ئىزدە تور لۇغىتى
تور ئىملاچىسى
باش بەت قىلىڭ
ساقلىۋېلىڭ
تىزىملىتىش
كىرىش
قولاي تىزىملىك
باش بەت
Portal
مۇنبەر
BBS
ھويلا
Space
مىكروبىلوگ
تور خاتىرىسى
يازغۇچىلار لۇغىتى
ئالبوم
تېما بېزەكلىرى
›
مۇنبەر
›
مۇنبەر مۇلازىمەت رايونى
›
شىنجاڭ يازغۇچىلار لۇغىتى
›
ئابدۇللا ساۋۇت
تىزىملىككە قايتىش
كۆرۈش:
400
|
ئىنكاس:
0
ئابدۇللا ساۋۇت
[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
risaletmerdan
risaletmerdan
توردا يوق
UID
15
QQ
1552148786
ھوقۇقى
1
يازما
145
نادىر
0
جۇغلانما
1121
تىزىملاتقان
2012-3-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-10-26
توردا
503 سائەت
تىرىشچان ئەزا
تىرىشچان ئەزا
, جۇغلانما 1121, دەرىجە ئۆسۈش ئۈچۈن 1879 جۇغلانما
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:
15
يازما سانى:
145
نادىر تېمىسى:
0
تېللا:
832
تۆھپە :
46
توردا:
503
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى:
2013-10-26
يوقلاش
دوست
سالام
ئۇچۇر
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 12:58:11
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇللا ساۋۇت 1950-يىلى4-ئايدا، ئاقتۇ ناھىيە ئۈجمە يىزا جايتېرەك كەنتىدە ئۇقۇمۇشلۇق دېھقان ئائىلسىدە تۇغۇلغان.1956-يىلدىن 1966-يىلغىچە جايتېرەك باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئاقتۇ ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان.1972-يىلدىن 1974-يىلغىچە قىزىلسۇ ئوبلاستلىق دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان. 1974-يىلى خىزمەتكە قاتناشقان ۋە شۇ يىلى پارتىيگە كىرگەن، 1985-يىلى ئاپتۇنۇن رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى بولغان، 1986-يىلى قىزىلسۇ ئوبلاسىتىلىق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ دائىمى ئەزاسى، يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ موئاۋىن باشلىقى، 1989-يىلى جۇڭگۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر يازغۇچىلىرى ئىلمى جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى ، 1990-يىلى شىنجاڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى ، 2002-يىلى جۇڭگۇ يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1991-يىلى 2-دەرىجىلىك ئەدەبى ئىجادىيەتچى(مۇئاۋىن پىراففىسور) ئۈنۋانىغا ئېرىشكەن.
1974-يىلىدىن 1989-يىلغىچە ئاقتۇ ناھيىلىك ناھىيىلىك مەدەنىيەت-مائارىپ بۆلۈمىدە، پارتىكوم ھۆكۈمەت ئىشخانىسىدا كاتىپ، رادىئۇ ئۇزىلىنىڭ موئاۋىن باشلىقى، رادىيو- تىلىۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىغى، ناھيىلىك سىياسىي كىڭەش ئىشخانسىنىڭ موئاۋىن مودىرى،قاتارلىق خىزمەتلەردە بولغان. 1989-يىلدىن 1995-يىلغىچە «شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيتى» نىڭ كەسپى يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1995-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە ئاقتۇ ناھىيىلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىغى، كىيىنچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى بولۇپ ئىشلەپ دەم ئېلىشقا چىققان.
1988-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە ئۇنىڭ ئىجادىيەت ھاياتى«شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى لوغىتى»، «جۇڭگۇ ھازىرقى زامان ياش يازغۇچىلار قامۇسى»،«شەر*قى دىيار تالانىتلىقلار لوغىتى»، «خەلقئارا مەشھۇر زاتلار قامۇسى(جۇڭگۇ قىسمى) » قاتارلىق لوغەت قامۇسلارغا كىرگۈزۈلگەن. ئۈچ پارچە شېئىرى، ئۈچ پارچە ھېكايىسى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان.
ئۇ 1973-يىلى ئەدەبىي ئىجادىيەت سىپىگە قەدەم قويغاندىن بۇيان ھازىرغىچە شىنجاڭدىكى تۈرلۈك گىزىت-ژۇرناللار، توپلام، مەجمۇئەلەردە 1000پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى ئەسەرلىرى ئىلان قىلىنغان.
ئۇنىڭ ھازىرغىچە شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا، ئېلان قىلىنغان ھېكايە پوۋستلىرىدىن باشقا 1983-يىلى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشىرىياتىدا «يۇرتۇمدا توي» (باشقىلار بىلەن بىرلىكتە) ناملىق شېئىرلار توپلىمى، «قانلىق قىرغاق»، «ماڭا ئىجازەت بېرىڭلار»، «دات باسماس قىلىچ»، «مۇھەببەت قارىغۇ ئەمەس»، «قارا كۆز» قاتارلىق پوۋېستلا توپلاملىرى، «تاش بوران»،«سىر يىشىلگەندە» قاتارلىق ھېكايە توپلاملىرى، «چاقماق»، «پۈتمەس سەتىرلەر»، «يۇلتۇز ئەپسانىسى»، «ھاياتلىق زەنجىرى»، «شاراپ بالاسى» قاتارلىق رومانلىرى نەشىر قىلىنغان. «شىراق»،«ئارسلان قۇترايدۇ»،«تەڭرىنىڭ ئوغلى1،2»، «ئەۋلىيا ئوت4،1،2،3»، «كىچىدىكى نەي ئاۋازى»، «ئارسلان قۇترايدۇ»،«ئۇپۇقتا قېتىپ قالغان كۈن»،«تۇمارىس»،«ئۈششۈك ماڭغان كېچە» قاتارلىق ھىكايە ۋە پوۋسىتلىرى، ۋە «توك كېتىدۇ» ناملىق ساتىرىك شېئىرى كەڭ جامائەتچىلىك ئىچىدە زور تەسىر قوزغاپ ئوبزۇر ۋە تەقرىزلەر ئېلان قىلىنغان. «شىراق» ناملىق تارىخى ھېكايىسى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ تىل-ئەدەبىيات يېڭى دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن. «پۈتمەس سەتىرلەر» ناملىق رومانى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق 3-نۆۋەتلىك كىتاپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ يۇقارقىدەك مول ئىجادىيەت سەمەرىلىرى يېقىندا «ئابدۇللا ساۋۇت ئەسەرلىرى» نامىدا ئون توملۇق ئەسەر بولۇپ نەشىر قىلىندى.يېقىندا ئۇ سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى بولمىغان ئەھۋالدىمۇ ئوتتەك ئىجادىيەت قىزغىنلىغى بىلەن «ئۈچىنچى يۈز» ناملىق رومانىنى يېزىپ تاماملىدى.
ئۇ 1985-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن«مۇنەۋۋەر كەسپى تىخنىكا خىزمەتچىسى» بولۇپ باھالىنىپ، 3-دەرىجىلىك موكاپاتقا ئىرىشكەن.
1999-يىلى قىزىلسۇ ئوبلاسىتلىق تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن ئوبلاسىتلىق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر يازغۇچى» بولۇپ باھالىنىپ، مۇكاپاتلانغان. 2008-يىلى «خانتەڭرى» ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ئابدۇللا ساۋۇتنىڭ بالىلىق، ئۆسمۈرلۈك دەۋرى چوڭ ئانىسى شەرۋان بۈۋىنىڭ تەربىيسىدە ئۆتكەن. ئۇ ساۋاتلىق، ئۇقۇمۇشلۇق چوڭ ئانىسىنىڭ ۋاستىسى بىلەن خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ تۈرلۈك ژانىرلىرى ھەمدە كىلاسسىك ئەدەبىيات نامايەندىللىرىدىن ئەلشىر نەۋائى،مەشرەپ،قۇل خوجا ئەخمەت،ھۆۋەيدا،خوجا ھاپىز شىرازى قاتارلىق مەشھۇر كىلاسسىك ئەسەرلەر بىلەن تونۇشقان. شۇ جەرياندا ئاتا ئانىسى ئۇنى بىر ئۇقۇمۇشلۇق موللىدا ئوقۇتقان. نەتىجىدە ئابدۇللا ساۋۇت ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق تونۇشۇپ، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى پىششىق ئۆگەنگەن. بۇ ھال ئابدۇللا ساۋۇتنىڭ كىيىنكى ئىجادىيەت مۇساپىسىدا ھالقىلىق رول ئوينىغان. ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدىن باشلاپلا قوشاق، شىېئر يېزىش مەشقىگە كىرىشكەن بولۇپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا تام گېزىتلىرىدە شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغان.
ئابدۇللا ساۋۇت تالانتلىق شائىر، مول ھوسۇللۇق يازغۇچى بولۇپ ئەسەرلىرىنىڭ تىما دائىرسى كەڭ، مەزمۇنى ساغلام، شەكلى كۆپ خىل ۋە ئۆزگىچە. مەيلى ئۇنىڭ تارىخى تىمىلاردىكى ئەسەرلىرى، يېڭى دەۋىر تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن ئەسەرلىرى ياكى لىرىك ۋە ئىپىك ئەسەرلىرى بولسۇن ئومۇمەن ۋەتەنپەرۋەرلىك، پاك مۇھەببەت، چىن ئىنسانى دوسلۇق ئاساسى تىما قىلىنغان. چاكىنا ناچار ئىللەتلەر قامچىلىنىپ گۈزەللىك ئۇلۇغلانغان.
خەلقىمىز ئابدۇللا ساۋۇتنىڭ ئىجادى ئەمگەكلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، تەقدىم قىلغان مەنىۋى تۆھپىسىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىش يۈزسىدىن 2000-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى ناھىيىمىزدە ئۇنىڭ 50يېشىنى، ئىجادى ھاياتىنىڭ 30يىللىقىنى قۇتلۇقلاپ تون كىيدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتكە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن يازغۇچىلار ۋە سەنئەتكارلار قاتناشتى. بۇ كۈندىكى تەسىرلىك كۆرۈنۈش يازغۇچىغا بولغان ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام يىغىن قاتناشچىللىرىنى چەكسىز ھاياجانلاندۇردى. بۇنىڭدىن خەلق بىلەن ھەمنەپەس بولۇپ بارلىقىنى ۋەتەن-خەلققە تەقدىم قىلغان شائىر يازغۇچىلارنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلۇقىنى، ئۇلارنىڭ ئەل قەلبىدىكى ئورنىنىڭ يۈكسەكلىگىنى كۆرىۋالغىنى بولىدۇ.
جابدۇق ئىشلىتىش
پاش قىلىش
تىزىملىككە قايتىش
ئالىي ئىنكاس
B
Color
Image
Link
Quote
Code
Smilies
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز
كىرىش
|
تىزىملىتىش
ئىنكاس يوللاش
ئىنكاس يوللاپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتسۇن
كۆرگەن سەھىپە
كىلاسسىك ئەدەبىيات
مۇكاپاتلانغان ئەسەرلەر
ئۇنۋېرسال ئەدەبىي ئۇچۇرلار
پەن ۋە تۇرمۇش
مەدەنىيەت - سەنئەت
مەتبۇئاتلىرىمىز كاتالوگى
تارىخ - پەلسەپە
سۆھبەت - خاتىرىلەر
يېڭى كىتابلار تەكچىسى
ستاتىستىكا
|
يانفون نۇسخىسى
|
新疆作家网
Powered by
Discuz!
X2
(
NurQut Team
)
© 2001-2011
Comsenz Inc.
For
www.xjzjxh.com
جۇغلانما 0, دەرىجە ئۆسۈش ئۈچۈن جۇغلانما
چوققىغا قايتىش