كۆرۈش: 4240|ئىنكاس: 1

ئەيبۇ ياقۇپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
Untitled-2.jpg
   ئەيبۇ ياقۇپ (دوڭشاڭزۇ)، 1966-يىلى ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستىنىڭ چاپچال شىۋە ئاپتونۇم ناھىيەسى كان يېزىسى گېرەم كەنتىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىن باشلاپ ئۆز يېزىسىدا ئۇيغۇر تىلىدا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقىغان. 1987-يىلى ئىلى پىداگوگىكا ئىنىستىتۇنىڭ ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنى پۈتۈرگەن. ئۇ 1987-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە ئىلى ئوبلاستلىق پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1991-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە ئىلى قازاق ئاپتۇنۇم ئوبلاستلىق ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە مەسئۇل مۇھەررىرلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەن.2003-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتىدە ئىجادىيەت - ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.

   ئەيبۇ ياقۇپنىڭ ئىجادىيىتى 1985-يىلى باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە «ئۇ بىر ئايدىڭ كېچە ئىدى» ناملىق شىئېرلار توپلىمى،«ئېرگۇنا دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقى» (تەرجىمە رومان)، «مورى دەرياسى» (تەرجىمە رومان) قاتارلىق كىتاپلىرى نەشر قىلىنغان. خەنزۇچە «شىنجاڭ يېڭى دەۋىر ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئەسەرلىرى توپلىمى»،«قارىياغاچ ئاستىدىكى كۆلەڭگە»،«مەغرىپكە يۈزلەنگەن زىمىن»،«قۇملۇقنىڭ خۇرسىنىشى»،يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋېتى بىلەن جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىي ئەسەرلىرى توپلىمى» قاتارلىق كوللىكتىپ توپلاملارغا ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن. بېي داۋ، لېي دا، خەن زىيوڭ، شېن ۋېي، ئالتاي، چىن ئەنجاڭ، دىلمۇرات تەلئەت، يىن شى، ئاننىي كارسۇن، سۇرىسكوۋ، ئېمران سالىھى، جېڭ جىروڭ ، ئەدىنۇس، كۇبىن قاتارلىق ئېلىمىز ۋە چەتئەل ئەدىبلىرىنىڭ ئۈچ يۈز پارچىدىن ئارتۇق شىئېر ۋە باشقا ژانىرلاردىكى ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلدۇرغان. كۆپ يىللىق مۇھەررىرلىك ھاياتىدا 4 مىليۇن خەتتىن ئارتۇق تۈرلۈك ژانىرلاردىكى ئەسەرلەرنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئىشلىگەن.

   ئۇ، 1999-2006-يىللىرى 9- ۋە 15-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا، 2000-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئاخپارات ـ نەشريات ئىدارىسى تەرىپىدىن «2-دەرىجىلىك ئەسەر تەھرىرلىكى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ «لۈشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى» 10-قارارلىق ئالى مۇھاكىمە سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى. ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-4-6 00:26:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەيبۇ ئەپەندىنى ئەڭ ئاۋال بىر قاتار شېئىرلىرى بىلەن باشلامچى شائىر دەپ تونۇيمەن. ئاندىن نەچچە خىل تىلىدىكى بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى راۋانلىقى، قەلىبدىكى يىقىنلىقى بىلەن ساپ ئۇيغۇر تىلى ئىجادىيتىنىڭ ئۆلگىسى دەپ بىلىمەن. «يازغۇچىلار تورى» دېكى ئۈن تۈنسىز خىزمەتلىرى، شىنجاڭنىڭ جەنۇب شىمالىدىكى ھەربىر قەدەملىرىنى بىر گۈزەل تارىخ دەپ ھېسابلايمەن. ئىلمىي مۇھاكىمە، ئەدەبىيات-سەنئەت سۆھبەتلىرىدىكى تەمكىن ھالىتىنى بىر ياخشى ئىجتىمائى پائالىيەت تەشكىللىگۈچىسى، گۈل - گۈلىگە ماسلاشقان ئەدەبىيات -سەنئەت ئاشىقى دەپ ھۆرمەت بىلدۈرىمەن. ئەلگە بىر تال گۈل سۇنغۇچىغا ئەل-يۇرت گۇلىستان تەقدىم ئىتىدۇ. ئاددى بىر ئوقۇرمەندىن سەمىمىي قەلەم ساھىبىغا سالاملار بولسۇن!...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش