ئەيبۇ ياقۇپ (دوڭشاڭزۇ)، 1966-يىلى ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستىنىڭ چاپچال شىۋە ئاپتونۇم ناھىيەسى كان يېزىسى گېرەم كەنتىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىن باشلاپ ئۆز يېزىسىدا ئۇيغۇر تىلىدا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقىغان. 1987-يىلى ئىلى پىداگوگىكا ئىنىستىتۇنىڭ ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنى پۈتۈرگەن. ئۇ 1987-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە ئىلى ئوبلاستلىق پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1991-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە ئىلى قازاق ئاپتۇنۇم ئوبلاستلىق ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە مەسئۇل مۇھەررىرلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەن.2003-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتىدە ئىجادىيەت - ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.
ئەيبۇ ياقۇپنىڭ ئىجادىيىتى 1985-يىلى باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە «ئۇ بىر ئايدىڭ كېچە ئىدى» ناملىق شىئېرلار توپلىمى،«ئېرگۇنا دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقى» (تەرجىمە رومان)، «مورى دەرياسى» (تەرجىمە رومان) قاتارلىق كىتاپلىرى نەشر قىلىنغان. خەنزۇچە «شىنجاڭ يېڭى دەۋىر ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئەسەرلىرى توپلىمى»،«قارىياغاچ ئاستىدىكى كۆلەڭگە»،«مەغرىپكە يۈزلەنگەن زىمىن»،«قۇملۇقنىڭ خۇرسىنىشى»،يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋېتى بىلەن جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىي ئەسەرلىرى توپلىمى» قاتارلىق كوللىكتىپ توپلاملارغا ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن. بېي داۋ، لېي دا، خەن زىيوڭ، شېن ۋېي، ئالتاي، چىن ئەنجاڭ، دىلمۇرات تەلئەت، يىن شى، ئاننىي كارسۇن، سۇرىسكوۋ، ئېمران سالىھى، جېڭ جىروڭ ، ئەدىنۇس، كۇبىن قاتارلىق ئېلىمىز ۋە چەتئەل ئەدىبلىرىنىڭ ئۈچ يۈز پارچىدىن ئارتۇق شىئېر ۋە باشقا ژانىرلاردىكى ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلدۇرغان. كۆپ يىللىق مۇھەررىرلىك ھاياتىدا 4 مىليۇن خەتتىن ئارتۇق تۈرلۈك ژانىرلاردىكى ئەسەرلەرنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئىشلىگەن.
ئۇ، 1999-2006-يىللىرى 9- ۋە 15-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا، 2000-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئاخپارات ـ نەشريات ئىدارىسى تەرىپىدىن «2-دەرىجىلىك ئەسەر تەھرىرلىكى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ «لۈشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى» 10-قارارلىق ئالى مۇھاكىمە سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى. ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.