كۆرۈش: 204|ئىنكاس: 5

خوجا: كارۋانغا ئەگەشكەن خىياللار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  297
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 184
تۆھپە : 2
توردا: 19
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 12:20:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار

كارۋانغا ئەگەشكەن خىياللار

يىراق قەدىمكى زامانلاردىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تىياتىر ـــ سەھنە سەنئىتىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ئىدى. بۇ ئاقسۆڭەك سەنئەت دەۋرىمىزگە كەلگەندە زامانىۋىي پەن-تېخنىكا ۋاستىلىرى بىلەن بىرىكىپ، تېخىمۇ جەلىپكار تۈستە ئوتتۇرىغا چىقىپ، يەر يارىلىشىش تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان روھىي غېرىبلىققا تەسەللى بېرەلىشى كېرەك ئىدى. تولىمۇ ئەپسۇس، ياۋروپا ئەدەبىي ئويغىنىش دەۋرىدىن باشلاپ، سەنئەت شەيدالىرىنىڭ دىققەت مەركىزىدە تۇرۇپ كېلىۋاتقان تىياتىرچىلىق بۈگۈنكى كۈندە دۇنياۋىي كىرزىسقا دۇچ كەلگەن ژانېر بولۇپ قالدى. ئېنتېرنېتنىڭ تەرەققىي قىلشى تاراتقۇلارنىڭ رىقابەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ۋاقىت ۋە ئورۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغان، بىۋاستىلىككە ۋە ئاممىۋىيلىققا ئىگە تىياتىرنى يەنىمۇ سۇلغۇن ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى.
دېڭىز-ئوكياندىن يىراق تەكلىماكان بويلىرىدا ياشاۋاتقان سەنئەتخۇمار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۈچلۈك مىللىي خاسلىققا ئىگە تىياتىر سەنئىتىمۇ «قاتاردىن قالماي» خېلىلا ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى. 1930-يىللاردا جانلىنىپ، 1980-يىللاردا ئالتۇن دەۋرنى ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇر تىياتىرچىلىقىنىڭ بۈگۈنكى سەھنە ۋە ئېكرانلاردىن يىراقلاشقان پىنھان ھالىتى يۇقىرىقى سۆزلىرىمىزنىڭ دەلىلى. بۇ خىل ئەھۋال تىياتىردىن تولىمۇ شېرىن سەنئەت ھوزۇرى ئېلىپ، ئۆز ئۆمرىگە مەنا بېغىشلىغان سەنئەت ئاشىقلىرىنى، تىياتىرنىڭ تەقدىرى ۋە ئىستىقبالىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئوت يۈرەكلەرنى، ئەڭ مۇھىمى مۇشۇ كەسىپكە بارلىقىنى بېغىشلىغان تىياتىر خادىملىرىنى ئازابلىق خىياللارغا دۇچار قىلدى. بۇنىڭ ئىپادىلىرىنى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك پىروگراممىلىرىدىن، كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ «شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلى قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلغان ھەسرەتلىك ماقالىلىرىدىن يەتكۈچە كۆرەلەيمىز.
1980-يىللاردا تۇغۇلۇپ، بالىلىق چاغلىرىمدا تېلىۋېزوردا تەكرار بېرىلىدىغان «غېرىب-سەنەم»، «ئارزۇلۇق بالا»، «قېرى يىگىتنىڭ تويى»، «سىز بىزگە ئىشىنەمسىز»، «ئەجەل سىرتمىقى»...قاتارلىق تىياتىرلاردىن مول مەنىۋىي ئوزۇق ئالغان مەنمۇ 1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرسىدىن باشلانغان «تىياتىرنىڭ چۆكۈشى» گە شاھىد بولدۇم. «مايتىرى سىمىت» تىن باشلاپ بۈگۈنگە قەدەر ئۆزگىچە مەنىۋىي قىممەت يارىتىۋاتقان تىياتىرنىڭ دەۋر شاماللىرىدا توزۇپ كېتىشى سەنئەت ئېكېلوگىيەمىزدىكى بۇلغىنىشتىن دېرەك بېرىدۇ، ئەلۋەتتە.
ئەمما، شەرقنىڭ بۈيۈك ئەللامىسى جالالىددىن رۇمىينىڭ: «ھەر مۇيەسسەرىيەتتە بىر مەھرۇمىيەت، ھەر مەھرۇمىيەتتە بىر مۇيەسسەرىيەت» دېگىنىدەك، جىددىي تۇرمۇش رېتىمى نۇرغۇن ئەزگۈلۈكلەرنى رىۋايەتكە ئايلاندۇرۇۋاتقان بۇ روھىي قاغجىراش دەۋرىدە، ئارقىدا قېلىشنى خالىمىغان بىر بۆلۈك تەۋەككۈلچى كارۋانلار قەتئىيلىك بىلەن سەنئەت سەپىرىنى باشلىۋەتتى. ئۇلار ياڭراتقان كارۋان كۈيى ئۆز مەنىۋىيىتىگە چىراغ يېقىشنى ئىستەيدىغان ھەر بىر قەلب ئىگىسىنىڭ دىققىتىنى تارتتى:
«مەنزىل تامان ماڭغان كارۋان بىز،
بۈيۈك ئارزۇ تاڭغان كارۋان بىز.
ناخشا-ئۇسسۇل، كۈلكىلەر ھەمراھ،
ياڭراق ساز، كۈي چالغان كارۋان بىز.»
ئۆزگىچە سەنئەت نومۇرلىرى بىلەن بىزنى مەپتۇن قىلغان كارۋان تىياتىر كۇلۇبى «كارۋان» لار ئۆزى ئىزاھلىغىنىدەك: «شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى قىممىتىنى نامايان قىلىش، سەنئەتنى ياشلار ئالاھىدىلىكى، مىللىي ئالاھىدىلىك، دەۋر ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، نادىر ئىجادىيەت يارىتىش، ياشلار جۇشقۇنلىقى ئارقىلىق ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى بەرپا قىلىش مەقسىتىدە رايونىمىزدىكى ياش سەنئەتكارلاردىن تەشكىللەنگەن. كارۋان تىياتىر كۇلۇبى سەنئەت ۋە سەنئەتكارنىڭ، ئىجادىيەت ۋە ئىجادىيەتچىنىڭ قىممىتىنى يۈقىرى كۆتۈرۈش، ياش سەنئەتكارلارنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش مەقسىتىدە تەشكىللەنگەن ھاياتىي كۈچكە ئىگە سەنئەت كۇلۇبى.»
ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ، كارۋان تىياتىر كۇلۇبى خادىملىرى 2010-يىلى دېكابىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۈرۈمچىدە ئاخبارات ئېلان قىلش يىغىنى ئېچىپ، خەلقىمىزگە ئۆزى ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچىلەرنى بەرگەن ئىدى. 2010-يىل 31-دېكابىر ۋە 2011-يىل 1-يانۋار كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزگەن «كارۋان تىياتىرى1» ناملىق كېچىلىكى بىلەن خەلقىمىزنىڭ يۈكسەك ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى. ئۇ كۈنلەردە مەن نەق مەيدانغا ھازىر بولالمىغان بولساممۇ، ئەمما، يېقىندا چىققان سىنتەخسە ئارقىلىق كېچىلىكتىكى سەر خىل نومۇرلاردىن قانغۇچە ھوزۇرلاندىم. بۇ سەنئەت گۈلدەستىسىدىن ئالغان زوقۇم ئېسىل بىر روماننى ئوقۇپ ئالغان روھىي لەززەتتىن كەم بولمىدى. ئەڭ مۇھىمى، كارۋان كۇلۇبى بىزگە تەقدىم قىلغان مىكرو تىياتىرلارنىڭ، ئىتوتلارنىڭ بەدىئىي سەۋىيەسىگە، ئارتىسلارنىڭ ئورۇنداش ماھارىتىگە قاراپ، تىياتىرچىلىقىمىزنىڭ ئىستىقبالىدىن ئۈمىدۋار بولۇپ قالدىم. «ئەتىرگۈلدەك ھايات» ناملىق مىكرو تىياتىر 30 مىنۇت ئىچىدە بىر ئائىلىنىڭ شەجەرىسىنى خېلىلا مۇپەسسەل يورۇتۇپ، مېنى قايىل قىلغان بولسا، «ھەمراھ» ناملىق مىكرو تىياتىر ماڭا ھاياتىدا جىدىي تاللاشقا دۇچ كەلگەن پاكىز قەلبلىك بىر قىزنىڭ روھىي داۋالغۇشلىرىنى ھېس قىلدۇردى.
2012-يىل 7-يانۋار كېچىدە مەن كارۋان كۇلۇبىدىكىلەرنىڭ 2-سان كېچىلىكىدىن ھوزۇرلاندىم. مىكرو تىياتىر ۋە ئىتوت كارۋاننىڭ كوزىر نومۇرى سۈپىتىدە مېنى مەپتۇن قىلىۋالدى. بۇ كېچىلىكتىكى «ھەسەن تاز ۋە ھۈسەن چىمچىق» ناملىق ئىتوت مېنىڭ دىققىتىمنى تارتتى. نەچچە يىللاردىن بۇيان ئىتوت ژانېرىدا ئىزچىل قەلەم تەۋرىتىپ، كەسىپ ئەھلىنىڭ قايىللىقىغا ئېرىشكەن قاھار نىياز ئاكا ئاپتورلىقىدىكى بۇ ئەسەر مەزمۇن جەھەتتە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىمىزدىكى مۇھىم بىر چۆچەكنى ئۆزىگە مەنبە قىلغان ئىدى. بۇ ئىتوتتىكى مېنى ئەڭ قايىل قىلغان نۇقتا قازى ئوبرازى بولدى. بىز ئۇيغۇرلاردا مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ ئالدىدىكى تۈرلۈك سىياسىي تەشۋىقاتلار سەۋەبىدىنمۇ ئەيتاۋۇر، كۆپلىگەن ئەسەرلەردە خان-پادىشاھلار زالىم، بايلار پىخسىق ۋە ئاچكۆز، موللا-قازىلار ھاماقەت، دىيانەتسىز تەسۋىرلىنەتتى. «ھەسەن تاز ۋە ھۈسەن چىمچىق» ناملىق بۇ ئىتوتتا ھورۇنلۇقى چېكىدىن ئاشقان بۇ يالقاۋ ئاكا-ئۇكىلارغا ھەق جازا بەرگەن بىلىملىك قازى مېنى سۆيۈندۈردى. بۇ ئىتوت ماڭا فولكلورىمىزدا قېزىشقا تېگىشلىك سەنئەت جەۋھەرلىرىنىڭ نۇرغۇنلىقىنى يەنە بىر مەررە ھېس قىلدۇردى.
كارۋان كۇلۇبىدىكى 1-نومۇرلۇق باش قەھرىمان، رېژىسسور، ئاكتىيور، سەھنە ئەسىرى يازغۇچىسى جۈرئەت ۋاھىت ئون يىلدىن بۇيان سەنئەت شەيدالىرىنى يىلسىېرى ئۆزىگە قارىتىۋاتقان قابىل سەنئەتكاردۇر. جۈرئەت ۋاھىت ئاكا يازغان مىكرو تىياتىر «نىكاھنىڭ تەمى» مېنىڭچە، بۇ كېچىلىكتىكى ئەڭ ئېسىل نومۇر ھېسابلىنىدۇ. ئاپتور بۇ ئەسىرىدە رېئال تۇرمۇشىمىزدا ئۇچراپ تۇرىدىغان ئەھمىيەتلىك بىر تېمىنى سەنئەت يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرگەن بولۇپ، نۇرغۇن ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلغان 3-شەخىس ماجراسى تولىمۇ ئۇستىلىق بىلەن ئىپادىلەنگەن. ئاكتىيورلارنىڭ رول ئېلىش ماھارىتى ئادەمنى قايىل قىلىدۇ.  بۇ تىياتىردا تالاغا قاراپ قالغان «مەن» نىڭ شەكلەن خاراكتېرى بىلەن روھىي دۇنيايىدىكى ھەقىقىي «مەن» نى بىرلا ۋاقىتتا سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ، ئىنسان خاراكتېرىنىڭ كەم دېگەندە ئىككى قاتلامغا بۆلۈنىدىغانلىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىپادىلىگەن.
قاھار نىياز ئاكا يازغان بىمەنە ئىتوت «دەريادىن ئۆتۈش» مېنى تولا كۈلدۈرۈپ، ھالىمدىن كەتكۈزىۋەتتى. ياۋروپا ئەدەبىياتى تەتقىقاتىغا ئائىت كىتابلاردىن كۆرۈشۈمچە، ئىرېلاندىيەلىك نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى سامۇئېل بېككېت يازغان بىمەنە درامما «گودونى كۈتۈش» ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئىنساننىڭ روھىي تەنھالىقىنى، ئىقتىسادىي پاراۋانلىق ئىچىدىكى روھىي گادايلىقىنى ئەينەن تەسۋىرلەپ بەرگەنلىكى بىلەن غەرب دۇنياسىدا قارشى ئېلىنغان ئىكەن.
تارىم ۋادىسىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن ئۇيغۇر يازغۇچىسىنىڭ قەلىمىدىن چىققان «دەريادىن ئۆتۈش» ناملىق بىمەنە تىياتىر ماڭا بىر-بىرىنىڭ سۆزىنى چۈشەنمەي، ئۆزىنىڭ چاقىنى چۆرىۋاتقان ئىككى كىشىنىڭ دىئالوگى ئارقىلىق دەۋرىمىز كىشىلىرىدە ئەۋج ئالغان شەخسىيەتچىلىك ۋە ئۆزمەپتۇنلۇقتىن بىشارەت بېرىۋاتقاندەك تۇيۇلدى. ئون يىللار ئىلگىرى بىر بۇلبۇل سۈپەت ناخشىچى:
«يەتمەي ئاڭا ئاھىم، يەتمەي زارىم ھەم،
چۈشەنمىسە ھەتتا سۆيگەن يارىم ھەم» دەپ ئۆرتەنگەن ئىدى. مەن ئاپتورنى مەنىسىزلىكتىن مەنا ئىزلەۋاتامدىكىن؟! دەپ ئويلاپ قالدىم.
ئۇنىڭدىن باشقا، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىمىزدا «ئۈچ يالغان»، «قىرىق بىر يالغان»...قاتارلىق ھەجىۋ چۆچەك ۋە لاپلار بار ئىدى. مەن بۇ يەردە ئاپتۇرنىڭ قىسقا سەھنە ئەسەرلىرى ئارقىلىق غېرىبلىققا تولغان بۇ دۇنيادا يىلتىز ئىزلەش خاھىشىنى ئىپادىلەۋاتقانلىقىنى بايقىدىم.
جۈرئەت ۋاھىت ئاكا ئاپتورلىقىدىكى «كومېدىيە» ناملىق ئىتوت 2011-يىللىق قۇربان ھېيىتلىق سەنئەت كېچىلىكىدە ئوينىلىپ، ياخشى باھالارغا ئېرىشكەن ئىدى. بۇ كېچىلىكتە نەق مەيداندىن كۆرۈپ، ئاكتىيورلارغا يەنە بىر مەررە قايىل بولدۇم. ئىتوتتا ئۇيغۇر يىگىت-قىزلىرىنىڭ ئائىلە ۋە نىكاھ قارىشى، ئىدىيەسىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئۆتمۈش ۋە بۈگۈن سېلىشتۇرۇلغان ھالدا ئىپادىلەنگەن.
مەن ئوخشىمىغان زامان، ئوخشىمىغان تەبىقىگە تەۋە ئادەملەرنىڭ ئوبرازى خېلىلا مۇكەممەل يارىتىلغان بۇ قىسقا سەھنە ئەسەرلىرىگە قاراپ، كارۋان كۇلۇبىدىكىلەرنىڭ ئاساسلىق ناخشىسىدىكى:
«ئاتلاندۇق بىز مۈشكۈل سەپەرگە،
يۈزلەندۇق كەڭ سەھرا، شەھەرگە،
تەبرىك، ئالقىش بىزلەرگە مەدەد،
يۈرەكتە ئوت يانغان كارۋان بىز» دېگەن
ۋەدىسىنى ئورۇندىغىنىدىن سۆيۈندۈم.
ۋىنگېرىيە يازغۇچىسى فىرگېيس كارنىتينىڭ «سېھىرلىك ئورۇندۇق» ناملىق دىراممىسى كارۋاندىكىلەرگە بولغان سۆيۈنۈشۈمنى ئاشۇردى.
باشقا ئەل، خەلقلەرنىڭ سەھنە ئەسەرلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى ئۈچۈن يېڭىلىق ئەمەس. بۇ ئەسەرنى كۆرۈپ چۈشىنىش ئادەمدىن خېلى زور ئەقلىي كۈچ تەلەپ قىلاتتى. تۇنجى كۆرگەن ئادەمگە نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق. شەخسەن مەن بۇ كېچىلىكتە پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن نومۇرلارغا يۈزلەندىم.
كارۋان كۇلۇبىنىڭ بۇ كېچىلىكىدىن مەن ھېس قىلغان ئەڭ مۇھىم نۇقتا، كارۋان تىياتىرچىلىقىمىزنى گۈللەندۈرۈش ئۈمىدىمنى كۈچەيتتى. بۇ كېچىلىكنى روياپقا چىقارغان كارخانىچىلار، ئاپتورلار، رېژىسسورلار، ئاكتىيورلار ۋە سەھنە ئارقا سېپى خادىملىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ماڭا قېرىنداشلارچە ھەمكارلىقنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى تونۇتتى.
ئادەملەر كۈنسايىن ماشىنىلىشىۋاتقان بۇ روھىي كىرزىس دەۋرىدە، كارۋان بىزلەرنى مېھىر-مۇھەببەتكە، ئىنسانىيلىققا چاقىردى. مەن ئۇلارنىڭ ئەزگۈ تىلەكلىرىنىڭ ئەكىس ساداسىز قالمايدىغىنىغا ئىشىنىمەن.
«ئاتلار ئورۇق، مەنزىل يىراق» بولغان بۇ ھايات يولىدا، ۋاپا، ساداقەت، ئىنسانىيلىق، قېرىداشلىق ۋە ئانا تۇپراق مۇھەببىتىنى كۈيلەپ ماڭغان بۇ ئوت يۈرەك كارۋانلاردىن كىممۇ سۆيۈنمىسۇن؟! كىممۇ ئۇلارغا ئالقىش ياڭراتماي تۇرالىسۇن؟! نېمە دېگەن تاتلىق ناخشا بۇ:
«كۈلدى ئەجەب ۋەتەن زېمىنى،
چۈنكى باستۇق ئەجداد ئىزىنى،
رازى شۇڭا تەڭرىتاغ، تارىم،
پۈتمەس داستان يازغان كارۋان بىز».
كارۋان كۇلۇبىنىڭ ئىككى قېتىملىق كېچىلىكىدىن ھېس قىلغانلىرىم يالغۇز مۇشۇلارلا ئەمەس. كارۋاننىڭ مەنىلىك سەپىرى داۋاملىشىپ بارىدىكەن، مېنىڭ مۇھەببەتلىك يازمىلىرىممۇ داۋاملىشىدۇ.

2012-يىل 8-يانۋار يەكشەنبە كېچە، ئۈرۈمچى.

«شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2012 - يىللىق 1 - سانىدا ئېلان قىلىنغان.


idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  767
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 651
تۆھپە : 6
توردا: 87
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-25

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 04:13:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوجىنىڭ ئىجادىيەتلىرى داۋاملىق ئۇتۇقلۇق بولغاي. ئىلمىي مۇلاھىزە, ئۇچۇرلار بىلەن تولغان بۇ ئىخچام ئەمگىكى كىشىنى تولىمۇ سۆيۈندۈرىدۇ.

سەنئەت نەزەرىيسى ۋە سەنئەت تەنقىدى ئۈستىدە چۇڭقۇرلاپ  ئىزدىنىش زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەركيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-19 04:16  


بىلىم دوست تۇتمايدۇ ماختانچاقنى.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  146
يازما سانى: 546
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1119
تۆھپە : 3
توردا: 222
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-10

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 14:53:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالە ناھايتى ياخشى يېزىلغان ماقالىكەن . دىمىسىمۇ ئاشۇ بىر تۈركۈم ياشلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىزگە نۇرغۇنلىغان ياخشى نەرسىلەرنى بېرىۋاتىدۇ . ئەلۋەتتە ، شۇلارنىڭ ئىشلىرىنى قوللاش بىز ھەر بىر سەنئەت سۆيەر كىشىلەرنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەجبۇرىيتىمىزدۇر .

ئۆزۈڭ بول ئابرۇيىڭغا ئۆزۈڭ ئىگە ،
يۆلەكسىز ئۆزۈڭنى سەن ئۆزۈڭ يۆلە .

                            ئابدۇللا توقاي

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1411
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 166
تۆھپە : 0
توردا: 30
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-20

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 00:19:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كارۋان تىياتىر كۇلۇبىنىڭ 2 قېتىملىق سەنئەت كېچىلىگىنى كۆرۈپ تولىمۇ سۆيۈندۇم،كېچىلىكنىڭ سەنئەت ئونۋېرساللىقى كىشىنى ھەقىقەتەن جەلىپ قىلىدۇ،  بۇھەقتە ئۈمۇۈدۋار ئىنىمىز  تۇنجى بولۇپ ئۇچۇر خەرەكتىرىدىكى سېستىمىلىق نەزىرىيىۋى ماقالىنى  ئۆز چۇشەنجىسى  بويىچە شەرھىيلەپتۇ،

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 2152
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 7183
تۆھپە : 8
توردا: 448
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-25

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 00:24:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېلى قىممىتى بار تېمىكەن، شىنجاڭ سەنئىتى ژورنىلىغا مۇشتەرى بولمىغاچقا  ئوقۇپ  باقماپتىكەنمەن

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  252
يازما سانى: 441
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1117
تۆھپە : 1
توردا: 323
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-19

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 01:30:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىنى «شىنجاڭ سەنئىتى»ژورنىلىدا كۆرگەندىمۇ يارىغان ئىدى.بۇ يەردە يەنە بىر ئوقۇپ، ئۈمىدۋارنىڭ سەنئەت نەزەرىيىسى ۋە تەتقىقاتىدا داۋاملىق ئىزدىنىپ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىنى تىلىدىم.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش