپ قويغۇم بار:
"سىلەر ئىزدەۋاتقان 'ئاق ئاتلىق شاھزادە' لەرنىڭمۇ ئەلۋەتتە، ئۆزلىرىگە ھەر تەرەپتىن مۇناسىپ كېلىدىغان، سالاپەتلىك، پاراسەتلىك، لاتاپەتلىك، چېچەن- چاققان، قولى گۈل، قەلبىمۇ، ئۆزىمۇ چىرايلىق، قابىلىيەتلىك، ئۆزلىرىنى ئارزۇ قىلغانلىرىغا ئېرىشتۈرەلەيدىغان"قار مەلىكىلىرى" نى ئىزدەۋاتقىنى ئېنىق.
ئەمسە، قېنى ئويلىنىپ بېقىڭلار! سىلەر"قار مەلىكىسى" بولالىدىڭلارمۇ؟!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tumars-tursun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-7 20:20  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1105
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 288
تۆھپە : 0
توردا: 36
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-7 20:30:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسىرىم ئياياللار ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان.تورداشلىرىمنىڭ ۋاقىپ بوپ قېلىشىنى سورايمەن.رەھمەت.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  319
يازما سانى: 819
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1575
تۆھپە : 5
توردا: 184
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-7 20:41:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۇبارەك بولسۇن! مەن ياقتۇردۇم!


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  170
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 168
تۆھپە : 0
توردا: 14
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-7 22:57:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسىرىڭىزنى قىزىقىش ئىلكىدە ئوقۇدۇم. ھەممىمىز جىددىي ئويلىنىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز. ياخشى بىر ئەسەر تەقدىم ئەتكەنلىكىڭىزگە رەھمەت. يازمىلىرىڭىز مۇنبەردىن ئۈزۈلمىگەي.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  864
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 536
تۆھپە : 0
توردا: 107
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 13:06:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەرنى شىنجاڭ ئاياللىرى ژورنىلىدا ئوقۇغىنىمدىلا ياقتۇرغانىدىم،ئاپتورغا تېخىمۇ زور ئۇتۇقلار تىلەيمەن.

ئەگىسە قارا تۇمان كۆك ئاسمانىڭنى ۋاقتىنچە،
سەۋر قىل چىقار شەمسىي ئېچىپ گۈلسىمان غۇنچە.
    _رەيھان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1105
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 288
تۆھپە : 0
توردا: 36
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 13:39:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياقتۇرغىنىڭلار ھەم كۆڭۈل بۆلگىنىڭلاردىن خۇرسەن بولدۇم.رەھمەت.سىلەرگىمۇ ھەم خاتىرجەملىك ،كۆڭۈل ئازادىلىك يار بولغاي.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1611
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 91
تۆھپە : 0
توردا: 6
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-12 13:27:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمۈرلۈك ھەمراھ تاللاش - بەختلىك ئائىلىۋى ھايات قۇرۇشنىڭ تۇنجى قەدىمى دەپ ئويلايمەن. بولۇپمۇ ئەرلەرنىڭ تاللاشتا تەشەببۇسكار بولۇشى بەكلا مۇھىم. ئەمما، تاللاش ئۈچۈنمۇ ئەرلەردە تاللىغۇدەك ساپا  بولۇشى كېرەك ئىكەن. ھەر كاللىدا ھەر خىيال، ھەر كىم ئۆز تەلەپ-ئۆلچىمى بويىچە تاللاش ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈنلا  بۇ دۇنياۋى ھايات كۈلكە  بىلەن يىغا ئارىلاشقان، تاللاشتىكى ئاتالمىش خاتالىق ئەدەبىي ئىجادىيەتلەرنىڭ ئوبدان خۇرۇچى بولۇپ قالغان...
يازما ئىگىسىگە تەشەككۈر. ئوبدان ئەسەرلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي،قەلىمىڭىزگە دەرد كەلمىگەي!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   1977ilibaliq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-12 13:30  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش