يېڭى كىتاب ئۇچۇرى (38 ـ سان)
يېقىندا شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى ياش يازغۇچى ئەمەتجان يۈسۈپنىڭ «پەرىزات» ناملىق پوۋېستلار توپلىمىنى، يازغۇچى مەمتىمىن شىپەنىڭ «تاغلىقلار» ناملىق رومانىنى، مەرھۇمە شائىرە ئامىنە دۆلەتنىڭ «گۈلگە باقسام» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتى ياش يازغۇچى ئابلەت جۈمە تۇپراقنىڭ «پۇل ھەققىدە ئاچچىق-چۈچۈك ھېكايىلەر» ناملىق كىتابىنى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى ھارۇت رەسۇل قادىرىنىڭ «تېرىغاننى ئورىسەن» ناملىق ماقالىلەر توپلىمىنى، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى پروفېسسور مۇھەممەترېھىم سايىتنىڭ «ئۇيغۇرچە ئاتالغۇچىلىققا باشلاش» ناملىق كىتابىنى نەشر قىلىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇندى. قېنى تۆۋەندە بۇ كىتابلارنىڭ سۈرىتىنى كۆرۈپ بېقىڭ: