- UID
- 365
- يازما
- 106
- ھوقۇقى
- 255
- 真实姓名
- ئابلىكىم مۇھەممەت
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 502
- تىزىملاتقان
- 2012-4-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-18
  
|
 |
 |
 |
 |
«شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر يازغۇچىلىرى ئەسەرلىرى مۇھاكىمە يىغىنى»بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى
6-ئاينىڭ 30-كۈنى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىيىتى،شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان«شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر يازغۇچىلرى ئەسەرلىرى تەتقىقات مۇھاكىمە يىغىنى»بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ رەئىسى تيې نىڭ مەملىكەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىگە ۋەكالىتەن، يىغىنغا قاتناشقان شىنجاڭلىق دوستلارنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى،ھەمدە شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلىرى ئەدەبىياتى تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقان يازغۇچى،ئوبزۇرچى،تەرجىمان،ئەدەبىيات-سەنئەت تەشكىللىگۈچى خادىملىرىغا بولغان سەمىيمى ھۆرمىتىنى بىلدۈردى.مەملىكەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتى سېكىرتارىياتىنىڭ سېكىرتارى لى جىڭزې،شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى،يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان، شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ،شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ دائىمى مۇئاۋىن رەئىسى دوڭ لىبولار يىغىندا سۆز قىلدى.
شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى،ئوبزۇرچىلىرىدىن: بۇغدا ئابدۇللا،ئالىمجان ئىسمايىل، پەرھات ئىلياس،شامىس قۇمار،جۇماباي بىلال قاتارلىقلار؛پايتەخىتتىكى بىر قىسىم ئەدىپ،ئوبزۇرچىلاردىن ئەكبەر مىجىت،باۋمىڭدې،ۋۇ بىڭجيې،ي خەنيىن،لىياڭ خوڭيەن،خې شىياڭياڭ،ۋاڭ شەن،ئەكبەر قادىر،ئەكبەر غۇلام ... قاتارلىقلار تەتقىقات مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى.
|
 |
 |
 |
 |
|
|