تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
كۆرۈش: 33|ئىنكاس: 0

مىنىڭ ئىلتىجاھىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 04:08:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ ئىلتىجاھىم



قاسىم سىدىق




نۆۋەتتە،چەتئەللەردىكى بەزى تەجىرىبىلەر پۇت تىرەپ تۇرالىسا ھازىرقى زامان فىزىكىسغا غايەت زۇر ئۆزگەرتىش،ھەتتا ئىنقىلاپ ئىلىپ كىلىدۇ دەپ قارىلىۋاتىدۇ.نىتىرونۇ تىزلىگىنىڭ يورۇقلۇق تىزلىگىدىن ئىشىپ كەتكەنلىگى ھەققىدىكى تەجىرىبە قايتا ئىشلىنىۋاتقان بولۇپ،نەتىجىسدە راستىنلا مۇشۇنداق ئىشىپ كىتىش ھادىسىسى كۆرۇلسە فىزىكىدا ئىنقىلاپ بولىدۇ دىگەن قاراش پۆتكۆل دۇنيادىكى فىزىكلارغا ئۇرتاق كۆزقاراش.

چەتئەللىكلەر ئىشلىگەن ۋە ئىشلەۋاتقان نىترۇنۇ تەجىربىسى،ھىككىس زەررىچىسىنى ئىزدەش تەجىربىسى قاتارلىقلارنىڭ تەقدىرى نىمە بولىشىدىن قەتئى نەزەر بىزدە يىڭى بىر نۆۋەتلىك فىزىكا ئىنقىلاۋىنىڭ تۇنجى سىگنالىنى چىلىش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان بىر تەجىرىبە بار،ئۇ بولسىمۇ شەكىل نەزەريىسىنىڭ 29-تىئورىمىسىنى دەلىلەش تەجىرىبىسى.

29-تىئورىما تەجىربىسنى بىر يىلغا يىقىن ۋاقىتتىن بۇيان ھازىرقى زامان فىزىكا نەزەريىلىرى مەيدانىدا تۇرۇپ چۆشەندۇرۇش ئۇسۇلىنى تاپالمىدۇق.بۇ تەجىربە نەتىجىسىنىڭ ھازىرقى زامان فىزىكىسى،ئالەمشۇناسلىغىغا ئىلىپ كىلىدىغان تەسىرى نىترۇنۇ تەجىربىسىنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە يۇقۇرى بولىشى،قۇزغايدىغان ئىنقىلاۋى «جاھاندا مىسلىسىز»بولىشى مۆمكىن.چۆنكى بۇ بىر ئاددى تەجىرىبە بولسىمۇ ئۇنىڭ نەتىجىسى نىيۇتۇن مىخانىكىسى،نىسبىلىك نەزەريىسى،كىۋانىت مىخانىكىسى قاتارلىقلارغا غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.
مەن،مۇشۇنداق بىر تارىخى ئارقا كۆرۆنۆش ئىچىدە، نۇۋەتتىكى ئەڭ موھىم ئىش ،دۇنيانى مانا مۇشۇنداق بىر تەجىربە نەتىجىسىنىڭ مەۋجۆتلىگىدىن خەۋەردار قىلش.سالاھىيەتلىك ئۇرۇن ۋە شەخىسلەرنىڭ بۇ تەجىرىبىنى مۇستەقىل قايتا ئىشلەپ دەلىللىشىنى قولغا كەلتۆرۆش.بۇ تىئورىما ۋە ئۇنىڭ تەجىرىبە نەتىجىسىنىڭ دۆلىتىمىز ۋە مىللىتىمىزنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىسى ۋە ئىنئامىلىغىدىن ئىبارەت ئەھمىيىتىنى تونۇپ يىتىش.دۆلىتىمىز ۋە مىللىتىمىزنىڭ يىڭى بىر نۆۋەتلىك فىزىكا ئىنقىلابىنىڭ جەڭ سىگنالىنى ئەڭ دەسلەپ چېلىش پۇرسىتىنى قۇلدىن كەتكۆزۆپ قويماسلىق لازىم دەپ قارايمەن.
چۆنكى نىترۇنۇ تەجىربىسى قايتىدىن دەلىللەنسە ياۋرۇپا يىڭى بىر قىتىملىق فىزىكا ئىنقىلاۋىنىڭ بايراقدارى بۇلۇپ قالىدۇ.ئەگەر بىز بۇرۇن چىقساق بۇ شەرەپكە ئەلۋەتتە بىز نائىل بولىمىز.ياۋرۇپا ياكى غەرىپ ھازىرقى زامان ئىلىم-پىنىدە بەكمۇ ئۇزۇن ۋاقىت بايراقدار بولۇپ كەلدى.مىنىڭ دۇلىتىم ۋە مىللىتىم ئىشەنىچ ۋە شەرەپ تۇيغۇلىرىغا تۇيۇنغان غەرىپكە قارىغاندا بۇنداق پۇرسەتلەرگە تولىمۇ مۇھتاج.چۆنكى بۇپۇرسەت ئىنسانىيەتنىڭ ئۇمۇمى گەۋدىسىدە سالماقلىق ئۇرۇن تۇتۇدىغان جوڭگۇغا ۋە مەھمۇت قەشقىرى ،يۇسۇپ خاس ھاجىپ،فارابى ئەۋلاتىلىرىغا قايتىدىن كۆچ.قۇۋەت بىغىشلايدۇ،بىز تەبىئەت پەنلىرى تەتقىقاتىدا تىگىشلىك مەجبۇرىيەتلەرنى ئاللىبۇرۇنلا ئۆستىىمىزگە ئىلىشىمىز كىرەك ئىدى .مىنىڭچە بۇ تىگى تەكتىدىن ئالغاندا ئاللىقانداقتۇر تۆھپە ۋە شان-شەرەپ مەسىلىسى بولماي،ئىلمى بۇرىچ مەسىلىسىدۇر.«ۋىجدان»،«جاسارەت» دىگەنلەر نۇقول شەخسلەرنىڭ ئەخلاقى( ئېتكىلىق )نورمىلىرى ئەمەس.ئۇلار ئۆز نۇۋىتىدە قەۋىم،مىللەت ۋە دۆلەتنىڭمۇ ئەخلاقى نورمىلىرىدىن ئىبارەت.

كەسىپ ئەھلىگە مەلۆمكى،فىزىكا تەجىربىلىرىنىڭ توغرا -خاتالىغىنى بىكىتىش ئۇچۇن بۇ تەجىربىنى تونجى قىتىم ئىشلىگەنلەردىن باشقا ئورۇن ۋە شەخىسلەرمۇ قايتائىشلەپ دەلىللىشى كىرەك.بەزى ئۇرۇنلار بۇ تەجىربىنى قايتا ئىشلەش قارارىغا كەلگەن بولسىمۇھەر خىل سەۋەپلەر تۆپەيلىدىن تېخى رەسمى ئىشقا كىرىشىپ كەتكىنى ياكى ئەمىلى نەتىجىگە ئىرىشكىنى يوق.ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى مەلۆم ئالى مەكتەپ تەجىربە ئىشلەپ«ئېغىش»ھادىسىسىگە ئىرىشكەن بولسىمۇ «ئېغىش»نىڭ سەۋەبىنى چۆشەندۆرۆشتە ئىختىلاپ مەۋجۆت.

مەن،قايتا-قايتا ئۇيلۇنۇپ 29-تىئۇرىما تەجىرىبە نەتىجىسىنى تەشۋىق قىلىش(«داۋراڭ» سىلىش)سالمىغىنى كۆچەيتىش،ئالى.ئوتتۇرا مەكتەپلەردە قايتا تەجىربەئىشلەش قىزغىنلىغى قوزغاش،مەملىكەت-ئىچى -سىرتىدىكى ئىلىم-پەن ئۇرۇنلىرى ۋەشەخىسلەرنىڭ بۇ تەجىرىبە نەتىجىسىگە كۆڭۆل بۆلىشى ۋە قايتا ئىشلەپ دەلىللىشىنى قولغا كەلتۆرۆش ئۆچۆن ھەر بىر كىشىنىڭ قولىدىن كىلىشىچە كۆچ چىقىرىشى لازىم ئىكەن دەپ قارىدىم.
مەملىكەت ئىچى-سىرتىدا ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ،ئىشلەۋاتقانلارنىڭ بۇ ئۇچۇرغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىنى ،ھەرقانداق بىركىشىنىڭ 29-تىئورىما تەجىرىبە نەتىجىسنى خەلقئارغا تونۇتۇش ئۆچۆن قۇلىدىن كىلىشىچە كۆچ چىقىرىشىنى ئىلتىجا قىلىمەن!.

بۇ تەجىرىبە نەتىجىسىنى ھازىرقى زامان فىزىكا ئىدىيىلىرى نۇقتىسىدا تۇرۇپ چۆشەندۆرەلەيدىغانلا ۋە مۇشۇنداق ئۇچۇر بىلەن بولسىمۇ تەمىنلەيدىغانلار بولسا ئەلۋەتتە قىزغىن قارشى ئىلىنىدۇ.

مىنىڭ يۇقۇرقى قۇرلارنى يىزىشىمغا 29-تىئۇرماتەجىربىسىنىڭ ھەر قانداق ۋاقىتتا پۇت تىرەپ تۇرالايدىغانلىغىغا ۋە بۇ تەجىرىبە نەتىجىسىنى ھازىرقى زامان فىزىكا ئىدىيىلىرى نۇقتىسدا تۇرۇپ چۆشەندۆرگىلى بولمايدىغانلىغىغا بولغان ئىشەنچەم سەۋەپ بولدى.مىنىڭچە 29-تىئورىما تەجىربە نەتىجىسىنى خەلىقئاراغا تونۇشتۇرۇش كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق كۆچ چىقىشى بىلەنلا ئاندىن ئەمەلگە ئاشىدۇ!.

29-تىئورىما تەجىرىبىسىدەك مۇشۇنداق بىر ئاددى تەجىربىنى ئۆزلىرى قول سىلىپ ئىشلەپ توغرا-خاتالىغىنى ئىنىقلاپ كۆرمەي تۇرۇغلۇق ئاغزىغا كەلگىنچە ئېغىۋاگەرچىلىك قىلۋاتقان بىر قىسىم ئاتالمىش«كەسىپ ئىگىلىرى»،ياكى ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخىسلەرگە بۇ ئۇچۇرنى توغرا يەتكۆزمەي سېسىتىۋاتقان ،يوشۇرىۋاتقان ئاتالمىش«زىيالى»لار ئاقىۋەت تارىخنىڭ مەسخىرىسى ۋە لەنەت ـ نەپرىتىگە قالىدۇ!.

قاسىم سىدىق
2012.3.5
ئالاقىدا ئۇلىنىشلار:



كلاسسىك فىزىكا ۋە ھازىرقى زامان ئاساسىي فىزىكا نەزەرىيلىرى دۇچ كەل كەلگەن خىرىس



ــــــــــــــــ كۆتۆلمىگەن بىر تەجىرىبە نەتىجىسىدىن دوكىلات
http://www.aldost.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=2854









شەكىل نەزەرىيسى تەقەززالىغىدىكى يېڭى فىزىكا




http://www.aldost.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=2857




مەشھۇر ئۈچ تەجرىبە ۋە 29-تېئورىما تەجرىبىسى ئۈستېدە سىلىشتۇرما تەتقىقات
http://www.aldost.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=285



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:

ستاتىستىكا|Archiver|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网 ( ICP经营许可证编号:新ICP备10200746号 )

GMT+8, 2012-4-16 04:19 , Processed in 0.075740 second(s), 11 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش