بەھرام گور پادىشاھلىقى ‹‹شاھنامە››10-بۆلۈم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 18:52:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنەججىمنىڭ بۇ بىشارىتىدە ‹‹ئۆمرۈڭ ئاتمىش ئۈچ يىل بولۇر›› دېيىلگەن بولسىمۇ لېكىن ئاخىرقى ئۈچ يىل سىر تۇتۇلغان ئېدى.شاھ بەھرامدا گەرچە چەكسىز مال-مۈلۈك بار بولسىمۇ لېكىن مۇنەجىمنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن رەنج چەكتى.شۇنىسى ئېنىقكى ئەگەر ھەرقانداق شەھرىيار پاكلىق بىلەن ياشىسا ھىچقانداق ئىشتىن  غەم قىلماي،رەنجسىز بەختىيار ياشاش ئىمكانىغا ئېرىشەلەيدۇ.
ۋەزىر غەزىنە ھېسابىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن قايتىپ كېلىپ شاھ ئالدىدا مۇنتەزىر بولۇپ تۇردى.دېدى:
  -قالغان يىگىرمە ئۈچ يىللىق  ئۆمۈردە نىمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكلىرىنى بىلەملا؟!مەن بارلىق بايلىقلارنى جەملەپ سەر ھېساپ قىلىپ كۆردۈم.لەشكەر چىقىملىرىنىمۇ كىتاپقا ئالدىم.يەنە باشقا بىر ئەلچى مەلۇم بىر ئىشتىن دېرەك بەرمەكتە.جاناپلىرىنىڭ گەنجى بەكمۇ كۆپ ئىكەن.غەزىنىلەر زەر ۋە كۈمۈشلەر بىلەن لىق تولۇپ كېتىپتۇ.شۇڭا ئۇ نۇرغۇن زامان ئىشلىتىشكە كەڭرى يېتىدۇ.
بۇنى ئاڭلاپ شاھ بەھرامنىڭ كۆڭلىدىكى غەم غۇسسىلەر ئاسماندىكى قارا بۇلۇتلاردەك تاراپ كېتىپ،كۆڭلى بەئەينى ئوچۇق ئاسماندەك سۈزۈلۈپ   تولىمۇ خۇش بولدى.كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئىپادىلەپ شۇنداق دېدى:
-بۇ بەش كۈنلۈك دۇنيا ئىكەن.قانغۇچە دەۋران سۈردۇق.شۇنداق تۇرۇپ يەنە قايغۇرغاننىڭ نىمە پايدىسى؟! تۈن ئۆتتى،ئەتىمىز تېخى كەلمىدى.دېمەك بۈگۈن قەد پۈكمەكنىڭ پۇرسىتى ئەمەس. ئىلكىمدە مال-مۈلۈك بىلەن تاج-تەخت ئېشىپ-تېشىپ تۇرۇۋاتقان بولسا، بىز ئەمدى ئالەمدىن خىراج ئالمايلى!
يەنە شۇنداق دەپ بۇيرىدى:
-ئەمدى بىزدە ئالەم خەلقىدىن خىراج ئالماققا ئېھتياج يوق.بۇندىن كېيىن ھىچكىمدىن باج-خىراج ئېلىمىسۇن!
شۇ پەرماندىن كېيىن شەھرىيار ھەرقايسى شەھەر ۋە مەملىكەتلەرگە ئادەم ئەۋەتىپ ۋە پەرمان يوللاپ بۇ يېڭى پەرماندىن خەۋەردار قىلدى:

قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 18:52:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-غاپىللارنى خەۋەردار قىلىڭلار.يامانلىق ئەلگە ئامانلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ.شۇڭا يۇرت ئىچىدە بىرمۇ يامانلىق قالمىسۇن.
شاھ بەھرام گەنجىدىن گىلەم،كۆرپە-تۆشەك،لىباس،سەرپا،ماتا قاتارلىقلاردىن يەتكۈچە ئالدۇرۇپ بۇ بايلىقلارنى ۋەزىرلەرگە تارتۇق قىلىپ  بەردى.ئۇلارغا دېدىكى:
-ھىچ بىر ياخشى-ياماننى مەندىن سىر تۇتماڭلار.ھەر بىر ئىشتىن مېنى ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىپ تۇرۇڭلار.شاھىتلىق خىزمىتىنى قۇتلۇق بىلىپ ئەل ئارىسىدىكى بارلىق ئىشلاردىن ھەر ۋاقىت ئاگاھ بولۇڭلار.شۇنداق قىلساڭلار مېنىڭ خىزمىتىمنى ياخشى قىلىپ تەشۋىشلەردىن خالاس قىلغان بولىسىلەر.
بۇ سۆز ئۇزاق ئۆتمەي ئالەمگە تارالدى.ۋەزىرلەر شۇندىن بېرى ئەل ئىچىدىكى ئىشلارغا تولىمۇ دىققەت قىلىدىغان، ھەربىر ئىشتىن شاھنى خەۋەردار قىلىپ تۇرۇدىغان بولدى.ئاقىللار شاھ پەرمانىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئىشقا كىرىشتى.ھەرقايسى ئەللەرگە ئادالەت،مەرھەمەت،خەيرۇ-ساخاۋەت  خۇسۇسىدا  خەت ئالاقىلەر ئەۋەتىلدى.
بۇ خەت ياخشى رول ئويناپلا قالماي يەنە بەزى ئەللەر ئارا ئاداۋەتلەرنىمۇ تۇغدۇردى.نۇرغۇن مەملىكەتلەردە جەڭ جېدەل ۋە قانخورلۇق ئەۋج ئالدى.ياشلار جەڭ مەيدانلىرىغا ئاتلىنىپ دەريا-دەريا قانلارنى تۆكۈشتى.دۇنياغا خىرىس قىلغان ئەللەر ئىنساپنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەس.پادىشاھلىرىمۇ ۋەزىرلىرىدىن ئەندىشە قىلماس.
شۇ مەزمۇندىكى خەتەرلەر پەيۋەستە كېلىۋېرىپ شاھ بەھرامنىڭ كۆڭلىنى خەستە قىلدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇۋاپىق تەدبىر قوللانماق بولۇپ ھەرقايسى جايلارغا بىردىن ئادىل دىل،دانىشمەن،خۇش مىجەز كىشىلەردىن تاللاپ سەركەردە تەيىنلىدى.ئۇلارنىڭ كىيىملىرى بىلەن تائاملىرى،ھەتتا ياتىدىغان يوتقانلىرىغا قەدەر پۈتكۈل غېمى-تەمىناتى شاھ غەزىنىسىدىن بېرىلەتتى.ئۇلار ئالتە ئاي ۋاقىت سەرىپ قىلىپ باشقۇرۇش مەھكىمىسى قۇرۇپ چىقىپ  ئۇنىڭغا كېرەكلىك دىرھەم ۋە پۇللارنى پۇقرادىن ئېلىشتى.ئۇشبۇ دىرھەمنىڭ نامىنى‹‹خىراج›› دەپ قويدى.تاجدارنىڭ خەزىنىچىسى قەتئىي ئەھكام يۈرگۈزۈپ يىللىق چىقىمنى ئالتە ئاي پۇقرادىن يىغىپ توپلىسا، كېيىنكى ئالتە ئايدا دۆلەت خەزىنىسىدىن بەردى.بۇ ئىشتىن بىر قىسىملار شادىمان بولۇشسا، بەزىلەر غەمناك بولۇشاتتى.

قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 18:52:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاكى ھەر بىر كىشى بىكار قېلىپ ئىشلىرى بەدلىك بولماسلىقى ئۈچۈن ئۇلار بىر چارە تېپىشتى.شائىرلار بۇ دانا تەدبىرنى مەدھىيەلپ قەسىدىلەر پۈتۈشتى.ئادالەت قايتىدىن تىك بولۇپ ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلىدى.قايسى مۈلۈكدار خىراج بەرمىسە تەختۇ-تاج ئۇنىڭ بېشىدا بېسىم پەيدا قىلاتتى.پادىشاھ بەھرام نامەنى ئوقۇغىنىدا دىلىدا بۇ ئىشتىن  غەم پەيدا بولدى.تەدبىرگە بىنائەن ھەر بىر يۇرتقا بىردىن كۆڭلى پاك،ئىنساپلىق كىشىلەرنى ھاكىملىققا  قويۇشتى.شاھ ئۇلارغا پەرمان بېرىپ دېدى:
-كىمىكى بىھۇدە قان تۆكسە سىلەرمۇ ئۇنىڭ قېنىنى تۆكىڭلار! قانخورلار بۇ دۇنيادا ئامان قالمىسۇن.تەڭرى پەرمانىنى كەڭ يېيىپ پۇقراغا جاكا قىلىڭلار.بارچە ئادەم ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلسۇن.
شاھنىڭ ئەمرى جاكالىنىپ ئارىدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتكەندە شاھ يەنە بىر نامىنىمۇ يازدۇرۇپ جاكا قىلغۇزدى.بۇ خەۋەر خەۋەرچىنىڭ ئىلكىگە كەلدى.جاھانغا يەنە شۇنچە كۆپ سەراسەرلەر تولدى.
مەكتۇپتا مۇنداق سۇئال سورىدى:
-ھەرقانداق جايدا قانداق ئىش شاھقا پايدا ئەكىلىدۇ،يەنە قانداق ئىش زىيان كەلتۈرىدۇ؟
يەنە شۇ مەكتۇپ جاۋاپ ئارقىلىق بىلدۈردىكى:
-شاھنىڭ پەرمانىغا قىلچە پىسەنت قىلماي يامان ئىشلارغا بەند بولسا،ئۆزى ھەم ھەركىملەرگە ئازار بەرسە،بۇنداقلار ئاخىرى گۈلشەننى خارۇ-زار قىلۇر.كالا-قوي قاتارلىق تۈرلۈك چارۋا ماللارنى ۋەيران قىلىپ گۈلزار باغلارنىمۇ دەشت-چۆلگە ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ.
ئۇنىڭغا ئۇلاپلا بارچە پۇقراغا پەرمان بېرىلدى:
- ھەممە پۇقراغا دېھقانچىلىق دائىملىق كەسىپ بولسۇن.ئالەمنىڭ قۇياشى كۆككە چىققۇچە ھەممە يەر ھەيدەش ۋە تېرىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇشسۇن. چۈشتىن كېيىن يەپ-ئىچىپ  دەم ئېلىپ،ئەيىش-ئىشرەتلەر قىلىپ  راھەت كۆرۈشسۇن.ئەگەردە كىمدە ئۇرۇقلۇق دان ياكى مال-چارۋا بولمىسا غەزىنچىلەر ئۇنى تىزىملاپ،مۇھتاج نەرسىلىرىنى  ھېساپلاپ كۆرۈپ شاھلىق غەزىنىدىن بار قىلىپ بەرسۇن.دېمەككى بىزنىڭ مال-دۇنيالىرىمىز بارلىق يوقسۇللارنى بەھرىمەن قىلسۇن.ھالى ناچارلار ھىچ رەنج تارتمىسۇن.ناۋادا ئاب-ھاۋا بىزنىڭ ساۋاپلىق ئىشلىرىمىزغا توسقۇنلۇق قىلسا، پادىشاھلىق بۇ ئىشقا داۋا تاپالماس.مىسالكى بىرەر يۇرتتا چىكەتكە ئاپىتى يۈز بەرسە ياكى مەلۇم جاينى سۇ بېسىپ كەتسە بۇنداق ئاپەتلەر دېھقاننىڭ رىزقىنى يوق قىلسا، ئۇلارنىڭ بارلىق ھەققى غەزىنىدىن تولۇقلاپ بېرىلسۇن!

قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 16:33:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپەتتىن كېيىن خەلققە ئاپەتنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى چۈشەندۈرۈلسۇن ۋە كېيىنكى ئاپەتلەرنىڭ ئالدى ئېلىنسۇن.ئەگەر بىرمۇنچە مەيدان تېرىلماي قالسا، ھەم ئۇنىڭدىن ئىھسان ئېلىنمىسا دېمەككى كىمدە كىم  بۇ ئىشقا قول سالماي زىيانغا سەۋەپكار بولسا ئۇنداق كىشىنىڭ يېرىدىن كېسەك قۇيۇلىدۇ.مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ تەمەگەر بولۇپ قېلىپ ‹‹ئىشلىمەي چىشلەيمەن››،‹‹تەييارغا ھەييار بولىمەن›› دەپ ئويلىماڭلار.ھاياتتىكى بارلىق مۈشكىلاتلارنى يېڭىپ ئىنساننى پاراۋان تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىدىغان خاسىيەتلىك بىر ئەڭگۈشتەر بار.ئۇ بولسىمۇ-ئەمگەكتۇر.ماڭا تەۋە ھەرقانداق كىشى تەڭرىگە ساداقەتمەن بولۇپ ھەر بىر ئىشىدا دۇرۇس ياشىسا ئۇنداق كىشى ئۆلسىمۇ نامىنى تەۋەرۈك تۇتارمەن.يەنە تۇتقان مەقامىنىمۇ چوڭ قىلۇرمەن.
بۇ نامىگە شاھ مۆھرى بېسىلدى.خەتچىلەر ئۇنى ئېلىپ ئالدىراپ يولغا چىقىشتى.
ئاندىن ھەر بىر ۋەزىرگە نامە يازدۇردى.قايسى تاماندا دەرۋىش بولسا ئۇنىڭغا جامە كەيدۈردى.
شاھ بەھرام ۋەزىرلىرىگە شۇنداق سۇئال قويدى:
-دەردسىز كىشى بارمۇ؟! پۈتۈن يۇرت ئارا دەرۋىشلەردىنمۇ يوقسىز كىشى بارمۇ؟ قېنى ئېيتىڭلارچۇ،جاھاننىڭ ئىشى زادى نېمە؟!ئەلنىڭ شادلىقى ۋە يۇرتنىڭ تەشۋىشى نىمىدىن بولۇر؟!
بۇ سۇئالغا ھەر بىر ۋەزىرىدىن ۋە دانىشمەن زاتلاردىن  جاۋاپ كەلدى:
-زىمىن سەھنىسىنى ئاۋات قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.شۇندا پۈتكۈل ئاۋام ئۇلۇغ ناملىرىنى ياد قىلىدۇ.دەرۋىش:‹‹تەقدىردىن تەشۋىش تارتتۇق›› دەپ پەقەت شەھرىياردىنلا نالىگەي،دۆلەتمەنلەر مەي ئىچىپ، ئىشرەت قىلىپ ئولتۇرغانلىرىدا گۈللەر ياپرىقى تاج بولغاي.مەي بەزمىسى ئىچرە مۇغەننىلەرنىڭ نەغمىسىنى ئاڭلاپ ئولتۇرغانلىرىدا بىزنى ئۇنتۇپ ئادەم قاتارىدا ساناشماس.كەمبەغەل ناۋاسىز،گۈلسىز ئولتۇرۇپ مەي ئىچەر.بايلار بولسا ھەرقاچان ئۆز راھىتىنىلا ئويلايدۇ.

قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 16:34:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاھ بەھرام مۇنداق خەۋەرنى ئاڭلاپ كۈلدى.ئاندىن بىر چاپارنى تەيىنلەپ يولغا چىقىشقا ھازىرلىدى.ئۇنىڭغا پەرمان بېرىپ دېدىكى:
-سەن ھىندستانغا بېرىپ شەنگۇل بىلەن كۆرۈش.ئۆتۈنىشىمنى ئۇنىڭغا ئاڭلىتىپ تۇرۇپ رازىلىق ئال.ئالى ھىممەتلىك شاھ خۇش نازلىق ، خۇش سازلىق ۋە خۇش ئاۋازلىق ئون مىڭ لۇلىنى تەيىنلەپ سەرەپراز قىلىپ بىزگە ئەۋەتسۇن.
پەرمان بېرىپ يەتكەندىن كېيىن تېزلا  بەجا كەلتۈرۈلدى. لۇلىلار دېگەن سان بويىچە ئىران شاھى ھوزۇرىغا كېلىپ تەق بولۇشتى. شاھ ئەمرىدە كاتتا يول ئېچىلىپ ئۇلارنىڭ  ھەر بىرىگە قېچىر ۋە سىيىرلار تارتۇق قىلىندى.يەنە دېھقانچىلىق قىلىشى ئۈچۈن ئېتىز ۋە يەر بەردى.ئوزۇق قىلىشى ئۈچۈن بۇغدايدىنمۇ مىڭ خامانلىق بەردى.يەنە ئۇلارغا نېمە كېرەك بولسا بەردى.يەرلەرنى ھەيدەش، تېرىش قاتارلىق تېرىلغۇ ئىشلىرىدا ئىشلەتسۇن دەپ ئېشەك،ئۆكۈزلەرنى بەردى.بۇغدايلارنى تېرىپ ھوسۇل ئالغان،بىكار قالغان چاغلىرىدا مۇغەننىيلىك قىلىپ دەرۋىشلەر بىلەن يوقسۇللارنىڭ كۆڭلىنى ئاچسۇن دەپ تاپىلىدى.لېكىن لۇلىلار ھورۇن ئېدى.دېھقانچىلىققا ئېپى يوق ئېىدى.ئۇلار ئۇرۇقلۇق بۇغداينى ئوزۇقلۇق بۇغداي بىلەن قوشۇپ يەپلا قالماي يەنە تېرىلغۇ ئۈچۈن بېرىلگەن چارۋىلارنىمۇ سويۇپ يەپ ياندۇرقى يىلى يەنە يوقسۇزلۇقتىن قاقشىشىپ شاھ ھوزۇرىغا كېلىشتى.

قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 16:34:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاھ ئۇلارغا دېدى:
-يەر ھەيدەش،ئۇرۇق چېچىپ تېرىش ۋە ھوسۇل ئېلىش ئىشلىرى سىلەرگە ماس كەلمىدى.بېرىلگەن چارۋىلاردىن پەقەت خېچىرلا تىرىك قاپتۇ.سىلەرگە ئەمدى بېرىدىغان ئاشلىق يوق.سىلەر ئەشۇ خېچىرنى ئىگەرلەپ مىنىپ،ناخشا ئېيتىپ، ساز چېلىپ  يۇرتمۇ يۇرت يۈرۈپ ئاش تىلەپ يەڭلار.
شۇندىن بېرى لۇلىلار ئاۋارە بولۇپ ئالەم كېزىپ، سەرسان-سەرگەردن بولۇپ يۈردى.بۇنىڭغا نىمە چارە؟!
بۇنىڭغا مۇنۇ نەزمە دەلىل:
ئىت،بۆرى ھەم سەپەر ھەمراھى ئىرۇر،
كۈن تۈنلەپ ئوغرىدەك رىزقىنى تېرۇر.
شۇ ئەلپازدا ئارىدىن ئاتمىش ئۈچ يىل ۋاقىت ئۆتتى.زامان ئۇنىڭدىن خۇش بەخت كۆرمىدى.
يىل بېشى بولغان بىر كۈنىئىش بىلەر،ھەممىگە ماھىر،شاھنىڭ ئەقىل ئۇستازى بولۇپ تۇرۇۋاتقان بىر ۋەزىرى شاھ بەھرامنىڭ يېنىغا كىردى.ئۇ شاھقا غەزىنە ئەھۋالىنى دوكلاد قىلدى:
-ئەي شاھىنشاھ،پۈتكۈل غەزىنە تامام بولدى.بۇندىن كېيىنكى خىراجىتىمىز ئۈچۈن نە پەرمان بېرۈرلىكىن،شۇ پەرماندىن ئاگاھ بولغان بولسام.
شاھ ئۇنىڭغا پەرمان بېرىپ مۇنداق دېدى:
-كىمىكى تەختنىڭ راۋاج تېپىشىنى ئىستىسە تېزدىن بىر يىللىق خىراج ئېلىپ كەلسۇن!
ۋەزىر ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاپ قىلدى:
ئەي شاھىنشاھىم،دۆلەتنى راۋاج تاپسۇن دېسىلە خىراجنى كۆپ تەلەپ قىلمىسىلا.بىز بۇ خىل تەلەپلەردىن كۆپ ساۋاق ئالدۇق.بۇ ئىشتىن ئەندىشە قىلماي بارلىق ئىشنى جاھان ئىگىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قويسىلا.ئۇ بارلىق چەرخى گەردۇننى پەيدا قىلغاندۇر.قانۇنىيەت شۇكى،زامانلار ئۆتىدۇ لېكىن تەڭرىلا قالىدۇ.بىر ئۇلا ھەر زامان ياخشىلارغا رەھنەما بولىدۇ.
شۇ كېچە ئۆتتى.تاڭ سەھەردە دەرگاھقا سانسىزلىغان لەشكەرلەر كەلدى.بۇ شاھنىڭ ئۆزىگە كېرەكلىك گورۇھنى جەم قىلغىنى ئېدى.ئوغلى يەزدىگىردمۇ شاھ ئالدىغا كەلدى.شاھ ئۇلۇغلار ئالدىدا ئۇنىڭغا تاج بەردى، شۇنداقلا بارلىق تەختىنىمۇ تاپشۇردى.بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشى ئۈچۈن دۇئا-پاتىھەلەر قىلدى.بۇندىن كېيىن ئارام ئالماق ئۈچۈن شاھلىق تاجىنى بېشىدىن ئالدى.

قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 16:35:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىدىن نالەشلەر قىلدى.تۈن چۆككەن مەھەلدە كۆزىنى يۇمدى.سەھەردە قۇياش چىقىپ ئاپتاپ نىگارنىڭ يۈزىدەك پارلىغاندا ۋەزىرنىڭ دىلىنى بىردىنلا ئىزتىراپ باستى:
-شاھ نىمە ئۈچۈن شۇ كەمگىچە ئۇيقىسىدىن ئويغىنىپ ئورنىدىن تۇرمايدۇ؟ ئۇنىڭ يوقلۇقىدىن كۆڭۈللەر ئەندىشىگە چۆممەكتە!
يەزدىگىرد بۇ گەپنى ئاڭلاپ شاھ ئاتىسىنىڭ قېشىغا كىردى.لېكىن ئۇ تېخىچىلا ئۇيقۇسىدىن تۇرمىغان ئېدى.نەزەر سېلىپ كۆردىكى،شاھ ئاتىسىنىڭ رەڭگى ئۆچكەن،چىرايى خازاندەك سارغايغان. ئەزىز جان زەرباپ تۆشەك ئىچىدە تەندىن غايىپ بولغان ئېدى.
ئەي ئىنسان،دىلىڭنى غەم-ھەسرەت بىلەن كۆيدۈرمە.بىز تەقدىر-قىسمەت بىلەن ئەزەلدىن ئاشىنامىز.ئۆلۈم شۇنچىلىك قورقۇنۇشلۇقكى، ئۇنىڭدىن ھەتتا تاش بىلەن تۆمۈرلەرمۇ قورقىدۇ.ۋە لېكىن ئاقىۋەتتە قازا ھەممىدىن غالىپ كېلىدۇ.كۆڭۈل خوشۇڭنى بىردەم ئىستىمىسەڭ ئورنىغا غەم لەشكىرى يوپۇرۇلۇپ كېلەر.بىئازار چىن ئادەم بولغىن.مانا شاھ بەھرامدەك سەرۋىقەد جەسۇر، مۇ جاھاندىن كەتتى.جاھاندا ئۇنىڭدەك ئۇلۇغ پادىشاھ،تەڭداشسىز قەددۇ-بەست بۇرۇن يوق ئېدى.بۇندىن كېيىنمۇ بولمىغاي.ئەي رەھىمدىل ئاللاھ،شاھ بەھرامنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرگىن.جانىنى جەننەتكە راۋان ئەيلىگىن.ئۇ ئەھلى جەننەتلەرگە ھەمخانە بولسۇن.
ئوغلى تا قىرىق كۈنگىچە ئۇنىڭغا  ماتەم تۇتتى.قوشۇنلارمۇ ماتەم تۇتۇپ قارا ،كۆك كېيىندى.ئول باتۇر پادىشاھ قەبرىگە كىردى.كۆڭۈللەر ئېغىر ۋەھىمىگە چۆكۈشتى.شاھ ئەمدى بۇرۇنقىدەك قۇياش،ئاي، ۋە يۇلتۇزلارنى كۆرەلمەس ئېدى.شاھلىق كۇلاھىنى كىيىپ ،زەر تەختۇ-سارايلاردا ئولتۇرالماس ئېدى.ئاھ دەرىخ،ئۇ كېلىشكەن چېھرە بىلەن چىناردەك قەد،دەرىخ،ئۇ مۇنەۋۋەر بەختۇ سەلتەنەت ئەمدى مەڭگۈگە يوق بولدى.بۇ زىمىندا ئۇ رۇم بىلەن چىندىن باج-خىراج ئېلىپ تاج بىلەن گۈللىگەن ئېدى.
تۈگىدى.

  

   

قابىلجان
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش