ximal
كۆرۈش: 360|ئىنكاس: 14

ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدىبلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  254
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 174
تۆھپە : 0
توردا: 15
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 21:07:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدىبلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش


ئا


ئابدۇلغاپپار ئىبىن ھۆسەيىن (1082_1010؟)
ئابدۇلغاپپار ئىبىن ھۆسەيىن.قارا خانىيلار دەۋرى ئېلمىي ئەدەبىياتىنىڭ موھىم ۋەكىلى،ئالىم ۋە تارىخچى ئابدۇلغاپپار ئىبىن ھۆسەيىن تەخمىنەن 11-ئەسىرنىڭ 10-يىللىرى قەشقەردە تۇغۇلۇپ،ھىجىرىيە 476-يىلى (مىلادىيە1082-يىلى)ئۆز يۇرتىدا ۋاپات بولغان.
  ئەدىپنىڭ«تارىخىي قەشغەرى»،«مېسكەنى ئۇستادىيان»قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغانلىقى مەلۇم،ئەمما بۇ ئەسەرلەر بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن.

ئابىت قۇمۇلى(17-.18- ئەسىرلەر)

ئابىت قۇمۇلى لىرىك شائىر،ئۇنىڭ ئىجادىيىتى يەركەن خانلىقى ئاخىرلىشىپ،خوجىلار ھۆكۈمرانلىقى باشلانغان دەۋىرگە توغرا كېلىدۇ.ئەدىب ئۆزىنىڭ بىر غەزىلىدە قۇمۇلنىڭ تۇنجى ۋاڭى ئەبەيدۇللا غازى بەگنى تىلغا ئالغان،بۇنىڭغا ئاساسلانغاندائۇ 17-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمى ۋە18-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قۇمۇلدا ئۆتكەن شائىر ئىكەنلىكى ئېنىق.ئەدىبنىڭ بىرقىسىم غەزەللىرى «باياز»لارغا كىرگۈزۈلگەن.

ئابدۇللا شىرىپ خەستە(1854_1907)

شائىر ئابدۇللا شىرىپ (تەخەللۇسى-خەستە)1854-يىلى يەكەن شەھىرىدە مۇدەررىس ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.1870-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ يەركەندە مۇدەرىسلىك قىلىپ ئەل ئىچىدە تونۇلغان.1907-يىلى ۋاپات بولغان. شائىرنىڭ«كوللىياتى خەستە» ناملىق توپلىمى 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا يوقۇلۇپ كەتكەن.ئاز بىرقىسىم شېئىرلىرى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.

ئابدۇرەھىم نىزارى(1776_1850)

19-ئەسىر تەنقىدى رىيالزملىق ئەدەبىياتنىڭ باشلامچىسى، تالانتلىق شائىر ئابدۇرەھىم نىزارى 1776-يىلى قەشقەرشەھىرىنىڭ بۇلاقبېشى مەھەللىسىدە قول ھۆنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.قەشقەرخانلىق مەدرىسىدە ئوقۇغان مەزگىللىرىدە نەۋائىي ئەسەرلىرىنى زور ئىشتىياق بىلەن تەتقىق قىلغان.1830-يىللىرىدا زوھۇرىددىن ھاكىمبەگ مەھكىمىسىدىكى دىۋانخانىدا باش مىرزا بولغان.1841-يىلىدىن 1844-يىلىغىچە ئەفرىدون ۋاڭنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن زىيائىي،غىرىبىلار بىلەن بىرلىكتە تۇرپاندا زىيارەتتە بولغان.مۇشۇ مەزگىلدە «غىرىبلار ھىكايىسى» ناملىق توپلامنى ئۈچەيلەن بىرلىكتە تۇزگەن. نىزارى ئۆز ئۆمرىدە«دىباچە»،«لەيلى-مەجنۇن»،«پەرھاد-شىرىن»،«رابىيە-سەئىدىن»،«دۇرۇلنەجات»،«چاھار دەرۋىش» قاتارلىق يىرىك ئەسەرلەر ۋە نۇرغۇن لىرىك غەزەللەرنى يازغان.

ئابدۇرەھىم ھاپىز(14-،15-ئەسىرلەر)

ئابدۇرەھىم ھاپىز تۆمۈرىيلەردەۋرىدە خارەزىمدە ياشاپ ئۆتكەن داڭلىق شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى.ئەدىبنىڭ «دىۋان ھاپىز تۈركى»ناملىق  توپلىمى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.

ئابدۇقادىر داموللام(1862-1924)

ئالىم ۋەشائىر ئابدۇقادىر بىننى ئابدۇلۋارىس 1862-يىلى قەشقەر ئاتۇشنىڭ مەشھەت مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.ياش ۋاقتىدا قەشقەر،بۇخارا،سەمەرقەنت،تۈركىيە قاتارلىق جايلاردا بىلىم ئالغاندىن كىيىن ۋەتەنگە قايتىپ،قەشكەردە مەدەني ئاقارتىش بىلەن شۇغۇللانغان. 1924-يىلى مۇتەئەسسىپ كۈچلەر تەرىپىدىن ئۆزئۆيىدە سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن.ئالىم ئۆز ئۆمرىدە «سەرف نەھۋى»،«ئىلمىي تەۋجىد»،«ئىلمىي ھېساب»،«ئەقائىدە زۆرۈرىيە»،«ئەقائىدە جەۋھەرىيە»،«نەسىھەتى ئاممە»،«تەسئىلىمىي سەبىيات»،«مىفتائىل ئەدەپ» قاتارلىق يىرىك ئەسەرلەر ۋە بىرقىسىم شېئىرلارنى يازغان.

ئاپرىنچۇر تېگىن(9-ئەسىر)

ئاپرىنچۇر تېگىن قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن شائىر بولۇپ،9-ئەسىردە ئىدىقۇتتا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. شائىرنىڭ «مۇھەببەتنامە»،«ئىلاھىيە» قاتارلىق بىر قىسىم شېئىرلىرى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.

ئاتساڭ(9-،10-ئەسىرلەر)

قۇچۇئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن ئەدىپلەرنىڭ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئەدەبىي مىراسلىرى ئىچىدە ئاتساڭ ئىسىملىك بۇ شائىرنىڭ بۇددا دىنى ماھايانا مەزھىپىنىڭ موھىم نومى بولغان ئاراتامساكا سۇتىرانى مەدھىيلەپ يازغان «ئون ساۋابلىق ئىشقا مەدھىيە» ناملىق بىرپارچە شېئىرى بولۇپ،بۇ ئەسەردە ئاتساڭنىڭ 9-،10- ئەسىرلەردە ياشىغان شائىر ئىكەنلىكى مەلۇم.لىكىن ئۇنىڭ تەرجىمىھالى ئىنىق ئەمەس.

ئاتايى (14-،15-ئەسىرلەر)

تۆمۈرىيلەر سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان شائىر مەۋلانە ئاتايىنىڭ ھايات پائالىيىتىگە ئائىت يېتەرلىك مەلۇمات يوق.«مەجالىسۇن نەفائىس»،«مۇھاكىمەتۇل لۇغاتەين» قاتارلىق مەنبەلەردە ئاتايىنىڭ يۇقۇرى شۆھرەتكە ئىگە ئەدىب بولۇپ، ئۇنىڭ تاشكەنت بىلەن سايرام ئارىلىقىدىكى ھېزدىيان دېگەن قىشلاقتا ياشىغانلىقى، نەسەب جەھەتتىن خوجا ئەخمەد ياساۋىنىڭ قېرىندىشى ئىسمايىل ئەۋلادىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.ئۇ دەسلەپتە پەرغانىدە ياشىغان.
  شائىرنىڭ بىز گىچە يېتىپ كەلگەن«دىۋان شەيخزادە ئاتايى» ناملىق قوليازما توپللىمى ھازىر پېتىربورگدا ساقلانماقتا. ئاتايى ئەدىبنىڭ تەخەللۇسى بولۇپ ئۆزىنى ھەق ئاللا يولىغا بېغىشلىغۇچى دېگەن مەنىدە.

ئاسى (19-ئەسىر)

ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا «زەفەرنامە» مانلىق داستانى بىلەن بىزگە تونۇلغان بۇ شائىرنىڭ تەرجىمىھالى ئېنىڭ ئەمەس، ئەمما ئۇنىڭ«زەفەرنامە» داستانى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.توققۇز بابلىق بۇ داستاندا 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىكى ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئىچىنىشلىق تۇرمۇشى ۋە ئۇلارنىڭ زۇلۇمغا قارشى كۆرەشلىرى تەسۋىرلەنگەن.

ئاشۇر ئاخۇن غېرىبى (19-ئەسىر)

ئاشۇر ئاخۇن 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا خوتەندە ياشاپ ئۆتكەن شائىردۇر.ئۇ 1860-يىللارنىڭ ئاخىرىدا «ئەمىر ئالى» داستانىنى يازغان.

ئايازبېك قۇشچى (16-ئەسىر)

بۇ يەركەن خانلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئۆتكەن ئەدىبلەرنىڭ بىرى.ئۇنىڭ تەرجىمىھالى تولۇق ئەمەس.«تارىخى رەشىدى»دە ئۇنىڭ تالانتلىق شائىر ئىكەنلىكى قەيتقىلىنىپ،ئۇنىڭ ئىككى پارچە شېئىرىنىڭ تېكىستى بىرېلگەن. بۇ ئەسەرلەرنىڭ بىرى«باھار كەلدى»ناملىق غەزەل بولۇپ،شائىر ئۇنى ئابرەشىدخان يېڭى تەختكە چىققان ۋاقتىدا ئۇنى تەبرىكلەپ يازغان. يەنە بىرى ئابدۇرەشىدخان مەلۇم بىر قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئەلگە كاتتا مەرىكە قىلىپ بەرگەن چاغدىكى شادلىق كەيپىياتىنى ئىپادىلەپ يازغان.شائىرنىڭ نامى «چىڭگىزنامە» دىمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ.

ئاماننىساخان (1534ـ1567)

يەكەن خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن داڭلىق مۇقامشۇناس،شائىرە خانىش ئاماننىساخان 1534-يىلى يەركەنگە تەۋە تىزناپ دەرياسى بويىدىكى قۇمۇش مەھەللە يېزىسىدا نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان.
  ئاماننىساخاننىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتىگە ئائىت بەزى ئۇچۇرلار موللا ئىسمەتۇللا بىننى نېمەتۇللا مۆجىزىنىڭ «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن» ناملىق ئەسىرىدە خاتىرىلەنگەن. ئاماننىساخان 13يېشىدا ئابدۇرەشىدخان ئوردىسىغا كەلگەندىن كېيىن20يىللىق ئوردا ھاياتىدا،نەسەب قارىشىنىڭ چەكلىمىسى،جاھالەتچىلەرنىڭ تەقىپ قىلىشلىرىغا قارىماي ئىلگىرلەپ ئۆز تالانتىنى تېخىمۇ ئىلگىرلەپ يېتىلدۈرۈپ،ئۇيغۇر«ئون ئىككى مۇقام»نىڭ سىستېمىلىنىشى،مۇكەممەللىنىشى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلغان.ئۇ يەنە خوتۇن- قىزلارغا نەسىھەت قىلىش «ئەخلاقى جەمىلە»ئەسەرنى،«شۇرۇھۇلقۇلۇپ»،«دىۋان نەفىسى»قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.«ئىشرەت ئەڭگىز» ناملىق بىر كۈينى ئىجاد قىلغان.1567-يىلى تۇغۇتتا ۋاپات بولغان.

ئاخۇن ئاغىچا (19-ئەسىر)

بۇ 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىداخوتەندە ياشىغان شائىرە دۇر. ئاخۇن ئاغىچا 1860-يىلىدىكى خوتەندە زۇلۇمغا قارشى پارتلىغان خەلى ئىنقىلابىنىڭ سەركەردىسى ئابدۇراخمان خانغوجا(1833ـ1863)نىڭ ئانىسى ئىدى.ئۇ،ئۆز ئوغلى ئابدۇراخمانخان غوجا قۇربان بولغاندا، ئۇنىڭ قەھرىمانلىقىنى مەدھىيىلەپ ۋە زامان كۈلپەتلىرىدىن زارلىنىپ نۇرغۇن قوشاقلارنى توقۇغان.



ئاريا چانترى

ئارياچانترى قەدىمكى ئاگنى بەگلىكىدە ئۆتكەن بۇددا ئالىمى ۋە ئەدەبىي تەرجىماندۇر. بۇ ئەدىب «مائىتىرى سىمىت» درامىسىنى تۇخرى تىلىغا تەرجىمە قىلغان.

ئە


ئەبۇبەكرى مۇھەممەد نارشاھى(10-ئەسىر)

ئەبۇبەكرى مۇھەممەد نارشاھى قاراخانىيلار دەۋرىدە ياشىغان تارىخچى ۋە ئەدىبتۇر.نارشاھى 959-يىلى ۋاپات بولغان.ئۇ «بۇخارا تارىخى» ناملىق ئەسەرنى يازغان.

ئەسىرى

ئەسىرى بۇ تەخمىنەن (18-،19-ئەسىرلەر) دە  خوتەندە ياشاپ ئۆتكەن شائىرە دۇر.ئۇنىڭ شېئىرلىرى خوتەندىن تېپىلغان.«باياز»لارغا شائىرەنىڭ بەزى ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن.

ئەلىشىر نەۋائى(1441ـــ1501)

ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پەخرى بولغان تالانتلىق ئەدىب ۋە پەيلاسوپ ئەلىشىر نەۋائى 1441-يىلى 9-فېۋرالدا ھېراتتا غىياسىدىن باخشى ئىسىملىك ئەمەلدار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.12يېشىدا دادىسىدىن يىتىم قالغان.13ــــ14ياشلاردا ئوبولقاسىم بابۇر ئوردىسىدا خىزمەت قىلغان.15يېشىدىن باشلاپ شېئىرىيەتتە كۆزگە كۆرۈنگەن.1469-يىلى ھۆسەيىن بايقارا تۆمۈرىيلەر تەختكە چىققاندىن كېيىن ئوردا ئەمەلدارى،ۋەزىر قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.ئەمما يامان نىيەتلىك ئوردا ئەمەلدارلىرى ۋە ۋەزىرلەرنىڭ چەتكەقېقىشىغا ئۇچرىغان.1501-يىلى 3-يانۋاردا ھېراتتا ۋاپات بولغان. ئەدىب ئۆزھاياتىدا«چاھاردىۋان»،«دىۋان فانى»،«خەمسە»،«ھەيراتۇل ئەبرار»،«فەرھاد ۋە شېرىن»،«لەيلى ۋە مەجنۇن»،«سەبئى سەييارە»،«سەددى ئىسكەندەر»،«سىراجىل مۇسلىمىن»،«لىسانۇتتەير»،«ھەسبى ھال»،«مەجالىسۇن نەفائىس»،«مۇھاكىمەتۇل لۇغاتەين«،«مەھبۇبۇل قۇلۇپ»،«نەسا ئىمۇل مۇھەببەت»،«تارىخى ھۆكۈما ۋە ئەنبىيا»،«مۇنشەئات»،«تارىخى مۈلكى ئەجەم»،«ۋەففىيە»،«مىزانۇل ئەۋزان»،«مۇناجەتنامە»،«تۆھفەتۇل ئەفكار»،«ھالەتى سەئىد ھەسەن ئەردە شىر»،«ھالەتى پەھلىۋان مۇھەممەد» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.

ئەمىرى(16-ئەسىر)

ئەمىرى تەخەللۇسلۇق بۇ شائىر ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادلىرىدىن بولۇپ ئۇ يەركەن خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن ئەدىب مىرزا ھەيدەر بىلەن بىر نەۋرە تۇغقان.لېكىن شائىرنىڭ تەرجىمىھالى ئىنىق ئەمەس.شائىر ئۆز ئەسەرلىرىدە «چىن ماچىن» نامىنى زور ئىشتىياق بىلەن تىلغا ئالغان. ئۇ خوتەندە ياشىغان ۋە ئۇيەردە ئەمەل تۇتقان. ئەمىرنىڭ «دىۋان ئىرفان ئەمىر فەرغانە» ناملىق كىتابى 1900-يىلى پېتروبۇرگدا چاپ قىلىنغان. مىللەتلەرنەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «باياز»(1997)غا شائىرنىڭ خېلى كۆپ ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن.

ئەمىنى (18-ئەسىر)

شائىر ئەمىنى 18-ئەسىر ئەتراپىدا قۇمۇل دىيارىدا ياشىغان.ئاپتونومرايونلۇق موزىيدىن مەلۇم بولغان «باياز»ناملىق قوليازمىغا شائىرنىڭ 11پارچە غەزىلى كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا قۇمۇل ۋە قۇمۇل خەلقى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن تىلغا ئېلىنغان.

ئەنسارى (1225ـ1293)

مەنبەلەردە ئەنزاڭ دەپ ئېلىنغان بۇ ئەدىب يۇەن دەۋرىدە ئۇيغۇرلاردىن چىققان داڭلىق ئەدەبىي تەرجىماندۇر. ئۇ جىمىسارلىق بولۇپ، كىچىكىدىن باشلاپلا بۇددا ئەقىدىسى ۋە كوڭزى تەلىماتىنى ئۆگەنگەن.1260-يىلى ئون جىلدلىق «نادىر نوملار يەشمىسى»نى تەرجىمە قىلىپ ئوردىغا تەقدىم قىلغان. كېيىن قۇبلەيخان ئۇنى كاتىپلىققا تەيىنلىگەن. ئۇ ئۆز ھاياتىدا «جىنگۈەن يىللىرىدىكى موھىم سىياسى ئىشلار»،«ئىبرەتنامە»،«نەسىر نامە»،«ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئۆرنەكلەر» قاتارلىق ئەسەرلەرنى خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلغان.

ئەنبەر ئاتىن (1870 ـ 1915)

شائىرە ئەنبەر ئاتىن خېلى كۆپ ئەسەرلەرنى يازغان. ئۆز ئەسەرلىرىدە مۇقىمى قاتارلىق يىقىنقى زامان شائىرلارنىڭ ئىدىيىۋى ئېقىمىغا زىچ ماسلاشقان شائىرە ئىدى.ئۇ قوقەنت خانلىقى تەۋەسىدە ياشىغان.

ئەھمەد يۈكنەكى(15-ئەسىر)

ئەدىب ئەھمەد بىننى مەھمۇد يۈكنەكى قاراخانيىلار سۇلالىسىگە تەۋە يۈكنەك دېگەن جايدا تەخمىنەن 1110-يىللىرىدا تۇغۇلغان.1180-يىللىرى ۋاپات بولغان. شائىر نىڭ14 باپتىن تۈزۈلگەن «ئەتەبەتۇلھەقايىق»ناملىق دىداكتىك داستانى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.

ئەھمەدى(15-ئەسىر)

ئەھمەدىئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تۆمۈرىيلەر دەۋرىدىكى مۇنازىرە ژانىرىنىڭ موھىم بىر ۋەكىلىدۇر.شائىرنىڭ تەرجىمىھالى ئىنىق ئەمەس.ئۇنىڭ «سازلار مۇنازىرىسى» ناملىق 17بابلىق بىر ئەسىرى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.

ئەھمەد ھاجىبەگ(15-ئەسىر)

ئەھمەد ھاجىبەگ 15-ئەسىردە سەمەرقەنتتە ياشىغان شائىرلارنىڭ بىرى. ئۇ سەمەرقەنت ھاكىمى بولۇپ ئەلىشىر ناۋائى غا كۆپ غەمخورلۇق قىلغان.نەۋائى«مەجالىسۇن نەفائىس» ناملىق ئەسىرىدە ئۇنىڭ نامىنى تىلغا ئالغان.«بابۇرنامە»دە شائىرنىڭ «تەخەللۇسى ۋەفائى ئىدى»دېيىلگەن.

ئەھمەدشاھ قاراقاشى (1740؟-1828)

تەنقىدىي رېيالىزمچى شائىر ئەھمەدشاھ 1740-يىللاردا قاراقاش ناھىيەسىنىڭ قاپاقلا يېزىسىدا تۇغۇلغان.قەشقەردىكى خانلىق مەدرىسىدە ئوقۇغان ۋە ئۆزيۇرتىدا مۇددەرىسلىك قىلغان.شائىرنىڭ «ئات قىسسىسى»،«پۇل»،«مېۋىلەر سۆھبىتى»،«قىچىشقاق» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

ئات ھەققىدە مۇخەممەس

*ﺋﻪﮬﻤﻪﺩﺷﺎﮬ ﻗﺎﺭﺍﻗﺎﺷﻰ*

دۇئايى بىئەدەد ،خوجام،نەزەر مۇفتىمغا ئەلۋەتتە،
تەھىيياتۇ سالىمىم ئانچۇنان ئاھۇ-نادامەتتە،
ۋىسال بولغاي دۇئا بىرلە سالىمىم ياخشى سائەتتە،
ياد ئەيلىدىم سىنى ھەركۈإن سەھەرلەردە ئىبادەتتە،
سەندىن ئۆزگە دوستۇم يوق ئىدى ئاقسۇ ۋىلايەتتە.

ساڭا مەن نامە يازدىم ،نامۇناسىپ لاۋزىدىن ئەي يار،
بىھەمدۇللاھ،تىرىكلىكتىن نىشانە ئەيلىدىم ئىزھار،
بىلىشنى ئىستىسەڭ ،مۇندا شإۈكۈإركىم،بىز ئەمەس بىمار،
تىنىڭ ساقمۇ بۇ كإۈنلەردە سېنىڭ،ئاندا نە ھالىڭ بار،
مۇشەققەتلىكمۇ سەن،يائۆتتىمۇ ئۆمرۈإڭ پاراغەتتە؟

قېرىلىق ھالىدىن سورىسام،يېتىشتى نەچچىگە ياشىڭ،
سېنىڭ ھالا بۇ كإۈنلەردە ئاقارمىشمۇ قارا باشىڭ،
ئايال ،ئۇششاقلىرىڭ ساقمۇ ،يەنە قوۋمۇ قېرىنداشىڭ،
قانداقتۇر ئىشتىھايىڭ،سىڭەمدۇ ھەر ۋاق يېگەن ئاشىڭ،
تەنلىرىڭ ساق،چىرايىڭ تازىمۇ ھۆسنى مالامەتتە؟

ئاڭلىغىن ،ئەي رەپىقا،سۆزنى ئەھمەدشاھ قاراقاشتىن،
بايان ئەيلەيكى ھالىمنى ساڭا ئەمدى يېڭىۋاشتىن،
ئەقىدەم بار ئىدى شۇنچە يېقىن تۇغقان-قىرىنداشتىن،
سېنىڭ كۆڭلإۈڭ ماڭا قاتتىق ئىكەن گويا قاراتاشتىن،
كۆرإپ مەن ،بىلگىنىم يوق ئۇنى ئەينى زۆرإرىيەتتە.

سېنى مەن دوستۇ يارىم دەپ،كۆڭإۈلدە ئېتىقاد ئەتكەچ،
مۇھەببەت رىشتىسىدىن ھەر زامان كۆڭلإۈمنى شاد ئەتكەچ،
سإۈپىتىڭنى قىلىپ دائىم خوتەن ئەھلىگە،ياد ئەتكەچ،
ئەۋەتتىم ساڭا ئاتمىش تەڭگىنى،ساڭا كۆپ ئىئتىماد ئەتكەچ،
ئەۋەتكەي بىر ياخشى ئات دەپ،ھامان ئۆتتۈم خىيالەتتە.

پۇلۇمنى توختىتىپ بىر يىل ،ئەۋەتىپسەن ماڭا بىر ئات ،
ئېشەكچە يوقتۇر رەپتارى ،بۇ ئاتنىڭ ھەربىر مىجەزى يات،
كى يولدا توختىۋالدى قامچا بىلەن ئۇرمىسام پات-پات،
كۇلا-ئارغامچىنى ئۈإزدى قوزۇققا باغلىسام قات-قات،
ئۇلاپ ئارغامچىنى ھاردىم،كۈإنى قالدىم مالامەتتە.

بايان ئەيلەي يەنە بىر-بىر بۇ ئاتنىڭ ئەيبىنى،ئاڭقا،
قىڭىر قۇيرۇق ،سىڭا سۆڭگەچ،پۇتى مايماق ،بويى لاڭقا،
بىرى تەپكەك،بىرى مۆڭگەك،بۇ ئەيىپلەر ئإۈستىگە ماڭقا،
ساماندىن بەش كۆشۈإك يەپ ،ھەرقەدەمدە بىر تۇرۇپ ساڭقا،
تۇغۇلماس ھېچ ۋىلايەت ئىچرە بىر ئات بۇ قىياپەتتە.

مىنىپ چىقسام ئېلىپ ئۇردى،يىقىلدىم ،نەچچە كۈإن ياتتىم،
قويۇپ بەرسەم،بۇزۇپ باغنى،ھەمىشە ئەلنى قاقشاتتىم،
سۇغارغاندا قېچىپ سۆرەپ،ئاران ھارغاندا توختاتتىم،
تېگىشتىم ئۇي بىلەن بەش-ئالتە نۆۋەت،ئون قېتىم ساتتىم،
قىلىپ دەۋا كېلىۋەردى ،ماڭا ياندى شەرىئەتتە.

ئەگەر يولغا مىنىپ چىقسام،تۈزۈك يۈ گۈ رۈ پ چاپالمايدۇ،
ۋە يا ئۇي ھارۋىسى بىلەن باراۋەرمۇ ماڭالمايدۇ،
مۇبادا توختىۋالغاندا ئۇرۇپ قويسام چىچاڭلايدۇ،
مىنىپ تۇرغان كىشى شۇئان بىرىپ يەرنى قۇچاقلايدۇ،
خەتەرلىكتىن بۆلەك خىسلەت تېپىلماس بۇ كاساپەتتە.

ئۇرۇپ مىڭ تەستە چاپتۇرسام ،سوكۇلدايدۇ ئىشەك ئوخشاش،
قورساق سانجىق بىلەن ئاغرىپ، كېتەر گويا زىڭىلداپ باش،
يەنە بىر ئەيىبى شۇدۇر چىرقىراپ سەت، يولدا تاپ توختاش،
زېرىكمەي مىنسە ،بىر سائەت بېرەلمەس ھېچ كىشى بەرداش،
شەھەر-يېزا ئارا قىلغان سەپەر ،سەيلە-ساياھەتتە.

ئېرىقنى كۆرسە ياندى ئارقىسىغا ،ئۆتمىدى ئاتلاپ،
ئەگرى يولغا كىرىپ ئالسا ئەگەر كىم ،ھارمىدى قاتراپ،
غۇلاپ بوينىدىن چۈ شتۈ م ،قاترىغاننىڭ زەربىدىن چاچراپ،
ئىچىم سانجىق بىلەن تولدى،قوۋۇرغام بەنتىدىن ئاجراپ،
ساقايدىم ھەر زامان پارپى يالاپ مەجۇنى شەربەتتە.

جاھان بازارىدا ھېچكىم بۇ ئاتقا تەڭنى تاپماسلەر،
يىقىلسا گاھىدا مۈ دۈ رۈ پ،تېپىپ-ئۇرمىسا قوپماسلەر،
زورىدىن بىر يۈ گۈ رسۇن دەپ ھەر نېمە قىلسا،چاپماسلەر،
سالاملاشسام،تۇرۇۋېلىپ ،تاياقسىز زادى ماڭماسلەر،
ئوسال ئات كۆپ قېتىم قويدى مېنى شۇنچە خىجالەتتە.

ئېغىلنى توختىماي بۇزدى ،ئىشىىكنى كۆپ قىتىم چاقتى،
بوغۇپ تەخەينى ئۆلتۈردى،موزاينىڭ ھەم خۇنى ئاقتى،
قېچىپ كەتسە تۇتۇق بەرمەي،تالاي كۈن باشقىلار باقتى،
تۆلەپ ھەق ھارمىدىم مەنمۇ ،ھامان ھەركىمگە خۇشياقتى،
تالاپەتتىن بۆلەكنى كۆرمىدىم،قايغۇ-نادامەتتە.

مېنى زاڭلىق ئېتىشتى خەلق،بۇ ئات ئەھۋالى كۆپ تارقاپ،
ئېلىپ چىقماسقا بەند قىلدىم،ئۇنى تۈۋرۈككە چىڭ باغلاپ،
قومۇردى- يۇلدى تۈۋرۈكنى ،كىچە كىرسەم مۆڭۈپ قۇتراپ،
كاسەپەتنى ئېغىل باسقاچ توكۇر بولدى پۇتى ئاقساپ،
دېدىم مەن :ئۆلسىمۇ ئۆلسۇن،خۇدا قىلغان ئىرادەتتە.

ئۇرۇق -تۇغقانلىرىم قانچە قېشىمغا ئات سوراپ كەلدى،
بۇ ئاتنىڭ ئەسلىي خۇي-پەيلى مېنى غەمگە ئوراپ كەلدى،
باھانە ئەيلىسەم نەچچە،ئۇلار يامان قاراپ كەلدى،
ئىلاجىم يوق بېرىپ تۇردۇم،مىنەلمەي ياندۇرۇپ كەلدى،
بۇ جىىنىم چىققىلى تۇردى كۈنى يۇزمىڭ خىجالەتتە.

ئەۋەتكەن بۇ ئېتىڭغا ھېچ كىشى بىر يول قاراپ باقماس ،
قەلەندەر بىلەن ئابدالدىن بۆلەكلەرگە غولى ياقماس،
كۆتۈرۈپ گەز بويى ھېچ ئات ساغرىنى ئۇنىڭدەك چاقماس،
كىشىكىم ئات بالاسىدىن بۇنىڭدەك بھېساپ قورقماس،
ئېلىشتىم ،غەم بىلەن قايغۇ بېسىپ تائەت- ئىبادەتتە.

قۇتۇلسام ئۇشبۇ ئاتتىن دەپ خېرىدارنى ئاختۇردۇم،
بېدىكنى ھەرقاچان كۆرسەم ،چۈ چۈك تىل بىرلە يالۋۇردۇم،
قېرى ھالىم بىلەن قاتراپ ئۆيگە كۆپ مېڭىپ ھاردىم،
يېيىشلىك ھەم كۇچى بار دەپ ئۇنى مەن شۇنچە ماختىدىم،
بازاردا يەتمىدى ئالغان پۇلۇمغا بۇ سالاھەتتە.

ساتالمىدىم بۇ ئاتنى مەن ،سېىلىپ ھەر ھەپتە بازارى،
بۇ ئاتنىڭ ئەپتىدىن قورقۇپ يېقىن كەلمەس خېرىدارى،
يامانلىق شۆھرىتى بولدى خوتەن بازارىدا جارى،
بىراۋ كۆرسە ئۇنى ،قاچتى ،ئېلىپ بارغىن دەپلا نارى،
قانداق قىلاي بۇ كۈن دوست-يار ئارا كۆپ-كۆپ مالامەتتە.

بىزار بولغاچ تولا،كۈن-تۈن يەنە بازارغا ئەپ چىقتىم،
تىلىگەنگە ساتايچۇ دەپ ،بۇ سۆزنى ئۆيدە دەپ چىقتىم،
يېپېپ جۇل ھەم يەنە ئوبدان ئېگەر ئۈستىگە سېپ چىقتىم،
سېتىلماي قالمىغىيدى دەپ تۈ مەن مىڭ غەمنى يەپ چىقتىم،
نادامەت ئەيلىدىم ،قالدىم ئەجەپ بىچاغ زەلالەتتە.

كى ئاندىن ئىككى ئاي باقتىم پىچانغا كۈنى-تۈن باغلاپ،
سىلاپ جىسمىنى ھەر كۈندە كۈنجۈت يىغىدا ياغلاپ،
بوغۇزنى قاينىتىپ بەردىم،يېدى ھەر چاغ ئۆزى چاغلاپ،
بېدىكلەر ئولىشىپ يالغاننى ئېيتىپ،بەكمۇ جىق داڭلاپ،
ئاخىر ساتتىم نېسىگە ،بىر قەلەمدار ئالدى مۆھلەتتە.

چۈ شۈ پتۈ ر ئاسماندىن ئون تۇلۇمدا لاپ بىلەن يالغان ،
بىرى ئالەمگە تارقاپ ،توققۇزى مۇفتىمغىلا قالغان،
پۈ تۈن يالغان ئەمەسمۇ ئاتنى ئاتمىش تەڭگىگە ئالغان ،
بۇ ئاتمىش تەڭگىدىن ئېنىقكى ئوتتۇز تەڭگىنى سالغان،
بېيىپ كەتكەن ئىكەنسەن ئەسلىدىن شۇنداق خىيانەتتە.

ئۆزۈڭ موللا بۇرەدەر،ئەجەپكى نەپسىڭىز غالىپ،
چىرىيىڭ خوپ سالاپەتلىك ،بىلۇرمەنكىم دىلىڭ قالىپ،
بولۇپدۇرسەن سەن بېرىپ ئاندا كىشىنىڭ ھەققىگە تالىپ،
كۈ نۈڭ ئوبدانمىدۇر ،ئەي يار،مېنىڭ ھەققىمنى ئېپقالىپ،
كۆچۈرۈپ روزىغارىڭنى يۈ رۈ پسەنمۇ ھالاۋەتتە؟

سېنى مۇفتى دېگەن بىلەن تۈزۈك ئانچە ساۋاتىڭ يوق،
سېنىڭ ھەق بىلەن ناھەق بىلىش چاغلىق ئىمانىڭ يوق،
ساداقەت يارۇ دوستلارغا ئۈمىد ۋە ئېتىقادىڭ يوق،
قېرىنداش،ئەلگە،تۇغقانغا تېرىقچە ئىئمادىڭ يوق،
ئىشەنگەي كىم ساڭا ئەمدى ،بۇرادەر،ئۇشبۇ ھالەتتە.

نومۇس قىل خەلقىلئالەمدىن،سالامەت سەن ،ئەمەس بىمار،
خىيانەتلىك قىلىپ شۇنچە،خىجىللىق ئەيلىمەك دەركار،
مېنىڭ ھەققىمنى يەپسەن،ئۆزگىنىڭ ھەققىنى يېمە زىنھار،
كىشىنىڭ ھەققىنى يەپ مىڭ ئىبادەت قىلغنىڭ بىكار،
سەئىي بىرلە كۈنى-تۈن ئۇخلىماي تۇرساڭمۇ ئىبادەتتە.

ماڭا ئۇ ئات ئۈچۈن دائىم ئۆيۈمدە كۆپ مالامەتتۇر،
يېمەك بىر ئاتتا ئوتتۇز تەڭگىنى قانداق خىيانەتتۇر،
يېقىىنلاشقاچ قىيامەت، بەد دىيانەتلىك ئالامەتتۇر،
مېنىڭ قالغان پۇلۇم بىر نەچچە كۈن سەندە ئامانەتتۇر،
بېرەردۇرسەن ئۇنى تاڭلا تولۇق روزى قىيامەتتە.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھېكىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-2 22:26  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  254
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 174
تۆھپە : 0
توردا: 15
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 21:18:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ب            

باتىسقان ئانا (تەخمىنەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 10-ئەسىر)

غەربىي خان ئانا خەنزۇچە ھۆججەتلەردە«شىۋاڭمۇ»(西王母)دەپ يېزىلغان.رىۋايەتلەردە ئۇنىڭ تەخمىنەن مىلادىيدىن بۇرۇنقى 10-ئەسىرلەردە ئۆتكەنلىكى مەلۇم،تارىخچىلار غەربىي يۇرت قۇۋمىلىرىنىڭ ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق دەۋرىدە ئۆتكەن ئۇرۇق باشلىقى دەپ قارىشىدۇ. تەتقىقاتلاردىن «باتىسقان ئانا» قەدىمقى ھونلارنىڭ خان ئانىسى ئىكەنلىكى مەلۇم.خەنزۇچە ھۆججەتلەردە ئۇنىڭ «ئاق بۇلۇت قوشىقى»،«باتىسقان ئانا كۈيى» ناملىق ئىككى پارچە شېئىرى ساقلىنىپ كەلگەن.

بايانچۇر قارا خان (759-؟)

ئەدىب ۋە جامائەت ئەربابى بايانچۇر (مويۇنچۇر دەپمۇ ئاتىلىدۇ) قۇتلۇق بىلگە قاغاننىڭ ئوغلى ۋە تەخت ۋارىسى بولۇپ،ئۇ 747-يىلىدىن 759-يىلىغىچە ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تەختىدە ئولتۇرغان. ئەدىب ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخى شەجەرىسى بايان قىلىنغان «بايانچۇر مەڭگۈ تېشى» نى يېزىپ چىققان. بۇ يادنامە 759-يىلى بايانچۇر ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ قەبرە تېشىغا ئورنىتىلغان.

بەگ مانتۇر (6-،7- ئەسىرلەر)

بەگ مانتۇر 6-،7-ئەسىرلەردە ياشىغان داڭلىق سەنئەتكار ھەمدە ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتىنىڭ سۇجاۋادىن كېيىنكى مەشھۇر ۋەكىلىدۇر. ئۇ ئەينى دەۋىردە سۇجاۋا بىلەن چاڭئەنگە كەلگەن.ئۇ كۇچالىق مۇزىكانتلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، سۈي سۇلالىسىنىڭ مۇزىكا ئىلمى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان. بەگ مانتۇر پادىشاھ سۈي ياڭدىنىڭ تەكلىپى بىلەن «پەرىزاتنىڭ مىھمان بولىشى»،«ياشا»،«قەدىم ئوردىغا قايتىش»،«شادلىق گۈلى» قاتارلىق 15نەزمىگە كۈي ئىشلەپ چىققان.

بۇغراخان ھەسەن (10-ئەسىر)

بۇغراخان ھەسەن قاراخانىيلار دەۋرىدە ئۆتكەن تالانتلىق شائىر ۋە مەرىپەتپەرۋەر خاقاندۇر. ئۇ«ھارۇن بۇغراخان»دېيىلىپ 991-،993-يىللىرى خان بولغان.موللا ھاجى «بۇغراخانلار تەزكىرىسى »دە ئۇنىڭ بىرقىسىم نەزمىلىرىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. ئەمما بۇغراخان ھەسەننىڭ ئەسەرلىرى بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن.

بۇدداسىڭا(231ـ348)

بۇ بۇددىزمچى ئالىم 232- يىلى كۇسەندە تۇغۇلغان. توققۇز يېشىدا دادىسىدىن يېتىم قالغان. ياش ۋاقتىدا كەشمىر قاتارلىق جايلاردا بىلىم ئالغان. 310-يىلى لوياڭغا بارغان. ئۇيەردە بۇددىزم تەلىماتلىرىنى تارقاتقان. 348-يىلى يىگوڭ ئىبادەت خانىسىدا ۋاپات بولغان. شائىرنىڭ خەنزۇچە نامى فۇتۇدېڭ بولۇپ،ئۇنىڭ«تەيۋۇچەن قەسىرىدىكى كۈي»،«مارۈي راھىپقا جاۋاپ» قاتارلىق شېئىرلىرى خەنزۇچە مەنبەلەردە خاتىرىلەنگەن.

بۇتۇرمىش تارقان(8-،9-ئەسىرلەر)

بۇ ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنڭ ئاخىرقى دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن ئەدەبىي تەرجىمان ۋە مانىي دىنى راھىبىدۇر. بۇتۇرمىش تارقان مانى دىنى مەزمۇن قىلىنغان «خۇاستۇ ئانفىت»(مانى تۆۋە دۇئانامىسى» نى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان.

بىلال خۇيلىن(737-820)

بۇ داڭلىق ئالىم ۋە تىلشۇناستۇر. خۇيلىن ئەسلىدە سۇلى(قەشقەر)لىك بولۇپ،تاڭدەۋرىدە چاڭئەنگە بارغان. ئۇزۇن مەزگىل ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ياشىغان. خۇيلىننىڭ 807-يىلى يازغان «بارلىق نوم كىتاپلىرىنىڭ شەرھى» ناملىق ئەسىرى بار. بۇ كىتاپنىڭ كۆچۈرۈلگەن نۇسخىلىرى ياپونىيە ،چاۋشەندىكى مۇزىيلاردا ساقلانماقتا.

    بۇبى زەينەپ(17-ئەسىر)

شائىرە بۇبى زەينەپ 1660-يىللاردا يەركەن شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئىسمايىل خاننىڭ قىزى.1678-يىلى ئاپاق خوجا يەركەن خانلىقىنى مۇنقەرز قىلىپ ھاكىمىيەت ئىگىلىگەن مەزگىلدە، ئىسمايىل خاننى جەمەتى بىلەن ئىلىغا پالاپ ئېلىپ كەتكەن،ئەمما بۇبى زەينەپنىڭ تالانتىنى كۆزدە تۇتۇپ ئېلىپ قالغان. ئانچە ئۇزاق ئۆتمەي 18ياشلىق شائىرەنى قاينىتىلغان ياغقا تاشلاپ ئۆلتۈرىۋەتكەن ھەمدە ئەسەرلىرىنى كۆيدۈرىۋەتكەن.

بۇبى مەسۇم ئەزىزەم

بۇ،18-ئەسىردە يەكەندە ياشاپ ئۆتكەن شائىرە دۇر.



پ



پىرىتيا راكشىن (9-ئەسىر)



بۇ قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن داڭلىق ئەدەبىي تەرجىماندۇر.ئۇ «مائىترى سىمىت' ناملىق چوڭ ھەجىملىك درامىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان.«پىرىتيا راكشىن» دېگەن سۅزنىڭ مەنىسى «ئەقىللىق ئەۋلىيا» دگەنلىك بولىدۇ.

پىراتيا ياشىرى

بۇ قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن شائىرلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ تەرجىمىھالى نامەلۇم.پىراتيا ياشىرى بۇددىزمغا خاس نام بىولۇپ، ئەدىب ئۇنى ئۆزىگە تەخەللۇس قىلغان.شائىرنىڭ «ئون تۈرلۈك نەزىر ئۇسۇلى»،«خانلىقلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش»،«توغرا يول»،«ياخشى تىلەك»،«ئىشەنچ»،«ياخشى نىيەت» قاتارلىق شېئىرلىرى ۋە سانسكرتچىدىن تەرجىمە قىلغان «ھۆكمەت پەزىلىتى» ناملىق شېئىرى بىزگە يېتىپ كەلگەن.




ت



تەجەللى (1850؟-1930)


شائىر ھۆسەيىنخان تەجەللى1850-يىلى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ زوڭلاڭ يېزىسى ئايباغ مەھەللىسىدە قۇتبىدىن شاھ ئىسىملىك مەرىپەتپەرۋەر تېۋىپ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقىتلىرىدا ھىندېستان،كەشمىر قاتارلىق جايلاردا بىلىم ئالغان.كېيىن يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ مۇددەرىسلىك ۋە تېۋىپلىق قىلغان. ئۇخەلق ئارىسىدا مەرىپەتپەرۋەرلىك ۋە دېمۇگىراتىيەنى تەشۋىق قىلغان بولسىمۇ چەكلىمىگە ئۇچرىغان.
  شائىرنىڭ بىرقىسىم شېئىرلىرى 1899-يىلى «بەرق تەجەللى» ۋە «سەبەق مۇجەللى» نامى بىلەن قەشقەردە چاپ قىلىنغان. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بولغارىيەدە «دىۋان تەجەللى» نامىدا نەشىر قىلىنغان. شائىر تەجەللىنىڭ خىلى كۆپ شېئىرلىرى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە تۈزۈلگەن تۈرلىك «باياز»لارغا كېرگۈزۈلگەن. شائىر 1930-يىلى ئۆزيۇرتىدا ۋاپات بولغان.

تۇنيۇقۇق(650-740)

ئاشىد تۇنيۇقۇق كۆك تۈرك خانلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۆتكەن داڭلىق ئەدىب ۋە دۆلەت ئەربابىدۇر.ئۇھايات ۋاقتىدا ئېلتەرىش قاغان(682-،691-يىللار)،قاپاغان قاغان(691-،716-يىللار)بىلگە قاغان(716-،734-يىللار)غا مەسلىھەتچى ياكى ۋەزىر بولغان. ئەدىبنىڭ 712-،734-،يىللار ئارىلىقىدا يازغان«تۇنيۇقۇق ئابىدىسى» ناملىق بىئوگرافىك ئەسىرى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.

تۇردى نازىم غېرىبى (1802-1862)

شائىر تۇردى نازىم 1802-يىلى قەشقەرنىڭ تىلسۇزاق كەنتىدە قول ھۆنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كېيىنچە ئۇنىڭ ئائىلىسى قەشقەر شەھىرىنىڭ بۇلاقبېشى مەھەللىسىگە كۆچۈپ كىرگەندە ، بۇ مەھەللىدىكى ئابدۇرەھىم نىزارى بىلەن تونۇشقان ھەم ئۇنىڭ تەسىرىدە تالانتىنى نامايەن قىلغان. غېرىبىنىڭ ياش ۋاقتىدىكى تۇرمۇشى غۇربەتچىلىك ئىچىدە ئۆتكەن.كېيىن ئۇ نىزارىنىڭ ۋاستىسى بىلەن زوھورىدىن ھاكىمبەگنىڭ كاتىباتخانىسىدا مىرزا بولغان. مۇشۇ مەزگىللەردە ، ئۇ زوھورىدىن ھاكىمبەگنىڭ تەشەببۇسى بىلەن «كىتابى غېرىب»ناملىق ئەسىرىنى (1840-يىلى)،نەۋائىنىڭ تەسىرىگە ئاساسەن «شاھ بەھرام» داستانىنى يازغان. 1862-يىلى قەشقەردە ۋاپات بولغان.

تۆپەك ئالىپ شول (8-ئەسىر)

تۆپەك ئالىپ شول ئۇيغۇر ئۇرخۇن خانلىقىنىڭ ئوردا ئەمەلدارى ۋە ئەدىبىدۇر. ئەدىب  762-يىلى بۆكۈخاننىڭ ئەمرىگە ئاساسەن ئورنىتىلغان «تەس مەڭگۈ تېشى» ئابىدىسىنى يازغان.

تۆمۈر تۈبرۈك(؟-1312)

تۆمۈرتۈبرۈكنىڭ نامى خەنزۇچە مەنبەلەردە «لومىڭشەن»دەپ يېزىلغان. ئۇ چاغاتاي خانلىقى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلاردىن كېلىپ چىققان. يۇەن دەۋرىدە تونۇلغان ئاگرونومىيە ئالىمى ۋە ئىلمىي ئەدەبىيات يازغۇچىسى. ئالىم 14-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنفىڭ(ھازىرقى ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شۇشىيەن ناھىيەسى) دە ئەمەلدار بولۇپ تۇرغان مەزگىلىدە «ئوزۇق-تۈلۈك،كىيىم - كىچەك ئاساسلىرى»ناملىق ئەسىرىنى خەنزۇ تىلىدا يازغان.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھېكىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-2 22:28  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  254
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 174
تۆھپە : 0
توردا: 15
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 21:24:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ج


جامال قارشى (1230؟_؟1310)

چاغاتاي خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن داڭلىق ئالىم ۋە ئەدەب جامال قارشى تەخمىنەن 1230-يىللاردا ئالمالىق(ئىلى)دا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى ئەبۇئەل فازىل بىن مۇھەممەد بولۇپ «قارشى» ئۇنىڭ تەخەللۇسى ئىدى. جامال قارشى1263-،1264-يىللىرى قەشقەرگە كېلىپ بىر مەزگىل بۇ يەردە تۇرغان. ئۇ1282-يىلى «سۇراھۇللۇغەت»(سۇرراھ لۇغىتى)ناملىق ئەسىرىنى پارىس تىلىدا،1303-يىلى «مۇلاقاتۇلسۇرراھ»(سۇرراھ لۇغىتىگە ئىلاۋە) ناملىق ئەسەرنى ئەرەب تىلىدا يازغان. ئالىم تەخمىنەن 1310-يىلى قەشقەردە ۋاپات بولغان.

جانبېك (1190_1256؟)

جانبېك ئۆگدۈلمىش ئوغلى تەخمىنەن 1190-يىلى قاراخانىيلار سۇلالىسىگە قاراشلىق ئىسسىقكۆل بويىدا تۇغۇلغان. ئەدىب جانبېك ئۇيغۇرلارنىڭ بايان ئاۋۇل ئۇرۇقىدىن بولۇپ ،15يېشىدا چىڭگىزخانغا ئەسكەر بولغان،كېيىنكى مەزگىللەردە ئۆز يۇرتىغا قايتىپ، ئۆزىنىڭ شەخسىي سەرگۈزەشتلىرىگە ئاساسەن«ئۆگدۈلمىش ئوغلى جانبېكنىڭ باشتىن كەچۈرگەنلىرى» ناملىق بىئوگرافىك رومانىنى يېزىپ چىققان.

جاھان ئاتىن ئۇۋەيىس (18-،19-ئەسىر)

بۇ ئەنجانلىق سىدىق بابادېگەن كىشىنىڭ قىزى بولۇپ،ئۆز ھاياتىدا بىر مەزگىل مۇئەللىمە بولغان. ئۆمەرخان دەۋرىدە ئۇ شائىرلارنىڭ ئەنجۇمەنلىرىگە قاتناشقان. كېيىن نىكاھتا بەختسىز بولۇپ جاھىل ئېرىدىن ئايرىلىپ، ئىككى پەرزەنتى بىلەن يۇرتىدا دىھقانچىلىق قىلغان. ئۇ 60 نەچچە يىل ياشىغان. شائىرەنىڭ «شاھزادە ھەسەن»،«شاھزادە ھۈسەيىن»،«ۋاقىئاتىمۇھەممەد ئەلىخان» قاتارلىق داستانلىرى بار. بۇلاردا ئەينى دەۋىرنىڭ رىئال ۋەقە ۋە ئادەملىرى تېما قىلىنغان.

جىۋا (324_؟)

جىۋا مەشھۇر ئالىم ۋە نومشۇناس كوماراجىۋانىڭ ئانىسىدۇر.ئۇ قەدىمقى كۇسەندىن بولۇپ، ئۆزى ھايات ۋاقتىدا قەدىمكى كۇسەن ۋە سانسكرىت تىللىرىنى پىششىق ئىگىلىگەن. تېبابەتچىلىك ساھەسىدە زور شۆھرەت قازانغان. جىۋا«جىۋا ئىچكى بەش ئەزا توغرىسىدا» ناملىق كىتابنى يازغان.

خ

خاراباتى (1639؟_1730؟)



ئالىم ۋە ئەدىب مۇھەممەد بىننى ئابدۇللا خاراباتى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئېگەرچى يېزىسى چوغتال كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ياش ۋە ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدە ئاقسۇ، قەشقەر، بۇخارا لاردىكى مەدرىسىلەردە بىلىم ئالغان. كېيىن ئۆزيۇرتىدا مۇددەرىسلىك قىلغان. 1730-يىلى ئاقسۇدا ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ «كۇللىيات مەسنەۋى خاراباتى» ناملىق پەلسەپىۋى دىداكتىك توپلىمى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.

خارەزمى (14-ئەسىر)

شائىر مۇھەممەد خارەزمى 14-ئەسىردە ماۋائۇننەھردىكى خارەزم ئەتراپىدا ياشاپ ئۆتكەن. شائىرنىڭ 1353-يىلى يازغان «مۇھەببەتنامە» ناملىق لىرىك داستانى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.

خەستە دىل (1896-1945)

شائىر ئابدۇرەھىم ھاجىم(خەستەدىل) 1896-يىلى قەشقەر شەھىرىنىڭ قوغان يېزىسىدا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ئەنجان، بۇخارا، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ دېمۇگراتىك ئاڭغا ئىگە بولغان. ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ شېئىرىيەت ۋە ئىلمىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ «زەبدەتۇل تەجرىبە ئەز فۇسۇل» (تۆت پەسىلدە تاللانغان تەجرىبىلەر) ناملىق ئەسىرى خەلق ئارىسىغا كەڭ تارقالغان.

خوجا جاھان ئەرشى (1685-1755)

خوجاجاھان ئەرشى مىلادىيە 1685-يىلى خوجەندتە تۇغۇلغان. 1735-يىلىدىن باشلاپ ئالتە شەھەرگە ھۆكۈمران بولغان. 1755-يىلى بۇرھانىدىن خۇجا تەرىپىدىن يەركەندە ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن قوشۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. شائىرنىڭ «دىۋان ئەرشى» ناملىق توپلىمى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.

خوجا نىزامىدىن (19-ئەسىر)

بۇ 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا يەركەندە ياشاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ئەدەبىي تەرجىمان. ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى شاھ مۇھەممەد ئىمىن ئاخۇن ئىبنى خوجا نىزامىدىن دەپ ئاتىلىدۇ. «شاھ ھىجران» ئەدىبنىڭ تەخەللۇسىدۇر. ئۇ 1751-،1752-يىللىرى خوجاجاھاننىڭ تەشەببۇسى بىلەن «شاھنامە» داستانىنى پارىسچىدىن تەرجىمە قىلىپ، ئۇنىڭغا «شاھنامەئىي تۈركى» دەپ ئىسسىم قويغان.

خۇشھال غەرىبى (19-ئەسىر)

لىرىك شائىر خۇشھال غەرىبى 19-ئەسىردە قەشقەردە ياشاپ ئۆتكەن. قەشقەردىكى مەدرىسىلەردە ئوقۇغان. شائىر 1827-يىلىدىكى جاھانگىرخوجا يېغىلىقىدىن كېيىن قوقەندكە چىقىپ كەتكەن. كېيىنكى ئۆمرىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزگەن. شائىرنىڭ مىلادىيە 1845-يىلى تۈزۈلگەن «كۇللىيات غەرىبى» ناملىق توپلىمى بار.

خىسلەت (19-ئەسىر)

شائىر خىسلەت تەخمىنەن 1785-يىلى قەشقەر شەھىرىنىڭ جان قورغان مەھەللىسىدە تۇغۇلغان. 20ياش مەزگىلىدە ئەنجان، بۇخارا مەدرىسلىرىدە ئوقۇغان. مۇشۇ مەزگىللەردە ئۇنىڭ شېئىرىيەتتىكى تالانتى ئەلگە ئايان بولغان. شۇنىڭ بىلەن قوقەند ئەمرى ئۆمەرخان ئۇنى ئۆز يېنىغا خىزمەتكە تەكلىپ قىلغانلىقتىن ئۇ قوقەندتە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. «مەجمۇئەتۇل شۇئىرا» ناملىق كىتابتا شائىرنىڭ ئىسمى «خىسلەت كاشىغەرى» دەپ ئاتىلىپ بىرقىسىم غەزەل ۋە مۇخەممەسلىرى كىرگۈزۈلگەن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھېكىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-2 22:29  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  254
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 174
تۆھپە : 0
توردا: 15
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 21:38:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

د

دۇربېك (14-،15-ئەسىر)



شائىر دۇربېكنىڭ نامى ۋە ئەدەبىياتىمىزدىكى ئورنى ئۇنىڭ 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدا تېپىلغان «يۈسۈپ-زۇلەيخا» داستانى ئارقىلىق مەلۇم بولدى. تۆمۈرىيلەر دەۋرىدە ياشىغان بۇ ئەدىبنىڭ بۇ رومانتىك داستانى مىلادىيە 1409-يىلى (ھىجىرىيە812-يىلى)بەلخ شەھىرىدە يېزىلغان. ئەمما ئەدىبنىڭ تەرجىمىھالى ئېنىق ئەمەس.

دىلشاد بەرنا (1800-1905)

ئوتتۇرا ئاسىيادا تونۇلغان شائىرە بولۇپ، تاجىكىستان ئۆرە تۆپىلىك بۇ شائىرە 1817-يىلى قوقان خانى تەرىپىدىن ئەسىر سۈپىتىدە قوقەندكە ئېلىپ كېتىلگەن. ئۇنىڭ ھاياتقا مۇھەببەت،يۇرت سېغىنىشى،ئىنسانىي خىسلەتلەر كۈيلەنگەن «سەبەتۇل بەشەرە»،«تارىخىي مۇھاجىرات» قاتارلىق ئەسەرلىرى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.

دىلبەر دورغا (19-ئەسىر)

تەنقىدىي رىئالىزمچى شائىرە دىلبەردورغا 19-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا قاراقاش ناھىيەسىدە ياشاپ ئۆتكەن. شائىرەنىڭ«مەزلۇملار ئاھى» ناملىق مۇخەممىسى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.

ر

رابغۇزى (13-،14-ئەسىر)



ئۇيغۇر پروزىچىلىقىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى يىرىك ۋەكىلى بولغان نەسرىدىن بۇرھانىدىن ئوغلى رابغۇزى 13-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا خارەزم ئەتراپىدىكى «رابات ئوغۇزى»دېگەن جايدا تۇغۇلغان دەپ پەرەز قىلىنىدۇ.ئۇ شۇيەردە قازىكالان بولغان. رابغۇزى مىلادىيە 1309-،1310-يىللىرى ئۆزىنىڭ 72بابدىن تۈزۈلگەن چوڭ ھەجىملىك پروزا ئەسىرى «قىسسەئى رابغۇزى» نى يېزىپ چىققان.

راھىلە (1860-1917)

بۇ شائىرە قەشقەرنىڭ ئۈستۈن ئاتۇش يېزىسىدىن بولۇپ، ئۇ 1885-يىلىدىن باشلاپ ئاتۇش ئېكساق پەننىي مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئەرەپ، پارىس تىللىرىنى پىششىق ئىگىلىگەن. «دەلا ئىلۇل ئۇلۇم» ناملىق كىتابنى يازغان.«قۇرئان كەرىم»نى ھۆسن خەت بىلەن تولۇق كۆچۈرۈپ چىققان.

رەشىدى (1510-1570)

مەرىپەتپەرۋەر سۇلتان ۋە تالانتلىق شائىر ئابدىرەشىدخان(تەخەللۇسى رەشىدى)1510-يىلى پەرغانىدە تۇغۇلغان. 1533-يىلى سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. رەشىدى ئەينى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش يولىدا غايەت زور نەتىجىلەرنى ياراتقان. ئاماننىساخان، قىدىرخان قاتارلىقلارنىڭ «ئون ئىككى مۇقام» نى رەتلەش ئىشلىرىغا شەرت-شارائىت يارىتىپ بەرگەن.«تارىخىي رەشىد(زەيلى)»دە رەشىدىنىڭ ئىككى پارچە پارىسچە شېئىرى ۋە ئۈچ پارچە غەزىلى خاتىرىلەنگەن.
شائىرنىڭ «دىۋان رەشىدى»،«سالاتىننامە»،«كىتابى تەنبىيە-ئەنتەربىيە» قاتارلىق ئەسەرلىرىنىڭ بولغانلىقى مەلۇم. ئەمما بۇلار بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن.

ز

زاھىد ئاخۇن پازىلباي




19- ئەسىردىكى ئۇيغۇر پروزىچىلىقىنىڭ يىرىك ۋەكىلى بولغان زاھىد ئاخۇن پازىلباي ئوغلى 19-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا سەمەرقەندتە تۇغۇلغان. كېيىنكى ئۆمرىنى يەركەندە ئۆتكۈزگەن. ئەدىبنىڭ «ئىسكەندەرنامە» ناملىق قىسسىسى ھىجرىيە 1300-يىلى (مىلادىيە1882-يىلى)يەركەندە يېزىلغان.

زەبۇنىسا (1639-1708)

شائىرە ۋە مەلىكە زەبۇنىسا ھىندىستاندىكى بابۇرىلەر خانلىقى تەۋەسىدە ياشاپ ئۆتكەن. ئۇ بابۇرشاھنىڭ چەۋرىسى بولۇپ، 1639-يىلى دېھلىدە تۇغۇلغان. 70يىللىق ھاياتىنى يالغۇزلۇق ۋە غېرىبلىق ئىچىدە ئۆتكۈزگەن. «زەبۇنىسا» شائىرەنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسىدۇر. شائىرەنىڭ كۆپلىگەن ئەسەرلىرى ئەرەب، پارسچە مەنبەلەردە تىلغا ئېلىنغان. تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلى ،ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىزگىچە يېتىپ كەلمىگەن.

زەلىلى (تەخمەنەن1672-1745؟)

شائىر گۇنانىزمچى ۋە پەيلاسوپ مۇھەممەد سىدىق زەلىلى مىلادىيە تەخمىنەن 1672-يىلى يەركەندە تۇغۇلغان. يەركەندىكى مەدرىسىلەردە بىلىم ئالغاندىن كېيىن قەشقەر،خوتەن،ئاقسۇ، كۇچا، تۇرپان، قۇمۇللارنى ئون نەچچە يىل ئايلىنىپ چىققان. 50ياشلارغا كەرگەندە خوتەندە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. شائىر ئۆز ئۆمرىدە «دىۋان زەلىلى» ناملىق توپلامنى،«سەپەرنامى» ناملىق 1400بېيىتلىق داستاننى، «تەزكىرەئى چىھلىتەن»565بىيتلىق رىۋايىتىنى ، «تەزكىرەئى خوجامۇھەممەد شىرىپ» قاتارلىق بىر قىسىم دىنىي مەزمۇنغا ئىگە تەزكىرە-تارىخىي ئەسەرلەرنى يازغان.

زەھىردىن مۇھەممەد بابۇر (1483-1530)

مەشھۇر ئەدىب ۋە جامائەت ئەربابى زەھىردىن مۇھەممەد بابۇر 1483-يلى پەرغانىدە تۆمۈرىيلەر ئەۋلادىدىن بولغان ئۆمەر شەيخ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 12يېشىدا دادىسىدىن يېتىم قېلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا فەرغانە ئەمىرى بولغان.1526-يىلى ھىندىستاندا تۈرك موغۇل ئىپېرىيىسىنى قۇرغان.
شائىر 16-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرى ئىككى دىۋان تۈزگەن.ئەمما ئۇنىڭ تەقدىرى نامەلۇم. ئاز بىرقىسىم غەزەللىرى ۋە «بابۇرنامە» ناملىق بىئوگرافىك ئەسىرى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.

زوھۇرى

ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا زوھۇرى تەخەللۇسلۇق بىرقانچە شائىر ئۆتكەن. «دىۋان زوھۇرى»نىڭ ئاپتورى زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىنىدۇ. زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا تۇرپاندا تۇغۇلغان.19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى چارىكىدىن باشلاپ قەشقەرگە ھۆكۈمران بولغان.ئۇ قەشقەردە ھاكىمبەگ بولۇپ تۇرغان مەزگىللەردە ئىلىم ئەھلىلىرىنى قوللىغان. قەشقەر رايونىنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن ھەمدە ئۆزىمۇ زوھۇرى تەخەللۇسىدا ئەدەبىي ئىجادىيەت ئېلىپ بارغان. شائىرنىڭ «دىۋان زوھۇرى» ناملىق توپلىمىدىن بىر قىسىم ئەسەرلىرى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.

زۇلفىيە كاشىغەرى

بۇ،ئاپاق خوجا جۇڭغارلارغا قورچاق خان بولۇپ تۇرغان مەزگىللەردە ياشىغان شائىرە دۇر. ئۇنىڭ«دىۋان زۇلفىيە» ناملىق لىرىكىلار توپلىمى بولغانىكەن.

زىلەيخا بېگىم

بۇ يەركەن خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن ئەدەبىي تەرجىمان ۋە شائىرە بولۇپ، قەشقەرنىڭ قوغان يېزىسىدىن. ئۇ، ئاپاق خوجا (1626-1694)نىڭ ئانىسى ئىدى.«سىلسىلە تۇز زەھەپ» ناملىق كىتابتىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا ئۇ، ھاپىز شىرازى قاتارلىق پارس شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى مۇتائىلىيە قىلىشتا داڭ چىقارغان. زىلەيخا بېگىمنىڭ بەزى تەرجىمە ئەسەرلىرى «باياز» لارغا كىرگۈزۈلگەن.

زۇمرەت

  بۇ 19-ئەسىردە خوتەن دىيارىدا ئۆتكەن شائىرە دۇر. ئۇنىڭ خېلى كۆپ شېئىرلىرى «باياز»لارغا كىرگۈزۈلگەن.

س

سادىر پالۋان (1798-1871)



ئۇيغۇر خەلقىنىڭ داڭلىق قەھرىمانى ۋە قوشاقچىسى سادىر پالۋان 1798-يىلى غولجاناھىيەسىنىڭ موللاتوختى يۈزى يېزىسىدا خۇش ئەخمەت ئىسىملىك دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۆمرىدە ئون نەچچە قېتىم فېئودال ھۆكۈمرانلار تەرىپىدىن قامالغان. بىر قېتىم قۇمۇلغا پالانغان. 1864-يىلىدىكى ئىلى دېھقانلار ئىنقىلابىغا ئاكتىپ قاتناشقان. 1871-يىلى توققۇزتارا ناھىيەسىدە ۋاپات بولغان . سادىرپالۋان تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان ۋە 19-ئەسىر ئىجتىمائىي رېئاللىقىنى ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان قوشاقلار خەلقىمىز ئارىسىغا كەڭ تارقالغان.

ساكيا قايا (1275-1346)

خەنزۇچە مەنبەلەردە، ساكيا خەييا دەپ يېزىلغان. ئۇ يۇەن دەۋرىدە ئۆتكەن تارىخشۇناس ۋە ئەدىبتۇر. ئەدىب 15،16ياشلاردا دادىسىدىن يېتىم قالغان. مىلادىيە 1320-يىلى ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ تەشرىپدارلىق مەرتىۋىسىگە ئېرىشكەن،كېيىنچە يۇەن ئوردىسىنىڭ تارىخ تۈزۈش مەھكىمىسىگە خىزمەتكە قويۇلغان ھەمدە قوشۇمچە مۇپەتتىش بولغان.خەنزۇچە كىتاپلاردا ئۇنىڭ نامى«ليەنخۇشيەن قىيا» دەپ ئېلىنغان. ساكيا قايا 1340-يىللاردا ،«لياۋ سۇلالىسى تارىخى»،«جىن سۇلالىسى تارىخى»،«سۇڭ سۇلالىسى تارىخ» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يېزىشقا قاتناشقان ۋە يېتەكچىلىك قىلغان.

سەدائى(18-،19-ئەسىرلەر)

شائىر مىر ھەسەن سەدائى 18-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى قەشقەر شەھىرى بۇلاقبېشى مەھەللىسىدە تۇغۇلغان . شائىرنىڭ «دىۋان سەدائى» ناملىق توپلىمى تۈزۈلگەن.

سەككاكى (1380-1465)

«ئۇيغۇر ئىبارىلىرىنىڭ چېچەنلىرىدىن مەۋلانە سەككاكى»(نەۋائى)دەپ تەرىپلەنگەن شائىر سەككاكى تۆمۈرىيلەر سۇلالىسىنىڭ ئۇلۇغبەك دەۋرىدە سەمەرقەندتە ياشاپ ئۆتكەن. مۆجىزى ئۇنى «ئۇيغۇر مۇقامىنىڭ 16-پىرى» دەپ ئاتىغان. شائىرنىڭ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن بىر قوليازما دىۋانى ھازىر بۈيۈك برتانىيە  مۇزېيىدا ساقلانماقتا.

سەلەي چاققان (1816-1905)

خەلق لەتىپىچىسى ۋە مۇزىكانت سەلەي چاققان 1816-يىلى قەشقەرنىڭ ئوپال يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى يۇرت كېزىپ ئەل ئىچىدە ئۆتكۈزگەن. ئۆزىنىڭ لەتىپە، يۇمۇرلىرى بىلەن جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك ناچار ھادىسىلەرنى پاش قىلىپ خەلق ئىچىدە تونۇلغان. سەلەي چاققان 1905-يىلى ئۆز يۇرتىدا ۋاپات بەولغان.

سالاھى (18-ئەسىر)

مۇھەممەد ئەبۇ سالاھى 18-ئەسىردە قەشقەر شەھىرىنىڭ بۇلاقبېشى مەھەللىسىدە دۇنياغا كەلگەن. كېيىنچە مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن قوقەندتە ئولتۇراقلاشقان. شائىرنىڭ «دىۋان سادائىي»ناملىق توپلىمى بىز گىچە يېتىپ كەلگەن.شائىرنىڭ يەنە «گۈل ۋە بۇلبۇل» ناملىق داستانى بار.

سەيدۇللا (1301؟-1355)

سەيدۇللا يۇەن دەۋرىدە ئۆتكەن ئۇيغۇر شائىرىدۇر. ئۇنىڭ بوۋىسى سارى بۇقا، دادىسى ئارۇچا ھەربىي ئىشلارغا ماھىر كىشىلەر بولۇپ، يۇەن دەۋرىدە ئەمەل تۇتۇپ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئولتۇراقلاشقان. سەيدۇللا جېجاڭ، فۇجيەنلەردە ئەمەل تۇتقان.ئۆزئىجادىيىتىنى خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ «يەنمىن توپلىمى»ناملىق شېئىرلار توپلىمى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.

سەئىد ئەھمەد (15-ئەسىر)

سەئىد ئەھمەد ماۋەرائۇننەھردە ياشىغان ئۇيغۇر شائىرىدۇر. ئۇ ئەمىر تۆمۈر كۈرەگاننىڭ نەۋرىسى ئىدى. شائىرنىڭ 1435-يىلى يازغان «تەئەششۇقنامە»ناملىق داستانى بار

سەئىدى (1484-1533)

يەركەن خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە مەشھۇر سەركەردىسى تالانتلىق شائىر سەئىدخان مىلادىيە 1484-يىلى ئاقسۇدا تۇغۇلغان. سەئىدى ئۆزھاياتىدا خېلى كۆپ شېئىرلارنى يازغان.ئۇنىڭ ئىككى پارچە غەزىلى «تارىخى رەشىدى(زەيلى)»ئارقىلىق بىزگىچە يېتىپ كەلگەن. سەئىدى 1533-يىلى ھەربىي يۈرۈشتە ۋاپات بولغان.

سەئىدىدىن كاشىغەرى(1377-1456)

ئالىم ۋە ئەدىب سەئىدىدىن كاشىغەرى 1377-يىلى قەشقەردە زەينىدىن كاغراقى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بۇخارا مەدرىسىسىدە ئوقۇغان.ھېراتتىكى مەلىكار مەدرىسىسىدە مۇدەررىسلىك قىلغان. ئالىم ئۆمرىدە «مۇنيەتۇل مۇسەللى ۋە غەينەتۇل مۇفتەدا»،«كەلىمات خوجاباھائىددىن»،«رىسالەئى لەتائىف»،«ۋۇجۇدنامە» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان. ئۇ ئابدۇراخمان جامىنىڭ ئۇستازى ئىدى.

سەيىد مۇھەممەد(1821-؟)

شائىر سەئىد مۇھەممەد 1821-يىلى غۇلجىنىڭ قاش دېگەن يېرىدە دۇنياغا كەلگەن. 1864-يىلىدىكى دېھقانلار ئىنقىلابىغا قاتناشقان. 1882-يىلى ئۆزىنىڭ «شەرھى شىكەستە» ناملىق داستانىنى يازغان.

سەۋىنچ قىيا (1286؟-1324)

سەۋىنچ قىيا يۇەن دەۋرىدە ئۆتكەن داڭلىق ئۇيغۇر شائىرىدۇر. بەزى مەنبەلەردە ئۇنىڭ نامى گۇەنيۈنشى ياكى يۈنشى قىيا دەپ خاتىرىلەنگەن. ئۇ جىمسارلىق بولۇپ،بوۋىسى ئەلى قىيا يۇەن سۇلالىسىنىڭ گېنېرالى بولغان. دادىسى بولسا ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئەمەلدار بولغان. «يۇەن سۇلالىسى شېئىرلىرىغا دەئىر خاتىرىلەر» ناملىق توپلامغا شائىرنىڭ بىرقانچە پارچە شېئىرى،«يۇەن دەۋرى ئومۇمىي نەسرىي ئەسەرلىرى» گە بىرقىسىم نەسرىي شېئىرلىرى ،«ئەمىنلىك مۇزىكىلار توپلىمى» غا ئۇنىڭ كىچىك كۈيلىرىدىن 30پارچە كىرگۈزۈلگەن.

سەيفى سەرائى (1321-1396)

سەيفى سەرائى 1321-يىلى ماۋەرائۇننەھردە تۇغۇلغان. بىر مەزگىل يۇرتىدىن ئايرىلىپ مىسىر،تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ياشىغان.1396-يىلى ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ مەركىزى ساراي شەھىرىدە ۋاپات بولغان. شائىرنىڭ «گۈلىستان بىت تۈركى»ناملىق توپلىمى،«سۇھەيىل ۋە گۇلدۇرسۇن» ناملىق داستانى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.

سۈلئى سۇما

سۈلئى سۇما مىلادىيە 4-ئەسىردە يەكەندە ياشىغان تۇنجى ئۇيغۇر ئايال مۇتەپەككۇر ۋە ئەدىبتۇر. ئۇيەركەن خانىنىڭ كىچىك قىزى بولۇپ،كىچىكىدىنلا بۇددا دىنىنىڭ ماھايانا مەزھىپىنىڭ تەسىرىدە يېتىلگەن.كەماراجىۋامۇ 357-يىلى كەشمىردىن كۇچاغا قايتىش سەپىرىدە يەركەنگە كېلىپ سۈلئى سۇما بىلەن تونۇشقان ھەم ئۇنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان.لېكىن سۈلئى سومانىڭ ئەسەرلىرى بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن.

سۇتۇق بۇغراخان (889؟-956)

قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ بەشىنچى ئەۋلاد خانى. ئەينى دەۋىرنىڭ مەزھۇر ئالىمى ۋە پەيلاسوپى سۇتۇق بۇغراخان تالانتلىق شائىر ئىدى. ئۇ مىلادىيە 942-يىلىدىن 956-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان. بەزى تارىخىي مەنبەلەردىن سۇتۇق بۇغرا خاننىڭ خېلى كۆپ شېئىر ۋە ئەدەبىي تەزكىرە يازغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. لېكىن ئۇلار بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن.

سۇجۇپ ئاقارى (6-ئەسىر)

سۇجۇپ (سۇجاۋا مۇ دېيلىدۇ) 6-ئەسىردە كۇچادا ئۆتكەن مەشھۇر مۇزىكانتتۇر. ئۇنىڭ ئاتىسى ئەينى دەۋىرنىڭ مۇزىكا پىرى ئىدى. سۇجۇپ 6-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ، جۇخانلىقىنىڭ پادىشاھى جۇۋۇدى زامانىدا چاڭئەنگە كەلگەن. بۇ يەردە زور شۆھرەت قازىنىپ،خەنزۇ خەلقىنىڭ مۇزىكا سەنئىتىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن،ئۇيەنە«ئون ئىككى تىمپىراتسىيىلىك كۈي قانۇنى»نى تۇرغۇزغان.

سېكسا ناندا (652-710)

سېكساناندا 7-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۇدۇندا تۇغۇلغان ئەدەبىي تەرجىماندۇر. ئەدىبنىڭ ئىسمى نامەلۇم. سېكساناندا سانسكرتچە «ئىلىم خۇمارى» دېگەنلىك بولىدۇ، بۇئۇنىڭ تەخەللۇسىدۇر.سېكساناندا مىلادىيە 699-يىلى «نېلۇپەر سۇترىسى»نى تەرجىمە قىلغان. ئۇنىڭ ئىسمى «سۇڭ راھىبلىرى تەزكىرىسى» گە كىرگۈزۈلگەن. سېكساناندا 710-يىلى لوياڭدا ۋاپات بولغان.

سېلىغ تېگىن

سېلىغ تېگىن قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن ئۇيغۇر راھىبەسى ۋە شائىرىدۇر. شائىرەنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان بىر پارچە شېئىرى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.

سېمىرا قىزى

سېمىرا قىز 10-ئەسىردە ئۆتكەن ئۇدۇن خانى چېسا سېمىرانىڭ قىزى. شائىرەنىڭ قەدىمقى خوتەن تىلىدا يېزىلغان «يۇرتىنى سېغىنىش نەزمىسى» ناملىق شېئىرى ھازىر پارىژ مۇزېيىدا ساقلانماقتا.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھېكىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-2 22:30  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  254
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 174
تۆھپە : 0
توردا: 15
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 21:48:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ش

شاھ غېرىب مىرزا(15-ئەسىر)



شاھ غېرىب 15-ئەسىردە ماۋەئۇننەھر دە ئۆتكەن ئۇيغۇر شائىرىدۇر. نەۋائى ئۆزىنىڭ «مەجالىسۇن نەفائىس» ئەسىرىدە بۇ شائىر ھەققىدە «يۇقۇرى قابىلىيەتلىك،ئىنچىكە تەپككۇرغا ئىگە يىگىت ئىدى...ئۇ قۇش ئوينىتىپ ئوۋ قىلىشنى ياخشى كۆرەتتى...»دەپ يازغان.ئۇنىڭ «يانا» رادىپلىق غەزىلىدىن مىسال ئالغان.

شاھ قۇلى ئۇيغۇر (15-ئەسىر)

شاھ قۇلى ئۇيغۇر نەۋائى دەۋرىدە ماۋەرا ئۇننەھر دە ياشىغان شائىردۇر. نەۋائى «مەجالىسۇن نەفائىس» ناملىق ئەسىرىدە بۇ شائىر ھەققىدە ئازراق توختالغان ھەمدە ئۇنى شېئىرەتنىڭ مۇئەمما تۈرىدە ئەسەر يېزىشقا ماھىر دەپ تەرىپلىگەن. شائىرنىڭ ئەسەرلىرى بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن.

شەۋقى (1876-1937)

دېمۇگراتىك شائىر قۇتلىق ھاجى شەۋقى 1876-يىلى قەشقەر شەھىرىدەن ئابدۇكېرىم بەگ ئىسىملىك مەرىپەتپەرۋەر كىشىنىڭ ئائقلىسىدە ياش ۋاقتىدا مىسىردا ئوقۇغا، يۇرتىغا قايتىپ مەدەنىي .ئاقارتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە 1918-يىلى قەشقەردە «ئاڭ گېزىتى»نى نەشىر قىلغان ،1933-يىلى «ئەېكىن ھايات گېزىتى» نى تەشكىللىگەن. 1937-يىلى جاللات شېڭ شسەي گۇماشتىلىرى تەرىپىدىن تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلگەن غائىر ئۆزئۆمرىدە: « ئويغاندى» قاتارلىق شېئىرلارنى ،«ۋاقىئىەئى كاشىغەر» ناملىق تارىخىي ئەسەرلەرنى ،«قۇتادغۇ بىلىك» داستانىنى خەلققە تونۇشتۇرغان.  

شياۋ گۈەنيىن (1039-1075)

شياۋ گۈەنيىن قىتان خانلىقى دەۋرىدە ياشىغان ئۇيغۇر شائىرەسىدۇر. ئۇنىڭ دادىسى شياۋخۇي قىتان خانلىقىدا ۋەزىر بولغان.  شياۋگۈەنيىن قىتان خانلىقى ئوردىسىدا خانىش بولغان. ئۇ بەرباب چېلىش ۋە شېئىرىيەتتە داڭق چىقارغان بولۇپ،خېلى كۆپ شېئىرلارنى خەنزۇچە يازغان. شائىرەنىڭ «قەلب ھويلىسىغا قايتىش»،«ئۆتمۈشنى ئەسلەش»،«نامدىن جۇدا بولۇش» قاتارلىق ئەسەرلىرى ساقلىنىپ كەلگەن.

شىڭقۇشەلى(10-ئەسىر)

شىڭقۇشەلى قۇچۇ خانلىقى دەۋرىدە ياشاپ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىگە زور تۆھپە قوشقان ئەدەبىي تەرجىمان ۋە ئالىمدۇر. ئەدىب بەشبالىقلىق بولۇپ ،ئۆز ۋاقتىدا تۇتۇڭ دېگەن راھىبلىق نامىغا ئىگە بولغان. شىڭقۇشەلى تۇتۇڭ ئۆز ھاياتىدا «ئالتۇن يارۇغ»،«شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى خەنزۇتىلىدىن قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان.

شياۋ سېسې(؟-1121)

بۇ شائىرە شياۋ گۈەنيىن بىلەن بىر ئۇرۇقتىن بولۇپ ، ئۇمۇ قىتان ئوردىسىدا خانىش بولغان. ئۇنىڭ«ھەجۋىيات»،«تارىخنى كۈيلەش»،ناملىق ئىككى پارچە شېئىرى خەنزۇچە مەنبەلەردە خاتىرىلەنگەن.

شۆئاڭفۇ(1270-1350)

شۆئاڭفۇ- يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان ئۇيغۇر شائىر ىدۇر. ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى يۇەن ئوردىسىدا ئەمەل تۇتقان. شۆئاڭفۇ جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ مۈلكى دىۋانخانىسىدا ھۆججەت-ماتىرىياللارنى باشقۇرغۇچى ئەمەلدار بولغان.
  «يۇەن دەۋرى نەسرىي غەزەللىرى» ناملىق توپلامغا شائىرنىڭ 65پارچە نەسرىي شېئىرى كىرگۈزۈلگەن. شۆئاڭفۇ «جيۇگاۋ شېئىرلىرى» ناملىق توپلامنى تۈزگەن.

شيې يۈيلى (14-ئەسىر)

بۇ يۇەن دەۋرىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ياشىغان ، ئەمما ئەجدادى قۇچۇلۇق ئۇيغۇر شائىرىدۇر. ئۇنىڭ« شيې يۈي توپلىمى» قاتارلىق ئەسەرلىرى خەنزۇچە مەنبەلەردە ساقلانغان.

شى لەنلەن باقشى (؟-1332)

شى لەنلەن يۇەن دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر خەتتات ۋە شائىرەدۇر. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى قۇچۇلۇق بولۇپ ، يۇەن دەۋرى مەدەنىيىتىنى گۈللەندۇرۇشكە موھىم تۆھپىلەرنى قوشقان. شى لەنلەن خەنزۇ تىل-يېزىقىدىكى «بۇددا ۋاتامساكا ماخاۋاي» ،«لىڭيەن سۇترىسى»،ئۇيغۇر يېزىقىدىكى«ساددارما پۇندارىكا سۇترىسى»،«ئالتۇن يارۇغ»تىبەت يېزىقىدىكى «پىراجىناغا ئوقۇلغان سەككىز مىڭ مەدھىيە» قاتارلىق ئەسەرلەرنى كۆچۈرۈپ چىققان.

غ

غەيرەتى (18-ئەسىر)


شائىر غەيرەتىنىڭ تەرجىمىھالى ئېنىق ئەمەس. 18-ئەسىردە قۇمۇلدا مەھەممەد بېشىرۋاڭنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تۈزۈلگەن «باياز»غا ئۇنىڭ بىر پارچە شې.ىرى كىرگۈزۈلگەن.شېئىردىكى تەپسىلاتلارغا قارىغاندا ، ئۇنىڭ خوتەن ئىلچىدا تۇغۇلۇپ كېيىن يەركەنگە كېلىپ ياشىغانلىقى مەلۇم.

غېرىبى خەستە

شائىر غېرىبى خەستە تەخمىنەن 19-ئەسىردە خوتەندە ياشاپ ئۆتكەن.ئۇنىڭ «ھەمزە نامە» ناملىق چوڭ ھەجىملىك داستانى 1881-،1882-يىللىرى كۆچۈرۈلگەن.

ف

فارابى (870-950)


مەشھۇر ئالىم ۋە ئەدىب ئەبۇ ناسىر مۇھەممەد فارابى 870-يىلى بالاساغۇنغا قاراشلىق فاراب شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى مۇھەممەد فاراب شەھىرىدىكى ۋاسچ قەلئەسىنىڭ قوماندانلىق شىتابىدا ئىشلىگەن ئېسىل پەزىلەتلىك مەرىپەتپەرۋەر بىر كىشى ئىدى. فارابى 30ياش ۋاقتىدا باغداتقا كەلگەن. ئۇ يەردە ئەرەب تىلىنى ،كېيىن خىرىستىئان ئالىمى ئەبۇ بەشىردىن گرېك تىلىنى ،لوگىكا،تېبابەتچىلىك ئىلىملىرىنى ئۈگەنگەن.ئاندىن ھەرران زەھىرىگە كېلىپ يۇھەننا بىننى ھەيلاندىن پەلسەپە،ماتېماتىكا،پىپاگۈر تەلىماتى قاتارلىقلارنى ئۈگەنگەن. مىلادىيە 950-يىلى 12-ئايدا 80يېشىدا سەپەر ئۈستىدە ۋاپات بولغان.
     شەرقنىڭ ئارستوتېلىدەپ ئاتالغان فارابى ئۆز ئۆمرىدە160پارچىغا يىقىن تۈرلۈك تېمىدا ئەسەر يازغان. بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئاساسلىقلىرى:«كالام فى شېئىر ۋەل قافى»(شېئىر ۋە قاپىيەلەر ھەققىدە)،«كىتابۇل فى سانائەتى كىتابەت»(يېزىق سەنئىتى ھەققىدە كىتاب)،«رىسالەئى مۇغەننىيۇن»(سازەندىلەر رىسالىسى)،«كىتابۇل مۇسقىل كەبىر»(بۈيۈك مۇزىكا كىتابى)،«كالام فى مۇسقىل»(مۇزىكا توغرىسىدا)،«كىتابۇل مۇختەسەر ئەل سەغىر فى ئەل مەنتىق»(پەلسەپىدىكى كىچىك ئىخچاملىق)،«كىتابۇل بۇرھان»(پەلسەپە ھۆججەتلىرى ھەققىدە)،«كىتابۇل ئىقتىسابۇل مۇقەددىمات»(مەۋجۇدىيەتنىڭ باشلىنىشىنى ئۆگىنىش توغرىسىدا)،«شېئىرىيەت قانۇنلىرى ھەققىدە رىسالە»،«مۇزىكا كىتابى»،«پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسىنىڭ قاراشلىرى»،«كىتابى فى ئەقىيائىل ئۇلۇم ۋەتتەرىب»،«ئومۇمىي كىتاب»،«ئالەم بوشلۇقى ھەققىدە»،«پەلسەپىلىك سۇئاللار ۋە جاۋبلار»،«ھىكمەت مەنىلىرى»،«ئاسترونومىيە قانۇنلىرى ھەققىدە»،«ئەپلاتون ۋە ئارستوتېل تەلىماتىنىڭ مەقسەتلىرى»قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇ ئەسەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەرەپچە مەنبەلەردە ساقلانغان.

فۇتۇھى (1717-1756)

شائىر خوجاسىدىق (تەخەللۇسى فۇتوھى) 1717-يىلى ئىلى ۋادىسىدا تۇغۇلغان.1732-يىلى دادىسى خوجاسىدىق بىلەن بىرلىكتە ئانا يۇرتى يەركەنگە كەلگەن.1756-يىلى بۇرھانىدىن خوجا تەرىپىدىن ئۆلتۆرۇلگەن.شائىر فۇتوھىنىڭ بىرقىسىم شېئىرلىرى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.

ك

ﻛﻮﻣﺎﺭﺍﺟﯩﯟﺍ (344 - 413)



ﻛﻮﻣﺎﺭﺍﺟﯩﯟﺍ (344 - 413) ﺭﺍﮬﯩﺐ، ﻛﯜﺳﻪﻧﻠﯩﻚ، ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ، ﺋﯩﺴﻤﻰ ﮔﻮﻣﺎﺭﺍﺗﺎﻥ، ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﯞﻩﺯﯨﺮﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯜﺳﻪﻧﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺟﯩﯟﺍ ﻛﯜﺳﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﻰ . ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺭﺍﮬﯩﺒﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺯﺍﺑﯘﻟﯩﺴﺘﺎﻥ (ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﻪﺷﻤﯩﺮ) ﻏﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ. 12 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﻛﯜﺳﻪﻧﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﻛﯜﺳﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻥ ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺭﺍﮬﯩﺒﻨﯩﯔ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﮬﯚﺭﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺳﺎﺯﺍﯞﻩﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . 20 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﻛﯜﺳﻪﻥ ﺧﺎﻥ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﻪﻣﺮﯨﻤﻪﺭﯗﭘﻨﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﯘﻟﻰ، ﺳﺎﻛﺎﺭﺍﺋﯘﻝ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻣﺎﮬﺎﻳﺎﻧﺎ ﻣﻪﺯﮬﯩﭙﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﻼﮬ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺟﯩﻦ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺟﻴﻪﻧﻴﯘﻩﻧﻨﯩﯔ 18 - ﻳﯩﻠﻰ (382 - ﻳﯩﻠﻰ) ﻓﯘﺟﻴﻪﻥ ﻟﯜﻱ ﮔﯘﺍﯕﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻛﯜﺳﻪﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﮬﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ . ﻛﻮﻣﺎﺭﺍﺟﯩﯟﺍ ﻟﯜﻱ ﮔﯘﺍﯕﻨﯩﯔ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻟﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﺮﯨﻤﻪﺭﯗﭘﻘﺎ ﺧﯩﻼﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘ 41 ﻳﺎﺷﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ . ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﯩﻠﻰ ﻟﻴﺎﯞﺟﯘ(ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﮔﻪﻧﺴﯘﻧﯩﯔ ﯞﯗﯞﯨﻲ) ﻏﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ . ﻟﯜﻱ ﮔﯘﺍﯓ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻟﻴﺎﯓ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭼﯩﻦ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﮔﯘﯕﺸﯩﻨﯩﯔ 3 - ﻳﯩﻠﻰ (401 - ﻳﯩﻠﻰ) ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬ ﻳﺎﯞﺷﯩﯔ ﻛﻮﻣﺎﺭﺍﺟﯩﯟﺍﻧﻰ ﭼﺎﯕﺌﻪﻥ (ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺷﯩﺌﻪﻥ) ﮔﻪ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻯ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮔﯘﯕﺸﯩﻨﯩﯔ 15 - ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺷﺎﮔﯩﺮﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ "ﺋﯘﻟﯘﻍ ﭘﺮﻩﺟﻨﺎ ﻧﻮﻣﻰ" ، "ﻧﯩﻠﯘﭘﻪﺭﺩﻩﻙ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺩﻩﺭﻣﻪ ﺳﯜﺗﺮﻩﺳﻰ" ، ﺋﺎﻟﻤﺎﺱ ﺳﯜﺗﺮﻩ" ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﻮﻡ، ﯞﻩ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﻪ ﺗﻪ ﺯﻛﯩﺮﯨﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ 35 ﻗﯩﺴﯩﻢ 294 ﺟﯩﻠﺪ( ﻳﻪﻧﻪﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ 74 ﻗﯩﺴﯩﻢ 384 ﺟﯩﻠﺪ ﺩﻩﭘﻤﯘ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ) ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺗﺎﯓ ﺷﯘﻩﻧﺰﺍﯓ، ﻳﻰ ﺟﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯜﭺ ﭼﻮﯓ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﻧﻮﻡ ﺗﻪﺭ ﺟﯩﻤﺎﻧﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ .

كېكى (1295-1345)

كېكى بۇددىزم مۇھىتىدا ياشاپ ئىجادىيەت ئېلىپ بارغان قوچۇلۇق مەشھۇر شائىر دۇر. كېكىنىڭ «تەكەببۇرلۇق بويىقى» ناملىق شېئىرى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.

كىكى قۇرسا ئىچقۇ (13-،14-ئەسىرلەر)

كىكى قۇرسا ئىچقۇ 13-ئەسىرنىڭ ئاخىرى14-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گەنسۇ تەۋەسىدە ياشىغان قوچۇلۇق ئۇيغۇر ئەدىبتۇر. قۇرسا شائىرنىڭ ئىسمى بولسا، ئىچقۇ ئۇنىڭ ئەمىلىنى بىلدۇرىدۇ. كىكى قۇرسا ئىچقۇ «قوچۇ ئىدىقۇت خانلىقى تۆھپە مەڭگۈتېشى» نى يېزىپ چىققان.

گ

گاۋ كېگوڭ (1248-1310)



بۇ يۇەن سۇلالىسى دەۋردە ئۆتكەن ئۇيغۇر شائىرى ۋە رەسسامىدۇر. ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى كۇكۇن بولۇپ، ئاتا-بوۋىلىرى شەنشىنىڭ توڭ دېگەن يېرىگە ئولتۇراقلىشىپ قالغان.گاۋ كېگوڭنىڭ دادىسى كېيىن بېيجىڭدا ئەمەلدار بولغان. گاۋ كېگوڭ 27يېشىدىن باشلاپ بېيجىڭدا ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئىشلىگەن. شائىرنىڭ «فاڭشىيەن توپلىمى» ناملىق ئەسىرى بار. «يۇەن نەزمىلىرىدىن تاللانما» غا خېلى كۆپ شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن.

گەدائى (1404-؟)

شائىر مەۋلانە گەدائى 15-ئەسىردە ماۋەرائۇننەھر ۋە ھېراتتا ياشاپ ئۆتكەن. ئۇ تەخمىنەن 1404-يىللىرى تۇغۇلغان. نەۋائى «مەجالىسۇن نەفائىس» تا بۇ شائىر ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەن. گەدائىنىڭ شېئىرى دىۋانى 1973-يىلى تاشكەنتتە نەشىر قىلىنغان.

گۈەن يۈنشى

سەۋىنچ قىيا يۇەن دەۋرىدە ئۆتكەن داڭلىق ئۇيغۇر شائىرىدۇر. بەزى مەنبەلەردە ئۇنىڭ نامى گۇەنيۈنشى ياكى يۈنشى قىيا دەپ خاتىرىلەنگەن. ئۇ جىمسارلىق بولۇپ،بوۋىسى ئەلى قىيا يۇەن سۇلالىسىنىڭ گېنېرالى بولغان. دادىسى بولسا ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئەمەلدار بولغان. «يۇەن سۇلالىسى شېئىرلىرىغا دەئىر خاتىرىلەر» ناملىق توپلامغا شائىرنىڭ بىرقانچە پارچە شېئىرى،«يۇەن دەۋرى ئومۇمىي نەسرىي ئەسەرلىرى» گە بىرقىسىم نەسرىي شېئىرلىرى ،«ئەمىنلىك مۇزىكىلار توپلىمى» غا ئۇنىڭ كىچىك كۈيلىرىدىن 30پارچە كىرگۈزۈلگەن.

گۈەن يۈنشى قىزى(14-ئەسىر)

يۇەن دەۋردە ئۆتكەن بۇ ئۇيغۇر شائىرەنىڭ ئۆز ئىسمى نامەلۇم. ئۇنىڭ دادىسى گۈەن يۈنشى (كۈن سەۋىنچ) ئىدى. خەنزۇ ئەدىب ئوياڭ شۇەن يازغان «گۈەن يۈنشى ھەزرەتلىرىنىڭ يادنامىسى» ئەسىرىدە ؛ «گۈەن يۈنشىنىڭ بىرلا قىزى بولۇپ، ئۇ بىلىملىك،ماقالە-ئەسەر يازالايدۇ» دەپ خاتىرىلەنگەن. ئەمما ئۇنىڭ ئەسەرلىرى يېتىپ كېلەلمىگەن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھېكىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-2 21:48  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  254
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 174
تۆھپە : 0
توردا: 15
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 22:05:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

م

مازۇچاڭ (1278-1339)

مازۇچاڭ يۇەن دەۋرىدە ئۆتكەن داڭلىق ئۇيغۇر ئەدەبى. ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى توقسۇنلۇق بولۇپ،11-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا گەنسۇغا كۆچۈپ بارغان. مازۇڭچاڭنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى يۇەن ئوردىسىدا ئەمەل تۇتقان. كېيىن ئكزىمۇ ھۆكۈمەت خىزمىتىنى قىلغاچ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان.  شائىر ئىجادىيىتىدىن «شىتىيەن توپلىمى»، «لىفىجىن ئەينىكى»، «يىللار خاتىرىسى» قاتارلىق شېئىر توپلىمى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.

مەجىددىن مۇھەممەد ئەدنانى (10-،11-ئەسىرلەر)

مەجىددىن مۇھەممەد بىننى ئەدنانى قاراخانىيلار دەۋرىدە ئۆتكەن تارىخچى ۋە ئەدىبدۇر. ئەدىبنىڭ «تۈركىستان ۋە چىن تارىخى» ناملىق ئەسەر يازغانلىقى مەلۇم. بۇ كىتابتا قاراخانىيلار پادىشاھلىرىنىڭ نەسەبنامىسى ۋە مەشھۇر شەخىسلەر تونۇشتۇرۇلغان.

مەجلىسى (16-ئەسىر)

شائىر مەجلىسى 16-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ياشىغان ۋە زوھۇرىدىن مۇھەممەد بابۇرنىڭ ھۇزۇرىدا بىر مەزگىل خىزمەت قىلغان. شائىرنىڭ «قىسسەئى سەيفۇلمۈلۈك» ناملىق 1533-يېزىلغان ئېپىك داستانى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن. شائىرنىڭ يەنە «سەيفۇلمۈلۈك-بەدىئۇلجامال» دېگەن داستانىمۇ بار.

مەشرەپ (1657-1711)

بابارەھىم مەشرەپ 1657-يىلى نەمەنگان شەھەر ئەتراپىدىكى موللا ۋەلى ئىسىملىك بۆزچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا قەشقەرگە كېلىپ ئاپپاق خوجىغا شاگىرت بولۇپ، ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا يەتتە يىل تۇرغان. لېكىن ئاپپاق خوجا تەرىپىدىن ئېغىر تەن جازاسىغا ئۇچراپ سەرگەردانلىق ھاياتىنى باشلىغان. ھىجىرىيە 1123- يىلى (مىلادىيە 1711-يىلى) فېئودال روھانىيلارنىڭ تىل بىرىكتۈرۈپ پىتنە-ئىغۋا قىلىشى سەۋەبلىك قۇندۇز شەھىرىدە دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن. مەشرەپ ئىجادىيىتىدىن «مەبدەئى نۇر»،«دىۋان مەشرەپ»قاتارلىق ئەسەرلەر بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.

مەھمۇد قەشقىرى(1008–1105)


بۈيۈك ئالىم، تىلشۇناس، شاھانە ئەسەر ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››نىڭ مۇئەللىپى مەھمۇد قەشقىرى قەشقەر ئوپالدا خان جەمەتى ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىپ، بىر ئۆمۈر ئىجادىيەت،تىل تەكشۈرۈش،تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىشتىن سىرت، قەشقەردە مەدرىس ئېچىپ مۇددەرىسلىك قىلغان.
11-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باغداتقا بېرىپ،شۇ يەردە 1072-1074-يىللىرى ئۈچ توملۇق غايەت زور قامۇس‹‹دىۋانۇ لوغەتىت تۈرك›› (‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››)نى يېزىپ تۈگەتكەن. 1076-يىلى ئالىم ئۇنى قايتا تۈزىتىپ ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ 27- خەلىپىسى ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا بىننى مۇھەممەدىل مۇقتەدى بىئەمرۇللاغا تەقدىم قىلغان.
ئۇنىڭدىن باشقا ، مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ‹‹جاۋاھرۇننەھۋى فى لوغەتىت تۈرك››(تۈركىي تىللار گىرامماتكىسىنىڭ جەۋھەرلىرى)ناملىق ئەسەرنى يازغانلىقىمۇ مەلۇم،بىراق،بۇ ئەسەر بىزگىچە يېتىپ كىلەلمىگەن.
مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ‹‹دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك›› ئەسىرى-ئەينى دەۋىردىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىلى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىدىغان لوغەتلا بولۇپ قالماستىن،بەلكى شۇ دەۋىردە ياشىغان ناھايىتى كەڭ بىر زېمىندىكى ھەرخىل قەبىلىلەرنى تارىخى،ئېتنىك خۇسۇسىيەتلىرى،ئۆرىپ-ئادەت ۋە قائىدە-يوسۇنلىرى،مەدەنىيىتى ،ئەدەبىيات-سەنئىتى توغرىسىدا ئاجايىپ قىممەتلىك ماتىرىياللارنى بېرىدىغان غايەت زور مەنبە بولۇپ،مەدەنىيەت تارىخىمىزدىكى ئۆچمەس نامايەندە سۈپىتىدە  ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتلارغىچە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.
بۈيۈك تىلشۇناس بۇۋىمىز مەھمۇد قەشقىرىينىڭ <<تۈركىي تىللار دىۋانى >> غا قاراپ باقايلى:
<< رۇم ئۆلكىسىدىن ماچىنغىچە بولغان تۈرك ئەللىرىنىڭ بويى 5000 پەرسەخ ، ئېنى 8000 پەرسەخ (1 پەرسەخ =6.24 كېلۇمېتىر ) كېلىدۇ . بۇلارنىڭ ئورنىنى ئېنىق كۆرسىتىش ئۈچۈن ھەممىسىنى يەر يۈزى شەكىلدىكى دائىرە ئىچىدە كۆرسىتىپ ئۆتتۈم >>.
ئۇلۇغ بۇۋىمىز مەھمۇد قەشقىرى يۇمۇلاق شەكىلدىكى خەرىتىنىڭ چۆرىسىدە شەرق ، غەرپ ، جەنۇب، شىمال يۆلىنىشلەر، تەرەپلەر بەزى دېڭىزلار ۋە دەريالار كۆرسىتىلگەن، ياپۇنىيەگە كەلگەندە مۇنداق دەيدۇ : << جابىرقا( ياپۇنىيەنىڭ كونا ئاتىلىشى) -ياپۇنىيىلىكلەر يىراقتا جايلاشقانلىقى ماچىن بىلەن ئۇلارنى چوڭ دېڭىزلار ئايرىپ تۇرغانلىقى ئۇلارنىڭ تىللىرى بىزگە مەلۇم ئەمەس >> دەپ كۆرسىتىلگەن .تۇنجى ياپۇنىيە خەرىتىسىنىڭ 11-ئەسىردە ئۇلۇق بوۋىمىز مەھمۇد قەشقىرى تەرىپىدىن ئۆلچەملىك سىزىلغانلىقى بىر تەۋرەنمەس پاكىتتۇر ..
‹‹دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك›› ئەسىرى 11-ئەسىر ئەدەبىي ھاياتى ۋە ئەدىبىياتى توغرىسىدا بىر قەدەر ئومۇمىي مەلۇمات بېرىدىغان يىگانە مەنبەدۇر.ئەسەردە نەقىل قىلىنغان ئۈچ يۈزدىن ئارتۇق شىئېر،قوشاق ۋە زور بىر تۈركۈم ماقال-تەمسىللەردىن شۇ دەۋردىكى ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ گۈللەنگەنلىكىنى،خېلى يۇقىرى سەۋىيىلىك ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە ئەدىپلەر مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ،شۇنداقلا مەھمۇت قەشقىرىنىڭ بىر ئەدەبىياتشۇناس سۈپىتىدە بۇ شىئېر – قوشاقلارنى ئۆگۈنۈپ تەتقىق قىلغانلىقىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ.
ئالىم 11- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرى ئەتراپىدا باغداتتىن قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ ئاخىرقى ئۆمرىنى ئوپالدا ئۆتكۈزگەن . ئوپالدا مەدرىسە مەھمۇدىيە ناملىق بىر مەدرىسىنى بىنا قىلىپ ئۆزى مۇددەرىسلىك قىلغان . ئالىمنىڭ ئېنىق تۇغۇلغان ۋاقتى ۋە ۋاپات بولغانغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق، ئەمما 97يىل ئۆمۈر كۆرۈپ ئوپالغا دەپنە قىلىنغانلىقى مەلۇم.

مەھمۇد جوراس (17-ئەسىر)

تارىىچى ۋە ئەدىب شاھ مەھمۇد جوراس تەخمىنەن 17-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرى يەركەندە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى مىرزا فازىل جوراس يۇقۇرى ئابرويغا ئىگە كىشى بولۇپ، سەئىدىيە خانلىقى ئوردىسىدا موھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئەدىب بىزگە يېتىپ كەلگەن «تارىخى شاھ مەھمۇد جوراس» ناملىق ئەسەرنى يەركەن ئەمەلدارى ئىركە بەگنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 1672-يىلىدىن 1676-يىلىغىچە يازغان. «تارىخى رەشىدى-زەئىلى»نى 1686-يىلى يېزىپ چىققان.

مەھمۇد خان (؟-1509)

شائىر مەھمۇدخان يۇنۇسخاننىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ،1487-يىلى دادىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ،غەربىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ سۇلتانى بولغان. ئۇ تۈركىي ۋە پارىس تىلىدا خېلى كۆپ شېئىرلارنى يازغان. «چىڭگىز نامە» دە شائىرنىڭ بىر نەچچە مىسرا شېئىرى خاتىرىلەنگەن. شائىر 1509-يىلى شەيبانىخانغا قارشى ئۇرۇشتا يېڭىلىپ، خوجەند دىگەن جايدا ئالتە ئوغلى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن.

مەھمۇد ھېكىمبەگ (1814-1907)

ئەدىبنىڭ ئەسلى ئىسمى مەھمۇدخان بولۇپ،1814-يىلى ئاتۇش مەشھەدتە تۇغۇلغان. 1857-يىلى تۇغقانلىرى بىلەن پەرغانىگە چىقىپ كەتكەن. 1864-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ سىدىقبەگكە مەسلىھەتچى بولغان. 1876-يىلى قەشقەرنىڭ ھەكىمبېگى بولغان. بىر مەزگىل قارىلىنىپ قۇمۇلغا پالانغان. 1907-يىلى ئۆز يۇرتىدا ۋاپات بولغان. شائىر خېلى كۆپ شېئىرلارنى يازغان. ئۇنىڭ بىر قىسنى ئەل ئىچىگە كەڭ تارقالغان.

مەھمۇد قارى (1862-1910)

شائىر مەھمۇد قارى 1862-يىلى خوتەن شەھىرىدە موللا مۇھەممەد شەمسىدىن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. يەركەن، ئاقسۇ، قوقەنت قاتارلىق شەھەرلەردە ھايات كەچۈرگەن. 1910-يىلى ئۆز يۇرتىدا ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ «دىۋان قارى» ناملىق توپلىمى بار.

مەھزۇن  (18-ئەسىر)

مەھزۇن 18-ئەسىردە خوتەندە ياشاپ ئۆتكەن شائىرلارنىڭ بىرى. شائىر يېشى 50تىن ئاشقاندا ئۆزيۇرتىدىن جاھانكەچتى بولۇپ، يەركەن، قەشقەر، ئاقسۇ، كۇچالارنى كەزگەن. شائىرنىڭ «دىۋان مەھزۇن» ناملىق توپلىمى بار. شائىرنىڭ ئەسلى ئىسمى ئىسمائىل بولۇپ، مەھزۇن ئۇنىڭ تەخەللۇسى ئىدى.

موللا باقى (1842-1917)

شائىر موللا باقى 1842-يىلى كۇچا ناھىيەسىنىڭ كان كەنتىدە تۇغۇلغان.ئۇ كېيىن مۇددەررىسلىك قىلغان. 1917-يىلى 75 يېشىدا ۋاپات بولغان. شائىرنىڭ «بەگ بىلەن قوي ھەققىدە»، «كەلتۈرمىشىم» ، «قىمارۋازنىڭ ھەسرىتى» قاتارلىق شېئىرلىرى بىزگىچەيېتىپ كەلگەن.

موللا سالىھ

رېئالىست شائىر موللا سالىھ ھىجىرىيە 1157-يىلى (مىلادىيە 1742-يىلى) قاراقاش ناھىيەسىنىڭ تۇخۇلا يېزىسى مەڭلەي كەنتىدە تۇغۇلغان ۋە شۇيەردە ياشىغان. ئۇنىڭ «موللا سالىھنىڭ چېچەكنى ھەجۋىي قىلغانى» ناملىق مۇخەممىسى تىپىك ئەھمىيىتكە ئىگە.

موللا شاكىر (1805-1870)

رېئالىست شائىر موللا شاكىر 1805-يىلى ئاقسۇدا تۇغۇلغان. ئاساسلىق ھاياتى ئاقسۇ، ئۈچتۇرپانلاردا ئۆتكەن. ھىجىرىيە 1283-يىلى (مىلادىيە 1867-يىلى)«زەفەر نامە» داستانىنى يازغان.1870-يىلى ئۈچتۇرپاندا ۋاپات بولغان.

موللا فازىل (1652-1710)

ئەدىب موللا فازىل يەركەن خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ياشاپ ئۆتكەن. ئۇ 1652-يىلى تۇغۇلغان. ئاخىرقى ئۆمرىنى سوپۇنچىلىق كەسپى بىلەن ئۆتكۈزگەن.شائىرنىڭ «لەيلى-مەجنۇن» داستانى ھىجىرىيە 1117-يىلى (مىلادىيە 1705-يىلى )يېزىلغان. ئۇنىڭ تەخەللۇسى «كىچىك» ئىدى.

موللا ئابدۇل ئەلىم (18-ئەسىر)

موللا ئابدۇل ئەلىمنىڭ تەخەللۇسى «شائىر ئاخۇن» بولۇپ، 18-ئەسىردە ياشىغان. شائىرنىڭ مىلادىيە 1756-يىلى يازغان «ئىسلامنامە»ناملىق تارىخىي داستانى بار.

موللا مۇھەممەد تۆمۈر

بۇ ئەدەبىي تەرجىمان ھىجىرىيە 1130-يىلى (مىلادىيە 1717-يىلى) «كەللىلە ۋە دېمىنە» ناملىق ئەسەرنى پارس تىلىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمەقىلىپ، ئەينى دەردىكى قەشقەر ھۆكۈمرانى ئىمام مۇھەممەدنىڭ نامىغا ئاتاپ ئۇنىڭغا «ئاسارى ئىمامىيە» دەپ قوشۇمچە ماۋزۇ قويغان. 1709-يىلى پارس يازغۇچىسى ھۈسەيىن ۋائىزنىڭ «ئەخلاقۇل مۇھىنىسىن»ناملىق دىداكتىك ئەسىرىنى تەرجىمە قىلىپ چىققان.

موللا ئەلى قۇشچى (1835-1902)

شائىر موللا ئەلى شايار ناھىيەسىدە موللا مۆئمىن ئىسىملىك دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 30ياشلارغا كىرگەندە، شايار ھۆكۈمرانى قادىر ھېكىمبەگنىڭ مىرزىسى بولغان. 1902-يىلى ئۆزيۇرتىدا ۋاپات بولغان. شائىرنىڭ «دىۋان ئەلى» ناملىق توپلىمى بار.

موللا سەئىدۇللا (1840-1913)

شائىر موللا سەئىدۇللا 1840-يىلى يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ تېۋىز يېزىسىدا تۇغۇلغان. 50ياشلارغا كىرگەندە كەشمىرگە بارغان. كېيىن يەركەن، پوسكاملاردا ياشىغان. 1913-يىلى پوسكامدا ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ ئاز بىرقىسىم شېئىرلىرى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.

موللا سۈپۈرگى


شائىر سۈپۈركى سانجارى ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم ئىلمىي ئەمگەكلىرى




ئابدۇقادىر سادىر

1846- يىلى باش كۈز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە گۇما ناھىيسىنىڭ ھازىرقى گۇما بازىرىغا قاراشلىق «سانجار» كەنتىدىكى توختى موللامنىڭ ئائىلىسىدە بىر ئوغۇل دۇنياغا كۆز ئاچتى. بۇ ئوغۇل كېيىنكى چاغلاردا سان- ساناقسىز ئىلمى ئەمگەكلىرى بىلەن شۆھرەتلەنگەن. 19 – ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئاخىرقى نەمايەندىلىرىدىن بىرى بولغان دىموكىرات شائىر موللا سۈپۈركى بىننى موللا توختى سەنجارى (غېرىبى) ئىدى.
كىچىك سۈپۈركى ناھايىتى زېرەك، ئەقىللىق چوڭ بولدى. تەلەپچان ئاتا ئۇنىڭ دەسلەپكى بىلىم ئاساسىنى ئۆزى ئورناتماقچى بولۇپ، ئۇنى تەربىيىسى ئاستىغا ئالدى. سەككىز يېشىدا مۇنتىزىم تەربىيە ئېلىشقا باشلىغان سۈپۈركى ئون يېشىغىچە دادىسىنىڭ بىۋاستە تەربيىسى ئاستىدا دەسلەپكى ئوقۇش- يېزىشتىن ئۆتۈپ مۇقەددەس كىتاپ «قۇرئانى كېرىم»نى ئۈچ قېتىم قايتىلاپ ئوقۇپ توختىدى. ئەمدى ئۇ تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئوقۇشى، ئۆزى ئۈچ قېتىم ئۆتكۈزگەن قۇرئان ئەقىيدىلىرى ۋە ئۇنىڭدا تىلغا ئېلىنغان تالاي قىسسەلەرنىڭ تەكتىگە يىتىشى، ئۇنىڭدىكى بىلىملەر قېتىغا تېخىمۇ ئىچكىرلەپ چۆكىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە تىل، ئەدەبىيات، ھېساب، ئىلمى نۇجۇم، تىبابەت...بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ تاكامۇل بىر يىگىت بولۇپ چىقىشى كىرەكىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن توختى موللام ئۇنى گۇمىدىكى بىر نەچچە نوپۇزلۇق مەدرىسلەرنىڭ بىرى بولغان «ئىبراھىم ئەلەمئاخۇنۇم» نامىدىكى مەدىرىسىگە ئاپىرىپ بەردى. ئىبراھىم ئەلەمئاخۇنۇممۇ تەلەپچان، ئەستايىدىل مۇدەرس ئىدى. ياش سۈپۈركى بۇ يەردە بەش يىل ئىلىم تەھسىل قىلدى.  ئۇنىڭ يېشىغا قارىغاندا ئۆگەنگەنلىرى ھەر ھالدا كۆپ ۋە مۇكەممەل ئىدى. ئەينى زاماندىكى ئىسلام مائارىپىنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك باسقۇچىدا ئىگىلەشكە تىگىشلىك ھەر خىل بىلىملەرنى ئاساسەن كۆڭۈلدىكىدەك ئېگىلەپ بولغانىدى. شۇنداق بولىشىغا قارىماي ئاتا ئارزۇسى تېخى ۋايىغا يەتمىگەندەك تۇراتتى. بەش يىلدىن كېيىن ئۇ قەدىمى مەدەنىيەت- مەرىپەت ئوچاقلىرىنىڭ بىرسى بولغان قەدېمى پايتەخت يەكەنگە - نوپۇزلۇق مۇدەرس ئابدۇلمەجىد ھېسار داموللامنىڭ مەدىرىسىگە كىلىپ، مەخسۇس شەرق كىلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشۇشنى ئاساس قىلغان بەدىئى ئەدەبىيات مۇتالىئەسى بىلەن ئىلىم تەھسىل قىلدى.
كېيىن قەشقەر خانلىق مەدىرىسىسىگە كېلىپ، مەخسۇس شەرق كىلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشۇشنى ئاساس قىلغان بەدىئىي ئەدەبىيات مۇتالىئەسى بىلەن ئىلىم تەھسىل قىلدى. قەشقەر خانلىق مەدرىسىدە تاكى 1885- يىلى (36يېشغىچە) ئوقۇپ، يەنە ئاتىسى توختى موللامنىڭ ئارزۇسى بويىچە بۇخاراغا بېرىپ ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى داڭلىق مەدەنىيەت ئوچېقىنىڭ بىرسى بولغان بۇخارا «ئوكۇلداش» مەدرىسىگە باردى. بۇ يەردە بىلىمىنى تېخىمۇ بېيىتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن شەرق كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە ئىسلام پەلسەپىسىنى سىستېمىلىق مۇتالىئە قىلدى.
سۈپۈركى سانجارنىڭ خەت- ئىملاسى ناھايىتى چىرايلىق - خۇشخەت بولۇپ چىققانىدى. ئۇنىڭ يازغان خەتلىرى ھەر قانداق ساۋاقدېشىنىڭكىدىن چىرايلىق، ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ خۇشخەت- خۇشقەلەملىكىدىن ئۇستازلىرىمۇ مەمنۇن ئىدى. ساۋاقداشلىرى ھەۋەسلىنەتتى. ئۇ، بۇخارادىكى مەزگىلىدە شەرق خەتتاتلىرىنىڭ ئەسەرلىرىگە ئەڭ زور ھېرىسمەنلىك بىلەن ئىشتىياق باغلىدى ۋە گۈزەل سەنئەتلىك خەت نۇسقىلىرىدا ئىشلەنگەن ئەسەرلەرنى، ئۆرنەك، ئوقۇشلۇقلارنى توپلاپ بىر مەھەل خۇشخەت مەشىقى ئېلىپ باردى ۋە بەلگىلىك دەرىجىدە لاياقېتى بولغان بىر مۇكەممەل خەتتات بولۇپ يېتىشىپ چىقتى. شۇنداق قىلىپ بۇ ياش زىيالى 1890- يىلى 41 يېشىدا بۇخارادىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ ئانا يۇرتى گۇمىغا قايتىپ كەلدى.
40ياش- بىر ئادەمنىڭ تازا تولغان ۋاقتى بولىدۇ. ياشلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرقى ساناقلىرىغىچە توختىماي ئىلىم تەھسىل قىلغان بۇ ئادەم ئىلىم- مەرىپەت، بىلىم بايلىقتا ھەقىقەتەن كامالىغا يەتكەنىدى. ئۇ خاس ئىلمى- نەزەرىيىۋى بىلىم ئىگەللەش بىلەنلا قالماستىن، يىتۈك شائىرمۇ بولۇپ قالغانىدى. ئۇ، بۇخارادىن قايتىپ كېلىپ دەسلەپ ناھىيە بازىرى ، كېيىن بىر قىسىم يېزا بازار مەدىرىسلىرىدە مەكتەپخانلىق ، مۇدەرسلىك قىلدى. ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللاندى. خەتتاتلىق، كىتاب تۈپلەش- مۇقاۋىلاش سەنئەتلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللاندى.
شائىر سۈپۈركى سانجارى قەشقەر خانلىق مەدىرىسىسى، بۇخارادىكى «ئوكۈلداش» مەدىرىىسلىرىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە تىل ئۆگىنىشكە ئالاھىدە ئىتىبار بىلەن قاراپ، ئەينى زامان ئەدەبىياتىدا كۆپرەك ئېقىۋاتقان ئەرەپ، پارس، ئوردۇ تىللىرىنى بىر قەدەر پىششىق، مۇكەممەل ئۆگەنگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تىل ئۈگىنىش جەريانىدا ئۇچراشقان، كۆرگەن- ئوقۇغان باشقا تىللاردىكى نۇرغۇن نادىر ئەسەرلەرنى تۈركى تىلغا تەرجىمە قىلىپ ئۆز ئىلىگە، خۇسۇسەن ئۇيغۇر قەۋىملەرگە تونۇشتۇرۇشتىن ئىبارەت بىر ئۇلۇغ پىلاننى كۆڭلىگە پۈككەن ئىدى. دېمىسىمۇ، ئۇيغۇر-تۈركى خەلقلىرىگە نامەلۇم بولغان ئەرەپ، پارس، ئوردۇ تىللىرىدىكى ئەدەبىيات- سەنئەت، دىني پەلسەپە، مائارىپ، تەلىم- تەربىيە، ئەدەپ- ئەخلاق، ھىكمەت- ئەقلىيە، تىبابەت، ئىلمى نوجۇم، ئىلمى كىمىيا... كەبى بىلىم دىڭىزىنىڭ ئۈنچىلىرى ناھايىتى كۆپ ئىدى. مانا شۇ مول بىلىم ئۈنچىلىرىدىن ئۇيغۇر تالىپ-تالىبەلىرىنى خەۋەرداش قىلىش شائىر ئۈچۈن ئەبەدىيلىك بىر ئەھمىيەتلىك تېمىلارنىڭ بىرسى ئىدى. شۇ سەۋەب ئۇ، بۇخارادىن كىلىپلا ئۆزىنىڭ خەتتاتلىقتىكى ماھارىتىگە بىرلەشتۈرۈپ كۆچۈرمە ۋە تەرجىمىچىلىك (خەتتاتلىق ۋە ئەدەبى تەرجىمە) ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. دەسلەپ ئۆزى تاللىغان تېمىلار، كېيىن باشقىلارنىڭ ھاۋالىسى ئاساسىدا نۇرغۇن ئەدەبى ئەسەرلەر (قىسسە- داستان،چۆچەك- رىۋايەتلەر،شئىر- دىۋانلار)نى،ئىسلام پەلسەپىسى، دىنىي ئەقىدات، تارىخ- جۇغراپىيە، ئىسلام قانۇن- پەتىۋالىرى، ئۆگۈت- نەسىھەتكە ئوخشاش تالاي- تالاي كىتاپلارنى ئەرەپ تىلى ياكى پارىس تىلىدىن تۈركى (ئۇيغۇر تىلىغا) تەرجىمە قىلدى. شائىرنىڭ تەرجىمە قىلغان، خۇشخەت قەلىمى بىلەن بىر ھەرپ- بىرھەرپتىن بېزىپ چىققان ئەسەرلىرى ناھايىتى نۇرغۇن ئىدى. ئۇنىڭ 365 كۈننىڭ ھەر بىر سائىتى، ھەر بىر دەقىيقىسى شىرە ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ خەت يېزىىش (ئىجادىيەت ۋە كۆچۈرۈش) بىلەن ئۆتەتتى.
كېيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندە شائىرنىڭ ئىلمى ئەمگەكلىرى جۈملىسىگە يەنە بىر ئەھمىيەتلىك ئىش قوشۇلدى. ئۇ بولسىمۇ قول بىلەن ئىشلىنىدىغان ئىپتىدائى «نەشرىياتچىلىق» - كىتاب تۈپلەش ۋە مۇقاۋىچىلىق كەسپى ئىدى. يېزىپ، كۆچۈرۈپ تۈپلىگەن كىتابقا چىرايلىققىنا ئىشلەنگەن لىباس- مۇقاۋا بولمىسا بولمايتتى. شائىر پاكىستان، ئافغانىستان قاتارلىق جايلاردىن بىر يۈرۈش مۇقاۋىچىلىق ۋە تۈپلەش سايمانلىرىنى ئەكەلدۈرۈپ، ئائىلىسىدە بىر تەرەپتىن يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن تۈپلىگەن كىتاپلىرىغا كۆن- خۇرومدىن قاتتىق مۇقاۋا ئىشلەپ، تولىمۇ سۈپەتلىك ھالدا مۇقاۋىلاپ چىقاتتى. كېيىن بۇ كەسىپمۇ روناق تاپتى. ئۆزى تۈپلىگەن كىتاپلارغىلا ئەمەس، چەتئەلدىن- (پاكىستان، ئافغانىستانلاردىن) كەلگەن زاكازلار بويىچە يىل بويى مۇقاۋا ئىشلەپ ئەشۇ يەرلەرگە ئاپىرىپ كىشىلەرنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇراتتى. شائىرنىڭ ئۆزى ئىشلىگەن كۆن مۇقاۋىغا ماركا ئورنىدا ئىشلىتىدىغان «سانجار غېرىبى» ناملىق مەخسۇس پولات تامغىسى بولۇپ، ئەشۇ يىللاردىلا توۋار ماركىسى ئېڭىنى شەكىللەندۈرگەن (شائىرنىڭ ئۆز نامىدىكى ئەشۇ تامغىسى بېسىلغان مۇقاۋىلىق كىتاپلارنىڭ بىرنەچچە ئەۋرىشكىسى ھېلىمۇ بار)

موللا سىدىق يەركەندى

ئۇ 18-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمى ۋە 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يەركەندە ياشىغان ئەدىبتۇر. ئەدىب ھىجىرىيە 1228-يىلى (مىلادىيە 1813-يىلى) يەكەن ھاكىمبېگى مىرزا مۇھەممەد ھۈسەيىن بەگنىڭ ھاۋالىسى بىلەن «خەمسە نەۋائى» نى نەسىرلەشتۈرۈپ چىققان. خىسراۋ دىھلىۋىنىڭ «چاھار دەرۋىش» ناملىق ئەسىرىنى پارسچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان.

موللا مۇسا سايرامى (1836-1917) موللا مۇسا بىننى موللا ئەيسا خوجا سايرامى 1836-يىلى ئاۋغۇستتا باي ناھىيەسىنىڭ سايرام رايونىدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى موللا ئەيسا خوجا مەرىپەتپەرۋەر دىنىي زات بولغاچقا، ئوغلى مۇسانى 11،12يېشىدا كۇچادىكى سامساق مەدرىسىسىگە بەرگەن. موللا مۇسا 1864-يىلىدىكى كۇچا دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. كېيىن ئاقسۇدا 40يىل تۇرغان. 1917-يىلى 4-ئايدا سايرامدا ۋاپات بولغان. موللا مۇسا ئۆز ئۆمرىدە «تەزكىرەتۇل ئەۋلىيا» ، «دەر بايان ئەسھابۇلكەھف» ، «تارىخى ئەمىنىيە» ، «تارىخى ھەمىدىيە»، «دىۋانى مەسنىۋى» ، «سالامنامە» ، «تەزكىرەئى خوجا ئافاق» ، «فەرھاد ۋە شېرىن» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.

موللا زەيدىن (1815-1880)

ئەدىب موللا زەيدىن ھىجىرىيە 1230-يىلى پىچانناھىيەسىنىڭ لۈكچۈنگە قاراشلىق ناغرا يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 11-12ياشلارغا كىرگەندە مەدرىسىلەردە ئوقۇغان. ئەپرىدىن ۋاڭ ئوردىسىدا بىر مەزگىل تۇرغان. كۆپ قىسىم ھاياتىنى ياقا يۇرتلاردا ئۆتكۈزگەن. ھىجىرىيە 1297-يىلى (مىلادىيە 1880-يىلى) لۈكچۈندە ۋاپات بولغان.موللا زەيدىننىڭ خېلى كۆپ لەتىپە ۋە «ئالمىخان قوشىقى» قاتارلىق ئەسەرلىرى خەلق ئىچىگە كەڭ تارقالغان.

موللا توختى

بۇ،19-ئەسىردە ئاقسۇنىڭ ئارال يېزىسىدا ياشاپ ئۆتكەن رېئالىست شائىردۇر. ئۇ 1840-يىللاردا «ئەرزىيەت» ناملىق چوڭ ھەجىملىك شېئىرىنى يازغان

موللا قۇربان

موللا قۇربان 19-ئەسىردە خوتەن كېرىيەدە ياشاپ ئۆتكەن شائىر بولۇپ،ئۇنىڭ 1850- يىللاردا يازغان «داستانى ئىمام جەفەرى سادىق» ناملىق ئەسىرى بار.

موللا مۆئىمىن يەركەندى (18-ئەسىر)

موللا مۆئىمىن خوجا جاھان ئەرشى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللەردە، يەكەندە ياشاپ ئۆتكەن ئەدىبلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ خوجا ئابدۇللانىڭ ئىككىنچى ئوغلى خوجا يۈسۈپ دېگەن كىشىنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكى ، قەشقەردە ئەمەل تۇتقانلىقى مەلۇم.

        موللا مۇھەممەد سىيىتنىياز (1831-1931)


ئەدەبىي تەرجىمان موللا مۇھەممەد 1831-يىلى تۇرپان لۈكچۈندە تۇغۇلغان. ياشلىق مەزگىلىدە كۇچا ۋە قەشقەردىكى مەرىسىلەردە بىلىم ئالغان. كېيىن لۈكچۈن خانلىق مەدرىسىسىدە مۇدەررس بولغان. 1931-يىلى ۋاپات بولغان. ئەدىب «مەلۇماتى ئافاق» نى تەرجىمە قىلغان.

موللا مۇھەممەد نىياز

موللامۇھەممەد نىياز 19-ئەسىردە يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ قونساق كەنتىدە تۇغۇلۇپ، شۇ يەردە ياشاپ ئۆتكەن شائىر دۇر. شائىر ھىجىرىيە 1273-يىلى (مىلادىيە 1856-يىلى) «مەنسۇر» داستانىنى يازغان.

موللا مۇھەممەد نىياز يەركەندى

بۇ ئەدىبنىڭ تولۇق ئىسمى موللا مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇرۇسۇل بولۇپ، ئۇ يەركەندە تۇغۇلۇپ،كېيىن خوتەندە بىر مەزگىل ئىستىقامەت قىلغان. ئۇ 1858-يىلى «قىسسەسۇل غەرايىب» ناملىق ئەسەرنى يازغان. ئۇ يەنە 1846-يىلى «تارىخى رەشىدى»نى پارىسچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان.

موللا ئەلى قۇشچى

موللا ئەلى 19-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ياشاپ ئۆتكەن شائىردۇر.ئۇنىڭ قۇشچىلىق ۋە ئوۋچىلىق تېماقىلىنغان «بازنامە» ناملىق ئەسىرى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.

موللا توختى غېرىبى

شائىر موللا توختى 1861-يىلى خوتەن لوپ ناھىيەسىنىڭ جىيا يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1951-يىلى ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ «تۆھپەتۇل ئۇششاق سانى» ناملىق كىتابى بار.

موللا مىر سالىھ

سالىھ تەخەللۇسلۇق بۇ ئەدىب 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 19-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا قەشقەردە ياشاپ ئۆتكەن تارىخچى ۋە ئەدىبتۇر. ئەدىبنىڭ «چىڭگىزنامە» ناملىق يىرىك ئەسىرى بار.

موللا نىياز (17-،18-ئەسىرلەر)

ئەدىب ۋە تارىخچى موللا نىياز 1777-يىلى خوتەن شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ھىجىرىيە 1211-يىلى (مىلادىيە 1797-يىلى) «تەزكىرە ئى ئىمام زەبىھۇللا» نى يازغان.

موللا بىلال نازىمى (1824-1899)

موللا بىلال ئىبنى يۈسۈپ (نازىمى) غولجا شەھىرىدە قول ھۆنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. غولجىدىكى بەيتۇللا مەدرىسىسىدە ئوقۇغان. 1864-يىلىدىكى ئىلى دىھقانلار قوزغىلىڭىغا قاتناشقان، 19-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى چارروسىيە ئىشغالىيىتىدىكى ياركەنت شەھىرىگە كۆچۈپ كەتكەن. 1899-يىلى ئاشۇ يەردە ۋاپات بولغان. شائىرنىڭ «غەزىلىيات» ناملىق توپلىمى، «غازات دەر مۈلكى چىن» ، «چاڭموزا يۈسۈپخان» ، «نۇزۇگۇم» قاتارلىق كۈچلۈك رېئالىستىك روھقا ئىگە داستانلىرى بار.

موللا ھاجى (18-،19-ئەسىر)

ئۇ، 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە قەشقەردە ئۆتكەن ئەدىبتۇر. ئەدىب مىلادىيە 1829-، 1830- يىلى «تەزكىرە ئى بۇغرا خان» ناملىق ئەسەرنى يازغان.

موللا ئالاۋىدىن غېرىبى

شائىر موللا ئالاۋىدىن تەخمىنەن 1880-يىلى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيە ئوپال يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئوپالدىكى كۆكچى لاي پەشتاق مەدرىسە ۋە قەشقەر خانلىق مەدرىسىسىدە ئوقۇغان. ئەدىب «دىۋان غېرىبى» ناملىق توپلامنى يازغان.

موللا ھەيدەر (18-ئەسىر)

موللا ھەيدەر (تەخەللۇسى مىسكىن) 18-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كۆزگە كۆرۈنگەن شائىر ۋە ئەدەبىي تەرجىماندۇر. ئۇ خوتەن (ئىلچى) دىن بولۇپ، ئەينى زاماندا خوتەن ھۆكۈمرانى ئەمىر ئەزىز نىڭ ھوزۇرىدا كاتىپ بولۇپ ئىشلىگەن. موللا ھەيدەر 18- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا «جەڭنامەئى ھەزرەت ئىلى» ، «رەۋزەتۇش سۇھۇدا» داستانلىرىنى يازغان. «ئەمىر بابا مۇسلىم» ناملىق ئەسەرنى پارسچىدىن تەرجىمە قىلغان.

موللا يۇنۇس يەركەندى (18-ئەسىر)

موللا يۇنۇس 18-ئەسىردە يەركەندە ياشاپ ئۆتكەن ئەدەبىي تەرجىماندۇر. ئۇ ئابدۇراخمان جامىنىڭ «يۈسۈپ - زىلەيخا» داستانىنى مىلادىيە 1755-يىلى پارس تىلىدىن ئىجادىي تەرجىمە قىلىپ «مۇھەببەت نامە» دېگەن نام بىلەن ئوتتۇرىغا چىقارغان.

مۇھەممەد تۆمۈر قاراقاشى

ئۇ 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 19-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا قاراقاشتا ياشاپ ئۆتكەن ئەدىب ۋە تارىخچىدۇر. شائىرنىڭ ھىجىرىيە 1234-يىلى (مىلادىيە 1820-يىلى) يازغان «تەزكىرەتۇل رىشات» داستانى بار.

مۇھەممەد بىننى ئابدۇللاخان مەھدۇم

بۇ، 18-ئەسىردە ئاقسۇدا ياشىغان داڭلىق ئەدەبىي تەرجىماندۇر. ئۇ ئۆز ھاياتىدا «مىڭ بىر كېچە» نى ئەرەپ تىلىدىن تەرجىمە قىلغان.

مۇھەممەد تۆمۈر كاشىغەرى

بۇ 17-، 18- ئەسىرلەردە قەشقەردە ياشاپ ئۆتكەن شائىر ۋە ئەدەبىي تەرجىماندۇر. ئەدىب ئۆز ھاياتىدا «كەلىلە ۋە دېمىنە» ، «يۈسۈپ-زىلەيخا» ، «ئەخلاقۇل مۇھىنسىن» قاتارلىق ئەسەرلەرنى پارسچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان.

مۇھەممەد بىننى ئەلى جاففار (12-ئەسىر)

مۇھەممەد بىننى ئەلى جاففار قارا خانىيلار دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن سەمەرقەنتلىك ئەدىب ۋە تارىخچىدۇر. ئەدىبنىڭ قاراخانىيلار خانى مەسئۇد بىننى ئەلى قېلىچ تابغاچ خان _1156-،1162-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) غا بېغىشلاپ يازغان «دۆلەت سىياسىتىنىڭ ئاساسىي ئۆلچەملىرى» ناملىق ئەسىرى بارلىقى مەلۇم.

مۇھەممەد سىدىق رەشىدى (1715-؟)

ئەدىب مۇھەممەد سىدىق (رەشىدى- تەخەللۇسى) 1715-يىلى ئاتۇشتا تۇغۇلغان. ئەدىب مىلادىيە 1785-يىلىدىن 1787- يىلىغىچە پەند-نەسىھەت خاراكتېرىدىكى دىداكتىك ئەسىرى «سىدىقنامە» نى يېزىپ چىققان.

مۇھەممەد سادىق كاشىغەرى

ئەدىب ۋە تارىخشۇناس مۇھەممەد سادىق 1740-يىلى قەشقەردە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. قەشقەردىكى«ساجىيە مەدرىسە»سىدە ئوقۇغان. بىر مەزگىل قەشقەر شەرئى مەھكىمىسىنىڭ قازىسى بولغان. 1849-يىلى قەشقەردە بىرقېتىملىق سىياسىي توپىلاڭدا ئۆلتۈرۈلگەن. ئەدىب ئۆز ئۆمرىدە «تەزكىرەئى ئەزىزان» ، «ئەدەبۇسسالىھىن» ، «زەبدەتۇل مەسائىل ۋەل ئەقائىد»، «تەزكىرەئى ئەسھابۇلكەھف» ، «تارىخى ئىسكەندىرىيە ۋە تاجىنامەئى شاھ» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.

مۇھەممەد سادىق كاشىغەرى

ئەدىب ۋە تارىخشۇناس مۇھەممەد سادىق 1740-يىلى قەشقەردە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. قەشقەردىكى«ساجىيە مەدرىسە»سىدە ئوقۇغان. بىر مەزگىل قەشقەر شەرئى مەھكىمىسىنىڭ قازىسى بولغان. 1849-يىلى قەشقەردە بىرقېتىملىق سىياسىي توپىلاڭدا ئۆلتۈرۈلگەن. ئەدىب ئۆز ئۆمرىدە «تەزكىرەئى ئەزىزان» ، «ئەدەبۇسسالىھىن» ، «زەبدەتۇل مەسائىل ۋەل ئەقائىد»، «تەزكىرەئى ئەسھابۇلكەھف» ، «تارىخى ئىسكەندىرىيە ۋە تاجىنامەئى شاھ» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.

مۇھەممەد ۋەلىد مىر ئەھمەد شەيخ

ئەدىبنىڭ تەخەللۇسى غېرىبى ، ئۇ 19-ئەسىردە قەشقەردە ياشاپ ئۆتكەن شائىر ۋە تارىخچى ئۇنىڭ «تارىخنامەئى يەقۇبخان» ناملىق كىتابىنىڭ قوليازمىسى پېتىربۇرگ ئىرمىتاژ مۇزېيىدا ساقلانماقتا.

مۇھەممەد مۇسا خارەزمى(780-850)

ئوتتۇر ئاسىيا ئوغۇزلىرىدىن چىققان بۈيۈك ئالىم ۋە ئەدىب خارەزمى 780-يىلى خىۋە شەھىرىدە تۇغۇلغان. 20ياشلاردا باغداتقا كېلىپ ئۆزىنىڭ ئىلمىي پائالىيىتىنى باشلىغان. 850-يىلى باغداتتا ۋاپات بولغان. خارەزمى «مۇختەسەر سىندى ھىندى» ، «ئەلجەبىر ۋە موقەبەلا» ، «ئاسترونومىيىلىك جەدۋەل» ، «قۇياش سائىتى ھەققىدە رىسالە» ، «يەر تەسۋىرى كىتابى» ، «يەھۇدىيلارنىڭ تارىخى ۋە ئۇلارنىڭ بايراملىرىنى بەلگىلەش» قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلەرنى يازغان .

مۇھەممەد خوجا نىزامىدىن

18-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 19-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا قاراقاشتا ياشىغان ئەدەبىي تەرجىماندۇر. ئەدىب مىلادىيە 1837-يىلى فىردەۋسنىڭ «شاھنامە» داستانىنى پارسچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان.

مۇھەممەد غېرىب شەھيارى (19-ئەسىر)

ئەدىبنىڭ ئەسلى ئىسمى مۇھەممەد دۆلەت خوجا يار ئوغلى بولۇپ، 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شايارناھىيەسىدە ياشاپ ئىجادىيەت ئېلىپ بارغان . شائىر«شەھيارى»، «غېرىبى» دېگەن تەخەللۇسلارنى قوللانغان. ئۇنىڭ «ئىشتىياقنامە» ناملىق داستانى بار.

مۆجىزى (19-ئەسىر)

موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نىمەتۇللا مۆجىزى 19-ئەسىردە خوتەندە ياشىغان شائىر ۋە تارىخچىدۇر. ئۇ 1854-يىلى خوتەن ھۆكۈمرانى ئەلشىر ھاكىمبەگنىڭ تەشەببۇسى بىلەن «تەۋارىخى مۇسقىيۇن» ئەسىرىنى يازغان.

مۇترىبە

بۇ ، 18-ئەسىردە پەرغانىدە ياشىغان قەشقەرلىك شائىرە دۇر. ك.بىروۋكوف «تىل-ئەدەبىيات ۋە تارىخ مەسىلىلەر»ناملىق كىتابتىكى ماقالىسىدە بۇ شائىرە ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن.

مۇھەممەد مىرزا ھەيدەر (1499-1551)

ئەدىب مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كورەگانى مىلادىيە 1499-يىلى تاشكەنتتە تۇغۇلغان. 1508-يىلى دادىسى ھىراتتا شەيبانىخان تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئانىسى بىلەن بۇخاراغا قېچىپ كەلگەن. 1509-يىلى نەۋرە ئاكىسى زەھىردىن مۇھەممەت بابۇر شاھنىڭ قېشىغا كەلگە. 1513-يىلىدىن باشلاپ سۇلتان سەئىدخاننىڭ قېشىدا خىزمەت قىلغان. 1533-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا كەشمىرگە چىقىپ كەتكەن. 1551-يىلى رامىزان ئېيىدا ئۆز قوشۇنلىرى ئىچىدىكى ئىسيان چىلارنىڭ ئوقيا ئوقىدا قازاتاپقان. ئەدىبنىڭ 1542-،1544-يىللىرىغىچە يېزىلغان «تارىخى رەشىدى» ناملىق ئەسىرى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.

مۇھەممەد ئېۋەز

بۇ 18-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمى ۋە 19- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قاراقاشتا ياشاپ ئۆتكەن ئەدىبتۇر. ئۇنىڭ «مەخدۇمى ئەزەم» ناملىق ئەدەبىي تەزكىرىسى، «مەجمۇ ئەتۇل ئەھكام» ناملىق ئىنسىكلوپىدىك ئەسىرى، شۇنداقلا يەنە بىرقانچە شېئىرلىرىمۇ بار.

مۇھەممەد رۇسۇل (شەۋقى)

شائىر مۇھەممەد رۇسۇل شەۋقى ھىجىرىيە 1270-يىلى (مىلادىيە 1853-يىلى) گۇما ناھىيە سىنىڭ قوشتاغ يېزىسىدا تۇغۇلغان. شائىرنىڭ «دىۋانى شەۋقى» ناملىق توپلىمى بىزگە يېتىپ كەلگەن.

مۇھەممەد ئىمىن خوجامقۇلى ھىرقەتى(1634-1724)

شائىر مۇھەممەد ئىمىن خوجامقۇلى ھىرقەتى 1634-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ باغچى يېزىسى (ھازىرقى تازغۇن يېزىسى)دا تۇغۇلغان. ياشلىقىدا قەشقەردىكى ساچىيە مەدرىسىسىدە ئوقۇغان. 30ياشلارغا كىرگەندە دادىسى خوجامقۇلى بىلەن بىرلىكتە ئاپپاق خوجا ھوزۇرىغا كېلىپ ئۇنىڭ غا خىزمەتكار بولغان . شائىر ئۆز ئۆمرىدە «ھىرقەتى»()ئىشىق يولىدا كۆيگۇچى، قەلبى ئوت بولۇپ يانغۇچى دېگەن مەنىدە) ۋە «گومنام»(ۋەھدەتى ھۇجۇت يولىدا نامى يوقالغان دېگەن مەنىدە) دېگەن تەخەللۇسنى قوللانغان. ئۇنىڭ «مۇھەببەتنامە ۋە مىھنەتكام»ناملىق داستانى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.

مىرزا زىرەك چالىش

يەركەن خانلىقى دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن بۇشائىر قاراشەھەر (چالىش) دە تۇغۇلۇپ، ئابدۇرەشىدخان، ئابدۇلكىرىمخان (1560-يىلى،1591-يىللار) زامانىدا قەشقەرگە كۆچۈپ كېلىپ ماكانلاشقان. «تارىخى رەشىدى - زەئىلى» دە شائىرنىڭ بىرقانچە مىسرا شېئىرى خاتىر لەنگەن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھېكىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-2 22:06  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  254
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 174
تۆھپە : 0
توردا: 15
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 22:18:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ن

نادىرە (1792_1842)



نادىرە قوقان خانى ناربۇتابىك زامانىدا ئەنجان ھاكىمى  بولغان رەھمان ئائىلىسىدە(ئۇيغۇر) تۇغۇلغان. ناربۇتابىك ئۆلۈپ ھاكىمىيەت ئۇنىڭ ئوغلى ئالىمخان قولىغا ئۆتكەندە، ئۇنىڭ ئىنىسى ئۆمەرخان مەرغۇلان ھاكىمى بولغان، ئۆمەرخان 1808-يىلى نادىرەنى نىكاھىغا ئالغان. نادىرە 30 ياشقا كىرگەن مەزگىلدە،  ئۆمەرخان ۋاپات بولۇپ ئۇ تۇل قالغان. 1842-يىلى بۇخارا ئەمىرى نەسرۇللاخان قوقانغا قوشۇن تارتىپ كېلىپ نادىرەنى ئوغلى ۋە نەۋرىسى بىلەن قوشۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. شائىرەنىڭ «دىۋان نادىرە» ناملىق توپلىمى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.

ناقىس (1840-1920)

شائىر سابىر ئاخۇن بىننى ئابدۇقادىر ناقىس ھىجىرىيە 1259-يىلى (مىلادىيە 1840-يىلى) يېڭىسار بازار ئىچىگە جايلاشقان مەدرىسە كۆلبېشى مەھەللىسىدە دىنىي مۆتىۋەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.ئۇ «دىۋان ناقىس» ، «بەيس ھەكىمبەگ» ، «مەۋجۇدۇلقۇلۇب» ، «نۆللى دىمەن» ، «نەسىھەتنامە ئۇسنۇر بايانى» قاتا رلىق ئەسەرلەرنى يازغان. 1920-يىلى يېڭىساردا ۋاپات بولغان.

ناشەن (1310-1368)

ناشەن (نەي شەن دەپمۇ ئاتالغان) يۇەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قارلۇق قەبىلىسىدىن چىققان تارباغاتايلىق شائىر دۇر. ناشەننىڭ ئاتا-بوۋىلىرى چاغاتاي خان دەۋرىدە شىمالىي شىنجاڭدىن ئىچكىرىگە كۆچۈپ خېنەننىڭ نەنياڭ شەھىرىدە خىزمەت قىلغان.شائىر ئۆزى جېجاڭنىڭ نىڭبو شەھىرىدە خىزمەت قىلىپ، شۇ يەردە ياشىغان. شائىرنىڭ «ئالتۇن مۇنبەر توپلىمى» ، «جىن تەي توپلىمى» ناملىق ئەسەرلىرى بار.«يۇەن نەزمىلىرىدىن تاللانمىلار» غا ئۇنىڭ 145كۇبلېت شېئىرى كىرگۈزۈلگەن.

نۆبىتى (1697-1760؟)

لىرىك شائىر نۆبىتى ھىجىرىيە 1109-يىلى (مىلادىيە 1697-يىلى)خوتەندە تۇغۇلغان. ئۆزئۆمرىنى خوتەندە دورا پۇرۇشلۇق ۋە خەتتاتلىق بىلەن ئۆتكۈزگەن. شائىرنىڭ 1747-يىلى تۈزۈلگەن «دىۋان نۆبىتى» ناملىق توپلىمى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.

نورۇز ئاخۇن زىيائى (18-،19-ئەسىرلەر)

نورۇز ئاخۇن (تەخەللۇسى زىيائى) 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەشقەردە ئۆتكەن ئەدىبلەرنىڭ بىرى . ئۇ نىزارى بىلەن بىرلىكتە زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ دىۋانخانىسىدا كاتىباتلىق قىلغان. ئۇ 1841-يىلى نىزارى بىلەن بىرلىكتە تۇرپانغا زىيارەتكە بارغان. نىزارى بىلەن ئىجادىيەتتە قىزغىن ھەمكارلاشقان. شائىر ئۆز ئۆمرىدە «ۋامۇق ئۇزرا» ،  «مەسئۇت - دىلئارا» ، «چاھار دەرۋىش» (نىزارى بىلەن بىرلىكتە)داستانلارنى«مەھزۇنۇلۋائىزىن» ناملىق دىداكتىك توپلىمىنى يازغان.

نۇزۇگۇم (تەخمىنەن 1807-1827؟)

ۋەتەنپەرۋەر قەھرىمان ئۇيغۇر قىزى ۋە شائىرە نۇزۇگۇم (ئەسلى ئىسمى چولپانگۈل) قەشقەردە تۇغۇلغان. ئۇكىچىكىدىن چىەن ھەم نازۇك بەدەن قىز بولغاچقا «نازۇك» ياكى نۇزۇگۇم دەپ ئاتالغان. بۇ ئوت يۈرەك شائىرەنىڭ زۇلۇمغا قارشى ئىسيانكارلىق، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھ بىلەن تولغان شېئىر - قوشاقلىرى خەلقىمىز ئارىسىدا كەڭ تارقالغان.

ق

قارى بائىزى (1885-1939)



شائىر قارى بائىزى 1885-يىلى كۇچا ناھىيەسىنىڭ ياقا يېزىسىدامەرىپەتپەرۋەر تۇردى شەيخ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.1905-يىلى كۇچادىكى كۆك مەدرىسىسىدە ئىبراھىم قۇززاتتىن بىلىم ئالغان.1933-يىلى باي ناھىيەسىدە سادىق ھاجى ھاكىمغا كاتىپ بولغان. 1937-يىلى كۇچا مەھكىمە شەرئىگە قازى بولغان. 1938-يىلى شېڭ شىسەي تەرىپىدىن شېھىت قىلىنغان. شائىرنىڭ «دىۋان بائىزى» ناملىق قوليازما ئەسىرى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.

قاسىمى (18-.ەسىر)

قاسىمى 18-ئەسىردە قەشقەردە ياشىغان شائىر ۋە تارىخچىدۇر.شائىرنىڭ مىلادىيە 1799-يىلى يېزىلغان «تەزكىرەئى ئارسلانخان» ناملىق داستانىنىڭ قوليازما نۇسخىسى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن. بۇ داستاندا سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ھاياتى ۋە ئىش - پائالىيەتلىرى نوقتىلىق بايان قىلىنغان.

قالىم كەيشى (تەخمىنەن 14-ئەسىر)

قالىم كەيشى (بۇ خەنزۇچە نامى بولۇپ،ئەسلى قايىش بولۇشى مۇمكىن) قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن بۇددىزمچى شائىردۇر. ئۇنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى «قۇت قولماق» ناملىق 29كۇبلېتلىق شېئىرى دەېرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن.

قەلەمدار بەگ (1499-1569)

قەلەمدار بەگ سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە مارالبېشىدا ياشاپ ئۆتكەن تارىخچى ۋە ئەدىبدۇر. ئەدىبنىڭ ئەسلى ئىسمى ئىبراھىم بەگ بولۇپ،ئۇنىڭ ئەينى دەۋرىدە مارالبېشىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت ئورنىدا قەلەمدارلىق ئەمىلىنى تۇتۇپ خىزمەت قىلغانلىقى ھەمدە 70يېشىدا ۋاپات بولغانلىقى قاتارلىقلار يەرلىك تەزكىرىلەردە قەيت قىلىنغان. شائىرنىڭ «قارلىغاچ خېنىم»،«سائادەتنىڭ قاپقىنى»،«بەگلەرگە مەسلىھەت»،«بىلىمگە مەدھىيە» قاتارلىق شېئىرلار ۋە «دولان تارىخى» ناملىق ئىلمىي ئەسەرنى يازغانلىقى مەلۇم.

قەلەندەر (1747-؟)

شائىر قەلەندەر 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قەشقەر يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ قۇندۇز دېگەن يېرىدە تۇغۇلۇپ، كېيىنكى ھاياتىنى خوتەندە ئۆتكۈزگەن. شائىرنىڭ «دىۋان قەلەندەر» ناملىق توپلىمى بار.

قوغۇرسۇ ئالتۇن (478-567)

قوغۇرسۇ ئالتۇن مىلادىيە478-،568-يىللىرى ئارىلىقىدا ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇر شائىرىدۇر. ئۇ ئەينى دەۋردە سيانپى ۋە تۈرك-ئۇيغۇر قەبىلىلىرى بىر لىشىپ قۇرغان شىمالىي چى(500-570) خانلىقىدا دۆلەت ئەربابى بولغان. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قوغۇر سۇ قەبىلىسىدىن بولۇپ، ئىسمى ئالتۇن ئىدى. قوغۇرسۇ ئالتۇننىڭ ئىجادىيىتىدە «تېلى قوشىقى» ناملىق بىر پارچە شېئىرى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.

قۇل ئەلىم (1879-1951)

قۇل ئەلىم قاغىلىق تەۋەسىدە ياشىغان شائىر بولۇپ، ئۇنىڭ تەخەللۇسى «ئامى زەئىف»ئىدى. شائىرنىڭ «دىۋان تەجرىد» ناملىق لىرىك توپلىمى، «تۆتنامە» ناملىق داستانى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.

قىدىرخان ياركەندى(؟-1572)

يەكەن خانلىقى دەۋردە ئۆتكەن مۇقامشۇناس ۋە شائىر يۈسۈپ قىدىرخان يەركەندىنىڭ ھاياتىغا ئائىت ئۇچۇرلار ناھايىتى ئاز. مۆجىزى ئۆز ئەسىرىدە قىدىرخاننى «مۇزىكا ئىلمىنىڭ 13-پىرى ئىدى. ئابدۇرەشىد خاننىڭ ئەڭ يېقىن ئوردا ئەمەلدارى ئىدى» دەپ تەرىپلىگەن.
  قىدىرخان يەركەندى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن چەت ئەللىك تالىپلارغا مۇزىكا ئىلمىدىن دەرس بەرگەن. ئۇ يەنە ئاماننىساخاننىڭ ئۇستازى بولۇپ، ئاماننىساخان قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە «ئون ئىككى مۇقام» نى رەتلەش،سىستېمىلاشتۇرۇش جەھەتتە مۇھىم ئەمگەكلەرنى قىلغان. راۋابنى ئىسلاھ قىلغان. ھەشتار ناملىق سەككىز تارىلىق چالغۇ ئەسۋابىنى كەشىپ قىلغان.«ۋىسال» ناملىق بىر كۈينى ئىجاد قىلغان. «دىۋان قىدىرى» ناملىق توپلىمىنى تۈزۈپ چىققان.

قىسۇرى (1717-1827)

موللا ئەھمەد غوجامنىياز (تەخەللۇسى قىسۇرى) مىلادىيە 1717-يىلى پىچان لۈكچۈندىكى بازار مەدرىسە ئالدى مەھەللىسىدە مەرىپەتپەرۋەر تېۋىپ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا قەشقەر خانلىق مەدرىسىسىدە ئوقۇغان. كېيىنچە لۈكچۈن ۋاڭلىق مەدرىسىسىدە مۇدەررسلىك قىلغان. شائىرنىڭ مىلادىيە 1802-يىلى يېزىلغان «رەۋزەتىل زوھرا» ناملىق دىداكتىك توپلىمى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن. قىسۇرى 1827-يىلى لۈكچۈندە ۋاپات بولغان.

ھ

ھەيدەر خارەزمى


بۇ 14-،15-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئەدىبتۇر. «تەزكىرەتۇل شۇئىرا»،«مەجالىسۇن نەفائىس»قاتارلىق ئەسەرلەردە بۇ ئەدىبنىڭ نامى تىلغا ئېلىنغان. ھەيدەر خارەزمى«مەھزۇنۇل ئەسرار»(سىرلار خەزىنىسى)ناملىق پەلسەپىۋى دىداكتىك ئەسەرنى يازغان.

ھەمرا بۈبى

بۇ 19-ئەسىردە قەشقەرنىڭ ئاتۇش يېزىسىدا ئۆتكەن شائىرەدۇر.ئۇنىڭ بىرقىسىم غەزەللىرى 1980-يىللىرى ژورناللاردا تونۇشتۇرۇلغان.

ھۆسەيىن ئىبىن خەلەف كاشىغەرى (973-1093)

بۇ 11-ئەسىردە قەشقەردە ياشاپ ئۆتكەن داڭلىق ئالىم ۋە ئەدىبتۇر. ھۆسەيىن ئىبىن خەلەف مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئۇستازى ئىدى. ئۇ «قۇرئان»نى شەرھلەپ ئەسەريازغان.

ھۆسەيىن بايقارا (1435-1506)

ھۆسەيىن بايقارا1438-يىلى ھېراتتا تۇغۇلغان. 1469-يىلى تۆمۈرىيلەرنىڭ شاھلىق تەختىگە ئولتۇرغان. 1506-يىلى ھەربىي يۈرۈشتە ۋاپات بولغان.نەۋائى «مەجالىسۇن نەفائىس»تا ھۆسەيىن بايقارانىڭ ئەينى دەۋر مەدەنىيىتىدە ئوينىغان رولىغا يۇقىرى باھا بەرگەن. بۇ شائىرنىڭ «رىسالەئى ھۆسەيىن بايقارا»ناملىق ئەسىرى بىزگىچە يېتىپ كەلگەنلىكى مەلۇم.

ۋ

ۋايسا باجىنا (6-،7-ئەسىر)



ۋايسا باجىنا مىلادىيە 6-،7-ئەسىرلەردە ئۆتكەن داڭلىق ئۇيغۇر رەسسامى ۋە شائىرىدۇر.ئۇ6-ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىدا خوتەندە تۇغۇلغان. ۋايسا باجىنا بۇددزم ۋە تەبىئى مەنزىرىلەر تېماقىلىنغان رەسىملەرنى سىزىپ داڭق چىقارغان. پادىشا سۈي ياڭدىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئىبادەتخانا تاملىرىنى بىزەش ئۈچۈن ۋايسا باجىنا لوياڭغا بارغان. شائىرنىڭ شېئىرلىرى بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن.

ۋېيسائىرا سانگا (7-ئەسىر)

ۋېيسائىراسانگا 7-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا خوتەندە تۇغۇلغان داڭلىق رەسسام ۋە ئەدىب بولۇپ، ۋايسا باجىنانىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇ مىلادىيە 630-يىللاردا تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى چاڭئەنگە تەكلىپ بىلەن بارغان،غەربى رايوننىڭ تەسۋىرىي سەنئىتىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تونۇشتۇرغان. ئەدىبنىڭ شېئىر-نەزمىلىرى بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن.

ۋېسا كۈيچى (598-682)

ۋېساكۈيچى 7-ئەسىردە خوتەندە ياشاپ ئۆتكەن داڭلىق بۇددا ئالىمى ۋە ئەدەبىي تەرجىماندۇر. ئۇ ئۆزئۆمرىدە «نوقۇل تونۇش نەزەرىيىسى ھەققىدە بايان»،«مۇرەككەپ توپلام تەلىماتى»،«سەۋەب-نەتىجە بىلەن ھەقىقەتكە ئېرىشىش»،«سىرلىق نېلۇپەرسۇترىسىغا مەدھىيە» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.«بەس-مۇنازىرىنىڭ چېكى ھەققىدە»قاتارلىق ئەسەرلەرنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان.

ئۆ

ئۆمەرباقى (1730-؟)


ئۆمەرباقى خوجاجاھان ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە يەركەندە ياشىغان ئەدىبلەرنىڭ بىرى. شائىر مىلادىيە 1790-يىلى نەۋائىنىڭ «فەرھاد-شېرىن»،«لەيلى-مەجنۇن» داستانلىرىنى نەسىرلەشتۈرۈپ چىققان.

ئې

ئېل ئۆگۈس(ئېل ئۆگەسى 8-،9-ئەسىرلەر)

بۇ ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن ئەدىب بولۇپ، ئۇ كۈن تەڭرىقۇت بولمىش ئالىپ بىلگە قاغانغا ۋەزىر بولغان. ئۇ ھايات ۋاقتىدا «توققۇز ئۇيغۇر خاقان مەڭگۈتېشى»نى يېزىپ چىققان.

ئى

ئىمىر ھۆسەيىن سەبۇرى



شائىر ئىمىر ھۆسەيىن سەبۇرى 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەشقەر شەھىرىنىڭ قوغان يېزىسىدا تۇغۇلغان. قەشقەردىكى مەدرىسىلەردە ئوقۇپ يۇقۇرى بىلىمگە ئىگە بولغان. سەبۇرىنىڭ يالانتى ئەينى دەۋردىكى قەشقەر ھۆكۈمرانى زوھۇرىدىن ھاكىمبەگنىڭ دىققىتىنى تارتقان. بۇ ھۆكۈمدار سەبۇرىنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ،ئۇنىڭغا تۈمەن دەرياسى بويىدىكى ھەرەمباغ يېزىسىدىن بىر بۆلۈك يەر، سۇ ئاجرىتىپ بەرگە. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بىر تەرەپتىن دېھقانچىلىق قىلغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ۋاپات بولغان.سەبۇرى ئەسەرلىرىنىڭ بىزگە يېتىپ كەلگەنلىرى«نەۋائىنىڭ ئادالەتپەرۋەرلىكى توغرىسىدا»،«دىۋان سەبۇرى»،«ماقالات» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. «ماقالات»نەۋائىنىڭ «لىسانۇتتەير»نىڭ تەسىرىدە ئۇنىڭغا جاۋابەن مىلادىيە 1842-،1843-يىللىرى قەشقەردە يېزىلغان.

ئىبراھىم ئىبنى يۈسۈپ (18-ئەسىر)

ئىبراھىم 18-ئەسىردە خوتەندە ياشاپ ئۆتكەن شائىردۇر.ئەدىبنىڭ «مەنتىقتتەير»ناملىق ئەسىرى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن. بۇ ئەسەر ھىجىرىيە 1188-يىلى يېزىلغان.

ئىبراھىم مەشھۇرى

ئىبراھىم مەشھۇرى 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 19-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا يەركەندە ياشاپ ئۆتكەن شائىردۇر. شائىرنىڭ «دىۋان مەشھۇرى» ناملىق توپلىمى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.

ئىدىكىن (؟-779)

ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ خاقانى ۋە ئەدىب ئىدىكىن بايانچۇر قاراخاننىڭ ئوغلى ۋە تەخت ۋارىسى ئىدى. بەزى مەنبەلەردە،ئۇ «تەڭرى قاغان»،«بۆكۆخان» دەپ ئاتالغان. ئىدىكىن «مويۇنچۇر مەڭگۈتېشى»(2)(بۇ تېرخىن مەڭگۈتېشى«2» دەپمۇ ئاتىلىدۇ)نى يېزىپ چىققان.

ئىسمائىل بەگ(19-ئەسىر)

بۇ شائىرنىڭ تەخەللۇسى بىنىشان بولۇپ،تەرجىمىھالى ئېنىق ئەمەس. ئۇنىڭ 1827-يىلى يىزىلغان «پەندنامە» داستانى ۋە «دىۋان بىنىشان»توپلىمى بار.

ئىمىرى (؟-1822)

شائىر ئىمىرى 19-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ«دىۋان ئىمىرى»ناملىق توپلىمى بار.

ي

يوللۇغ تېگىن(652-744)



يوللۇغ تېگىن كۆك تۈرك خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن تۈرك ئاشىنا ئۇرۇقىدىن چىققان داڭلىق ئەدىب،خەتتات ۋە نەققاشتۇر. ئۇ بېلگە خاقاننىڭ جىيەنى ئىدى. يوللۇغ تېگىن «كۆلتېگىن مەڭگۈتېشى»،«بېلگە خاقان مەڭگۈ تېشى» يادنانامىلىرىنى يېزىپ چىققان.

يەقىنى (15-ئەسىر)

يەقىنى 15-ئەسىردە ماۋەرائۇننەھردە ياشىغان ئەدىبلىرىمىزنىڭ بىرى. شائىرنىڭ مۇنازىرە ژانىرىدا يېزىلغان «ئوق ۋە يا مۇنازىرىسى» ناملىق ئەسىرى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ (1019-1085)

قارخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەشھۇر نامايەندىسى بولغان تالانتلىق ئالىم، مۇتەپەككۇر،ئەدىب يۈسۈپ خاس ھاجىپ 1019-يىلى بالاساغۇندا تۇغۇلغان. ياش مەزگىللىرىدە قەشقەرگە كەلگەن ھەمدە كېيىنكى ئۆمرىنى قەشقەردە ئۆتكۈزگەن.ئەدىب ئۆزىنىڭ «قۇتادغۇ-بىلىك»ناملىق بەدىئىي قامۇسىنى ھىجىرىيە 462-يىلى ،مىلادىيە 1069-يىلى قەشقەردە يېزىپ،ئۇنى قاراخانىيلار خانى بۇغرا ئەلى ھەسەنگە تەقدىم قىلغان. قارا خانىيلار خانى بۇ ئەسەرگە يۈكسەك باھا بېرىپ،مۇئەللىپكە «خاس ھاجىپ»لىق ئۇنۋانى بېرىپ،ئۆزىگە ئەڭ يىقىن مەسلىھەتچى ھاكىمىيەت تايانچىسى قىلغان.ئەدىب مىلادىيە 1085-يىلى قەشقەردە ۋاپات بولغان.

يۈسۈپ ئەمىرى (14-،15-ئەسىر)

يۈسۈپ ئەمىرى 14-،15-ئەسىرلەردە ماۋەرائۇننەھردە ياشىغان ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ بىرىدۇر. نەۋائى «مەجالىسۇن نەفائىس»تا يۈھۈپ ئەمىرى ھەققىدە توختالغان. شائىرنىڭ «دەھنامە»،«بەڭ ۋە مەي ئارىسىدىكى مۇنازىرە»قاتارلىق يىرىك ئەسەرلىرى ۋە بىر قىسىم غەزەللىرى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.

يۈسۈپ سەككاكى (1160-1229)

مەشھۇر ئالىم ۋە شائىر سەككاكى 1160-يىلى ئىلى دىيارىدا تۇغۇلغان. ئەينى دەۋرىدە «مىفتاھۇل ئۇلۇم»(ئىلىملەر ئاچقۇچى)قاتارلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ ئەل ئىچىگە تونۇلغان. چاغاتاي خان سەككاكىنىڭ نامىنى ئاڭلاپ ئۇنى ئالمالىقتىكى ئوردىسىغا چاقىرىپ ئۆزىگە مەسلىھىتچى قىلغان. سەككاكىنىڭ تالانتى ۋە خان تەرىپىدىن ئەتىۋار لىنىشى بىر قىسىم ئەمىرلەرنىڭ ھەسەتخورلىقىنى قوزغىغان. ئۇ كېيىنچە مەلۇم بىر سەۋەپ بىلەن زىندانغا تاشلىنىپ ئۈچ يىلدىن كېيىن ئۆلۈپ كەتكەن.

يۈسۈپ قادىرخان (10-،11-ئەسىر)

يۈسۈپ قادىرخان قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ باھادىرخاقانى ۋە تالانتلىق شائىرىدۇر. ئۇ ھەسەن بۇغراخاننىڭ ئوغلى ۋە تەخت ۋارىسى بولۇپ، مىلادىيە 1024-،1032-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان. ئۇ ئەينى دەۋرىدە ئۇرۇش مەيدانلىرىغا نەزمە ئوقۇپ كىرگەن. شائىرنىڭ بىرقانچە مىسرا شېئىرى «بۇغراخانلار تەزكىرىسى»گە كىرگۈزۈلگەن.

يۈسۈپ غېرىبى (1864-1940)

ئىبنى يۈسۈپ جۇبەيرى ئىبنى پەتەنۇش غېرىبى قۇمۇلدا تۇغۇلۇپ شۇ يەردە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان شائىرلارنىڭ بىرى. ئۇ بىرمەزگىل قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسىدا مەنسەپدار بولغان، تىبابەتچىلىك بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ بىرقىسىم شېئىرلىرى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھېكىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-2 22:19  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  249
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 360
تۆھپە : 11
توردا: 50
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 09:43:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكىمى ئەپەندىنىڭ بۇ ئەمگىكىدىن سۆيۈندۇق،  كۆپ ئەجىر قىپسىز ! كىلاسسىكلاردىن خەۋەردار بولۇش بىزنىڭ ۋىجدانى مەسئۇلىيىتىمىز.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  104
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 287
تۆھپە : 3
توردا: 41
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 13:00:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل ئەمگەك بوپتۇ . بولسا مەنبەسىنى بىلىپ قالساق .
ئابدۇرەھىم نەزارىنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆچۈرگەن خەتتاتلار  تىمىسىدا بىر ماقالە بولىدىغان .  بىلگەن ئەزىزلەر مەنبەسىنى قالدۇرۇپ قويغان بولساڭلار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۇتىش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-3 13:02  


مىللەتنى ئۇرۇش ئەمەس،سۈكۈت ھالاك قىلىدۇ.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 993
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1341
تۆھپە : 22
توردا: 167
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 13:26:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى پايدىلنىش ماتىرىيالى بولغىدەك، تارتقان ئەجىرىڭىزگە تەشەككۈر

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  166
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 966
تۆھپە : 2
توردا: 199
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 21:02:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن كۆپ رىيازەت چېكىپسىز. ئەجرىڭىزگە ئاپرىن! ساقلىۋالدىم. 87 بەت چىقىپتۇ. كىلاسسىك ئەدەبىياتقا قىزىققۇچىلارغا ياخشى بىر قوللانما بوپتۇ. ئىزدىنىشىڭىزنى توختاتماڭ.

ھەقىقى بايلىق روھى بايلىقتۇر

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  146
يازما سانى: 543
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1136
تۆھپە : 6
توردا: 144
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 22:39:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز بىلىپ يېتىشكە ئۈلگۈرمىگەن ياكى ئىسمىنى ئاڭلىساقمۇ قاچان ياشىغانلىقىنى بىلەلمىگەن بىر تۈركۈم ئەدىبلەرنى بىزگە تونۇشتۇرغان قەلەم ئىگىسىگە كۆپ رەخمەت .

ئۆزۈڭ بول ئابرۇيىڭغا ئۆزۈڭ ئىگە ،
يۆلەكسىز ئۆزۈڭنى سەن ئۆزۈڭ يۆلە .

                            ئابدۇللا توقاي

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  91
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 816
تۆھپە : 3
توردا: 193
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 23:25:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقلىۋالدىم،ھېكىمىنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەتلەر بولسۇن!

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 888
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1612
تۆھپە : 114
توردا: 325
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 23:54:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ياخشى تېمىنى بەك كىچىكىپ كۆرۈپتىمەن. ھېكىمى ئەپەندى كۆپ ئەجىر قىپتۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2123
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 196
تۆھپە : 0
توردا: 16
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 15:48:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەكىمى ھەزرەتلىرىگە تەشەككۇر !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش