كۆرۈش: 342|ئىنكاس: 13

مۇھەمەت خېۋىر ھەققىدە خاتىرەمدىن بىر تەرمە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1667
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 150
تۆھپە : 0
توردا: 19
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-4

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-27 10:14:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                               مۇھەممەت خېۋېر ھەققىدە خاتىرەمدىن بىر تەرمە


                                                          دوتتار ياساپ بېرىمەن

ئۇستازىم، سىردىشىم مۇھەممەت خېۋىر شائىر، سازەندە بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە دوتتار ھەم تەمبۇرمۇ ياسالايىتتى. ئۇنىڭ دىيىشىچە ئاتىسى ھەم بوۋىسىمۇ سازەندە شۇنداقلا ئۇستا ياغاچچى ئىكەن. گەرچە مەن ئۇنىڭ دۇتتار ياكى تەمبۇر ياسىغانلىقىنى كۆرمىگەن بولساممۇ ئۇنىڭ بىلەن تولا بىللە بولۇپ دوتتار، تەمبۇر چېلىپ ناخشا ئېيتىپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم. ئۇنىڭ قولىنىڭ ئەپلىكلىكى، ئاۋازىنىڭ مۇڭلۇقلىقى ھەر دائىم يۈۈكۈمنىڭ نەق بېغىشىغا تېگىپ مېنى قاتتىق ھاياجانغا سېلىۋېتەتى. ئۇ مېنىڭ تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئەدەبىيات مۇئاللىمىم ئىدى. مەن شۇ چاغلاردىلا ئۇنىڭ ‹‹ تۇرپان ›› ۋە ‹‹ تارىم ›› قاتارلىق ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان شېئر غەزەللىرىنى زوق ھەم ئىخلاسىم بىلەن ئوقۇيۇتتۇم. ئۇنىڭدىن يېزىقچىلىق توغرىسىدا نۇرغۇن بىلىملەرنى ئاڭلىغاندىم. يىغىلغان سورۇنىمىز ئۇنىڭسىز ئاۋات بولمايىتتى. ئۇ كىچىك پېئىل كەمتەر ھەم قانائەتچان ئىدى. يۈگۈرۈپ قوپۇپ ھىچكىمنىڭ غەيۋىتىنى قىلمايىتتى. بىرەرى شۇنداق گەپلەرنى قىلسا ئامال بار ئۇ گەپلەرنى باشقا تېمىغا يۆتكەشكە ئۇرۇناتتى. مانا ئۇنىڭ بىزدىن ئايرىلغىنىغا ھەش - پەش دىگۈچە ئۈچ يىل بولدى . بۇ يىل 29-يانۋار دەل مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىنىڭ ئۈچ يىللىقى بولۇدۇ ؟! ۋاقىت نەقەدەر تېز ئۆتكەن - ھە ؟ تولا - تولا  ئولتۇرغان  سورۇنلىرىمىزنىڭ ھەممىسىدە بۇ قەلبىمىزدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان شائىر ئۇستازنى ئەسلىمەي ئۇنىڭ گېپىنى قىلماي سورۇنۇمىز سورۇن بولماي كەلدى. بەلكىم بىزنىڭ يىغىلىشلىرىمىز مەڭگۈ داۋاملاشسا مۇھەممەت خېۋىر توغرىلىق پاراڭلىرىمىزمۇ مەڭگۈ داۋاملىشار. تېخى ئالدىنقى كۈنى ‹‹ كۈندىلىك خاتىرەم ›› دىن بىر ماتىريال ئىزدەۋاتاتتىم . تۇيۇقسىز بىر بەتنى ئېچىشىمغا مۇنداق بىر قۇر گەپنى كۆرۈپ يۈرۈكۈم رېتىمدىن ئارتۇق سوقۇپ ھاياجانلىنىپ كەتتىم. بۇ ھاياجانىمغا  كەڭ ئوقۇرمەن دوستلارنى بىللە شېرىك قىلىشنى لايىق تاپتىم .
2006-يىل 4- ئاينىڭ 16 -كۈنى چۈشكە يېقىن شائىر مۇھەممەت خېۋىر مېنى ئىزدەپ يېزىغا كەپتۇ. بۇ مېنىڭمۇ ئىشلىرىم بوشۇغان ۋاقىت بولۇپ ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن كۆرۈشتۈم .
- ماڭا بىر ئىشقا ياردەم قىل -دېدى ئۇ شۇ ئوچۇق -يورۇق، گەپنى ئۇدۇللا قىلىدىغان مىجەزى بىلەن
- نىمە ئىش ؟-دېدىم مەن ئۇنىڭ سوزۇنچاق قىزغۇچ يۈزىگە قاراپ
- ئايلانمىسى ئۈچ مېتىر، ئۇزۇنلىقى ئۈچ مېتىردىن ئۇزۇن قۇرۇق جۈجەم تېپىپ بەر
- نىمە قىلىسىز ئۇنى ؟! مەن تېخىمۇ ھەيران بولۇپ ئۇنىڭغا قارىدىم.
- تاماققا چاقىرايمۇ دىمەيسىنا يېزاڭغا كەلسەم
- ئېھتىياجىڭىز بولغاندىكىن سىز مېھمان قىلارسىز ؟!
مەن ئۇنىڭغا دائىم شۇنداقراق چاقچاقلارنى قىلاتتىم. ئۇمۇ مېنىڭ بۇنداق گەپلىرىمنى كۆڭلىگە ئېلىپمۇ كەتمەيىتتى. ئۇنىڭ تۇرمۇش يۈكى بىز ئۈچۈن سىر ئەمەس ئىدى. ئۇ يالغۇز مۇئاش بىلەن بىر ئائىلىنىڭ ھۆددىسىدىن يالغۇز چىقىپ كېلىۋاتاتتى. بىز ئىككىمىز گۇڭۇر-مۇڭۇر پاراڭ سېلىشقاچ يېزىدىكى لەغمەن ئەڭ ئوخشايدىغان ئاشخانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدۇق.
- قانداق سىز بىرەر قېتىم مېھمان قىلارسىز ؟ - دېدىم مەن . ئۇ ماڭا قاراپ كۈلدى ۋە:
- بىر ۋاقلىق تاماقكەنغۇ شۇ-مەن دەرھاللا ئۇنىڭغا :
- ئۇنداقتا بۇ ئاشخانىغا كىرمەي باشقا بىر ئاشخانىغا كىرەيلى- دېدىم.
- نىمىشقا؟ ئۇ ماڭا قارىدى
- بۇ ئاشخاننىڭ گۆشى يوق
- ئاھا بولدى لەغمەنگە ئاران پۇل يېتىدىغان تۇرسا گۆشكە نەدىكى پۇل، بولە گۆش يوق ئاشخانىغىلا كىرەيلى
مەن ئۇنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي گۆش لەغمەن قىلىدىغان ئاشخانىغا ئەكىردىم . ئاشخانىغا كىرىپ تاماق چىقىش ئارىلىقىدا ئۇنىڭدىن سورۇدۇم :
- تېخى جۈجەم ياغىچىنى نىمە قىلىدىغىنىڭىزنى دىمىدىڭىز
- دۇتار ياسايمەن
- نىمە، سىزمۇ دوتار ياسالامسىز ؟! مەن ھەيران بولۇپ ئۇنىڭغا قارىدىم . چۈنكى شۇنچە يىل ئارىلىشىپ يۈرۈپ ئۇنىڭ دۇتار ياسىيالايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىغانىدىم .
- بۇ ھۈنەر ئاتامدىن ماڭا، ئاتامغا ئاتىسىدىن قاپتۇكەن
شۇندىلا مەن بۇ داڭلىق شائىرنىڭ گەپلىرىگە چىن دىلىمدىن ئىشىنىپ ئۇنىڭغا ھەۋەس ھەم پەخرىم بىلەن قارىدىم. بىز تاماقنى بىللە يىدۇق . دەسلەپتە ئۇ گۆش يىمەيلى دەپ تۇرۇۋالغان بولسىمۇ مەن ئۇنايىتتممۇ ؟!
ئۇنىڭغا دىگەن جۈجەم ياغىچىنى خېلى بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن مىڭ تەستە تېپىپ ئاپىرىپ بەردىم. بىراق ئۇ دوتارنى پۈتكۈزمەيلا ئارىمىزدىن كېتىپ قالدى. شۇ ئىش يادىمغا كەلسىلا مەرھۇم ئۇستازىمنىڭ شۇ چاغدىكى گەپلىرى يادىمغا كېلىپ كۆزلىرىمگە ئىسسىق ياش كېلىدۇ. ئىقتىيارسىز ئۆز ئۆزۈمگە پىچىرلاپ كېتىمەن.
- سۆيۈملۈك ئۇستازىم ئۇ يەردىمۇ غەزەل يېزىۋاتقانسىزمۇ ؟!  


mukam.cn

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2328
تۆھپە : 233
توردا: 1390
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-27 12:20:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭ خەت نۇسخىسنى ئۆزگەرتىپ قويغان بولساڭلار. مەن ئۆزگەرتەلمىدىم. ئاپتورلارنىڭ تېمىلىرىنى ئەلكاتىپ خەت نۇسخىسىدا يوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!

بۇ تېمىنىڭ خەت نۇسخىسىنى ئۆزگەرتىپ ئەۋەتىپ بەرگەن «قۇتتېكىن» گە كۆپ رەھمەت!

www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 793
تۆھپە : 46
توردا: 483
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-27 15:08:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەتلىك مۇھەممەت خېۋىركامنى ‹‹ئاقيول مۇكاپاتى›› يىغىنىدا كۆرگەن ئىدىم. تۇنجى ھەم ئەڭ ئاخىرىقى كۆرۈشۈم بوپ قاپتىكەن.

بىكارچىلىقتا بەكرەك زىرىكىپ كىتىدىغىنىمنى بايقىدىم.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  906
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 366
تۆھپە : 0
توردا: 54
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-15

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-27 16:00:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەتلىكنىڭ قەلبىدىكى سۈزۈكلۈك قەلىمىدىن تاماتتى...
بىر زامانلاردا، چوڭلىرىمىز ناخشا ئوقۇيالايدىغانلارنى « غەزەل توۋلايدىغان» دېگەن تىلدا ئىپادە قىلىشاتتى.
مېنىڭچە،( مەن ئۇچراتقان غەزەلخانلارنى ئەلۋەتتە كۆزدە تۇتتۇم) غەزەل ژانىرىدا شېئىر يازىدىغانلارنىڭ ساز چېلىپ،ناخشا ئېيتالايدىغان بولۇشى چوقۇم ياكى چوقۇمغا يېقىن.

ئۆزىنى ئۇنۇتقانلارنى ئۆزلۈك ئۇنتۇيدۇ.
jallat ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  698
يازما سانى: 217
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1510
تۆھپە : 0
توردا: 614
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-27 18:38:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتەش رىۋايەتلىرى

مۇھەممەت خېۋىر
(1954_2009.1.27  )

     
                     1    
تەڭشىلىپ چىقسام قاۋاقتىن،سىڭسە گەر باتنام ماڭا،
تەڭشىلىپ يۈرسەم جاھانغا بەدۋىچە بايرام ماڭا.
بەك يىراق يىراقتا سەن كوزىغا كەتتىم چۆكۈپ،
باغلىدى زەنجىرى ھەسرەت ،بىر ئۆمۈر ئېھرام ساڭا.
لال بولۇپ ئۆتمەك سەبىنىڭ خىسلىتىدۇر بەك ئېنىق،
مۇپتىلالاىق تۈنلىرىمدە بەرمىدى ئارام ماڭا.
بۇ رىيازەت مەنزىلى ئۆرتەپ ،تاپانغا كىردى مىق،
راسلىدى ماڭدامدا قانچە قەستى قابىل دام ماڭا.
گۆرسىنمان زەرگى سۈكۈتتىن سولدى ئىدراگلار تولا،
رەھمىتىم،زەخمەتلىرىم جۇغلىدى ئىلھام ماڭا.
سەللىلەر نىقاپلىرىدا قالدى ۋەزلەر تاش بولۇپ،
سېھرى ھېكمەت سىرلىرىنى يەتكۈزەر
  ھەر جام ماڭا.
ۋەسلى دەملەر قالدى پىنھان مۆلكىدە يانغىن بولۇپ،
ساقىيا ،ھېكمەتلىرىڭدىن تۇتقىنا ئىلدام ماڭا!
                     2
ئىشىق گۈلخانىدىن تاپتىم ئۈزۈلمەس
  ئىنتىزارىمنى،
خىياللار ئالدى مەيلىمدىن ئۈزۈلمەس ئىىخىيارىمنى.
شارابتىن بەزلىنىش دەرتمەن ئىشىغا بىر ئۇدۇم بولدى،
ھېجىر دەلىلىدىن تاپتىم يوقالغان غەمگۈزارىمنى.
كىشىنىڭ بەختىگە ئىقبال
  تىلەپ ئۆتمەكتە مەۋقەيىم،
تاپارمان ئاخىرى بەلكىم شۇ يەردىن لەيلىزارىمنى.
تېتىلغان باغرى زەرداپتىن كېلەر مەرغۇلى تۈنلەرنىڭ ،
تېپىپ كەلدىم قەلەم ئىزھارىدا نىمكەش غۇبارىمنى.
مېنى كۆرمىشلەر زەردار مەرتىۋىسىنى قىياس قىلدى،
تىيىن ھېممىتىگە زارلىق ئېلىپ تۇرسا قارارىمنى.
قولۇم ئىمكانغا ئىمكانسىز پەلەكتە لەيلىدى،ككيدى،
بېھىش ئارمانىدىن كەتمەي ئۇزاتتىم ككپ باھارىمنى.
يېشىم لەززەتلىرىدىن مەست بولۇپ كەلمەكتە كىم-كىملەر،
ئەجەم خەندانىغا تەققاس بىلىپ پەريادۇ-زارىمنى.
خارابە كەچمىشىدىن ئىپتىخار مەيلى ئۈمىدسىزدۇر،
شۇڭا كەلمىشكە قويدۇم تاپمىغان نەۋ گۈل ئۇزارىمنى.
ئىچىمدە ماگما غەليانى پۇرۇقلاپ جۇش ئۇرار تىنىماي،
تۆكۈل پىنھان،جاھان ككرسۈن مېنىڭ زەخمەت دىدارىمنى.
                              3
ساقى يا كەلتۈر شاراب ،قۇي يۈرىكىم گۈلخانىغا،
ئوتتنى دەپ كىردىم مۇقەددەس سىر ئۆيى-مەيخانىغا.
سېھرىي مۇڭغا بىر چۆكەي ئۇنتۇپ جاھاننىڭ دەردەنى،
بەھۇزور پىكرەتكە جاي بۇ ئىستىكىم ئىمكانىغا.
ھەزرىتى ھەييام بىلەن سۆھبەتكە نائىل مەن بۈگۈن،
ياكى يەتمىشمەن كەيىپنىڭ بىمالال ئېھسانىغا.
باغ ئارا گاھ سايرىسا تورغاي كۈيىگە بولما لال،
بولسا ئالجىش بولماس ھەيران شىر كەيىپ خەندانىغا.
قۇي شاراب، قۇي يالقۇنۇم يېلتىزلىرىغا ،پەسلىسۇن،
جان بولۇپ قۇيسۇن چېكىتنى چىللىلەر ھېجرانىغا.
ئۇلغىيار ئوت، دۈملىنەر روھ،تاۋلىنىنار ئىشقىي بايان،
كۈكلىتىپ تاڭ چۈشلىرىمنى سىڭدۈرۈپ جەريانىغا.
قۇي شاراب سېھرىي سۈزۈكلۈك پەزلى ئەلگە پارلىسۇن،
قاينىسۇن قان،ئايلىنىپ سۆيگۈ -ئىشىق قىيانىغا.
رەڭلىرى ئۈچسۈن نىقاپنىڭ ،رەڭلىنىپ چىقسۇن شەپەق،
كىرمىسۇن زەرگى پالاكەت كۈلكىلەر دەردخانىغا.
كۆز ئېچىپ خامۇشلىقىڭدىن سۆھبىتىمگە سال قۇلاق ،
قالمىسۇن پىنھان كەيىپتىن بۇ قاۋاق بۆھرانىغا.
                     4
يوقالدى بىر غېرىپ شاردىن ،بېرىپ، سەرساننى ئىزدەڭلار،
يوقالدى ئۇ شەرەپ-شاندىن ،غېرىپ پايخاننى ئىزلەڭلار.
يىرىك،ۋەيرانە ،يىگانە،قوپال،سەت....بەلگىسى شۇلدۇر،
يوقالدى پوستىدىن قاڭقىپ، ئاشۇ جەرياننى ئىزدەڭلار.
يوقالدى بەت-بەشىرە مىسرالىرى توغقان تومانلاردا،
يوقالسا چوڭلا بىر ئادەم !ئۇنى بۆھراننى ئىزدەڭلار.
يوقالماس چاغدا بىر كىم ئۇنى يانىدا سەزمەييتى،
ئاراڭلاردىن يوقالدى ئۇ ،دىلى پۇشماننى ئىزدەڭلار.
كىشىگە ياقمىغان ئۇچقۇن ئۇنىڭ جىسمىنى چوغ قىلدى،
ھەسەتلەرگە ئاسان بولغان قارام گۈلخاننى ئىزدەڭلار.
سوقۇر قىلماققا كۆزلەرنى بىراۋ ئۆسەكتە قۇم چاچتى،
مانا ئۇ ئۇيقۇسىز قالدى بىدار ئىمكاننى ئىزدەڭلار.
كۆنۈككەن پەردە چالماس ،ئۇنىڭ سەۋدالىقى غەيرى،
تېپىڭلار تەركىي ئادەتتنى ،گېپى تۇغياننى ئىزدەڭلار.
ئەزەلدىن قارغۇ ئامەتلەر ،كۆرەڭلەرگە بوياق بولدى،
لېكىن ئامەتكە باقماڭلار ،ئەجىرلىك جاننى ئىزدەڭلار.
ئۇنىڭ ئالدىدا مەبۇت يوق، كىشىنىڭ يوللىرى مەكرۇ،
ئوزۇن يوللاردا تاق كەلگەن يېتىم كارۋاننى ئىزدەڭلار.
نەزىمگە باغلىدى تەغدىر ،نەزىمگە باغلىدى زەنجىر،
ئۇنى-مەھكۈمنى ئىزدەڭلار ،جېنى ئېھساننى ئىزدەڭلار.
يوقالدى بىر خاراپ بەندە ،يوقالسا خەق ئۈچۈن گەپ يوق،
يوقالماق ئىزدىمەس رايى ،يىرىك پىنھاننى ئىزدەڭلار.


                              5

بۇ كۈنلەردە بەلەن چۈشلەر مىسال زەنجىرگە ئوخشايدۇ،
ئۈگۈتلەر سۇدىكى چەشكە ،ۋىسال غەلۋېرگە ئوخشايدۇ.
تېخىچە بولمىدىم كۆرۈپ قاچاندۇر باشلىغان چۈشنى،
مىسالى ئۇ بوياقلارى تۇتۇق تەسۋىرگە ئوخشايدۇ.
ئىشەمەي نە ئامال تەكرار تۈنۈمدىن كەتمىسە بۇ چۈش،
مىسالى ئۇ جۇنۇن بەرگەن كەيىپ-تەبىرگە ئوخشايدۇ.
ۋىسال ئىمكانىدا گاھ-گاھ تۇرارمەن مەستخۇش،
مىسالى ئۇ رىۋايەتتەك گۈزەل تەغدىرگە ئوخشايدۇ.
بۇ چۈشلەر تەركى پات-پاتلا يۈرەرمەن شىر كەيىپ ئالجىپ،
مىسال چۈشلەر ئوڭۇمنى ئوڭشىغان تەھرىرگە ئوخشايدۇ.
يۈرەرمەن كەچكىچە ئوشاق كۈيىگە خۇش ئاھاڭ توۋلاپ،
مىسالى ئۇ جاھاننى قاپلىغان ئەتىرگە ئوخشايدۇ.
كۈنۈپ قالدىممۇ بۇ چۈشلەر ھۈكران ئىختىيارىمسىز،
غېرىپ پىنھان ئۇزۇن چۈشلەر قولى-ئەسىرگە ئوخشايدۇ.
                                 6
ئىشىق دەپ كۆيمىدى كىملەر ئىشىقتا بىر پايان بارمۇ؟
ئىشىق دەپ كۈيلىدى كىملەر يەنە كامىل بايان بارمۇ؟
ئىشىق مەزمۇنلىرى يەڭگۈشلىنىپ تۇرغان كارامەتقۇ،
ئىشىقتىن يۈرىكىڭ ئىسسىق ،يەنە ئارتۇق ھايان بارمۇ؟
بۇ ئالەم ئالتە كۈنلۈك بىر سەپەر ئۆتكۈنچىدۇر ھەممە،
ۋۇجودۇڭغا ئىشىق تولسا بۇ ئامەتقۇ زىيان بارمۇ؟
ئەگەر ئۇچقۇن بىلەن قەلبىڭ ئۆمۈرلۈك كۆلەم تاپسا،
مۇھەببەت ۋەسلىەە يەتمەك تۈزۈك باشقا سايان بارمۇ؟
مۇھەببەت مەيلىدىن كەتمە ،ئەكىس پىنھانلىقىڭ شەكسىز،
مۇھەببەت قەستىدىن ئارتۇق گۇناھ بارمۇ ، چايان بارمۇ؟
                              7
ئېزىپ شاھ كۈيىدىن بىر رەت قارا ھېجرانغا چالدىممۇ؟
ئېزىپ شاھ ئۆيىدىن مەشرەپ قەلەندەر بىرلە قالدىممۇ؟
ئۆزۈمگە مەستۇ-مەپتۇنلۇق كېچىكتى سوغ ئاگاھلاردا،
قاراڭغۇ تۈندە شەيتاندەك يېتىم ئىزسىز يوقالدىممۇ؟
تەمەننا بەلكى ئۇنتۇلدۇردى قەۋمىمنى تومانلاردا،
يۈرەك تەنھا قىلىپ شەرمەندە ئازغۇن نامى ئالدىممۇ؟
ئۆزۇڭ شاھ بولمىساڭ مەيلى،يېنىڭدا دىلكىشىڭ بولسۇن،
بىىوتلار قەلبىگە چىركىن ،ساياق ئكزنەكنى دالدىممۇ؟
ساتارىم دەرت بىلەن يىغلايدۇ باغلاردا تۇمان تارتىپ،
نىجاسەت ياغدۇرۇپ شەيتانغا  شاھ شەيتان ئاتالدىممۇ؟
مانا ئەمدى كامالەت تاپتى ئاخىر تەلۋە پىنھانلىق،
قاۋاقتا دەرت ئىچىپ ھەسرەت بىلەن دەھشەت ساۋالدىممۇ؟
                                    8
لاپ قىلىپ ئۆچكەن يۈرەكتە سۆيگۈلەر جەريان ئەمەس،
چايقىلىپ كۆچكەن تىلەكتە ئىزگۈلەر ئېسىيان ئەمەس.
شۇنچە يولدا ئالجىماستىن كۈيلىدىم بىر ناخشىنى،
جىن كۈيىدىن ئالجىغانلار ئوت يۈرەك كارۋان ئەمەس.
يار يىراقتا،مەن پىراقتا ۋەسلى دەم تايىن ئەمەس،
ۋەسلىدەمدە يار ھارارەتتىن يىراق بورھان ئەمەس.
سۈپسۈزۈك بىر ئىشقىي دەردكە باغلىغان كىم ئېيتقىنا،
قاشنى بۇزماي تەكشى ئاققان سەل ئەمەس ،توغيان ئەمەس.
بىر خەۋەر كەلسە مۇلاقات بايرىمىغا بىر كۈنى،
ئۇنتىسام ئالەمنى شۇ كۈن ھېچ كىشى ھەيران ئەمەس.
لاپ قىلىپ يانسا مۇھەببەت ئوتىدىن نىشان دېمە،
ئۆرتىمەي ھېجران يۈرەكنى يانغىنى گۈلخان ئەمەس.
چوقىلارغا يامىشىشتىن ئۆتتى قانچە كۈز،باھار،
تەم تولا بەخشەندىدىن ،بىزگە ئۇ ئالۋان ئەمەس.
شۇنچە يولدا تەۋرىمەستىن توۋلىدىم بىر ناخشىنى ،
كۈيلىرىم يۈرەك بايانى،ئۇ زەئىپ داستان ئەمەس.
سىرلىرىمنى ئالەمگە ئېيتسام خەق ئۇنى غەزەل دېدى،
مەيلى بۇ رەت بۇ يۈرەكتە قالغىنى پىنھان ئەمەس.
                           9
تۇماننىڭ سايىسى ئۆچتى ،قۇياش كۈلدى چىرايىڭدا،
ياماننىڭ بائىسى ئۆچتى،رەشىك ئۆلدى سارايىڭدا.
مېنىڭ ئىسمىم كاشال چاغلاردا ئېيتىلدى پالاكەتتىن،
تىلە ئەمدى ماڭا_بىچارىگە قۇتنى دۇئايىڭدا.
سالاملار كەتتى ئالدىڭغا،ئاڭا سەن ھەر كۈنى روبىرۇ،
ئىلىك ئالماققا جاي يوقمۇ سېنىڭ شاھانە رايىڭدا؟
سالاممنى ئالمىساڭ دەھشەت يېتەر تەختىمنى زەي تارتىپ،
خوشاللىق يەتكۈزۈش سەنچۈن ئاسانغۇ ئىىتىيارىڭدا؟!
سېنىڭ يېلتىزلىرىڭ قەلبىم ئارا مەھكەم قۇچاق يايغان،
ئاڭا جەۋھەر جۇلا يەتكۈز ۋەھكى يەڭلىغ سادايىڭدا.
زىمىن كۆكلەمگە ماس كەلدى مېنىڭ قەلبىمدە كۆكلەش يوق،
ئاراچ يوقمۇ تەبەسسۇمغا ماڭا بەرگەن باھايىڭدا.
پالاكەت تاغلىرى باستى مېنى جىملەشكە سەن ھەقلىق،
تاۋابىمچۈن ئورۇن بارمۇ سېنىڭ ھەيۋەت قورايىڭدا.
سىقىلدى بىشامال پىنھان ئېگىلدى باشى ئالدىڭدا،
تۇمان كۆيسۇن،قۇياش كۈلسۇن قۇياش يۇرتى چىرايىڭدا.
                     10
قايسى نۇسرەت شەۋكىتىگە تەنتەنە ،خەندان قىلاي،
قايسى ئامەت بەركىتىگە ۋەسېەسە جەريان قىلاي.
باش بېسىپ كەلەندە تاغلار يۈككە ھەمدەم يوق ئىدى،
قايسى ھەمدەرت رەھمىتىگە رەھمىتىم داسران قىلاي.
ياش سېلى باستى بويۇمنى، تۈن بولۇپ ئۇچتى جاھان،
قايسى ھىممەت ھەركىتىگە بويلىرىم پايخان قىلاي.
ئاھ!قەلەم دەپ چەرىخئۇرۇپ يۈردۈم سوغۇق مەيخانىدا،
قايسى ئادەت ھۈرمىتىگە بىر جېنىم مىڭ جان قىلاي.
زارلىنىش بەلكىم ئۇدۇم بوپ بۇ ۋۇجوتتىن ئالدى جاي،
قايسى شەۋكەت ئىززىتىگە زەرنى دەپ ئىمكان قىلاي.
دوستلىرىمدىن بولدى مەلۇم مىڭ خىزىرنىڭ خىسلىتى،
قايسى ىىسلەت پەرىقلىرىەە باش ئىگەي كامان قىلاي.
تەرلىرىمدىن پارلىسا باش خەق ئۇنى ئامەت دېدى،
نە ئۈچۈن بۇ بىساۋاتقا گۈل بىلەن بۇستان قىلاي.
مەيلى كەچسەڭ كەچ مېنىڭدىن بۇ ساڭا سەھۋەن ئەمەس،
مەدىيىنى سورىساڭ رەدنامىنى ئېھسان قىلاي.
قىينىلىپ يۈردۈم ئەجىردىن ،بىئەجىرلەر خەستە دەپ،
بولدىلا ئۇ تەر ئەجىرگە تەخسىنى ئىمكان قىلاي.
ئالجىغانلار خەق ئەمەس دىلبەر ،بۇدەم ھالىم خاراپ،
پەستە يول تۇرسا ئاسان ،تۈزنى نېچۈن داۋان قىلاي.
ئالجىما دىلبەر شەرەپلەر يۈز ئېچىپ كەلسە ئەگەر ،
ئەمدى بولدى زارلىرىمنى بوش قىلاي،پىنھان قىلاي...

            «تۇرپان»ژورنىلىدىن تاللاپ  ئېلىندى.


مۇھەممەت خېۋىر غەزەللىرى               

                           11      
ئۇقۇملارغا ئانام باشتۇر ،ئانام ئاتەشلىرى ئالەم،
ئۇدۇملارغا مۇھەببەت باش ئۈپۈك ئۆركەشلىرى ئالەم.
ئانامغا دەرت قادالغاندا زېمىن يىغلايدۇ دەرت ئېيتىپ ،
لېكىن ئاپتاپ چېچىپ يۈزدىن مېنى بەزلەشلىرى ئالەم.
يىلىكلەر ئاقسا ئالقاندىن قىياندەك ياشلىرى پىنھان،
ئازابى تاغ بولۇپ تۇرسا، بالام دەپ غەشلىرى ئالەم.
ئىدى ئۇ بىر بۈۋى مەريەم (تەسەددۇق ئۆرنىكى تەھقىق،)
ۋۇجودۇمدىن تېنىمگە لىپ ھايات سەپلەشلىرى ئالەم.
سۈپەتلەر بەر ئۇلۇغلۇقتىن (يەنە بەلكىم پۈچەك مەدھى،)
ساڭا تاڭلار تۇتاشقان دەپ ئۆزىدىن ئۆرتەشلىرى ئالەم.
ئانا سۈبھىسىدىن پارلار مۇھەببەت ئاسمىنى بەرھەق،
نە سۈبھى ئاق نىشان راسلاپ ئارامسىز كەچلىرى ئالەم.
لېكىن قايدا سېنىڭ پۈتمەس يېتىشمەس رەھمىتىڭ پىنھان،
مۇھەببەت تاڭلىرىغا توختىماس ئۈندەشلىرى ئالەم.
                                             12
يېنىمدا سەن ئۆزۈم ئەرىشتە ،ئۆيۈم زەر تاغدا زەردارمەن،
ھامان شاتلىق بىلەن ياڭراق سېھىرلىك كۈيگە بىر ئارمان.
بېشىمدا شاھى تاج نۇرلۇق جىمى روزغار قولۇمدا نەق،
ئاناسىز بىر قەلەندەرمەن،قەلەندەردىن ئۆتەر زارمەن.
مەگەر ئالقىش بىلەن كۆكتە تۇرارمەن جىلۋىلىك چاقناپ،
دېگەيلەر مېنى رۇستەمدەك،ئاناسىز ئەل خارمەن.
ئانا دەپ ھەر نىدا قىلسام،قۇۋۇزغا لىپمۇلىپ بۇ سۆز،
شۇ سۆز لەيلەتسە ئاسمانغا يېزىلغان مەدھى ئەشئارمەن.
ئازار ئۈچكەنتى باغرىڭدا ،بېھىش تاپقان تولۇق شەرھى،
ئانا پەرۋىشىدە كۈنمەن باھارلىق تاڭغا ئىزھارمەن.
قولۇڭغا بۇ قەلەمنى ھەم ئانا بەرگەن بېخىل پىنھان،
ئانا ئىنئامىدىن يازمەن،رىزالىق بىرلە گۈلزارمەن.
                  13
تىلەكىم چۈشمىدى پارلاق قۇياش پاتقان پەلەكلەردىن،
قۇياش بالقىپ چىقىپ تۇردى قاچانكى ئوت تىلەكلەردىن.
سالام بىرلە قەدىناسلار ماڭا رىغبەتنى جىقلايدۇ،
شۇڭا ماغدۇر ئۈزۈلمەيدۇ ئېتىزلاردا بىلەكلەردىن.
مۇھەببەت باش بولار سۆھبەتتە ،يوللاردا ،دېمەك نۇر باش،
ئىشىقلار مول تولۇپ تۇردى ،باراڭلاردىن ،پېلەكلەردىن.
ئۈمىدلەر قاينىغان خانە سامانى قاينىتار باقساڭ،
يېڭى پەللەڭدە بىر ئاپتاپ بېشارەتتۇر مەلەكلەردىن.
سەھەر باشلايدۇ نۇسرەتكە ،دېمەك كەچ تەنتەنە پەيتى،
مۇھەببەت جۇغلىنار كۆلگە تارام جۇشقۇن بۆلەكلەردىن.
ئاسان يازمايدۇ ئالقىشنى مەدىھكە كەمبەغەل پىنھان،
لېكىن بۇدەم قەلەم ئالدى كۆيۈپ ئىشقى تىلەكلەردىن.
                     14
ئۆچمىدى بەلكى لاۋۇلداپ باردى بەيئەت يەنە،
كۆچمىدى ،بەلكى لاۋۇلداپ ياندى نۇر ،ھېكمەت يەنە.
ھەر نېچە ئىمكانلىرىڭدىن بولمىدىم بىر بەختىيار،
نەچچە داستان ئەۋجىسىگە چەكمىدىم بىر خەت يەنە.
دەرت تۈنى يايسا كۆلەم ،ئۆچمىدى قەلبىڭدە نۇر،
بەلكى قايغۇڭدىن نامايان دەۋرىدى سەنئەت يەنە.
بىر ئارام بەر سەنسىرەپ تۇرغان يۈرەككە دىلرابا،
ئۆكسىمەي كەلدى سېنىڭدە ھاتىمى ھىممەت يەنە.
بۇ پالاكەت كۈنلىرىم باغرىمغا قويدى بوش قۇتۇپ،
تاپتى يېلتىز ئەسلىمەمدىن گاھىدا ھەسرەت يەنە.
زەخمە پىنھان بەيئىتىتىن شەكلىنىپ يۈرمە جېنىم،
كېلىدۇ ئەركىن چېچەكلەپ ئوخشىغان پۇرسەت يەنە.
                     (داۋامى بار)


مۇھەممەت خېۋىر غەزەللىرى
               16
         (شاھ مەشرەپكە)
سوغۇق گىردابتا تىغ دەسسەپ ئەرىكنى ئويلىغان دەرتسەن،
قۇرۇق مېھرابتا سۇغ ئەسنەپ پەلەكنى بويلىغان خەتسەن.
قولۇڭدا تەببۇرۇڭ نالە قىلىپ چۆللەرنى كەزگەندە،
ھەسەتخور كوچىدا پۈتمەس ئەلەملەر باغلىغان مەرتسەن.
قۇياش نۇرلارنى تۆككەندە ئەلەملەر مارىشار ھەردەم،
مۇھەببەت ئۇخلىغان ئەلگە ئەجەپنى جۇغلىغان بەتسەن.
مۇھەببەت قەدرىگە يەتمەك مۇھەببەت ئەھلىگە تالىق،
مۇھەببەت پەسلىگە يەتمەي نەمەنگەن شەھرىگە بەنىتسەن.
زامانەڭ سىغدۇرۇپ ئۆتمەي تالاي شەلەرگە يات قىلدى،
ئاناڭغا ئىشقىي دەرتلەردىن تۆكۈلگەن ئىشقىي پۇرقەتسەن.
ئاجايىپ نۇر پاساھەتنى سېزىپ ئۆلگۈرمىگەنلەر كۆپ،
پىكىرلەر سۆھبىتى بىرلە قاۋاقتا داغى ھەسرەتسەن.
قارا مۇز دەۋرىدە ئۆتتۈڭ، ناۋايىڭ مۇزغا تەسىرسىز،
لېكىن مۇدھىش جاھالەتكە نەزىملەر بىرلە زەخمەتسەن.
ھەسەتنىڭ تاشىدا پىنھان ئەجەپ قىينالدى ئاشبۇ دەم،
قەلىبلەر تاغىدا تۇغسەن ،غۇرورۇڭ بىرلە رىغبەتسەن.
                              17
ۋەتەن مۇشتاقلىقى ئوغۇز سۈتىدەك دىلدا مەھكەمدۇر،
كۆڭۈل دەپتىرىگە كۆچكەن ۋەتەنمۇ شۇنچە كۆركەمدۇر.
قۇياشنىڭ كۆركى سىماھى ۋەتەندەك مۇھتەرەم بەكمۇ،
ئانا يۇرت تۇپرىقى بەرھەق مۇساپىرلارغا مەلھەمدۇر.
مۇھەببەت جۇش ئۇرار ھەر بىر گىياھتىن ،بەلكى ياپراقتىن،
سەھەرنىڭ سۆيگۈسىدىن تۆككەن يېشى ياپراقتا شەبنەمدۇر.
بۇلاق خەندانلىرىدىن بىر بۈيۈك ھېكمەت چاراقلايدۇ،
ئۇ دىل دەرياسىغا كۆچكەن باھاسىز ئابى زەمزەمدۇر.
ئۇلۇغلۇغ تاغ بولۇپ جەۋلان قىلار مەردانە-مەردانە،
ھېسابسىز چوققىلار بەلكى ھېسابسىز قەددى رۇستەمدۇر.
پەخىردىن روھ تېپىش پۇرسىتىگە نائىل بولۇپ ئۆتتۈم،
جاكا ئالەمگە يەتسۇن كەڭ دىلىمدا ئىپتىخار جەمدۇر.
ۋەتەن مۇشتاقلىقى پىنھان كۈيىگە پۇختا بىر مەزمۇن،
ۋەتەن ئەمدۇر ،ۋەتەن رەمدۇر،ۋەتەن دىللاردا مەھكەمدۇر.
                           18
قاي كۈنى باشلاندى مەۋجۇت ئاڭسېرى بىزارىلىق،
ئاشتى شۇندىن باشلىبان تاڭ قىممىتى دىلدارىلىق.
يىرتىلىپ چۈشتى نىگاھقا
  چاپلىشىپ تۇرغان نىقاپ،
ئەۋجىدى چاتقال قىياغا تەلۋە چاڭقاق رازىلىق.
شۇ دەقىقە قۇببىلاردىن كەتتى يۇپقا ھەل بوياق،
قەد يېيىپ مەھكەم سۈكۈتتەئاچتى يۈز بىچارىلىق.
ئاڭ يېتىپ بولماس پۈكۈلمەس ئىستىقامەت ئەھلىگە،
سىر بولۇپ قالدى قاچاندىن بىئارام ئاشكارىلىق؟
قاي دەقىقە يايدى ئالقان سۈبھىگە مەزىن كۈيى،
كەتتى شۇدەم دەخلىسىز تاللاشقا ئاڭ ئىدارىلىق.
قالدى چىركىن بىر پەرىجە ،قالدى سائىل ھۆكمىتى،
قالدى پەخىر بۇسلىرىدىن تەغدىرىي بىمارىلىق.
قويغىنا بۇ زەرگى زارنى ،جامنى ئال پىنھان قېنى،
مۇپتىدىن سوراپ ئېزىلمەي بىمەھەل دەستارىلىق.
                           19
ئازاب لەززەتلىرى شاھنى يۇۋاش قۇللۇقتا جايلايدۇ،
ۋىسال پۇرسەتلىرى قۇلنى تىمەن شاھلىققا سايلايدۇ.
ياشارتىپ كەلدى ئاي-يىللار
  تىلەكلەر بىرلە ئارماننى،
تويۇنماس ئادىمىي خىسلەت يەنە ئارماننى تاللايدۇ.
نىقاپ ئۆتكەللىرى پۇختا ،پاساھەت بەزىدە ئەۋرەز،
قەدىم شاھلارمۇ شەھۋەتتنى ئىشىق دەپ بىزنى ئالدايدۇ.
نىقاپسىز چۆلدە پەرھاتمۇ ئىشىق مۈلكىدە شاھتىن زور،
قانائەت ئالىمى چەكسىز ،دېمەك ئىمكاندا لەيلەيدۇ.
شۈكۈرلەر ئۇلغىيىپ قالسا يەنە قول سىلكىتەر چوققا،
خىزىرلار يولدا سەپراس ھەم ،قۇيۇچتا تىغنى ئايلايدۇ.
نەھاجەت رازى پىنھان گاھ ئازابلار چايقىسا مەيسىز،
توغۇپ ئارماننى ئارمانلار ھورۇن چاقىڭنى مايلايدۇ.
                     20
قۇيۇنلار تۈۋرىكى قۇمنى چېمەنلەر ئۈستىگە يايدى،
قەدەمنى غادىيىپ تۈرگۈن شەھەرگە-رەستىگە يايدى.
كۆمۈپ جان ئۆرلىگەن زەمزەم بۇلاقلار كۆزىنى تۈزلەپ،
سىياھسىز دەرد يېزىقلارنى زېمىننىڭ بەستىگە يايدى.
قەدىم توغراقلار چوقچايغان كۆتەكنى قويدى يالداما،
پەلەك مۇدھىش كارامەتنى يېشىللىق كۆكسىگە يايدى.
ئامان دەريادا كۆپ ھەسرەت ،سۈزۈكلۈك ئۈچتى،ئۇنتۇلدى،
پالاكەت پەنجىنى پۇل دەپ پىلانلار دەستىگە يايدى.
تىڭىرقاش تاڭغا يەتمەستىن زېمىندىن ياڭرىدى نالە ،
سەھەر ئويغانغىنى ياشنى شۇئان جىن قەستىگە يايدى.
نىگاھنى قۇم بېسىپ شان باشلىغان كۈنلەردە تاڭ قۇپتى،
ئاگاھنى ئالجىغان قەلبى يارا -شىكەستىگە يايدى.
شۇكرىكىم ،بۇ زېمىندا ئۆلمىگەن ئوخشايدۇ پاراسەت،
بىدار پىنھان زەھەرلىك رەنجىنى ۋەسۋەسىگە يايدى.

«تۇرپان»جورنىلى2006-يىل سانلىرىدىن.



مۇھەممەت خېۋىر غەزەللىرى
                           21
قۇچاقلار كەلدى قۇرغاق - بوش، قۇچاق يايماقتا تەشنالىق،
جاھانغا لەببا لەپ ئىنسان، ھۆكۈمران تەكتى تەنھالىق.
نىگاركىم بەھرىمەن ئۇشبۇ مىنۇتتا دىلرەبالىقتىن،
گىرىمسەن، ئەمما پاكىز ھۇش ھىجىر سەۋداسىغا تالىق،
قەيەردە قالدى مەجنۇنتال، بۇلاقلار كۈيلىرى نەدە؟
ئىشىككە يۆلىنىپ قۇترار ئاداققى چىللە سەۋدالىق.
قەيەردە قالدى مەست يالقۇن، كەيپلىك كۈيلىرى نەدە؟
ئۇچۇش ئالبۇمىدا قالدى، دەخلىسىز بەختى ھەقدالىق.
كۆزۈمدىن سىرغىغان داغلار پۈتۈپ قالدۇردى داغنامە،
كۆچۈپ كەلمەكتە يالقۇنلار چىڭىپ زەنجىرى بەرنالىق.
چىگىش ھەسرەتكە ھەمكار يوق، ئاشۇنداق پەيلى ئالەمنىڭ،
قانائەت ئۇنتۇغان سۆيگۈ - ئىشقتا جەبرى دانالىق.
ھۆكۈمران تەكتى تەنھالىق رىزىقتۇر بەلكى پىنھانغا،
لېكىن جەننەت بىلەن كەلدى دىلىمدا نەۋئى نۇر بالىق.

                              22

مۇھەببەت ۋادىسىغا ئاقتى مىليون ماگما - زەمزەملەر،
سىيرىلدى قانچە مۇزتاغ ھەم قىيالىق قەددى بەردەملەر.
بۇ ئالەم مەركىزى شۇلدۇر، ھاياتنىڭ يىلتىزى ھەم شۇ،
مۇھەببەت تەپتىدىن ئاتەش، مۇھەببەت تەپتىدىن نەملەر.
تىرىلدى قېرى تاشقاتما، جۇلاغا چىقتى تۈنلەرمۇ،
تەسەددۇق دەپ ئىشقىي نالەمگە يۈرەكنى قويدى ھاتەملەر.
يۈرەكلەر چىقتى خۇرشىدنىڭ ئاداققى بۇرچىغا تۈرگۈن،
مۇقەررەر تەختى مەۋقەدە سۇلالە ئاچتى مەلھەملەر.
ياساپ كەلمەكتە ئالەمنى مۇھەببەت ئۇستىسى بەرھەق،
نەسەبلەر نۇرغا نۇر قاتلاپ، بېسىپ كەلمەكتە كۆكلەملەر.
زەئىپلىك يازمىشىدىن قاڭقىدى ۋەيرانە پىنھانمۇ،
نىداسى زار، بىراق دىلخانىدا ئوشاق كۈيى جەملەر.

                     23
لالىلەر گۈلخانلىرىدىن بالقىدى قان جىلۋىسى،
لەيلىبان قوندى كۆڭۈلگە شەرھى ئەپغان جىلۋىسى.
كەل، قېنى دوزاخقا ئوت ياق، تولدى شەيتان لەببالەپ،
ئويغىتار جەننەتنى ئىبرەت يانسا شەيتان جىلۋىسى.
كەل، قېنى باغرىمغا مۇز سال، پەسلىگەي ۋولقان - لاۋا،
دىلرەبا قارچۇقلىرىدا ياندى ۋولقان جىلۋىسى.
كەل، قېنى چۈشلەرنى ئەكەت، تولدى كۈن چۈشنامىگە،
سېھرىيەت ئالقانلىرىدا كۈلدى غەليان جىلۋىسى.
كەل، قېنى بۇرغاڭغا جان بەر، لەرزىگە چۈشسۇن چىنار،
سۈبھىدىن كۆچسۇن نىقابلىق زەخمە داستان جىلۋىسى.
كەل، قېنى چۆللەردە مەن بار، باغ ساڭا موھتاج ئەمەس،
سۈردى پاسىل باغسېرى چۆللەردە توپان جىلۋىسى.
كەل، قېنى تەنھا يۈرەكتە ئاچتى يۈز تەشۋىش - ئەلەم،
تۈن ئارا كەلمەكتە قاپساپ بەختىيار جان جىلۋىسى.
چايقىلىپ كەلمەكتە ئالەم، چايقىلىشتىن مەن يىراق،
ۋەز تېرىپ كەلمەكتە ئارتتا قەھرى سۇلتان جىلۋىسى.
جىلۋىلەر ئەبجەشلىكىدىن تەمتىرەپ يۈردۈم ئۇزاق،
قۇم ئارا يەلكەننى سۈردى، ئۆچتى پىنھان جىلۋىسى.

                              24
ئەجەبكى مېھرى بۇرجۇڭدىن بىلەمسەن، بىر شېرىن دەرد بار،
زەھەرگە رەت قىلىپ بولماس سېھىرلىك رەغدى رىغبەت بار.
ئىچىمدە غۇلغۇيى جەڭگاھ، ئارامدىن تۈنلىرىم مەھرۇم،
مەگەر غەپلەتتىمەن ھوش بار، يەنە ھوش ئىچرە غەپلەت بار.
يەنە تۇغ ئالدى ئۇ ئۆكتەم، (شېرىن بۇ دەردمۇ مەجنۇنغا)،
مەگەر رەدنامىدىن دىلغا ھامان يەكۈندە كۈلپەت بار.
شېخىمدا بەرگى - ياپراقتىن نىشانە - بەلگە نامەلۇم،
رەسىمدىن بۇ يۈرەك سەرداسىغا بەرھەقكى ھەيرەت بار.
ئۈشۈك يۈزلەنسە ھالىمغا تېتىك روھىمدا مىڭ كۆكلەم،
ھەسەتلەر جۇغلىنىپ بەتنام دېڭىز بولغاندا جۈرئەت بار.
يىرىك مەجنۇنلىقىم ئالەمگە مەشھۇر، مەيلى ئارمان يوق،
قارام پىنھانغا بۇ ھال ھەق، شۇڭا دوق ئىچرە شەۋكەت بار.

                           25

ئىسىركەپ كۆبجىمە ئىنسان، يەنە نۇقسانلىرىڭ باردۇر،
چېچەكىڭ كەينىدە قانلىق يىغا ئەپغانلىرىڭ باردۇر.
چۈشەكەپ نەسلى شەيتاننى ھۆرۈپ ئويغانغىنىڭدا ھەم،
يەنە جىسمىڭغا جاي سالغان يېقىن شەيتانلىرىڭ باردۇر.
قاچاڭدا دۇغ سۇمۇ نىسبى، تىلىڭ جەمشىدى كۈيلەردە،
قانائەت يەكلىسە تەكچەڭدە ئاچ بورھانلىرىڭ باردۇر.
ئاداققى سەلتەنەت دەپ تەنتەنىگە ئىزدىمە ناغرا،
جۇلالار تەكتىدە مەۋھۇم تىرىك بوھرانلىرىڭ باردۇر.
مېنى تۇپراققا ئەنداز دەپ خازان دەپتەرگە كىرگۈزمە،
توپا قەدرىگە قان يىغلاپ زەھەر يۇتقانلىرىڭ باردۇر.
مۇكەممەل موردىلار باركى، مۇكەممەل ئەۋلىيالار يوق،
قولۇڭنى ئايغا يەتكۈزسەڭ، قۇياش ھىجرانلىرىڭ باردۇر.
قەسەمخور تۈلكە ئالەم بۇ، كېرىلمەك دەسمىگە چولتا،
سەھەر شۆھرەتتە تون كىيسەڭ ئەسىر ۋەيرانلىرىڭ باردۇر.
نەسىھەت مۇنبىرى ئۆزرە ئۆزۈڭمۇ كۆبجىمە پىنھان،
جۇلايىڭ زەررىدىن زەررە، يەنە پىنھانلىرىڭ باردۇر.

                           26

مەن ساڭا پىنھان ئەزەلدىن مەرھابا نەزمەمگە كىر،
سەن ماڭا گۈلخان، غەزەلدىن دىلرەبا خەندەمگە كىر.
تۈنلىرىم ھىجران تىلىدا سۈزۈلۈپ باردى ئۇدا،
سال قۇلاق تاڭ ھېكمىتىگە، ئىقتىدا ھەمدەمگە كىر.
سەجدىنىڭ پوكۇسلىرىدا جۇش ئۇرار سۆيگۈ لاۋا،
تاڭ چۈشى بەرسۇن رىزالىق دەم سۈيى زەمزەمگە كىر.
تاۋلىنىپ تۇرغان يۈرەكتە ئېرىسۇن يۈرەكمۇ ھەم،
بۇ تەسەددۇق ھۇجرىسىدۇر، قول بېرىپ مەھرەمگە كىر.
بەلكى مەنۇن ئالجىشىدا رەھنەما ھېكمەت قىلار،
تەلۋە مەن، بىر لەھزە ئالجىپ، مەن بىلەن بىردەمگە كىر.
داغى ھەسرەتتىن خالاسلىق كۆيدى ھېكمەت غارىدا،
ئۆت غەيۇر ھەل، باغرى چۆلدىن، بۇ ئىلاھى رەمگە كىر.
مۇپتىلالىق قوللىرىدا تۇتسا دىلبەر تۈنلىرى،
دەل ئاشۇ ھېكمەت - پاساھەت، تۈن يېشى شەبنەمگە كىر.
ئال قېنى پىنھان يۈرەكنى ئىزدىسەڭ تاڭدىن نىشان،
كۆيدۈرۈپ پىنھان غېرىبلىق، ئاشىقىي جىلۋەمگە كىر.



مۇھەممەت خېۋىر شېئىرلىرى
                  27
ئىنىق تەشۋىشلىرىم ئاخىر ئىشىقلارغا تۇتاش كەلدى،
قېنىق كەشمىشلىرىم زاھىر چېقىنلارغا باغاش كەلدى.
تىلىمدا تىلسىمى مەھكۇم دىلىمدا يېلتىزى چوڭقۇر،
ئېشىمدا تەم تېپىپ تۇردۇم ،ئىشىق تەملەرگە ياش كەلدى.
جاپالار پىلسىراتىدىن بېشىمنى تىك تۇتۇپ ئۆتتۇم،
ئاداقى پەللىدە ئەجرىم ئۈچۈن بىر يالتىراش كەلدى.
يېشىمدىن بەزمە ئويناشقا يەنە كىملەردۇر ھەم مۇھتاج،
چېقىنلار چاقسا مۇز ئىزدەپ زۇغۇيلار ئالدىراش كەلدى.
سەھەر سۆھبەتلىرى مۈشكۈل يولۇمدا زوق بېرەر دائىم،
قورام تاشنى تېشىپ ئۆتەي دېسەم جەزمەن ئاراش كەلدى.
مۇنەۋۋەر يالقۇنى ئۆرتەپ ،مۇنەۋۋەر قىلدى پىنھاننى،
ئىزىمدىن ئەگىشىپ ئىسكەت،يىغىپ ھەيكەلتاراش كەلدى.
                           28
كىشىكىم بولمىسۇن مەندەك قۇرۇق ئويلارغا پەيۋەندە ،
كىشىكىم بولمىسۇن كۈزدە پۇشايماندىن پاراكەندە.
مىسالى يەسلىلەردىن ئۆتتۈم رىۋايەتتە،
بىلەلمەي ئارزۇ دەپ بولدۇم سوئال ئىشلار ئۈچۈن بەندە.
تېخى قىرلارغا پۇت ئالماي دېدىم تىك چوققىنى ئارمان،
ئۆزۈمنىڭ لاپلىرى گاھ-گاھ ئۆزۈمنى قىلدى شەرمەندە.
ھەسەتنىڭ مۇزلىرى چاقناپ كۆزۈمنى گاھ تۇمان قىلدى،
زەئىپ گۈللەر قىراۋ تاپتى،كىشى كۈلگەندە گۈلشەندە،
كىشىكىم بولمىسۇن مەندەك قەلەندەر خانىسىدا شاھ،
زامان جەننەتلىرى ھەم بار تىرەن ئويلارنى سۈرگەندە.
مىسالى كۈزدىكى بىتاپ چېچەكتەك كۈنلىرىم پايخان،
پۇشايمان كۆپ جاپانى يەتكۈچە تارتقان ئەزىز تەندە.
كىشى ئۆمرى مېنىڭ ئۆمرۈم كەبى يۈتكەلمىسۇن گۈنسىز،
يورۇق يۇلتۇز بولۇپ تۇرسۇن بېرىپ تەپ ،نۇرنى كۆيگەندە!
مېنىڭ ھەسرەتلىرىم،پۇشايمانلىرىم دوستلار ئۈچۈن بولدى،
جىمى ناخۇشلۇقۇم،ھەسرەتلىرىم كەتسۇن پەقەت مەندە!
زامان قاھ-قاھ ئۇرۇپ كۈل دەپ ساڭا يول ئاچتىغۇ پىنھان،
ئۆمۈرگە چۈشتى قورۇقلار بەلەن پۇرسەتنى بىلگەندە.

                     29
جۇغلىنىپ ئىخلاس تىلىمدا ئىشتىياق باغجانلىدى،
جۇغلىنىپ ئىنكاس تىلىمدا مېۋىسى سەردانلىدى.
گاھىدا بىدئەت پىچىرلاپ ئەپكىلەر سەلكىننىمۇ،
ۋە يەنە ئىخلاس زەپەردەست ،تۈلكىنى يەكسانلىدى.
يۈتكىلىپ تۇرغان چېچەكلەر جىلۋىسى ئالدىمدىلا ،
ۋە يەنە ئىشقىم ئاساسى مىڭ ۋاپا ئېھسانلىدى.
گاھىدا بىشەم ھىجىردىن تاغ چىدام يالقۇنلىنار،
ۋە يەنە ۋەسلىڭ تاماسى دەۋرىدى،ۋولقانلىدى.
لەۋلىرىڭ سۆھبەتلىرىگە نە كېرەك ئىزھار تەلەپ،
ئەتىنىڭ ئىشەنىچلىرىدىن توي يەنە ئىمكانلىدى.
جۇغلىنىپ ئىخلاس ساداقەت بەرقىگە بەردى سۈپەت،
تەۋرىمەس تەقۋا دىلىمدا كۈنسېرى جەريانلىدى.
                  30
تىرەن چۆكمەكنى سۆھبەتكە قاچانكى پەيتى ئادەت قىل،
ئۇنى سۆكمەكنى بىلمەكتىن كېيىنكى چەككە تاقەت قىل.
كىشىنىڭ گېپىدە گەپ بار ،يېشى كۈلكىسىدە مەنە،
كىشى مەۋقەسىدە ئاڭلاپ ھامان ھېكمەتنى ئامەت قىل.
سېنىڭ بىلگەنلىرىڭ تامچە،كىشىنىڭ قەلبىدە دەريا،
بەلەن سۆھبەتتە بولماقنى ئۆمۈرگە پەيزى راھەت قىل.
پۈتۈكلەر تەكتىگە چۆككىن ،جاۋاھىر بەلكى شۇ يەردە،
ساۋاتسىز بولسىمۇ ئىمام ئىتائەت پەيتى تائەت قىل.
ئوقۇ ھەر جۈملىنى ھەر رەت، مېنىڭچە ئۇندا ئون تەم بار،
قاراپ باقمايلا تەقزىرگە دالالەت قىلسا سەن رەت قىل.
بولۇپ قالماقمۇ تەس بولماس، شۇ چاغدا بەلكى ئەلەمما،
كىتابى چاڭ باسار تەلۋە ،ئۆزۈڭدىن تەلۋىدىن چەت قىل.
نەسىھەت قىلمىقىم جايىز ئەمەستۇر بەلكى ھالىمگە،
مېنىڭ ئالجىشلىرىمنى بىر گادايدىن رەھمى ھىممەت قىل.
مېنىڭ گېپىمدىنمۇ گەپ بار ،ئەمەستۇر باقى پىنھانلىق،
تىرەن چۆكمەكنى سۆھبەتكە ئۆزۈڭگە پەيتى ئادەت قىل.
         (داۋامى بار)
2006.3 سان «تۇرپان»ژورنىلىدىن










31
ئۇچۇرما بولدى تاشقاتما ئۇچۇپ كەتكەندە چەمبەرلەر،
ئېرىپ ئەگىزگە ئايلاندى ئۇپۇق مەڭزىدە شەلپەرلەر.
چىنارلار كۆچتى كۈنگەيدىن مۇھەببەت پەيتى تەسكەيگە،
يەنە بايقالدى بىر يۇلتۇز : پىلىك سايلاندى نەشتەرلەر.
قەدىم نۇر تاشلىدى قاسراق، قولىدىن چۈشتى ھەم تەسۋى،
يىقىلدى يولدىكى بەلگە، ئۇيۇشتى قايتا مۆلچەرلەر.
يېنىكلەپ جىلغىلار تەردىن كۆجەپ ئاسمانغا كۆچكەندە،
شامالنىڭ بەركىتى بىرلە يەنە يۈز ئاچتى كۆپ زەرلەر.
بۇلۇتلار سۆھبىتى بىرلە ئېچىلدى يېڭى بىر قىتئە،
يەنە پاش پەيلى ئاچكۆزلۈك تۇتۇق پىنھاندا جەۋھەرلەر.
                     (داۋامى بار)





32



قىلىچ سۆزدىن كېسىك تەغدىر بۇلاقلىرىمغا تاشلاندى،
قورۇپ كەتكەن ئېقىنلارغا شاكاراپ سەلى باشلاندى.
يېقىلدى قانسىراپ بىر تۈن ۋىلىقلاپ كۈلدى بىر سۈبھى،
قوپال دۇنيا رەھىمسىز قول بىلەن قايتا تاراشلاندى.
ئېشىپ كەتتى رىۋايەت قىم،مىتى -نەرقى ھايالسىزلا،
چۈشۈپ جەۋلانىغا ياپراقلار ،چېچەكلەر كۆزى ياشلاندى.
يېپىق تۈن ئاسمىنىدا گاھى يۇلتۇزلار قالارئەسنەپ،
قەدىمىي زەپىرەڭ ئىمزا مۈرەمگە يۈك ھاپاشلاندى.
خىزىر ئەقلى بالاغەتتە تالاشتى بوي بۈيۈك كۆكتىن ،
قېلىپ مۇزلاپ نەزەردىن سىرت ،سۈزۈك ماگما باغاشلاندى.
سوئاللارنى يېغىشتۇرماق ئەمەس مۈشكۈل ساڭا پىنھان،
ساۋاتلار جەۋھىرى ئۆچمەس ئاگاھ يۈكسەككە تاشلاندى.
                  (داۋامى بار)


مۇھەممەت خېۋىر غەزەللىرى
33

بىر سوغۇق قىسمەت قۇچاق ئاچسا يۈرەككە مۇز چېچىپ،
قاقشىتار لوقمانمۇ زەرداپ ئۈستىگە ھەم تۇز چېچىپ!
كەلمىگەن كىم چۈشلىرىگە رەڭ بېرىپ تەبىر بېرىپ،
كەلمىگەن كىم تۈنلىرىگە جان بەخىش يۇلتۇز چېچىپ؟!
ماڭسا ھارۋاڭ تۈزدە ئالقىش كۆمگۈسى ھەردەم سېنى،
تاغقا ماڭساڭ يۈزى تۇرغان دەرت چېچىپ،تورمۇز چېچىپ!
گاھىدا شەيتان قۇنار يەلكەڭگە شېرىن كۈلكىدە ،
گاھ يولۇڭغا سۇ چېچىپ،گاھ يولۇڭغا يالپۇز چېچىپ.
ھېچ كىشى بۇرنۇڭغا ھېچ چاغ سالمىدى يۇلغۇن چۈلۈك،
بەلكى سەن بىھۇش يېقىلدىڭ ئەتە دەپ نەۋرۇز چېچىپ.
شىركەيىپ بولدۇم بۈگۈن ئالتۇن قەدەھتە دەرد ئىچىپ،
تەمتىرەپ يۈرگەن ئىكەنمەن ئۆز-ئۆزۈمگە بۇس چېچىپ.
بولدى پىنھان ھېچ ىشىەە زەردە چاچما ،بۇ رىزىق،
تۇنجۇقۇپ قالدىڭ ئۆزۈڭگە چۈشسېرى ئەگىز چېچىپ.
34
دىلرابا دىلكەش ماڭا دەردى ھېجران ئەتسىمۇ،
سۆيگۈسى ئاتەش ماڭا ھىجرى سەرسان ئەتسىمۇ.
ۋەسلىنى دەپ شادىمان ،روھلىنىپ پەرھادىمەن،
دەۋرى كۈيگە قاتىمەن ،مېنى ھەيران ئەتسىمۇ.
مەڭگۈلۈك ئاشنالىقىم ،پەسلىمەس تەشنالىقىم،
ئاشىقى سەۋدالىقىم،ئەمدى ھەيران ئەتسىمۇ.
كۈيلىرىم خەندان قىلۇر ،ئەل ئارا مەردان قىلۇر،
لەززىتى جەريان قىلۇر دەردى ئەپغان ئەتسىمۇ.
مەن ئۈچۈن يازدۇر قىشى،ئورنىدا يوق ھېچكىشى،
دىل ئۆيۇمنىڭ دىلكىشى ،تەركى ئىمكان ئەتسىمۇ.
دەرد دېسە ھېچ گەپ ئەمەس ،بولسا شېرىن بولدى بەس،
بۇ ئەمەس ئازغۇن ھەۋەس ،شەرتى پايخان ئەتسىنۇ.
ئەمدى مەن ئاشكارى،مەن ،سۆيگۈنىڭ ئىزھارىمەن،
سەبرىنىڭ ئىنكارىمەن ،ھەقنى پىنھان ئەتسىمۇ.




35
قېنى سەن دىلبىرىم ،لەۋدە ۋىسال شارابى تۇتساڭچۇ،
قېنى سەن دىل يېرىم ،چۆلنىڭ يامان سەرابى ،تۇتساڭچۇ.
ئىچىدىن پور بولۇپ شەمشاد كەبى يىتمەكتە بىر ۋەيران،
تېشى شاھانە ،كۆيمەكتە تۈنەپ خارابە ،تۇتساڭچۇ.
ساناقلىق ئاشبۇ كۈنلەردە قىيام لەززەتكە ئاچ قالدىم،
ئىشەنچىسىز چىقتى تەقۋادا بۈيۈك مېھرابى ،تۇتساڭچۇ.
ئىشىق سەۋدالىرى پىنھان ،جۇنۇن غەۋغالىرى چەندان،
مۇھەببەت تەقازاسىدا گۈزەل ئەتراپى تۇتساڭچۇ.
مۇھەببەت ئېكىكى ئەمما غاجاپ كەلدى سەھەر -كەچتە،
يىراقلاپ باردى تەشناغا تەسەللىي ئابى،تۇتساڭچۇ.
ئەنە ئوت باغرىدا ئۆلمەكتە تەشنالىقرا قان پىنھان،
لېۋىڭدە بىر دېڭىز مەي بار ،نەسىھ شارابى تۇتساڭچۇ.
                        36
جىمى نۇقسانلىرىم بىرلە يارالدىم جان سىياقىدا ،
سوكال ئىمكانلىرىم بىرلە بويالدىم يول بوياقىدا.
مېنى كىملەردۇ نۇقسانسىز ئۇلۇغ رەڭدە قىياس قىلدى،
تولا قىينالدى بۇ جانىم بۇياق رەڭلەر ئاياقىدا.
يېقىلدى ھەر قەدەمدە
  بىر ،شۇڭا ماڭلايدا تارتۇق كۆپ،
مېنى نۇر مەنزىلىگە ھەيدىدى ئارمان تاياقىدا .
تىلەمدىن پارچە نان تاپسام،ئۇنىڭ ھەغدالىرى جىق-جىق،
(ئەزەلدىن بولمىدى زەرمۇ قەلەندەرنىڭ تاياقىدا.)
مېنىڭ نۇقسانلىرىم ئۇيقۇ قۇچاقىدا سەگكلەشتى،
يەنە جەۋلانغا يەتكۈزدى بىراۋلار سوغ ساۋاقىدا.
ئېزىپ گاھ-گاھ ئۆزۈمگە ئوخشىماي قالسام ئەجەپ ئەتمە،
ھامانە جىلغىمەن تۇرساممۇ ئالقىشنىڭ راۋاقىدا.
مېنى نۇقسانلىرىم بىرلە قوبۇل ئەتمەككە سەن مەجبور،
يوقالماي ياشىسام ئالجىپ مەدھىھلەر قاۋاقىدا.
...دوقۇردۇم گاھىدا ئوت ،گاھىدا مۇزلارغا يۈز تەڭلەپ،
بېكىندىم ئاخىرى پىنھان مۇھەببەتنىڭ قۇچاقىدا.









































سەندىكى بالا-قازانى ياقتۇردۇم، ساڭا بالا-قازانى ئايان قىلدىم، سەندىكى بالا-قازادىن نەپرەتلەندىم، بالا-قازان ...
jallat ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  698
يازما سانى: 217
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1510
تۆھپە : 0
توردا: 614
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-27 18:39:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقارقىلار مەن يىغىپ ساقلىغان.ھەم ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان  مۇھەممەت خىۋىرنىڭ غەزەللىرى

سەندىكى بالا-قازانى ياقتۇردۇم، ساڭا بالا-قازانى ئايان قىلدىم، سەندىكى بالا-قازادىن نەپرەتلەندىم، بالا-قازان ...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  431
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 537
تۆھپە : 0
توردا: 73
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-4

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-27 21:24:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم ئۇستازنىڭ ياتقان جايىى جەننەتتە بولسۇن ، سىزنىڭمۇ  تارتقان جاپايىڭىزنىڭ ئەجىرىنى ئاللا ئىگەم ئۆزى بەرسۈن!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1180
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 566
تۆھپە : 0
توردا: 12
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-27 21:39:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم ئۇستاز  ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشى ئىدى ، ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن !

ئەڭ ياخشى ئۆزۈڭ بولۇپ ياشا !

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1579
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 886
تۆھپە : 0
توردا: 118
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-28

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 01:05:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ياتقان جايى جەننەتتە بولغاي ، ‹كىتابىڭىزنى بىر كۆرگۈم بار › دىگەن ئىدى ، ئىسىت......  بۇ تېمىنى يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت ئابلەق ئاكا .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1454
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 335
تۆھپە : 0
توردا: 60
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-3

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-29 20:14:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنى شېئىرىيەت ۋادىسىغا باشلىغان ، مېنىڭ بىردىنبىر ئەللامە ئۇستازىم  مەرھۇم مۇھەممەت خېۋىرنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي! ئۇنىڭ غەزەللىرىنى ئوقۇساملا كۆزۈمگە ئىسسىق ياش كېلىدۇ. مۇھەممەت خېۋىر ئۇستازىمنىڭ غەزەللىرىنى يېغىپ ، قەدىرلەپ ساقلىغۇچىلارغا، ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنلىرىگە مەندىن ئاتەش سالاملار بولسۇن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1579
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 886
تۆھپە : 0
توردا: 118
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-28

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-30 23:47:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازنىڭ ئالغان ئۆيى مەن بىلەن بىر كورپۇستا ئىكەندۇق ، ھايات بولغان بولسا قوشنا بولاتتۇقكەن ، مەن بىر توخسۇنلۇق تۇرۇپ نىمىشقا ھەممىڭلاردىن كېيىن تونۇشقان بولغىيدىم .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1604
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 132
تۆھپە : 0
توردا: 16
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-13

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-31 10:09:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەگيار بۇ يەردىكى غەزەلنى ئۇقىمىغاندىمۇ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قىش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-31 10:10  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1333
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 91
تۆھپە : 0
توردا: 11
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-10 18:48:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   مەرھۇم ئۇستازىم ، كەسپدىشىم  مۇھەممەت خېۋىرنى چوڭقۇر سېغىنىش ئىلكىدە ئەسلىگىنىمدە ئىختىيارسىز  ماڭا ئىجادىيەت ئۇرۇقىنى چاچقان ۋاقىتلىرى ئېسىمگە كېلىدۇ ، ئۇ ھايات ۋاقتىدا نۇرغۇن قېتىم ئۆيلىرىمگە كېلىپ ، ئۆيدە كەسپداشلار بىلەن بىرگە شېئىرىيەت ، ئەدەبىي ئىجادىيەت سۆھبەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرغان ئىدى .( بۇ توغرىسىدا ئايرىم توختىلىمەن ) خەير مانا ئۇستازنىڭ ۋاپاتىغىمۇ  ئۈچ يىل توشۇپ ،ئۇنى  چوڭقۇر سېغىنماقتىمىز . ئۇنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي !

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1784
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 240
تۆھپە : 0
توردا: 40
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-29

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-10 19:12:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي !!!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش