كۆرۈش: 881|ئىنكاس: 1

ئابدۇرېشىت ئېلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2332
تۆھپە : 233
توردا: 1390
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 11:12:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

untitled.bmp

ئابدۇرېشىت ئېلى1973- يىلى 6- ئاينىڭ 27- كۈنى خوتەن شەھىرىنىڭ جىيا يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1996- يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خوتەن ئالىي پېداگوگىكا مەكتىپىدىكى تىل-ئەدەبىيات سىنىپىدا ئوقۇغان.مەخسۇس كۇرس مەلۇماتىغا ئىگە. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا تېخنىكومدا تىل-ئەدەبىيات، يېزىقچىلىق ۋە كومپيۇتېر ئوقۇتقۇچىسى، ژۇرناللاردا مۇھەررىر، كوررېكتور بولۇپ ئىشلىگەن.

      ئابدۇرېشىت ئېلىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1992- يىلى «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان » بىر يۈرۈش شېئىرلىرى بىلەن باشلانغان. ئۇنىڭ ھازىرغىچە «تارىم»، «تەڭرىتاغ»، «شىنجاڭ گېزىتى»... قاتارلىق 20 خىلدىن ئارتۇق گېزىت-ژۇرنالدا 500 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى؛ 40 پارچىغا يېقىن ھېكايە-نەسرلىرى ؛ 50 پارچىغا يېقىن ماقالىلىرى ۋە ئاخبارات ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان. 10 نەچچە پارچە شېئىرى ۋە ھېكايىسى ھەر خىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. «شېئىر بىر كېسەلدۇر ماڭا چاپلاشقان»، «ئىلاھى دەرەخ»، «مۇنچا ۋە باشقىلار»، «بۈگۈنكى زامان ئادىمى»، «چېچەك پەسلى» قاتارلىق شېئىرلىرى خەنزۇ تىلىغا؛ «ئىچىمدىكى قەشقەر»، «ئۆلۈم» قاتارلىق بەش پارچە شېئىرى ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان.

      50 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى «قەشقەردىكى يەر شارى»، «سالغا تېشى» (خەنزۇچە كىتاب)، «يۇرۇڭقاش ئۈنچىلىرى»... قاتارلىق بىرلەشمە توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن. 2007-يىلى قازاقىستاندا چىقىدىغان «مەرىپەت» ناملىق سىلاۋيانچە گېزىتتە 10 نەچچە پارچە شېئىرى بىلەن تونۇشتۇرۇلغان.

       ئابدۇرېشىت ئېلى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.



idraksoft

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  107
يازما سانى: 166
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1299
تۆھپە : 4
توردا: 412
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 01:45:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېشىت شېئرىيەتتە خېلى پىشقان شائىرلانىڭ بىرى ، ئۇنىڭ  ئەدەبئى ئىجادىيتى ھەققىدە   چۇڭقۇر توختىلىپ   

بېقىش زۇرۇر دەپ قارايمەن . بۇ جەھەتتە ئوبزۇرچىلىرىمىز  كۈچىسە بۇلاتتى . ئابدۇرېشىتمۇ  ئۆز پەللىسىنى يەنىمۇ   يۇقىرلاتسا

دىگەن ئومىدىم بار . ماڭا ئۇنىڭ قەشقە ھەققىدىكى  شئېرى بىلەن ئوغلى  دىلمۇرات  نامىغا بېغىشلانغان شئېرلىرى باشقىچە بىر خىل يىڭىچە بىلىنىدۇ . ئۇنىڭ شئېرىيەتتىكى تۇيغۇ دۇنياسىغا چوڭقۇرلاپ كىرسەڭ ، ئۆزەڭنى تولىمۇ ينىك ھىس قىلىسەن ، گۇيا سۈزۈك بۇلاق سۈيى بويىدا تۇرۇپ بىرىنىڭ يىرقتىن كىلىۋاتقان ئاياق تىۋىشىنى ئاڭلىغاندەك بولىسەن   .ئاخىردا ئۇيغۇر  تۇپرىقدىكى چىن مەنا بىلەن ياشاپ ، ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان  شائىر - يازغۇچىلارنىڭ  قەدىمىنىڭ بەرىكەتلىك بولىشىنى ئومىد قىلىمەن .










[

ھايات بىر ئېقىن سۇغا ئوخشايدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش