بەھرام گور پادىشاھلىقى ‹‹شاھنامە››10-بۆلۈم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-3 17:27:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر بۇندىن كەتمەكچى بولسىڭىز چارىسى شۇكى، پات يېقىندا شاھ ئاتام ئەشۇ يەرگە يەنە بەش كۈنلۈك سەيلىگە چىقىدۇ.شۇنىڭغىچە سىز بارلىق تەييارلىقلىرىڭىزنى پۈتتۈرۈپ ،ياراملىق ياخشى ئاتتتىن بىرنى مىنىپ تەق بولۇپ تۇرۇڭ،شۇ كۈنى ئەتىگەن سەھەردە، تاڭ ئېتىپ ئۇپۇق قىزارغان،شاھ ئاتام ئوردىدىن ئايرىلغان ھامان سىزمۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ دەرھال قېچىپ كېتىڭ.
شاھ بەھرامغا بۇ بۇچارە خوپ كەلدى.ئۇ سەپېنودقا رەھمەت-تەشەككۈرلىرىنى ئىزھار قىلىپ بولغاندىن كېيىن سىرنى پىنھان ساقلاشنى تاپىلاپ مۇنداق دېدى:
-بۇ ھەقىقەتەن بەك ياخشى چارە ئىكەن.لېكىن بۇ سىرىمىزنى باشقىلاردىن  قەتئىي مەخپى تۇتمىساق بولمايدۇ.ئىككىمىزدىن باشقا ئۈچۈنچى بىر ئىنسان بىلسە ئىش بۇزۇلىدۇ.لېكىن شۇنى ئۇنۇتماڭ،ئەمدى ئىككىمىزنىڭ تەقدىرى بىر.نىمە كۆرسەك تەڭ كۆرىمىز.شۇڭا سىزمۇ مەن بىلەن بىرگە كېتىشكە تەييارلىنىپ تۇرۇڭ.
شۇ ۋەدىگە بىنائەن ئۇلار شاھنىڭ سەيلىگە چىقىدىغان كۈنىنى كۈتۈپ تۇرۇشتى.ئانچە ئۇزۇنغا قالماي بۇ قۇتلۇق كۈنمۇ ئاخىرى يېتىپ كەلدى.شەنگۇل سەيلىگە چىقماق بولۇپ تەييارلىنىپ  ئادىتى بويىچە دائىم بىرگە بارىدىغان بىرنەچچە چوڭ مەرد-مەردانلارنى چاقىرىۋالدى.بۇ نۆۋەت بەرزۇي(شاھ بەھرام سالاھىيىتىنى يوشۇرغان بولغاچقا ھىندىلار ئۇنى شۇنداق نام بىلەن ئاتىشاتتى)نىمۇ بىرگە ئېلىۋالماق بولۇپ چاقىرغىلى  قەسىرىگە ئادەم كىرگۈزىۋىدى سەپېنود كەلگەن كىشىگە:
-بەرزۇي بىتاپ بولۇپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى.سەپەرگە چىققۇدەك ھالى يوق.شۇڭا ئۇ:‹‹بىرگە چىقالمىغانلىقىم ئۈچۈن خىجالەتتىمەن،بۇ سەيلە مەندەك ئاجىز خەستىگە مۇناسىپ كەلمەيدۇ،چۈنكى مەن بىمار بولغاچقا يارانلار بىلەن تەڭ ئولتۇرۇپ مەي-شاراپ ئىچەلمەيمەن،بۇ تۈپەيلى مەندىن شەھرىيار ئالىيلىرىنىڭ دىلىغا ئازار يەتمىسۇن.مېنى ئەپۇ قىلسۇن››دەيدۇ،- دەپ چىرايلىق گەپ قىلىپ يولغا سېلىپ قويدى.
شەنگۇل بۇنى ئاڭلاپ:
-ئەگەر بەرزۇي كېسەل بولۇپ قالغان بولسا بىز بىلەن بىرگە بارماي ئوردىدا  قېلىپ قالسۇن.بىتاپ كىشىنى ‹‹بىرگە بارىسەن›› دەپ زورلىسام يولسىزلىق بولار.ئۇ ئوردا تېۋىپلىرىغا ۋاقتىدا كۆرۈنۈپ مۇناسىپ دورا يېسۇن ۋە ياخشى ئارام ئېلىپ سالامەتلىكىنى تېزراق ئەسلىگە كەلتۈرسۇن.-دەپ ئۇنىڭ قېلىپ قېلىش تەلىپىگە قوشۇلدى.
شۇ كۈنى سەھەردە شەنگۇل ھەمراھلىرى بىلەن ئوردىدىن ئۇزىدى.ئۇنىڭ ئۇچقۇر ئېتى ھەربىر سەپىرىدە ئۇنىڭغا گوياكى قانات ئېدى.
شاھ بەھرام شەنگۇل كېتىشى ھامان قېچىشقا ئالدىرىمىدى.ئەپلىك پۇرسەت كۈتۈپ ساقلاپ تۇردى. كەچ كىرگەندە سەپېنۇد بەھرامغا ئېيتتى:
-ئەي ئۆمۈردىشىم،تېزراق ئاتلىنىڭ، قېچىپ كېتىشكە بولىدىغان پەيت كەلدى!
شاھ بەھرام ئېھتىيات يۈزىسىدىن ئاددىي سىپاھلارنىڭ كېيىمىنى كىيىۋالغان،بىر قولىغا ئوقيا،يەنە بىر قولىغا گۈرزە كۆتۈرۈۋالغان ئېدى.ئۇ تېزلىكتە جابدۇنۇپ چىقىپ سەپېنۇدنى ئاتقا مىندۈردى.بىرگە كەلگەن ھەمراھلىرىنىمۇ ئەگەشتۈرىۋالدى.ئاندىن تەڭرى نامىنى يادىغا ئېلىپ،ئاتقا قامچا سېلىپ قايتىش سەپىرىگە ئاتلاندى.ئۇلار تېزلىكتە يول يۈرۈپ دەريا ياقىسىغا كەلگەندە بىر گورۇھ ئەھلى سودىگەرلەر كۆرۈندى.تەلىيىگە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىرانلىق سودىگەر بولۇپ چىقتى.ئۇلار يۇرتمۇ يۇرت يۈرۈپ سودا قىلىدىغان بولغاچقا ئىشنىڭ يولىنى بىلەتتى.ئارىسدىن بىرى شاھ بەھرامنى تونۇپ قالدى.ئۇ ئېغىز ئېچىپ بولغۇچە بەھرام‹‹بەس››دەپ لەۋ چىشلىۋىدى سودىگەر جىم بولدى. ئەھۋال خەتەرلىك بولغاچقا ئۇلارغا ھەقىقى ئەھۋالنى بايان قىلىشقا بولمايتتى.شاھ بەھرام ئۇنى چەتكە تارتىپ ئاستاغىنە:
-ئەي سودىگەر،پايدا زىياننى پەرىق قىلساڭ،مېنىڭ كىملىكىم ھەققىدە قىلچە ئېغىز ئاچمىغىن.ئەگەر بۇ سىر ھىندىستاندا ئاشكارە بولسا ھەددى-ھېساپسىز ئېرانلىقلارنىڭ قېنى تۆكۈلىدۇ.مەملىكىتىمىزگە ئاپەت ياغىدۇ.ئەگەر بۇ ھەقتە ئېغىز ئاچماي سىرنى چىڭ ساقلىساڭ ساڭا ئامەت ياغىدۇ.شۇندا بىز تىنچ-ئامان سەپەر قىلىپ ۋەتەنگە يەتكەيمىز. بىز تاكى ئىرانغا تىنىچ –ئامان يېتىپ بېرىپ مەن تەختىمگە چىققانغا قەدەر سەن بۇ سىرنى ھېچكىشىگە ئېيتماي سىر پېتى ساقلاشقا ئانت ئىچكىن.تا شۇ چاغقىچە تىلىڭ باغلاقلىق تۇرسۇن.
سودىگەرلەر بۇ سىرنى قەتئىي ساقلاش ھەققىدە قەسەم ئىچىشتى.
شاھنىڭ دىلىدىن غەم ئەندىشىلەر يىراقلاپ كېتىپ خاتىرجەم بولۇپ قالدى.ئۇ سودىگەرلەردىن سىر ساقلاشنى تەلەپ قىلىپ مۇنداق ۋەدە بەردى:
-ئەي يارەنلەر،زارىمنى دىلىڭلاردا جان بىلەن باراۋەر تۇتۇڭلار،كىمىكى سىرنى مەھكەم ساقلاپ ئامانلىقىمغا كاپالەتلىك قىلسا ۋەتەنگە ئامان ئېسەن قايتىپ بېرىپ تەختكە چىقىنىمدىن كېيىن ئول كىشىنى كاتتا مۇكاپاتلاپ تاج-تەختكە ئىگە قىلىمەن.ئەگەر قايتىپ كېتەلمەي ھىندى دىيارىدا لەشكەر بېشى بولۇپ تۇرۇپ قالسام بۇ ھىندى دىيارىدا مەيلى شاھ،مەيلى سودىگەر،مەيلى لەشكەر مەيلى دېھقان  ھېچكىم،ھېچنىمە  ئامان قالماس.
سودىگەرلەر ۋەدە بېرىپ مۇنداق دېيىشتى:
  -ئەي نەۋقىران شاھ،خاتىرجەم بولۇڭ.سىز ئۈچۈن ھەرۋاقىت جېنىمىز پىدا.سىز بىزنىڭ ئەبەدىيلىك پۇشتى پاناھىمىز.شۇڭا سىزنى جېنىمىزنى قوغدىغاندەك قوغدايمىز.ئەگەر سىزگە ئاسىيلىق قىلىپ سىر ئىشىكىنى ئاچساق يامان ئۆلۈمدە ئۆلگەيمىز...
شاھ بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ سودىگەرلەرگە ئاپىرىن ئېيتتى:
-ئەي، ئەھلى سودىگەرلەر،سىلەرگە ئاپىرىن! سىلەر بۇ سەپەرنى تاماملىغاندىن كېيىن يۇرتنىڭ ئۇلۇغ نامدارلىرىغا ئايلىنىسىلەر.ھەممىڭلار سادىق،پاك دىن پەزىلەتلىك زاتلاردىن ئىكەنسىلەر.سىلەرگە مەندىن مىڭلارچە تەشەككۈر!
شاھ بەھرام تېزلىكتە دەريا ساھىلى بىلەن يول ئالدى.ئىرانلىق سودىگەرلەر بولسا دەريا بويىدىى چۈشكىنىدە كېمە ساقلاپ ئۇخلىشىپ قالدى.شاھ بەھرام ئۇلاردەك ساقلاپ تۇرالمايتتى.تېزلىكتە قايتىپ كېتىشى كېرەك ئېدى شۇڭا قىرغاقتا كېمىچىلەرگە بىر قېيىق ياساتتى.ئۇنىڭغا سەپېنۇد بىلەن ئىككىسى چۈشۈپ سەپەرگە ئاتلاندى.ئۇلارھېلىقى قېيىق بىلەن بىر كېچە دەريادا ئۈزدى.تاڭ ئاتقاندا قۇياش شەرق ئاسمىنىدىكى پايانسسىز ئۇپۇقتا رەڭدار ھەل سۈرگەندە  قارشى قىرغاقتىكى قۇرۇقلۇق كۆرۈندى...


قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 00:11:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەنگۇل ھەر ئېھتىماللىققا قارشى بەھرامنىڭ يۈرۈش تۇرۇشىنى كۈزۈتۈپ تۇرۇش،غەيرى ئەھۋال يۈز بەرگەن ھامان دەرھال مەلۇم قىلىش ئۈچۈن مەخپى پايلاقچى قويۇپ قويغان ئېدى.
بەھراملار قاچقان ھامان پايلاقچىمۇ ئۆز مەلۇماتىنى تېزراق يوللاپ شاھىنى ئەھۋالدىن خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن سەيلىگاھ تامان قۇيۇندەك ئات چاپتۇردى.
شەنگۇل ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان چېغىدا غەزىپى قايناپ تېشىپ يۈرىكى بەئەينى ئۇلۇغ ئوت بولۇپ ياندى.ئۇ قاچقۇنلارنى قوغلاپ يېتىپ تېزلىكتە توسۇۋېلىش ئۈچۈن شۇ ھامان ئادەملىرى بىلەن ئاتلىنىپ چىقىپ بوراندەك ئات چاپتۇرۇپ دەرياغا يېقىنلاپ كەلدى.تېزلىكتە دەريادىن ئۆتكەندىن كېيىن  ئادەملىرى بىلەن يەنە داۋاملىق ئاتلىق قوغلاپ ماڭدى.
بىر كېچە ۋاقىت  ئۆتۈپ كەتتى. ئۇلار ئەتىسى چاشكا ۋاقتىغا يېقىن شاھ بەھراملارغا يېقىنلىشىپ كەلدى.شاھ بەھرام ئۇلارنىڭ قوغلاپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ يوشۇرۇنىۋالماستىن مەردانە قىياپەتتە يولىدىن توختاپ ئۇلارنى كۈتۈپ تۇردى.يېتىشىپ كەلگەن شەنگۇل بەھرام بىلەن سەپېنۇدنى كۆرۈپ قىزىغا نەپرەت كۆزى بىلەن قارىدى.غەزىپى تېشىپ تۇرغاچقا باشتىلا   قاتتىق  ئەيىپلەش سۆزلىرىنى قىلدى:
-ئەي ناقابىل پەرزەنت،مېھرىبان ئاتا-ئاناڭ،قەۋمۇ-قېرىنداشلىرىڭ،ئەزىز ۋەتىنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، ساڭا چىن يۈرىكىدىن كۆيۈدىغان ۋاپادارلىرىڭدىن قېچىپ  نەگە باراي دەيسەن؟! سەن ۋە مەن راستچىل،سەمىمىي ۋە ۋاپادار دەپ ئىشەنگەن بۇ ھىيلىگەر يىگىت بىزنىڭ ئىشەنچىمىزگە ئېرىشىپ ساڭا ئەر بولغاندىن كېيىن ۋاپا -دىيانەتنى ئۇنتۇپ دۈشمەننى دوست دەپ بىلىپسەن.يۈرىكىڭنى شىرنىڭ يۈرىكىدەك قاتتىق قىلىپ كېچىلەپ دەريادىن ئۆتۈپسەن.بېشىڭدا سايىۋەن بولۇپ تۇرۇۋاتقان تاجۇ-دۆلەتنى تاشلاپ يىراق ماكانغا – ئاشۇ ۋەيرانە ئىرانغا بارماقچى بوپسەن.ئەمدى مېنى پەدەرىم دېگۈچى بولما.رەھىم شەپقەتمۇ كۈتمە! سەن مەندىن يۈز ئۆرۈپ قاچقان ئىكەنسەن پەرزەنتىمدىن  دۈشمىنىمگە ئايلاندىڭ.ئەمدى رەھمىمنى ئەمەس، نەيزەمنىڭ زەخمىنى كۆرەرسەن!
سەپېنۇد جاۋاپقا ئېغىز ئېچىپ بولغۇچە بەھرام جاۋاپ بېرىپ دېدى:
-ئەي،بەدنىيەت زات،ئەلچىنىڭ ئۆز يۇرتىغان قايتمىقى،قۇلنىڭ ئۆز  خوجىسىغا سادىق بولمىقى، خوتۇننىڭ ئۆز يولدىشى بىلەن بىرگە تۇرمىقى ئاتام زاماندىن قالغان رەسمى ئادەت.شۇنداق تۇرۇپ نىمىدەپ بىزنى ۋاپاسىزلىقتا ئەيىپلەيسەن، يەنە قايسى يۈزۈڭ بىلەن بىزنى قوغلاپ ئارقىمىزدىن تەلۋىلەرچە  ئات سۈرۈپ كەلدىڭ؟! سەن مېنى بوش چاغلاپ قالما،سەن مېنى جەڭ مەيدانلىرىدا،كەركىدان ۋە ئەجدىھا بىلەن قىلغان شىددەتلىك كۈرەشلەردە سىنىدىڭ.ھىندىدىن يۈزمىڭ لەشكەر مەن بىلەن جەڭ قىلغىلى كەلسە بىر لەشكەرچىلىك رولى بولمايدىغانلىقىنى بىلدىڭ.شۇنداق ئىكەن مەن توقۇنۇشتىن قورىقمايمەن.يېنىمدا پەقەت بىرلا پارسىي ئەزىمەت شەمشەر تۇتۇپ  ھەمكارلىقتا تۇرسا ماڭا قارشى تىغ كۆتۈرۈپ كەلگەن بارچە ھىندى لەشكەرلىرىنىڭ  كۆزىنى لەختە-لەختە  قان  قىلغايمەن.مەرتلەرچە كۈرەش قىلىدىغان قانلىق  مەيداندا قېنى كىم مەندىن ئۆزىنى ئامان ساقلاپ قالالايدۇ؟!
شەنگۇل بۇ گەپنى ئاڭلاپ سۆزنىڭ تەكتىگە يەتتى.غەزەپ-ئاچچىق،قاراملىق،ئەقىلسىزلىككە تايىنىپ بەھرام بىلەن زومۇ-زو جەڭ قىلسا ئەلۋەتتە زىيان تارتاتتى.شۇڭا بايىقى ئەلپازىدىن يۇۋاشلاپ تەلەپپۇزىنى ئۆزگەرتىپ مۇنداق دېدى:
-مەن سېنى ئىران شاھىچىلىك قەدىرلىمىدىممۇ،بېشىڭغا گۆھەر تاج قوندۇرۇپ بەئەينى ئۆز ئوغلۇمدەكلا ئىخلاس قىلمىدىممۇ،سېنى ھەرقاچان بارچە يېقىنلىرىمدىنمۇ زىيادە بىلىپ خۇددى كۆز گۆھىرىمدەكلا ئەزىزلىمىدىممۇ؟!مەن ساڭا قىزىمنى بەرگەندە ماڭا قانداش بولسۇن،كېيىن تەختىمگە ۋارىس بولۇپ ئوغلۇم ئورنىدا ئىزىمنى باسسۇن دېگەن ئەمەسمىدىم؟! سېنى ئىرانغا كېتىمەن دېمىسىكەن،يېنىمىزدا تۇرۇپ قالغان بولسىكەن دەپ بارچە خاھىشىڭنى بەجا كەلتۈرۈپ  قولىمىزدىن كېلىدىغاننىڭ ھەممىسىنى قىلدۇققۇ، شۇنداق تۇرسا ياخشىلىققا يامانلىق قىلماق راۋا بولامدۇ، بۇ قىلغىنىڭ ۋاپاغا جاپا قىلغانلىق بولماي نېمە؟!يەنە ئويلاپ باق،سەپېنۇد مېنىڭ قىزىم-يۈرەك پارەم ئەمەسمىدى، ئۇ مېنىڭ كېچە كۈندۈزلۈك يادىم-خىرەدمەندىم ئەمەسمىدى؟! مانا ئەمدى ئۇ سېنىڭ بىلەن يار بوپتۇ.شۇ تاپتا ئۇ ئۆزىچە شاد ۋە بەختياردۇر.مەن بىلىمەن،ئىرانلىقنىڭ دىلىدا ۋاپا يوقتۇر.كىمىكى ئۇنىڭغا ياردەم قىلسا ۋاپا ئورنىغا جاپا قايتۇرىدۇ.بىلىشىمچە شىرنىڭ بالىسىنى باقسا چوڭايغان زامان ئۆتكۈر چىش –تىرناقلىرى بىلەن باققۇچىلارنىڭ تېنىدىن قان ئاققۇزارمىش.ھەتتا تەلۋىلىكى ئېشىپ يەزدان(ئاتەشپەرەستلەر دىنىنىڭ تەڭرىسى )غىمۇ قارشى چىقارمىش!
-ئەي شەنگۇل-دېدى بەھرام جاۋاپ بېرىپ،-سەن مېنى خاتا ئەيىپلەۋاتىسەن،ئۆزۈمدە يوق يامان سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەۋاتىسەن.مېنىڭ كىملىكىمنى،نىمە مەقسەد بىلەن دىيارىڭغا كەلگىنىمنى بىلمەي مېنى ياۋۇزلار قاتارىدا  سانىساڭ بولامدۇ؟!مەن خاتا قىلمىدىم. ئۆزۈم قىلىشقا تېگشلىك بولغان ئىشنى قىلدىم.قىلغانلىرىم باشقىلارنىڭ تەنە –مالامەتلىرىگە لايىق ئەمەس.مېنىڭ رايىم بويىچە بولغاندا ھېچكىمگە دىل ئازارلىق قىلغۇم يوق.بۇندىن بۇرۇن ھەقىقىي سالاھىيىتىمنى سەندىن يوشۇرۇپ كەلگەن ئېدىم.ئەمدىلىكتە ئۇنى ئاشكارە قىلىدىغان پەيت كەلدى.بىلىپ قويغىنكى مەن سەن ئويلىغاندەك ئاددىي بىر نەۋكەر،خاس ئەلچى ئەمەسمەن.بەلكى ئىران ۋە تۇراننىڭ شاھىنشاھىمەن.جاھاندىكى بارلىق باتۇرلارنىڭ سەردارى ۋە پالۋانىمەن.خاھىشىم ساڭا ياخشىلىق قىلماقلىق.ئىشىم يامانلارنىڭ بېشىنى كەسمەكلىك.ئەمدى ھەممە ئاشكارە بولدى.مەنمۇ ساڭا بىر تەكلىپ بېرەي.بىز بۇرۇن تونۇشمايتتۇق.ئەمدى ئاتا-بالا بولدۇق.بۇندىن بۇرۇن مەن ساڭا مېھمان بولغان،ئەمدى سەن مەن بىلەن بىرگە ئىرانغا بېرىپ ماڭا ئاتام ئورنىدا ئاتا  ۋە ئەزىز مېھمىنىم بول.قارارىم شۇكى،مەن بۇندىن كېيىن ھىندىستان تەرەپكە لەشكىري يۈرۈش قىلمايمەن.باج-خىراجمۇ ئالمايمەن.ئېلىڭنىڭ مۈلكۈ-بېجىغا تامامەن ئۆزۈڭ ئىگە بول.گۈل قىزىڭ سەپېنۇدنىڭ سالاھىيىتى بۇرۇن ئىران ئەلچىسىنىڭ ئايالى بولغان بولسا، بۇندىن كېيىن بۈيۈك ئىراننىڭ خانىشى-بانۇلارنىڭ بانۇسى بولىدۇ!
شەنگۇل بۇ سۆزنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى.
داۋامى بار

قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 23:14:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەنگۇل بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى.ئۇ ھىندى دەستارىنى بېشىدىن ئېلىپ قوشۇنىدىن ئات سۈرۈپ ئالدىغا چىقتى.شاھ بەھرامغا يېقىنلىشىپ كەلگەندىن كېيىن تېزلىكتە ئاتتىن چۈشۈپ شاھ بەھرامنىڭ ئالدىغا كېلىپ يۈكۈندى.شادىمانلىق بىلەن شاھ بەھرامنىڭ پۇتىنى قۇچاقلاپ چىن دىلىدىن چىقىرىپ تۇرۇپ كەچۈرۈم سورىدى:
-ئەي جاھان شاھى،مېنى كەچۈرسىلە! رۇشەن ئىككى كۆزۈم بار تۇرۇپ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى جانابلىرىنى تونۇماي نۇرغۇن ئەدەپسىزلىكلەرنى ۋە كەچۈرگۈسىز ئېغىر گۇناھلارنى سادىر قىپتىمەن.بۈگۈن ئاياغلىرىدا تىزلىنىپ تۇرۇپ گۇناھىمنى تىلەيمەن.سۆزلىرىمدىن چىن نىيىتىمنى چۈشەنگەيلا.كۆڭۈللىرىدىن قايغۇ ھەسرەتنى ۋە ماڭا نىسبەتەن پەيدا بولغان  غەزەپ نەپرەتنى چىقىرىپ تاشلىغايلا!
شاھ بەھرام ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ خۇش تەبەسسۈم قىلىپ تۇرۇپ شەنگۇلنى يۆلەپ تۇرغۇزدى.ئۇنىڭ دىدارىدىن شاد بولۇپ خىزمەتچىلىرىگە بۇيرۇپ داستىخان سالغۇزدى.ئالتۇن جاملاردا ئىسىل مەيلەرنى قۇيۇپ ھاردۇق سورىدى. تاماقتىن كېيىن ئىككىسى كونا قەدىناسلاردەك يانمۇ-يان ئولتۇرۇپ  مۇڭداشتى.شاھ بەھرام كۆڭلىگە قانداق پىكىر كەلسە ھەممىسىنى شەنگۇلغا دەپ ئوچۇق-يورۇقلۇق بىلەن دوستلۇق ئىزھار قىلدى.
ئۇلار شۇ تەرىقىدە خېلى ئۇزاق ھەمسۆھبەت بولۇپ داستىخان يىغىشتۇرۇلاندىن كېيىن شەنگۇل قايتىپ كەتمەك بولۇپ ئاستا ئورنىدىن تۇردى.يەزدانشۇناس شاھلار بىر-بىرىگە قول بېرىشتى،قەسەم ئىچىشىپ دوستلۇق ئەھدى تۈزۈشتى:
-ئەمدىكى ئىشىمىز ئادالەت يولىنى تۇتۇش.ئارىمىزدىكى شەك ۋە ئاداۋەتلەر تۈۋىدىن قۇرۇپ دوستلۇق دەرىخىمىز كۆكلەپ مېۋە بەرگەي.دىللىرىمىز ۋاپا بىلەن بەند بولۇپ ھەر ئىككى تەرەپ يېقىن قېرىنداشلاردەك مەڭگۈ ئىناق ئۆتكەي!ئەمدى بىز ئوردىلىرىمىزغا قايتىپ يامانلىق ئويلىماي ئىناقلىق-ئىتتىپاقلىق ھەققىدە دانالاردىن پەند ئاڭلايلى...
شۇنداق ۋەدىلەردىن كېيىن ئىككى شاھ بىر بىرى بىلەن  خەيرلىشىپ ھەر ئىككىلىسى ئۆز مەنزىللىرىگە قايتىش ئۈچۈن ئاتلىنىشتى.ئۇلارنىڭ بىرى قۇرۇقلۇق بىلەن، يەنە بىرى دەريا بىلەن يۈرۈپ كەتتى.

داۋامى بار

قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 15:18:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاھ بەھرامنىڭ ھىندىستاندىن قايتىپ كېلىۋاتقانلىقىدىن ئىران ئەھلى خەۋەر تاپتى.شەھەر ۋە مەيدانلار سەراسەر بىزەندى.بۇ خەۋەرنىڭ خوشلۇقىدىن بارلىق چېھىرلەر شادىمانلىقتا كۈلەر ئېدى.خوشلۇقنىڭ بەدىلى ئۈچۈن ئالتۇن-كۈمۈشلەر،دىرھەملەر،دىنارلار،مۈشك-ئەنبەرلەر ئەل-ئاۋامغا ئايىماي         چېچىلدى.
باش ۋەزىر نەرسى بەھرامنىڭ كەلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپ بارلىق لەشكەرلىرىنى بىر مەنزىلگە يىغدى.ئاندىننەرسى سەرمۇبەد بىلەن  پىشىۋازغىچە ئالدىغا چىقىپ قىزغىن  كۈتۈۋالدى. بەھرامنى كۆرگەن شۇ پۇرسەتتە ئۇلار ئاتلىرىدىن چۈشۈشۈپ خۇرسەنلىك بىلەن يەرنى سۆيۈپ تازىم قىلىشىپ ئېسەنلىك سورىدى.شېرىن- سۇخەن گەپلەر بىلەن مەدھىيە ئوقۇشۇپ بەھرامغا چەكسىز شان-شەرەپلەر ياغدۇردى.
كېيىن ئۇلار بىرلىكتە سەپەرنى داۋاملاشتۇردى.شاھ بەھرام شۇ يوسۇن بىلەن پايتەختىگە قايتىپ كېلىپ قەسىر -ئايۋىنىغا قەدەم قويدى.ساق-سالامت قايتىپ كېلىۋالغانلىقىغا شۈكۈر قىلىپ تەڭرىگە ھەمدۇ-سانالار ئوقۇدى.
كەچ كىرىپ  ئالەم زۇلمەت قارا پەردىسىنى يايغان،كۈمۈش رەڭ ئاي ئالەمگە نۇردىن چاچقۇ چېچىپ ئاسمان دېڭىزىدا ئەركىن ئۈزۈشكە باشلىغاندا شاھ قەسىرىگە كىرىپ شەنگۇل قىزى بىلەن دەم ئالدى.
ئالەم چىراغبانى بولغان نۇرلۇق تاڭ تۈننىڭ قارا لىباسىنى چاك قىلىپ ياڭراق ئۈندە باڭ ئۇرغىنىدا شاھىنشاھ بارگاھىنى ساراي ئەھلىگە كەڭرى ئېچىپ زەررىن تەختىدىن ئورۇن ئالدى.بارچە دانىشمەنلەر،دوست بۇرادەرلەر ۋە بارچە سەردارلار بارگاھقا ھازىر بولدى.جاھاندار ئۆزىنى تىك تۇتۇپ تەختىدە مەغرۇرۇ ئولتۇراتتى.ئۇ تەڭرىنىڭ جاھان ئەھلىگە ياغدۇرغان چەكسىز  رەھمىتىنى ياد ئەيلەپ بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى سۆزىنى ئادىتى بويىچە يەنىلا ئادالەت بابىدىن باشلىدى.مۇھىم يەتكۈزمىلىرىنى يەتكۈزۈپ بوينىنى ھەق قەرزىدىن ئازاد قىلدى:
- جاھاننىڭ بۇنيادكارى،بارلىق ئاشكارە ۋە پىنھاننىڭ خەۋەردارى  بولغان بۈيۈك تەڭرىنى ھەمىشە باش ئۆزرە مۇقەددەس بىلىڭ.مەيلى كېچە مەيلى كۈندۈزى دۇئاسىنى قىلىپ ئۇ بەرگەن بەختۇ-دۆلەت ۋە شان -شەرەپلەر ئۈچۈن شۈكۈر تەسەننالار ئېيتىڭ.ئۇ مۇنەۋۋەر قۇياشلىق ئاسمان،يوپيۇرۇق ئايلىرى بار جاھاننىڭ پەرۋەردىگارىدۇر.دىلىڭىزدا بىھىشكە كىرىش ئىستىكى بولسا ھەق –ئادالەت يولىنى تۇتۇپ يامانلارغا يانتاياق بولۇپ يامانلىققا قول سوزماڭ.قايسى جايدا ساخاۋەت،ئادىللىق،راستچىللىق بار بولسا كاجلىق ۋە كەملىكتىن دىل ئازار چەكمەس.بۇنداق يۇرتتا ھەرقانداق ئادەم خەتەرسىز ياشىغاي.ھەر كىشىنىڭ زەردىن تېغى،كۈمۈشتىن بېغى بولسىمۇ تەڭرىدىن،كىشىنىڭ ھەققىدىن، يامانلىقتىن قورقسۇن.ياخشىلىق يولىنى تۇتۇپ ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلسۇن.دېھقان ۋە زىمىندار يېرى ۋە بايلىقىغا ئىشىنىپ يۇۋاشلارنى،يوقسۇللارنى بوزەك قىلمىسۇن.ھەقنىڭ بارىدا ھەممە ئادەمگە باراۋەر مۇئامىلە قىلسۇن.بىز ھەركىمگە تاج ۋە تەخت بەرسەك ئۇنى بىزدىن كۆر مەي ‹‹مەن خۇدانىڭ ئىنايىتىدىن شۇ نېئىمەتكە ئېرىشتىم›› دەپ بىلسۇن.ئەگەر تەڭرىنىڭ خاھىشى بولمىغان بولسا تەلەيدىن دىل رۇشەن ۋە جىلۋىگەر بولماس ئېدى.ئەل دائىما ئادالەتتىن شادىمان بولسۇن.مېنىڭ خەزىنە توپلاشقا مەيلىم بولمىغاچقا رايىم ئەلنىڭ ناشادلىقنى خالىمايدۇ.ئىشىم دۇنيا بايلىقنى ئەمەس، ئادالەت گەنجىنى توپلاشتۇر.
داۋامى بار

قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-17 14:16:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلنىڭ تىنىچ خاتىرجەم ياشىمىقى ئەمەلگە ئاشۇرۇلسا رىزقىم پۈتۈپ ئۆلگىنىمدىن كېيىنمۇ روھ –ئەرۋاھىم شادىمان بولۇر.ئەگەر سەردارلىرىم،ەشكەرلىرىم ياكى يېقىن تۇققان بۇرادەرلىرىمدىن بىرەرسى رەنج چېكىپ ئۇ رەنجىنى ئاشكارە قىلمىسا،ئۇ رەنجنىڭ سىرلىرىنى ماڭا ئېيتمىسا ئۇنىڭ ئۆز گۇناھى ئۆزىگىدۇر.ئاقىل ئادەم ھەرگىزمۇ بۇنداق يولنى تاللىماس.ئۇ چاغدا ئېنىقلا دەۋاگەر مەن بولۇپ قالىمەن.ئۇ خۇددى بۇلۇت بىلەن ئاينى يوشۇرۇپ قالغاندەك ھەقىقەتنى مەندىن يوشۇرغان خىيانەتكار بولغان بولىدۇ.ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆزىگە خاس خىسلىتى بولىدۇ.بۇ خىسلەتلەر بىر-بىرىدىن پەرىقلىنىدۇ.ئۆز سىرلىرىنى مەندىن يوشۇرغانلارنىڭ بەلكىم باشقا ئەندىشىسى بولۇشى مۈمكىن.شۇنداقتىمۇ مەندىن تارتىنماي ئىچكى سىرلىرىڭلارنى ۋاقتىدا سۆزلەڭلار.شايەتكى مەن كونا ئارزۇيۇمنى يەڭگۈشلىسەم بولغۇدەك.ھەممىڭلار پەرمانىمغا ئىتائەت قىلىڭلار.بۇ نەسىھىتىمنى جېنىڭلار ئۈچۈن زىننەت دەپ بىلىڭلار!


داۋامى بار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.ئا.قابىلجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-17 14:16  


قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 16:55:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاھ شۇنداق دېگىنىچە بېشىغا نەقىشلىك شاھلىق كۇلاسىنى قوندۇرۇپ  تەختىدە شاد ئولتۇردى.سەردارلار ئۇنىڭغا دېيىشتىلەركى:
   -ئەي ئۇلۇغ شاھىم،بىز قۇللىرىغا قىلغان مەرھەمەتلىرىگە يۈزمىڭ تەشەككۈر.بۇ تاج-تەختلەر ئەبىدىل-ئەبەد جاناپلىرىدىن ئايرىلمىغاي.ھەرقانداق بىر شاھكى خۇددى جاناپلىرىدەك دانا بولسا ئۇنىڭغا بەخت-ئامەت يۈزلەنگەي.دۆلەت مۈلكى،تاج ۋە تەخت ئۇنىڭ دانالىقى مەردلىكى،شەۋكىتى بىلەن راۋاج تاپقاي.سەلتەنەتلىرى ئۆمۈرلىرى بىلەن تەڭ ياشناپ كۈلگەي،ئۇلۇغلۇق ۋە ئادىللىقتا جاھان ھىچقاچان سىلىدىن ئېشىپ چۈشكىدەك ئىككىنچى بىر سۇلتاننى كۆرگەن ئەمەس.شۇڭا سىلى ھەققىدە مىڭ بىر تەھسىن ئېيتساقمۇ ئەرزىگەي.بىز بارلىق-قېرى-ياشلار بىر يولدا مېڭىپ يەزدان ئالدىدا سىلىگە-يەزدانپەرەس  شاھىمىزغا ئاپىرىن ئېيتارمىز.سىلى ئىرانلىقلارنىڭ تەختى ئۈچۈن زىننەت،شۇنداقلا ئادالەت، بايلىق ۋە غالىبىيەتنىڭ ھامىيسى بولۇپ ھېساپلىنىدىلا!مۇقەددەس سۆزلىرىدىن روھمۇ قانات تاپقاي.قىلغانھەر بىر سۆزلىرىدىن ئۆلۈككىمۇ جان كىرىىپ  ھاياتى قايتا كۈلۈپ ياشنىغاي. ئالەم بۇنيادكارى سىلىگە مەڭگۈ يار بولسۇن.تەختى- بەختلىرى ئىقبال داۋامىدا بەرقارار بولسۇن.

داۋامى بار

قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 17:36:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەختنىڭ ھامىيسى،پالۋانلار سەردارى ۋە دانا بولغان شاھ بەھرام خۇش جامالىدىن نۇر زىيا تارقىتىپ بارگاھتىن چىقتى.شۇدەم بارلىق پادىشاھ ۋە لەشكەرلەر ئاتلىرىغا مىنىشىپ ئازەرگۇشەسپ تامان سەپەر قىلىشتى.شەھەردىكى دەرۋىشلەر ۋە نامرات بىچارىلەر ئۇلارنىڭ سېخىي قوللىرىدا چاچقۇ قىلىنغان  زەر ۋە گەۋھەرلەرنى ئېلىشپ تاكى بارلىق ئېھتىياجلىرى قانغانغا قەدەر شاھنىڭ مېھرى-شەپقىتىدىن بەھرىمەند بولۇشتى.
   شاھ بەھرام زەردوشت ئاتىشىگە ئېھتىرام بىلدۈرۈپ بولغاندىن كېيىن مۇھىبنىڭ ئالدىغا قاراپ يول ئالدى. مۇھىب سەپېنۇدقا زەردۇشت دىنىنى ۋە بۇ ئەلدىكىلەرنىڭ رەسمۇ –ئادەتلىرىنىڭ بارىنى ئەينەن  ئۆگەتتى.تازا سۇ ۋە ساپ دىندىن دىللار پاك بولۇپ تەندىكى خاك ۋە چاڭ-غۇبارلار تامامەن يۇيۇلدى.قاراڭغۇ زىندانلار ئېچىپ تاشلىنىپ گۇناھكارلارغا كەچۈرۈم جاكارلاندى.ئاندىن ئۇلار ئەلگە دىرھەم تارقىتىش ئىشىنى باشلىۋېتىشتى.

قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 18:04:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەنگۇل شاھ بەھرامنىڭ قىزى سەپېنۇدنى بانۇلۇققا تەيىنلىگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن كۆڭلىدە ئىران دىيارىنى كۆرمەك ئىستىكى پەيدا بولدى.ئالىي ھىممەتلىك شاھ پەرزەنت دىدارىنى كۆرمەك بولۇپ ھىندىستاندىن ئىرانغا ئەلچى ئەۋەتتى. ئەلچىلىككە بەلگۈلەنگەن مەرد سۇخەندانغا نۇرغۇن تاپشۇرۇقلارنى بېرىپ تېزلىكتە يولغا سالدى.شەھرىياردىن يېڭى پەيمان ئىستىدى.ئەجدادتىن ئەۋلادقا يادىكار بولۇپ قالغۇدەك ئۇلۇغ ئارمانلارنى قەلبىگە پۈكتى.
  شاھ بەھرام بىھىشتەك بېزەنگەن نۇرئەپشان باغچىدا زەر تەختىدە ئولتۇرۇپ خۇش قەلىمى بىلەن پەھلەۋىي تىل-يېزىقىدا يېڭى ئەھدىنامە يازدۇردى.ھىندى ئەلچىسى نامىنى ئېلىپ شاد ۋە مەمنۇن بولغان ھالدا مەملىكىتىگە قايتتى.
ئەلچى ھىندۇ ئېلىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن شەنگۇل نامىنى تاپشۇرۇۋېلىپ ئۇنى بىرمۇ بىر ئوقۇدى.سىرلىرىنى چىنلىق تۇققانلاردىن پىنھان تۇتۇپ ئىران سەپىرى مۇددىئاسىنى يېنىدىكى يېقىن يارانلىرىغا ئاشكار قىلدى.

قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 18:30:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتراپتىكى مەملىكەتلەردىن يېقىن ئۆتۈدىغان يەتتە پادىشاھ يولدا ھەمراھ بولۇشۇپ ئىرانغا بىرگە بارماق بولۇپ شەنگۇلنىڭ ھوزۇرىغا كەلدى.ئۇلاردىن بىرى كابۇل شاھى،يەنە بىرى سىند شاھى ئېدى.يەنە بىرىنىڭ مەملىكىتىنىڭ نامىنى جوغىيان دەپ ئاتار ئېدى.ئۇلارنىڭ بىرى نامدارلار شاھى سەندەل،يەنە بىرى تەڭسىز پالۋان شاھ جەندەل ئېدى.كەشمىر شاھىنىڭ پۇل-مېلى بېھىساپ كۆپ ئېدى.مۇلىتەنشاھ –جاھۇ جەلاللى ئېدى.دېمەك ئۇلارنىڭ ھەممىسى شۆھرەتلىك تاجدارلاردىن، قەھرىمان،مەرد بۇزرۇكۋارلاردىن ئېدى. ھەممىسى كېلىپ ئېھتىرام بىلەن شەنگۇلغا ناھايىتى كۆپ قىممەتلىك زەر-گۆھەرلەرنى سوۋغا قىلدى.ئۇلاردىن بىرى شەنگۇلنىڭ ئىران سەپىرىدە ئىشلىتىشى ئۈچۈن كىمخاپ بىلەن قاپلانغان،تاۋۇس پېيىدىن زىننەت بېرىلگەن ھىندىچە سايىۋەنئالغاچ كەلگەن ئېدى.ئۇ تولىمۇ ھەشەمەتلىك ۋە ئەپلىك ياسالغان بولۇپ بىرنەچچە پىلغا يۈكلىنەتتى.شاھلارغا ھەمراھ بولۇپ ماڭىدىغان لەشكەرلەرمۇ بەك كۆپ بولۇپ سەپنىڭ ئۇزۇنلىقى بىرنەچچە مىلغا سوزۇلاتتى.ئۇلار كەم تېپىلىدىغان قىممەتلىك گۆھەرلەر،زەر-كۈمۈشلەرنى شەنگۇلغا  نىسار ئەيلەشتى.شۇنداق كۆپ مال-دۇنيا يىغىلىپ كەتتىكى، دىنارلار دۆڭدەك دۆۋۈلىنىپ شاھ كۆزىدە خار بولدى.

قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 18:52:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاللانغان قۇتلۇق كۈندە شەنگۇل يەتتە پادىشاھ بىلەن بىر-بىرىگە ھەمراھ بولۇشۇپ سەپەرگە ئاتلاندى.ئۇلار كۆپلىگەن سىپاھلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا مەنزىلمۇ-مەنزىل يول يۈردى.ئۇلار ئىرانغا يېتىپ كەلگەندە شاھ بەھرام ئۇلارنىڭ قەدەم تەشرىپىدىن ئالەمچە شادلاندى.ئەزىز مېھمانلارنى كۈتۈپ ئالماق ئۈچۈن بارچە شەھەر ئۇلۇغلىرى سەپ-سەپ بولۇشۇپ  شەھەر سىرتىغا ‹‹مەرھابا›› ئېيتىپ چىقىشتى.ئەقىلدان،غەيرەتلىك،مەرد دەۋلەت پاناھ ئىككى شەھرىيار بىر-بىرىگە كۆز تىكىپ يۈزمۇ-يۈز بولۇشتى.ئارىلىقى يېقىنلاشقاندا ھەر ئىككىلىسى ئاتلىرىدىن چۈشۈشۈپ پىيادە بولۇپ،  بىر بىرىگە تەڭلا قۇچاق ئېچىپ مېڭىشتى.شۇ ھالدا بۇ ئىككىسى ئەزەلدىن ئۆچمەنلىشىپ باقمىغان  قەدىردانلار سىياق كۆرۈنەتتى.ئىككى ياندىكى لەشكەرلەر سەپمۇ-سەپ بولۇشۇپ بۇ ئۇنتۇلماس بەختلىك مىنۇتلارغا تەنتەنە قىلىشاتتى.شۇ تاپتا ھەممەيلەن بىردەك شادلىققا تولغان ئېدى.
ئىككى كىشۋەر(مەملىكەت) شاھى دىدار كۆرۈشۈپ شادلىقتا دىللىرىنى ئاۋات قىلىشتى.ئۇلار كىبىر -تەمەننانى ئۇنتۇپ بىر-بىرىنى ھەددىدىن زىيادە ھۆرمەت قىلىشتى.بۇ ئۇچرۇشۇش تۈرلۈك مەنىلەرنى گۇپتار(سۆز-ئىپادە) قىلدى.قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئىككى شەھرىيار يەنە ئاتلىرىغا مىنىشىپ چەۋەنداز لەشكەرلەرنى ئىككى قاناتتا ھەمراھ قىلىشىپ شەھەرگە-ئىران شاھ ئوردىسىغا قاراپ ئاتلاندى.   

قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 18:58:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايۋانلارغا زەررىن تەختلەر قويۇلدى.شاھانە قەدەھلەرگىمۇ لالەرەڭ ئىسىل مەيلەر قۇيۇلدى.مېھمانلار ھۆرمىتى ئۈچۈن يېيىلغان داستىخان شۇنچە ئۇزۇن ئېدىكى، مۇساپىسى بىر ئوق كېلەتتى.داستىخان ئۇزۇنلۇقتا مەشھۇر بولۇپلا قالماي ئۇنىڭغا تىزىلغان پاخلان-كىيىك گۆشلىرى،شىرىن مىۋە چېۋىلەر ۋە باشقا ئېسىل يېمەكلىكلەر گوياكى خامان ئېدى.

قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-9 18:17:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاماقتىن چۈشكەندىن كېيىىن شاھانە سۆھبەت سورۇنى قۇرۇلدى.شاھلار بۇ سورۇندا يانمۇ-يان ئولتۇرۇشۇپ خۇش كەيپىياتتا بىر-بىرى بىلەن ئۈلپەت بولۇشتى.داڭدار ھاپىزلار يېقىملىق ناخشىلارنى ئېيتىپ مېھمانلارنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرسە،سازەندىلەرمۇ سازلىرىنى ماھىرلىق بىلەن چېلىشىپ ھوزۇر بەخش كۈيلەر بىلەن ھاپىزلارنىڭ ناخشىلىرىغا جان قوشاتتى.بۇ شاھلارغا خاس ئالىي دەرىجىلىك مېھماندارچىلىق بولغاچقا مېھمانلار ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ھەممىلا نەرسە ئەڭ ئېسىل،ئەڭ قىممەتلىك بۇيۇملار ھېساپلىناتتى.مەسىلەن مېھمانلار مەي ئىچىۋاتقان مەي جاملىرىنىڭ ھەممىسى گۆھەردىن ئېدى.ئاش تارتىشقا ئىشلىتىلگەن لىگەن ۋە تاۋاقلار بولسا ساپ زەردىن ياسالغان ئېدى.ساقىنىڭمۇ بېشىغا كىيگەن كۇلاھى زەردىن،كىيگەن كەشلىرىنىڭ نەقىشى گۆھەردىن ئېدى.سورۇندىكى دوستلاردىن گۈل ھېدى كېلىپ دىماقلارغا ئۇرۇلۇپ ھۆر-غىلمانلار بىلەن بىرگە ئولتۇرغاندەك تەسىرات بېرەتتى. شۇڭا  بۇ جاي شەنگۇلنى ھەيرەتكە سېلىپ قويدى.ئۇ:
  -بۇ ئېران بىھىشمىدۇر ياكى پانىي دۇنيادىكى گۈلزارمىدۇر؟!-دېگەنلەرنى ئويلاپ تەئەججۈپلىنەتتى.
بۇ ئازادە مېھماندارچىلىقتىن ئۇنىڭ روھى كۆتۈرۈلۈپ قالغان بولغاچقا كۆڭلى كۆپرەك مەي ئىچىشنى خالاپ قالغان ئېدى.
مېھماندارچىلىق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن شەنگۇل ئىران شاھىغا دىل سىرىنى ئېچىپ قىزىنى كۆرۈش ئىستىكى بارلىقىنى بىلدۈردى.شاھ ئۇنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرماق بولۇپ ئۆزىنىڭ يېقىن خادىملىرىدىن بىرىگە :‹‹ئۇ ئاي يۈزلۈك سەنەم شۇ ھامان بۇ يەرگە كېلىپ شاھ ئاتىسى بىلەن كۆرۈشسۇن،دەرھال بېرىپ چاقىرىپ كەل!››-دەپ بۇيرۇدى.
شەنگۇل قىزىنى ئۆز سارىيىدا، ئۆز ھالى بىلەن كۆرۈشنى ئىستىگەن بولغاچقا خادىملار ئۇنى قىزىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك سارىيىغا-ئىچكىرىگە باشلاپ ماڭدى.ھىندى شاھى ئۇ يەردە بەئەينى نەۋ باھاردەك  ياشنىغان بىر ساراينى كۆردى.قىزى ئۇ سارايدىكى شاھلارغا خاس زەر تەخت ئۈستىدە خۇددى كۆكتە پارلىغان تولۇن ئايدەك ئىللىق كۈلۈپ نۇرانە قىياپتتە ئولتۇراتتى.شۇ تاپتا ساراي- قىزغا،قىزمۇ سارايدىكى گۆھەر نەقىشلىك تەختكە خويمۇ ياراشقان ئېدى.شاھ ئاتىسىنى كۆرگەن مەلىكە يۈگرەپ ئالدىغا كېلىپ تازىملەر قىلىپ  ئۇنىڭغا چىن دىلىدىن  ھۆرمەت سالىمى قايتۇردى.شەنگۇلمۇ ئۇنى باغرىغا چىڭ  بېسىپ چوڭقۇر سېغىنىشلىرىنى ئىپادىلىدى.ئاتا قىزىنىڭ پىشانىسىغا مېھرى بىلەن سۆيۈپ قويغان چاغدا سېغىنىشتىن ھاياجانغا چۆمگەن مەلىكە قىز ئىللىق ياشلىرىنى ئاققۇزدى.

قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 18:50:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاماقتىن چۈشكەندىن كېيىىن شاھانە سۆھبەت سورۇنى قۇرۇلدى.شاھلار بۇ سورۇندا يانمۇ-يان ئولتۇرۇشۇپ خۇش كەيپىياتتا بىر-بىرى بىلەن ئۈلپەت بولۇشتى.داڭدار ھاپىزلار يېقىملىق ناخشىلارنى ئېيتىپ مېھمانلارنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرسە،سازەندىلەرمۇ سازلىرىنى ماھىرلىق بىلەن چېلىشىپ ھوزۇر بەخش كۈيلەر بىلەن ھاپىزلارنىڭ ناخشىلىرىغا جان قوشاتتى.بۇ شاھلارغا خاس ئالىي دەرىجىلىك مېھماندارچىلىق بولغاچقا مېھمانلار ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ھەممىلا نەرسە ئەڭ ئېسىل،ئەڭ قىممەتلىك بۇيۇملار ھېساپلىناتتى.مەسىلەن مېھمانلار مەي ئىچىۋاتقان مەي جاملىرىنىڭ ھەممىسى گۆھەردىن ئېدى.ئاش تارتىشقا ئىشلىتىلگەن لىگەن ۋە تاۋاقلار بولسا ساپ زەردىن ياسالغان ئېدى.ساقىنىڭمۇ بېشىغا كىيگەن كۇلاھى زەردىن،كىيگەن كەشلىرىنىڭ نەقىشى گۆھەردىن ئېدى.سورۇندىكى دوستلاردىن گۈل ھېدى كېلىپ دىماقلارغا ئۇرۇلۇپ ھۆر-غىلمانلاربىلەن بىرگە ئولتۇرغاندەك تەسىرات بېرەتتى. شۇڭا بۇ جاي شەنگۇلنى ھەيرەتكە سېلىپ قويدى.ئۇ:
  -بۇ ئىران بىھىشمىدۇر ياكى پانىي دۇنيادىكى گۈلزارمىدۇر؟!-دېگەنلەرنى ئويلاپ تەئەججۈپلىنەتتى.
بۇ ئازادە مېھماندارچىلىقتىن ئۇنىڭ روھىكۆتۈرۈلۈپ قالغان بولغاچقا كۆڭلى كۆپرەك مەي ئىچىشنى خالاپ قالغان ئېدى.
مېھماندارچىلىق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن شەنگۇلئىران شاھىغا دىل سىرىنى ئېچىپ قىزىنى كۆرۈش ئىستىكى بارلىقىنى بىلدۈردى.شاھ ئۇنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرماق بولۇپ ئۆزىنىڭ يېقىن خادىملىرىدىن بىرىگە :‹‹ئۇ ئاي يۈزلۈكسەنەم شۇ ھامان بۇ يەرگە كېلىپ شاھ ئاتىسى بىلەن كۆرۈشسۇن،دەرھال بېرىپ چاقىرىپكەل!››-دەپ بۇيرۇدى.
   شەنگۇل قىزىنى ئۆز سارىيىدا، ئۆز ھالى بىلەنكۆرۈشنى ئىستىگەن بولغاچقا خادىملار ئۇنى قىزىنىڭ ئالىي دەرىجىلىكسارىيىغا-ئىچكىرىگە باشلاپ ماڭدى.ھىندى شاھى ئۇ يەردە بەئەينى نەۋ باھاردەك  ياشنىغان بىر ساراينى كۆردى.قىزى ئۇ سارايدىكى شاھلارغاخاس زەر تەخت ئۈستىدە خۇددى كۆكتە پارلىغان تولۇن ئايدەك ئىللىق كۈلۈپ نۇرانە قىياپتتە ئولتۇراتتى.شۇ تاپتا ساراي- قىزغا،قىزمۇ سارايدىكى گۆھەر نەقىشلىك تەختكەخويمۇ ياراشقان ئېدى.شاھ ئاتىسىنى كۆرگەن مەلىكە يۈگرەپ ئالدىغا كېلىپ تازىملەرقىلىپ  ئۇنىڭغا چىن دىلىدىن  ھۆرمەت سالىمى قايتۇردى.شەنگۇلمۇ ئۇنى باغرىغاچىڭ  بېسىپ چوڭقۇر سېغىنىشلىرىنىئىپادىلىدى.ئاتا قىزىنىڭ پىشانىسىغا مېھرى بىلەن سۆيۈپ قويغان چاغدا سېغىنىشتىن ھاياجانغا چۆمگەن مەلىكە قىز ئىللىق ياشلىرىنى ئاققۇزدى.

ئاتا قەلبىدە پەرزەنت مېھرى جۇش ئۇرۇپ زار يىغلىسا،قىزىمۇ سېغىنىچ سېھرىدىن گىريانئېدى.شەنگۇل بۇ ھەشەمەتلىك قەسىر ئايۋاندا قىزى بىلەن دىدارلىشىپ ۋە شاھانە مېھمان بولۇپ شادلىققا چۆمدى.شۇ خوشاللىقىدا قولىنى سېخىيلىق بىلەن ئېچىپ مۇبارەكبادقىلىپ كۆپلىگەن دىنار يامبۇلارنى دەرۋىشلەر ۋە يوقسۇللارغا ئۈلەشتۈرۈپبەردى.سۆھبەت ئارىلىقىدا ئۇ قىزى سەپېنۇدقا ئىران ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى سۆزلەپشۇنداق دېدى:
   -بۇجاي بەئەينى بىھىشنىڭ ئۆزىلا ئىكەن.بۇندا بەخت-سائادەت،بۇندا تاج-ساراي ،دۇنيا ھوزۇرىنى سۈرەي دېسە ھەممىلا نەرسە تېپىلىدىكەن. مەن بۇ جاينى ياخشى كۆرۈپ قالدىم.قىزىم، ئامىتىڭىز بار ئىكەن.مەن سىزنى قۇتلۇقلايمەن!
شەنگۇل ئۆزىگە شاھ بەھرام بەرگەن زىبۇ-زىننەت،گۆھەر-ياقۇت،زەرلىك كىمخاپ،نەچچە مىڭ ھەميانتىللا قاتارلىق بارلىق سوۋغا-سالاملارنى ئۆزى ئېلىپ كەلگەن سوۋغىلار بىلەن قوشۇپ قىزىغا تارتۇق قىلىپ بېرىۋەتتى.سوۋغىلارنىڭ كۆپلۈكىدىن قەسىر ئىچى زەر چاچقۇ بىلەن تولغاندەك بولدى.بۇلار ئارىسىدا ھەرقانداق داڭدار دانامۇ باھاسىنى بىلەلمىگۈدەك دەرىجىدىكى بىباھا سانىلىدىغان گۆھەر كۆزلۈك زەر تاجلاردىن نەچچە ئونى بار ئېدى.
قەسىرىدكى كۆرۈشۈش تۈگىگەندىن كېيىن شەنگۇل خۇرسەنتلىك ئىچىدە شاھ بەھرام يېنىغا قايتتى.ئۇنىڭ ۋۇجۇدى شادلىققا بەند بولۇپ ئېيتقۇسىز دەرىجىدە خۇرسەن بولغان ئېدى.ۋۇجۇدى ھاياجانغا چۆمۈپ روھى تاغدەك كۆتۈرۈلۈپ قالغان ئېدى.شاھ بەھرامنىڭ مېھمانخانا سارىيىدا شاھانە مېھماندارچىلىق يەنە داۋاملاشتى.ھىندىستاندىن كەلگەن سەردار ۋە سىپاھلار قانغۇچە يەپ ئىچىپ شاھانە مەيلەر كەيپىدە شادلىق پەيزىنى سۈردى.مۈشك رەڭ ئاسمان چېدىرىدا تۈن پەرىسى پەيدا بولغاندا پايانسىز ساما يورۇقيۇلتۇزلار بىلەن قاپلاندى.مەيخورلار خۇش كەيىپ بولۇشۇپ چۈشكۈنلىرىگە قايتىپ شېرىن ئۇيقىغا ئەسىر بولدى. خىزمەتكارلار شەنگۇلنىڭ ئارام ئېلىشى ئۈچۈن كۆركەم ئارامگاھ تاللاشتى.
    ئەتىسى سەھەردە شەرىق تەرەپ ئاقىرىشقا باشلاپ ئوتقاشتەك گۈزەل ئۇپۇق ئارىسىدىن يېڭى ئالتۇن جام كۆرۈندى.ئۇ ئالتۇن جام ئىچىدىن تېخىمۇ پارلاق نۇرلارنى چېچىپ مىسلى شاھانە مەي قىيامىدەك قىپقىزىل قۇياش كۆتۈرۈلۈپ چىقتى.ئۇنىڭ كۆتۈرىلىشى بىلەن ھەسەتخورنىڭ  يۈرىكىدەك قاپقارا تۈن چېدىرىنى نۇر باتۇرلىرى پارە-پارە قىلىپ مەردنىڭ قەلبىدەك بىپايان دالىلارنى ھېقىق ۋە بىللۇر كەبى رەڭدارنۇرلار بىلەن بېزىدى.شاھ بەھرام ھىندى شاھىنى ھەمراھ قىلىپ قۇلان شىكارىغاچىقتى.لاچىن ۋە شەھبازلار دەشت قوينىغا ئۇچۇرۇلدى.ئۇچقان قۇشلار كۆكتە پەرۋازقىلىشىپ دالىدىكى سان-ساناقسىز  قۇلان ۋەكىيىكلەرنى ئوۋ قىلىشقا باشلىدى. ئوۋ قىزىپ غەنىيمەتلەر تاغدەك دۆۋىلىنىشكەباشلىدى.دەل بىر ئا ۋاقىت دەشت قوينىدا شۇ خىلدا ئۆتۈپ كەتتى.بۇندا ھەر بىر دەمكۆڭۈللۈك ئوۋ،ئۇنتۇلماس ئويۇن-تاماششىلار بىلەن كۆڭۈللۈك ئۆتتى.بارچە غەم-ئېسەلەرتامام  ئۇنتۇلدى.
   ئاسمانغا يېڭى ئاي كۆتۈرۈلۈپ چىققاندا ئۇلارئوۋنى تاماملاپ شەھەرگە قايتىپ كىرىشتى.شەھەردىكى شاھ سارىيىدا يەنە يېڭى-يېڭى بەزمىلەر باشلىنىپ كۈنلەر شادلىق ئىچىدە ئۆتتى.شەنگۇل شاھ بەھرام بىلەن ئىستىراھەتتە بولۇپ قۇلان شىكارىدىمۇ،مەيخورلار بەزمىسىدىمۇ راھەتتە ئۆتتى.ئۇلار مەيلى مەيدان،مەيلى مەجلىسلەردە بولسۇن  ئۆز-ئارا ئىتتىپاق بولۇپ يېقىن ئۆتتى.شەنگۇل شاھ بەھرامدىن بىر كۈنمۇ نېرى بولمىدى.

قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 18:51:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  شۇ يوسۇندا كۆپلىگەن شامۇ-سەھەرلەر تۇيمايلا  ئۆتۈپ كەتتى.ھىندىستان شاھى ئىراندا خېلى ئۇزاق ۋاقىت تۇرۇپ  قالغانلىقىنى سېزىپ مەملىكىتىگە قايتىش ئۈچۈن سەپەر قىلماقنى خالاپ قالدى.
  ئۇ بۈگۈن قۇلان شىكارىدىن يېنىپلا  شۇ ھامان قىزىنىڭ قېشىغا كىردى. قايتىش نىيىتىنى شاھ بەھرامغا  مەكتۈپ ئارقىلىق بىلدۈرمەك بولۇپ  قىزىدىن قەلەم ۋە قەغەز سورىدى.قىزى دەرھال قارا مۈشك رەڭ سىياھ بىلەن يىپەك قەغەز كەلتۈردى.شەنگۇل مەقسىدىنى ئىزھار قىلىپ ھىندى ئەلپازىدا، پەھلەۋىي ئەھلىدىنمۇ سۆز ئېچىپ بىر نامە يازدى.نامىدە ئالدى بىلەن تەڭرى ئەسلىنىپ  نامى تىلغا ئېلىندى. بەھرام مۇبارەكلەندى.جاھاننى غەمدىن قۇتقازغان بۈيۈك زاتقا ھەمدۇ-سانالار ئوقۇلۇپ مۇنداق سۆزلەر يېزىلدى:‹‹ئەي پاكلىق ۋە راستلىقنى بار،كاجلىق ۋەناھەقچىلىكنى تارمار  قىلغان قۇدرەتلىك تەڭرىم،قىزىم سەپېنۇد بەھرامغا ئۆمۈرداش بولسۇن.نۇرلۇق دەرگاھىدا بەختكە نائىل بولۇپ مەڭگۈ ياش تۇرسۇن.شاھىنشاھقا ئۇزۇن ئۆمۈر يار بولۇپ ئەبەدىل ئەبەد ياشىغاي. سەردار ۋە مۇبەدلەر جانپىدالىق بىلەن ئۇنىڭ خىزمەتكارى بولغاي.تاجىدار ئەمرىدىن ھىچقاچان بويۇن تولغىمىغاي.شاھ ئەمرىگە بويۇنتاۋلىق قىلغانلارغا قۇيۇن شىددەتلىك ئوت ئاچسۇن!ئەي شاھىنشاھلار،سەردارلار،ئايماق بەگلىرى شاھ بەھرامغا تەخت-تاج،قەسىرگاھ،ۋە باشقا قىممەتلىك مۈلۈكلەرنى بېرىشكە تېگىشلىك گەنج ۋەسېلىقلارنى ھەر يىلى دەل ۋاقتىدا تاپشۇرۇڭلار››.
شاھشەنگۇل ئىرانغا كەلگەندىن بېرى ئىككى ئايدىن ئارتۇق تۇرغان ئېدى.بۇ جەرياندا ئۇشاھ بەھرامغا ئىخلاس قىلىپ ھىندى مۈلكىنى تۈگەل قىزى سەپېنۇدقا تەۋە قىلىپ بەردى.شاھ بەھراممۇ مېھماندارچىلىق بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىپ شاھ شەنگۇلنى ئاتا ئورنىدا ۋە قىممەتلىك مېھمان سۈپىتىدە  ھەركۈنى  ئىنتايىن ئەزىزلىدى.‹‹كەلمەكنىڭ قايتمىقى بار›› دېگەندەك شەنگۇل مانا ئەمدى ئاخىر يۇرتىغا قايتماق بولۇۋىدى قائىدە بويىچە  شاھ بەھرامغا نامە كىرگۈزۈپ قايتىپ كېتىشنى ئىلتىماس قىلىشقا توغرا كەلگەن ئېدى. شاھ بەھرام نامىنى تاپشۇرۇۋېلىپ مەقسەدتىن خەۋەردار بولغاندىن كېيىن قېيناتىسىنىڭ قايتىپ كېتىشىگە ئىجازەت بەردى.بەھرام ۋەزىرىگە پەرمان بېرىپ دېدى:
  -مېھمانلارغا قايتىش ئالدىدا قىممەتلىك ھەدىيەلەر بېرەيلى.ئۇلار مۈلكۈم ئىچىدە نىمىلا بار بولسا خاھىشى بويىچە تاللىۋالسۇن.مۈلۈكلەرنى نىسار ئەيلەپ قىلچە ئايىماي بېرىڭلار.دىنار ھەم گۆھەر،كۈمۈش بىلەن زەر،مەيلى تاج بىلەن تەخت،تىغ بىلەن كەمەر،مەيلى دۇخاۋا،كىمخاپ ۋە ماتالاردىن تىكىلگەن ھەرقانداق لىباس بولسۇن مېھمانلارنىڭ ئىززىتى ئۈچۈن ھىچنىمە ئۇلاردىن ئايالمىسۇن!!

قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 18:51:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرمان ۋە سەمىمىي نىيەت،چەكسىز ئىخلاس  مېھمانلارغا يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن شەنگۇل بىلەن ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن باشقا شاھ ۋە سەردارلار شاھ بەھرامنىڭ غەزىنىسىدىن ئۆزلىرىگە يارىغان قىممەتلىك نەرسىلەرنى كەڭتاشا تاللىۋېلىشتى.بەزىلەر قىممەتلىك تاشلارنى ئالسا، بەزىلەر چىن يىپەكلىرىنى تاللاشتى.بەزىلەر ئۇچقۇر تۇلپارلارنى تاللاشسا،يەنە بەزىلەر ئىسىل ھەربى ياراغلارنى تاللاشتى.شاھ بەھرام بىر چەتتە شادىمان ھالەتتە تۇرۇپ مېھمانلارنىڭ ھەركىتىنى كۈزەتتى.سوۋغىلار تاللىنىپ بولغاندىن كېيىن بېرىلگەن شۇنچە كۆپ سوۋغا-سالاملار كۆزىگە كەم  كۆرۈنۈپ شاھ بەھرام مېھمانلارنىڭ يولدا ئوزۇق قىلىشى ئۈچۈن يەنە  نۇغۇن ئوزۇقلارنى بېرىپ مەرھىمىتىنى ئايىمىدى.ئۇلار ئۇزاپ چىققاندىن كېيىنمۇ شاھ بەھرام يېقىن كىشىلىرى بىلەن ئۈچ مەنزىل يولغىچە بىرگە بېرىپ زور ھەشەم-دەرەم بىلەن ئۇزۇتۇپ قويدى.
شاھ بەھرام شەنگۇلنى ئۇزۇتۇپ ئارامگاھىغا قايتقاندىن كېيىن بىر لەھزە ئارام ئالدى.ئارام  جەريانىدا ئۆلۈم ۋە يامان كۈنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى.بۇنداق خىيالنى قىلغانلىقى ئۈچۈن مەيۈس بىر ئەندىشە ئۇنى مالال قىلىشقا باشلىدى.
  ئەمىر قىلىپ ئەقىللىق ۋە چىۋەر،ھەرقانداق مۈشكۈل ئىشقا تەدبىر تاپقۇچى دانا ۋەزىرىنى چاقىرتىپ كەلدى.شاھ غەزىنە ھالىدىن ئاگاھ بولماق،ئۇنىڭدىكى بايلىقلىرىنىڭ ھېسابىنى بىلمەك بولغان ئېدى.چۈنكى شاھ مۇنەججىمگە بۇندىن كېيىنكى ئۆمرى ھەققىدە پال ئاچقۇزغاندا ئۇ بىر ئىشتىن دېرەك بەرگەن بولۇپ،شاھ ئۇشبۇ بىشارەتتىن غەمناك بولغان ئېدى.بۇ بىشارەتتە:‹‹بۇندىن كېيىنكى ئۆمرۈڭ ئۈچ يىگىرمە بولۇر.تۆتىنچى يىگىرمىدە ماتىمىڭ كېلۈر››دېيىلگەن ئېدى.بەھرام شۇنداق ئويلىدى:‹‹تۇنجى يىگىرمىنى دىلنى يايرىتىپ شادلىقتا ئۆتكۈزەي.ئىككىنچى يىگىرمە-سەلتەنەت دەۋرىم بولسۇن.بۇ جەرياندا قىلغان ئەدىلىم جاھانغا تولسۇن.بۇدەۋرىمدە سەۋەبىمدىن بىر كەپىمۇ ۋەيران بولمىسۇن.ئىنسانلار مەندىن خەيرى-ئېھسان تاپسۇن.ئۈچىنچى يىگىرمىنى- تەڭرى يولىغا ئىنئام قىلاي.بۇ مەزگىلدە تائەت-ئىبادەتتە ئۆتمىكىم مۇددەئام بولسۇن.››

قابىلجان
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش