پىچاندا «پىچان ناھىيىسىنىڭ تارىخى مەدەنىيەت ھادىسىلىرى مۇھاكىمە يىغىنى» ئېچىلدى
پىچان ناھىيىلىك تەشۋىقات بۆلۈمى، ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى پىچان ناھىيىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى بىلەن «پىچان ناھىيىسىنىڭ تارىخى مەدەنىيەت ھادىسىلىرى مۇھاكىمە يىغىنى» ئېچىپ يېرىم كۈن بۇ ھەقتە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.
يىغىن ناھىيىلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ «گۈلزارلىقىم» (我的田园) ئىجادىيەت بازىسىدا ئېلىپ بېرىلدى. بۇ ئىجادىيەت بازىسىنىڭ كۆلىمى 50 مو بولۇپ پىچاندىكى ھەر مىللەت ئەدەبىيات – سەنئەت خادىملىرىنىڭ ھەقىقىي گۈلزارلىقى بولۇپ قالغۇسى.
يىغىنغا پىچان ناھىيىلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى لىيۇ باۋ مىن رىياسەتچىلىك قىلدى، پىچان ناھىيىلىك تەشۋىقات بۆلۈمنىڭ بۆلۈم باشلىقى نىياز مەينەم خۇلاسە سۆزى قىلدى. ئوتتۇرىغا چۈشكەن پىكىر، تەلەپلەرنى ناھىيىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رەئىس لىيۇ باۋ مىن سۆز قىلماقتا.