ximal
كۆرۈش: 434|ئىنكاس: 0

ئەنەيتۇللا قۇربان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 14Rank: 14Rank: 14Rank: 14

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  479
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 718
تۆھپە : 56
توردا: 180
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 18:11:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Eneytulla+Qurban.jpg

ئەنەيتۇللا قۇربان 1958-يىلى 1-ئايدا توقسۇن ناھىيسىنىڭ ئىلانلىق يېزىسىدا ئۇقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. 1966-يىلى 9-ئايغىچە ئائىلە تەربىيىسىدە بولغان. 1966-يىلى 9-ئايدىن 1971-يىلى 7-ئايغىچە ئىلانلىق يېزا گۈلباغ باشلانغۇچ مەكتەپتە، 1973-يىلى 7-ئايغىچە ئېلانلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە، 1973-يىلى 9-ئايدىن 1976-يىلى 4-ئايغىچە توقسۇن ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1976-يىلى 4-ئايدا توقسۇن ناھىيىلىك رادىئو ئۇزىلىغا ئىمتىھان بېرىپ دىكتور ھەم مۇخبىر بولغان. ئۇنىڭ ئىجادىيىتى ئاخبارات ژانىرلىرى بويىچە ئاشۇ چاغدا باشلانغان. كېيىن ئىلانلىق يېزىلىق رادىئو ئۇزىلىغا يۆتكىلىپ، 1978-يىلى 3-ئايغىچە ئىلانلىق يېزىلىق رادىئو ئۇزىلىدا ئىشلىگەن. 1977 -يىلى 3-ئايدا ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئەسلىگە كەلگەندە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، 1978-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كەلگەن.

ئەنەيتۇللا قۇربان 1983-يىلى 2-ئايدا ئالىي مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆزى ئوقۇغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قىلىنغان. ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان 28 يىل جەريانىدا، باشتىن-ئاخىر ئوقۇتۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ مۇنبەردىن ئايرىلمىغان. بۇ جەرياندا ئۇ تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا «جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»، «يېزىقچىلىق ئاساسلىرى»، «يېزىقچىلىق ئىلمى»، «ئەمەلىي يېزىقچىلىق»، «ئىقتىساد يىزىقچىلىقى»، «ئەدەبىي يېزىقچىلىق»، «مەمورى خەت-ئالاقە يېزىقچىلىقى»، «كاتىپلىق ئىلمى»، «كاتىبات يىزىقچىلىقى»، «ئۇيغۇر نەسىرچىلىكى تەتقىقاتى»، «سۆز قابىلىيىتى ۋە ناتىقلىق»، «ئاممىۋى مۇناسىۋەت ۋە قائىدە يوسۇن ئىلمى»، «پىلانلاش ئىلمى» قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتۈپ كەلدى. بەزى دەرسلەرنى ئۆزى يېڭىدىن ئاچتى. ئۇ يەنە «جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخى»، «يېزىقچىلىق كونسۇلتاتسىيە كىتابى»، «ئالىي مەكتەپ تىل ئەدەبىياتى» قاتارلىق دەرسلىكلەرنى تۈزۈشكە قاتناشتى.

ئۇ ئوقۇتۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش بىلەن بىرگە ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى بىلەنمۇ ئىزچىل شوغۇللىنىپ «‹يىللارﻏﺎ ﺟﺎۋاب› ﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ۋە ﺑﻪدﯨﺌﯩﻲ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ»، «ﺋﯘﻳﻐﯘر ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ دەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﺎﻧﺪﯨﺴﻰ»، «ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲﭼﯩﻨﻠﯩﻘﻨﯩﯔﺑﻪدﯨﺌﯩﻲ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻰ»، «ﺋﻪﻗﻠﯩﻴﻪ ﺳﯚزﻟﯩﺮى ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە دەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺋﯩﺰدﯨﻨﯩﺶ» ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ 50 ﭘﺎرﭼﯩﮕﻪﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ئېلان ﻗﯩﻠﺪى. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﯩﻢ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮى ﻣﯘﻛﺎﭘﺎتلاﻧﺪى. «ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﭼﯩﻨﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺑﻪدﯨﺌﯩﻲ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ 1992 - ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪت ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ 2 - دەرﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻘﺎ ﺋﯧﺮىشتى؛ «ﻟﯩﺮﯨﻚ ﺳﯘژﯨﺖ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻳﯧﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ 1997 - ﻳﯩﻞ 8 - ﺋﺎﻳﺪا 3 - دەرﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮى ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1987 - ﻳﯩﻞ 12 - ﺋﺎﻳﺪا ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن «ﺋﺎﺑﺪۇﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘرﻧﯩﯔ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻤﯩﺰدا ﺗﯘﺗﻘﺎن ﺋﻮرﻧﻰ ۋە روﻟﻰ»، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1995 - ﻳﯩﻞ 7 - ﺋﺎﻳﺪا ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن «ﺋﯩﻠﻤﯩﻲﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪر ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ»، 2001 - ﻳﯩﻞ 6 - ﺋﺎﻳﺪا ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن «ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎز ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺗﯩﻞ- ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت» ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪر ﺗﻮپلاﻣﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜزۈﻟﺪى.

ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪدەﺑﯩﻲ ﺋﯩﺠﺎدﯨﻴﯩﺘﻰ 1979 - ﻳﯩﻞ 10 - ﺋﺎﻳﺪا «ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ» دە ئېلان ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن «ۋەﺗﻪﻧﮕﻪ ﻣﻪدﮬﯩﻴﻪ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖﻧﻪﺳﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺑﺎشلاﻧﻐﺎن. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ «ﺗﺎرﯨﻢ»، «ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ»، «ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ»، «ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ»، «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى»، «ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎغ»، «ﺗﯘرﭘﺎن»، «ﺋﯩﻠﻰ دەرﻳﺎﺳﻰ»، «ﻗﯘﻣﯘل ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎﺗﻰ»، «ﻗﻪﺷﻘﻪر ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎﺗﻰ»، «ﻣﻪرﻛﯩﺰﯨﻲ ﺧﻪﻟﻖ رادىيو ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ»، «ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ رادىيو ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ»، «ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ»، «ﺋﯜرۈﻣﭽﻰ ﻛﻪﭼﻠﯩﻚ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ»، «ﻣﺎﻳﺒﯘلاق» ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﮔﯧﺰﯨﺖ - ژۇرﻧﺎللار ۋە باشقا ﺋﺎﺧﺒﺎرات ۋاﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺮﯨﺪا ﺋﯘﻧﯩﯔ 350 ﭘﺎرﭼﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎرﺗﯘق ﻧﻪﺳﺮ، ﺷﯧﺌﯩﺮ، ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ، ﺑﺎلىلار ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮى، ﺗﯧﭙﯩﺸﻤﺎق، ﭼﯚﭼﻪك، ﺷﯘﻧﺪاقلا ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮى ئېلان ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن. «ھايات بەيگىسىدە»، «بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى»، «تاللانغان ماقالىلار»، «ئۇيغۇر نەسىرلىرىدىن تاللانما»، «جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردىكى داڭلىق نەسىرلەردىن تاللانما» قاتارلىق توپلاملارغا ۋە دەرسلىك كىتابلارغا ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى كىرگۈزىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ «ئىككى تامچە ياش»، «ئۇ، ئۇخلىغانمىكىن»، «ئويغانغان چۈش» قاتارلىق نەسر توپلاملىرى نەشر قىلىندى.

ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق خىزمەت، ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت ھاياتىدا يەنە نۇرغۇن شان-شەرەپلەرگە ئېرىشكەن بولۇپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى «211 قۇرۇلۇشى» نى ئۆتكۈزىۋېلىش خىزمىتىدە ئىلغار شەخس بولۇپ مۇكاپاتلاندى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومى تەرىپىدىن «ئىلغار يازغۇچى» بولۇپ مۇكاپاتلاندى. 1996-يىلى «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شىچۈەن لياڭيى ئىلغار ياش ئوقۇتقۇچى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئاپتونوم رايونلۇق كىنو-فىلىم تارقىتىش قويۇش شىركىتى تەرىپىدىن ئىلغار كىنو ئوبزورچىسى بولۇپ مۇكاپاتلاندى. «ﻛﯧﭙﯩﻨﻪك» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖﻧﺎﺧﺸﺎ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻰ 1987 - ﻳﯩﻞ 7 - ﺋﺎﻳﺪا ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ 3 - دەرﯨﺠﯩﻠﯩﻚﺋﯩﺠﺎدﯨﻴﻪت ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ، «ﻗﯧﻨﯩﻤﯩﺰ ﺋﻮﺧﺸﺎشلا ﻗﯩﺰﯨﻞ، ﺋﻮﺧﺸﺎشلا ﻗﯩﺰﯨﻖ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻧﻪﺳﺮى 1990 - ﻳﯩﻞ 10 - ﺋﺎﻳﺪا ﺋﯜرۈﻣﭽﻰ ﺧﻪﻟﻖ رادىيو ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﯜچ ﺋﻮرۇن ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ «ﻣﯘﻧﻪۋۋەر ﺋﻪﺳﻪر ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ» ﻏﺎ، «ﻧﯚل» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻧﻪﺳﺮى 1995 - ﻳﯩﻞ 4 - ﺋﺎﻳﺪا ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮن ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ 1 - دەرﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻘﺎ، «ﻗﯘﻳﺎﺷﻘﺎ ﺗﯘﺗﺎﺷﻘﺎن ﺋﻮيلار» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻧﻪﺳﺮى 2003 - ﻳﯩﻞ 8 - ﺋﺎﻳﺪا 12 - ﻧﯚۋەﺗﻠﯩﻚ «ﺧﺎﻧﺘﻪﯕﺮى ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ» ﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ. بىر ئۆمۈر ھاياتىنى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتۇش مۇنبىرىدە ئۆتكۈزۈپ، مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن نۇرغۇن ياراملىق شاگىرتلارنى تەربىيەلىگەن، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ نەسر ژانىرىنى راۋاج تاپقۇزۇش ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، ئىزچىل ئىجاد قىلىپ كەلگەن ئۇستاز ئەنەيتۇللا قۇربان 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۈرۈمچىدە 53 يېشىدا ۋاپات بولدى.

ئەنەيتۇللا قۇربان ھايات ۋاقتىدا جۇڭگو تۇرپانشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، جۇڭگو يېزىقچىلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى.


ئانا تىل ۋە يېزىق، ئانىنىڭ ئوغۇز سۈتىگە ئوخشايدۇ، ئوغۇز سۈتىنى ئىچمىگەن ئوغۇلنىڭ يىلىكىدە قۇۋۋەت بولمايدۇ!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش