ximal
كۆرۈش: 327|ئىنكاس: 0

مۇھەممەد رەھىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 14Rank: 14Rank: 14Rank: 14

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  479
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 718
تۆھپە : 56
توردا: 180
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 12:14:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Muhemmet Rehim.jpg


مۇھەممەد رەھىم 1926– يىلى 11– ئايدا سۈيدۈڭ (ھازىرقى قورغاس) ناھىيىسىدە ياغاچچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1944– يىلى مەمۇرىي ۋە ھەربىي سەپلەردە كاتىپ بولۇپ ئىشلىگەن. 1954– يىلدىن 1956– يىلغىچە قەشقەر شەھەرلىك 1– ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1956– يىل 7– ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە يۆتكىلىپ، «تارىم» ژۇرنىلىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1974– يىلى «تارىم» ژۇرنىلىدا، كېيىن «شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1981– يىلى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى باھالىغاندا، مۇھەممەت رېھىمنىڭ «باھار قوشاقلىرى» ناملىق چاتما شېئىرى 2– دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 1986– يىلى ئۇنىڭ «شېئىرغا ئىلتىجا» ناملىق شېئىرى «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» تەھرىر بۆلۈمى تەرىپىدىن مۇكاپاتلانغان. ئۇ توپلاپ رەتلىگەن «ئۇيغۇر خەلق ماقال – تەمسىللىرى» نىڭ 1– كىتابى 1983– يىلى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن باھالاشتا 1– دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

مۇھەممەد رەھىمنىڭ تىل– يېزىق، ئەدەبىيات– سەنئەتكە دائىر ماقالىلىرى 100 پارچىگە يەتمىسىمۇ، ئوينىغان رولى 1000 پارچە ماقالىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. «بىر بوغۇملۇق سۆزلەردىكى ئا، ئە سوزۇق تاۋۇشلىرىنىڭ ئې گە نۆۋەتلىشىشى توغرىسىدا» (1957–يىل)، «تىك چېكىتكە جاۋاب» (1957–يىل)، «ئاياغ ۋە يولداش توغرىسىدا»، «شېئىرلاردىكى پەش ئىسراپچىلىقى»، «كىم بىلەن كىم ساۋاقداش»، «ياخشىراق ئويلاپ كۆرەيلى»، « ‹ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى›دىكى قىسمەن مەسىلىلەر توغرىسىدا»، «تىلىمىزدىكى تەتۈر گەپلەر»، «بىر سۆز ئۈچۈن مىڭ سۆز»، «رىيازەت چەككەن سەككىز ھەرپ»، «سۆزلەر بىلەن مۇھەببەت»…قاتارلىق ماقالىلىرى ئۇيغۇر تىلىنى تۇرمۇشتا، مەتبەئە، رادىئو – تېلېۋىزىيىدە ئىشلىتىش، قوللىنىشتا يول قويۇلۇۋاتقان ئېغىر خاتالىق، كەمچىلىك، نۇقسانلارغا قارىتىلغان بولۇپ، ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، جەمئىيەتتە زور زىلزىلە قوزغىدى. تىل– يېزىققا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئېتىبارىغا ئېرىشتى.

مۇھەممەد رەھىم ئۆمرىدە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، شېئىرىيەت، تىل – يېزىق ساھەسى بىلەن تەڭ شۇغۇللىنىپ كەلگەن. ئۇ 1947– يىلى 7– ئايدا ھەربىي سەپتىن قايتىپ، ئەينى چاغدىكى «كۈرەش» ژۇرنىلىدا كوررېكتورلۇق ۋە تەھرىرلىك قىلغان. 1954– يىلى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتىدا ئىشلەۋاتقاندا شىنجاڭدا يېڭىدىن نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ قىسقىچە ئىملا قائىدىلىرى» دە ئوتتۇرا ئەمزىنىڭ ئايرىغۇچ بەلگە قىلىنمىغانلىقى (رىايە، ئىانە، تەبىەت، پىونىر، شېىر›› لارنىڭ ئەمزىسىز يېزىلىدىغانلىقى) كاللىسىدىن ئۆتمەي، ئۆز پىكرىنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئېرىنمەي سۇنغان. لېكىن بۇ پىكىرلەر ئۆز ۋاقتىدا ئەمەلىيلەشمىگەنىدى. 1981– يىلى تىل– يېزىق كومىتېتى مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى مۇھەممەد رەھىمنىڭ پىكرىنى توغرا تېپىپ، يۇقىرقى سۆزلەرنىڭ «رىئايە، ئىئانە، تەبىئەت، پىئونېر، شېئىر»، دەپ يېزىلىدىغانلىقىنى بېكىتتى. 1983– يىلى تۈزۈلگەن «ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئېلىپبەسى ۋە ئىملا قائىدىسى» دە سوزۇق تاۋۇشلىرىمىزنىڭ ىئا، ىئە، ىئو، ىئۇ، ئىۈ، ئىۆ، ىئى، ىئې شەكىللىرى كۆرسىتىلمەي مۇھەممەد رەھىمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلدى. ئۇ 1986 – يىلى 7 – ئايدا «رىيازەت چەككەن سەككىز ھەرپ» ناملىق ماقالە يېزىپ، تىل ۋە تەرجىمە ژۇرنىلىدا ئېلان قىلدۇرۇپ، سەككىز ھەرپنىڭ بۇ سەككىز شەكلىنى جايىغا كەلتۈردى.

مۇھەممەد رەھىم 1947– يىلىدىن باشلاپ مەتبۇئات، ئاخبارات ساھەلىرىدە ۋە تۇرمۇشتىكى جانلىق تىل قايناملىرىدا يۈز بېرىۋاتقان تىل– ئىملا، تاۋۇش ۋە تەلەپپۇز مەسىلىلىرىگىچە «كۆز– قۇلاق» بولۇپ، ھەتتا ئۆزى بىلەن ھېچقانچە ئالاقىسى يوق ئادەملەر ئارىسىدىكى سۆزلەرنىڭ تىل– ئىملا خاتالىقلىرىغا ئارىلىشىپ، «كوررېكتور»لۇق قىلىپ كەلدى. بۇ جەرياندا ئۇ تىلىمىزدىكى كېرەكسىز ۋە ساغلام بولمىغان سۆز ئەخلەتلىرىنى قەيسەرلىك بىلەن چىقىرىۋېتىپ، ئىختىلاپلىق شەكىللەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تىلنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئۆچمەس تۆھپە قوشتى.

«بەخت ناخشىلىرى»، «گۈلباھار»، «ئايدىڭ كېچە»، «سېغىنىش»، «غۇنچىلارغا»، «مۇھەببەت سەۋدالىرى» ناملىق شېئىرلار توپلاملىرىنى ئوقۇغان كىشىلەر مۇھەممەد رەھىمنىڭ دەۋرىمىزدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن شائىر ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ يېتىشكەن تىل ئۇستىسى ئىكەنلىكىنى بىلىشى ناتايىن. تىل تەتقىقات سېپىدىكى مۇھەممەد رەھىم شېئىرىيەت قوشۇنىدىكى مۇھەممەد رەھىمدىن ئۈستۈن تۇرسا تۇرىدۇكى تۆۋەن تۇرمايدۇ. ئۇ كلاسسىك شائىرلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ، نادىر شېئىرلارنى يېزىپ، شائىرلارغا ئۈلگە بولسا، تىلىمىزدا ساقلىنىۋاتقان، تۈزەتمىسە بولمايدىغان نۇقسان– خاتالىقلارنى ئىلمىي ئوپېراتسىيە قىلىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ساپلىقىنى قوغداپ، تىلىمىزنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش جەھەتتە مۇناسىپ تۆھپىلەرنى قوشتى ۋە قوشماقتا.



ئانا تىل ۋە يېزىق، ئانىنىڭ ئوغۇز سۈتىگە ئوخشايدۇ، ئوغۇز سۈتىنى ئىچمىگەن ئوغۇلنىڭ يىلىكىدە قۇۋۋەت بولمايدۇ!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش