كۆرۈش: 458|ئىنكاس: 8

بىر ئەسىر كۆمۈلۈپ ياتقان «شاھنامە» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

bagyar ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  102
يازما سانى: 419
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1279
تۆھپە : 32
توردا: 372
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-29

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 01:07:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                                                  بىر ئەسىر كۆمۈلۈپ ياتقان «شاھنامە»


                                                     ئالىمجان تىلىۋالدى(قازاقىستان)

      يېقىندا م. ئەۋېزوۋ نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتى مۇدىرىنىڭ ئورۇنباسارى ئاقي يىگىت ئەلىبېكوۋ بۆلۈمىمىزگە كىرىپ كەلدى. ئۇ ماڭا ئىنستىتۇت نامىدىن بىر كىتابقا تەقرىز يېزىش لازىملىقىنى تاپشۇرۇپ، شۇ توغرىلىق قىسقىچە ئۇچۇر يېزىلغان بىر ۋاراق قەغەزنى بېرىپ چىقىپ كەتتى. باشتا مەن بۇنى ئادە تتىكى بىر ئىش دەپ چۈشەندىم. ئامما ئاخبارات ۋارىقىنى قولۇمغا ئېلىشىم بىلەنلا، خەلقىمىزنى يەنە بىر يېڭىلىقنىڭ كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى ھېس قىلدىم. چۈنكى سۆز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق نامايەندىلىرىنىڭ بىرى قەلەندەرنىڭ «شاھنامە» داستانى توغرىلىق تەقرىز يېزىش ھەققىدە بولۇۋېتىپتۇ. 18-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدە بىياتىنىڭ ئۇلۇغ ۋەكىلى قەلەندەر 9- ئەسىردىكى پارس-تاجىك ئەدەبىياتىنىڭ بۈيۈك نامايەندىسى ئوبۇلقاسىم فىردەۋسىينىڭ«شاھنامە»ناملىق ئەسىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان ئىكەن! ئەمما بۇ نەق تەرجىمە ئەسەرمۇ ياكى يېڭىچە بىر شەرھىمۇ، بۇ توغرىلىق ھازىرچە بىر نېمە ئېيتىش قىيىن،بۇنى ۋاقىت ئىسپاتلايدۇ. ئەگەر،كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدا قول يازمىلارنى كۆچۈرۈشتە ياكى تەرجىمە قىلىشتا ئەركىن ۋە ئىجادىي ياندىشىش ئەنئەنىلىرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ھېساپقا ئالساق،ئۇ چاغدا ماڭا ئالاھىدە بىر داستان توغرىلىق تەقرىز يېزىش ۋەزىپىسىنىڭ يۈكلەنگەنلىكىنى تەسەۋۇر قىلىش تەس ئەمەس. قىسقىسى، مەن ئىنتايىن ھاياجانلىنىش ئىلىكىدە سالمىغى ئېغىرلىقى 7 كىلوگرامغا يېقىن بولغان 1042 بەتلىك چوڭ بىر كىتابنى قولۇمغا ئالدىم.
      ئومۇمەن،ئۇيغۇر شائىرىنىڭ بۇ داستانىنى كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا خېلى مەلۇماتلارغا ئېگە بولدۇم. مەزكۇر ئەسەرنى 1921- يىلى باي ئوغلى ئىسىملىك بىر كىشى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي كىتابخانىسىغا تاپشۇرۇ پتۇ. دېمەك، بۇ مەشھۇر ئەسەر كىتابخانىغا تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن،ئۆتكەن يۈز يىلنى ھېسابقا ئالغاندا،ئۈچ ئەسىر داۋامىدا كۆمۈلۈپ ياتتى دېگەن سۆز. ئېچىنارلىق يېرى شۇكى،مەزكۇر داستان بىزنىڭ ئالىم-تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ دىققەت-نەزىر نىڭ سىرتىدا قالغان. ئەگەر بىز داستاننىڭ مىللىي كىتابخانىغا تاپشۇرۇلغان ۋاقتىنى نەزەردە تۇتساق، ئۇ چاغدا 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا يۈز بەرگەن ئىجتىماىي -سىياسىي ۋەقەلەر كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. بۇ خەلقىمىزنىڭ تارىخىي يىلتىزىنى ۋە مىللىي تەئەللۇقلىقىنى ئېنىقلاپ، يېڭى بىر دەۋرگە قەدەم تاشلىغان پەيتى ئىدى. نەق مۇشۇ دەۋردە قەلەندەرنىڭ«شاھنامە»ىسى تېپىلغان ئىكەن. كېيىنكى ۋاقىتلاردا مىللىي دۇردانىلىرىمىز بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى تېپىلدى. شۇلارنىڭ بىرى توۋا جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە تېپىلغان بورباژىن، ئۇ خەلقىمىزنىڭ شان- شۆھرىتىنى ئاشۇردى. ئۆز ۋاقتىدا مەن توۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررىتورىيىسىدە قەدىمىي ئۇيغۇر خاقانلىقىغا ئائىت يەنە بەش شەھەرنىڭ توپا ئاستىدا ياتقانلىقىنى رۇسىيە دۆلىتىنىڭ شۇ چاغدىكى پەۋقۇلئاددە ۋەزىيەتلەر بويىچە مىنىستېرى سېرگېي شويگوۋنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلىغان ئىدىم. دېمەك، كېلەچەكتە خەلقىمىز نىڭ شان-شۆھرىتىنىڭ تېخىمۇ كۆتۈرۈلىدىغانلىقىغا ئۈمىد ۋارمىز. ئەڭ مۇھىمى، بۈيۈك تارىخىمىزغا ئائىت ئاسارە-ئەتىقىلىرىمىزنىڭ، يادىكارلىقلىرىمىزنىڭ قەدىر -قىممىتىنى چۈشىنىپ، ئۇلارنى ئاممىۋىي ئۆگىنىشكە، تەتقىق قىلىشقا ئىنتىلسە كلا بولغىنى.
     ئەمدى «شاھنامە»نىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسىگە كېلىدىغان بولساق، ئۇنى قازاق خەلقىدىن يېتىلىپ چىققان داڭلىق شەرقشۇناس ئالىم، مەرھۇم مۇھەممەد رەھىم يارمۇھەممەدوۋ ئۇزۇن مەزگىل تەتقىق قىلغان ئىكەن. ئەمما نامە لۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، ئالىمنىڭ تەتقىقات ماقالىلىرى نەشر قىلىنمىغان. ۋاقىت ئۆتۈپ بۇ ئەسەر تاجىك ئالىملىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ، ئۇلارنىڭ دىققىتىنى بىردىن جەلپ قىلغان. نەتىجىدە قازاقىستان مىللىي كىتابخانىسىنىڭ باش مۇدىرى گۇلىسا بالابېكوۋا قەلەندەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى«شاھنامە»سىنى تەۋەررۈك ئەسەرلەر قاتارىدا يۇنېسكونىڭ «دۇنيا خاتىرىسى»كۈتۈپخانىسىغا كىرگۈزۈشنى قارار قىلغان.مانا شۇ قارارنى مەن م. ئەۋېزوۋ نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتى نامىدىن قوللاپ-قۇۋەتلەپ، پىكىر يوللىدىم. بۇنى ئالاھىدە قەيت قىلىشىمنىڭ سەۋەبى،ئۇزۇن ئەسىرلەر بويى كۆمۈلۈپ ياتقان نادىر ئەسەرنىڭ ئاممىۋىيلىششى ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ ھەسسە قوشقانلىقىمنى ۋە ۋۇجۇدۇمدا پارتلىغان مىللىي ھېسسىياتىمنى يوشۇرالمىدىم.
دېمەك، قەلەندەر دېگەن كىم؟ ئۇ ھەققىدە بىز نېمە بىلىمىز؟
     يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان قول يازمىدىن،قەلەندەرنىڭ شاخ ھىجران نىزا مىددىن جوجا ئوغلى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇ مەزكۇر «شاھنامە»نى دانىيال خوجىنىڭ ئوغلى ياقۇپ خوجا جاھاننىڭ بۇيرۇتمىسى بىلەن يازغانلىقىنى بىلىمىز. نەق مۇشۇ نداق مەلۇمات 18- ئەسىر ئۇيغۇر نامايەندىسى مۇھەممەت سادىق قەشقەرىيىنىڭ «تەزكىرەئى ئەزىزان»ناملىق ئەسەرىدىمۇ بار.
بۇ ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى ھەققىدە دەسلەپكى مەلۇماتنى مەشھۇر شائىرىمىز تېيىپجان ئىلىېوۋ ئېلان قىلغان ئىكەن. ئەمدى ئۇنى كېڭەش ئىتتىپاقى ئۇيغۇر لىرىغا دەسلەپكى قېتىم تونۇشتۇرغان كىشى داڭلىق ئەدەبىياتشۇناس ئالىم، كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، مەرھۇم ساۋۇت موللاۋۇدوۋ بولدى. ئەمما، ئالىمنىڭ «18-ئەسىر ئۇيغۇر پوئىزيەسى»ناملىق كىتابىنى قولىمىزغا ئالغىنىمىزدا، قەلەندەر توغرىلىق مەلۇماتلارنىڭ ئىنتايىن ئاز ئىكەنلىكىگە كۆز يەتكۈزدىم. شائىرنىڭ تەرجىمھالى ھەققىدە ئاساسەن مەلۇمات يوق. ئەمما س.موللاۋۇدوۋ قەلەندەر شېئىرلىرىنى تەھلىل قىلىپ، ئۇنىڭ خوتەن شەھىرىدە تۇغۇلغانلىقىنى تەخمىن قىلغان. ئەمدى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى ش ئۇ ئا ر لىق ئالىم غەيرەتجان ئوسمان قەلەندەرنىڭ شىرلىرىغا ئاساسلانغان ھالدا، شائىر نىڭ يۇرتى قەشقەرنىڭ يوپۇرغا ناھىيىسىدىكى قۇندۇز دېگەن يەر،دەپ تەخمىن قىلىدۇ. ئەمما كېيىنىرەك ئەتراپلىق مۇھاكىمە يۈرگۈزۈلۈپ،شائىرنىڭ يۇرتى ئابغانىستاننىڭ شىمالىدىكى قۇندۇز شەھىرى دېگەن پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەن دەرھال 2005-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدە نەشر قىلىنغان بەش توملۇق «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى»ناملىق كىتابنى ئېلىپ، قەلەندەر توغرىلىق مەلۇما تلارنى ئىزدىدىم. بىراق، نېمىشقىدۇر،بۇ ئۇلۇغ ئەدىپىنىڭ ئىجادىيىتى مەزكۇر چوڭ توپلامدىنمۇ ئالاھىدە ئورۇن ئالماپتۇ. شۇنداق بولسىمۇ، بىز 1908-يىلى تاشكەنت شەھىرىدە بېسىلغان «شاھنامە تۈركىي» توغرىسىدا تىلغا ئېلىنغان بەزى ئۇچۇرلاردىن، يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان مەلۇماتلارنى تاپتۇق. بۇ خەۋەرلەرنى ھېساپقا ئالغاندا،بىز شائىر قەلەندەرنىڭ ئاتىسى شاھ-ھىجراننىڭ تولۇق ئىسمى شاھ مۇھەممەد ئىمىناخۇن ئىبنى خوجا نىزامىددىن ئىكەنلىكىگە كۆز يەتكۈزىمىز. دېمەك، ش ئۇ ئا ر لىق ئالىملاردىن ئىمىنجان ئەھمىدى ئۇتۇق بىلەن غەيرەتجان ئوسماننىڭ تەكىتلىشىچە،«شاھنامە تۈركىيى»نىڭ نۇرغۇنلىغان تەرجىمىلىرى مەۋجۇت.«شاھنامە»نىڭ تاشكەنتتىكى نۇسخىسىنى ئېيتمىغاننىڭ ئۆزىدە، ئۇنىڭ ئالمۇتىدىكى نۇسخىسى ئوبۇلقاسىم فىردەۋسىينىڭ كىتابىنىڭ نەق يېرىمى، يەنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان چوڭ بىر تومى. ش ئۇ ئا ر ئالىملىرىنىڭ تەتقىقا تلىرىغا ئاساسلانساق،ئىككىنچى تومىنى شاھ-ھىجراننىڭ دوستى خامۇشاخۇن ئىسىملىك شائىر يەكەندە 16 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ كۆچۈرۈپ چىققان، مەزكۇر كىتابنىڭ قول يازمىسىنى يەكەنلىك ھېمىتاخۇن دېگەن كىشى ش ئۇ ئا ر نىڭ مىراسگاھىغا ھەدىيە قىلغان. دېمەك.18-ئەسىردە پۈتۈلگەن «شاھنامە تۈركىي» ئىككى نەپەر ئۇلۇغ ۋە كەم تالانتلىق ئەدىبلەرنىڭ ئۇزاق يىللىق مېھنىتىنىڭ مېۋىسى. تەكىتلەپ ئۆتۈش لازىمكى، قەلەندەر يەكەندە ياشىغان شۇ بۈيۈك زات شاھ ھىجراننىڭ ئوغلى. دېمەك، ئاتا-بالا ئىككىسى تەڭدىشى يوق مىللىي غەزنىنى خەلقىمىزگە ھەدىيە قىلغان ئىكەن.بۇنىڭغا قاراپ، قەلەندەرمۇ يەكەنلىك بولۇشى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس،دەپ ئويلىدۇق. ئەمما بىز ھازىرچە ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى توغرىسىدا ھېچ قانداق مەلۇماتلارنى تاپالمىدۇق. ئەمدى قەلەندەر ئاتالغۇسىغا كېلىدىغان بولساق، بۇ ئۇنىڭ تەخەللۇسى بولۇشى مۇمكىن. مەلۇمكى، 18-ئەسىردە نەقىشبەندى سوپى-دەرۋىشلەر ئوردېنىنىڭ (جامائىتىنىڭ) چېچىلىپ كېتىشىگە باغلىق، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئاپئاق خوجا رەھبەرلىكىدىكى «ئىشقىيە» ۋە دانىيال خوجا باشچىلىقىدىكى «ئىسھاقىيە»گە ئوخشاش ئىككى چوڭ گۇرۇھ پەيدا بولۇپ، ئۇلار ئىدىيىۋىي جەھەتتىن بىر-بىرى بىلەن كۈرەش قىلغان. كېيىنىرەك، ئۇ تارىختا ئاق تاغلىقلار ۋە قارا تاغلىقلار دەپ نام ئالغان. قەلەندەرگە كېلىدىغان بولساق، ئۇ دانىيال خوجىلار ئەۋلادى تەرىپىدىن تەشكىل قىلىنغان «ئىسھاقىيە» جامائىتىگە ئەگەشكەن. مەزكۇر جامائەتنىڭمۇ بىر قانچە دەرۋىشلەر جامائىتىدىن تەركىپ تاپقانلىقى مەلۇم. ئەنە شۇنداق سوپىلار جامائىتىنىڭ بىرى ئۇيغۇر شائىرىنىڭ ئۆزى تەشكىل قىلغان قەلەندىرىيە جامائەتى بولۇشى ئېھتىمال ھەم بۇ ھەقىقەتتىن يىراق ئەمەس. بۇنداق دېيىشىمىزدىكى سەۋەپ، بۈگۈنكى كۈندە پارس-تاجىك ۋە ئۆزبېك ئەدەبىياتىدا قەلەندەر ئىسىملىك ئەدىپلەر بار. بۇ جامائەتتىكى دەرۋىشلەر رېئال ھايات ئەۋزەللىكلىرىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچكەن بولۇپ، ئۇلار ئەمەلىيەتتە كېچە-كۈندۈز ئىجات قىلىش، قول يازمىلارنى كۆچۈرۈش ھەم ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىش بىلەن بەند بولغان. ئۇلار بايلىق توپلىمىغان. مەنىۋى بايلىق-زور بەخت دەپ چۈشەنگەن. بىزنىڭ ئويىمىزچە، كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ «ئىسھاقىيە» گۇرۇھىغا توپلىنىشى نەق دانىيال خوجا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ياقۇ خوجا شاھ جاھان ۋە فۇتۇ ھىيلارنىڭ تەرەققىيپەرۋەر ھەم چوڭقۇر بىلىم-پاراسەت ئىگىلىرىدىن بولۇپ، زور ئىجتىماىي-سىياسىي سالماققا ئېرىشكەنلىكىدىن بولسا كېرەك.
      يەنە بىر ھەيران بولارلىق يېرى، دانىيال خوجا، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئوغلى شاھ جاھان (ئەرشىي) دەۋرىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە راۋاجلا نغان.بۇ دەۋردە زەلىلىي، نوبىتىي، خاراباتى، خامۇشاخۇن، شاھ ھىجران، مەشھۇرىي، شاىراخۇن، مۇھەممەت سىدىق قەشقەرىي، گۇمنامغا ئوخشاش نامايەندىلەر ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇنلىنىپ، زور شۆھرەت قازانغان. ئەمما ئاپئاق غوجا ئەۋلادلىرىنىڭ بىرى بولغان بۇرھانىدىن خوجا «ئىسھاقىيە» دەرۋىشلەر جامائىتىنى بەربات قىلىپ، ئۇنىڭ ۋەكىللىرى بولغان مەشھۇر شائىرلاردىن ئەر شىي،ئۇنىڭ ئوغلى فۇتۇھىينى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈۋەتكەن. شۇ تۈپەيلى 18- ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بۈيۈك بىر گۈللىنىش دەۋرىگە چوڭ دەخىلى يەتكۈزۈلگەن. ئەلۋەتتە، بۇ خىل ئەھۋالدا قەلەندەر ۋە ئۇنىڭ ئاتىسى شاھ ھىجران بىلەن دوستى خامۇشاخۇننىڭ تەقدىرى توغرىلىق مەلۇماتلار يوقاپ كېتىشى تەبىئىي.بەلكىم، ئۇلارمۇ ئاپئاق غوجا ئەۋلادلىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان پاجىئە لىك ۋەقەلەرنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. ھەر ھالدا، خوجىلار دەۋرى تەپرىقىچىلىككە ۋە جاھالەتكە تولغاندەك بىلىنسىمۇ، بىراق ئۇ دەۋردە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى يەنە بىر ئۇلۇغ باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىنى ئۇنتۇماي، بۈيۈك ئەدەبىياتىمىز بىلەن پەخىرلىنىشىمىز كېرەك.
       بۇ ئەسەردىن باشقا قەلەندەرنىڭ قەلىمىگە 150كە يېقىن غەزەل، 20دىن ئوشۇق مۇخەممەس مەنسۇپ. قەلەندەرنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى ئەللامە ئوبۇلقاسىم فىردەۋسىينىڭ بۈيۈك ئەسىرىنى قولىغا ئېلىشى، ئۇنى، سۆزسىز، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇلۇغ شائىرلىرىنىڭ قاتارىغا قويىدۇ. ئىشەنچىم كامىلكى، ۋاقىت ئۆتۈپ، بۈيۈك ئۇيغۇر شائىرىنىڭ ئىجادىيىتى دۇنيا ئەدەبىياتىدىمۇ ئالاھىدە ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.

ئاپتۇر:م.ئەۋېزوۋ نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى،فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى.

   ماقالا: ئالمۇتۇدا چىقىدىغان «ئۇيغۇر ئاۋازى گېزىتى»نىڭ 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى سانىدىن ئۇيغۇر كونا يېزىقىغا ئۆرۈلدى.

نەشرگە تەييارلىغۇچى:
قاراقاش ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن
                      تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار
      2013-يىل 12-يانۋار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-13 01:13  


idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1558
يازما سانى: 299
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 684
تۆھپە : 0
توردا: 112
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 12:03:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر،
رەھمەت سىزگە

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  319
يازما سانى: 836
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2988
تۆھپە : 0
توردا: 342
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-31

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 12:03:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەگيار ئاكامنىڭ مۇشۇنداق ئېسىل ئەمگەكلىرىدىن ھۇزۇرلىنىۋاتىمەن.... ئامان بولغايلا!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1413
يازما سانى: 309
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1076
تۆھپە : 0
توردا: 116
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-26

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 14:23:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەگيار ئەپەندىنىڭ ئەجرىدىن دىللار سۆيۈندى ، مۇشۇنداق ھەمساۋاقلىرىمىزنىڭ بولغىنىدىن خۇشال بولۇپ تۇرۇپتىمىز ، ئەمگەكلىرى ئۈزۈلمىگەي !

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1502
يازما سانى: 312
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 951
تۆھپە : 0
توردا: 110
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-28

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 19:20:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت!
بىر يېڭى بىلىمنى بىلىۋالدۇق! «شاھنامە» بەك ئېسىل ئەسەر. مەن ئۇنى نەچچەنۆۋۋەت ئوقۇدۇم. مۇشۇ كىتاپنىڭ بالىلار نۇسىخىسىنى ئىشلەپ بېقىشنى ئويلىشىۋاتىمەن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەخەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-13 19:20  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  166
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1231
تۆھپە : 7
توردا: 287
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-11-1

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 21:01:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزگە نىسبەتەن خېلىلا يېڭى ئۇچۇركەن. بەگيارنىڭ ئەجرىگە ئاپرىن! مۇشۇنداق تېمىلار ھەققىدىكى ئىزدىنىشىڭىز تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغۇسى!

ھەقىقى بايلىق روھى بايلىقتۇر

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  560
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 481
تۆھپە : 50
توردا: 87
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-18

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 12:20:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ياخشى مەلۇماتتىن خەۋەردار قىلغانلىقىڭىزدىن سۆيىنىمىز. قىممەتلىك ئەمگەكلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي!!

مۇۋەپپەقىيەت تېرىشچانلىقت

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1520
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 175
تۆھپە : 0
توردا: 30
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-28

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 22:20:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك تىما ئىكەن ...رەھمەت

قولۇڭدىن كەلسە ئەلدىن ئايىما...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1478
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1717
تۆھپە : 0
توردا: 131
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 21:46:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىممەتلىك ئەمگەكلىرىڭىز گە  تەشەككۇر  .

ئوتمۇشنى يىتىلەپ سەرگەندار ياپراق،
  يۇرمەكتە قىشتىكى سوغوق كاچكۈلدا .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش