ximal
كۆرۈش: 148|ئىنكاس: 6

يۇرتۇمنى تىرىلدۈرگەن ‹‹ئابىھايات›› [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 928
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-26 23:21:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                                                يۇرتىمىزنى تىرىلدۈرگەن ‹‹ئابىھايات››


                                                    ئابدىغېنى ئابدۇراخمان

ئۇيغۇر خەلق چۆچەك ۋە رىۋايەتلىرىدە ‹‹ئابىھايات››دەپ ئاتىلىدىغان  بىر خىل خاسىيەتلىك سۇ تىلغا ئېلىنىدۇ.ئېيتىلىشىچە بۇ سۇ ئادەم -ئىنسان ئاياق باسالمايدىغان،قورقۇنۇشلۇق ۋەھشى جىن –ئالۋاستىلار،دىۋە –ئەژدىھالار كېچە كۈندۈز قوغداپ تۇرۇدىغان ، يورۇقلۇقتىن قىلچىمۇ  ئەسەر بولمىغان‹‹ زۇلمات ›› دەپ ئاتىلىدىغان سېھىرلىك ماكاندا بار ئىمىش.ئۇ سۇ شۇنداق كاتتا خاسىيەتلەرگە ئىگە ئىكەنكى، بىرىنچىدىن ئۇ سۇنى يېڭىلا ئۆلگەن ئادەمنىڭ ئاغزىغا تېمىتسا تىرىلىپ قوپۇدىكەن.ئىككىنچىدىن يۈز ياشلىق قېرى ئۇنى ئىچسە شۇئان  18 ياشلىق نەۋقىران ھالىتىگە قايتىپ مەڭگۈ ئەشۇ ياشلىق ھالىتىدە ياشايدىكەن.ئۈچىنچىدىن ئۇنى ئىچكەن ھەرقانداق  ئادەم مەڭگۈ  ئۆلمەي ياش- قىران ھالىتىچە ئاي-بىلەن كۈندەك ئۇزاق  ياشارمىش.
بۇ گەرچە بىر ئەپسانە -رىۋايەت بولسىمۇ لېكىن  قەدىمكى ئۇلۇغ پادىشاھلار،جاھانگىر –ئىمپىراتۇرلار ئۇنىڭ راستلىقىغا ئىشىنىپ قېلىشقان.‹‹ئىسكەندەرنامە›› ناملىق كىتاپتا بايان قىلىنىشىچە ھەزرىتى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىنمۇ شۇ سۇنى ئىزدەپ زۇلمات(شىمالى مۇز ئوكيان)غا كىرگەن، لېكىن تېپىپ ئىچىش نىسىپ بولماي ھەسرەت بىلەن قايتىپ چىققان ئىكەن. رىۋايەت دېگەن ھامان  رىۋايەت، رىئاللىق دېگەن بەرىبىر رىئاللىق.رىۋايەتتە تىلغا ئېلىنغان نەرسىنىڭ رېئاللىقتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن تۆۋەن.شۇنداقتىمۇ ئۇنى جەلىپكارلىققا ئىگە ئەمەس دېيەلمەيمىز.قەدىمدىن تا ھازىرغىچە ئۆتكەن  نۇرغۇن كىشىلەرنۇرغۇن ۋاقىت،ئادەم،پۇل-دۇنياسەرىپ قىلىپ  بۇ خاسىيەتلىك سۇنى ئىزدەپ باققان بولسىمۇ لېكىن ھىچكىم ئۇنى ئىزدەپ تاپالمىغان.تاپالمىغان ئىكەن ئىچىشمۇ نىسىپ بولمىغان.شۇڭا ھازىرغىچە مەڭگۈ ياشىغان بىرەر ئىنسانمۇ بولغان ئەمەس.
ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ ياش ساغلام پېتىچە كۈن بىلەن ئايدەك ئۇزاق ياشاشنى ھەممە ئادەم ئارزۇ قىلىدۇ. لېكىن ھىچكىم بۇ ئارزۇسىغا يېتەلمەيدۇ.ئۆلمەي مەڭگۈ ياشاشتتىن ئىبارەت  بۇ خىسلەتلىك ئامەت  ئىنسانلارغا نىسىپ بولمىغان بىلەن، ئىنساندىنمۇ ئۇلۇغ بولغان باشقا بىر نەرسىگە نىسىپ بولىدىغان ئەمەلىيەت ئەتراپىمىزدىن تېپىلىدۇ.بۇنداق دېسەم ‹‹سەن خاتالاشتىڭ،دۇنيادا ئىنساندىنمۇ قىممەتلىك نەرسە مەۋجۇت ئەمەس››دېيىشىڭلار مۈمكىن. مەن دېمەكچىمەنكى،‹‹قۇش ئۇۋىسى بىلەن ئەزىز.ئادەم ۋەتىنى -يۇرتى بىلەن››دېگەن ماقال بار. دەرەخمۇ يىلتىزى بولمىسا ياشىيالمايدۇ.يىلتىزسىز قامقاقنى بولسا  شامال ئۇچۇرۇپ بېرىپ سېسىق سۇ كۆلچىكىگە تاشلاپ ھالاكەتكە دۇچار قىلىدۇ ئەمەسمۇ؟! ئىنساننىڭمۇ يىلتىزى بار ،ئۇ بولسىمۇ ئانا ۋەتىنى ؛تۇغۇلۇپ ئۆسكەن،كىندىك قېنى تۆكۈلگەن  ئەزىز يۇرتى.شۇڭا مەن دەيمەن، ئىنسان ئۈچۈن  ۋەتىنى –يۇرت ماكانى ھەممىدىن ئەزىز.ھەممىدىن مۆھتەرەم. مەن بۇ يازمامدا يۇرتىمىزغا نىسىپ بولغان ‹‹ئابىھايات›› توغرىسىدا ، ياش، قابىل يازغۇچىمىز ئابدىناسر  يۇنۇس ياۋايى تەرىپىدىن يېزىپ چىقىلغان،شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن يېقىندا نەشىر قىلىنىپ چىققان   ‹‹ئابىھايات›› ناملىق ئىككى قىسىملىق يېڭى، تارىخى رومان ۋە ئۇ ئەكىس ئەتتۈرگەن قىزىقارلىق ۋەقەلىكلەر  توغرىسدا كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى سۆزلەپ بەرمەكچىمەن.شۇنداق ،ھەقىقەتەنمۇ  ‹‹يۇرتىمىزغا ‹ئابىھايات› نېسىپ بولدى›› .بۇ ‹‹ئابىھايات›› يۇرتىمىزغا بىرلا قېتىم ئەمەس تېخى ئىككى قېتىم نىسىپ بولدى دەڭا! بىرىنچى قېتىملىقى 62 يىل ئىلگىرىكى ئازاتلىق دەۋرىدە، ،يەنە بىر قېتىملىقى بۇ يىل ياز پەسلىدە. قانداق يۇرتۇم تەلەيلىكمىكەن؟!
يازغۇچى بۇ ‹‹ئابىھايات››رومانىنى دەسلەپ ‹‹تەڭرىنىڭ كۆز يېشى›› دەپمۇ ئاتىغان ئىدى.چۈنكى 1930-يىلدىن تاكى 1950 -يىلغىچە بولغان يىگىرمە نەچچە يىل ئارىلىقتا يۇرتۇمىز قەدىمدىن بېرى پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان ھاياتلىق مەنبەسى قەشقەر گەز دەرياسىنىڭ سۈيىدىن تەبىئى ۋە ئىجتىمائى سەۋەپلەر تۈپەيلى ئايرىلىپ قېلىپ، يەر سۇغىرىپتېرىقچىلىق قىلىش  تۈگۈل ئادەم ۋە ئات ئۇلاقلارنىڭ ئىچىدىغان سۈيىمۇ قالمىغان ئىكەن.يەرلەر ئاق تاشلىنىپ،نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى ياشناپ يۇرتىمىزنى كۆكەرتىپ تۇرغان قەدىمى دەرەخلەر قۇرۇپ ،ھەرقانچە تاش يۈرەك كىشىمۇ ئېزىلىپ ،ھۆڭرەك ئېتىپ يىغلاپ كەتكۈدەك ئېچىنىشلىق بىر ھالەت شەكىللەنگەن ئىكەن.شۇڭا  ھەممە ئادەم ئېغىر قايغۇ -ھەسرەت ئىچىدە ئاتا بوۋىلىرى نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى ياشاپ ئاۋات قىلىپ كەلگەن، مانا ئەمدى ئۇلارغا مىراس بولۇپ قالغان  ئەزىز يۇرتىنى، شۇنداقلا ‹‹بۈبى مەريەم خېنىم قەدىمى مازىرى››دىكى ئاتا -بوۋىلىرىنىڭ تۇپراق بېشىنى غېرىپلىق چۆلىگە تاشلاپ قويۇپ بىر كۆزى قان،بىر كۆزى ياش ھالدا مال-چارۋىلىرىنى ھەيدەپ،بالا چاقىلىرىنى يېتىلەپ يېقىن ئەتراپتىكى چوڭقۇرچاق،ئاۋات،شىھىت دۆڭ،دۆڭباغ ،خاڭدى قاتارلىق جايلارغا كۆچۈپ كېتىشكەن ئىكەن.ئەسلى نەچچە مىڭ  ئائىلىلىك دېھقان  ياشايدىغان بۇ  قەدىمى يۇرتتىن شۇ چاغدا پەقەت بىرنەچچىلا ئائىلىلىك كىشى قېلىپ قېلىپ قۇدۇق سۈيىگە ۋە ياقا يۇرتقا كەتكەن تۇققانلىرى يەتكۈزۈپ بەرگەن ئاش -ئوزۇققا  تايىنىپ كۈن كەچۈرىىدىغان ھالەتكە كېلىپ قالغان ئىكەن. بۇلار خۇددى پاكىستاننىڭ‹‹مىراسخور››فىلىمىدىكى ئەسمەتخاندەك ‹‹يۇرتۇم بىلەن تەڭ ياشاپ، تەڭ ئۆلىمەن›› دەيدىغان ھەقىقى يۇرت سۆيەرلەردىن ئىدى. بەندىلىرى سۇ مەنبەسىدىن ئايرىلىپ،ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە ئۇچراپ   سۇسىزلىق دەستىدىن  شۇنداق ئېچىنىشلىق كۈندە قالسا تەڭرى كۆز ياش تۆكمەي قاراپ تۇرالامدۇ؟!  تەڭرىنىڭ كۆز يېشى ئىنساننىڭ كۆز يېشىدەك ئاز ۋە ئاجىز ئەمەس! ئۇ بەزىدە يامغۇر شەكلىدە چاڭقىغان زىمان باغرىغا تەكشى سېپىلسە، بەزىدە ئەشۇ يامغۇر سۇلىرى جۇغلىشىپ دەريا- كۆللەرنى شەكىللەندۈرۈپ ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىق ماكانلىرىغا ئېقىپ بېرىپ ئۇلارنى ئۆلۈم گىردابىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالىدۇ.
نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان تەڭرىنىڭ شەپقىتى تۈپەيلى يۇرتىمىزنىڭ تەشنالىقىغا بەرھەم بولۇپ كەلگەن بۇ ‹‹خاسىيەتلىك كۆز ياش›› ئەمدى بۇ يەرگە نە ئېرىق ئۆستەڭلەردىن،نە كۆك قەھرىدىكى شاپائەت بۇلۇتلىرى باغرىدىن ھىچ تۆكىلەي دېمەيۋاتاتتى.
ئۆلگەن ئادەمنى تىرىلدۈرىدىغانغا‹‹ ئابىھايات›› كېرەك بولغاندەك ئۆلىۋاتقان يۇرتىمىزغىمۇ شۇ تاپتا يېتەرلىك دەرىجىدىكى سۇ  ‹‹ئابىھايات› بولۇپ قالغان ئىدى.بۇ‹‹ ئابىھايات›› قانداقتۇر ‹‹زۇلمات››تىن ئېلىپ كېلىنمەيتتى.نەچچە مىڭ ئادەم ئۇنى ئىزدەپ نەچچە يىللاپ سەرسان سەرگەردان بولۇپ دەشتە -چۆل،تاغ -ئېدىرلارنى كېزىشمۇ كەتمەيتتى. شۇ تاپتا يۇرتىمىزغا پەقەت بىر ئۆستەڭ سۇ بولسىلا ‹‹ئابىھايات››لىق رولىنى ئۆتەپ  ‹‹ئۆلۈم››دىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالايتتى.
ھەرقانداق بىر يۇرتنىڭ ھەممىدىن ئاقىل،ھەممىدىن قەيسەر،ھەممىدىن پىداكار ھەقىقى يۇرت سۆيەرلىرى بولىدۇ.ئەنە شۇلارنىڭ بەرىكىتى،ئەجىر مېھنىتى،سىڭدۈرگەن يۈرەك قانلىرى سەۋەبىدىن يۇرت، يۇرت بولۇپ تۇرالايدۇ.ياشناپ گۈللىنەلەيدۇ. ئەجەبا نەچچە مىڭ يىللىق بىر قەدىمى يۇرت سۇسىزلىق دەستىدىن مۇشۇنداقلا ۋەيران بولۇپ كېتەرمۇ؟! كىشىلەر يۇرتىنى تاشلاپ كېتىپ ئۆزلىرىنى ساقلاپ قېلىش ھېسابىغا بۇ يۇرتنىڭ ۋەيران بولۇپ كېتىشى ،قەدىمى شەھەر خارابىلىرىدەك ئاسارە-ئەتىقىگە ئايلىنىپ كېتىشىگە تاقەت قىلىپ قاراپ تۇرالارمۇ؟! يۇرتنىڭ ئاقىبىتى زادى نىمە بولۇپ كېتەر؟!  يۇرتنىڭ بېشىغا چۈشكەن كۈنگە سايىۋەن بولدىغان، ‹‹ئابىھايات››  تېپىپ كېلىپ  يۇرتنى‹‹ئۆلۈم››دىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالايدىغان يۇرت سۆيەر  ئوغلانلار ئەمدى قالمىغانمىدۇ؟!
ئۇنداقلار ھېلىمۇ  بار ئىكەن،بولغاندىمۇ خېلى كۆپ ئىكەن.لېكىن ئۇلارنىڭ ‹‹ئابىھايات››قا ئېرىشىش يولىدا ئىشلەتكەن ئەقلى،قابىلىيىتى،ھەل قىلىش ئۇسۇلى،جاسارىتى ئوخشاش بولمايدىكەن.بەزىلىرى مۇۋەپىقىيەتكە ئېرىشىدىكەن،بەزىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى پاجىئە بىلەن ئاخىرلىشىدىكەن.بەزىلەر خېلى تىرىشىپ بېقىپ مەلۇم باسقۇچقا كەلگەندە قىيىىنچىلىققا باش ئېگىپ ‹‹تەقدىر››گە تەسلىم بولىدىكەن.
روماندا ئەشۇ ئەزىمەتلەرنىڭ سۇغا ئېرىشىش يولىدىكى تۈرلۈك پائالىيەتلىرى ئىگەللەنگەن  تارىخى ۋەقەلەر ئاساسىدا  جانلىق تەسىرلىك بايان قىلىپ بېرىلدى.مانا ‹‹يىلتىزلىق››تىكى كىشىلەر ئۆستەڭ سۈيىنى توسۇۋېلىپ سۇ مەنبەيىمىزنى ئۈزۈپ قويغاندا  كامال مىراپ سۇغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئارا –كەتمەن،كالتەك چوماقلار بىلەن قۇراللانغان نەچچە يۈز دېھقاننى باشلاپ بېرىپ ئۇلار بىلەن  سۇ تالىشىپ داۋلىلاشتى،جىدەللەشتى.بازاردىن بۇغداي قوناقنى جىڭلاپ، سەرلەپ سېتىۋالغىلى بولغان بىلەن جىدەلنى جىڭلاپ سەرلەپ قىلىۋالغىلى بولمايدىكەن.ئىككى تەرەپنىڭ قېنى قىزىپ تۇرغان ئەرلىرى بىر بىرىگە يىرتقۇچ ھايۋاندەك يوپۇرۇلۇپ،كۆزلىرىگە قان قۇيۇلۇپ تۇرغان شارائىتتا ئادەم ئۆلۈش يارىلىنىشتىن ساقلانغىلى بولمايدىكەن.بىر قېتىملىق چوڭ  جىدەلدە قان تۆكۈلگەن بولسىمۇ ئادەم ئۆلمىگەن ئىكەن.قارشى تەرەپ كامال مىراپنىڭ داۋاملىق كېلىپ سۇ جىدىلى قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھىيلە مىكىر ئىشلىتىپ گۆردىن ئۆزى تەبىئى ئۆلۈپ كەتكەن ئۆلۈكتىن بىرنى ئېلىپ چىقىپ ئۇنىڭ بەدىنىگە ئەسۋاپ تەككۈزۈپ ۋە قان سۇۋاپ  ‹‹كامال مىراپ ماجرا چىقىرىپ ئادەم ئۆلتۈردى››دەپ يېڭىشەھەر يامۇلىغا ئەرىز قىلىدۇ.يامۇلدىكىلەر ئۇنى تۇتۇپ كېتىپ سولاپ قويىدۇ.ئۇ تۆھمەت  قان قەرىز تۈپەيلى ناھەق ئۆلۈپ كېتەمدۇ ياكى قۇتۇلۇپ قالامدۇ؟
نەۋقىران ياش يىگىت ئىسمايىل سۆيگەن قىزى بىلەن  يۇرتىمىزدىن يەكەنگە بېرىش سەپىرىدە قاپاقتا ئېلىۋالغان سۈيى تۈگەپ كەتكەنلىكتىن  سۆيگەن قىزى تەشنالىق دەستىدە ئېچىنىشلىق ئۆلۈپ كېتىپ ئۇنى ئۆمۈرلۈك ھەسرەت نادامەتكە قويىدۇ.ئۇ ئۆزىمۇ ئۆلۈپ كېتىشكە ئاز قالغاندا كارۋان ئۇچراپ قۇتۇلۇپ قالىدۇ.ئۇ بۇ سۇسىز چۆل باياۋاندىن قاتتىق نەپرەتلىنىدۇ.ئۇ چۆلنى بويلاپ ئۆستەڭ ئېلىپ بۇنداق پاجىئەلەرگە خاتىمە بەرمەكچى،سۆيگەن يارىنىڭ روھىنى خۇش قىلماقچى بولىدۇ.ئۇ بۇ ئارزۇسىغا يېتەلەمدۇ؟
قەشقەر  گەز دەرياسىنىڭ سۈيى بۇ يۇرتقا يەتمىگەن ئىكەن ئۇنداقتا باشقا دەريالارنىڭ سۈيىنى باشلاپ كېلىشنى ئويلىشىشقا توغرا كېلەتتى.بۇنداق مول سۇ پەقەت يەكەن دەرياسىدىلا بارئىدى.بۇ چاغدا يۇرتىمىز مارالبېشى ناھىيەسىگە تەۋە بولغاچقا يەكەندىن سۇ ئېلىش ھوقۇقى يوق ئىدى.ئەل سۆيەر بىر ئەزىمەت شېڭ دۇبەنگە خەت يېزىپ يېزىمىزنىڭ تەۋەلىكىنى يەكەن ناھىيەسىگە ئالماشتۇرۇپ قويۇشنى سوراپ قايتا-قايتا خەت سۇنىدۇ.بۇ كىشى كىم؟ شېڭ دۇبەن قانداق جاۋاپ قايتۇرغاندۇ؟
   تەۋەلىك مەسىلىسى ھەل بولغاندىن كېيىن يەكەننىڭ ۋالى ۋە ھاكىملىرى تېرىملىقنىڭ سۇ تەلەپ قىلغان ئەرزىگە سوغاق مۇئامىلىدە بولىدۇ.سوغاق مۇئامىلىلىك بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ.ئىشىمنى ھەل قىلىمەن دېسەڭ ئۇنى ئىللىتىشىڭ كېرەك؟ تېرىم خەلقى ئۇلارنى ئىللىتالىغانمىدۇ؟
يەكەن دەرياسى بىلەن تېرىم يېزىسى(ھازىرقى بايئاۋات يېزىسى)نىڭ ئارىلىقى يۈز كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، بۇن ئارىلىقتىن ھارۋىلىق ئىككى كۈندە،ئاتلىق بىر كۈندە ئۆتكىلى بولىدىغان بولۇپ  پۈتۈنلەي سۇسىز،ئادەمسىز چۆل..ئەلمىساقتىن بېرى ھىچكىم بۇ ئارىلىقتا ئۆستەڭ چېپىپ سۇ ئەكىلىپ باقمىغان،دەريا جەنۇپتا،تېرىم يېزىسى شىمالدا ،جەنۇپ پەس،شىمال ئىگىز،سۇ دېگەن پەسكە ئاقىدۇ.شۇنداق تۇرسا ئۆستەڭ چاپقان تەقدىردىمۇ سۇ چىقارغىلى بولارمۇ؟ئۇنداقتا شۇ چاغدىكى كىشىلەر سۇنى زادى قانداق چىقارغان؟
   روماندا تىلغا ئېلىنغان   بىر شەخس‹‹بۇ خۇدانىڭ تەقدىرىنى بىلىپ بولماس،تېرىملىق ئۈچۈن بىر قەدەم يول مېڭىپ بولماس!››   دەپ ھەسرەتلىك نىدا قىلىدۇ.ئۇ كىشى كىم ؟نىمە ئۈچۈن شۇنداق دەپ نىدا قىلىدۇ؟
يېشى تېخى 20لەرگىمۇ توشمىغان ياش‹‹ بالا مۇئەللىم›› سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ يۇرتىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن ‹‹بالا بەگ››بولۇپ سايلىنىدۇ.قانچىلىغان پىشقەدەم بەگلەر، پۇل-مېلى، ھوقۇق ھەيۋىسى بار مىراپلار،يۇرت ئاقساقاللىرى ھەل قىلالمىغان ئىشنى ئۇ ۋۇجۇدقا چىقىرالامدۇ؟
‹‹بالا بەگ››يەكەندە ئەخمەتجان قاسىمىلار بىلەن كۆرۈشۈپ تېرىم يېزىسىغا ئۆستەڭ چاپتۇرۇپ سۇ چىقىرىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغاندا ئەخمەتجان قاسىمى ئۇنىڭغا باشقىچە بىر جاۋاپلارنى بېرىپ بۇ ئىشقا ئالدىرىماسلىقنى ئەسكەرتكەن.ئۇ زادى نىمە دېگەن؟‹‹قوينى بۆرىنىڭ ساقلىشىغا ئامانەت بېرىش››دېگەن نىمە؟
‹‹ بالا بەگ›› جۇپاڭگاڭ تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىدە بىرنەچچە قېتىملىق سۈيىقەستكە دۇچار بولىدۇ.لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئەقىل پاراسىتى،جاسارىتى ۋە ھاياتقا بولغان قىزغىن ئىشتىياقى بىلەن ئامان قالىدۇ. ئۇ نىمە ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان؟ قانداق سۈيىقەستلەرگە ئۇچرىغان؟ قانداق قىلىپ ئامان قالدى؟
‹‹ۋىن جىڭ ››دېگەن بىر كىشى يەكەندە ئازاتلىقتىن بۇرۇنمۇ،ئازاتلىقتىن كېيىنمۇ ھاكىملىق قىلىدۇ.ئۇ نمە ئۈچۈن ھەر ئىككى دەۋردە ھاكىملىق قىلالىدى؟ نىمە ئۈچۈن ئازاتلىقتىن كېيىن ئېلىنغان ئۆستەڭنىڭ چۆلدىكى مەلۇم بۆلىكىگە ئۇنىڭ نامى بىلەن نام قويۇلدى؟ ئۇ زادى قانداق ئادەم؟
  ‹‹بالا بەگ››رەئىس ماۋ زېدوڭغا خەت يېزىپ ئۇنىڭدىن جاۋاپقا ئېرىشىدۇ.ئۇ نىمە دەپ خەت يازغان؟رەئىس ماۋ زېدوڭ نىمە دەپ جاۋاپ قايتۇرغان؟
  ئازاتلىقتىن كېيىن تېرىم يېزىسى چوڭ ئۆستەڭگە ۋە ھاجىتىگە كەڭرى يەتكۈدەك سۇغا ئېرىشىدۇ.ۋاھالەنكى بۇ چاغدا يېزىدا پەقەت بىرنەچچە ئائىلىلىك كىشىلا قېلىپ باشقىلار ياقا يۇرتلارغا كۆچۈپ كېتىپ بولۇشقان ئىدى.شۇنداق تۇرسا بۇ ئۆستەڭ ۋە سۇ نەدىن كەلدى؟كېيىن يەنە نىمە ئىشلار يۈز بەردى؟
  ئازادلىقتىن كېيىن ‹‹يەر ئىسلاھاتى››، ‹‹ئىجارە كېمەيتىش››،‹‹زومىگەرلەرگە قارشى تۇرۇش››دېگەندەك كۈرەش ۋە سىياسى ھەركەتلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئېلىپ بېرىلىپ بۇرۇن بەگ بولغان،خەلققە زۇلۇم سالغان زومىگەرلەر باستۇرۇلدى.لېكىن ‹‹بالا بەگ›› بۇلاردىمۇ ئامان قالدى.ئۇ نىمىشقا ئامان قالدى؟ نىمە ئىشلار بىلەن شۇغۇللاندى؟
  قەدىرلىك تورداش، يۇرتۇم تارىخىنىڭ يۇقارقىدەك چىگىش سىرلىق  مەسىلىلىرىگە قىزىقسىڭىز ‹‹ئابىھايات›› رومانىنى ئوقۇپ كۆرۈپ بېقىڭ.
توخۇنىڭمۇ ماڭغان ئىزى قالىدۇ.لېكىن تېزلا ئۆچۈپ كېتىدۇ.پەقەت يۇرت سۆيەر سادىق  مەرتلەرنىڭ قالدۇرغان شانلىق، چوڭقۇر ئىزلىرىلا مەڭگۈ ئۆچمەي ئەل قەلبىدىن،تارىخ سەھىپىىسدىن ئورۇن ئالالايدۇ.دېمەك ئەزىمەتلەر تارىخ يارىتىدۇ.ئۇنىڭ بەزىلىرى قانلىق تارىخ،بەزىلىرى شانلىق تارىخ بولىدۇ.
يېزىمىزدىن چىققان ئەشۇ ئەلسۆيەر ئەزىمەتلەرنىڭ ‹‹ئابىھايات››نى قولغا كەلتۈرۈپ ئۆلگەن يۇرتۇمنى ‹‹تىرىلدۈرگەن›› تۆھپىلىرى،يۇرتىمىز خەلقى ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات ئۇنتۇمايدىغان،تىللاردا داستان قىلىپ يادلىشىدىغان شانلىق تارىخ ھىكايىلىرى بولۇپ قالدى.خەلقىم ئۇلارنىڭ تىرىكلىرىنى ئەزىزلەپ ،ئۆلۈپ كەتكەنلىرىنى چوڭقۇر سېغىنىش ئىچىدە ياد ئېتىپ ئىش ئىزلىرىنى ئۇنتۇماي كەلدى.ئۇلار ياراتقان ‹‹ئابىھايات››ئەينى چاغدا بىر قېتىملا ‹‹تىرىلدۈرۈش›› ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ قالماي يۇرتىمىزنىڭ ‹‹قېنى››غا ئايلىنىپ كەتتى.62يىلدىن بېرى ئۇ رولىنى ئىزچىل داۋام قىلىپ يۇرتىمىزنى گۈللىتىپ ياشنىتىپ كەلدى. بۇ ئۆستەڭ  پەقەت بىر يېزا خەلقىگىلا نەپ ئېلىپ كەلدىمۇ؟  ياق،  ئەمىلىيەتكە قارايدىغان بولساق بۈگۈنكى كۈندە ئۇ بايئاۋات يېزىسىدىن باشقا ئەتراپىدىكى ئۈچ  يېزا،بىر تۇئەن مەيداننىڭمۇ ھاياتلىق مەنبەسىگە ئايلىنىپ ئۆزىنىڭ  ھاياتى كۈچى ۋە ئەھمىيىتىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتتى.

ئەمدى روماننىڭ يېزىلىش سەۋەبى ۋە جەريانىغا  قاراپ باقايلى.  تارىخ چاقى ئايلىنىپ 2009-يىلى كۈز پەسلىگە كەلگەندە يۇرتىمىزغا ‹‹خىزىر›› كەلدى.لېكىن ئۇنىڭ تۇرقى ئىسلام رىۋايەتلىرىدىكى خىزىرغا پەقەتلا ئوخشىمايتتى.ئۇ ئوتتۇرا بوي،بۇغداي ئۆڭ،ساقالسىز ،ئەمما يارىشىملىق  قارا بۇرۇت قويۇۋالغان،ۋۇجۇدىدىن قەتئى نىيەت جاسارەتلىكلىكى،نۇرلۇق كۆزلىرىدىن ئەل سۆيەر پاك ئادەملىكى چىقىپ تۇرىدىغان ،قىرىق ياشلار ئەتراپىدىكى كېلىشكەن  ئادەم ئىدى.ئۇ بېشىغا خىزىردەك سەللە ئورىماستىن ھازىرقى زامان زىيالىيلىرىغا خاس  چاچ قويۇپ يالاڭباش يۇرەتتى.قويۇق قارا چاچلىرى بەستىگە تولىمۇ ياراشقان ئىدى.
خىزىرنىمۇ بىر قاراپلا تونۇمايمىز.ئۇنىڭ خىزىرلىقى ئىش ئىزلىرىدىن مەلۇم بولىدۇ.  ئەمىسە ‹‹ خىزىر›› دەپ تەرىپلەنگەن بۇ كىشى كىم؟ نىمە ئىشلارنى قىلغىلى كەلگەن؟ قانداق  ئىشلارنى قىلىپ بۇ ئىسىل تەرىپكە لايىقلىشالىدى؟! مەن تۆۋەندە يۇقارقى سۇئاللارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بېرىمەن.
بۇ كەلگەن كىشى يوپۇرغا ناھىيەلىك پارتىكوم يېزا خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى،ئاتاقلىق ياش يازغۇچى ئابدىناسىر يۇنۇس ياۋايى ئىدى.ئۇ ناھىيەلىك پارتىكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن بايئاۋات  يېزىسىنىڭ ‹‹ئارا گەمە ››كەنتىگە نوقتىدا تۇرۇپ ئىشلەشكە،خەلق ئاممىسى بىلەن سىردىشىپ  ،ئۇلارنىڭ يېقىن دوستىغا ئايلىنىپ، دېھقانلارنىڭ  ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشتا يۈكسىلىپ تېزراق باي بولۇشىغا مەدەتكار بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى.كەسىپ بىر كىشىنىڭ مىھىر ئاتىشى،يېقىن دىلكىشى،ئۇنىڭدىكى قىزغىنلىق ئوتتىن ھارارەتلىك، تارتىش كۈچى ماگنىتتىن مىڭ بارابەر كۈچلۈك.  ئابدىناسىر يۇنۇس خىزمەتكە كېلىپ بىرنەچچە ئايغىچە نۇقتىدا ياخشى تۇرۇپ تېگىشلىك خىزمىتىنى جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنى ھىچ ئىش قىلالمايۋاتقاندەك،كۈنلىرى بىھۇدە ئۆتۈپ كېتىۋاتقانەك ھىس قىلىپ قالدى.سەۋەبى ئۇ يېزىقچىلىق قىلالماي،قىلسىمۇ چوڭراق تېمىغا يۈرۈش قىلالماي  ئىچ پۇشۇقى تارتىپ قالغان  ئىدى.كېيىن بۇ ئىچ پۇشۇقىغىمۇ داۋا تېپىلدى.ئۇ دېھقانلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ ئەھۋال ئىگەللەش جەريانىدا بۇ كەنىتنىڭ ‹‹لاڭقا ››مەھەللىسىدىكى دېھقان ھەم ياغاچچى ئاۋۇت قاۋۇل بىلەن تونۇشۇپ قالدى.‹‹كۆڭۈل كۆڭۈلنى تونۇيدۇ››دېگەندەك بۇ ئىككەيلەن تېزلا چىقىشىپ يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدى.سەۋەبى، ئاۋۇت قاۋۇل دېھقان بولغان بىلەن كىچىكىدىن كىتاپخۇمار ئادەم ئىدى.بىلىمگە بىلىملىك كىىشىلەرگە ئىنتايىن ئامراقلىق قىلاتتى.باشقىلار تاپقان پۇللىرىغا مال- چارۋا ئېلىپ ،ماشىنا تىراكتۇر سېتىۋېلىپ بېيىش يولىغا ماڭسا، ئۇ تاپقانلا پۇلىغا كىتاپ سېتىۋالاتتى.كىتاپ ساقلايتتى.بوش ۋاقىتلىرىدا كىتاپ ئوقۇپ بىلىم ئالاتتى.ئەدەبى ئەسەرلەردىنمۇ زوقلىناتتى.شۇڭا شائىر يازغۇچىلارغا خۇددى ئۇلۇغ ئالىملارغا مۇئامىلە قىلغاندەك چوڭقۇر ھۆرمىتى بار ئىدى.بىر كۈنى ئۇلار ئاۋۇت قاۋۇلنىڭ ئۆيىدە تاماق يىگەچ  سۆھبەتلىشىپ ئولتۇرغىنىدا ئارىدا مۇنداق سۆزلەر بولۇنۇپ ئۆتتى.ئابدۇناسىر ئىچ پۇشۇقىنى بايان قىلىپ گەپ باشلىدى:
   -مەن بۇرۇن بىر سائەت ۋاقتىمنىمۇ بوش ئۆتكۈزمەي كىتاپ ئوقۇيتتىم ياكى يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتىم.بۇيەرگە كەلگەندىن بېرى گەرچە بىكار قالمىغان بولساممۇ يۇقارقى ئىشلىرىمنى قىلالمىدىم.شۇڭا ئۆتكەن كۈنلىرىمنى تۇز قۇژمىغان ئاشتەك مەززىسىز ھىس قىلىپ قېلىۋاتىمەن.ئىچىم تولىمۇ سىقىلىۋاتىدۇ.
  -ئىچىڭىزنى پۇشۇرماڭ،بۇ يەرنىڭ شارائىتى گەرچە ناچارراق بولسىمۇ لېكىن سىزنى زېرىكتۈرۈپ قويماسلىققا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىمىز.قېنى ئېيتىڭا،سىزگە كىتاپ كېرەكمۇ ياكى تىلىۋىزورمۇ؟ دىۋىدى دېسىڭىزمۇ تېپىپ بېرەلەيمەن.
-ياق زېرىكمىدىم،بايا دېدىمغۇ، يېزىقچىلىقىمىنى قىلالماي تىت –تىت بولۇۋاتىمەن.ئەل قوينى گويا كان،بىز يېزىقچىلىق قىلغىنىمىزدادائىم  خام ماتېريالنى كىشىلەر تۇرمۇشىدىن ئالىمىز.مەن بۇ يەردىكى تۇرۇش ۋاقتىم توشقىچە ۋاقتىمنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ  چوڭراق ھەجىمدىكى بىرەر پوۋېست ياكى رومان يېزىۋالالىغان بولسام تۇرمۇشۇمنى تولىمۇ مەنلىك ئۆتكۈزگەن ھېساپلىناتتىم.
-خام ماتېريال دەمسىز؟ يۇرتىمىز تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك،تارىخى ئەھمىيىتى زور،،بىز ئۈچۈن چوڭ ئىش ھېساپلىنىدىغان،چوڭ-كىچىك ھەممىمىز سۆزلەپ-سۆزلەپ پەخىرلىنىدىغان ھەقىقى ئىشلار بولسىمۇ بولامدۇ؟
     -نىمە دەۋاتىسىز؟! شۇنچىۋالا ياخشى ماتېريال بارمۇ؟ ئەگەر راستىنلا سىز دېگەندەك ياخشى ماتېريال بولىدىغان بولسا ،مەن ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خوش  بولىمەن.كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئولتۇرۇپ بىر ياخشى ئەسەرنى ۋۇجۇدقا  كەلتۈرىمەن.قېنى ئېيتىڭا ئۇ زادى قانداق ئىش ئىدى؟
-يۇرتىمىزنىڭ ئۆستىڭى توغرىسىدىكى  ھىكايىلەر.
  -ئاۋۇتاخۇن چاخچاق قىلماڭلا، قايسى يۇرتنىڭ ئۆستىڭى يوق؟! يېزىدا نىمە تولا ؟ ئۆستەڭ تولا،  ھەممە يۇرتتا خەق ئۆستەڭ چېپىپ    سۇ باشلاپ كېلىپ يەر تېرىيدىغان تۇرسا، ھەممە يەردە ئومۇملاشقان، خەق ئانچە چوڭ بىلىپ كەتمەيدىغان ئاددى بىر ئىشنى تېما قىلىپ ئەسەر يازىمەن دېسەم خەق مەندىن كۈلمەمدۇ؟!   بۇ بەك ۋاقىت ئىسراپ قىلىدىغان ئىش ئىكەن.باشقا تېما يوقمۇ؟!
-باشقا تېمىغۇ تېپىلىدۇ.لېكىن بۇ تېمىغا يەتمەيدۇ.بۇ  سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاددى تېما ئەمەس.بۇچۇ ھەقىقى ئەھمىيەتلىك تېما،يىڭنە بىلەن كۆزنىڭ قارىچۇقىغا   ئويغۇدەك،ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتقا يادىكار قىلىپ ساقلىغۇدەك، تىللادا داستان قىلىپ سۆزلىگۈدەك  ھەقىقى ئىسىل تېما.
-نىمىشقا ئۇنداق دەيسىز؟  
-باشقا يۇرتلارنىڭ  سۇ باشلاپ كېلىدىغان سۇ مەنبەسى ،ھاشار قوزغىتىپ بارسا بېرىپ چاپىدىغان يېتەرلىك ئەمگەكچىلىرى- ھاشار كۈچلىرى بار. ئەگەر سىزنىڭ يۇرتىڭىز قۇرغاقچىلىق تۈپەيلىدىن ۋەيران بولۇپ كەتسە،خەق كۆچۈپ كېتىپ يۇرتىڭىزدا قالغان كىشى ئونغىمۇ يەتمىسە،شۇ قالغان كىشىلەرنىڭمۇ ئاش- ئوزۇقى ،ئۆستەڭ چاپقۇدەك قۇربى ،كۇچ ماغدۇرى بولمىسا، ئۇلار بىلەن ئۆستەڭ چېپىپ سۇ باشلاپ كەلگىلى بولامدۇ؟  
-ئەلۋەتتە بولمايدۇ!  
-قىيىن مەسىلە بۇلا ئەمەس.سۇ مەنبەسى يۇرتىڭىزدىن يۈز نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتا بولسا ،ئۇ سۇ مەنبەسىدە سىزنىڭ ئېلىش پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولمىسا،شۇ سۇنى ئېلىپ كېلەلەمسىز؟
-قانداقمۇ مۈمكىن بولسۇن؟
-باشقا قىيىنچىلىقلارمۇ ساماندەك. ئۇ چاغ دېگەن ئۆتمۈش،گومىنداڭ دەۋرى.ھۆكۈمەت ئەل سۆيەر بولمىسا،ئەمەلدارلىرى زالىم، پارىخور،نەپسانىەتچى  بولسا ،ئەلنىڭ يىغا زارىسى،ئۆلۈپ تىرىلىش بىلەن ھىچكىمنىڭ كارى بولمىسا  ، مانا شۇنداق زاماندا   ئەمەلدارنى گەپ ئاڭلىتىپ، قىيىنچىلىقلىرىنى سۆزلەپ چۈشەندۈرۈپ رەھمىنى كەلتۈرۈپ، سۇ ھەل قىلىپ بارغىلى بولامدۇ -بولمامدۇ؟
-بولماسلىقى مۈمكىن.مۈمكىن بولغاندىمۇ تولىمۇ تەس!
-ھازرقى زاماندىكىدەك سۇ قۇرۇلىشىغا ئىشلىتىلىدىغان ئۆلچەش سىزىش سايمانلىرى بولمىغان شارائىتتا ،ئەلمىساقتىن تارتىپ  ھىچكىم سۇ ئۆتكۈزۈپ باقمىغان چۆل جەزىرىدىن ،پايانسىز قۇم بارخانلىرى،ئىگىز دۆڭلۈكلەر، كۆز يەتكۈسىز ساسلىق كۆللۈكلەر،يۇلغۇنلۇق قومۇشلۇقلاردىن ئازغىنە ئادەم كۈچىگە تايىنىپ  كەتمەن بىلەن سۇ ئەكىلىش  مۈمكىنمۇ مۈمكىن ئەمەسمۇ؟
-قانداقمۇ مۈمكىن بولسۇن؟ ئۇ كىشىلەر ھارغىنلىقتىن ئۆلمىگەن تەقدىردىمۇ ئاچلىق ۋە ئۇسۇزلۇقتىن ئۆلمەمدۇ؟
-بىزنىڭ يۇرتتا بۇرۇن قەيسەر ۋە خەلقچىل  بىر بېگىم ئۆتكەن،سىز بايا ‹‹مۈمكىن ئەمەس›› دېگەن ئەشۇ ئېغىر شەرتلەر ئاستىدىمۇ ئۆستەڭ چاپقۇزۇپ يۇرتىمىزغا سۇ باشلاپ كەلگەن دېسەم ئىشىنەمسىز؟
-راستما؟ راستىنلا شۇنداق قالتىس كىشى بارما؟ ئۆتمۈشتىكى بەگلەر ھەممىسى زالىم ئەسكى تۇرسا؟!قانداقمۇ مۈمكىن بولسۇن؟
-ئادەم ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى،ئەمەلدارلار ئارىسىدىمۇ ياخشى كىشىلەر بارلىقنى سىز مەندىن ياخشىراق بىلىسىزغۇ دەيمەن.مەسىلەن ئۆزىڭىزگە ئوخشاش.
-مەن قانداقكەنمەن؟
-مەن ھازىرغىچە كۆپ ئەمەلدارنى كۆرگەن.ئۇلار‹‹ دېھقان بىلەن يېقىنلاشساق سۈر- ھەيۋىمىز بولمايدۇ ››دەپ قاراپ بىزنى كۆزگە ئىلمايدۇ.گەپ قىلساق تىڭشىمايدۇ.زىيىنىمىزنى ئويلىسا ئويلايدۇكى پايدىمىزنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ.
-بۇ بەزى كادىرلاردىكى ناچار ئىستىللارغا قارىتا سىلەردە پەيدا بولغان خاتا قاراش.ھەممە كادىر ئۇنداق ئەسكى ئەمەس.ياخشىلىرى دېھقاننىڭ غېمىنى يەيدىغانلىرى كۆپ.گېپىمىز بۆلۈنۈپ كەتتى.بايا سىز تەرىپلىگەن ھېلىقى بېگىمنىڭ ئىسمى نىمە؟ ئۇ كىشى ھازىرمۇ ھاياتمۇ؟
-ئۇ كىشىنىڭ ئىسمى ئابدۇراخمان ئابدۇللا،ئۆتمۈشتە كىشىلەر ئۇنى‹‹ بالا بەگ،بالا شوجاڭ››دەپ ئاتاشقان ئىكەن.ئۇ كىشى ئۆلۈپ كەتكىلى ئون بىر يىل بولدى.
-ھەي ئىسىت،ھايات بولغان بولسا كۆرۈشۈپ پاراڭلاشقىدەك،ھۆرمىتىنى قىلغۇدەك  تەۋەرۈك كىشىكەنتۇق.دىدارلىشىش نىسىپ بولماپتۇ.بايا سىز ئۇ كىشىنى  ‹‹بەگ ››  دەۋاتاتتىڭىز،ئەمدى شوجاڭ دىگەن ئاتالغۇنى قوشۇۋالدىڭىزغۇ؟
-سىز بىلمەيسىز،ئۇ كىىشى بىزنىڭ ھەقىقى ئۇلۇغ كىشىمىز.ئۇ ئۆتمۈشتە  يۇرتىمىزغا سۇ باشلاپ كېلىپ يۇرتىمىزنى ۋەيران بولۇشتىن  ساقلاپ قېلىپلا قالماي يەنە پەننى مەكتەپ ئېچپ ئۆزى مۇئەللملىك ۋە شوجاڭلىق قىلغان ئىكەن.دېمەك ئۇ  بىزنىڭ ماددى تەشنالىقىمىزنى قاندۇرۇپلا قالماي  بىلىم جەھەتتىكى  مەنىۋى تەشنالىقىمىزنىمۇ قاندۇرغان.
-ۋاھ راستىنلا قالتىس كىشىكەن.كىتاپ يېزىپ ئىشلىرىنى بايان قىلغۇدەك،ئەۋلادتىن- ئەۋلاتقا مىراس قالدۇرغۇدەك ئادەمكەن.ئەمىسە  سىز مېنى ئابدۇراخمان بەگنىڭ ئىش ئىزلىرىنى بىلىدىغان پىشقەدەملەر بىلەن ئۇچراشتۇرۇڭ.بىز بۇ زات توغرىسىدا كۆپرەك،مۇكەممەلرەك ماتېريال مەنبەسىگە ئىگە بولايلى.ئىشىنىمەنكى بىز ئۇلاردىن  بۇ كىشى توغرىسىدا تېخىمۇ قىزىقارلىق، تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك،ئىسىل  تارىخى روماننىڭ ماتېريالى بولالىغۇدەك ۋەقەلىكلەرنى سوراپ بىلىۋالالايمىز.
-توغرا ئېيتتىڭىز،دادامدىن ئاڭلىشىمچە ئابدۇراخمان بەگنىڭ ھاياتى تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ۋە قىزىقارلىق ئۆتكەن ھايات ئىكەن.ئۇنىڭ ھاياتىدا يادلىنىشقا،پەخىرلىنىپ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىگۈدەك  ئىشلار بەك كۆپكەن.ئۆستەڭ چاپتۇرۇپ يۇرتىمىزغا سۇ باشلاپ كېلىش جەرياندا كۆپلىگەن ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا يولۇقۇپتىكەن. شۇڭلاشقىمۇ ئۇ خەلقىمىزقەلبىنىڭ ھەقىقى ھۆرمەت تۆرىدىن ئورۇن ئالغان .
مەن ئاڭلىغانچە ھاياجانلىنىپ قېلىۋاتىمەن.مېنى   تېزراق ئابدۇراخمان ئابدۇللانىڭ ئىش ئىزلىرىنى بىلىدىغان بىرەر پىشقەدەم دېھقان بىلەن ئۇچراشتۇرغان بولسىڭىز.
-سەل تۇرۇپ تۇرۇڭ،ئايالىمنىڭ تامىقى پىشاي دەپ قلدى.تاماقتىن كېيىن چىقساقمۇ ئۈلگۈرىمىز.ئۇنداقلار يىراق كەنىت ، مەھەللىلەردىمۇ بار.بىزنىڭ مەھەللىدىنمۇ بىر- ئىككىسى تېپىلىدۇ.
-تاماقنى قويۇپ تۇرايلى،كېيىنچە يىيىشىۋالارمىز،مېنى تېزراق باشلاپ چىققان بولسىڭىز گۆش بىلەن مېھمان قىلغاندىنمۇ بەكرەك خۇشال بولغان  بولار ئىدىم.
-سىز ئىسىل ئادەم،ئەلۋەتتە مەخسۇس مال ئۆلتۈرۈپ مېھمان قىلىشقىمۇ ئەرزىيسىز.ئۇمۇ بوپ قالا!
-ئاۋۇتىكا،گەپنى نەگە بۇراۋاتىسىز،ھېلىمۇ نەچچە ئايدىن بېرى مېنىڭ ھالىمدىن  ئاز خەۋەر ئالمىدىڭىز. ئوخشۇتۇش يۈزىسىدىن مۇنداقلا دەپ قويغان گەپكە ئېسىلىۋېلىپ ئادەمنى ئۇنداق خىجىل قىلماڭە!
-ئەمىسە بەش مىنۇت سەۋر قىلىڭ،تاماقتىن كېيىن مەن سىزنى ئەنۋەر تاغامنىڭ ئۆيىگە باشلاپ چىقاي،ئۇ ئادەم ئۆتمۈشتە كۆپ قېتىم بۇ ئۆستەڭنىڭ چېپىلىش  قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان ئىكەن.سورايدىغانلا بولساق  بۇ ھەقتە كۆپ ئىشلارنى سۆزلەپ بېرەلەيدۇ.
.....
   يازغۇچى ئابدىناسىر يۇنۇس  بىلەن دېھقان ئاۋۇت قاۋۇلنىڭ ھەمكارلىقى ئەنە شۇنداق باشلاندى.ئاۋۇت قاۋۇل ئۆيىدە قىلىدىغان  ئىشى، تېرىيدىغان يېرى كۆپ،ئايالى ۋە ئۆزىدىن باشقا ئەمگەك كۈچى يوق،بالىلىرى تېخى ئۇششاق(مەكتەپتە ئوقۇيدۇ) ئەمگەك كۈچى جەھەتتە قىيىنچىلىقى ئېغىر دېھقان ئىدى.ئادەتتە باش قاشلىغۇدەكمۇ چولىسى يوق ھالەتتە ئالدىراش ئىشلەيتتى.لېكىن بۇ قېتىم قىلماقچى بولغان ئىشنىڭ ئەھمىيىتىنى دەپ مەنپەتتىن ۋازكەچتى. ئۆي ۋە ئېتىزنىڭ  ئىشلىرىنى ئايالى بۇخەلچەمگىلا  تاشلاپ قويۇپ ئابدىناسىر يۇنۇس بىلەن پىشقەدەملەرنى زىيارەت قىلىپ  ئۆستەڭ تارىخى توغرىسىدىكى تارىخى ماتېرياللارنى يىغىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئايالىمۇ غەرەز ئۇقىدىغان ئۇقۇمۇشلۇق ئايال بولغاچقا ۋايساپ كەتمىدى.
ئاۋۇت قاۋۇل نامراتراق دېھقان بولغاچقا  زىيارەت جەريانىدا مىنىپ بېرىشقا  موتسېكىلىت تاپالمىدى.شۇنداقتىىمۇ ئىككىسى بار ئىمكانىيەتتىن پايدىلاندى.ئۇلار  بەزىدە كونا ۋېلسىپىت بىلەن،بەزىدە ئىشەك ھارۋىسى بىلەن ،ھېلى ئۇ كەنىتكە،ھېلى بۇ كەنىتكە بېرىپ  پىشقەدەملەرنى زىيارەت قىلدى. ئۆستەڭ تارىخى توغرىسدا بىلىدىغانلىرىنى سوراپ خاتىرىگە ئالدى. بىر قېتىم  ئۇلار يەكەن ئۆستىڭىنىڭ ئەمىلى شارائىتىنى نەق مەيداندىن كۆرۈپ باقماقچى بولدى.شۇڭا  نەچچە كۈنگە يەتكۈدەك يېتەرلىك  ئوزۇقلۇق ئېلىۋېلىپ ئىشەك ھارۋىسى بىلەن ئۆستەڭنى بويلاپ مېڭىپ   بايئاۋات يېزىسىدىن يەكەن دەرياسىغا قاراپ يولغا چىقتى. ئارىلىقتا مەخسۇس يول بولمىغاچقا ئۆستەڭ دامبىسى بىلەن مېڭىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.بۇ ئارىلىق پۈتۈنلەي ئادەمسىز چۆل ئىدى. ئۇلار  چۆل ئىسسىقىنىڭ،بوران- يامغۇرنىڭ،چۆلدىكى بۆرە  تۈلكە،قاۋانغا ئوخشاش يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ  تەھدىتىگە قارىماي ئۈچ كۈن  تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ئۆستەڭ ۋە چۆلدىكى جاپالق شارائىت ھەققىدە چۈشىنىش ئېلىپ باردى. بۇ ئەسەر ۋەقەلىكنى ھەقىقى يېزىپ چىقىش،ئەينى چاغدىكى ھاشارچىلارنىڭ يولۇققان قىيىنچىلىقلىرى ۋە چىن ھىسىياتلىرىنى بىۋاستە چۈشىنىش، ئەينەن   تەسۋىرلەشتە قىممەتلىك ماتېريالغا ئېرىشىشنىڭ يەنە بىر پۇرسىتى بولۇپ قالدى.
    زىيارەت قىلىش ،ماتېريال يىغىش  توپتوغرا ئىككى ئاي داۋاملاشتى.بۇ جەرياندا ئۇلار  پىشقەدەم دېھقانلار ۋە پېنسىيەگە چىققان يەرلىك كادىرلار   بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشتى.ئۆزلىرى  بىۋاستە كۆرۈشۈپ سۆھبەلەشكەن،ئۇچۇر ئىگەللىگەنلەر  سانى يۈزدىن ئېشىپ كەتتى.بۇ جەرياندا ئابدۇراخمان ئابدۇللانىڭ ئۆيىگىمۇ  بېرىپ ئوغلى ۋە قىزلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ  ماتېريال تولۇقلىدى.ئوغلى ئابدۇراخمان    ئابدۇللا ھايات چېغىدا يېزىپ قالدۇرۇپ   قويغان ئۆستەڭنىڭ تارىخى ھەققىدىكى   ئون نەچچە بەتلىك قوليازمىنى تەقدىم قىلدى.ئۆزىمۇ دادىسىىدىن ئاڭلىۋالغانلىرى ئاساسىدا ماتېريال تەييارلاپ بەردى.بۇلار ماتېريال جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ ئابدىناسىر يۇنۇسنى خۇشال قىلىۋەتتى.            
رومان يېزىشقا كېرەكلىك بارلىق ماتېرياللار يىغىلىپ بولغاندىن كېيىن ئابدىناسىر يۇنۇس‹‹ ئارا گەمە›› كەنتىنىڭ كىچىك بىر ئىشخانىسىدىكى بىر كارۋات،بىر چاي شىرەسى ،بىر قاتتىق ئورۇندۇق بولغان ناچار  جاپالىق شارائىتتا يېزىقچىلىقنى باشلىۋەتتى. ئابدىناسىر يۇنۇس  ئاللىقاچان زامانغا ماسلىشىپ يېزىقچىلقنى كومپىيۇتېردا يېزىشقا ئادەتلەنگەن ئىدى .بۇنداق بولغاندا خەت  سۈپەتلىك بولۇپلا قالماي تۈزىتىش ۋە تەھرىرلەشكىمۇ قولايلىق ئىدى. دەسلەپ يېزىقچىلىققا كىرىشكەندە ئاۋۇت قاۋۇل ، ئابدۇراخمان ئابدۇللانىڭ ئوغلى ئابدىغېنى بىلەن ئالاقىلىشىپ يازغۇچىغا كىچىك خاتىرە كومپىيۇتېردىن بىرنى تېپىپ بەردى. كەنىت سېكرىتارى مەمتىمىن قادىر پات-پات تاماق سۇنۇپ  تۇرمۇشىدىن ياخشى خەۋەر ئالدى. ئۇلار ئۈچى بىرلىكتە  يازغۇچىنى ھەر جەھەتتىن قوللاپ ،كەم نەرسىلىرىنى تېپىپ بېرىپ خاتىرجەم يېزىقچىلىق قىلىش شارائىتى بىلەن تەمىنلىدى.لېكىن ئۇلارمۇ ھەردائىم يار يۆلەك بولۇپ بولالمايتتى.2009-يىلنىڭ ئاخىرى،2010-يىلنىڭ بېشىدىكى قارا قىشتا يازغۇچى ناھىيە بازىرىدىكى پارلىق ئىسسىق ئۆيىدىن، ياش ئايالىنىڭ ئىللىق قۇچاقلاشلىرىدىن، ئۇنىڭ مەززىلىك ھەم ئىسسىق تاماقلىرىدىن مەھرۇم قېلىپ  ئارا گەمە كەنتىنىڭ ھېلىقى بىر ئېغىز كىچىك ئىشخانا ئۆيىدە قىينىلىپ يۈرۈپ مەشكە ئوت قالاپ،بەزدە مەشتىن ئىس يېنىپ كۆمۈر گازىدىن ئىس پۇراپ ،بەزىدە ئىسسىماي زۇكامداپ،ھاياتىدىكى ئەڭ  ئۇنتۇلغۇسىز،ئەڭ  قىيىنچلىق كۈنلەرنى ئۆتكۈزدى. بۇ يەر بىلەن يېزا بازىرىنىڭ ئارىلىقى 7-8 كىلومېتىر كېلىدىغان، دىھقان ئۆيىدىن باشقا تاماق يىگۈدەك يەر تېپىلمايدىغان  بولغاچقا يازغۇچى بۇ جاپالىق مۇھىتتا قانچە قېتىملاپ ئاچ قالغىنىنى،قانچە قېتىملاپ ئوتمۇ قاليالماي توڭۇپ تىترەپ ياتقىنىنى ئۆزىمۇ ساناپ بېرەلمەيدۇ.
‹‹جاپالىق ئەجىرنىڭ مىۋىسى ئالتۇن››.بىر يىلغا يېقىن سوزۇلغان جاپالىق خىزمەت ۋە قىممەتلىك يېزىقچىلىق پۇرسىتى ئاخىرلىشىپ يازغۇچى ئاخىرى  ناھىيىگە، ئۆز ئىشخانىسىغا قايتىپ كەتتى.ئۇ مېڭىش ئالدىدا يۇرتتىكى پىشقەدەملەر،نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ھەمكارلىشىپ يېقىن دوست بولۇپ ئۆتكەنلەر داستىخان ھازىرلاپ چىرايلىق ئۇزۇتۇپ قويدى.بۇ يازغۇچىنى باشتا ‹‹خىزىر›، دەپ سۈپەتلىشىمىزدىكى سەۋەپ ئەنە شۇ ئىدى.
يۇرتىمىز 1950-يىلى ئازاتلىق بىلەن تەڭ ‹‹ئابىھايات››قا ئېرىشىپ  ياقا يۇرتقا چىقىپ كەتكەنلەر قوش خۇشاللىق ئىچىدە يۇرتقا قايتىپ كەلگەندىن بېرى ھىچكىم بۇ ئۇلۇغ تارىخى ۋەقەنى تارىخى رومان قىلىپ يېزىپ چىقالمىغان،ھازىرقى تىنىچ بەختىيار باياشات تۇرمۇش دەۋرىدە  خاتىرجەم غەمسىز  ياشاۋاتقانلارغا  ئەشۇ ۋەقەلەرنى رومان شەكلى ئارقىلىق ئۇقتۇرۇپ بۈگۈنكى بەختىيار تۇرمۇشنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكنى،پارتىيەنىڭ مېھر شەپقىتىنىڭ چەكسىزلىكنى،يېزىمىزنىڭ پارتيىە ۋە دۆلەت رەھبەررلىرىنىڭ بىۋاستە كۆڭۈل بۆلىشىگە سازاۋەر بولالىغان ئۇلۇغ يۇرت ئىكەنلىكنى بىلدۈرۈپ قويالىشىمىزغا ئاساس يارىتىپ بەردى.ئۇنىڭ يازغىنى ئاددىلا بىر كىتاپ بولماستىن يۇرتىمىز شەرىپىگە تىكلەنگەن  مەڭگۈلۈك بىر ئابىدە ئىدى.ئۇ كولتىگىن مەڭگۈ تېشىدەك   مەڭگۈ قەد كۆتىرىپ تۇرالايتتى.قار- بورانلاردا، ھەر خىل تەبىئى ، سۈنئى ئاپەتلەردە يوق بولۇپ كەتمەيتتى. زىيانغا ئۇچرىمايتتى.
2012-يىلى 6-ئاينىڭ    22-كۈنى   بۇ رومان ئاخىر نەشىر قىلىنىپ تۇنجى نۇسىخىسى  يازغۇچىنىڭ قولىغا تەگدى.بۇ نۇسخا ئاپتۇرنىڭ كۆرۈپ پايدىلىنىشى،جامائەتتىن پىكىر ئېلىشى ۋە ئاخىرقى قېتىم  تۈزىتىپ بىكىتىشكە  ئىنكاس قايتۇرۇشى ئۈچۈن نەشرىياتتىن بىۋاستە ئەۋەتىپ بېرىلگەن ئىدى.يازغۇچى كىتاپنى قولىغا ئېلىپلا ئەتىسى (6-ئاينىڭ    23-كۈنى) كەچ سائەت 18لەر ئەتراپىدا  شائىر ۋە دىرامماتورىگ ساھىتجان سادىق،ياش شائىر ئەنۋەر ئابلەت شەيدائى قاتارلىقلار بىلەن يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ بايئاۋات يېزىسىغا -باش پېرسۇناژ ئابدۇراخمان ئابدۇللانىڭ ئۆيىگە كەلدى.مەرھۇمنىڭ ئوغلى -يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئابدىغېنى ئابدۇراخمان  يازغۇچىنىڭ كېلىشىدىن  بىر كۈن بۇرۇن خەۋەر تاپقان بولغاچقا ئۆز ئۆيىدە پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ ئەزىز مېھمانلارنى ساقلاپ تۇرغان ئىدى. بۇ پائالىيەتكە ئەينى چاغدا يازغۇچىنى كۆپرەك ماتېريال بىلەن تەمىنلىگەن پىشقەدەملەردىن دېھقان ئەنۋەر تۆمۈر،دېھقان ئىمىن مۆمىن،بۇ يېزىنىڭ    ئۇزۇن يىللار سۇ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان  سابىق يېزا باشلىقى تۇرسۇن ھاشىم،سابىق پارتكوم شۇجىسى مەخمۇت نۇر،يېزىلىق مائارىپ خىزمەت ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى،مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى ئابدىغېنى تۇراق.يېزىلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىلمى مۇدىرى ئابدۇراخمان بارات،ئارا گەمە كەنىت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مەمتىمىن قادىر،كوزىلىق كەنىت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى تۇراخۇن تۇردى،يازغۇچىنىڭ دوستى،كىتاپنىڭ يېزىلىشىغا كۆپ كۈچ چىقارغان دېھقان ئاۋۇت قاۋۇل،ئابدۇراخمان ئابدۇللانىڭ ئىنىسى ئەمەت ئابدۇللا،ئاكىسىنىڭ ئوغلى ياسىن قادىر،نەۋرىسى ئابلاجان داۋۇت،ئالىمجان ئاۋۇت،قىزلىرىدىن نۇرئەلا ئابدۇراخمان،گۈلغۇنچەم ئابدۇراخمان قاتارلىقلار ئاللىقاچان جۇغلىشىپ يازغۇچىنىڭ كېلىشىنى ساقلاپ تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ   تۇرغان ئىدى.
مېھمانلار كەلگەندىن كېيىن ئەتىۋارلىنىپ ئۆينىڭ تۆرىدىن ئورۇن بېرىلدى.ئابدىناسىر يۇنۇس كۆپچىلىككە  كىتاپنىڭ نەشىردىن چىققانلىق خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈپ ھەممەيلەننى كاتتا خۇشال قىلىۋەتتى.ئۇ كىتاپنىڭ  ئۆزىگە ئەۋەتىلگەن نۇسخىسىنى ئالغاچ كەلگەن ئىدى.مېھمانلار غىزالانغاچ ئولتۇرۇپ  بىر تەرەپتىن ئەينى چاغدىكى تارىخنى ۋە ئابدۇراخمان ئابدۇللانىڭ ھاياتى ئىش پائالىيەتلىرىنى سېغىنىش ئىچىدە ياد ئېتىپ  ئەركىن پىكىرلەشسە،يەنە بىر تەرەپتىن يېڭىلا نەشىردىن چىققان بۇ تەۋەرۈك كىتاپنى قولدىن- قولغا ئېلىپ ھاياجان ئىلكىدە كۆرۈپ چىقىشتى ھەمدە يازغۇچىغا رەھمەت بارىكاللىلار ئىزھار قىلىشتى.پىشقەدەملەرسۆھبەت جەريانىدا  ئىككى قىسىملىق بۇ كىتاپنى كۆرۈپ چىقىش ئارقىلىق مۇنداق خۇلاسىگە كېلىشتى.‹‹بۇ كىتاپتا قىلچە يالغان ئارىلاشتۇرۇلماي چىن ھەقىقى تارىخ ئەكىس ئەتتۈرۈلۈپتۇ.ئۇنىڭدىكى يەر جاي ناملىرىدىن تارتپ ئادەم ئىسىملىرىغىچە ھەممىسى ھەقىقى ئېلىنىپتۇ.ئۇنىڭدا ھەقىقى تارىخ ئەينەن ئەكىس ئەتتۈرۈلۈپلا قالماي يۇرتىمىزنى ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا  چۆل باياۋانلاردا تۈرلۈك  قىيىنچىلىقلار بىلەن ئېلىپ بارغان جەسۇرانە كۈرەشلىرىمىزمۇ جانلىق ئوبرازلىق تىل بىلەن  بايان قىلىنىپتۇ.شۇڭا بۇ كىتاپ قالتىس بىر تارىخى رومان بولۇش شەرتىنى ھازىرلاپ ئەل سۆيگەن كىتاپ بولۇش سالاھىيىتىگە لايىقلىىشىپتۇ››.
پائالىيەت ئاخىرىدا ئابدىغېنى ئابدۇراخمان ئابدىناسىر يۇنۇسقا يۇرت نامىدىن تەقدىم قىلىشقا تەييارلىغان بىركۆينەك ۋە  قۇر شىم كاستۇمنى سوۋغا قىلىپ مۇنداق دېدى:
-ھۆرمەتلىك يازغۇچىمىز ئابدىناسىر يۇنۇسنى پەقەتلا بىر رومان يازدى دەپ ئاددى  قاراشقا  بولمايدۇ. بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئۇ يۇرتىمىز شەرىپىگە مەڭگۈلۈك بىر ئابىدە تىكلەپ بەردى.ئاتام ئابدۇراخمان ئابدۇللا ئون نەچچە يىل جاپالىق ئەجىر قىلىپ،كېيىن پارتىيەنىڭ مېھىر شەپقىتىگە ئېرىشىپ  يۇرتىمىزغا بىر ئۆستەڭ سۇ ئېلىپ كېلىپ يۇرتىمىزنىڭ سۇغا بولغان تەشنالىقنى قاندۇرغان.ئۇ سۇ ۋەيران بولغان يۇرتىمىزنى قۇتۇلدۇرىدىغان ‹‹ئابىھايات ››بولغان ئىدى.مانا ئارىدىن ئاتمىش نەچچە يىل ئۆتكەندە يۇرتىمىز ئىككىنچى ‹‹ئابىھايات››نى‹‹ ئىچىش››كە مۇيەسسەر بولدى.ھۆرمەتلىك يازغۇچىمىز ئىككى يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ يېزىپ چىققان بۇ روماننىڭ ئىسمى ‹‹ئابىھايات›› بولۇپلا قالماي ئۆزىمۇ بىر ‹‹ئابىھايات›› ھېساپلىنىدۇ.ھەمممىزگە مەلۇم، ئادەمدە ئىككى خىل تەشنالىق بولىدۇ.بىرى ماددى تەشنالىق.يەنە بىرى مەنىۋى تەشنالىق.بىز 60نەچچە يىلدىن بېرى يەكەن كانىلىدىن قانغۇچە سۇ ئىچىپ ماددى تەشنالىقىمىزنى قاندۇرۇپ كەلگەن بولساقمۇ ئەۋلاتلىرىمىزغا ئئاتا بوۋىلىرىمىزنىڭ تارىخى،ئۇلارنىڭ شانلىق ئىش ئىزلىرى،يەنى ئاتا -بوۋىلىرىمىزنىڭ قانداق ياشاپ ئۆتكەنلىكى،ئەزىز يۇرتىمىزنى قانداق جاپالار بىلەن يۇرت قىلىپ قۇرۇپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگىدەك ، كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا مىراس قىلىپ قالدۇرغۇدەك بىرەر پارچە كىتابىمىز يوق ئىدى.بۇ كىتاپ ئەنە شۇ بوشلۇقىمىزنى تولدۇرۇپ بىزنىڭ مەنىۋى تەشنالىقىمىزنى قاندۇردى، كۈنسېرى ئاجىزلىشىۋاتقان، يوقۇلىۋاتقان روھىيىتىمىزنى تىرىلدۈردى.بىز كىملىكىمىزنى تونۇۋالدۇق،قانداق ياشاش،كىم ئۈچۈن ياشاش،قانداق ئادەم بولۇش،ئۋلاتلىرىمىزغا نىمە قالدۇرۇش كېرەكلىكىنى بىزگە ئۆگەتتى.بۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ كىتاپنىڭ تۆھپىسىنى ھەرگىز تۆۋەن چاغلىغىلى بولمايدۇ.شۇڭا بۈگۈن بىزگە بۇ كىتاپ ئارقىلىق خۇشاللىق ياققان خاسىيەتلىك پەيتلەردە ئەينى چاغدا ئۆستەڭ قۇرۇلىىشغا قاتناشقان،يازغۇچىمىزنى ماتېريال بىلەن تەمىنلىگەن  يۇرتىمىزنىڭ پىشقەدەم دېھقانلىرى،پىشقەدەم رەھبەرلىرى،مەرھۇم ئاتام ئابدۇراخمان ئابدۇللانىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرى ۋە پەرزەنىتلىرى بۇ يەرگە توپلىنىپ ئەينى يىللاردىكى شانلىق تارىخنى ئەسلەپ ئۆتتۇق.كىتاپ توغرىسىدا ۋە ئەينى دەۋردىكى تارىخى شەخسلەر،تارىخى ۋەقەەر  توغرىسىدا كەڭ كۇشادە پاراڭلاشتۇق.مەن ھازىر مۇشۇ سورۇندا ئولتۇرغان بارلىق مېھمانلارغا ۋاكالىتەن يازغۇچىمىز ئابدىناسىر يۇنۇسقا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.كونىلار ئېيتقان،‹‹ياخشىلىق ئۇنتۇلمايدۇ،تۆھپە مەڭگۈ كۆمۈلمەيدۇ.››بىز بايئاۋات خەلقى ھۆرمەتلىك يازغۇچىمىزنىڭ بىزگە سوغا قىلغان بۇ قىممەتلىك كىتابىنى مەڭگۈ قەدىرلەپ ساقلايمىز.سۆيۈپ ئوقۇيمىز.ئەۋلات تەربىيەلەشتە دەرسلىك قىلىپ پايدىلىنىمىز. يازغۇچىمىزنىڭ بۇ ئەقرىگە جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن ئات –تۆگە ئۆلتۈرۈپ مېھمان قىلساقمۇ،پۇل-مال دۇنياغا كۆمىۋەتسەكمۇ يەنىلا بىزدە ئەجرى قالاتتى.لېكىن ‹‹ساپ كۆڭۈل ئالتۇندىن ئەلا››دېگەن ئەقىدە بويىچە بىزنىڭ ھۆرمەت تازىملىرىمىز چوڭقۇر مىننەتدارلىقلىرىمىز يازغۇچىغا ياخشى جاۋاپ بولالايدۇ دەپ قارايمەن.مەن ئەسلى بۇرۇندىن ئويلاپ قويغان.مۇشۇ كىتاپ چىققاندا ئىسىل توندىن بىرنى بۇيرۇپ،يېزىمىزنىڭ چوڭ زالىدا كاتتا تەبرىكلەش مۇراسىمى ئېچىپ نەچچە مىڭلىغان يۇرتىمىز خەلقى ئالدىدا، ئۇلارنىڭ رەھمەت بارىكاللا سادالىرى ئاستىدا ھۆرمەتلىك يازغۇچىمىزنىڭ ئۈستىگە يېپىپ قويارمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم.لېكىن كىتاپنىڭ چىققانلىق خۇشخەۋىرىنى تېخى تۈنۈگۈن كەچتىلا ئاڭلىدىم.بۈگۈن يازغۇچىمىز بۇ خۇشخەۋەرنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن شەخسەن ئۆزى كەلدى.ئارمىنىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن  شەھەرگە تون ئىزدەپ بېرىپ ئىزدەپ تېپىشقا ياكى ماشىنىچىغا بۇيرۇتۇپ  تىكتۈرۈپ بۈگۈنگە  ئۈلگۈرتۈپ كېلىشكە ۋاقىت يار بەرمىدى.يېزىمىزدا كەڭ كۆلەملىك مۇراسىم ئاچايلى دېسەم ‹‹چاۋاك ئىككى قولدىن چىقىدۇ››كەن .مەن بىر ئاددى ئوقۇتقۇچى بولغاچقا بۇنىڭغا ئىمكان قىلالمىدىم..ھەممەيلەن كۆردۇق،بۇ كىتاپ ‹‹شىنجاڭ يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادى ئەسەرلىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەت ،خەنزۇ يېزىقىدىكى ئەسەرلەرنى ئۆز-ئارا تەرجىمە –نەشىر قىلىش قۇرۇلىشى››غا كىرگۈزۈلگەن،شۇجى جاڭ چۈنشىئەن ئۆز قولى بىلەن كىرىش سۆز  يازغان قىممەتلىك كىتاپ ئىدى.شۇنداق كاتتا كىتاپ ئۈچۈن بايا دېگەندەك تون تەييارلىيالمىدىم،لېكىن ئاددى بولسىمۇ بىر كۆينەك ۋە بىر شىم -كاستۇم تەييارلىدىم.ھازىرقى كىشىلەر ماركا قوغلىشىدىغان،ماركىغا ئېتىبار بېرىدىغان بولۇپ كەتتى.شۇڭا مەنمۇ شۇ ئېقىمغا ماسلىشىپ، ھەم داڭلىق ماركا بولۇشنى،ھەم ماركىنىڭمۇ بۇ پائالىيەتكە مەزمۇن سىمۋول جەھەتتىن ماس كېلىشىنى تاللىدىم.ھۆرمەتلىك يازغۇچىمىزغا ئالدى بىلەن سوغا قىلىدىغىنىم ‹‹ئەل سالام››ماركىلىق ئالى دەرىجىلىك كۆينەك.بۇ بىزنىڭ يۇرت خەلقىنىڭ يازغۇچىمىزنىڭ بىز بىلەن كۆرۈشۈپ خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە كەلگەنلىكىگە  نىسبەتەن ھۆرمەت سالىمى بولۇپ قالسۇن.ئىككىنچى بولۇپ سوغا قىلىدىغىنىم ‹‹مۆھتىرەم››ماركىلىق شىم- كاستۇم.بۇمۇ بىزنىڭ يازغۇچىمىزنى ئەزىزلىگىنىمىز،قەلبىمىز قەسىرىدىكى ئالى ھۆرمەت تەختىدىن ئورۇن بېرىپ يۈكسەك دەرىجىدىكى ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرگىنىمىز بولۇپ قالسۇن.يازغۇچىنىڭ بىز ئۈچن قىلغان ئەجرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا قىلالىغانلىرىمىز تولىمۇ ئەرزىمەس بىر سوغا ،شۇنداقتىمۇ يازغۇچىمىزدىن ئازنى كۆپكە،ئاددىنى قىممەتلىككە تاۋاپ قىلىپ ئەرزىمەس سوۋغىمىزنى قوبۇل قىلىشىنى، بىزدىن رەنجىمەسلىكنى ئۈمىد قىلىمەن!
يازغۇچى ھاياجانلانغان ئىدى.سوغا ئاددى بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭغا يۇرت خەلقىنىڭ چەكسىز  ھۆرمىتى سىڭگەن ئىدى.،قىلغان ئەجرىنىڭ ئەل-ئاۋام تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىپ رەھمەت تەشەككۈرلەرنىڭ چىن قەلىبتىن ئۇرغۇپ چىقىپ سەمىمى ئېيتىلىشى -ئۇنىڭ ئىككى يىلللاپ تارتقان جاپالىرىنىڭ ھاردۇقىنى چىقارغاندەك ،مىڭ بىر جاپادا تىرىشىپ ئىشلەپ  مىۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈپ  ئۇنىڭ شىرىن مېۋىسىنى تېتىغاندەك بولدى.بۇ بىر يازغۇچى ئۈچۈن ھەقىقى ھوزۇر ئىدى.
يازغۇچىمىزدىن ئىگەللىشىمىزچە‹‹ئابىھايات››ناملىق بۇ ئىككى قىسىملىق  تارىخى رومان شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى  تەرىپىدىن رەسمى نەشىر قىلىنىپ چىقىپتۇ.لېكىن تېخى تارقىتىلماپتۇ.قاچان شىنخۇئا كىتاپخانىلىرىغا سېلىنىپ تارقىتىلىدۇ بۇنىسى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.تورداشلارنىڭ بۇ خاتىرە ئارقىلىق مەزكۇر روماندىن خەۋەردار بولۇپ قېلىشىنى رەسمى تارقىتىلغاندا سېتىۋېلىپ بەدىئى جەھەتتىن زوقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 928
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-26 23:25:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
SAM_2775.JPG

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  320
يازما سانى: 276
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1689
تۆھپە : 1
توردا: 180
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 08:26:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قابىلجان نىڭ بۇيوللانمىسىدىن «ئابىھايات» رۇمانىنىڭ ئاساسى مەزمۇنى ۋە رۇماننىڭ رۇياپقا چىقىش تەپسىلاتىنى ئۇقۇپ،رۇمان ئاپتۇرنىڭ ئىزدىنىش روھىدىن سۆيۈندۈم،ئابدۇغىنى ئابدىراخماننىڭ ئۇچۇرىمۇ ئوقۇشچانلىقى بار يېزىلىپتۇ. بارلىق ئەزىزلەرگە سالام!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1247
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1569
تۆھپە : 0
توردا: 153
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 14:36:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ.

تۇرسۇن جامال

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 928
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 00:15:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
SAM_2782.JPG

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 928
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-5 23:59:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاپنىڭ تېزراق تارقىتىلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 928
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 19:32:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇش خەۋەر ،7-ئاينىڭ 25 -كۈنى چاشەنبە قەشقەردە بۇ كىتاپنىڭ ئىمزالىق سېتىش تارقىتىلىش مۇراسىمى ئېچىلىدۇ.پائالىيەتنى تەشكىللىگەن ئورۇن شىنجاڭ  يازغۇچىلار جەمىيىتى ۋە قەشقەر ۋىلايىتلىك پارتىكوم.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش