جەنۇبىي تاغقا كەلگەن قېرى- ياش گۈزەل قەلەمكەشلەرگە چاخچاق
سىلەر بىزنى تۇغقان ئانىلار،
سىلەر بىزنى سۆيگەن گۈزەللەر.
تاغنى تالقان قىلدۇرۇپ يەنە،
ئەشۇ تاغدىن قاچقان بۆجەنلەر.
ئوۋچى بولدۇق ئەرلەر دالادا،
قان ئاققۇزدۇق تالاي تاغلاردا.
ئاھ، ئانىلار- دېدۇق دۇنياغا،
بۈركۈت بولدۇق كېچە قىيادا.
ياشلىقىڭلار گوياكى ۋولقان،
جاننى ئېلىپ جاڭگالدا قويغان.
قىرىق ياشتا تولغان بۇلاقتەك،
مېھرىڭلەردە چۆگۈن قاينىغان.
شۇنچە مەزمۇت، شۇنچە مىھرىبان
70 ياشلىق ئۇماق ئانىلار .
يۇرۇق شۇنچە ئىزىڭلار ئەنە-
شائىر بولدى قېرى بالىلار.
ئەي قەلەمكەش گۈزەل بەرنالار،
ياشلىقىڭلار تۇرسۇن ئويناقلاپ.
مەن سىلەرگە يوللىدىم سالام،
گۈل تۇتۇڭلار مېنى باغاشلاپ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qasimjanosman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-26 17:24