كۆرۈش: 201|ئىنكاس: 1

غەربى يۇرتتتا ھۈكۈم سۈرگەن خاقانلار نەساپنامىسى ( 1 ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  114
يازما سانى: 317
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 800
تۆھپە : 20
توردا: 170
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-3

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-25 21:23:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

غەربى يۇرتتتا ھۈكۈم سۈرگەن خاقانلار نەساپنامىسى


( ئەمەتجان سەمەت توپلىغان )



بىزنىڭ شىر يۈرەك ئەجدادلىرىمىز تارىخى دەۋىرلەردىن تارتىپ تارىم ئويمانلىقىنى مەركەز قىلغان ئوتتۇرا ئاسيا رايۇندا ياشاپ كەلگەن. جوڭگۇ ۋە دۇنيا تارىخغا غايەت زور تەسر كۆرسەتكەن. شۇڭا ئەجدادلىرمىزنىڭ شەجەرسىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقمىز لازىم. شۇ ۋەجىدىن مەن بىرنچىدىن ئەجدادلىرىمىز ياشىغان تارىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز ئىككنجدىن كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا ئائىلە شەجەرسىنى تەتقىت قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى نەزەردە تۇتۇپ غەربى يۇرت تارىخمىزدىكى خاقانلارنىڭ نەسەپنامىسىنى خانىلىق نامى، قۇرغۇچىسى، تەخىتە ئولتۇغان ۋاقىتلىرى بۇيچە ئاددىي ھالدا توپلاپ بارلىق مۇنبەرداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم ! پايداىلىنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. شۇڭا بۇ جەريانىدا بەزىبىر خاتالىق ياكى سەۋەنلىك ھەم كەم قالغان جايلىرى بولسا تەنقىدى پوزۇتسىيە تۇتۇشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.

بىرنجى ھۇن خاقانلىرى


ھۇن خاقانلىغى مىلادىيدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردىن تاكى مىلادىيە 5-ئەسرگىچە بولغان 600 يىل ھۈكۈم سۈرگەن.  بۇ خاندالىقتا 22 خاقان ئۆتكەن بولوپ ئاخرىدا ئىككىگە بۈلۈنۈپ كەتكەن.
تۇنجى خاقانى تۈمەن تەڭرىقۇت- تۈمەن تەڭرىقۇت ھۇن ىاندانلىقىنىڭ ئاساسچىسى. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بارلىق ھۇن قەبىللىرنى بىر تۇغ ئاستىغا يىغىپ خانلىق قۇرغان. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 209-يىلى تۈمەن تەڭرىقۇت ئوغلى باتۇر تەڭرىقۇت تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلىگەن.
2- خاقانى باتۇر تەڭرىقۇت- تۈمەن تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى مىلادىيدىن بۇرۇنقى 209-يىلدىن مىلادىيدىن بۇرۇنقى 174-يىلغىچە تەختە ئولتۇرغان. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 174-يىلى باتۇر تەڭرىقۇت كىسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان.
3- خاقانى قايۇق تەڭرىقۇت- تۈمەن تەڭرىقۇتنىڭ كىىچك ئوغلى. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 174-يىلدىن مىلادىيدىن بۇرۇنقى 161-يىلغىچە تەختە ئولتۇرغان. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 161-يىلى قايۇق تەڭرىقۇت ئۆز ئەجىلى بىلەن ۋاپات بولغان.
4- خاقانى كۈن تەڭرىقۇت- قايۇق تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 161-يىلدىن مىلادىيدىن بۇرۇنقى 126-يىلغىچە تەختە ئولتۇرغان. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 126-يىلى كۈن تەڭرىقۇت ئۆز ئەجىلى بىلەن ۋاپات بولغان.
5- خاقانى ئىچىغسە تەڭرىقۇت- كۈن تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 126-يىلدىن مىلادىيدىن بۇرۇنقى 114-يىلغىچە تەختە ئولتۇرغان. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 114-يىلى ئىچسغە تەڭرىقۇت ۋاپات بولغان.
6- خاقانى ئۇۋى تەڭرىقۇت- ئىچسغە تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 114-يىلدىن مىلادىيدىن بۇرۇنقى 105-يىلغىچە تەختە ئولتۇرغان. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 105-يىلى ئۇۋى تەڭرىقۇت ۋاپات بولغان.
7- خاقانى ئۇشىلۇ تەڭرىقۇت- ئۇۋى تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 105-يىلدىن مىلادىيدىن بۇرۇنقى 102-يىلغىچە تەختە ئولتۇرغان. بالا تەڭرىقۇت دەپمۇ ئاتالغان. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 102-يىلى تۇيۇقسىز كىسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولغان.
8- خاقانى گۇيلىقۇ تەڭرىقۇت- ئۇۋى تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى، ئۇشىلۇ تەڭرىقۇتنىڭ تاغىسى. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 102-يىلدىن مىلادىيدىن بۇرۇنقى 101-يىلغىچە تەختە ئولتۇرغان. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 101-يىلى گۇيلىقۇ تەڭرىقۇت كىسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان.
9- خاقانى چەتقۇ تەڭرىقۇت- گۇيلىقۇ تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 101-يىلدىن مىلادىيدىن بۇرۇنقى 96-يىلغىچە تەختە ئولتۇرغان. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 96-يىلى چەتقۇ تەڭرىقۇت ۋاپات بولغان.
10- خاقانى قۇلۇقۇ تەڭرىقۇت- چەتقۇ تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى، مىلادىيدىن بۇرۇنقى 96-يىلدىن مىلادىيدىن بۇرۇنقى 86-يىلغىچە تەختە ئولتۇرغان. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 86-يىلى قۇلۇقۇ تەڭرىقۇت ۋاپات بولغان.
11- خاقانى قۇياندى تەڭرىقۇت- قۇلۇقۇ تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى،مىلادىيدىن بۇرۇنقى 86-يىلدىن مىلادىيدىن بۇرۇنقى 68-يىلغىچە تەختە ئولتۇرغان. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 68-يىلى قۇياندى تەڭرىقۇت ۋاپات بولغان.
12- خاقانى شۇرۇچانچۇ تەڭرىقۇت- قۇياندى تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى، مىلادىيدىن بۇرۇنقى 68-يىلدىن مىلادىيدىن بۇرۇنقى 60-يىلغىچە تەختە ئولتۇرغان. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 60-يىلى شۇرۇچانچۇ تەڭرىقۇت كىسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان.
13- خاقانى ئۇيانجۇت تەڭرىقۇت- ئۇۋى تەڭرىقۇتنىڭ بەشىنچى ئەۋلاد نەۋرىسى، مىلادىيدىن بۇرۇنقى 60-يىلدىن مىلادىيدىن بۇرۇنقى 58-يىلغىچە تەختە ئولتۇرغان. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 58-يىلى ئۇيانجۇت تەڭرىقۇت ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان.
14- خاقانى قوغشار تەڭرىقۇت- شۇرۇچانچۇ تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى، مىلادىيدىن بۇرۇنقى 58-يىلدىن مىلادىيدىن بۇرۇنقى 31-يىلغىچە تەختە ئولتۇرغان. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 31-يىلى قۇغشار تەڭرىقۇت ۋاپات بولغان.
15- خاقانى پۇجۇلجۇت تەڭرىقۇت- قوغشار تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى، مىلادىيدىن بۇرۇنقى 31-يىلدىن مىلادىيدىن بۇرۇنقى 21-يىلغىچە تەختە ئولتۇرغان. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 21-يىلى پۇجۇلجۇت تەڭرىقۇت ۋاپات بولغان.
16- خاقانى سۇشجۇت تەڭرىقۇت- پۇجۇلجۇت تەڭرىقۇتنىڭ ئىنسىى، مىلادىيدىن بۇرۇنقى 20-يىلدىن مىلادىيدىن بۇرۇنقى 12-يىلغىچە تەختە ئولتۇرغان. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 12-يىلى سۇشجۇت تەڭرىقۇت كىسەل سەۋەبىدىن تۇيۇقسىز ۋاپات بولغان.
17- خاقانى چەياجۇت تەڭرىقۇت- سۇشجۇت تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى، مىلادىيدىن بۇرۇنقى 12-يىلدىن مىلادىيدىن بۇرۇنقى 8-يىلغىچە تەختە ئولتۇرغان. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 8-يىلى چەياجۇت تەڭرىقۇت ۋاپات بولغان.
18- خاقانى ئۇجۇلجۇت تەڭرىقۇت- چەياجۇت تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى، مىلادىيدىن بۇرۇنقى 8-يىلدىن مىلادىيە 13-يىلغىچە تەختە ئولتۇرغان. مىلادىيە 13-يىلى ئۇجۇلجۇت تەڭرىقۇت ۋاپات بولغان.
19- خاقانى ئۇلجۇت تەڭرىقۇت- ئۇجۇلجۇت تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى، مىلادىيە 13-يىلدىن مىلادىيە 18-يىلغىچە تەختە ئولتۇرغان. مىلادىيە 18-يىلى ئۇلجۇت تەڭرىقۇت ۋاپات بولغان.
20- خاقانى قۇتئەرىش تالانوتى تەڭرىقۇت- ئۇلجۇت تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى، مىلادىيە 18-يىلدىن مىلادىيە 46-يىلغىچە تەختە ئولتۇرغان. مىلادىيە 46-يىلى قۇتئەرىش تالانوتى تەڭرىقۇت ۋاپات بولغان.
21- خاقانى ئوتاتخۇ تەڭرىقۇت- قۇتئەرىش تالانوتى تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى، مىلادىيە 46-يىلغىچە تەختە ئولتۇرغان. لىكىن بىر يىل بولا بولمايلا ۋاپات بولغان.
22- خاقانى پانۇ تەڭرىقۇت- ئۇتاتخۇ تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى، مىلادىيە 46-يىلدىن مىلادىيە 86-يىلغىچە تەختە ئولتۇرغان.
نەتىجىدە پۈتۈن ھۇن خاندانلىغى شىمالىي ھۇن خاندانلىغى ۋە جەنۇبىي ھۇن خاندانلىغى دەپ ئىككىگە بۈلۈنۈپ كەتكەن.

پايدىلانمىلار: ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى    شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى  1989-يىل نەشرى
                  ئەنىۋەر بايتۇر شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخى    مىللەتلەر نەشىرىياتى  1991-يىل نەشرى

                                            داۋامى بار



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەمەتجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-25 21:30  


mukam.cn

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1464
يازما سانى: 476
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1578
تۆھپە : 0
توردا: 214
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-26 11:44:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە كۆپ تەشەككۈر،داۋامىنى يوللاپ تۇرارسىز!

ئادىلجان قادىر يارقۇت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش